You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ۋەتەن ھەسرىتى (9)

ۋەتەن ھەسرىتى (9)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەمدى ئىجادىيەت دالاسىغا قەدەم باسقان ئىدى. بۇ مەشھۇر ئەسەرنىڭ يېزىلىشقا باشلىنىشى ئۇنىڭ باسقان بىرىنچى قەدىمىدىن دېرەك بېرەتتى. ئادەم ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشقا ئىرادە باغلاپ بىرىنچى قەدەمنى ئالغان چىغىدا، ھېچ ئويلاپ باقمىغان، چۈشىگىمۇ كىرمىگەن بىر گۈزەل مەنزىلگە قاراپ يول ئالىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ بۇ يولدىكى ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ھەقىقەتەن يۈكسەك بولۇپ، ئۇ كىتابىنىڭ بېشىدىلا تارىخ ئىلمىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ، ئاق قەغەز ئۈستىگە مۇنداق ئالتۇن جۈملىلەرنى تىزدى: «تارىخ ئىلمى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ كەيپىياتىنى، تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەلىرىنى توغرا سۈرەتتە ئۆگىتىدىغان بىر پەن. تارىخ بىلىملىرى ئىنسان بىلىملىرىنىڭ ئەڭ توغرا بولغىنى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىلىم بىلەن ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئىنسانلار توپلىمى ئىچىدىكى ئورنىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدىكى مەرتىۋىسىنى بىلەلەيدۇ. دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش، سائادەتكە ۋە مەدەنىيەتكە ئېرىشىشنىڭ سەۋەب ۋە ئامىللىرىنى ئۆگىتىدىغان، ئۆتمۈشتىكى ئىنسانلارنىڭ باشلىرىدىن ئۆتكەن ھادىسلەردىن ئىبرەت ئېلىپ ۋە بۇ يوللار بىلەن مىللەتنىڭ ۋە ياكى پۈتۈن ئىنسانلىق ئالىمىنىڭ كەلگۈسىدىكى بەخت – سائادىتىنى تەمىن قىلىش يوللىرىنى كۆرسىتىدىغان ئىلىم، مانا شۇ تارىخ ئىلمىدۇر».

ھەقىقەتەن، ئادەم ئۆزىنى ھەقىقىي مەنىدە تونۇماقچى بولىدىكەن، ئۇنداقتا تارىخنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ يولدا مېڭشىغا توغرا كېلىدۇ. تارىخ ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلارنى تونۇپ يېتىش بىلەن بىرگە، يەنە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تەدرىجىي تەربىيەلىنىپ يېتىشىدۇ. بۇنداق ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ھازىرقى ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مىزانىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ دۆلەت قۇرۇش غايىسى ۋە پەزىلەتلىك ئىجتىمائىي ئاڭنى تىكلەشنىڭ مۇھىم شەرتى ھېسابلىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئىلمىي سەۋىيە، دۇنيا قاراش ۋە پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولماي تۇرۇپ، دەۋر تەرەقىياتىغا ئۇيغۇن سىياسەت ئېلىپ بېرىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىر چەتتىن تارىخ ئۆگىنىپ، بىر چەتتىن ئۆز تارىخىنى يېزىشنى كۈندىلىك خىزمەتلىرىنىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇ يازغانسېرى كۆڭلى پاراغەتكە تولۇپ، دىلى يورۇدى، قەلبىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر، قاراڭغۇلۇقلار يوقىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى قانائەت ۋە يورۇقلۇق ئىگىلىدى، ۋە ئۆزىگە بىر مۇنچە يېڭى تەسەللىلەرنى تاپتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قەدىمى يەتكەن بۇ زېمىندا ئۈمىد مەشئىلى ھېچ ئۆچۈرمەي، ھاياتلىقتىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا بولغان ۋاقىتنى ھەممىدىن بەك قەدىرلەپ، ئۆتۈۋاتقان ھەربىر دەقىقىنى ئۆزىنىڭ غايىۋى تىلەكلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»دىن ئىبارەت بۇ ئابىدە خاراكتېرلىق كىتابنىڭ ھەربىر بېتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئىلىم دۇردانىلىرى بىلەن بېزەشكە تىرىشتى. ئۇ كېچە – كېچىلەپ ئۈستەل ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، تەپەككۇر تۇلپارىنى بۇندىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى زامانلارغىچە چاپتۇردى. ئۇ ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈپ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، ھايات سەيناسىدا خۇددى سايىغا ئوخشاش ئىسمى بار، جمى يوق، يا پايدىسى يا زىيىنى يوق ياشاپ كېتىۋاتقان ئادەملەردىن بولۇپ قېلىشنى ئەسلا خالىمايتتى. ئۇ ھالال ئەقلىي ئەمگىكى بىلەن بۇ قەدىمىي ۋە مەدەنىي مىللەت ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئابىدە تىكلەپ قويۇشنى ئۆزىگە ئىرادە قىلغان ئىدى.

