You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئاكا – ئۇكا باھادىرلارنىڭ سابىت داموللامنى كۈتىۋېلىشى

ئاكا – ئۇكا باھادىرلارنىڭ سابىت داموللامنى كۈتىۋېلىشى

ئاكا – ئۇكا باھادىرلارنىڭ سابىت داموللامنى كۈتىۋېلىشى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بۈگۈن ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كەڭ دالا ھېلىلا ئوت كېتىدىغاندەك قىزىپ كەتكەن ئىدى. بارلىق ئۇچار قۇشلار ئىسسىقنىڭ دەستىدىن ئۆزلىرىگە سايە بولىدىغان بىر يەرلەردە مۈگىدەپ يېتىشقان ئىدى. كۆكتىكى قۇياش ئۆزىنىڭ بارلىق ھارارىتىنى بار كۈچى بىلەن مۇشۇ زېمىننىڭ ئۈستىگە چېچىپ، خۇددى بۇ ئادەمسىز دالاغا بىر تال سەرەڭگە يىقىلسا لاپپىدە قىلىپ ئوت كېتىدىغاندەكلا قىزىتىۋەتكەنىدى. بۇ يەرلەر ھەم ئىسسىق ھەم دېمىق بولۇپ، بەئەينى داپخۇنى ئېتىپ قويۇلغان تونۇرغىلا ئوخشاش شۇنچىلىك ھارارەتلىك ئىدى. قارىداپ كەتكەن پۈتۈن بەدىنىنى تەر باسقان ئىككى ئاكا – ئۇكا قوماندان ھارغىن كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكىپ، ئۆزىنىڭ ئەقىل دانىشمىنىنىڭ يولىغا تەشنالىق بىلەن قاراپ تۇراتتى.

ئەمىر ئابدۇللا پىشانىلىرىدىن مۇنچاقلاپ ئېقىۋاتقان تەرلىرىنى قوللىرىنىڭ قارىدىغان دۈمبىسى بىلەن بىردەم بىردەم سۈرتۈپ قويۇپ، كۆككە نارازىلىق بىر ئەلپازى بىلەن باقاتتى. يېلىنجاۋاتقان قۇياشنىڭ تازا قىيامىغا يەتكەن ئوتقاشتەك يۈزى بولسا، بۇ قەدىمى ماكاندا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا قىزىقىۋاتقاندەك ھەيرانلىققا تولغان ئىدى. دېمىسىمۇ بۇ يەردىكى ئىشلار شۇنچىلىك تېز ئۆزگىرەيتتى. كىشىلەر پىكىرلىرىنى بىردەمدىلا تېگىشترەتتى ۋە ۋەدىلىرىدىن تېزلا يېنىۋالاتتى. بىر نەرسىنى كۆرگەن ھامان شۇنچىلىك تېز كۆزى قىزىراتتى. ھەرخىل كۈچلەر، ھەر خىل سىياسى ئىقىملار، ھەرخىل دۆلەتنىڭ ھەيئەتلىرى ۋە ھەر خىل تەرىقەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ زېمىندا تېپىلاتتى. بىرسى بىرسى بىلەن بىردەمنىڭ ئىچىدىلا دوست بولسا، يەنە ئازراق ئۆتكەندىن كېيىن بىر – بىرسىگە ئەشەددى دۈشمەن بولۇپ، بىر – بىرىگە مىلتىقىنىڭ ئۇچىنى قارىتاتتى. شۇڭا بۇ زېمىندىكى خەلق ھېچ بىر ۋاقىت تىنچ بىر ھاياتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەمەس. شۇ سەۋەبتىنمىكىن بۇ يەرنىڭ يوللىرى ھېچ بىر ۋاقىت ياسالغان ئەمەس. بىرسى ياسىغان يولنى بىرسى كېلىپ بۇزغاچقا يوللار ھەرۋاقىت ئوڭغۇل – دوڭغۇل، ئەگرى – بۈگرى ئىدى. ھەمدە بۇ ھاياتتا شۇنىسى ئېنىقكى يولنىڭ ناچارلىقى، ئەگىرلىكى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى ئۆزىنىڭ يولىدا ئۆزى ئاداققىچە مۇستەقىل مېڭىشتۇر.

