You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » سابىت داموللامنىڭ قەشقەرگە كېرىشى

سابىت داموللامنىڭ قەشقەرگە كېرىشى

سابىت داموللامنىڭ قەشقەرگە كېرىشى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بارلىق ئۆلىمالار، يۇرت كاتتىلىرى، بەگ – تۆرىلەر سابىت داموللام بىلەن ئەمىر ئابدۇللاھنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ناھايىتى داغ – دۇغا بىلەن كۈتۈۋالدى. ھەتتا قەشقەردىن تۆمۈر سىجاڭ ئاتايىتەن ئۆزى يېنىغا ھېچ ئەسكەر ئالماي، ماشىنا بىلەن يېڭىسارغا يېتىپ كەلدى. تۆمۈر سىجاڭ 47 لەرگە كىرىپ قالغان، كۈچ – قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، جەسۇر، ئۆزى ئۇستىخانلىق كەلگەن، سۈزمە قاپاق كىشى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ گىروي بەستىگە ئىككى جىرتاق كۆزى ھېچ ياراشمىغاندەكلا قىلاتتى. ئۇنىڭ كۆزىگە دەسلەپتىلا تىكەندەك قادالغىنى خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ جەسۇر تۇرق – قىياپەتلىرى بولغان ئىدى. ئۇ بۇنداق جەڭگىۋار بىر قوشۇننىڭ قەشقەرگە كىرىپ، ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى چۈشۈرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى. ئۇنىڭ تار كۆڭلىدە بىردىنلا ھەسەت رىشكىسى قوزغالدى.

ئۇ سابىت داموللام بىلەن كۆرۈشە – كۆرۈشمەيلا، ئۇلارنىڭ قەشقەرگە كىرىشىنى خالاپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆزىنىڭ ھازىرقى كۈچىنى مۇبالىغىلاشتۇرۇپ، تۇڭگانلارنى تەلتۆكىس يوقىتىشقا يېتىدىغانلىقىنى، خوجانىياز ھاجىم قەشقەرگە كەلگىچە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى بىلەن قەشقەر تەرەپنىڭ پاسىلىنى يېڭىسارنىڭ شانىياز ئۆستىڭىنى چېگرا قىلىپ بەلگىلەشنى تەلەپ قىلدى. ھېچ ئويلاپمۇ باقمىغان بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، مىڭ ئەپسۇسلانغان سابىت داموللام ناھايىتى ئۆزىنى بېسىۋالغان، ئۈستۇن سىياسىيونلارغا مەنسۇپ بىر تەلەپپۇز بىلەن ئۆز قاراشلىرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى:

‐ ئۇزۇندىن بۇيان داڭقىلىرىنى ئاڭلاپ كەلدىم، نام – نىشانلىرى قۇلىقىمدا ھېلىمۇ جاراڭلاپ تۇرىدۇ، نەچچە قېتىم سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا بېرىپ، ئۆزۈمنىڭ سىلە بىلەن بىر مۇددۇئادا ئىكەنلىكىمنى، بىر جەڭگاھتا سەپ تۇتۇپ جەڭ قىلىپ، قەشقەر يېڭىشەھەرنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم. مانا ھازىر ئۇشبۇ مۇددىئا بىلەن بۇ يولغا ئاتلانغانمىز. ئۇلۇغ ئىگەمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن سىلە بىلەن ھەم دىدار بولۇش بۈگۈنگە نېسىپ بوپتىكەن. سىلىنىڭ شۇنچە ئۇزاق يولنى بېسىپ ھەم شۇنچە خېيىم – خەتەرگە قارىماي ئالدىلىرىمىزغا كەلگەنلىرىگە مىڭ ھەشقاللا. مەن بەك مەمنۇن بولدۇم. سىلىنىڭ تا كۇچادىن تارتىپ قەشقەرگىچە بولغان پۈتكۇل زېمىندا يالغۇز جەڭ قىلىپ، شاھانە غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى پەقەتلا سىلىدەك زور ئاقىل ھەم جاسارەتكە ئىگە بولغان قۇمانداننىڭ قولىدىنلا كېلىدۇ.

