You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » جازا مەيدانى

جازا مەيدانى

جازا مەيدانى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مانا ھازىر شەھەرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا قاتار ئون جادۇ قويۇلغان بولۇپ، ھەر بىر جادۇنىڭ يېنىدا قوللىرى ئارقىغا باغلانغا بىردىن كىشى تۇراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قاراقاشلىق بولمىغان كىشىلەرمۇ بار ئىدى. بۇلار ھەممىسى ئۇۋاللىققا ئۈچرىغان ئادەملەر بولۇپ، ئىچىدە پەقەت شۇ قارامەت ۋە تارىبەگنىڭ ئۆچ ئېلىشىغا ئۈچرىغان ئالدالەتنىڭ يولىنى تۇتقان ئۆلىما كىشىلەردىن ئۈچ كىشىمۇ بار ئىدى. تايىربەگنىڭ نىيىتى دەھشەت يامان ئىدى. ئۇ، مانا بۇ ئۈچ كىشىنى ئامبالنىڭ جاللاتلىرىنىڭ قولى بىلەن كاللىلىرىنى چاپتۇرۇش ئارقىلىق، زالىملارغا ياخشى چاق بولۇپ، مەنسەپ – دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئىدى. ھەمدە بۇندىن كېيىن دېھقانلارنى خالىغانچە قاقتى – سوقتى قىلىپ، ئۇلاردىن نەپ ئۈندۈرۈش، خالىغانچە ھاشارغا سېلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ باي قىلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن ئىدى.

مەيدانغا ئادەملەر لىقمۇ – لىق تولغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن يىغىلغان ئادەملەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىلغان ئادالەتلىك ئۇرۇشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەمەلىيەتتە بىز ئانچە تىنچلىق سۆيەر مىللەتلەردىن دەپ ماختىنىپ كېتىشىمىزنىڭ ئورنى يوق ئىدى. چۈنكى بىزمۇ سوقۇشقاقراق كېلىمىز. ئۆيدە ئەرلىرىمىز ئاياللار بىلەن تولا سوقۇشسا، سىرتتا ئاسانلا تەرسالىق قىلىپ بىر – بىرلىرىمىز بىلەن سوقۇشىمىز. باشقا بىر نېمىلەرنىڭ سوقۇشىنىمۇ، ئۆزىمىزنىڭ سوقۇشلىرىنىمۇ كۆرۈشكە ھېرىسمەن بىز. بازاردا ئىككى كىشى مۇشتلىشىپ كەتسە ئاجرىتىپ قويىدىغان ئادەم چىقماي، ئىككىسىنىڭ كاللا – موللاق بولۇپ كېتىشلىرىنى تاماشا قىلىشىپ شاتلىنىپ كېتىمىز. ئەڭ ئاددىسى خوراز سوقۇشتۇرىمىز، قوچقارلارنى سوقۇشتۇرىمىز، ئىت تالاشتۇرىمىز، بۈدۈنىلەرنى سوقۇشتۇرىمىز تېخى. بۇنداق چاغدا كىشىلەر بىكاردىن ئولىشىۋېلىپ تاماشا كۆرىدۇ. ھەتتا پۇل تىكىپ دوغا چىقىشىدۇ. تېخى بىز خەقنىڭ ئەركىنلىك چۈشەنچىسىمۇ باشقىچە بولۇپ، ئەنە شۇنداق ناكەس ئىشلارنى ئەركىنلىكنىڭ بىر پارچىسى دەپ بىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.

ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئەركىنلىك چۈشەنچىسى بار بولىدۇ. بۇ ئەركىنلىكنى چۈشىنىش دەرىجىسى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغان بولغاچقا، بىزنىڭمۇ ئەركىنلىك چۈشەنچىمىز ئەلۋەتتە ئۆز سەۋىيەمىزگە تۇشلۇق ئىدى. مانا ھازىر ئون قېرىندىشىنىڭ كاللىسىنى جادۇدا توغراش ئۈچۈن ھەيۋە كۆرسىتىۋاتقان جاللاتلارغا قاراپ تۇرغان رەئىيەت ئارىسىدا شۇنداق تاماشىچىلارنى يوق دېگىلىمۇ بولمايتتى. بەزىلىر بولسا خۇددى ئويۇن كۆرۈشكە ئالدىرىغاندەك, تىت – تىت بولۇپ ئىچى سىقىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. تاماشىبىنلارنىڭ ئەڭ ئالدىدىن ئورۇن ئالغان بىر نەچچەيلەن بولسا ئۆز پىلانلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان بۇ تىياتىرنىڭ دەرھال باشلىنىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. بۇنداق تاماشىبىنلاردىن بىرى دەل تارىبەگ ئىدى. ئۇنىڭ يۈزلىرىنى مۇغەمبەرلىك كۈلكىسى قاپلىغان بولۇپ، ئۇ بىر چەتتىن ئۆزىنىڭ باي بولۇش يولىغا تاش قويغانلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىش پۈرسىتىگە ئىگە بولغان بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق بىر تاماشىنى كۆرۈپ ئۆمرىنىڭ ئەڭ بەختلىك، ئەڭ خوشاللىق چاغلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئىدى, بولۇپمۇ ئۇنىڭ يەتتە ئېقلىمنىڭ شۇملۇقى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرى پال تېشىدەك پارقىراپ كەتكەن ئىدى.

