You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ۋەتەن ھەسرىتى (5)

ۋەتەن ھەسرىتى (5)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بىراق ئەبەيدۇللاھ بۇ يەردىن ئاللىبۇرۇن پۇشىنىڭ تېغىغا قاراپ كەتكەن ئىدى. مەمتىلىخان پاششايىمنىڭ شەيخلىرىدىن بۇ خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىن، يولىنى يەنە داۋام قىلىپ تاغنىڭ باغرىغا كەلگەندە، ئات تۇياقلىرىنى ئاڭلىغان ئەبەيدۇللاھ تاغىسىنىڭ ئالدىغا چىقتى. مەمتىلىخان باشلىرىغا كەلگەن بالالارنىڭ ھەممسىنى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە بىر – بىرلەپ سۆزلەپ بەردى، ئۇ بۇندىن كېيىن ئۆزلىرىگە قاراقاشتا ياشاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئەبەيدۇللاھ تۇڭگانلارغا ھەرگىز تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى، تۇڭگانلار بىلەن ئاداققىچە جەڭ قىلىپ شېھىت بولۇش يولىنى تاللىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ مۇشۇ يەردە ئىكەنلىكىنى تۇڭگانلارغا خەۋەر قىلىپ قويۇپ، دادىسى ۋە ئانىسى بىلەن ھەرەمگە دەرھال كېتىشىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا – ئانىسى بىلەن تىرىك تۇرۇپ رازىلاشتى ۋە ئۇلار بىلەن ئۇ دۇنيادا كۆرۈشۈدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەبەيدۇللاھنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان مەمتىلىخان ئىچىدە «ئوغۇل بالىكەنسە!» دەپ، ئاپىرىن ئېيتسا تېشىدا ئۇنىڭغا قايتىپ كېتىش توغرىسىدا ئازراق نەسىھەت قىلغان بولدى. ئاخىرى ئۇ ئەبەيدۇللاھ بىلەن قۇچاقلىشىپ ۋىدالىشىپ، ئارقىسىغا ياندى.

مەمتىلىخاندىن خەۋەر كۈتۈپ ياتقان تۇڭگانلار ئۇنىڭدىن ئەبەيدۇللاھنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سورىدى، مەمتىلىخانمۇ ھېچ يوشۇرۇپ ئولتۇرمايلا: «ئەبەيدۇللاھنى ئىزدىسەڭ، پۇشىنىڭ تېغىغا چىققىن» دېدى. لەڭ پۇگۈەن دېگەن تۇڭگان ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ دەرھال تاغقا قاراپ ئاتلاندى. تۇڭگانلار تاغ باغرىغا كېلىپ، ئېگىز داۋانغا چۆمۈلىدەك يامىشىشقا باشلىدى. قاراۋۇلدا تۇرۇۋاتقان ئەبەيدۇللاھنىڭ ئىككى يىگىتى ئۇلارنى كۆردى ۋە دەرھال ئەبەيدۇللاھقا خەۋەر قىلدى. ئەبەيدۇللاھ داۋاندىن تۆۋەنگە شۇنداق قاراپلا، تاغقا چىقىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ سانىنىڭ قۇم – تۇپراقتەك شۇنچىلىك كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئەبەيدۇللاھنىڭ يېنىدىكى بىر قىسىم پىدائىيلار، «تۇڭگانلارنىڭ ئوقىدا ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ، شۇنچە كۆپ ئات -ئۇلاغلىرىنىڭ ئاستىدا چەيلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمىز» دەپ، تاغنىڭ ئارقا تەرىپىگە قاراپ قېچىپ كەتتى. ئەمدى ئەبەيدۇللاھنىڭ يېنىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن خوشلىشىپ قايتقان چاغدىكى يىگىتلىرىلا قالغان ئىدى. ئۇلار ئېگىز – ئېگىز قۇرام تاشلارنىڭ ئارقىسىغا مۈكۈنۈپ تۇرۇپ، يۇقىرىغا يامىشىپ چىقىۋاتقان تۇڭگان ئەسكەرلىرىنى مولجالغا ئېلىپ ئوق ئاتتى.