ئەمما يېقىندىن بۇيان قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ تېخىچە دۈشمەن قولىدا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، سەل ئۈمىدسىزلىككە قاپلىنىپ قالدىم. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ باتۇر ئەزىمەتلىرى بىلەن سىلىگە ئازراق بولسىمۇ ياردىمىمىز تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دېگەن ئويدا بولۇپ، قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ئەمدىلىكتە سىلىنىڭ ئالدىراپلا بۇنداق سۆز ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ بىر ئاز تەئەججۈپلەنگەن بولساممۇ، لېكىنزە سىلىنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان. مەن سىلىنىڭ ئۇشبۇ قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىمەن. ئەمما كەمىنە بەزى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى تەكىتلەپ قويۇشنى ئۆزۈمنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ بىلدىم.

ھازىر قەشقەردە يالغۇز تۇڭگان كۈچلىرىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايۋاتىدۇ. ئەسلى مەسىلە يېڭىشەھەرنىڭ دۈشمەن قولىدىن تەلتۆكۈس ئازات بولمىغانلىقىدا. سىلە يولىغا قاراپ، تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتقان ئۇلۇغ غازاتچىمىز خوجانىياز ھاجىمنىڭ قەشقەرگە تېزرەك كېلىشىنى بىزمۇ پۈتۈن دىلىمىز بىلەن ئارزۇ قىلىپ، ئىنتىزارلىق رىشتىسىگە تولغان تۆت كۆزىمىز بىلەن يولىغا قاراپ تۇرۇپتىمىز. ئەمما ۋاقىت توختاپ تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ خۇددى سىلە ئىككى تەرەپ چېگرا قىلايلى دېگەن شانىياز ئۆستىڭىنىڭ سۈيىدەك شارقىراپ تېز ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ.

خەلق بولسا ئازاتلىققا تەشنا بولۇپ، ئۇرۇشنىڭ تېزرەك ئاخىرلىشىپ خاتىرجەملىك كۈنلەرنىڭ تېز كېلىشىنى ئىستەۋاتىدۇ. شۇڭا بىز خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پات ئارىدا قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ، سىلە بىلەن بىر سەپتە دۈشمەنگە قارشى جەڭگاھتا جەڭ قىلىشنى ئويلاپ، بۇ مۇقەددەس يولغا ئاتلاندۇق. بىزنى بۇ يولدىن ھېچقانداق بىر كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەردىكى سىلىدىن باشقا تەرەپلەر بىزنىڭ تېزرەك قەشقەر شەھىرىگە كىرىشىمىزنى تەلەپ قىلىپ، ئالدىمىزغا ئادەملىرىنى ئەۋەتمەكتە. شۇڭا سىلىمۇ ئۆزلىرىنى بىلىپ بىزنىڭ يولىمىزنى توسمىسىلىكەن دەيمەن. ئەلۋەتتە بۇ يولدىكى سەپىرىمىز خوجانىياز ھاجىمنىڭ ئۇلۇغ ئىرادىسىگە ھەرگىز ياد كەلمەيدۇ. ھەممىمىزنىڭ مەقسەت – نىشانى بىر. ھەممىمىز بىر يولنىڭ يولچىلىرى بولىمىز.

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغا تۆمۈر سىجاڭ سەل ئىككىلىنىپ قالدى ۋە لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىمەكچى بولغاندەك قىلىپ يەنە بۇرۇنقى گەپنى تەكرارلاپ سۆزىنى باشلىدى:
‐ داموللام سىلىنىڭ بۇ ئېسىل قەلبىلىرىنى چۈشەنمىگۈدەك ئۇنچىلىكمۇ نادانلاردىن ئەمەسمەن.

