You Are Here: Home » ئومۇمى » پېتوفى، ئۇيغۇرلار ۋە مىللىي مۇستەقىللىق

پېتوفى، ئۇيغۇرلار ۋە مىللىي مۇستەقىللىق

سايرام ئوغلانى

تەھرىرلىگۈچى ئەھمەد سۇلۇق

پېتوفىنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە ياۋروپا باھارىدا ئوينىغان رولى

19-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋېنگرىيە شائىرى ۋە مىللىي قەھرىمان دەپ ئېتىراپ قىلىنغان داڭلىق ئىنقىلابىي شائىرى ساندور پېتوفى 1823-يىلى 1-يانۋار ۋېنگرىيىدىكى كىس كورۇس دېگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى قاسساپ، ئانىسى ئىشچى بولۇپ، پېتوفى 16 ياشقا كىرگەندە ۋېنگرىيە ئارمىيىسىگە كىرگەن. كېيىنچە سالامەتلىكى ياخشى بولماي، ئارمىيىدىن چېكىنىپ چىقىپ قەلەم كۈرىشى قىلغان. 1848-يىلى يانۋاردا سېتسىلىيىدىن پارتلاپ چىققان «ياۋروپا باھارى» 3 ئاي ئىچىدىلا ياۋروپادىكى 5 چوڭ ئىمپىرىيە، 50 نەچچە كىچىك دۆلەتلەرگە كېڭەيگەن. 15-مارت ۋېنگرىيە ياشلىرى ۋە ئىشچىلىرى ھازىرقى بۇداپېشتتا كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلغان. پېتوفى ئېگىز بىر جايدا ئاۋامغا خىتاپ قىلىپ: «ئويغان ۋېنگرىيە!» ناملىق نۇتۇقى بىلەن ۋېنگرىيە خەلقىگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان. 1526-يىلى سۇلتان سۇلايمان ۋېنگرىيەنى بويسۇندۇردى. 1626-يىلى ئۇلارغا كىنەزلىك ھوقۇقى بېرىلدى. 1699-يىلدىكى كارلوفچا شەرتنامىسى سەۋەپلىك ۋېنگرىيە ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ قانۇنلۇق مۇستەملىكىسى بولۇپ قالدى.

ساق 150 يىل ئۆتۈپ، ۋېنگىر خەلقى 1848-يىلى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى قوزغاپ چىققانىدى. گەرچە بۇ ئىنقىلاپ چاررۇسىيە ۋە ئاۋستىرىيە تەرىپىدىن 1849-يىلى ئاۋغۇستتا تولۇق باستۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ مىللىي قارشىلىق ۋېنگىرىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالدى.

ياۋروپا پادىشاھلىرى باشقا جايلاردىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى تېزدىن قانلىق باستۇرالىغان بولسىمۇ، بىراق ۋېنگىرلارنىڭ كۈچلۈك مىللىي ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىدى. ۋېنگىرىيە خەلقى بۇ ھەرىكەتنى تاكى 1850-يىلغىچە ئۆز كۈچىگە تايىنىپلا داۋاملاشتۇردى.

ئەتراپتىكى خوشنىلىرىنىڭ كۈچى بىلەنمۇ ۋېنگىرلارنى باستۇرالمىغان ئاۋسترىيە پادىشاھى كۈچلۈك ۋە رەھىمسىز خوشنىسى چارپادىشاھ 1-نىكولايدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلدى. چارپادىشاھ نىكولاي شەخسەن 300 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق رۇس قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ ۋېنگىرىيە مۇستەقىلچىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

ئورۇسلارنىڭ شەرق ۋە غەرپتىكى ھەر قايسى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابلىرىنى باستۇرۇشى

ئورۇسلار يېقىنقى زامان تارىخىدا ياۋروپا-ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا كەسكىن ئارلىشىپ شۇ دۆلەت ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتلىرىگە ياردەم قىلىپ، ئىلغار كۈچلەرنى باستۇرغان. 1848-يىلى ياۋروپادا ئىنقىلاپ پارتىلىدى.