ئۇ يازغانسېرى ئىشلىرى كۈندىن – كۈنگە يۈرۈشۈشكە، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى خەتلەر بىلەن تولغان ۋاراقچىلار بارغانسېرى دۆۋىلىنىشكە باشلىغان ئىدى. قىلغان ئەمگىكىدىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىچى ھۇزۇرغا تولاتتى. مانا شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە، بۇ جىمجىت كېچىدە ئۇ يەنە ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ، لامپىنىڭ مەپتۇنكار سېرىق نۇرى ئاستىدا يورۇپ تۇرغان ئاق قەغەز ئۈستىگە ئۆز مىللىتىنىڭ شانلىق ۋە ھەقىقىي تارىخىنى يېزىۋاتاتتى. لامپىنىڭ يورۇقى قەغەز يۈزىنى يورۇتسا، قەغەز يۈزىگە ئۈنچىدەك تىزىلغان قۇرلار مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىنى يورۇتماقتا ئىدى. سىرتتا بولسا 1937 – يىلىنىڭ باھار شامىلى گۆركىرەپ چىقىپ، قارچۇغا ۋە قارلىغاچلارنى چىللايتتى. ۋاقىتنىڭ بەرىكەتلىك ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، سېلىنىۋاتقان تاش قەلئەمۇ خېلىلا ئېگىزلەپ قالغانىدى. ھەر بىر تاشنى شۇنچىلىك ئەپچىللىك ۋە  پەم بىلەن جايىغا قويۇپ ياساۋاتقان بۇ يىمىرىلمەس قەلئە، ئۇنىڭ كۆزىگە شۇنچىلىك گۈزەل ھەم مۇستەھكەم كۆرۈنۈشكە باشلىدى. قەلئە ئېگىزلىگەنسېرى مەنىۋى دۇنياسى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ، روھىدا كابۇلنىڭ باھار ئايلىرىدىكىدەك رەڭمۇرەڭ چېچەكلەر ئېچىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلىۋاتقان بۇ قەلئەگە قاراپ، ئۆز روھىي دۇنياسىنى شۇنچىلىك ئېنىق كۆرۈشكە، ئۆزىنى تېخىمۇ سۈزۈك تونۇشقا مۇيەسسەر بولۇۋاتاتتى. ئۆزىگە ئۆز كىملىكىنى تونۇتقان شۇ قەلئەنى پات يېقىندا پۈتتۈرۈپ ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنى تونۇپ يېتىشىگە ۋەسىلە بولۇش ئۈچۈن، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ قەلئەنى ياساشتىن باشقا، يەنە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر قىسىم مۇھىم ئىشلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلاردىن بىرى، كابۇلدىكى ئۆسمۈر بالىلارنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەرەققىي قىلغان مەملىكەتلەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۇ يەرلەردە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش  ئۈچۈن يول ئىزدەش ئىدى.

