You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۆسمۈر قىز بىلەن كافكا

ئۆسمۈر قىز بىلەن كافكا

ئۆزلەشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

فرانز كافكا(1883 – 1924) ھاياتى بويىچە ھېچ ئۆيلەنمىگەن بولغاچقا پەرزەنتتىمۇ يوق ئىدى. ئەمما ئۇ ئۆسمۈرلەرگە قانداق بىر مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى نەچچە بالا تېپىپ تەربىيەلىگەن ئاتا – ئانىلاردىن نەچچە ھەسسە ئوبدان بىلەتتى. ئۇ، بىر كۈنى بېرلىندىكى بىر باغچىدا سەيلە قىلىپ كېتىۋېتىپ، توساتتىن يول بويىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقتا بىر ئۆسمۈر قىزنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىغا كۆزى چۈشىدۇ. قىزنىڭ پەرىشانلىق ئىچىدە يىغلاپ ئولتۇرۇشلىرىغا يۈرىگى چىدىمىغان كافكا،ئاستا ماڭدام ئېلىپ قىزنىڭ يېنىغا كېلىدۇ ۋە ئورۇندۇقنىڭ بىر ئۇچىدا ئولتۇرىدۇ – دە, قىزدىن نېمە ئۈچۈن يىغلاۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى مېھرىبالىق بىلەن سورايدۇ. قىز تېخىمۇ ئېسەدەپ يىغلاپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قونچىقىنى يىتتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كافكا قىزغا قونچىقىنى چوقۇم تاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قىزغا ئازراق تەسەللى بەرگەندىن كېيىن، قىز بىلەن بىرلىكتە قونچاقنى ئىزدەيدۇ. ۋاھالەنكى، ئەتراپنى كېزىپ شۇنچە ئىزدىگەن بولسىمۇ، قونچاقنى تاپالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىز كۆڭۈلسىز ھالدا باغچىدىن ئانچە يېراقتا بولمىغان ئۆيىگە قايتىپ كېتىدۇ. ئەمما، كافكانىڭ ئەرتە يەنە كېلىپ، قوnچاقنى بىرگە ئىزدەش توغرىسىدىكى بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەسلەپ، ئۈمىدكە تولغان ياش يۇقا كۆزلىرىنىڭ ئىچى قايتىدىن يۇلتۇزدەك چاقناپ كېتىدۇ. دەرۋەقە، ئەتىسى كېلىشكەن ۋاقىتتا كافكا باغچىغا كېلىپ، ھېلىقى ياغاچ ئورۇندۇقتا قىز بىلەن ئۇچرىشىدۇ ۋە يەنە ئىككىسى بىرلىكتە يىتتۈرۈپ قويغان قوnچاقنى ئىزدەيدۇ. ۋاھالەنكى، بۈگۈنمۇ قوnچاقنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ، ئەمما كافكا يانچۇقىدىن بىر پارچە مەكتۇپنى چىقىرىپ، بۇ مەكتۇپنى يىتۈپ كەتكەن قوnچقاقنىڭ يازغانلىقىنى ئېيتىپ، قىزغا ئوقۇپ بېرىدۇ. مەكتۇپتا مۇنداق جۈملىلەر باردى ئىدى:« گۈزەل قىز، ئۆتۈنۈپ قالاي يىغلىما! مەن دۇنيانى كېزىش ئۈچۈن، ئۇزۇن بىر ساياھەتكە چىقتىم. مەن ھەر قېتىم يېڭى بىر جايغا بارغاندا، ساڭا ئەلەددامام مەكتۇپ يېزىپ تۇرىمەن. ئاشۇ مەكتۇپ ئارقىلىق بارغان جايلىرىمنىڭ ئەھۋالىدىن سېنى خەۋەردار قىلىمەن»
شۇندىن مۇقەددەم فرانز كافكا تاكى بېرلىندىن ئايرىلغانغىچە ئاشۇ قوnچىقىنى يىتتۈرۈپ قويغان قىزچاققا ئۇزۇلدۇرمەي مەكتۇپ يېزىپ تۇرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر قىسقا – قىسقا ھېكايىلەرنىمۇ يېزىشنى ھېچ توختاتمايدۇ. ھەر قېتىم قىزچاق بىلەن باغچىدىكى ئاشۇ ئورۇندۇقتا ئۇچراشقاندا، قىزچاققا يېڭى – يېڭى ھېكايىلەرنى ئوقۇپ بېرىدۇ. ئاخىرى كافكا بېرلىندىن ئايرىلىدىغان چاغدا، قولىدا بىر تال يېپ – يېڭى قونچاقنى تۇتقان پېتى، قىزچاق بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن ياغاچ ئورۇندۇقنىڭ قېشىغا يېتىپ كېلىدۇ ۋە قونچاقنى قىزغا ھەدىيە قىلىدۇ. قىز قونچاقنى قولىغا ئېلىپ، مەيۇسلەنگەن ھالدا «بۇ قونچاق مېنىڭ يىتتۈرۈپ قويغان قونچىقىمغا ئوخشىمايدىكەن» دېيدۇ. بۇ چاغدا كافكا دەرھال يانچۇقىدىن بىر پارچە مەكتۇپنى چىقىرىپ ئوقۇشقا باشلايدۇ. مەكتۇپتا «گۈزەل قىز، مەن نۇرغۇن جايلارنى ساياھەت قىلىش جەريانىدا ئۆزگۈرۈپ كەتتىم» دېگەن جۈملىلەر بار ئىدى. بۇنىڭ بىلەن قىز تەسەللى تېپىپ، قونچاقنى باغرىغا چىڭڭىدە باسقىنىچە، چۇنچىلىك بەختىيارلىق ئىچىدە ئۆيىگە قاراپ چېپىپ كېتىدۇ. يىللارنىڭ بىر – بىرىنى قوغلۇشۇپ، ئارقا – ئارقىدىن ئۆتۈشى بىلەن، كافكامۇ بۇ ئەلەمدىن كۆچۈپ كېتىدۇ. ئەمما قىز بولسا، كافكانى ۋە قونچاقنى ھېچ ئۇنۇتمايدۇ. بىر كۈنى قىز قونچاقنى قولىغا ئېلىپ، كافكانىڭ مەھرى – مۇھەببەتكە تولغان چىراينى ئەسلەيدۇ ۋە قونچاققا زەن سېلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويۇلغان بىر پەرچە كىچىك خەتنى تېپىۋالىدۇ. خەتكە مۇنداق جۈملىلەر يېزىلغان ئىدى:
«قولۇڭدىن چىقىپ كەتكەن ھەرقانداق ياخشى نەرسە، ھامان بىر كۈنى باشقا بىر شەكىلدە يەنە ساڭا قايتىپ كېلىدۇ»

 

29.05.2021، گېرمانىيە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top