بۇ ئىنقىلاپ فىرانسىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە مۇستەبىت پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ۋېنگىرىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى خاراكتىرىدا ئېلىپ بېرىلدى. شۇچاغدىكى روسىيە چار پادىشاھى نىكولايⅠ قوشۇن چىقىرىپ ئاۋىسترىيە پادىشاھىغا ياردەم بېرىپ ۋېنگىرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشنى باستۇرۇپ، ياۋروپانىڭ ژاندارمىسى دىگەن سېسىق نامغا ئېرىشتى. ئاسىيادا، روسىيە يەنە داۋاملىق شەرققە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ 1871-يىلى ئۇيغۇرلار غۇلجىدا قۇرغان ئىلى سۇلتانلىقىنى يوقىتىپ ئىلىنى 10 يىل بېسىۋالدى. 1881-يىلى «مانجۇرىيە-چاررۇسىيە پېتىربۇرگ ئىلى شەرتنامىس» ئارقىلىق ئىلىنى چىڭ ئىمپىرىيىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىدىكى يۇقىرىقى ئىلىۋادىلىرىنى ئىگىلەپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى چارروسىيە تەۋەسىگە كۆچۈرۈپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ قانخور نىكولايⅠ بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇزاق ياشىيالمىدى. قىرىم ئۇرۇشىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ، ئىچكى-تاشقى بېسىمغا چىدىماي 1855-يىلى 2-مارت ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

1757-يىلى 7-ئىيۇن قازاق قەۋمىنى قانخور مانجۇرلارنىڭ تۈپتىن قىرىپ تاشلىشىدىن قوغداپ قېلىش ئۈچۈن چيەنلۇڭغا ئەل بولغان ئابلايخاننىڭ ئەۋلادى كېنسارى 1841-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا چاررۇسىيەگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ئىسيان كۆتۈردى. كېنىسسارى 1838-يىلدىن باشلاپ، ئۈچ يۈزگە بۆلۈنگەن قازاقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، قازاق دالاسى ۋە سىبىرىيەدە ئۈستۈنلۈك قازاندى. 1845-يىلى ئۇنىڭ داڭقى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە چاررۇسىيەگە پۇر كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ سەلتەنەتلىك يىلى بولۇپ قالغان. ئەمما چاررۇسىيە پۈتۈن ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، 1847-يىلى ئۇنى مىڭ تەستە باستۇردى. بېشىنى كېسىۋېلىپ سانكرت-پېتىربۇرگقا ئېلىپ كەتتى .

كېيىنكى بەش يىلدا چاررۇسىيە 1848-يىلى ۋېنگىرىيە ئازاتلىق كۈچلىرىنى باستۇرغان قانخور ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ، تېز سۈرئەتتە قازاق دالىسىنى ئىگىلىدى. 1852-يىلى ئالمۇتاغىچە بېسىپ كېلىپ، ئەسلىدە بىزگە تەۋە بولغان يەتتە سۇنى ئىشغال قىلدى. بىراق 1853-يىلى قىرىم ئۇرۇشى پارتىلىغاچقا، چاررۇسىيە كېڭىيىشنى توختىتىپ، ئۇرۇشقا كىرىشتى. 1855-يىلى ئېغىر چىقىم تارتىپ، قانخور چارپادىشاھ نىكولاي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. ئوغلى ئالىكساندىر غەرپتە تارتقان زىيىنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، 1857-يىلدىن 1864-يىلغىچە شىمالىي كاۋكازنى ئىشغال قىلىپ، پېرسىيە ۋە ئوسمانىيەگە بېسىپ كىرىشكە تەييارلاندى.

