You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قارىقاش ئىنقىلابىي

قارىقاش ئىنقىلابىي

بۈگۈن 24-فېۋرال قارىقاش ئىنقىلابىينىڭ 88 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن “يول” ناملىق روماندىكى بۇ قىسسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

– ھەبىبۇللا ئابلىمىت

قارىقاش ئىنقىلابىي

مانا بۇ ئايسىز كېچىدە ئالىك كۆزلىرىدىن ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىپ، نەچچە ۋاقتىن بېرى سەۋر قىلغان پەيتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئاۋازىنىڭ يېتىشىچە قاۋىماقتا، ئۆز ئاچچىقلىرىنى، غەزەپلىرىنى ئىپادىلىمەكتە. ئۆزى ۋە دوستلىرى ئۈچۈن زالىملارغا قارشى جەڭگاھقا قاراپ يول ئالماقتا. ئەمما ماشكا ئالىكنىڭ ئارقىسىدىن ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، ئۆزلىكىدىنلا مېڭىشتىن توختاپ قالدى. ئالدىدا يالقۇنجاپ كۆيىۋاتقان مەشئەللەرگە قاراپ غال – غال تىترىدى. ماشكىنىڭ قاراڭغۇلۇقنى يورۇتقان مەشئەلدىن قورققانلىقى ئېنىق ئىدى. بىراق، قاراڭغۇلۇققا كۆنۇپ قالغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى قورقۇنچاقلىققا كۆنۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن مەشئەلدىن قورققانىدى. بۇنىڭ ئىسپاتى، ئۇنىڭ مەدرىسنىڭ ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ ياڭرىغان، ئادەمنى جاسارەتلىك قىلىدىغان تەكبىر سادالىرىدىن ئۆلگىدەك قورقۇپ، ئۈركۈپ ئاجىز تەنلىرىگە تىترەك ئولاشقانلىقىدىن مەلۇم بولغان ئىدى. كېيىن ئالىكتىن خىجىل بولغاندەك ئۆزىنى سەل ئوڭلىۋېلىپ، يەنە قانداقتۇ بىر نەرسىلەرنى تاما قىلغاندەك ئالىكنىڭ ئارقىسىدىن ئازراق مېڭىپ باقتى، لېكىن داۋاملىق مېڭىشقا جاسارەت قىلالمىدى – دە، غېرىپلىقتا بوينى قىسىلىپ قالغان يېتىم بالىدەك يولنىڭ ياقىسىدىكى ئەسكى بىر تامنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، دائىم چىقىرىدىغان غەلىتە بىر ئاۋاز بىلەن ئاستا غىڭشىپ ئاندىن پۈكلىنىپ يېتىپ، كۆك بىلەن زېمىن زۇلۇم قاراڭغۇسىدا قالغان كېچىدە، زۇلمەتلىك ئۇيقۇغا پاتتى.

ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە پاك ۋە ناپاك روھلار بولغىنىدەك، ھاۋانلارنىڭ ئىچىدىمۇ شۇنداق ئىدى. ئالىك پاك روھلۇق ھايۋان بولسا، ماشكىنىڭ تەنلىرىلا ئەمەس، روھلىرىمۇ ئاللىقاچان بۇلغىنىپ، ئۆلۇپ بولغانىدى. ئالىك بۇ يولدا شادلىققا تولسا، ماشكا ئەجەل قورقۇسىدا تىترەيتتى، ئالىك تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغان يامۇلنىڭ ئېگىز تاملىرىغا قاراپ شىددەتلىك ئېتىلغاندا، ماشكا ئەسكى سوقما تامنىڭ تۈۋىنى پاناھ تاپقانىدى. دېمەك، «ھەر يولنىڭ بىر يولچىسى بار» دېگەن سۆز راس ئىدى. ئەمما، كىمنىڭ قەلبى قانداق سوقسا، شۇنىڭغا لايىق يول تاپىدۇ.

مېنىڭ ئارزۇيۇم بىلەن بولسا ئارسلاندىن قورقما،

سېنىڭ ئىقبالىڭ مەن، بەختى قارىلىقتىن قورقما.

پەلەكتىكى ئاي، يولداش بولسا ئەگەر ساڭا،

كۈندۈز ئۆتۈپ كەچ بولسىمۇ قورقما.

