You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئاشىقنىڭ شېھىدلىرى

ئاشىقنىڭ شېھىدلىرى

ئاشىقنىڭ شېھىدلىرى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئىككى ئەسكىرى بىلەن سېپىلدىن تۆۋەنگە قاراپ يۈگۈردى ۋە ئارقىدىن ئەمىر ساھىبمۇ ئەسكەلىرى بىلەن بىرگە سېپىلنىڭ ئۈستىدە تۇرماي، يەردە ئۆلۈك ياتقان دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ قوراللىرى بىلەن قوراللنىپ كوچا جىڭىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، سېپىلدىن چۈشۈشكە تەرەدۇت قىلدى. ئەبەيدۇللاھ بولسا ئۆزىنىڭ ئاتلىرىنى باغلاپ قويغان ئېغىلىدىن ئېلىپ، ئۆزلىرى پىششىق بىلىدىغان يول بىلەن يېڭىسار ئىچىدىن بۆسۈپ چىقىش ئۈچۈن ئاتلاندى، ئۇ ئەمىر ساھىب قاتارلىق ئۆز يېقىنلىرى بىلەن خوشلىشىش پۈرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ئۇ ئۆز ئېتىغا مىنىپ يول ئېلىش ئالدىدا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئىنشىراھ سۈرىسىنى ئوقۇدى:

«بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم.

ئەلەم نەشرەھ لەكە سادرەك….»

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. سېنىڭ كۆكسىڭنى كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟ سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىمىدۇقمۇ؟ سېنىڭ شان – شۆھرىتىڭنى يۇقىرى قىلمىدۇقمۇ؟ بىلگىنكى، ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئاسانلىق بار. شۇ مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم يەنە بىر ئاسانلىق بار. سەن بىكار بولغان چېغىڭدا تىرىشىپ ئىبادەت قىلغىن. پەرۋەردىگارىڭغا يۈزلەن گىن.)

بۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەزىز سەپداشلىرى بىلەن ۋىدالاشتى ۋە كۆڭلى ئازراق بولسىمۇ پاراغەت تاپقاندەك بولدى. شۇ چاغدا يىراقتا تۇرغان ھامۇت دېھقان، ئەبەيدۇللاھنىڭ ئات سېلىپ چاڭ چىقىرىۋەتكەن يولىغا خۇنى قالمىغان كۆزلىرىنى تىكىپ تۇراتتى. ئۇ خۇددى ئۆز ئائىلىسىنى ئۇنىڭغا ئامانەت قىلىۋاتقاندەك، شۇنچىلىك ساپ نىيەت بىلەن، شۇنچىلىك بەختلىك بىر ئىپادە بىلەن، شۇنچىلىك سەبى ئارزۇ – ئۈمىدلەر بىلەن بىرنەچچە دەقىقە جايىدا مىدىر – سىدىر قىلماي جىمجىت تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ياداڭغۇلۇقىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى، سارغۇچ يۈزى قارىداپ كەتكەن بولۇپ، رەڭگىدىكى ھارغىنلىق ئالامەتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ياغاچتىن ئويغان ئادەمگىلا ئوخشاپ قالغانىدى. ئەمما ئۇنىڭ روھىغا ھېچنېمە تەڭ كەلمەيتتى. بىردىنلا ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى غەزەپتىن ئوت چاقناپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆز قارىچۇقلىرى شۇنچىلىك تېز پىلدىرلاپ، جېنىغا جان قاتتى – دە، ئەمىر ساھىبنىڭ ئارقىسىدىن ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.

