You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » دەريا بويىدىكى شېرىن مۇھەببەت

دەريا بويىدىكى شېرىن مۇھەببەت

«يول» ناملىق روماندىن ئارىيە: دەريا بويىدىكى شېرىن مۇھەببەت

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئەسلىدە بۇلاقتىن سۇ ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن پەرۋىن، ئەردەمنى يىراقتىن كۆرگەن بولۇپ، ئەمما كۆرمىگەندەك بولىۋېلىپ، بېشىنى يەردىن ئۇزمەي ئەردەم تەرەپكە كېلىۋاتقان ئىدى. مانا بىر – بىرىنى تۇيۇقسىز كۆرگەن بۇ ئىككى ياشنىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇشلىرى بىردىنلا تېزلىشىپ، كۆكرەك قەپەزلىرىگە گۆپىلدەپ ئۇرۇلۇپ، پۈتۈن تومۇرلىرىدا كۈۋەجەپ ئاققان ئىسسىق قانلار بەدەنلىرىنى قىززىتىۋېتىپ باراتتى. ئىچىدىكى بۇ ئىسسىق ھارارەت ئەمدى تېشىغا تەپتى بولغاي ھەر ئىككىلىسىنىڭ ياڭاقلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ پۇتلىرى كالۋالىشىپ يەردىكى تاشلارغا سوقىلىپ كېتىۋاتاتتى. مانا بۇ ھال مەۋج ئۇرۇپ ئاققان ئىككى دەرياغا ئوخشايتتى. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئوخشىتىدىغان بولساق، ئىككى ياشنىڭ ھازىرقى ھېس – تۇيغۇلىرى، ئوي – پىكىرلىرى خۇددى يىراقتىن جىمجىت، تىپ – تىنچ ئېقىپ كېلىۋاتقان قاراقاش دەرياسى بىلەن يۇرۇڭقاش دەرياسى دەل بىر – بىرسىگە قوشۇلۇش ئالدىدا، بىردىنلا جۇشقۇنلىشىپ، دولقۇنلاپ ئاندىن قايناملار ھاسىل قىلىپ، بۇژغۇنلاپ كۆپۈكلەر چىقىرىپ، بىر – بىرىگە قوشۇلغىنىغا ئوخشايتتى.

مانا بۇ تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ ھادىسلېرى ئىككى ياشنىڭ ئوتلۇق قەلبىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى. ھەر ئىككىسىنىڭ مۇھەببەت سىرلىرى كۆڭۈلنىڭ ئىشق پەريادلىرىدىن يىراق ئەمەس ئىدى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆڭۈل كۆزىدە بىر – بىرىدىكى بۇ ھالنى كۆرگىدەك نۇر، ئۇنى ئاڭلىغۇدەك قۇدرەت بار ئىدى. ئۇلار يېقىنلاشتى. پەرۋىن يەنىلا ئەردەمگە قارىغاندا جاسارەتلىك ئىدى. شۇڭا بۇرۇنقىدەك باش سۆزنى يەنە پەرۋىن باشلىدى:
‐ ھە، قاچان كەلگەنىدىڭىز؟ ئۆيگە كىرمەي دەريا ياقىسىدا نېمە خىيالغا پېتىپ كەتتىڭىز؟ دادام، بۈگۈن ھەزرىتىم بىلەن كۆرۈشۈپ، سىز توغرۇلۇق سۆزلەشكەن ئوخشايدۇ. ئاڭلىسام ئەتە ھەزرىتىمنىڭ يېنىغا كېتىدىكەنسىز. شۇڭا بۈگۈن بۇ يەرلەرنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر قانغىدەك كۆرۋالاي دېدىڭىزمۇ يا؟ – دەپ، ئەردەمگە نازلىنىپ قارىدى.