1865-يىلدىن 1875-يىلغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوقان خانلىقى، خارەزىم خانلىقى، بۇخارا ئەمىرلىكى ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنى ئىشغال قىلىپ، 1867-يىلى ئىيۇندا «تۈركىستان ھەربىي ۋالىيلىقى»نى تەسىس قىلىپ، تاشكەنتنى پايتەخت قىلدى. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى ۋە باش سۆڭىكى قايتۇرۇپ كېلىنىپ، داغدۇغا بىلەن قايتا دەپنە قىلىندى. ئەگەر كېنسسارى 1853-يىلىدىكى قىرىم ئۇرۇشى مەزگىلىدە قوزغالغان بولسا، بەلكىم بۈگۈن ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى رۇسىيەنىڭ ئورنىنى باسقان بولاتتى. رۇسلار ھەر ھالدا ئۇنىڭ جەسىتىنى ساقلاپ قويغان. ئەمما بىز 1828-يىلى 11-سېنتەبىر ئۆلتۈرۈلگەن جاھانگىر خوجىنىڭ جەسىتىنى مەڭگۈ تاپالمايمىز. بەدۆلەتنىڭ جەسىتىنىمۇ ئەمدى تاپالمايمىز. چۈنكى دۈشمەن شۇنچىلىك پەس ۋە رەزىلكى، بىزنىڭ نام-نىشانىمىزدىن ئەسەر قويماي، ھەممىنى كۆيدۈرۈپ، ئۆلتۈرۈپ، تىرىك كۆمۈپ، يوشۇرۇن بىر تەرەپ قىلىپ تۈگەتتى. تۆۋەندىكىسى كېنسارىنىڭ پايتەخت ئاستانادىكى ھازىرقى نۇر سۇلتان خاتىرە ھەيكىلىدۇر!

پېتوفى قانداق ئۆلتۈرۈلگەن؟

پېتوفى سالامەتلىكى ياخشى بولمىغىنىغا قارىماي 1848-يىلى قايتىدىن ئەسكەرلىككە تىزىملىتىپ تاجاۋۇزچى نىكولاي ئارمىيىسى ۋە ئىشغالىيەتچى(باسقۇنچى) ئاۋسترىيە قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. 1849-يىلى ئىيۇلدا مىڭ بېشى ھەربىي ئۇنۋانى بىلەن ۋېنگرىيىنىڭ شەرقىدىكى سېگىتۋار(ھازىرقى رومىنىيە) چېگرىسىغا يېقىن جاي بولۇپ، ئوسمانىلارنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك سۇلتانى سۇلايمان قانۇنى(1496-1566) ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق جازا يۈرۈشىنى مۇشۇ جايدا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن. ئەمما 1566-يىلى 7-سېنتەبىر سېگىتۋاردىكى ھەربىي چېدىرىدا غازى ھالىتىدە قازا قىلغان. ۋەسىيىتى بويىچە يۈرىكى سۇغۇرۇلۇپ ئېلىنىپ، ئالتۇن قۇتا بىلەن ۋاپات بولغان چېدىرنىڭ تېگىگە چوڭقۇر ئورا كولىنىپ كۆمۈلگەن. ئالىملار ھازىرمۇ بۇ جايدا سۇلتان سۇلايماننىڭ يۈرىكىنى ئىزدىمەكتە.

2016-يىلى سېنتەبىر سۇلتان سۇلايمان ۋاپاتىنىڭ 450 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە پىرىزدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋېنگرىيىگە زىيارەتكە بارغاندا بۇ مەسىلە يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا باسقۇنچى نىكولايغا قارشى شىددەتلىك جەڭ قىلغان. نەتىجىدە ئاددىي قوراللانغان نەچچە مىڭ ۋېنگرىيىلىك قەھرىمان نىكولاينىڭ 300 مىڭ زور قوشۇنى تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق شەكىلدە قىرىپ تاشلانغان. پېتوفى بىلەن سەپداشلىرى 1849-يىلى 31-ئىيۇل كۈنى جەڭگاھتا قۇربان بولغان. ئۇنىڭ جەسىتى تېپىلمىغان. كېيىنچە رۇسلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە پېتوفىنىڭ ئەترىتى رۇسلارنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقاچقا، ياۋۇز چاررۇسىيە ئارمىيىسى پېتوفى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى سېگىتۋاردىكى جەڭگاھتا چوڭقۇر ئورەك كولاپ تىرىك پېتى كۆمۈۋەتكەن ئىكەن.