جەڭ شىددەتلىك داۋام قىلىۋاتاتتى. قوراللىرى خىل، ئوق – دورا قاتارلىق لاۋازىمىتى يېتەرلىك بولغان تۇڭگانلار جەڭدە پۈتۈنلەي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئىدى. يېڭىسارنى قوغداش ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلىۋاتقان ئەمىر ساھىبنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قوراللىرىنىڭ ئوق – دورىلىرى ئەمدى تەلتۆكۈس تۇگىگەن ئىدى. ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ ئەزىز جانلىرىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ ئالدىغا كەلگەن دۈشمەنلىرى بىلەن قوچاقلاشما جەڭلىرىنى باشلىۋەتكەن ئىدى. ئۇلارغا ھازىر ئەڭ ئەسقىتىۋاتقىنى يانلىرىدىكى يېڭىسارنىڭ پىچاقلىرى بولدى. مانا بۇ يېڭىسار ئۇستىلىرىنىڭ چىۋەر قوللىرىدا ياسالغان پىچاقلار ئۆز كارامىتىنى ئەمدى تازا كۆرسىتىۋاتاتتى. ھامۇت دېھقان ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى توپلاپ ئالدىغا زەربە بىلەن ئېتىلىپ كەلگەن بىر تۇڭگان ئەسكىرىنىڭ بوينىغا زەبەر بىلەن پىچىقىنى سۈردى. ئۇ ئەمدى ئۆلۈم دېڭىزى ئىچىگە شۇڭغىغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلۈم قايتا تىرىلىشنىڭ، ئاشىقنىڭ ۋىسالىغا يېتىشنىڭ بىشارىتى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھاللىرىنى جالالىدىن رۇمىنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى دەلىللەيتتى:

كەلمەس ساڭا بىر زىيان بۇ ئاشىقتىن كۆڭلۈم،

جان كەتسىمۇ قورقما باشقا بىر جاندۇر ئۆلۈم.

ئەمما بۇ روبىرو جەڭ تازا ئەۋجىگە چىققاندا، ئارقىسىدىن ئېتىلغان نامەرت دۈشمەن ئوقى ھامۇت دېھقاننى يەرگە يىقىتقان ئىدى. ئۇ تا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن قاراقاش يولىدا ئۇچراشقاندىن بېرى ئۆزىنى ئەركىنلىكنىڭ جەڭچىسى قاتارىدا كۆرگەن ئىدى. روھىغا روھ قوشۇلۇپ بۇ يولدا ئۆز بالىلىرىنى يېتىم، ۋاپادار ئايالىنى تۇل قالدۇرۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. ئۇ ئۆزى مۇقەددەس دەپ بىلگەن ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئەركىنلىكنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەنىدى. توغرا ئەركىنلىكتىن ئىبارەت بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى شۇنچىلىك ئېغىركى بۇنىڭ ئۈچۈن ئون مىڭلىغان ۋەتەن ئوغلانلىرى ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلدى. ئەنە ھەممە يېرى قانغا بويالغان ئەمىر ساھىب يارىلانغان ئارسلاندەك ھۈكۈرەپ دۈشمەنگە ھەيۋە قىلماقتا، ئالدىغا كەلگەنگە خەنجەر ئۇرماقتا. مانا ئەمدى تەرەپ – تەرەپتىن چىلبۆرىدەك ھۆرپۈيۈپ كەلگەن تۇڭگان ئەسكەرلىرى قوللىرىدىكى قىلىچلىرىنى كۆتۈرۈپ

«شا» دەپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئېتىلدى – دە، ھەممىسى بىرلىكتە ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلىچ ئۇردى. بەدەنلىرى قىيما – چىيما بولۇپ يەرگە يىقىلغان ئەمىر ساھىب يېڭىسارنىڭ كۆك يۈزىگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر قاراپ، ئىنسان سۈرەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايەتلىرىنى ئوقۇدى:

«ھەقىقەتەن بۇ (ئايەتلەر) ۋەز – نەسىھەتتۇر. خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن. پەقەت ئاللاھ ئىرادە قىلغاندىلا، ئاندىن سىلەر (بىر ئىشنى) خالايسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارغا قاتتىق ئازابنى تەييارلىدى.»