ئەردەم، قىزنىڭ سوئاللىرىنىڭ قايسىسىغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئۆزىگە ئەڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى، كاللىسىدا بىر ئويلىۋالدى ۋە «ئالدىڭىزدا ھېچ سۆزلىمەي، ئىچىمدىكى مۇھەببەت ئوتلىرىمنى كۆزلىرىمدە ياندۇرۇپ، سىزگە ئۆز قەلبىمدىكىنى ئىپادىيەلىگەن بولسام، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە!» دېگەن ئويلار كاللىسىدا چاقماقتەك چىقىلدى – دە:
‐ ھە، ئەتە سەھەردىلا ماڭىمەن. شۇڭا دەريانىڭ مەۋج ئۇرۇشىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر كۆرۋالاي، دەپ كېلىشىم. سىزچۇ؟ سۇغا چىققانمۇ؟ – دەپ، سۆزلىرىنى ئاپاق چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئۈزۈپ – ئۇزۇپ چىقاردى.

قىز چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ، مۇھىم بىر نۇتۇق سۆزلىمەكچى بولغاندەك، ئەتراپقا بىر كۆز ئاتتى. ئاندىن، سۈزۈك يۈزىگە سايە تاشلاپ تۇرغان ئۇزۇن كىرپىكلىرىنى قىقىپ تۇرۇپ:
‐ ھە، مەن سۇغا چىققان ۋە ئەتىگەندىن كەچكىچە دورا – دەرمانلار بىلەن ھەپىلىشىپ، ئىچىم سىقىلىپ كەتتى. بىردەم كەچنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەس ئالاي دېدىم. ئەسلىدە سىزنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەن بولسام، بۇرۇنراق چىقاركەنمەن، – دەپ، يۈزىنى دەريا تەرەپكە قاراتتى.
ئەسلىدە ئەردەم پەرۋىندىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن شۇنچىلىك ئەنسىرەيتتى. چۈنكى ئەنسىرىگەن نەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. لېكىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشقا جاسارىتى تولۇپ تاشقان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ خىياللىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنچى كامىل ئىدى. ئۇ ئۆزىدىن كۈتكەن نەرسىلەردىنمۇ بۈيۈك ئىشلارنى قىلالىشى ئۈچۈن بۇ يولغا ئاتلانغان. شۇڭا بۇ يولدا ماڭغان ئادەمدە، ئىنسانلاردا ناھايىتىمۇ ئاز ئۈچرايدىغا قەھرىمانلىق بولۇشى كېرەك. ۋاقتى كەلگەندە ئۆز بەختىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. شۇڭا ئۇنىڭ قەلبى، مۇھەببىتىدىن ئېنىق بىر جاۋاب ئالماي تۇرۇپ ئايرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن دەردلىك ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دەردلىرىنى پۈتۈن تەبىئەتكە ئاڭلاتقۇسى كەلدى. شۇ مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان دەريادىكى سۇغا، شۇ ئىزغىرىن شامالغا سۆزلىگۈسى كەلدى.

