You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ۋەتەن ھەسرىتى (3)

ۋەتەن ھەسرىتى (3)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال، قېيىنئانىسى سەيىدەخان ھاجىم بىلەن ئائىلىسىنى ھەج تاۋاب قىلىش ئۈچۈن مەككىگە يولغا سېلىۋەتتى. ئاندىن مۇھەممەد رىزانى ئىنگلىز ۋە ئوردۇ تىللىرىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن غۇلام مۇھەممەد خاننىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرۇپ، بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى «ئابدۇللاخان»غا ئۆزگەرتىپ،  15 ئادىمى بىلەن پامىر تاغلىرىغا قاراپ ئاتلاندى. قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقى تازا ئەزۋەيلەيدىغان فېۋرال ئايلىرىنىڭ باشلىرى بولغاچقا، ھىندىستان چېگرالىرىدىن پامىر تاغ ئېتەكلىرىگىچە بولغان تاغ يوللىرى غىچ قار بىلەن قاپلانغانلىقتىن، ئات بىلەن يول ئېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇلار كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ئۆزلىرى يۈدۈپ پىيادە يول ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. ھاۋا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قاتتىق جۇدۇن بولغان كۈنلەردە، ئۇلار داۋاملىق مېڭىشقا ئامالسىز قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا، ئۇلار مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئۆزلىرىگە ئازراق دالدا بولىدىغان بىرەر يەرنى تېپىپ، گۈلخان يېقىپ تۈنەيتتى. ھاۋا ئېچىلغاندا يەنە داۋاملىق نىشانغا قاراپ يول ئالاتتى.

بۇ مۈشكۈل يوللاردا ئەردەمگە مەدەت ۋە ئۈمىد بېرىۋاتقىنى، يەنىلا شۇ ئانا يۇرت سۆيگىسى ئىدى. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن، ۋەتەن تۇپراقلىرىغا چاققانراق يېتىۋېلىشنى ئويلايتتى، ياقا يۇرتلاردا سەرسان ھايات كەچۈرگەندىن كۆرە، ئۆز ۋەتىنىنىڭ تۇپراقلىرىدا دۈشمەنلىرى بىلەن ئېتىشىپ ئۆلگەننىڭ ئۆزى مىڭ ھەسسە ئۇلۇغ ئىش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ يېتىۋاتاتتى. ئۇ ئۇدۇل بېرىپ ئوخشاش بىر تىلدا پاراڭلىشالايدىغان ۋە چىرايى ئۆزىگە ئوخشايدىغان ئاشۇ كىشىلەرنى، يۈرىكىنى ئىللىتىدىغان ۋە روھلىرىنى ئويغىتىدىغان چۈشلەرنى كۆرەلەيدىغان مېھرى ئىسسىق يۇرتىنى بەكمۇ سىغىنغان ئىدى. ئۇ دۈشمەندىن قېچىپ قۇتۇلدۇم دەپ ئويلاپ، ئۆزىدىن سايىدەك نېرى كەتمەيدىغان ھىجران ئازابىغا تۇتۇلغانلىقىدىن بەكمۇ ئىزتىراپ چېكەتتى. مانا ئەمدى، ئۇ ئۆز يۇرتىنىڭ چېگرىسىغا قاراپ قارلىق تاغ يوللىرىدا كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدى، يۇرتىنىڭ چېگرىسىغا تېزرەك يېتىۋېلىشلا ئىدى. ئۇلار قاتتىق سوغۇقتا بىر ئايغا يېقىن قاقاس دالىلاردا، تاغ ئېدىرلىرىدا يول يۈرگەچكە، تومۇرلىرىدىكى قانلىرى توڭلاپ قالغاندەك ھەممە يەرلىرى ئۇيۇشۇپ كەتكەن ئىدى.

مانا بۈگۈن، يول ئۈستىدە ئافغانىستاندىكى ۋاخان قەبىلىلىرىدىن بىرىگە مەنسۇپ بىر چارۋىچىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ چۈشتى. ئۆينىڭ ئىچى تالادىن بەتتەر سوغۇق ئىدى. دېرىزىلىرىدە قات – قات مۇز تۇتۇپ كەتكەن بولۇپ، يېغىۋاتقان قار ئۇچۇپ كېلىپ دېرىزىگە ئۇرۇلغاندا، دېرىزىدىكى مۇزلار ئۈستىدە قېتىپلا كاللەك – كاللەك بولۇپ قالاتتى. قار ئۇچقۇنلىرى دېرىزىگە ئۇرۇلغاندىن كېيىنكى تاراسلىغان ئاۋاز كىشىنىڭ قەلبىگە مۇزدەك بىر دەھشەتنى ياغدۇراتتى. ئۆينىڭ لاي سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە چۆرىلىرى تىتىلىپ كەتكەن ئەسكى كىگىزدىن باشقا بىر نەرسە يوق ئىدى. ئۇلار پەگادىكى كۈللىرى سورۇلۇپ تېشىغا چىقىپ تۇرغان ئوچاققا ئوت يېقىپ، ئۆينى ئازراق ئىسسىتتى. قايناقسۇ قاينىتىپ يانلىرىدا ئېلىۋالغان نانلىرى بىلەن قورساقلىرىنى بىر ئاز ئەستەرلىگەندىن كېيىن، يېتىشقا تەرەددۇت قىلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇخلىشى ئەسلا مۇمكىن بولمىدى. چۈنكى ئەسكى كىگىزنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان بۈرگىلەر بىردىنلا ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئۇلارغا «ھۇجۇم» باشلىۋەتكەن ئىدى.