ئىنساننىڭ ئۆلۈم ئالدىدا دېگەن سۆزلىرى ۋە ئويلىغان ئويلىرى ئۇدۈل ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يېتىدۇ. رەھمان ۋە رەھىم بولغان ئاللاھ ئەلۋەتتە ئادەم بالىسىنىڭ ئۆز ھاياتىدا بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىغا قاراش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى دېگەن سۆزلىرىنى، ئويلىغان ئويلىرىنى ئالاھىدە نەزەرگە ئالىدۇ ۋە شۇ ئاساستا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ. چۈنكى، بارلىق مەۋجۇداتلار ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي مەۋجۇدات بولغان ئىنساننىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆزلىرى ۋە ئويلىرى پۈتۈن ھاياتىدىكى سۆزلىرى ۋە ئويلىرىدىن شۇنچىلىك تازە ۋە شۇنچىلىك راسچىللىققا تولغان بولىدۇ. ئاشىقنىڭ شېھىدى ئەڭ ئاخىرقى سۆزىنى ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ئويلىرىنى ئۆزىگە، ئانا ۋەتەننى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ، بۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان ئىدى. ھازىر ئانا ۋەتەننىڭ بىر پارچىسى بولغان يېڭىسارنىڭ ھەممە يەرلىرى ئوت ئىچىدە كۆيۈپ مىستەك قىزىرىپ كەتكەنىدى. ئەمىر ساھىبنىڭ ياتقان يېرىدىكى تۇپراقلار قىپ – قىزىل قانغا بويالغانىدى. ئۇنىڭ تاشلىنىپ تۇرغان چاچلىرى بولسا خۇددى قارا رەڭدە ئاققان دەريادەك، جانسىز بەدىنى ئۈستىدە بەھەيۋەت يېيىلىپ تۇراتتى. قاپقارا ئۇزۇن كىرپىكلىرى بولسا، يۇمۇلغان ئىككى كۆزىنى مېھرى بىلەپ سىلاۋاتاتتى. ئەمىر ساھىب بىلەن شاھ مەنسۇردىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاكا – ئۇكا ئاشىقنىڭ شېھىتلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھاياتتا نە يىققان ماللىرى بار ئىدى، نە دۇنياغا قالدۇرغان ئەۋلادلىرى…. ئۇلار تېخى 25 بىلەن 23 ياشلاردىكى يىگىتلەر ئىدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا تۇتاشقان يولغا پاك – پاكىز بىر قەلب بىلەن، ۋەتەن، مىللەت ئىشقى بىلەن چىققان ئىدى ۋە گۈزەللىكنىڭ گۈزەللىرىدىن بولغان شاھادەتلىرى زاھىر بولغانىدى. دۈشمەننىڭ ئوق ۋە قىلىچ – مىزراقلىرى ھەممە تەرەپتىن يارىلاندۇرغان بەدىنى ئۇزانغان پېتى، ئانا تۇپراققا مىلىنىپ ياتقان ئىدى. ئۇلارنىڭ گۈل پۇراقلىق تەنلىرى شۇ دالىدا قەۋرىسىز قالغان ئىدى. يەنە ئەرەن ۋە ھامۇت دېھقان قاتارلىق نەچچە مىڭلىغان شېھىتلەرنىڭ ئەزىز تەنلىرىنىڭ بەزىلىرى دالىدا كىپەنسىز قىلىپ، ئىسسىق ئاپتاپنىڭ ئەپتىدە قۇرۇپ قاق بولۇپ كەتكەن بولسا، بەزىلىرىنىڭ جەسەتلىرى تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ ئات تۇياقلىرىنىڭ ئاستىدا، زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ پارتلاشلىرىدا ئېزىلىپ، تىتىلىپ، پارە -پارە بولۇپ كەتكەنىدى. تۇڭگانلار بۇ ۋەھشىلىكى ئارقىلىق بۇ باھادىرلارنىڭ ئىزلىرىنى يەر يۈزىدىن پاك – پاكىز يوقاتماقچى بولغانىدى. ئۇلار شۇنچىلىك ھەددىلىرىدىن ئېشىپ، ئۆچمەنلىكى شۇنچىلىك چەككە يەتكەن ئىدىكى، ھەتتا ئاغزىدىن ئانىسىنىڭ سۈت پۇرىقى كەتمىگەن بۇۋاقلاردىن تارتىپ ئۇچرىغانلا ئادەمنى قەتلى قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دات – پەريادلىرى قۇلاقتىن – قۇلاققا، كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يېتىپ، ھەرياننى قاپلىغانىدى. ئۇ نالىلەرنى، پەرىشانلىقنى ئاڭلىغان ئادەمنىڭ يۈرەكلىرى داغلىنىپ، ئۇنىڭدىن چىققان ئەت پۇراقلار كۆككە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن كۆتۈرۈلىۋاتقاندەك سامانىڭ يۈزىنى قاپقارا ئىس – تۈتەكلەر قاپلىغان ئىدى. ئەگەر ياراتقان رەب بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇرغان ۋە بىلىپ تۇرغان بولسا، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئاشۇ نارىسىدىلەرنى قوغداپ قالمىغاندۇ؟ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئىنسانلار نېمىشقا ئۆزى ئاپىرىدە بولغان ئانا زېمىندا تىپتىنچ ياشىماي، باشقىلارنىڭ يۇرتىغا كۆز تىكىدىغاندۇ؟ ئۆزىنىڭ نەپسانى نەپسى ئۈچۈن، يۇرت ئاتلاپ ئۇرۇش قىلىپ، مەسۇم ئىنسانلارنىڭ قېنىنى دەريادەك ئاققۇزىدىغاندۇ؟