چۈنكى ئۇلار بۇ دەردلەرنى يىراق تەكلىماكان چۆللىرگىچە كۆتۈرۈپ ئەكىتىپ، ئانا تۇپراقنىڭ باغرىغا سىڭدۈرىۋېتەتتى. ئۇ شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە، ئىچىدىن بالقىپ چىققان ھېسلىرىنى قىزغا قانداق ئىپادىلەشتە ئاجىزلىق قىلىۋاتاتتى. بۇ ساپ تۇيغۇلارنى سۆزلەش ئۈچۈن قانچىلىك قىينىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ھەر تۈرلۈك يالغان گەپلەردىن ئۇزاق تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. تېشىغا چىقىرالماي، يۈرىكىدە كۆمۈلۈپ قىلىۋاتقان بۇ پاك تۇيغۇ بولسا، ئۇنىڭ روھىدا يېڭى بىر تاتلىق ھاياجان پەيدا قىلماقتا ئىدى. نېمە دېگەن بىلەن ئۇ ئوغۇل بالىدە! ئىچىدىكىنى بىرەر سۆز بىلەن ئىپادىلەپ قىزغا ئېيتىشى لازىم. بىراق كاللىسىغا ھېچ بىر سۆز كەلمىدى، ئەسلىدە ئۇنىڭغا سۆزلەر كېرەك ئەمەس ئىدى. ئەردەم قىزنى ياخشى كۆرەتتى. قىز بولسا ئەردەمنى. چۈنكى ئەتراپتىكى بارلىق نەرسىلەر بۇنىڭغا شاھىت ئىدى. دەريا دولقۇنلىرىنىڭ ئاۋازىدا، توغراقلارنىڭ سايىسىدا، ياسىمىن، چىغىرتماق، مامكاپ قاتارلىق گۈللەرنىڭ رەڭگىدە، ئۈرۈك چېچەكلىرىنىڭ پۇراقلىرىدا ئۇلارنىڭ ئاشقىنىڭ ھاللىرى بار ئىدى. كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت، ئاشىق ئىدى. يەنى پەرۋىننىڭ ياڭاقلىرىنىڭ قىزىرىپ تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىشلىرى ۋە ئەردەمدىكى ئىشق تولغان كەيپىيات، ھاياجانلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ئاشقنىڭ ئىپادىسى ئىدى. بارلىق نەرسىلەر ئاشق ئۈچۈن ئىدى. تېشى بىلەن ئىچىدە ھەمدە تومۇرلىرىدا ئاققان قان ۋە قەلبىنىڭ سوقۇشلىرىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىدى. ئەمما، دەيدىغان سۆزى يوق ئىدى. بارلىق سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ ئىدى. ھەتتا ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ ئاشىقنىڭ شاھىدى ئىدى.

ئۇلار دەريا ياقىسىدىكى ئەپلىك بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇردى. ئۇلار يان – يانغا كەلگەن ئىدى. گەپ قىلغاندا تىنىقلىرى بىر – بىرلىرىگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ھەر ئىككىلىسى ئۆز ھاياتىدا مۇنداق شېرىن بىر تىنىقنى پۇراپ باقمىغاندەك تۇيغۇغا كەلگەن ئىدى. ئۇلار بىر – بىرلىرىگە تۇيدۇرماي بىر – بىرلىرىگە ئۇزۇن – ئۇزۇن باقاتتى.

ئۇلار ئېغىزلىرىدا بىر – بىرسىگە «سېنى ياخشى كۆرىمەن» دېيەلمىگىنى بىلەن، كۆزلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ سۆيگۈسىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. پەرۋىن ئەردەمگە بۇرۇنقىدىنمۇ گۈزەل كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. قىز ئالدىدىكى دەرياغا ھەرىكەتسىز قاراپ تۇراتتى، يۈزى دەريا سۈيىدەك يالتىراق ئىدى. قىزنىڭ بىر – بىرلىرىنى ئىختىيارسىز ئويناپ ئولتۇرغان قوللىرىنىڭ ئىنچىكە بارماقلىرى بولسا شۇنچىلىك سۈزۈك، شۇنچىلىك نەپىس ھەم ئۇزۇن ئىدى. خۇددى يۇمران ئەتىر گۈلنىڭ كىچىك ياپراقلىرىدەك يا ئۇزۇن، يا كەڭ ئەمەس تىرناقلىرى بارماقلىرىنىڭ ئۇچلىرىغا ناھايىتىمۇ يارىشىملىق شەكىلدە يېپىشىپ تۇراتتى. ئەردەمنىڭ ئۇزۇن قولى ئىختىيارسىز قىزنىڭ بارماقلىرىغا تەگدى. قىزنىڭ سەزگۈر مېڭىسىمۇ دەرھال بۇ ئېلىكتىر ئېقىمىنى سەزدى. قىزنىڭ تىترىگەن بارماقلىرى ئاستا – ئاستا بالىنىڭ بارماقلىرىدىن يىراقلاشتى. ئاندىن تۇپراقنى تاتىلىدى. بارماقلار ئاستىدىكى تۇپراق ئىسسىپ يۇمشاپ كېتىشكە باشلىدى.