مېنىڭ يەنە تەكىتلەيدىغىنىم چېگرامىزنى بەلگىلىۋېلىپ، تۇڭگان ۋە خىتايلارنى يېڭىشەھەردىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ئۆزئارا بىرلەشسەكمۇ، ئۇلۇغ ئىشىمىزغا ھېچبىر توسالغۇ بولمايدۇ. مانا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىمەن دەپ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىغا ئۆزۈم كەلگەن ئىدىم. مادامىكى ئۆزلىرىنىڭ ھازىرلا قەشقەرگە كىرگۈسى بار، بۇ نىيەتلىرى شۇنچىلىك قەتئىي ئىكەن، ئۇنداقتا بىزلەردەك ئاددى كىشىلەرگە ماقۇل دېمەكتىن باشقا بىر يولمۇ يوق. ئاتىلىرىمىز «چاقماق چۈشسە ئوت تۇتىشار، سۆز ئاڭلىتىلسا مەقسەت بىلىنۇر» دەپتىكەن. مەقسەت – نىشانلىرىمىز ئايان بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا سىلىنى قەشقەردە كۈتىمىز.

شۇنداق قىلىپ سابىت داموللام بىلەن تۆمۈر سىجاڭ ئۆزئارا كېلىشكەندىن كېيىن، يېڭىسارنىڭ كاتتىلىرى بۇ ئىككى زاتنىڭ ئۆزئارا كېلىشكەنلىكىنىڭ شەرىپىگە كاتتا بىر تەبرىكلەش زىياپىتى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ زىياپەتكە يېڭىساردىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۆتىۋەرلىرى ۋە قوماندانلار قاتناشتى. بۇ كاتتا زىياپەتكە داخىل بولغان كاتتىلارنىڭ بەزىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشكەنلىكىنى تەبرىكلەپ ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ئۆزلىرىنىڭ خوشاللىقىنى ۋە مەمنۇنىيەتلىرىنى بىر – بىرلىرىگە بىلدۈرۈشۈپ سۆزلەشسە، بەزىلەر بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋېتىدىن سەل ئەنسىرىگەندەك سۆز ئىپادىلەردە بولۇپ، بىر – بىرلىرىنىڭ قۇلاقلىرىغا كۇسۇرلىشىشاتتى.

يەنە ئاز ساندىكىلەر بولسا ئىتتىپاقنىڭ بۇزۇلىشىنى ئىچ – ئىچىدىن ئارزۇ قىلىپ، ئۆز ھەسەتلىرىنى ئىچىگە زەھەر يۇتقاندەك يۇتۇپ، داستىخانىدىكى نازۇ – نېمەتلەرنىڭ تەمىنىڭ قانداقلىقىنىمۇ بىلەلمەي ئولتۇرۇشاتتى. ئەمما ئەڭ ئىچىنارلىقى يۈزلىگەن كىشى قاتناشقان بۇ كاتتا زىياپەتتە زور كۆپچىلىك كىشى كەلگۈسىدىكى ۋەتىنىمىز، دۆلىتىمىز، مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى بىلەن كارى يوق ئىدى. خۇددى ئەتە ئالىدىغىنىنى ئېلىپ پېشىنى قېقىپ كېتىدىغاندەكلا بىر تۇيغۇدا، بۇ ئىشلارغا ئېرەنسىزلىك بىلەن مۇئامىلىدە بولاتتى. ئۇنداقلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ يۈز ئىپادىسىدە كەسكىنلىكنىڭ ئالامىتىدىن ئەسەر يوق ئىدى. ئوخشىغان تائاملارنى شۇنچىلىك ئىشتىياق بىلەن يەپ، ئۆزىنىلا ئويلايتتى. ئۆزى قانچىلىك مەنپەئەتدار بولسا شۇنچىلىك مەنپەئەتلىنىشنىڭ كويىغا چۈشكەن ئىدى. باشقىلار ئاچلىقتىن ئۆلەمدۇ، ئۇرۇشتا قىرىلىپ كېتەمدۇ ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى.