ئۇلار ئۆزىچە، ئۆزلىرىنى ھەقىقەت يولىدا چاغلاپ، دۇنياغا ئادالەت كەلتۈرىمىز دېيىشلىرىچۇ تېخى، ئەمدى زادى كىم ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ؟ قارا تۇپراققا ئاققان قانلارمۇ؟ كېسىلگەن باشلارمۇ؟ ياكى كۆك قەھرىدىكى قۇياشمۇ؟ ياكى بۇ قىساس قىيامەتكە قالدىمۇ؟ شۇنچىلىك چىرايلىق كۆك ئاسمان بىلەن شۇنچىلىك مۇنبەت بۇ زېمىننىڭ ئارىسىدا بۇنچىلىك ۋەھشى ئىنسان قىلىپىدىن چىققان رەھىمسىز قىرغىنچىلىقنىڭ نېمە ئۈچۈن بولىدىغانلىقىغا ئادەمزاتنىڭ ئەقلى ئويلاپ يېتەلمەيتتى. بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ بۇ ئالەمدە قازىسى يوق ئىدى. چەكسىز ئاسمان قەھرىدە سەگەك كۆزلىرى بىلەن بۇ قىرغىنچىلىقنى كۆزىتىپ تۇرغان، بىلىپ تۇرغان تەڭرىمۇ جىم تۇرغان ئىدى. بۇ دۇنيادا تەڭرىنىڭ جىم تۇرۋېلىشىدىنمۇ بەتتەر قورققۇنچلۇق بىر ئىش بولمىسا كېرەك. چۈنكى تەڭرى جىم تۇرسا زاماننىڭ رېتىمى بۇزۇلاتتى، دۇنيادا ئادەلەت يوقىلاتتى، دۇنيانى يورۇتۇپ تۇرغان نۇرلار ئۆچەتتى، جاھان قاراڭغۇلۇققا چۆكۈپ، ھۇۋقۇشنىڭ ئاۋازى ياڭرايتتى، زالىمنىڭ قىلىچى يالتىرايتتى. ئەي ئۇلۇغ تەڭرىم، سەن ھەر نەرسىنى يارىتالايسەن ۋە ھەر نەرسىنى يوق قىلالايسەن، سەن ھەر نەرسىگە قادىر، سەن ھەر نەرسىنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىسەن، سەن چەكسىز قۇدرەتكە ۋە چەكسىز كۈچكە ئىگە، سەن بولساڭ چەكسىز ئوكيان، بىز بولساق بىر تامچە. مادامىكى سەن شۇنداق تۇرۇپ، نېمە دەپ بىزگە ياردەم قولۇڭنى سۇنمايسەن؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتتا شۇنچىلىك بىگۇناھ، مەسۇم ئىنسانلارنىڭ قانلىرىنىڭ تۆكۈلىشىگە قاراپ جىم تۇرىسەن؟