بۇ چاغدا قىزغۇچ ئاسماندا بىرمۇنچە مامۇق بۇلۇت ئەۋرىشىمدەك لەيلەپ ئۈزۈپ يۈرمەكتە . ئاسماننىڭ بىر چېتىدىكى لالىگە ئوخشاش قىپقىزىل بۇلۇت ئىچىدە قۇياش خۇددى نۇر توپىدەك ئالتۇن نۇرلىرىنى چېچىپ، ئولتۇرۇشقا تەرەدۇت ئەتمەكتە ئىدى. يەر – زېمىن زۈمرۈتتەك كۆپكۆك، ھەتتا دەريانىڭ ياقىسىدىكى ساي تاشلىرىمۇ كۆكىرىپ قالغاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى . ئەتراپتىكى ساغۇچ ۋە ئاققۇچ ئېچىلغان ياسىمەن گۈللەرئۇلارغا گۈزەل يۈزىنى قارىتىپ تۇرماقتا ئىدى . ئەمدى كۈن كۆز باغلاشقا تەرەدۇت قىلدى. ئاسماندىكى يۇلتۇزلار بىر – بىرلەپ يېنىشقا باشلىدى. ئايمۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ تولغان يۈزىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئاينىڭ يورۇقلۇقى پەرۋىننىڭ گۈزەل جامالىنى تېخىمۇ سۈزۈكلەشتۈرىۋەتكەن ئىدى. ئۇلارئالدىدىكى چايقىلىپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىنىڭ پەسلىشىنى كۈتىۋاتقاندەك سۇكۇنات ئىچىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۈچۈن زامان ۋە ماكان تۇرۇپ قالغاندەكلا ئىدى. ئۇلار بۇ مىنۇتلارنىڭ ھەرگىز تېز ئۆتۈپ كېتىشىنى خالىمايتتى. ئۇلار بۇ دۇنيا ھاياتىنى ئۇنتۇغاندەك پەقەت ئۆز ئارزۇلىرىنىڭلا خىيالىدا ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى مۇشۇ گۈزەل تەبىئەت بىلەن قوشۇلۇپ ئۇلارنى بۈگۈن ئەڭ بەختيار قىلىۋەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ ئەردەم بۇ ئۇچرىشىشتىن بەكمۇ مەمنۇن بولغانىدى.

ئەسلى مەسىلە بۇ ھاياتلىق يولىدا بىرىنى تاپماق ئەمەس، بەلكى بىر – بىرى بىلەن ھاياتلىق يولىدا ئۇچراشماقتۇر. مانا بۇ ئۇچرىشىش ھەقىقەتەن بىر توغرا ئۇچرىشىش بولسا، ئۇ ھالدا جور ئىزدىگۈچىلەر بۇ ھاياتتا ئىزدىگەن جورىنى تاپتى دېگەنلىك بولىدۇ. مانا بۇ ئۇچرىشىش ئىككى يۈرەكنىڭ بىر – بىرىگە قاراپ ھاياجان بىلەن سوقۇشىدىن ھاسىل بولغان چىن سۆيگۈ – مۈھەببەتنىڭ ھاسىلاتىدۇر. ھاياتتا بۇنداق ئۇچرىشىش ھەممە ئادەمگە نەسىپ بولمايدۇ. ئەمما، بىرسىنى تېپىش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بىر ئىش. ئىزدىگەن ئەلەۋەتتە بىرىنى تاپىدۇ. ئەمما، يۇقىرىدا زىكرى قىلغاندەك بىر – بىرى بىلەن ئۇچرىشىش ھەممە ئادەمگە نەسىپ بولىدىغان نېمەتلەردىن ئەمەس. مانا بۇ نېمەت بۈگۈن بۇ ئىككى ياشقا نەسىپ بولغان ئىدى. شۇ مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان دەريانىڭ بويىدا بۇ ئىككى يۈرەكنىڭ قانلىرى تومۇرلىرىدا مەۋج ئۇرماقتا. بۇ ئىككى ياش ئۈچۈن بۇ ئاخشام ئۇنداق ئادەتتىكىدەك بىر ئاخشام ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ ئەردەم ئۈچۈن بۇ ئاخشام شۇنچىلىك رومانتىك مۇھەببەت تۇيغۇلىرىغا چۆمۈلگەن ئاخشام بولۇپ ھېسابلىناتتى.

