You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئىلاخۇن تېۋىپ

ئىلاخۇن تېۋىپ

ئىلاخۇن تېۋىپ

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئىلاخۇن تېۋىپ بولسا، ئەردەمنىڭ ئۆز يول باشچىسى ھەزرىتىمنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قىلچىمۇ ئويلاپ قويماي، دۈشمەن ئوقىغا كۆكرىكىنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ باھادىرلىقىنى ھەر ئويلىغىنىدا، ئۇنىڭغا ئىچ – ئىچىدىن كۆيۈپ، مېھرىبالىق بىلەن قارايتتى ھەتتا ئۇنى ئۆزىگە مەڭۈلۈك ئوغۇل قىلىۋېلىشنىمۇ ئويلىمىدى دېگىلى بولمايتتى. ئەردەممۇ ئىلاخۇن تېۋىپقا ئۆزىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا قىسقىچە سۆزلەپ بەردى. بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى نېرىدا تۇرۇپ تاماق تەييارلاۋاتقان پەرۋىن قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ بىر – بىرلەپ ئاڭلاپ تۇردى. ئىلاخۇن تېۋىپ ئۆزىمۇ گەپدان ئادەم بولغاچقا، يىگىتنى زىرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ھازىرقى ئەركىنلىك جەڭچىلىرىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خەلقنىڭ ھازىر ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كۈچىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ۋە دۈشمەننى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنگەنلىكىنى ئىزاھلىدى.

مانا بۇ ھادىسە كەڭ ئاۋامنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئويغىنىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، بۇ ئويغىنىش ئاۋازى پۈتۈن خوتەن دىيارىدىن ھالقىپ تارىم دەريا ۋادىسىدىكى خەلقنىڭ قەلب تارلىرىنى چەكمەي قالمايدىغانلىقىنى، بۇنداق بىر ئويغىنىش ئاۋازى ئادەتتىكى بىر ئاۋازغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، بۇ ئويغىنىش ئاۋازى پات يېقىندا پۈتۈن ئانا ۋەتەننىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، روھىي دۇنياسىدا غەرق ئۇيقۇدا ياتقان بىر مىللەتنى تىترىتىۋېتىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئەركىنلىك ھاۋاسىنىڭ پۈتۈن خەلقنىڭ كۈرەشچان روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر قاتار سىياسىي مەسىلىلەرنى ئالدىرىماي بىر – بىرلەپ چۈشەندۈردى. ئاندىن ئۇ سۆزىنىڭ تېمىسىنى ئۆز كەسپى تەرەپكە يۆتكەپ، تېبابەتچىلىككە ئائىت تېمىلاردىن سۆز ئاچتى. ئۇ ئالدىدىكى پىيالىدىكى چاينى ئېلىپ بىر ئوتلىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى:

‐ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ناھايىتىمۇ زىچ باغلىنىشى بارلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر تېبابىتى تەبىئەتنىڭ ھاياتلىققا دائىم زىچ تەسىر قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. بولۇپمۇ كەڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تۆت چوڭ تادۇ، يەنى ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. تەبىئەت دۇنياسى بولسا بۇ تۆت تادۇ زىددىيىتى نەتىجىسىدە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئىنسانلارنىڭمۇ ئۇلارنىڭ دائىملىق تەسىرىدە بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارسىزماددىلارنىڭ يېتىلمەيدىغانلىقىنى، ھاياتلىقنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بولسا، تۆت چوڭ تادۇ ئوخشاشمىغان تۆت خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە يەنى ئوت قۇرۇق ئىسسىق؛ ھاۋا ھۆل ئىسسىق؛ سۇ ھۆل سۇغۇق؛ تۇپراق قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ، دەپ، قارايدۇ. ئۇلار بىر – بىرىگە زىت كېلىدۇ، شۇنىڭدەك بىر – بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ.