يولدا قاتار كېتىۋاتقان قوشۇننىڭ ئەڭ ئالدىدا، بىر قولىدا يالجىپ يېنىۋاتقان مەشئەلنى، يەنە بىر قولىدا تاپانچىسىنى يالىڭاچلاپ تۇتقان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھاياجان ئىلكىدە قالغان ئەردەم بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تەگكۈزۈپ كېتىۋاتاتتى. ئارقىسىدىكىلەر ئىز بېسىپ يول ئالماقتا ئىدى. بۇلارنىڭ يۈرۈشلىرى خۇددى توپان بالاسىدا دېڭىز دولقۇنلىرى يېرىپ كېتىۋاتقان نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىگە ئوخشايتتى. مەشئەلنىڭ يورۇقلۇقى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ياداڭغۇ يۈزىنى زۆھرەنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان يۈسۈپنىڭ يۈزىدەك نۇرلۇق قىلىۋەتكەن بولۇپ، خۇددى ئاي پارچىسىنىڭ ئۆزىلا ئىدى. ئۇنىڭ يۈزى ھەممە يەرنى ئايدىڭلىتىۋەتكەن بولغاچقا، بۇ كېچە كۆكتىكى ئايمۇ ئەيمەنگەن ھالدا ئۆزىنى دالدىغا ئالغان ئىدى. ھەتتا كۆكتىكى يۇلتۇزلارمۇ كۆرۈنۈشكە جۈرئەتسىزلىك قىلغانىدى. قاراڭغۇ تۈندە غۇيۇلداپ ئۇچۇپ سەيلە قىلىدىغان ھۇۋقۇشلارمۇ بۈگۈنكى ئايسىز ئايدىڭ كېچىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئانا ماكانى بولغان خارابىلىقىغا بېكىنىۋالغانىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئۇنىڭ جەڭچىلىرى شۇ تاپتا ھەممىدىن ۋاز كەچكەن بولۇپ، ئۇلار پەقەت ۋە پەقەتلا مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى، ۋەتەننىڭ مۇنقەرزدىن قۇتۇلىشى يولىدا جەڭگاھقا قاراپ يۈرۈشنى، بالدۇرراق بېرىپ دۈشمەننىڭ كاللىسىنى ئېزىشنى ئويلايتتى. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق جانلىرىنى پىدا قىلىشقا تەييار ئىدى. بۇ دەقىقىلەر باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن جان كېتىدىغان يولغا ئىككىلەنمەي قەدەم باسقان ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل چېغى ئىدى. ئايسىز كېچىدە ئۇلارنىڭ روھى ئايدەك يورۇغان، قەلبى يۇلتۇزدەك يانغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئېزىلگەن روھلىرى جاسارەت بار يەردە ئاسارەتنىڭ بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى مۇشۇ ئايسىز كېچىدە تونۇپ يەتكەن ئىدى.

ئۇلار يامۇلنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى. يامۇلدىكى قاراۋۇل ئەسكەرلەر بۇ كېچىدە بۇنداق بىر ئىنقىلابنىڭ بولىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز بولغاچقا، دوتەي مەجبۇرىي ياللىۋالغان ئەللىك تاغلىقنى قاراۋۇللۇققا بەلگىلەپ، ئۆزلىرىدىن بىرقانچىسىنى ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئىچكىرىدكى مۇھىم ئورۇنلارغا قاراۋۇللۇققا قويۇپ، بەخىرامان ئۇخلاۋاتاتتى. «ئوۋچى قانچە ھىيلە بىلسە، ئېيىقمۇ شۇنچە يول بىلىدۇ» دېگەندەك، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا يامۇلدا قاراۋۇللۇققا قويۇلغان تاغلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان بولۇپ، ھەتتا ئىنقىلابچىلارغا يامۇلنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىدىغان يىگىتلەرنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانىدى. ۋاقىت ئېڭى يۇقىرى بولغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا يىگىتلىرىنى باشلاپ، دەل ۋاقتىدا يامۇلنىڭ ئىشىكىگە ئاستا يېقىنلاشتى. ئىچىدىكى ئادەمى كېلىشىۋالغان «ئىم»نى، يەنى پارولنى ئاڭلىغان ھامان ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدىغان بولغان ئىدى. شۇڭا كونىلار «ئىم بىلسە، ئەر ئۆلمەس» دېگەن ئىكەن. ئەردەم ئېگىز، قاۋۇل كەلگەن يىگىتنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ تۇرۇپ، يامۇلنىڭ قاراڭغۇ قوروسىغا قاراپ «ۋىتۋالداق، ۋىتۋالداق» دەپ ئىككى قېتىم سايرىدى. بۇ ۋاقىتسىز سايرىغان قۇشنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدىغان تاغلىق يىگىت دەرھال كېلىپ ئىشىكنى ئاچتى، يىگىتلەر قورونىڭ ئىچىگە ئاستا – ئاستا كىرىشتى. ئەمما، بۇ چاغدا قاياقتىندۇر بىرسىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئالىك دەرھال ئاۋاز چىققان تەرەپكە يايدىن چىققان ئوقتەك چاپتى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا مەشئەلىنى دەرھال ئاۋاز بار تەرەپكە قاراتتى – دە، جالۇتنىڭ ئالدىغا جاسارەت بىلەن چىقىپ، بىر تاش بىلەن ئۇنى ئۆلتۇرگەن ھەزرىتى داۋۇتتەك، بىرىنچى پاي ئوقنى ئاتتى. بۇ بىرىنچى پاي ئوق ئەركىنلىك، ھۆرلۇك ئۈچۈن زالىمغا قارشى ئېتىلغان تۇنجى ئوق ئىدى. بۇ ئوق، مۇستەقىللىقنىڭ يولىنى يورۇتقان شاھاپ يۇلتۇزى ئىدى. بۇ ئوق ئاۋازى، قەدەممۇ قەدەم، ئاستا – ئاستا ئۆلگەنلىكىنىمۇ تۇيماي قالغان مىللىي روھنى ئويغىتىش چاقىرىقى ئىدى. بۇ ئاۋاز، ئەمدىلا بىخلىناي دېگەندە يۇلۇپ تاشلىنىپ، ئېرىقنىڭ قىرلىرىدا ۋاقىتسىز قۇرۇپ كەتكەن ياۋا گىياھلاردەك، يىگىتلەرنى جانلاندۇرىدىغان، شۇنداقلا دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ قايتا تىرىلىش يولىنىڭ باشلىنىش سىگنالى ئىدى.