يېڭىسار ئاسمىنىدا ئەت خۇمار يوغان بىر سا قاناتلىرىنى كەڭ يېيىپ ئۇچۇپ، پەستە يەنى قاناتلىرى ئاستىدا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى جىمغىنا ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن كۆزەتتى. ئاندىن ئۆز ئولجىسىنى ئېلىش ئۈچۈن سوزۇلۇپ پەسلەپ كېلىپ، جەسەتلەر بىلەن تولغان يەرگە كېلىپ قوندى. ئۇ جەسەتلەرنىڭ ئېچىلىپ قالغان جاراھەتلىرىگە ئۇچلۇق تۇپشۇقىنى تىقىپ قوچۇشقا باشلىغان ئىدى. بەزى جەسەتلەرنىڭ مەيدىسىنى چوقۇپ تىشىپ، ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىدىكى قانلىرىنى سۈمۈرۈشكە باشلىدى. دېمەك، بۇ دۇنيا ئاجايىپ بىر يەر، ھەم ئەزەلدىن تارتىپ شۇنداق، كىم ئاجىز بولسا، نېمە ئاجىز بولسا ئۇنى مۇتلەق بوزەك قىلىدۇ ۋە ئاجىزلارنىڭ قانلىرىنى شورايدىغان بىرەر جانلىق تەييارلا تۇرىدۇ. ئەنە قارىمامسىز شۇنچىلىك كىچىك چىۋىنلەرمۇ بۇ جەڭدە ئۆز ئولجىسىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۇچۇپ كېلىپ شۇ ئۆلۈك، جانسىز، چارىسىز تەنلەردىن «ئۆزىنىڭ رىسقىنى» خاتىرجەم يەۋاتمامدۇ. ئەمما ئۇ يەردە ياتقىنى پەقەت ئۆلۈك، جانسىز جەسەتلا ئىدى. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ پاك روھلىرى شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشىپ، ئاللىبۇرۇن كۆكلەرگە كۆتۈرۈلگەنىدى. ئۇلارنىڭ روھلىرى روھلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل روھلار ئىدى. ئۇلار گەرچە ئۆلگەن بولسىمۇ ھەردائىم بىزنىڭ ئارىمىزدا مەڭگۇ ھايات يۈرىدۇ. ئۇلار تەنلىرىنى مۇشۇ زۇلۇم باسقان زېمىنغا تاشلاپ قويۇپ، مىللىي روھىنى تارىخقا مەڭگۈلۈك يالداما قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئەمما بۇ تراگېدىيەگە ھەرقانداق ئىنسان چىداپ تۇرالمايتتى. بىراق، تارىختا كۆپ تەكرارلىنىۋاتقان بۇنداق تراگېدىيەلەرگە بۇ مىللەت تا ھازىرغىچە چىداپ كېلىۋاتاتتى. ئەگەر باشقا بىر مىللەت بولسا چوقۇم ھەممىسى بىراقلا ساراڭ بولۇپ قالار ئىدى. ئەمما بۇ مىللەت زامان – زامانلاردىن بېرى بۇ ئانا يۇرتتا ياشاپ كەلمەكتە. بۇ مۇئەللەق ئۆلۈمدىن ئامان قالغانلار بۇ زېمىننى جاندىن ئەزىز بىلىپ يەنە قوغداپ كەلمەكتە، ھاياتىنى داۋام قىلماقتا.