بەدەندە ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت تۆت خىل كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. تۆت خىل كەيپىياتنىڭ بەدەندىكى قارىمۇقارشى پائالىيەتلىرى، يەنى بىرىكىشى ياكى تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە مىزاج ھاسىل بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق جانلىق مەۋجۇدادلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىزاجى بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇدادلارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكلىرى تۆت چوڭ ماددىنى دەۋر قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قايسى مىزاجغا مەنسۇپ بولۇشى تۆت چوڭ ماددىدىن قايسى بىرىنىڭ غالىپ ئورۇندا تۇرغانلىقىغا باغلىق بولىدۇ. ئەسلىدە تەبىئەت ھېچقانداق بىر نەرسە جانسىز بولمايدۇ. ھەرقانداق نەرسە دائىم ھەرىكەت ئىچىدە بولىدۇ. تەبىئەتكە ئىنچىكىلىك بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساق، كۈزدە دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرىنىڭ سارغىيىپ تۆكۈلىدىغانلىقىنى، گۈللەرنىڭ سولىشىپ قۇرۇشىغا شاھىت بولىمىز. ئەمما، يەنە باھارنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قايتىدىن تىرىلىدىغانلىقىنى. ھەممە نەرسە قايتىدىن جانلىنىپ پۈتۈن تەبىئەت ياپ – يېشىلچىلىققا پۈركىنىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.

بۇ دۇنيانىڭ نىزامىنىڭ دائىم ھەرىكەت ئىچىدە بولىدۇ، كونىسى ئۆلۈپ، يېڭىسى بارلىققا كېلىپ، يېڭىلىش ھالىتىدىكى ھەرىكەت نىزامىغا بويسۇنىدۇ. ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىمۇ خۇددى ئەنە ئاشۇ تەبىئەتتىكى ھادىسىلەرگە ئوخشاش دائىم ھەرىكەت ھالىتىدە بولىدۇ ۋە كونا زەررىچىلەر ئۆلۈپ يېڭىلىرى تىرىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تېبابىتى تەبىئەت بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا دائىم تەبىئەتتىكى تەبىئىي ماددىلارنى خۇرۇچ قىلىپ ياسالغان دورىلاردىن پايدىلىنىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنداق داۋالاش ئۇسۇللىرى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەھمۇد كاشغەرىي بۇنىڭدىن مىڭ يىل ئىلگىرى يازغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق كىتابىدا ئۆزىدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرىكى خەلق قوشاقلىرى ۋە ماقال – تەمسىللەرنىڭ كۆپلىگەن نەمۇنىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ يىراق ئۆتمۈشىگە ئائىت ئىكەنلىكىنىمۇ بايان قىلىدۇ. مەسىلەن:

ئەردى ئۇزا ئەرەنلەر،

ئەردەم بايى بىلىك تاغ،

ئايدى ئۈكۈش ئۈگۈتلەر،

كۆڭلۈم بولۇر ئانار ساغ.