ئۇ تويماس ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن كاللىسىدا يېڭى سۇيىقەستلەر ۋە يېڭى بىر ئارزۇلار بىخلىنىپ چىقىۋاتاتتى. دەل مۇشۇ چاغدا، خىتايلارغا تۇتۇپ بەرگەن ئۆلىمالارنىڭ مال – مۆلكى بىلەن بىرگە بۇلاڭ – تالانغا ئۇچرىغان كىتابلىرى ئارىسىدىكى «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق كىتابنىڭ «ئۆزۈڭنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ، ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەرگە قۇربانلىق قىلىۋەتمە» دېگەن جۈملىلەر يېزىلغان يىرتىق بەتلىرى تارىبەگنىڭ ئالدىدا ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئەلمىساقتىن بېرى ياتلارغا يان بېسىپ ئۆز قەۋمنىڭ ئايدىڭلىرىنى قۇربانلىق قىلغانلارنىڭ ھېچقايسىسى كۆرسەتكەن شۇ «خىزمەتلىرى» ئۈچۈن ياخشى ئاقىۋەتكە قالغان ئەمەس. ئۇلارمۇ شۇ قۇربانلىقلىرى بىلەن تەڭ ھالاكەتكە بەخشەندە بولغان. بۇ ھاياتتا ئەنە شۇ ھەقىقەتنى بىلمەيدىغان تارىبەگدەكلەر مال – دۇنياغا، مەنسەپكە بولغان ھېرىسمەنلىكىدىن، ئاچ كۆزلىكىدىن، ھەرقانداق گۇناھنى، قىزىل كۆزلۈكنى، ھەتتا خائىنلىقنى قىلىشتىن يانمايدۇ. يەنە بەزى ئىنسانلار شۇنچىلىك ئويۇنپەرەس، تاماشا كۆرۈشكە ھەۋەسكار بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن خېلى مۇھىم ئىشلاردىن ۋاز كېچىدۇ ۋە ئۆز ئۆمرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. بۇ توغرىسىدا ئىسلام تارىخىدا مۇنداق مۇھىم بىر ۋەقە سۆزلىنىدۇ.

«مۇھەممەد سەللەللاۋۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۈمە نامىزىدا خۇتبە سۆزلەش ئۈچۈن مۇنبەرگە چىققان ئىدى. دەل مۇشۇ چاغدا سودىگەر كارۋانلىرىنىڭ شەھەرگە كىرگەنلىكىدىن بىشارەت بەرگۈچى دومباق ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. بۇ چاغدا نۇرغۇن تۇرمۇش لازىمەتلىرى يۈكلەنگەن كارۋان شامدىن كەلگەن ئىدى. قەھەتچىلىكتىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان جامائەت بۇنى ئاڭلاپ، ‹نامازنى قىلىپ بولدۇق. خۇتبەنى ئاڭلىمىساقمۇ بولىدۇ› دېگەن ئوي بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ خۇتبىسىنى ئاڭلىمايلا، مەسچىتتىن تالاغا قاراپ گۈلدۈرلەپ ماڭىدۇ ۋە ئۇدۇل كارۋان بار تەرەپكە يۈگرەيدۇ. بۇ چاغدا جۈمۇئە سۈرەسىنىڭ 11 – ئايىتى نازىل بولىدۇ. ‹(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار بىرەر تىجارەتنى ياكى تاماشانى كۆرسە، سېنى ئۆرە تۇرغان (خۇتبە ئوقۇۋاتقان) پېتىڭ تاشلاپ، ئۇنىڭغا (يەنى تىجارەتكە) يۈگرەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسە (ساۋاب ۋە نېمەت) تاماشادىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر. ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر›.»

ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ سىرلىرى ئىنسانلارنىڭ ئەقىل تۇيغۇلىرىدىن يىراق ئەمەس. لېكىن ھەر كۆزدە ئۇنى كۆرىدىغان نۈر، ھەر ئادەمدە ئۇنى تۇيىدىغان قۇلاق يوق. دېمەك، بۇلارمۇ ئىنساننىڭ ئەڭ ئاجىزلىق تەرەپلىرىدىن بىرسى بولسا كېرەك. بەزى ئادەملەر روھلىرىنىڭ گۈزەل بولۇشىنى ئويلاپ قويمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئىزىلگەن، بەربات بولغان ئىنسانلار بولۇپ، قورساقتىن باشقا بىرغېمى يوق. بۇنداقلارنىڭ ئىرادىسى زەئىب، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەتتىكى روھى زەيىپ ئىنسانلاردۇر. ئەمما، بۇ قېتىم زور كۆپچىلىك رەئىيەتنىڭ غەزىپى خېلىلا كۈچلۈك ئىدى. بىگۇناھ مەھكۇملار بىلەن جاللاتلارغا قاراپ تۇرغان كۆزلەرنىڭ ئارىسىدا چارىسىز، ئۈمىدسىز، تولا يىغلاپ قۇرۇپ قىزارغان كۆزلەردىن باشقا يەنە نەپرەتكە، غەزەپكە، ئىنتىقامغا تولغان كۆزلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. ئەنە شۇ كۆزلەرنىڭ ئىگىلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ بويۇنلىرىغا ئامبال تاقاق سالغان، بەزىلىرىنىڭ يۈزلىرىگە بەگلەر كاچات سالغان، بەزىلىرىنىڭ مال – مۆلكىنى دورغىلار، يايىلار بۇلاپ – تالىغان، بەزىلىرىنىڭ ئاتا – ئانىسى جازانىخورلارنىڭ زۇلمىدىن ئۆلۇپ كەتكەن كىشىلەر ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇلار ئۆز قېرىنداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا چارىسىز ھالدا ئاشۇ تاماشىبىنلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالغانىدى. ئۇلارنىڭ تۈنۈگۈنكى رەڭگى – روھىدىكى قورقۇنچ ئالامەتلىرى بۈگۈن يوق ئىدى. ئۇلار بىر يول باشچىغا موھتاج ئىدى. خۇددى بىرسى سەرەڭگىنى شۇنداقلا ياقسا پارتلايدىغان ئوق دورىلىرىدەك چىرايلىرى غەزەپ – نەپرەتتىن قارىداپ كەتكەن ئىدى.

جاللاتلار بىگۇناھ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئون كىشىنىڭ تىللىرىنى قىل بىلەن، قوللىرىنى ياغلىق قارا ئارقان بىلەن باغلىغان ۋە پۇتلىرىغا ئېغىر كىشەن سالغان بولۇپ، ئۇلارنى شۇ تۇرقى بىلەنلا جادۇغا ياتقۇزدى. ئۇلار خۇددى قۇربانلىق قىلىشقا تەييارلانغان قويلاردەك قورقۇنچ ئىچىدە ئالاقزادە بولۇپ تىپىرلايتتى. جاللاتلار ھېچ ئىككىللىنىپ تۇرماي، مىڭلىغان كۆرەرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدىلا بوينىنى قارا جادۇ بىلەن توغراپ بېشىنى تېنىدىن ئايرىدى. خەلقى – ئالەم ئالدىدا ئوپمۇ ئوچۇق قىلىنغان بۇ قاتىللىق، زالىملىق بولسا قۇرىغان يۈرەكلەرنى، ئىچى قۇپ – قۇرۇق كاللىلارنى، داۋاملىق غەم، مۇدھىش بىزارلىق، يوقسۇللۇق ۋە زەئىپ ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، نالىلىق ئاۋازلارنى چىقىرىپ يۈرگەن ئاۋام – رەئىيەتنى قاتتىق بىر سىلكىگەن ئىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق بىچارە، ھەقىر ھالغا چۇشۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان مۇستەبىت تۇزۇمنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تېخىمۇ روشەن تونىغاندەك بولدى. خىتايلار بولسا بۇ قانلىق تراگېدىيەنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق زالىملىق ھۆكۈم سۈرگەن قۇمساڭغۇ تۇپراققا ئۆز قولى بىلەن ئىنتىقام سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلغان توغراق كۆچىتىنى تىككەن ئىدى.