باشقىلار ياسىغان تۈز، داغدام يولدا مېڭىپ قۇل بولغاندىن، ئۆزىنىڭ ئەگرى، سەرراپ بىلەن تولغان يوللىرىدا مېڭىپ ئېزىپ قالغان ياخشىراق. چۈنكى ئىنسان ئېزىپ – تېزىپ يۈرۈپ ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ يولىنى تاپىدۇ، يولى بۇزۇلسا يەنە ئۆزى ياسايدۇ. ئەمىر ئابدۇللاھ كۆزىنى كۆكتىن ئۈزۈپ، ئالدىدا سوزۇلۇپ ياتقان توپىلىق يولغا نەزەر تاشلىدى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ ئەسكى يولنىڭ ئىككى يېنىدىكى مەنزىرە ئۆز تارىخىدا خىلمۇ – خىل قىسمەت، كارامەت ۋە بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان روھى ھالەتلەرنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. يول بويىدا تۇرغان بۇ ئىككى ياش بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭغا تارتقانلىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىنى سابىت داموللام بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئالدىرايتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇشۇ ۋەزىپىگە، شۇ قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلەرگە لايىق بىز، دەپ ئويلىغاچقا ئۆزلىرىدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىدى. بۇنداق روھىي ھالەتنىڭ ئېنىق ئىپادىسى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئۇيەر – بۇ يەرلەردە ئۆسۈپ چىققان جىغانلارغا قاراپ تەبەسسۇم قىلىشلىرىدىن بىلىۋالغىلى بولاتتى. دېمىسىمۇ يىگىرمە ياشلاردىكى بۇ ئىككى قومانداننىڭ بۇنداق ئويلاردا بولۇشقا ھەقلىق ئىدى.

ئۇلار ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلماي تۇرۇپ ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ غېمىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىشنى ئويلىماي، نەچچە ئايلاردىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ، جەڭگاھتا قان كېچىپ جەڭ قىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭمۇ ئۆز غەلىبىلىرىنى يول باشچىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايەن قىلىشقا ئەلۋەتتە ھەققى بار. ئۇلار نەچچە ئايدىن بېرى شۈنچە زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئادەتتىكى كىشىلىك قىياپەت بىلەن بۇ پائالىيەت ئالىمىگە قىزىقىپ، بۇرۇن ھېچ كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ئەقلىگە كەلمىگەن يېڭىلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ھېچ ئېلىپ باقمىغان قارارلارنى ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. بىراق بۇ ئالەمدە نۇرغۇن ئادەملەر نېمە ئۈچۈندۇر نېمىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئالدىنئالا تەخمىن قىلالايدىغان ئىشلارغا بەكرەك قىزىقىدۇ، قىلغان ئىشىنىڭ دەرھال نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشتىن قورقىدۇ. شۇڭا ئىچىدە نېمە بارلىقى نامەلۇم بولغان بىر قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۆز جاسارىتىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىغان ئاددى ئىنسان بولۇشتىن بەتتەررەك، ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە بىر يولۋاسنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ قەھرىمان بولۇشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىش ھەم ئاسان ھەم نەتىجىگە تېزلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەمما ئاخىرى ئېنىق بولمىغان بىر يولغا چىقىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بۇ يولنىڭ ئاخىرىدا كىشىنى قانداق بىر قىسمەتلەرنىڭ كۈتىۋالىدىغانلىقىنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى بۇ يولغا چىققان ھەركىم بىر ئۈمىدكە باغلانغان بولىدۇ. ئۇ ئۈمىد بولسا ئەركىن، سىتەمسىز ئازات ۋەتەن!