جەڭ ئەنە شۇنداق باشلىنىپ كەتتى. لېكىن تۇڭگانلارنىڭ سانى شۇنچىلىك كۆپ ئىدىكى، ئۇلارنى ئېتىپ تۇگىتىشكە ئەبەيدۇللاھنىڭ يىگىتلىرىنىڭ ئوقى ھەرگىز يەتمەيتتى. بۇ چاغدا، ئەبەيدۇللاھ يىگىتلىرىگە ئۆزىنى يالغۇز تاشلاپ كېتىشنى ئەمر قىلدى. ئەمما، يىگىتلەر: «مۇشۇ كەمگىچە بىللە ئويناپ چوڭ بولدۇق، نۇرغۇنلىغان جەڭلەردە بىر – بىرىمىزگە يار بولدۇق، دالا – چۆللەردە تەڭ يېتىپ تەڭ قۇپتۇق ۋە نېمە تاپساق تەڭ يەپ، تەڭ ئىچتۇق. ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، سېنى يالغۇز تاشلاپ ھەرگىز كەتمەيمىز، ئۆلسەك تەڭ ئۆلۈمىز، تىرىك قالساق بىرگە كېتىمىز. بىز سېنى تاشلاپ قويۇپ، بۇ يەردىن تىرىك جېنىمىزنى ئېلىپ كېتىپ، جالالىدىنخان خوجامنىڭ تەرىگە قانداق قارايمىز. ئەبەيدۇللاھ نەدە قالدى؟ دەپ سورىغىدەك بولسا، نېمە دەپ جاۋاب بېرىمىز؟ سەندىن ئۆتۈنۇپ قالايلى ئەبەيدۇللاھ ئاداش! قاچساق بىللە قاچايلى، بولمىسا سېنىڭ بىلەن بىللە جەڭ قىلىمىز، ئوتقا كىرسەك بىللە كىرىمىز، سۇدا ئاقساق بىللە ئاقىمىز، سەن بىزگە ھەزرىتىمنىڭ ئامانىتى» دەپ، ھەرگىز كەتكىلى ئۇنىمىدى.

مۇشۇ تالاش – تارتىشلار بولۇۋاتقاندا، تۇڭگانلار چاققانلىق بىلەن يۇقىرىغا ئىلگىرىلەپ، ھەر تەرەپتىن قورشاپ كېلىشكە باشلىدى. ئەبەيدۇللاھ بىر تۆۋەنگە، بىر ئۆزىگە ئەندىشە بىلەن قاراپ تۇرغان پالۋانلىرىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن يەنە ئەمر قىلدى: «سادىغاڭغا كېتەي پالۋانلىرىم، بىزنىڭ بۇ يەردىن تىرىك قۇتۇلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا سىلەر مېنىڭ ئەمرىمگە قارشى كەلمەي، بارلىق ئوقلىرىڭلارنى، بومبىلىرىڭلارنى ماڭا قالدۇرۇپ، دەرھال چېكىنىڭلار! ھە، راست! ئانام بىلەن دادام سورىسا، ئاخىرەتتە كۆرۈشىمىز دەيدۇ، دەڭلا! قېنى ئەمدى ھېچ ۋاقىت قالمىدى، قېچىڭلار پالۋانلار!» دەپ ۋارقىردى. ئارىسالدا قالغان پالۋان يىگىتلەر ئامالسىز يانلىرىدىكى ئوقلىرىنى ئەبەيدۇللاھقا قالدۇرۇپ، چېكىنىپ كەتتى. ئەبەيدۇللاھ  چاشقاندەك ئىتتىك ئۆمىلەپ كېلىۋاتقان تۇڭگانلارغا قارىتىپ، يۇقىرىدىن قول بومبىلىرىنى ئاتتى، كۈچلۈك پارتلاشتىن كۆتۈرۈلگەن سادالار بىلەن تەڭ، ئۇششاق تاشلار دۈشمەن تەنلىرىنىڭ پارچىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئەتراپقا چېچىلدى. كۆتۈرۈلگەن ئىس – تۈتەكلەر ئارىسىدا ئەبەيدۇللاھ دەرھال ئورنىنى يۆتكەپ، شۇنچىلىك چاققانلىق بىلەن دۈشمەن ئۈستىگە ئوق ياغدۇردى.