ۋېنگىر تارىخىدىكى 17-ئىيۇلغا يوشۇرۇنغان سىر

1848-يىلى 17-ئىيۇل نىكولاي بىرىنچى 300 مىڭ ئەسكەر بىلەن ۋېنگرىيە مۇستەقىلچىلىرىنى قانلىق باستۇردى. 1918-يىلى 17-ئىيۇل كەچ ئۇنىڭ ئەۋرىسى نىكولاي ئىككىنچى ۋېنگىر ئەسكەرلەرنىڭ قولىغا پۈتۈن جەمەتى بىلەن قىرغىن قىلىنىپ تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىلدى.

ئوسمانىلارغا غەرپنىڭ كېسەل كۆرپىسى دەپ لەقەم قويغان چار پادىشاھ

1796-يىلى ئاچكۆز چارپادىشاھ نىكولاي بىرىنچى تۇغۇلغان. ئۇ 1848-يىلدىكى ياۋروپا باھارى ۋە ھونگرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى 300 مىڭ رۇس ئەسكىرىنى باشلاپ كېلىپ باستۇرۇپ، چاررۇسىيە ياۋروپانىڭ ژاندارمىسى دەپ نام ئالغان. ئۇ 1852-يىلى ئوسمانلىنى «غەرپنىڭ كېسەل كۆرپىسى» دەپ ئاتىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئېنگىلىزلار مەنچىڭ خانلىقىنى شۇنداق ئاتىغان. كېيىنچە ياپونلارمۇ خىتايلارنى «شەرقنىڭ كېسەل كۆرپىسى» دەپ ئاتىغان. 1855-يىلى قىرىم ئۇرۇشىدا تولۇق مەغلۇپ بولغان نىكولاي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

1852-يىلى چارپادىشاھ نىكولاي ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى «غەرپنىڭ كېسەل كۆرپىسى» دەپ ئاتىغاندىن كېيىن، بۇ ئاتالغۇ تاكى ئوسمانىلار تولۇق مۇنقەرىز بولغىچە مودىدىن قالمىغان. ئەنگلىيەمۇ ئۇنى دوراپ، خىتايلاشقان مەنچىڭ خانلىقىنى شەرقنىڭ كېسەل كۆرپىلىرى دەپ ئاتىغان. نىكولاي بىرىنچى 1853-يىلى ئۇرۇش قوزغاپ، ئوسمانىلارنى ئوڭچە يۇتۇۋالماقچى بولغان. نىكولاينىڭ 1848-يىلدىكىياۋروپا باھارىنى باستۇرۇپ، تىقىلىپ كەتكىنىگە ئىچى ئاچچىق بولۇپ تۇرغان ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئوسمانىلارنى قوللاپ ئۇرۇشقا كىرىپ، 1856-يىلى چاررۇسىيىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى ۋە نىكولاينىڭ زور مەغلۇبىيەتتىن خېلى بۇرۇنلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى پەيدا قىلغان.

چاررۇسىيە 1877-يىلى ئاپرىلدا يەنە ئۇرۇش قوزغىغان. شەرقتە قارس ۋە ئەرزۇرۇمنى، غەرپتە بۇلغارىيەنى ئېلىپ، ئىستانبۇلغا 40 كىلومېتىر قالغىچە قىستاپ كەلگەن. نەتىجىدە 1878-يىلى ئىككى دۆلەت تەڭسىز كېلىشىم تۈزگەن. بىراق چوڭ دۆلەتلەر قارشى چىققان. شۇڭا بىسمارك شۇ يىلى يازدا «بېرلىن يىغىنى» ئېچىپ، بوسنىيەنىڭ غەربىي شىمالىنى ئاۋستىرىيەگە كېسىپ بەرگەن. سېربلار، بۇلغارلار ۋە ئالبانلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن. ھېساپتا بىسمارك «بېرلىن يىغىنى» ئارقىلىق ئوسمانىلارنى يەنە ئەللىك يىل ساقلاپ قالغان.