گەرچە چىراقنى ياندۇرۇپ، كېچىچە بۈرگە قوغلاپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۈرگىلەرنىڭ قورشاپ كېلىشلىرىدىن ھەرگىز قۇتۇلالمىدى. كېچىچە ئۇخلىيالماي، جاق تويۇپ چىققان كىشى يەنە شۇ ئەردەم بولدى. ئۇنىڭ قېنى باشقىلارنىڭ قېنىدىن تاتلىقمىكىنتاڭ، ھەممە بۈرگىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىدا سەكرەپ، نېرى كېتەلمەيتتى، جۈدەڭ تەنلىرىدىكى تاتلىق قانلىرىنى شوراپ، ئۇنىڭغا ۋەھشى زۇلۇم قىلاتتى. ئەردەم  بۈرگىلەرنىڭ قەبىھ قان شورىشىغا چىدىيالماي، ئۇلارنى تۇتۇۋالغان ھامان مىجىپ تاشلىغۇسى كېلىپ، ئەتراپنى كۈزىتىپ ئۇخلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۈن – تىن چىقارماستىن «چىم» قىلىپلا چىقىشتەك كەسكىنلىكىگە بىر تەرەپتىن قول قويۇشقا مەجبۇر بولدى.

تاڭ ئېتىش بىلەن تەڭ، يولۇچىلار بۇ «دوزاق»تىن تېزرەك قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ، يولغا ئاتلاندى، تالادا تېخىچە قار يېغىۋاتقان ئىدى. بۈرگىنىڭ دەستىدىن كېچىچە كىرپىك قاقمىغان ئەردەم سىرتتىكى ساپ ھاۋانى ئىچىگە تولدۇرۇپ – تولدۇرۇپ سۈمۈردى، ئاندىن بىر – بىرىگە سوقۇلماي، ئۆزئارا زىيان – زەخمەت يەتكۈزمەي ھەممىسى ئۆز يولى بويىچە تۆۋەنگە چۈشۈۋاتقان سان – ساناقسىز قار ئۇچقۇنلىرىغا جۈدەڭ يۈزىنى ئۇزۇنغىچە تۇتۇپ تۇردى. ئۇ يەڭگىل – يەڭگىل نەپەس ئالغاندىن كېيىن ئىچى ئازراق يورۇپ قالغاندەك بولدى – دە، يولىنى داۋام قىلدى. ئۇلار نىھايەت 6 – مارت كۈنى ئافغانىستاننىڭ ۋاخان جىلغىسىغا يېتىپ كەلدى. گەرچە باش باھار يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ تاغلىق رايونلاردا قارلار تېخىچە ئېرىمەي شۇ پېتى تۇراتتى. بۇنداق چاغدا پامىردىن ئادەملەرنىڭ ئۆتۈشى ئىمكانسىز ئىدى. ئۇلار يولنىڭ ئېچىلىشىنى ساقلاپ بۇ يەردە ئىككى ئاي تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى.

بۇ ئىككى ئاي جەريانىدا، ئۇلار سوغۇق ھەم ئۆزگىرىشچان ھاۋا ئىقلىمىدا كۆرمىگەن كۈننى كۆردى. ئەمما پامىر يولىنىڭ قارلىرى ئېرىپ يول ئېچىلىشى بىلەن تەڭ، يۈرەكنى ئېزىدىغان شۇم خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدى. ئۇلار ئۇياقتىن قېچىپ ئۆتكەن يۇرتداشلىرىدىن تۇڭگانلارنىڭ خوتەن خەلقىگە قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تېخىمۇ ئىشەنچىلىك ئاخباراتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تاشقورغان تەرەپكە پامىر قىرغىزلىرىدىن جاسۇس يوللىدى.  ئېرىشكەن مەلۇماتلاردىن شۇ ئېنىق بولدىكى، پۈتۈن يوللارغا خىتاي ۋە رۇس ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلار كىرگەن ھامان تۇتۇشقا تەق بولۇپ تۇرغانلىقى مەلۇم بولدى. تەبىئىي شارائىتى ئىنتايىن ناچار، كىرىش ۋە چىقىش ئېغىزلىرى پۈتۈنلەي دۈشمەن قاراۋۇللىرىنىڭ كېچە – كۈندۈز چارلىشى ئاستىدا تۇرغان يولدىن ئۆتۈپ ۋەتەنگە كىرىشنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكى، ئۇلارغا ئالدىدا چوقچىيىپ تۇرغان تاغدەك ئېنىقلا كۆرۈنۈپ تۇرغان رېئاللىق ئىدى.