ئەبەيدۇللاھ تۇڭگانلارنى ئۆلتۈرگەنسېرى ئازايماي ئەكسىچە كۆپۈيۈۋاتقاندەك، دۈشمەننىڭ سانى شۇنچىلىك جىق ئىدى. ئۇ دۈشمەننى شۇنچە ئېتىپمۇ، ئۇلارنى چېكىندۈرەلمىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ، «ھېچ تەسلىم بولمايمەن! ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي ئوقۇم قالغۇچە جەڭ قىلىمەن» دەپ، ئۆز – ئۆزىگە ئانت ئىچتى. ئۇ ھېچ ئۆچمىگەن، ئەمما ئەمەلگىمۇ ئاشمايۋاتقان ۋە ئۇنى ئۆلۈم دەرۋازىسى ئالدىغا سۆرەپ كېتىۋاتقان غۇۋا بىر ئۈمىدنىڭ ھاياجانى بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا بۇ جەڭدە ياردەمدە بولۇۋاتقىنى پەقەت ئەتراپىدىكى ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا ياراۋاتقان تاشلاردىن باشقا يەنە ئۆزىگە مەدەت بېرىپ كۈلۈپ تۇرغان كۆكتىكى قۇياش ۋە قەلبىنى جۇغلىغان مىللىي روھ بىلەن ئىمانى ئىدى. ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان لەڭ پۇگۈەن ئەبەيدۇللاھ بىلەن يۈزمۈ – يۈز جەڭ قىلسا ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتتى بولغاي، دەرھال بىر قىسىم ئەسكەرلىرىگە تاغنىڭ ئارقا تەرىپىدىن قورشاپ كېلىشكە بۇيرۇق بەردى. دۈشمەن ئوت كۈچى ئەمدى ئۆچكەندەك بولدى، ئەبەيدۇللاھ پەسلەپ قالغان ئوق ئاۋازلىرى ۋە سۇسلىشىپ قالغان ئوت شولىلىرى ئىچىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆككە باقتى.

ئۇ ئەينەكتەك يالتىراپ تۇرغان كۆك يۈزىگە قاراپ، يېڭى بىر دۇنيانىڭ تاڭ نۇرىنى كۆرگەندەك بولدى. چۈنكى ئۇ بىر سائەتتىن بېرى پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ، كۆز ئالدىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان دۈشمەننىڭ باشلىرى بىلەن تاشلاردىن كۆز ئۈزمىگەچكە، دۇنيانىڭ ئەڭ سۈزۈك ئەينىكىنىڭ ئۈستىدە پارقىراپ تۇرغانلىقىنىمۇ سەزمىگەن ئىدى. كۆك يۈزى خۇددى تۇڭگانلار ۋە ئۆزىگە تەكشى قاراپ، «ئەي ئىنسانلار! ئەي تاغلار! ئەي ئاستىمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار! سىلەر مەندەك سۈپسۈزۈك ۋە گۈزەل بىر كۆك يۈزىنىڭ ئاستىدا ياشاپ تۇرۇپ، نېمىشقا بىر – بىرىڭلارنى ئۆلتۈرىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن ئاشۇ گۈزەل تەبىئەتنى ئوق – دورىلار بىلەن پارتلىتىپ، پاختىدەك ئاتىسىلەر؟ ماڭا قاراڭلار، مەن سىلەرنىڭ ئەينىكىڭلار، ماڭا قاراپ ئۆزۈڭلار ئۈستىدىن تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭلار، مەن سىلەرنىڭ ھاياتلىقىڭلار ئۈچۈن ياشلىرىمنى يامغۇر قىلىپ، ماكانىڭلارنى كۆكەرتىپ، قارنىڭلارنىڭ تويۇشى ئۈچۈن زىرائەتلەرنى سۇغاردىم، سىلەر ئۈچۈن كۈندۈزى كۈننى، كېچىلىرى ئاي بىلەن يۇلتۇزنى قوينۇمدىن چىقاردىم. سىلەر مېنىڭ جېنىم ھەم كۆزۈمنىڭ نۇرى بولىسىلەر، ماڭا سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار، ۋەدەڭلار، قىلغان ئىبادىتىڭلار كېرەك ئەمەس، ماڭا پەقەتلا  سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىڭلار كېرەك، سىلەرنىڭ ئۇرۇش قىلماي تىنچلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغان ھاياتىڭلار كېرەك. سىلەر مۇشۇنداق ئۇرۇشۇپ، بىر – بىرىڭلارنىڭ قانلىرىنى تۆكسەڭلار، مەن سىلەر ئۈچۈن قانداقمۇ ئازابلانماي تۇرالايمەن؟ مېنىڭ ئازابلىرىم چېكىگە يەتكەندە، قەھرى – غەزەپكە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟» دەپ نىدا قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. تۇيۇقسىز، ئەبەيدۇللاھنىڭ ئارقا تەرىپىدىن تۇيدۇرماي كەلگەن تۇڭگان ئەسكەرلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىلبۆرىلەردەك تاشلاندى – دە، ئۇنى تىرىك تۇتۇۋالدى، ئۇلار ئۇنى باغلاپ تاغدىن ئېلىپ چۈشتى. تۇڭگانلار ئۇنى ئۇدۇل ئىلچىغا يالاپ ئېلىپ كەتتى ۋە خەلقى – ئالەم ئالدىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، «بىزگە قارشى چىققاننىڭ ئاقىۋىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ» دەپ، خەلقنىڭ يۈرىكىنى مۇجىماقچى بولدى.

ئەبەيدۇللاھنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلىغان يۇرت ئاقساقاللىرى لەڭ پۇگۈەننىڭ ئالدىغا بېرىپ، «ئونبەش چارەك (300 سەر) ئالتۇن بېرەيلى، ئەبەيدۇللاھنىڭ ئۆلۈمىنى ئون بەش كۈن كېچىكتۇرسەڭ» دەپ يالۋۇردى. ئونبەش چارەك ئالتۇننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان لەڭ پۇگۈەن، «بەرىبىر ئۆلتۈرىدىغان بولغاندىكىن، بېرىدىغان ئالتۇننى ئېلىپ ئۆلتۈرمەيمەنمۇ» دەپ ئويلاپ، ماقۇل بولدى. ئەمما، ئەبەيدۇللاھنى زىندانغا تاشلاپ، قاتتىق قىينىدى. تۇڭگانلارنىڭ جاللاتلىرى ئەبەيدۇللاھنىڭ ئىككى قولىنى كېرىپ، تامدىن ئىككى غېرىچ چىقىپ تۇرغان چوغۇندەككە قادالغان پولات ھالقىلارغا باغلىدى، ئىككى پۇتىنىمۇ قولىغا ئوخشاش باغلاپ، چوغدەك قىزىغان داغمالنى ئۇنىڭ قاپقارا كۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئوينىتىپ تۇرۇپ، مەيدىسىگە يېقىپ داغلىدى، قاتتىق كۆيۈك ئاغرىقىغا چىدىمىغان ئەبەيدۇللاھ ئارقىسىدىكى تامغا قەغەزدەك چاپلىشىپ كەتتى. قولىدىكى قىزىق داغمالنى ئەبەيدۇللاھنىڭ كۆزىگە تەڭلەپ، دېۋەيلەپ كەلگەن جاللاتلار ئۇنىڭغا، «ئادەملىرىڭ نەگە قاچتى؟ ئېيت! بولمىسا پۈتۈن بەدىنىڭنى داغلاپ كاۋاپ قىلىۋېتىمەن» دەپ ۋارقىراپ، بار ھەيۋىسىنى ئىشقا سېلىپ ئۇنى ئۆزىگە بويسۇندۇرماقچى بولدى. ئەبەيدۇللاھنىڭ ئۇنىڭغا جاۋاب بەرگۇدەك ھالى قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاچچىق بىر كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ، مەسخىرە بىلەن جاللاتقا تىكىلدى ۋە: «مەن بىلمەيمەن، بىلگۈڭ بولسا ئۆزۈڭ ئىزدەپ تاپ، ئۇلار نەگە كېتەتتى، ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتى مۇشۇ دىيار تۇرسا، ئۇلار قاچاي دېسىمۇ سەنلەردەك قاچىدىغان تۆشۈكى يوق. ئالدىرىمىساڭ ئۇلار بەرىبىر سەنلەرنى ئىزدەپ كېلىدۇ. سەن قولۇڭدىكى ئۇ قىزىق داغمال بىلەن مېنى ئۆزۈڭگە باش ئەگكۈزەلمەيسەن. سېنىڭ ياققان ئوتۇڭ پەقەت مېنىڭ تېرەمنى ئېتىمنىلا كۆيدۈرەلەيدۇ. ئەمما، ئىمانىمغا، روھىمغا ھەرگىز تەسىر قىلالمايدۇ. سەن ئۇ ئوتنى ماڭا قانچە ياققانسېرى، مېنىڭ روھىم قارا تۆمۈردەك شۇنچە تاۋلىنىدۇ. بىز بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى بىز يىراقتىكى ئاشۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان توغراقلارغا ئوخشايمىز. بىز يۈكسەكلىككە، قۇياش نۇرىغا، ئەركىنلىككە چىقىش ئۈچۈن قانچە كۈرەش قىلغانسېرى، مۇشۇ تۇپراققا شۇنچە يىلتىز تارتىمىز، شۇڭا بۇ زېمىندىن ئايرىلماي، سەنلەرنى قوغلاپ چىقارغۇچە كۈرەشنى داۋام ئېتىمىز» دېدى.