مانا بۇ ئادەمنى ئەڭ ئىچىندۇراتتى. بۇنداق كىشىلەرگە نېمە دېگۈلۈك. خائىن بولسىغۇ ئېتىۋېتىپلا قۇتۇلىسەن، ئەمما بۇ روھى زەئىپ ئىنسانلاردىن قانداق قۇتۇلغىلى بولسۇن؟ بۇلار تېخى يۇرتنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئەمەسمۇ؟ بۇلار بىلەن قانداقمۇ بىر دۆلەت قۇرالايسەن؟ دۆلەتنى قۇرغان تەقدىردىمۇ قانداق تەرەققى قىلدۇرسەن، مەۋجۇتلۇقىنى قانداق داۋاملاشتۇرىسەن؟ بۇنداق ئۆزىنىلا ئويلاپ «مېنى چاقمىغان يىلان، مىڭ يىل ياشىسۇن» دەپ، ئۆزلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا ھېچ باش قاتۇرمايدۇ. ئەمما ئۆزلىرىنىڭ پايدا – زىيىنىغا كەلگەندە خامالىئوندەك قاسراق تاشلاپ، تېرىسىنى يەڭگۈشلەپ ھەر كۈنى باشقا بىر كىملىكنىڭ ئىچىگە پۈركىنىۋالىدۇ. دېمەك، بۇنداقلارنىڭ ئەقلى بار، ئەمما پىكرى يوق ئىنسانلار ئىدى. بۇنداق تىپقا مەنسۇپ ئىنسانلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىچىدە بەكمۇ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيتتى.
سابىت داموللام بولسا ئەنە ئاشۇنداق بىر جەمئىيەتتە «ۋاپاغا جاپا بارمۇ دېسە، ئىزدىسەڭ تېپىلار» دېگەندەك ئۆز ئىستىكى بىلەن بۇ ئاخىرى گۇڭگا يولنى داۋاملاشتۇرۇشقا بەل باغلىغانىدى. چۈنكى سابىت داموللامنىڭ ھاياتى ئۈمىدكە تولغان بىر ھايات ئىدى. ئۇنىڭ يولى ئۈمىد يولى ئىدى. ئۇنىڭ يوللىرى ئۈمىدنىڭ چېچەكلىرى بىلەن بىزەلگەن بولۇپ، ئەمدى بۇ ماكان ئۈمىد قۇچىقىدا تەپچەكلەشكە باشلىغان ئىدى. مانا مۇشۇ ئۈمىد بىلەن تىپچەكلىشىۋاتقان بۇ پىنھان زېمىندا ھەر خىل ۋەقەلەر ھامان ئۈزلۈكسىز تۇغۇلۇپ تۇراتتى. يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ مەنبەسى ئەلۋەتتە بار ئىدى. خۇددى بۇ ئېقىن سۇلارنىڭ ئېگىز تاغلاردىن سېرىلىپ ئېقىپ كەلگىنىدەك ۋە گىياھلارنىڭ يىلتىزىدىن بىخ ئۇرۇپ ئۈنۈپ چىققىنىدەكلا بىر ئىش ئىدى.