تۇڭگانلار بۇ قېتىملىق قەتلىئامدا شاھ مەنسۇر ۋە ئەمىر ساھىب، ئەردەم، ھامۇت دېھقان بولۇپ خوتەن ئەسكەرلىرىدىن 4000 دەك ئادەم، يېڭىسار پىدائىي ۋە سوپىلىرىدىن بولۇپ 5000 دەك ئادەم شېھىد بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا نەچچە مىڭلىغان يېڭىسار ئاھالىسى ئۇرۇشتىن كېيىن قەتلىئام قىلىنغان ئىدى. يېڭىسارنىڭ كوچىلىرى، مەھەللىلىرى، باغلىرى، ئېتىزلىرى جەسەتلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. يەر يۈزىدىكى ئۆلۈكلەرنىڭ كۆپلىكىنى كۆرگەن ئادەم، خۇددى كۆكتىن يەرگە ئۆلۈك ياققان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشى ھەيران قالارلىق بىر ئىش ئەمەس ئىدى. ئانا يۇرتنىڭ قوغدىغۇچىلىرى، ھەق يولىنىڭ ئاشقلىرى ئۇ دۇنياغا ئىككى كۆزىگە توپا كىرگەن قىياپەتتە، شېھىتلىك تۇلپارىغا مىنىپ سەپەر قىلغان ئىدى. ئەمما يېتىم قالغانلار بولسا ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇنىڭ ئانا ۋەتىنى ئىدى. شۇڭا پەرياتلىرىمىزدىن داستانلار پۈتگەي! ئاھلىرىمىز كۆكلەرگە يەتكەي! ۋەتەن ئاشىقلىرى بىزدىن ئايرىلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ روھى جەننەت گۈلىستانىدا ۋىسالىغا يەتتى. مۇلكى بۈيۈكلىكىدىن كۆك قۇببەگە پاتمايدىغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ بۇ باھادىرلىقى روھى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سۇنۇق قەلبىدە ئەبەدى ئۆچمەيدۇ.

ئەي ۋەتەن ئاشقلىرى. ئەي مىللەت ئاشقلىرى، ئەي ئاللاھنىڭ توغرا يولىنىڭ ئاشىقلىرى مۇشۇ ئانا زېمىنغا چۈشكەن ئىككى تۇيغۇنىڭ بىرى بولسا ئۈمىد، يەنە بىرى قورقۇنچتۇر. مانا مۇشۇ ئىككى تۇيغۇ بىلەن ئىنسان بۇ زېمىندا قىيامەتكىچە ياشايدۇ. بۇ زېمىن خۇددى بىر چۆلگە ئوخشايدىغان بولۇپ، يوللىرى خۇددى سافا بىلەن مەرۋىنىڭ ئارىلىقىدىكى يوللارنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ھەجەر ئانىدەك ئۈمىد بىلەن قورقۇنچ ئارىسىدا ئاشۇ يوللاردا تىنماي چاپقاندا، ئاللاھ چوقۇم زەمزەمنى ئېھسان ئەيلەيدۇ. شۇڭا بۇ يوللار ئۈمىدنىڭ يوللىرىدۇر، چۆل يوللىرى سەۋرنىڭ يۇرتىدۇر. كۆپلىگەن نەبىلەر ئەنە شۇ يوللاردا مېڭىپ پىشقان، ئاللاھنىڭ توغرا يوللىرىنى ئۆگەنگەن. چۆل يوللىرىدا ئىزلار قالمايدۇ، تۇيۇقسىز چىققان بىر بوران بىلەن ھەممە نەرسە ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن چۆل يولىدا ئىنسانلار كۆپ ئېزىپ قالىدۇ. شۇڭا چۆل يولىدا مېڭىش ئۈچۈن يول باشچى كېرەك. بۇ يولدا كۈرمىڭ قېتىملاپ ماڭغان ۋە كۆپ قۇربان بەرگەنلەر يول باشچى بولالايدۇ. مانا بۇ ئانا يۇرتتىكى يوللارنىڭ يول باشچىسى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرادۇر.