ئەبەيدۇللاھنىڭ ئېغىزىدىن پىلىمۇتنىڭ ئوقىدەك ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سۆزلەرنىڭ زەربىسىگە چىدىيالماي قالغان جاللات، بار ئۆچىنى بىراقلا ئېلىش ئۈچۈن داغمالنى ئۇنىڭ ئوڭ مۈرىسىگە بار كۈچى بىلەن ياقتى. قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئەبەيدۇللاھنىڭ تېنىدىن كۆتۈرۈلگەن كۆيۈك ئەت پۇرىقى قاراڭغۇ زىنداننىڭ ئىچىنى بىر ئالدى. ئاندىن ھەممە يەر تىمتاس جىمىپ كەتتى. ئۇ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ھۇشىدىن كەتكەن ئىدى. گەرچە ئەبەيدۇللاھ ئۆتكۈر تىغلارنىڭ بىسىغا ئۆزىنىڭ گۆش ۋە ئۇستىخانلىرى بىلەن، قىپ – قىزىل چوغدەك قىزارغان داغمالغا پىژىلداپ كۆيۈۋاتقان تېرىسى ۋە تومۇرىدا قايناپ تۇرغان قانلىرى بىلەن قارشى چىققان بولسىمۇ، دۈشمەننىڭ قەبىھ قىيناش ئۇسۇللىرى ئالدىدا ئۇنىڭ ئاجىز تېنى ئاخىر بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئىدى. شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە، پۈتۈن ئالەمدە ھاياتى قىل ئۈستىدە تۇرغان بۇ باھادىر ئەزىمەتكە ياردەم قولىنى سۇنىدىغان بىرەر ئادەم يوق ئىدى. ئاستا – ئاستا پېتىۋاتقان قۇياش ئۆزىنىڭ زىندان دېرىزىسىدىن شۇڭغۇغان ئاخىرقى نۇرلىرى بىلەن يىگىتنىڭ ھۇشسىز ھالەتتە ئېسىغلىق تۇرغان بەدىنىنى قان رەڭگىدە بوياپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئالەم زۇلمىتىگە چۆكمەكتە ئىدى.

زېمىننىڭ ھەرقانداق جايىدا بىر ئىنسانغا ياكى بىر قەۋمگە قىلىنغان ھەرقانداق جىنايەت، ھەرقانداق ياۋۇزلۇق، ئەمەلىيەتتە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قىلىنغان جىنايەت ھەم ياۋۇزلۇقتۇر. گەرچە كۆپلىگەن ئىنسانلار بۇ جىنايەتتىن، بۇ ياۋۇزلۇقتىن شۇنچە يىراق ۋە تامامەن بىخەۋەر بولسىمۇ، ھەتتا بۇ ھەقتە ھېچ نەرسە بىلىشنى خالىمىسىمۇ ياكى بىلىپ تۇرۇپ كۆز يۇمغان تەقدىردىمۇ، بۇ جىنايەت ۋە ياۋۇزلۇق بەرىبىر ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق. چۈنكى، مەيلى جىنايەتنى، ياۋۇزلۇقنى سادىر قىلغۇچى بولسۇن، مەيلى ئاشۇ جىنايەت ۋە ياۋۇزلۇقنىڭ مەسۇم قۇربانلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ھەر بىرى پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلغان بىر پارچە، خالاس. شۇڭا، بۇ زۇلۇم يالغۇز ئاشۇ كىشى ياكى ئاشۇ قەۋمگە قىلىنغان زۇلۇم بولماي، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قىلىنغان زۇلۇم، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۆتكۈزگەن جىنايەت ۋە ياۋۇزلۇقتۇر. ئەگەر ھەربىر ئادەم ئۆزىنى ئىنسان دەپ بىلىپ،  قىلغان ياخشى – يامان ئىشلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە شەرەپ ياكى نومۇس كەلتۈرىدىغانلىقىنى چۈشەنسە ئىدى، بۇ دۇنيادا ئىلاھىي ئادالەت ھەقىقىي مەنىدە تەجەللى بولغان بولاتتى، بۇ دۇنيادىن زۇلۇم بىلەن ئۇرۇشلار ئەبەدىلئەبەد يوقىلىپ، ھايات مەڭگۈ گۈزەللىككە تولغان بولاتتى.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top