چار پادىشاھلارنىڭ نەسلى قۇرۇشى ۋە چارلىق تۈزۈمنىڭ تارىخقا ئايلىنىشى

چاررۇسىيەنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا دۇچار بولغان بەزى ئاجىز مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ۋېنگىرلارنىڭمۇ ئاققان قېنى بىكار كەتمەيدۇ.
ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسى ۋېنگىرىيىنى تەڭ دەرىجىدىكى ئىتتىپاقداش دەپ ئېتىراپ قىلىپ، 1867-يىلى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپىرىيىسىنى قۇرىدۇ. كېيىنچە 1881-يىلى 13-مارت چارپادىشاھ ئالېكساندىر ئىككىنچى ئۆلۈپ، ئورنىغا ئوغلى چىقىدۇ. ئۇ 1855-يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان دادىسى نىكولاي بىرىنچى ئورنىغا چارپادىشاھ بولغان. ئۇنىڭ دەۋرىدە رۇمىنىيە، مولداۋىيە، كاۋكازىيە، بىپايان غەربىي تۈركىستان، تاشقى مانجۇرىيە، ساخالىن قاتارلىق جايلار بويسۇندۇرۇلغان. بۇ مەلئۇن چار پادىشاھ مەنچىڭ خانلىقى بىلەن 1881-يىلى 24-فېۋرال پېتىربۇرگ شەرتنامىسىنى تۈزۈپ، بىپايان ئوتتۇرا ئاسىيانى يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋالغان. بۇ شەرتنامە تا ھازىرغىچە ئورۇس-خىتاي ھەمكارلىقى ۋە ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى ئالىكساندىر ئۈچىنچى تاكى 1896-يىلى ئۆلگىچە چارپادىشاھ بولغان.

1918-يىلى 17-ئىيۇل، ئەڭ ئاخىرقى چارپادىشاھ نىكولاي ئىككىنچى يېكاتىنبۇرگدا بولشېۋىكلار ئەۋەتكەن قىساسكار ۋېنگىر قوشۇنى قولىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇ 1868-يىلى 18-ماي تۇغۇلۇپ، 1896-يىلى 1-نويابىر 28 يېشىدا دادىسى ئالېكساندىر ئۈچىنچى ئورنىغا تەختكە چىققان. ئۇ 1917-يىلى 15-مارت ئۆزلىكىدىن تەختتىن چۈشكەن ئىدى. بىراق يەنىلا ئۇلۇغ بوۋىسى نىكولاينىڭ جىنايەتلىرىنىڭ بەدىلىنى ئۆتەشتىن قۇتۇلۇپ قالالمىدى. شۇنداق قىلىپ 1918-يىلى ئەڭ ئاخىرقى چارپادىشاھ نىكولاي ئىككىنچى بولشېۋىكلار تەرىپىدىن يېكاتىنبۇرگدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇندىن بۇرۇن ئۇنى قانداق قىلىش توغرىلىق موسكۋادا مۇنازىرە بولغان. تروتىسكى ئۇنى سوتقا تارتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق لېنىن، خەلقنىڭ ئۇنى ئەپۇ قىلىۋېتىشىدىن قورقۇپ، ئۇنى سوتلىمايلا، ئېتىپ ئۆلتۈرۈشتە چىڭ تۇرغان. نەتىجىدە چار پادىشاھلاردا ئەجدات قىساسى بولغان بىر تۈركۈم ۋېنگرىيە ئەسكەرلىرى بولشېۋىكلار KGB سىنىڭ باشلىقىنىڭ نازارىتىدە نىكولاينى بارلىق ئائىلە-تاۋاباتلىرى بىلەن قوشۇپ ئېتىۋەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن ئۈچ ئەسىرگە سوزۇلغان رومانوف ئىمپىرىيىسى تارىخقا ئايلانغان. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ۋېنگىرلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مۇستەققىلىق يولىنى تاللىۋالغان. چۈنكى 1918-يىلى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپىرىيىسى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاچقا بىر پۈتۈن ئىمپىرىيە پارچىلىنىپ، 1919-يىلى مارتتا ۋېنگرىيە ئاخىرى تولۇق مۇستەقىل بولالىغان.