بۇ نېمەت ئۈچۈن ئەردەم ئاللاھقا يۈز مىڭ شۈكرە قىلدى ۋە ئەقلىدىن مۇنداق نىدا كەچتى:
‐ ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ تىلىگەن ھەر نەرسىنى ماڭا بەردىڭ، ماڭا بۇ كەمچىلىكسىز تەبىئەتنى ئۆز قولۇڭ بىلەن سۇندۇڭ، ئۇنىڭدىن تىنماي زوق ئېلىش كۈچىنى ماڭا ئاتا قىلدىڭ. بۇ دۇنيادا گۈزەللەر گۈزىلى بولغان پەرۋىن بىلەن يانمۇ – يان ئولتۇرۇشقا نەسىپ قىللىپ، ھاياتىمغا يېڭى بىر ھايات قوشتۇڭ. ماڭا شۇ دەريانىڭ ھەرقىسما تاشلارغا ئۇرۇلۇپ ئېقىشىغا سوغۇق قاراپ تۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى پەرۋىننىڭ گۈزەل يۈزىگە قارىغاندەك، مېھرى ئىسسىق بىر يۈرەك بىلەن قاراشنى مۇيەسسەر ئەيلىدىڭ. ئۆزۈڭ ياراتقان بۇ گۈزەللىكلەرنى كۆز ئالدىمدىن بىر – بىرلەپ ئۆتكۈزدۈڭ ۋە ماڭا بۇلارغا زۇق بىلەن قارايدىغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆز ئاتا قىلدىڭ. يىراقتىكى ئاپپاق تاغ چوققىلىرىدىن تارتىپ يان تەرەپتىكى چۆللەرگىچە، دەريا ياقىسىدىكى ساي تاشلىرىدىن تارتىپ، ئەتراپتىكى كۆكىرىۋاتقان ئوت – چۆپلەرگىچە، كۈندۈزدىكى كۆك ئاسماندا ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرغان قۇياشتىن تارتىپ ھازىر ئاسماننى بىزىگەن سان – ساناقسىز جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇز ۋە تولۇن ئايغىچە كائىناتنىڭ بارلىق مۆجىزىلىرىنى كۆرسەتتىڭ. ئاھ! بۇ نېمە دېگەن گۈزەل بىر ئىلاھى زوق ھە! مۇشۇ ئانا تۇپراقنىڭ باغرىدا كۆككە نەزەر تاشلىماق، ياندىكى ساھىپجامال بىلەن مۇڭداشماق، ئاللاھنىڭ ياراتقان بارلىق مۆجىزىلىرىنى ئۆزۈڭنىڭ باغرىدا ھېس قىلماق، كۈچۈڭنىڭ يېتىشى ۋە ئەقلىڭنىڭ ئىشلىشىگىچە ئۆزۈڭگە ئىشەنچ قىلىپ تۇرۇپ ئۇلاردىن زۇق ئالماق، ئۇلارنى كۆزىتىپ ئىدراك قىلماق ۋە ئىشق ئوتىدا ھەممە قىيىنچىلىقنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، ئۆلۈملۈك بۇ دۇنيادىن پۈتۈنلۈككە قاراپ يولغا چىقماق نېمە دېگەن گۈزەل!

