You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئارىستوتېلغا يازغان مەكتۇبى

ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئارىستوتېلغا يازغان مەكتۇبى

ئۆزلەشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، ئۆزىنىڭ ئۇستازى بۇيۇك پەيلەسوپ ئارتوتېلغا مەكتۇپ يېزىپ مۇنداق سوئاللارنىڭ جاۋابىنى سورىغان:

– ئىشغال قىلغان زېمىنلاردىكى خەلقلەرنى ھۆكۈمرانلىقىم ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئاشۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ سەرخىللىرىنى سۈرگۈن قىلايمۇ؟ ياكى زىندانغا تاشلايمۇ؟ ۋە ياكى ھەممىسى قەتل قىلايمۇ؟

پەيلەسوپ ئارىستوتېل بولسا، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن يازغان بۇ قىسقا مەكتۇپنى ئوغۇغاندىن كېيىن، دەرھال مۇنداق جاۋاب مەكتۇبى يېزىپ يوللىغان:

1- ئەگەر سەن ئاشۇ سەرخىللارنى سۈرگۈن قىلىدىغان بولساڭ، شۇ سۈرگۈن قىلىنغان جايدىكىلەرنى ئەتراپىغا توپلاپ، ساڭا قارشى قوزغىلاڭ قىلىشتىن يانمايدۇ.

2- ئەگەر سەن ئۇلارنى زىندانغا ئاتىدىغان بولساڭ، بۇ سەرخىللار ئۆزۈ ياتقان زىنداننى ئۆزلىرىنىڭ ساڭا قارشى كۈرەش قىلىدىغان ئىنقىلابىي بازىسىغا ئايلاندۇرىۋالىدۇ – دە، بۇنىڭ بىلەن سىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭغا بوي سۇنمايدۇ.

3- ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كاللىسىنى كەسكىن قىلىچىڭ بىلەن چېپىپ تاشلايدىغان بولساڭ، ئۇلارنى ھېمايە قىلىدىغان ياشلارنىڭ ساڭا بولغان ئۆچمەنلىكى ھەسسىلەپ ئېشىپ، سەندىن ئىنتىقام ئېلىشقا باشلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن سىنىڭ بۈيۈك تەختتىڭ تەۋرىنىپ كېتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ساڭا تۆۋەندىكىدەك تەۋسىيە بېرىمەن:

– سەن ئۆزۈڭ مۇستەملىكە قىلغان جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئاراسىغا بۆلگۈنچىلىك تۇخۇمىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقىن. بۇ تۇخۇم شۇنداق ئاۋۇسۇنكى، ئۇلار بىر – بىرلىرى بىلەن ئۆچلۈشىپ سوقاشسۇن. بۇ چاغدا سەن ئۇلارنىڭ ئاراسىنى ياراشتۈرۈپ قويغۇچى بول ۋە ئۇلار سېنى ھەققىقىي ياراشتۇرغۇچى دەپ قوبۇل قىلسۇن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىغا تۇتىشىدىغان بارلىق يوللارنى بۇزۇپ تاشلىۋەت!

دېمەككى، ئەلمىساقتىن تارتىپ مۇستەملىكىچىلەر ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدكى خەلقلەرنى ئىدارە قىلىشتا ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ كەلگەن. ئەمما، مىڭ ئەپسۇس تا ھازىرغىچە مۇستەملىكىچىلىككە ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ سەرخىللىرى بۇ نەيرەڭلەرنى چۈشەنمەي كېلىۋاتىدۇ ۋە ياكى چۈشەنمەس بولىۋېلىشىدىكى سەۋەب نېمىدۇر؟

01.06.2021، گېرمانىيە

(ئەسكەرتىش: بۇ يازمىدا قەيت قىلىنغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بولسا، «قۇرئان كەرىم» نىڭ كەھف سۈرەسىنىڭ (83-101) ئايەتلىرىدە زىكىر قىلىنغان زۇلقەرنەيىن بولماستىن، بەلكى ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمۇد كاشغەرىنىڭ شائانە ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «ئۆگە» يەنى «تەجىربىلىك» دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مىسال ئالغان تارىخىي ھېكايىدكى زۇلقەرنەيىندۇر. چۈنكى بۇ زۇلقەنەيىن دەل پەيلەسوپ ئارىتوتېلنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋە ئەينى زاماندىكى ماكېدونيانىڭ ئىمپېراتورى بۈيۈك ئالېكساندروس (III) (مىلادېدىن بۇرۇن 356 – 323) نىڭ دەل ئۆزۈ. تۈركلەر بۇ ئىككى زۇلقەنەيىننى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالېكساندروس (III) نى بۈيۈك ئىسكەندەر دەپ ئاتىغان ئىكەن. بىز ھەر ئىككىلىسىنى زۇلقەرنەيىن دەپ ئاتىغاچقا ئوقۇرمەنلەردە قايمىقىش بولۇپ قالمىسۇن دېگەن مەخسەتتە بۇ ئەسكەرتىشنى يېزىشنى ئۇيغۇن كۆردۇم.)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top