پېتوفى ۋە ئۇيغۇر-ۋېنگىر مۇناسىۋەتلىرى

مەرھۇم پېتوفى بارلىق شېئىرلىرىدا ئىزچىل ۋېنگىرلارنىڭ شەرقتە بارلىققا كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى. ئۇنىڭ قابىل دەۋرداش سەپداشلىرى ۋېنگىرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ھونلار، ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ سېرىق ئۇيغۇرلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق دەپ قارىدى. كېيىنچە بىر ۋېنگىر ئالىمى «بىلىنمىگەن ئىچكى ئاسىيا» ناملىق كىتاپنى يېزىپ، ئۇيغۇرلارنى ۋېنگىر خەلقىگە تونۇشتۇردى. 2011-يىلى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن قەلەمكەشلەر يىغىنىدا، ۋېنگىرىيە قەلەمكەشلىرى رەئىسى مەلۇم ئۇيغۇر زىيالىيسىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا: «بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن 1500 يىل بۇرۇن جۇدا بولغانىدۇق. مانا بۈگۈن بۇلارنى يەنە تېپىۋالدىم. ئەمدى قايتا جۇدا بولمايمىز!» دەۋەتكەن. شۇندىن بېرى ۋېنگرىيىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «ھون ۋە تۇران خەلقلىرى قۇرۇلتىيى»غا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىلىپ، تۈركىي مىللەتلەر يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنى ئوبدان تونۇشقا باشلىدى. بۇ قۇرۇلتاي ھەر يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ.

مەرھۇم پېتوفى(ئەسلى ئىسمى ئالېكساندىر پېتروۋىسكىي) ( 1823-1849)دىن ئاسارەت ئاستىدىكى ئۇيغۇر خەلقىگە مۇنۇ جەڭگىۋار ۋە قىممەتلىك مىسرالار مىراس قالدى:

دۇنيادا ھەممىدىن ھايات ئەڭ قىممەت،
ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك سۆيگۈ-مۇھەببەت.
ۋە لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
ئەركىنلىك ئازادلىق ئۈچۈنلا پەقەت.

ۋېنگرىيە ئاخىرى ئۈزۈل-كېسىل مۇستەقىل بولدى

400 يىلغا يېقىن مۇستەملىكە تارىخىغا ئىگە بولغان قەيسەر ۋېنگرىيە خەلقى 1526-يىلدىن 1919-يىلغىچە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئوسمان ئىمپىرىيىسى، ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسى، پىرۇسسىيە ئىمپىرىيىسى ۋە ئاچكۆز چاررۇسىيە ئىمپىرىيىسى ئارىسىدا قۇربانلىق بولۇپ كەلدى. بىراق 1919-يىلى مارتتىن ھازىرغا قەدەر بولغان 100 يىللىق مۇستەقىللىق دەۋرىدە بارلىق ئاسارەت جاراھەتلىرىدىن تولۇق ساقىيىپ، ئىشغالىيەتچى دۈشمەنلەرنىڭ 400 يىللىق روھىي، مىللىي، دىنىي، سىياسىي،ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈر زىيانكەشلىكىنىڭ تەسىرىنى تولۇق تازىلاپ، مىللىي ئىپتىخارلىق روھىنى قايتا تىرىلدۈرۈپ گۈللىنىتىپ-ياشناتتى.