باھارنىڭ شىر – شىر قىلغان شاماللىرىنىڭ ئاڭلىنىشى كىشىگە تېخىمۇ جىمجىتلىق ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇ جىمجىتلىق ئىچىدە بەختى قاچقان، چېھرىدىن ئازاب – ئوقۇبەت يېغىپ تۇرغان ئەبەيدۇللاھ ئىككى ھەمرايى بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ يېنىغا قاراپ ئات سالغان ئىدى. ئۇنىڭ قايغۇ – ئەلەمگە تولغان كۆزلىرى قورقۇنچتىن قۇتۇلۇپ ئىنتىقام قەھرىگە تولغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى بولسا ۋەتەن سۆيگۈسىگە تولغانىدى. ئۇنداق ۋەتەنگە بولغا چەكسىز سۆيگۈ – مۇھەببەت پەقەت كۆڭۈل كۆزىدىلا يېتىشىپ چىقاتتى. ئەمدى ئۇ بارلىق شەيئىلەرگە كۆڭۈل كۆزى بىلەن قاراشنى ئۆگەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە شاھ مەنسۇر بىلەن ئەمىر ساھىبنىڭ سىماسى بار ئىدى. بۇ كۆڭۈل سىماسى ئاشىق شېھىتلىرىنىڭ سىماسى ئىدى. ئۇلار شېھىدلىك مەرتىۋىسىدە ئاشىقنىڭ ۋىسالىغا يەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ تىلەكلىرى بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن بۇرۇنلا ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ جەڭگاھتىكى ئوتلار ئىچىدە كۆيگەن تەنلىرى ئاشىق بىلەن كەۋسەر سۇلىرىدا يۇيۇلدى. شۇڭا ئەبەيدۇللاھنىڭ سۇلغۇن كۆڭلى ئەمدى كۆڭۈللەرگە ھوزۇر ئاتا قىلىدىغان ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بىلەن، ئىنتىقام ئوتىدا يېنىپ، دۈشمەنلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن يەنە بىر ئۇلۇغ يولغا ئاتلانغان ئىدى. ئۇنىڭ زەپىرەڭ يۈزى قىزىل گۈلدەك ئېچىلىپ كەتكەنىدى. باھارنىڭ تازە ھاۋاسىدا، ئاشىق شېھىتلىرىنىڭ ئوبرازى قۇملۇقنىڭ مەركىزىدە قايتىدىن باش كۆتۈردى. ئۇنىڭ مىنگەن بۆرۈل ئېتى «ئات يولدا، يىگىت جەڭدە بىلىنىدۇ» دېگەندەك توختىماي يول ئالماقتا ئىدى. يول بويىدىكى بارلىق بارلىقلار ئاتنىڭ چېپىشى بىلەن تەڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ھەرتكەتنىڭ ئۆزى مۇقەددەس، ئەركىنلىكنىڭ ئۆزى تېخىمۇ مۇقەددەس. چۈنكى بۇ يول ئاشىقنىڭ شېھىدلىرى ماڭغان ئاشق يوللىرى ئىدى. ھازىر بۇ ئاشىق يوللىرى تەبىئەتنىڭ باھاردىكى بارلىق ھادىسىلىرى بىلەن چىرمىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھال جالالىدىن رۇمى مەۋلانا ھەزرەتلىرىنىڭ بۇ مىسرالىرىنى كىشىگە ئەسلىتەتتى:

 * * *

گۈل ئېچىلسىمۇ، مەندە بىر باھار ھەسرىتى بار،

ھەر كۆزدە باشقا بىر ۋىسال لەززىتى بار.

باق تالدىكى ۋە ياپراقتىكى مىدىرلاشقا،

ھەر لىڭشىشنىڭ پەرقى ۋە بىر ھېكمىتى بار.

 * * *

ياقۇت لەۋلەر كۆڭلۈمنى ھەسرەت ئەيلىدى،

بىھۇش ئۇ گۈزەللەر مېنى مەسھۇش ئەيلىدى.

روھىمدا ھەر دائىم باھار ھېكايىسى،

گۈل باغچىلىرى قەلبىمنى خوش ئەيلىدى.

 * * *

بىرىنچى مۇھەببەت بىلەن ئاتقاندا تاڭ،

بىردىنلا ئۇچۇپ كېتىدۇ تەندىن بۇ جان.

بىر مەرتىۋەدۇر ئۇ، ھەر نەپەس ئالغىچە،

كۆزسىز كۆرىدۇ، قولسىز تۇتىدۇ ئۇيەردە ئىنسان.

 * * *

« يول » ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top