1933 – يىلى 7 – ئاينىڭ 21 – سابىت داموللام، ئەمىر ئابدۇللاھنىڭ قوماندانلىقىدىكى خوتەن قوشۇنى بىلەن ئەزىزانە قەشقەر شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. سابىت داموللام ئۇزۇن يىللار ئايرىلىپ، ئانا يۇرتنى سېغىنىش ھەسرىتىدە، مۇشۇ كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلغان ئىدى. ئەمما ئۆزىنىڭ خاتىرىسىدە قالغان قەشقەرنىڭ جۇشقۇن قىياپىتىدىن روشەن بىر ئالامەت قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋات بازارلىرى، تىنىمسىز سودا بولۇپ تۇرىدىغان رەستىلىرى، ئاشپۇزۇللارنىڭ ئالدىدىكى ئاشپەز ئۇستاملارنىڭ يۇمۇرلۇق ۋارقىراشلىرى، چىرايلىق ياسىنىۋالغان قىز – جۇۋانلارنىڭ ماڭدامدا بىر ئۇچراشلىرى، تال – چىۋىقنى ئات قىلىپ ئويناپ يۈرگەن شوق بالىلار، ئېتىز – ئېرىقلاردىكى دېھقانلارنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرى، تۈرلۈك شېرىن تاتلىق مېۋىلەر بىلەن تولغان گۇپ – باراقسان باغلاردىن كېلىدىغان شاپتۇل – ئۈرۈكلەرنىڭ مىزىلىك پۇراقلىرى، ئۇ باغلاردىكى خۇشناۋا بۇلبۇللارنىڭ يىقىملىق سايراشلىرى، تۈمەن دەرياسى بىلەن قىزىل دەريانىڭ ئېگىز سۈيىگە تولۇپ شوخ ئېقىشلىرىدەك بارلىق گۈزەللىكلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالغان ئىدى. ئىككى دەريا قېتىلىدىغان جايدىكى مۇنبەت تۆپىلككە بىنا قىلىنغان، تۇنجى تۈرك ئىسلام خانلىقى ھېسابلىنىدىغان قاراخانىيلار خانلىقى (840 – 1212 – يىللىرى) نىڭ سىياسىي پايتەختى بولغان، شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم ئالاقە تۈگۈنى، تۈرك خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بۆشىكى بولغان بۇ قەدىمى مەدەنىيەتلىك شەھەرنىڭ بۇرۇنقى جەزبدارلىقىدىن ھېچ بىر ئىزنالار قالمىغان ئىدى.

سابىت داموللامنىڭ ئەندىشە ئىچىدە قالغان كۆزىگە، بۇ شەھەرنىڭ خانۇ – ۋەيرانچىلىق ئىچىدە، كۈلى كۆككە سورۇلغان ئۆيلىرى، يۈرەكلىرى قان – زەرداپ بىلەن تولغان ئىنتايىن نامرات شەھەر ئاھالىسى، يۈزلىرى ياش يۇقى بىلەن تولغان، ئۈست – بېشى جۇلجۇل بولۇپ كەتكەن بوينىنى قىسىشىپ تۇرغان يېتىم بالىلار ماڭدامدا بىر چرلىقىپ تۇراتتى. ھەممە يەر ئۇرۇشنىڭ ۋەھىمىسىگە، ھەسرەت – پىنھانغا تولغان بۇ شەھەر خۇددى نادامەت ئوقىدا شىكەستىلەنگەن قېرى ئارسلاننىڭ ئېڭراپ جان تالىشىپ ياتقىنىغىلا ئوخشايتتى. بىردىنلا داموللامنىڭ يۈرىكى ئوۋچىنىڭ خالتىسى ئىچىدە تىپىرلاۋاتقان قۇشتەك كۆكرەك قەبىزىگە ئۇرۇلۇپ، ۋۇجۇدىنى ئاچچىق بىر ئاغرىق چىرمىۋالدى. ئىچدىن چىققان ئاچچىق زەرداپنى، قولياغلىقىنى چىقىرىپ ئاستا ئېيتىپ، ئەقلىدىن مۇنداق خىياللارنى كەچۈردى:

‐ ھەي! ئىسىت قەشقەرىم، سەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىباھا ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان، تۈرك تىلى، ئەدەبىياتى ۋە تۈرك پەلسەپىسىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى ھېسابلىنىدىغان «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسەرنى يازغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئانا يۇرتى ئەمەسمىدىڭ؟ سەن يەنە دۇنياغا مەشھۇر بولغان، تۈرك تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى دۇنياغا نامايەن قىلغان، تۈرك خەلقىنىڭ كىملىكىنى ئالەمگە تونۇتقان «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ گۈزەل ۋەتىنى ئەمەسمىدىڭ؟ دەپ ئۆز ئۆزىگە ئاچچىق سوئال قويۇپ تۇرالغۇغا يېتىپ كەلدى.

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top