دەپ، يېزىلغان تۆتلۈك بېيىتلار ئارقىلىق مۇنداق مەنىنى ئىپادىلىگەن:«ئۆتكەن قەدىمكى زامانلاردا تاغدەك بىلىملىكلەر، ھېكىملەر ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەر ئۆتكەنىدى. ئۇلار نۇرغۇن ئۈگۈت – نەسىھەتلەرنى ئېيتقان. ئۇلارنى ئەسلەش كۆڭۈلگە ساقلىق – ئاراملىق بىغىشلايدۇ.» بۇندىن باشقا يەنە «ئېگىر بولسا ئەر ئۆلمەس» يەنى ھەر ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پىلانلاش لازىم دېگەن مەنىدىكى بۇ ماقالدا، «ئېگىر» قورساق ئاغرىقىغا داۋا بولىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك يىلتىزى بولۇپ، قورساق ئاغرىقىغا دۇچار بولغان ئادەم ئۇنى يېسە ساقىيىدۇ. شۇڭا ئۇنى يېنىدا ساقلىغان ئادەم قورساق ئاغرىقىدىن ئۆلمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تېبابەتچىلىككە ئائىت مۇنداق ماقالمۇ بار، «ئەندىز بولسا، ئات ئۆلمەس» يەنى يولۇچىنى سەپەرگە ئوبدان تەييارلىق كۆرۈشكە ئۈندەپ ئېيتىلغان بۇ ماقالدا، «ئەندىز» يەردىن قېزىۋىلىپ ئاتنىڭ قورساق ئاغرىقىغا دورا قىلىدىغان يىلتىز بولۇپ، بۇ يىلتىزنى يانجىپ كېسەل ئاتنىڭ بۇرنىغا تېمىتسا، ئات ساقىيىدۇ. دېمەك، بىز «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى بۇنىڭغا ئوخشايدىغان نۇرغۇن شېئىر – قوشاق ۋە ماقال – تەمسىللەر ئارقىلىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى يىراق ئۆتمۈشكە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز. قولىنى ئاۋايلاپ ئولتۇرغا ئەردەم ئىلاخۇن تېۋىپنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكنى تەبىئەتتىكى تۆت تادۇغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشلىرىنىڭ تېگىگە ئانچە يېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن مىسال ئالغان قوشاق ۋە ماقاللارنى ئوبدان چۈشەنگەن ئىدى. بولۇپمۇ «ئەردەم» دېگەن ئىسمىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا قەيت قىلىنغانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈندى ۋە بۇ ئىسىمنىڭ «پەزىلەتلىك، ئەدەپ – ئەخلاقلىق» قاتارلىق مەنىلەردە كېلىدىغانلىقىنى بۇرۇندىن بىلسىمۇ بۇ نۆۋەت يەنە بىر قېتىم ئەسكە ئېلىپ ئۆز – ئۆزىدىن پەخىرلەندى. كېيىن ئىلاخۇن تېۋىپنىڭ تاماق يېگەچ قىلغان سۆزلىرىگە ئانچە قۇلاق سالمىدى، كاللىسىنىڭ بىر بۇلۇڭلىرىدا ئاستا – ئاستا چوڭىيىۋاتقان، مېڭىسىنى غىدىغلاۋاتقان بىر ئوينىڭ بارلىقىنى سېزىپ ئولتۇردى. ھە يەنە پاراڭ ئارىسىدا ھېچكىمگە تۇيدۇرماي پەرۋىنگە كۆز سېلىۋالغان ئىدى. ئۇ بولسا ئەمدى ئۆزىگە ئوخشاش يىگىتلىككە تولغان بىر ئوغۇل بالىنىڭ يۈرىكىدە تەبىئىي بولىدىغان ئەڭ مۆھتەشەم ھاياجان بىلەن مۇقەددەس ئىشق ئوتىدا تاۋلىنىۋاتقان ئىسسىق يۈرىكىنىڭ تېز – تېز سوقۇۋاتقانلىقىنى تۇيۇۋاتاتتى.