ئەمدى ئۇلارنىڭ ئافغانىستانغا چېكىنىشىدىن باشقا يولى قالمىغانىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارقىغا چېكىنىشكە رايى بارمايتتى. ئەنە ئاشۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان تاغنىڭ ئارقىسىدىكى يۇرتىغا قايتالماي چارىسىزلىك ئىچىدە بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشى، ئۇلارغا بەك ئەلەم قىلىۋاتاتتى. ئاخىرى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئافغان قەبىلىلىرى بىلەن كېلىشىپ ئۇلاردىن قورال ۋە ئادەم كۈچى سېتىۋېلىپ، ۋەتەن چېگرىسىدىن باستۇرۇپ كىرمەكچى بولدى. شۇڭا ئۇ قولىدىكى بار ئىقتىسادنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا بەردى، بىراق بۇ پىلانمۇ سۇغا چىلاشتى. بۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سالغانلىقىغا مىڭ پۇشايمان قىلدى. چۈنكى، ئىلگىرى گەپنىڭ چوڭىنى قىلغان قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن كېيىن ھېچبىر پايدىلىق سادا چىقمىغان ئىدى. ئۇلار ئادەم كۈچى ياردەم قىلىش ئۇياققا تۇرسۇن، ھەتتا ئالتۇن – كۈمۈش تۆلەپ ئالغان قوراللارنىمۇ بەرمىدى. بۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا يا ئالدىغا ماڭالماي، يا ئارقىغا يانالماي، بۇرغىل چېگرا ئېغىزىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدى. بۇ چاغدا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا كېيىن كېلىپ قوشۇلغان 30 پىدائىي ۋەتەنگە كىرىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ئۇياق – بۇياققا تارقاپ كېتىشتى. ئۇنىڭ يېنىدا بارلىق جاپالارغا ئاخىرىغىچە چىداپ، چىشىنى چىشلەپ قالغىنى يەنە شۇ ئەردەم قاتارلىق ئۆزىنىڭ ئادەملىرى ئىدى.

ۋەھالەنكى، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭمۇ ئەمدى ھېچ چىدىغۇچىلىكى قالمايۋاتاتتى. ئەردەممۇ بۇ يەردىكى قىيىنچىلىقلاردىن ۋە ۋەتەن ھەسرىتىدىن جېنى بىلەن تەڭ روھىمۇ ئۇپراپ، ھېچبىر ماجالى قالمىغان ئىدى. ئەردەم بەزىدە ۋەتەندىن كەلگەن خەۋەرلەنى ئاڭلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. چۈنكى بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىچى تېخىمۇ ياناتتى، ۋەتەننىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ روھى چۈشەتتى ۋە دوستى ئەبەيدۇللاھنىڭ ھاياتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلاتتى. چۈنكى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى يات ئەللەردە شۇنچىلىك قىيىن ھالدا تۇرسىمۇ، دوستىغا بولغان رىشتى يەنىلا ئۈزۈلمىگەن ئىدى. ئۇ دوستىغا ياردەم قولىنى سۇنالمىغانلىقىدىن قاتتىق زەردىگۆش بولۇپ، ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئاجىز، قانچىلىك چارىسىز ئىكەنلىكىنى سېزەتتى، شۇڭا ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە بۇرۇقتۇرما بولۇپ كېتىۋاتاتتى. بىر كۈنى، ئۇ ۋەتەن تەرەپكە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئىچىدە نەچچە ۋاقتىن بېرى يىغىلىپ قالغان ھەسرەتلىرىنى ۋە ھارغىن روھلىرىدىن ئۇرغۇپ چىققان قەلب نىدالىرىنى كۆڭلىگە تىزىلغان مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلىدى:

سىيا قىلىپ قېنىمنى، تېنىمنى قەلەم،

سۆيگىنىم پەرۋىن ئۈچۈن مەكتۇپ يازدىم.

ئاققان سۇدەك زامان ئۆتتى تەنھالىقتا،

ئېھ! ۋەتەن سېغىنىشتىن ئەمدى ھاردىم.

مۇپتىلا بولدۇم دەرتكە ياش چېغىمدا،

بىر قېتىملا ئولتۇرغانىدىم يار يېنىدا.

ئەرك ئۈچۈن يۈردۈم تالاي مۈشكۈل يولدا،

غازاڭدەك ئۇچۇپ ھەريان، ئەمدى ھاردىم.

گۈلىمىز ئېچىلمايلا بىۋاق سولدى،

نوتىمىز كۆكلىمەستىن قۇرۇدى، سۇندى.

سېغىنىشتىن قەلبىم پىراق، دەرتكە تولدى،

كېزىپ تاغ – داۋانلارنى ئەمدى ھاردىم.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top