جاللاتلار ئۇلارنىڭ قان ئېقىپ تۇرغان كاللىسىنى شەھەرنىڭ تۆت دەرۋازىسىغا ئاستى. شىمالى دەرۋازىسىغا ئاسقان ئۈچ باش نەق قاراقاشلىق دېھقانلارنىڭ باشلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى باش ھامۇت دېھقاننىڭ مەھەللىسىدىكى دوستلىرىدىن ساۋۇت بىلەن ئەمەتنىڭ باشلىرى ئىدى. ئۇلار قىشتا ئىلچىغا مەدىكارلىق قىلىشقا كەلگەن دېھقانلاردىن ئىدى. شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالغان قوشۇنغا پىدائىي بولۇپ قوشۇلغان ھامۇت شۇ باشلارنى كۆرۇپلا تونىدى ۋە ئىچ – ئىچىدىن بۇلدۇقلاپ يىغلاپ كەتتى. ئاچچىق بىر ئەلەم ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئوقتەك كېلىپ سانجىلدى. دوستلىرىغا بولغان مۇھەببەتكە چىلانغان يۈرىكى يارا زەربىسىدىن بېغىشىدىن ئۈزۈلۈپ كېتىدىغاندەك پىلاڭلايتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن سۆڭەكلىرى ئۈگە – ئۈگىسىدىن ئاجراپ كېتىۋاتقاندەك سىقىراپ ئاغرىشقا باشلىدى. شۇ كېسىلگەن باشلار ھامۇتنىڭ كىچىگىدىن تارتىپ بىر مەھەللىدە ئويناپ چوڭ بولغان ئەل – ئاغىنىلىرىڭ ئەزىز باشلىرى ئىدى. ئۇلار پەقەت ئەتىيازدا تېرىيدىغان ئۇرۇققا چۇشلۇق پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىلچىغا مەدىكار بولۇپ كەلگەن نامرات دېھقانلار ئىدى.

بۇ دېھقانلار خۇددى مۇشۇ چۆللۈكلەرنىڭ قۇم دانچىلىرىغا ئوخشايتتى. قۇم دانچىلىرى بىر – بىرىگە قارشى قانداق يۇمىلاق، توغرا ۋە ياخشى بولسا، ئۇلارمۇ بىر – بىرلىرىگە شۇنداق يۇمىلاق، توغرا، ياخشى، ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى. ئەنە شۇ ئاقكۆڭۈل دېھقانلارنىڭ پاك جانلىرى شۇ نەپسانىيەتچى خائىنلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن قۇربانلىق بولۇپ كەتتى. سېپىل دەرۋازىسىغا ئېسىلغان باشلارنى كۆرگەن ئاۋام غەزەپ ئوتىدا ئۆرتەلدى، ئۇلار بۇ ئىنسانىيەتسىزلىك دۇنياسىنىڭ زۇلمەت قايغۇسىنى چوڭقۇر سەزگەن ئىدى. سېپىل سىرتىدىكى ئاۋام قورقۇش ئەمەس ئەكسىچە دۈشمەندىن ئىنتىقام ئېلىشنىڭ پۇرسىتىنى كۇتتى. ھامۇت دېھقان بولسا ئىچىدە «سېپىلنى ئۆرۈشكە كۈچىمىز يەتمىسە، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئەيىپلەشلەشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق ئەلۋەتتە، ئەمما ئالدىمىزدا سېپىل بار دەپ ھەرگىز بويۇن ئەگمەسلىكىمىز لازىم، پەيت كەلگەندە سېپىلنى ئۆرۇپ ئىچىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۆچىمىزنى ئېلىشىمىز كېرەك» دەپ ئىچ – ئىچىدىن جاسارەتكە تولۇپ، ئادالەت ئۈچۈن جېنىنى تىكىشكە تەق بولۇپ تۇردى ۋە كۆزلىرىدىن قىساس ئۇچقۇنى چاچرىتىپ تۇرۇپ، بىردەم قوشۇن قارارگاھى تەرەپكە قارىسا، يەنە بىر دەم سېپىلنىڭ تەخمىنەن يەتتە غۇلاچ ئېگىزلىكتىكى ھەيۋەتلىك تاملىرىغا قارىدى…

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top