يامۇلنىڭ ئالدى قوروسىدا جەڭ باشلىنىپ كەتتى. ئەركىنلىك جەڭچىلىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن تاغلىق پالۋانلار نېمە قىلارىنى بىلمەي ئەجەل ھودۇقۇشىدا قالغان دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئۈستىگە بوراندەك باستۇرۇپ كەلدى. ئەمما ئارقا ھويلىغا جايلاشقان ھاكىمنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئۆگزىنىڭ ئۈستىدىن پەسكە قارىتىپ شىددەتلىك ئوق ئېتىپ، جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى.

ئەييۇھەنناس، ئىشىتىڭلار ئامۇخاس!

جەڭ دەھشەتلىك بولۇۋاتاتتى. ئەمما قاراڭغۇدا نىشاننى چەنلەپ ئاتماق، ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. دەل مۇشۇنداق جىددى پەيتتە، ئاتىلىرىمىزنىڭ «ھىيلە بىلەن ئارسلان تۇتۇلار، كۈچ بىلەن قارانچۇقمۇ تۇتۇلماس» دېگەن سۆزى بويىچە، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىر ھىيلە ئويلاپ تاپتى. يەنى، بىر تۈركۈم ئادەملىرىنى ئالدىدىكى نىشانغا ئۈزۈلدۈرمەي ئوق ئاتقۇزۇپ قويۇپ، بىر قىسمىنى ئالىكنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازى چىققان تەرەپكە يۆتكىدى. سەزگۈر مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئالىكنىڭ بىر يوچۇقنى تاپقانلىقىنى بىلگەنىدى. شۇڭا ئۇ ئەردەم قاتارلىق يىگىتلەرنى باشلاپ، قورونىڭ ئوڭ يان تەرىپىدىكى ئېگىز تامنى بويلاپ مېڭىپ، تام تۈۋىدىكى قۇرۇق ئېرىقنىڭ سۈڭگۈچى يېنىغا كەلدى. ئالىك ناھايىتى ھاياجان بىلەن قۇيرۇقلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ، ئۆمىلەپ سۈڭگۈچتىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەردەم ئوڭ قولىدا مىلتىقىنى تۇتۇپ، سول جەينىكى بىلەن يەرنى تىرەپ تۇرۇپ سۈڭگۈچكە كىردى، ئۇ ئوڭ قولىدىكى مىلتىقىنى يەرگە قويۇپ، دۇم يېتىپ تۇرۇپ ئادىتى بويىچە ئىشارەت بارمىقى بىلەن بۇرنىنىڭ ئۇچىنى ئىككى – ئۈچ قېتىم سىلىۋەتتى – دە، ئاندىن مىلتىقنى ئېلىپ سۈڭگۈچتىن تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. ئارقىسىدا تۇرغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۇنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي تىت – تىت بولۇپ، يىگىتلەرنى تېزدىن ئۆتۈشكە ئىشارەت قىلدى. ئەركىنلىك جەڭچىلىرى دۈشمەننىڭ ئارقا قوروسىغا كىرگەن ئىدى. ئۇلار شەپە چىقارماي بېرىپ، ئۆگزىدە تۇرۇپ ئوق ئۈزۈۋاتقان دۈشمەننىڭ ئارقا تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلدى. لېكىن دۈشمەن تەرەپمۇ بوش كەلمىدى. ئۇلاردىن بىر قىسمى دەرھال ئارقا تەرەپكە قاراپ ئوق ئۈزدى ۋە يەنە بىر توپ ئەسكەرلەر ئۆگزىدىن مايمۇنلاردەك تېزلىكتە يەرگە سىيرىلىپ چۈشۈپ، جانلىرىنى دوغا تىكىپ، ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كەلدى. ئوقلىرىنى بەتلەشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئەردەم بەل تاسمىسىغا قىستۇرۇۋالغان پىچىقىنى سوغۇرۇپ ئېلىپلا ئەسكەرلەرگە قاراپ ئېتىلدى.