ئەنە ئىككى ئاتلىق ئەسكەرنىڭ ئارقىسىدىن يېتىشىپ كېلىۋاتقان ئاتلىق مەپە ئارقىسىغا چاڭ – توزانلارنى قالدۇرۇپ ئۇچقاندەك كېلىۋاتىدۇ. بۇنى كۆرگەن ئەمىر نۇرئەھمەدنىڭ «دىققەت!» دەپ ۋارقىرىغان بىر كوماندىسى بىلەن تەڭ، يولنىڭ ئىككى ياقىسىدا تۇرغان ئەسكەرلەر سەپراس بولۇپ تىك تۇرۇشتى. ھارۋا بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. يىراقتىنلا ئۆزلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن شۇنچە يولنى بېسىپ ئالدىغا چىققان بۇ ئىككى ياش قومانداننىڭ داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدىن رازى بولغان سابىت داموللامنىڭ يۈزلىرىدە تەبەسسۇمنىڭ جىلۋىسى پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئۇلارغا يېقىنلاشقانسېرى ئۇنىڭ تەبەسسۇمى ئاستا – ئاستا ساقاللىق يۈزىدىن سىلىنىپ كەتتى. چۈنكى شۇنچە ئەسكەر بىلەن ئالدىغا چىققان ئىككى قومانداننى كۆرگەن سابىت داموللام باشسىز قالغان شەھەرنىڭ ئامانلىقىدىن ئەنسىرەپ قالغان ئىدى. مەپە توختىشى بىلەن تەڭ ئۇ ئىتتىكلا يەرگە چۈشۈپ، بارلىق ئاددى ئادەملەرگە ئوخشاش قىسقىلا سالاملاشقاندىن كېيىن، ئەمىر ئابدۇللاھقا شەھەرنىڭ ئىچىگە قاراپ دەرھال يول ئېلىشقا بۇيرۇق بەردى. سابىت داموللامنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ سەل تەئەجۈپلەنگەن ئەمىر ئابدۇللاھ:

‐ داموللام سىلە يولدا بەك چارچاپ قالغاندەك قىلىلا، بېرىپلا ئوبدانراق ئارام ئالسىلا، بىز ھەممە ئىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق. يېڭى شەھەرگە بىكىنىۋالغان چېرىكلەرمۇ ئەل بولىدىغان بولدى. ئاللاھ خالىسا ئىشلىرىمىز كۆڭۈلدىكىدەك كېتىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلە كەلدىلە ئەمدى ھەر ئىش بولسا سىلىنىڭ دانا تەدبىرلىرى بىلەن بولىدۇ، شۇڭا ئاتىلىرىمىز «قۇلان پادىسى يول باشلىغۇچىسىز بولماس» دەپ، بىكارغا ئېيتمىغاندە. بۇندىن كېيىنكى ئېغىر يۈك نىھايەت سىلىنىڭ مۇبارەك يەلكىلىرىگە يۈكلىنىدىغان بولدى.

بۇ قىسقا مەلۇمات ۋە تەكەللۇپلارنى ئاڭلىغان سابىت داموللام، ئۆزىنىڭ جىددىلىشىۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمايلا:

‐ قالغان گەپلەرنى شەھەر قوۋۇقىدىن كىرگەندىن كېيىن دېيىشىۋالساقمۇ كىچىكمەيمىز. ھازىر قانچە تېز شەھەرگە كىرسەك مېنىڭچە شۇنچە ياخشى بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن. چۈنكى دۈشمەننىڭ گېپىگە ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ. بىز ئۇرۇش زامانىدا تۇرۇۋاتىمىز. شۇڭا ھەر ۋاقىت قەتئىي ھوشيار تۇرىشىمىز، چارە – تەدبىرلەرنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. قېنى يولغا ئاتلىنايلى.

كاتاڭ يوللاردا مەپە چاقىلىرىنىڭ جالداقلاشلىرىدىن بېشى تەڭ بولۇپ كەتكەن سابىت داموللامنىڭ چېكىسى تېخىمۇ قاتتىق ئاغرىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەس – خىيالى شەھەرنىڭ ئامانلىقىدا قالغانىدى. دىمىسىمۇ سابىت داموللامنىڭ ئەنسىرىگەن ئىشى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا يۈز بەرگەن ئىدى. ئىككى ياش قومانداننىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تارتقان دىشۋارچىلىقلىرى، چەككەن رىيازەتلىرى، تۆكۈلگەن قانلار، تۆلىگەن بەدەللەرنىڭ ھەممىسى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا بوراندا توزىغان مامكاپ گۈلىدەك توزۇشقا باشلىغان ئىدى.