ئىنساننىڭ ئۆمرى ھەر خىل يوللاردا مېڭىپ ئۆتسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىر خىلدەكلا كۆرۈنىدۇ. بۇنداق چاغلاردا كۈنلەر ئەنە شۇنداق تېز – تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. مانا ھازىر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈچ ھەپتىدەك ۋاقىت بىردەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. «ھەممە نەرسىنىڭ دورىسى ۋاقىت» دېگەندەك، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەردەمنىڭ يارىسىمۇ ئوبدانلا ساقىيىپ قالغانىدى. ئەمدى ئۇ قولىنى ھەرىكەت قىلالايدىغان، يەڭگىلرەك نەرسىلەرنى ئاۋايلاپ كۆتۈرەلەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. بۇ خۇشاللىقلارنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر خۇشاللىق قوشۇلغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ھازىرلا ئىلاخۇن تېۋىپنىڭ يەتكۈزگەن خوش خەۋىرى ئىدى. بۈگۈن يەنى 1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ 20 – كۈنى دۈشەنبە يېڭى شەھەر ئىچىگە بېكىنىۋالغان خىتاي ئەسكەرلىرى ئاخىرى تەسلىم بولغان ئىدى. باش قوماندان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئالدىغا، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى ئېگىلىپ تۇرۇپ قورال تاپشۇرغان ۋە يېڭى شەرھەردىكى پۈتۈن ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى يەنى پۈتۈن قورال – ياراق، ئات – ئۇلاغ ۋە ھۆكۈمەت خەزىنىسىنى قاراقاش ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلچى تەلتۆكۈس ئازات بولغانىدى. مانا بۇ خۇش خەۋەرنىڭ ئىشىكتىن كىرىشى بىلەن بارلىق غەم – قايغۇلار تۈڭلۈكتىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى.

بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەردەم ئۆيدىن ھويلىغا يۈگرەپ چىقىپ، باھارنىڭ ساپ ھاۋاسىنى ئىچىگە قانغىدەك سۈمۈردى. ئۇ ئىككى قولىنى كەڭ كېرىپ تۇرۇپ كۆككە قاراپ «ئازاتلىق، ئەركىنلىك» دەپ قانغۇدەك ۋاقىرىماقچى بولدى. ئەمما، ئۇ قولىنى ئايىغاچقا غۇلىچىنى كەڭ كېرىپ ئاچالمىدى. شۇڭا ئۇ ئىككى قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ تۇرۇپ بۇلۇتسىز كۆككە قارىدى. قۇياش ئەتراپنى لالىلەردەك قىزارتىپ ئاستا – ئاستا پېتىۋاتاتتى. يىراقلاردىن دەريا دولقۇنلىرىنىڭ قىرغاقلارغا ئۇرۇلۇپ چىققان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئەتراپتا ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك مەشغۇلاتتىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى گىژىلداشلىرى، قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرى، ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى، موزايلارنىڭ مۆرەشلىرى، ئىتلارنىڭ ھاۋشىشلىرى، تاغدىن ئەسكەن شامالنىڭ يەڭگىل ئاۋازلىرى، ياپراقلارنىڭ شىلدىرلاشلىرى، ئىشقىلىپ تەبىئەتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئاۋازلىرى بىر – بىرىگە جۇر بولۇپ قوشۇلۇپ، مۇشۇ تەبىئەتنىڭ قوينىدا ئاجايىپ بىر تەبىئىي سىمفونىيەنى ھاسىل قىلغان ئىدى. ئەنە شۇ تەبىئەتنىڭ رېتىملىق مۇزىكىسىغا كەلتۈرۈپ ئاستا پىرقىراۋاتقان ئەردەم ئۆزىنىڭ بارلىق خوشاللىقلىرىنى كۆككە يەتكۈزمەكچى بولغاندەك، يۈزىنى يۇقىرىغا قارىتىپ رومانتىك، لېرىك ھەرىكەتلەرنى قىلدى. ئىشىك تۆۋىدە زوق بىلەن قاراپ تۇرغان پەرۋىن ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا ئىختىيارسىز ئەردەم بىلەن ئازراق ئارىلىق قالدۇرۇپ ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ئوخشاش ھەرىكەتتە پىرقىرىدى. قىزنىڭ ئۇزۇن ئۆرمە چاچلىرى باھارنىڭ ئەسكەن شامىللىرىدا لەرزان تاشلىنىپ شۇ گۈزەل بەدەن بىلەن تەڭ پىرقىرايتتى. قىزنىڭ ھەرىكىتى شۇنچىلىك ئەركىن ئىدىكى خۇددى مۇشۇ ساددا تەبىئەت بىلەن قوشۇلۇپ ۋىسال خىيالىدا شۇنچىلىك گۈزەللىشىپ بىر خىل رېتىملىق بەدىئىي ھەرىكەتنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ سوبېيكتىپ ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەۋاتاتتى.