بىردىنلا دەريا سۈيى چايقىلىپ، قىرغاقتىكى تاشلارغا ئۇرۇلۇشىدىن ئۇنچە – مارجاندەك چاچراپ چىققان سۈزۈك، مۇزدەك تامچىلار ئىككى ياشنىڭ گەۋدىسىگە چاچراپ، ئۇلارنى ئەندىكتۈرىۋەتتى. ئۇلار ئەمدى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۆينىڭ يولىنى تۇتۇپ، يۇقىرىغا قاراپ ماڭدى. ئەردەم سول قولىدا لىق سۇ تولدۇرۇلغان كۈندۈكنى كۆتۈرگەن پېتى پەرۋىن بىلەن بىللە يانمۇ – يان يۈرۈدى. پەرۋىن بىردىنلا سەنتۈرۈلۈپ كەتتى، ئەردەم چاققانلىق قىلىپ ئوڭ قولى بىلەن قىزنىڭ بىلىگىدىن تۇتۇۋالدى. ئەمما، پەرۋىن خۇددى ئاغرىۋاتقان بىر يېرىنى تۇتۇۋالغاندەك ئۈركۈپ كەتتى. ئاندىن دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ نورۇزدىكى تولغان ئايدەك تاتلىق كۈلدى – دە، يولىنى داۋام قىلدى. دەل مۇشۇ چاغدا ئەردەم ئادىتى بويىچە ئوڭ قولىنىڭ ئىشارەت بارمىقى بىلەن بۇرنىنىڭ ئۇچىنى يەڭگىل سىلاپ تۇرۇپ، ئۇستازى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ياش چاغلىرىدا يازغان مۇنۇ شېئىرنى گۇپلىتمۇ گۇبلىت ئەقلىدىن كەچۈردى:

گۈزەل يۈزۈڭنى كۆرۈپ ھەر زامان خىجىلدۇر گۈل،
قارا قاشىڭغە قاراقاش نازىنىنلەر قۇل،
ئۆزۈڭنى كۆرسە قارا كۆز كىيىك كۆزى قۇيۇلۇر،
ساچىڭنىڭ ئالدىدا بىر خەسكە ئەرزىمەس سۇمبۇل.

لىبىڭگە قىزغانىبان بولدى قىپ قىزىل ياقۇت،
سۆزۈڭنى ئاڭلىسا قالغاي گاچالىنىپ بۇلبۇل،
ئۇيات بىلەن توزىغاي غۇنچە كۆرسە ئاغزىڭنى،
تىشىڭنىڭ ئالدىدا ئىنجى باھاسىدۇر بىر پۇل.

چىرايدا نەرسە ساڭا ئوخشىيالمىدى چۈنكى،
كۆرۈندى ئالما، يۈزۈڭ ئالدىدا مۇنەك شاپتۇل،
خاتا بولۇرمۇ ئەگەر پەرىگە ئوخشاتسام،
بولۇرمۇ كۈنى چىراققا ئوخشاتىش مەئقۇل.

گۈزەل چىرايىڭغا لايىق سېنىڭ خۇيۇڭمۇ گۈزەل،
گۈزەلدە بولسا گۈزەل خۇي بولۇر گۈزەللىكى مول،
چىرايىڭ ئەيلىدى ئاشىق ساڭا بۇ بۇغرانى،
دىيانىتىڭ بىلەن نامۇسۇڭ ئەيلىدى ئۇنى قۇل.

ئىككى ياشنىڭ ئارقىسىدا تىنىمسىز ئېقىۋاتقان دەريا گويا تەرەپ – تەرەپكە چاچراپ كېتىدىغاندەك چايقالغان، كۈۋەجىگەن ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ ئاستا – ئاستا تىنجىشقا باشلىدى. ئاندىن قاراڭغۇلۇق ئىچىگە كۆمۈلۈپ غايىپ بولۇپ كېتىۋاتقان پەرۋىن بىلەن ئەردەمنىڭ غۇۋا قەددى – قامىتىگە ئارقىسىدىن مەنىلىك قاراپ، مۇھەببەتنىڭ تىنىمسىز قۇدرىتى ۋە يۈكسەك جەلپكارلىقىدىن پەخىرلەنگەندەك شۇنداق بەھۇزۇر ۋە مەردانە ھالدا، ئىككى ياش قەلبىنىڭ مۇھەببەت ساداسىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ، قىرغاقلارنى سۆيۈپ، تەكلىماكانغا قاراپ مەۋج ئۇرۇپ ئېقىشقا باشلىدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top