دەل مۇشۇ چاغدا، ئالىك ئەردەمنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئەسكەرگە شىدەتلىك ئېتىلىپ، ئۇنى تەمتىرىتىپ قويدى. پەيتنى چىڭ تۇتقان ئەردەم چاققانلىق بىلەن ئالىك تالىغان ئەسكەرنىڭ بوغۇزىغا سۇمۇرغ باشلىق پىچىقىنى سۈركىدى. ئەمدى جەڭ ئوق بىلەن ئەمەس، قىلىچ، نەيزە، ئايپالتا بىلەن داۋاملىشىپ، ئۇر – چاپ باشلىنىپ كەتتى. ئىككى تەرەپ قاپقاراڭغۇ ئايسىز كېچىدە كاللا موللاق بولۇپ قانلارغا مىلەندى. زالىم ئامبال ئەسكەرلىرىدىن ئاققان قانلار قاراقاشنىڭ ئەزىز تۇپراقلىرىنى بۇلغىدى. ئۇرۇش ئالاھەزەل بىر ئاش پىشىم ۋاقىت داۋام قىلىپ، ئاخىرى ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا دالدىسىز تۇرغان ھاكىم باشلىق 36 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى، ئون نەچچە ئەسكەر قاراڭغۇدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئىلچى تەرەپكە قېچىپ كەتتى، قالغانلىرى ئەسىر ئېلىندى. پىدائىيلاردىن بىرىگە ئوق تېگىپ نەق مەيداندا شېھىتلىك شارابىنى ئىچتى، ئىككىسى يەڭگىل يارىلاندى. شېھىت بولغان يىگىت يامۇلنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان تاغلىق ئەزىمەت ئىدى. ئۇرۇش ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما يىگىتنىڭ ۋاقىتسىز شاھادىتى كۆپچىلىكنى قايغۇغا سالدى.

ئۆلۈم شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا چوقۇم كېلىدىغان بىر ھادىسە. ھېچكىم بۇ ھادىسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا ئۆلۈم تۈپ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىنساننى ھەممە جەھەتتىن ئورۇۋالغان ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ئادەمگە ھۇزۇر بېرىدىغان ئەڭ گۈزەل بىر يول. بولۇپمۇ تاغلىق يىگىتتەك ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىلىنغان جەڭدە ئۆلۈپ شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە نائىل بولماق، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ مۇقەددەس يول.

قاراقاشنىڭ ئايسىز ئاسمىنى بىردىنلا تېخىمۇ قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. شامال قارا بۇلۇتلارنى سۈرۈپ ئەكىلىپ، بۇ زېمىننىڭ ئۈستىگە توپلىدى، تۇمانلار ئەتراپنى قاپلىدى. قارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن ۋال – ۋۇل قىلىپ چاقنىغان چاقماق پۈتۈن ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنىڭ چاقنىغان كۆزلىرىنى تېخىمۇ چاقنىتىۋەتتى. ئارقىدىنلا قۇلاقنى يارغىدەك گۈلدۈرمامىلار ۋە ئېتىلغان ئوقلاردىن چىققان پوروخنىڭ ھىدى ئەتراپنى قاپلاپ، تېخىمۇ سىرلىق قىلىۋەتتى. ئەمدى يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. كۆكلەرنىڭ رەھىمدىللىكى كېلىپ، بۇلۇت ماناپلار قەدەھلىرىگە لىق تولغان شىپالىق يامغۇر شاراپلىرىنى ئۇسسۇزلىقتىن قاغجىراپ، ئىزتىراپ چەككەن ئانا تۇپراققا تۆككەن ئىدى. مانا بۇ باھار يامغۇرى، كۆك يۈزىنى ۋال – ۋال پارقىرىتىش ۋە يەر يۈزىنى ياپيېشىل ياشنىتىش ئۈچۈن بۇلۇتلار ئۈستىگە يېزىلغان لىرىك ئۈمىد قەسىدىلەرنىڭ يامغۇر بولۇپ تۆكۈلگەن ئەركىنلىك سەتىرلىرى ئىدى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top