ئىككى ياشنىڭ ھەرىكەتلىرىدىكى ئۆزگىرىش ئۆزئارا ماسلىشىپ مۆھتەشەم بىر كۆرۈنۈش گۈزەللىكىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئىدى. مانا بۇ ئادەمگە ئىستېتىك زوق بىغىشلايدىغان رېتىملىق بىر ئۇسۇل ئىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ پىرقىراشلىرى، ھەرىكەتلىرىدىكى تەبىئىي ئۆزگىرىشلەر، بۇ ئىككىسىنىڭ كۆرۈنىشىدىكى گۈزەللىك ئۇلارنىڭ قەلب تۇيغۇلىرى بىلەن شېرىن بىرلىشىپ ئۇسسۇللۇق بەدىئىي تىلنى ھاسىل قىلغان ئىدى. مانا بۇ تىل ئاشىقلارنىڭ تىلى، ئەركىنلىكنىڭ تىلى، ھۆرلۈكنىڭ ۋە ئازاتلىقنىڭ تىلى ئىدى. ئۇلار ئاستا – ئاستا پىرقىراشلىرىنى تېزلەتتى، قىزنىڭ شوخ كۈلۈشلىرىگە، ئەردەمنىڭ قەلب سادالىرى قوشۇلۇپ يۇقىرىغا قاراپ كۆتۈرۈلۈپ بىپايان كائىناتقا يېيىلدى. ئۇلارمۇ ئانا تۇپراقنى دەسسەپ تۇرۇپ كۆكتىن كېلىۋاتقان نەغمە – ناۋالارنىڭ ئاۋازلىرىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك بىر ھېس – تۇيغۇغا چۆمۈلگەندەك قىلاتتى. ئۇلار باھاردا قايتا تىرىلگەن بارلىق گۈل – گىياھلارنىڭ، دەل – دەرەخلەرنىڭ، ئۈچار – قۇشلارنىڭ ھەتتاكى كائىناتنىڭ جۇشقۇسىنى تۇيۇپ بۇ دۇنياغا قايتا تۆرەلگەندەك، روھلىرى قايتا تىرىلگەندەك بولدى. ئەردەمنىڭ بېشىدىكى قەبرە تېشىدەك چوقچىيىپ تۇرغان تۇمىقى گەرچە ئادەمگە ئۆلۈمنى ئەسلەتسىمۇ، ئەمما ھازىر ئۆلۈمنى ئەمەس، بەلكى ھاياتلىقنى، قايتا تىرىلىشنى ئەسلىتىۋاتاتتى. ئىككى ياشنىڭ مۇلايىم ھەرىكەتلىرى سۈرەت ئالەمىدىن ھەقىقەت ئالەمىگە ئۆتۈش يولىنى تەسۋىرلەپ بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ ئايلىنىشقا قاراپ تەپەككۇر قىلغان ئادەم شۇنى ھېس قىلىدۇكى، ئايلىنىۋاتقان ھەرقانداق نەرسە ھەرقانداق بىر نۇقتىدىن تۇز سىزىق بويىچە ئايرىلسىمۇ يەنە بەرىبىر باشلانغان نۇقتىغا كېلىپ قالىدۇ ۋە مۇشۇ بويىچە ئايلىنىپ تۇرىدۇ. دېمەك، بۇ ئايلىنىش شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى ھەرقانداق شەيئىدە باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش يوقتۇر. نەرسىلەردىكى باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ئۇ بىر شەكىلدۇر.

ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق شەيئى ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي بولغان يالغۇز بارلىقنىڭ بارلىقى بىلەن ئەزەلىي ۋە ئەبەدىيدۇر. شۇڭا كائىناتتىكى ھېچقانداق بىر شەيئى تەلتۆكۈس يوق بولۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ ھاللىرىنى كۆرگەن تەبىئەت قايتا جانلانغان ئىدى. نامازشام گۈللىرى پۆرەكلەپ ئېچىلىپ، خۇددى سەندەل بىلەن ئىپار يۇغۇرۇلغاندەك ئەتراپقا خۇش پۇراق چاچتى. گۈللەرنىڭ بەرگىلىرى، كۆچەتلەرنىڭ ياپراقلىرى تىترىدى، دەريا سۇلىرى مەۋج ئۇرۇپ ئاقتى. باھار ھاۋاسىدا ياڭرىغان بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ لەرزان ئاۋازلىرى قەلبكە ھوزۇر، ئىنسانغا زەۋق، جانغا مىڭ جان قاتىدىغان مۇھەببەتنىڭ غىزاسى، ئىنسان روھىنىڭ شىپاسى ئىدى. بۇ رېتىملىق ھەرىكەتلەر ئىككى ياشنىڭ كۈچلۈك ئىشقىي ئارزۇسىنى ئۇرغۇتۇپ، جانلاندۇرۇپ، ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇ يېتىشكەن ھاللار ئىشق ئوتى بىلەن يۈرەكلەرنى تاۋلاپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل رىشتىلىرىنى بىر – بىرىگە باغلىدى. زۇلمەت قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە قالغان ئانا تۇپراق پارقىراپ يورۇدى، ئاينىڭ يالتىراق يۈزى تولۇشقا باشلىدى. كۆكتىكى چاراقلاپ يانغان يۇلتۇزلار تولۇن ئاينىڭ ئەتراپىدا بىر – بىرلەپ تىزىلىپ ساماغا تۇردى. كۆڭۈل شادلىقىغا ئېرىشكەن مالائىكىلەر ھەسەت ئوتىدا كۆيىۋاتقان شەيتانلارغا قاراپ مەسخىرە قىلىپ قاھ چىقىرىپ كۈلۈشتى.

پۈتۈن جاھان توي تەغمىسىدە تەڭ پىرقىرىدى. پۈتۈن روھ ئالىمى يىراقتىن ئۇلارنى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. بۇ ئىككى ياشنىڭ ساددا ۋە تەبىئىي قىلىقلىرىنى بىر چەتتە تۇرۇپ كۆرگەن ئىلاخۇن تېۋىپنىڭ ئىچى ھوزۇرغا تولغان ئىدى. ئۇ بىر ئائىلىنىڭ خوشاللىقىنىڭ پۈتكۈل مىللەتنىڭ خوشاللىقى بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئامانلىقى ئائىلىنىڭ ئامانلىقى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆككە تىكىلدى، كۆز يەتكۈسىز چەكسىز ئاسمان ئۇنىڭغا تولىمۇ گۈزەل، تولىمۇ جەلپكار كۆرۈندى، ئۇنىڭغا يەتتە يۇلتۇز ۋال – ۋال يالتىراپ جىمىرلىماقتا. تولۇن ئاي ئۆزىنىڭ چەكسىز نۇرى بىلەن قۇياشسىز قالغان قاراڭغۇ تۈننىڭ پەردىسىنى يىرتىپ يورۇتماقتا. ئۇ ئىچىدە مۇنداق ئويلىدى: «ھەقنىڭ مۇھەببەتنى ۋە گۈزەللىكنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ سىرى، بۇ پەردىلەرنىڭ، بۇ ھېكمەتلەرنىڭ يارىتىلىشىنىڭ ئاساسىدۇر. مانا بۇ ئالەمدە، كېچىدە يۇلتۇزلار بىلەن ئاي، كۈندۈزدە قۇياش ئەڭ چاقنايدىغان جاي خوتەن بولسا كېرەك» دەل مۇشۇ چاغدا ئىلاخۇن تېۋىپنىڭ ئويلىرىنى پەرۋىننىڭ ئاۋازى بۇزىۋەتتى.

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top