دۇنيادا 2600 يىل دۆلىتى يوق سەرسان بولۇپ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ كەتكەن شورپېشانە يەھۇدىلارمۇ بۇندىن توپتوغرا 71 يىل ئىلگىرى
يەنى 1948-يىلى 14-ماي يېرىم كېچىدە 2600 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى مىللىي دۆلىتى ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. دۆلەت قۇرۇپ تېخى 20 يىل بولمايلا، يەنى 1967-يىلى ئىيۇندا بارلىق ئەرەپ دۆلەتلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئېرۇسالىمنى پەلەستىندىن، گولان ئېگىزلىكىنى سۈرىيەدىن، ئىئوردان دەرياسى قىرغىقىنى ئىئوردانىيىدىن، سىناي يېرىم ئارىلىنى مىسىردىن، لىۋاننىڭ جەنۇبىنى لىۋاندىن تارتىۋالدى. ئۇيغۇرلار بولسا 1881-يىلدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانى بۆلۈشۈش كېلىشىمى ۋە رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 100 يىللىق بۈيۈك ئويۇن»نىڭ قۇربانلىقى سۈپىتىدە 30 يىل ئىچىدىلا(1921-يىلى، 1934-يىلى، ھەمدە 1949-يىلى) كەينى-كەينىدىن ئۈچ قېتىم قولدىن قولغا سېتىلىپ، 1949-يىلى نويابىردىن باشلاپ پەس خىتايلارنىڭ ئىنساپىغا تاشلاپ قويۇلدى. گەرچە 1950-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى موسكۋا مەخپىي شەرتنامىسىدە ۋەتىنىمىز، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدا 5 يىل ئىچىدە مۇستەقىل دۆلەتلەرنى قۇرۇش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەپسۇس بۇ قارار 1953-يىلى 5-مارتتا جوزېف سىتالىننىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن ئەھمىيىتىنى يوقاتتى. 1969-يىلى مارتتا سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋىتى قاتتىق يىرىكلىشىپ، يادرو ئۇرۇشى ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن بولسىمۇ بۇ كېلىشىم ئاشكارىلانماي يەنە بىر پۇرسەت قولدىن كەتتى.

خاتىمە

دېمەك ئەڭ بالدۇر ھېساپلىغاندىمۇ 1759-يىلى مىللىي مۇستەقىللىقى، دۆلىتى ۋە ئازاتلىقى قولدىن كەتكەن ئۇيغۇرلار ئاسارەتتە ياشاۋاتقىلى بۇ يىل توپ-توغرا 260 يىل بولدى. ئەڭ ئاز دېگەندە بۇ يىل ئاخىرقى قېتىم ئاسارەتتە قالغانغا توپ-توغرا 70 يىل بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك 2600 يىل دۆلەتسىز قالغان يەھۇدىلار قاتتىق تىرىشقانىدى. يىگىرمە ئالتە ئەسىردىن كېيىن دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ، ئاسارەتتىن قۇتۇلدى. 400 يىللىق ئاسارەتتە قالغان ۋېنگىرلارمۇ بوشاشماي تىرىشىپ، قان تۆكۈپ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قايتۇرۇۋالدى.

بىز ئۇيغۇرلارمۇ تىرىشساقلا ئاللاھ خالىسا 260 يىلدىن بۇيانقى خارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېپ-يېڭى بىر قۇدرەتلىك دۆلىتىمىزنى قۇرۇپ چىقىپ، مىللىتىمىزنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئابرۇيىنى قايتا تىكلەيمىز! ئەمما «گەپنى ئاز قىلىدىغان، ئىشنى كۆپ قىلىدىغان كىشىلەر كۆپەيسۇنكى، ئېغىزدا شەھەر ئالىدىغانلار شاللىنىپ قالسۇن! ھەقىقەت بىز تەرەپتە! شۇڭا غەلىبە بىزگە مەنسۇپ! بىراق قانچە ئالدىرىساق، تىرىشساق شۇنچە بالدۇر بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ! ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ئاللاھ ۋەتىنىمىزدىكى پەرشتە كەبى خەلقىمىزنى شەيتاندىن بەتتەر پەس خىتتايلارنىڭ تۈرلۈك سۇيقەست-يامانلىقلىرىدىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن! بىزنى مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە قىسقا يولغا باشلىسۇن! جۈمە مۇبارەك سەپداشلىرىم !

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top