سابىت داموللامنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن قوماندانلارنىڭ كەتكەنلىكىنى، ئەسكەرلەنىڭ باشسىز قالغنالىقىنى پۇرسەت بىلگەن مارۇلۇڭ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى تۇڭگان ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، يېڭى شەھەر تەرەپكە قاراپ يۈرۈش قىلماقچى بولدى. بۇ چاغدا قاراۋۇلدا تۇرغان ئۇيغۇر ئەسكەرلەر، تۇڭگانلارنىڭ يۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. ئەمما نىيىتى قارا تۇڭگانلار پوستىكى ئەسكەرلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، قوراللىرىنى ئولجا ئېلىپ يېڭى شەھەردىكى خىتايلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. ئويلىمىغان يەردىن يۈز بەرگەن بۇ ھادىسە ئىككى ئاكا – ئۇكا قومانداننى دەھشەت غەزەپلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە «تۇڭگاندىن دوستۇڭ بولسا ئاي پالتاڭ يېنىڭدا بولسۇن» دېگەن، بۇ ئاتىلار سۆزى ئۇلارنىڭ بوينىغا مەڭگۈلۈك مونچاق بولۇپ ئېسىلدى. تۇڭگان قوشۇنلىرى يېڭى شەھەر سېپىلىنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، سېپىل ئىچىدىكى تەسلىم بولۇشقا تەييار تۇرغان خىتاي چىرىكلىرىنى ئازدۇرۇپ ئۇلارغا:

‐ قەشقەردە ماجەنسا نۇرغۇن ئەسكىرى بىلەن تۇرىۋاتىدۇ. يېقىندا يەركەنگە يېتىپ كېلىپ، بۇ يەرلەرنى چەنتولارنىڭ قولىدىن تارتىۋالماقچى، – دەپ، پىتنە تارقىتىشقا باشلىدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان تۇراقسىز خىتاي ئەسكەرلىرى دەرھال ئۆز ۋەدىسىگە خىيانەت قىلىپ، «سۈلھى قىلىمىز» دېگەن سۆزىدىن يېنىۋالدى. مارۇلۇڭنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن خىتاي چېرىكلىرى بىكىنىۋالغان جايىدىن قايتا چىقىپ خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ قىسىملىرىغا بىر نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قانلىق جەڭ باشلىنىپ كەتتى. بۇ ئۇرۇش ئىككى لىنىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىر قىسىم تۇڭگان ئەسكەرلىرى شەھەرنىڭ غەربىي قوۋۇقىنى ساقلاپ ياتقان ئەركىنلىك جەڭچىلىرىگە ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر قىسىم تۇڭگان ئەسكەرلىرى بىلەن خىتاي ئەسكەرلىرى بىرلىشىپ كونا شەھەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى تۇيۇسىز كەلگەن زەربىدىن خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن ئەسكەرلىرى شېھىت بولدى.

يەنە شۇنداقتىمۇ ئۆز زېمىنىنى قوغداش ئۈچۈن جانلىرىنى قۇربان قىلىشقا ھەر زامان تەييار تۇرىدىغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنىڭ باھادىرلىق بىلەن جەڭ قىلىشى نەتىجىسىدە، دۈشمەن ھۇجۇمى تارمار قىلىنىپ، ئۇرۇش غەلىبە بىلەن نەتىجىلەندى. بۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى ۋەزىيەت داۋاملىشىپ، تۇڭگانلارنىڭ خائىن ئەسكەرلىرى بىلەن خىتاي ئەسكەرلىرى يېڭى شەھەرگە قاپسىلىپ قالدى…

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top