ئۇ بەزىدە كابۇلدىكى ئەڭ يېقىن دوستلىرىدىن بولغان مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندالنىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ، تۈرك تارىخى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەردە بولۇش بىلەن بىرگە، بالىلارنى ئوقۇتۇش ئىشى ئۈستىدىمۇ پاراڭلىشاتتى. ئەنە شۇنداق سۆھبەتلەرگە بارغاندا، ئەردەمگە قوشۇلۇپ مۇھەممەد رىزانىڭمۇ بىللە بارغان چاغلىرى بولغان ئىدى. بىر كۈنى كەچتە ئۇلار ئەسەندالنىڭ قېشىغا قاراپ يول ئالدى، كوچا قاراڭغۇ ئىدى، ئەردەم قولىدىكى پەنەرنى كۆتۈرۈپ يول باشلاپ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ كېتىۋاتقان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئوڭ قولى بىلەن مۇھەممەد رىزانىڭ سول قولىدىن تۇتۇپ ماڭغان ئىدى. كوچىلاردا چىراق بولمىغاچقا، ئەردەمنىڭ قولىدىكى پەنەرنىڭ يورۇقى قاراڭغۇ كوچىلارغا ئازراق بولسىمۇ يورۇقلۇق ئاتا قىلىۋاتاتتى. ئۇلار تار كوچىلاردىن مېڭىپ كېلىپ چوڭ بىر كوچىنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئەسەندالنىڭ تۇرالغۇسىغا يېتىپ كەلدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كەلگىنىدىن خەۋەردار بولغان ئەسەندال ئۇلارنى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى، بۇ كىشى ناھايىتىمۇ ئوچۇق چىراي، تەقى – تۇرقى كېلىشكەن، ھەقىقىي دىپلوماتلارغا خاس سالاپەتكە ئىگە خوش پېئىل ئادەم ئىدى. بۇ قېتىم ئۇلار ئۇزۇندىن – ئۇزۇن سۆھبەتكە چۈشۈپ كەتتى، ئەردەم  تاشقىرىقى ئۆيدىكى كىرىسلودا ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆككەنىدى، رىزا كىرىسلونىڭ بىر ئۇچىدا تۆگۈلۈپ يېتىپ، قاتتىق ئۇخلاۋاتاتتى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا دۇنيا ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى بەزى قاراشلىرىنى ئەسەندالغا ئېيتتى، ئەسەندالغا بولۇپمۇ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كابۇلدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەلەپلىرى بەكمۇ ياققان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ دەرھال تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، بۇ بالىلارنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئەسەندال ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى يالغۇز تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭ دۆلىتى بولۇپلا قالماي، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ سىغىنىدىغان مۇستەھكەم قۇرغىنى. خۇددى مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك: ‹تۈركنىڭ تۈركتىن باشقا دوستى يوقتۇر، مەن تۈرك دېيىش نېمىدېگەن بەخت› دەپ ئېيتقىنىدەك، بىز ھەممىمىز بىر نەسەبتىن كەلگەن قېرىنداشلار بىز. ئۇيغۇر تۈرك ئۆسمۈرلىرىنى تۈركىيەدە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش بىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز. بىز دىنىمىز، مىللىتىمىز بىر بولغان قېرىنداش خەلق بىز. شۇڭا كابۇلدىكى ئۆسمۈرلەرنى تۈركىيەگە ئاپىرىپ تەربىيەلەش ئەڭ ئاقىلانە  قارار. مەن سىزنىڭ بۇ قارارىڭىزغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن ۋە قولۇمدىن كەلگىنىچە ياردەم قىلىمەن. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت بۇ دۆلەت دۇنيادىكى بارلىق تۈركلەرنىڭ مۇقەددەس ۋەتىنى.

ئەلۋەتتە ‹ۋەتەن› دېگەن سۆز بەكمۇ ئۇلۇغ سۆز بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ سۆز ئىككىلىك مەنىدىكى ئۇقۇم. يەنى، تاشقى ۋە ئىچكى مەنىدىن تەركىپ تاپقان ئۇقۇم. بىرىنچى تاشقى ئۇقۇم، ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز ئەجدادى ۋە ئەۋلادلىرى بىلەن ياشاپ كەلگەن ماكان، يەنى جۇغراپىيەلىك دائىرىسىدۇر. بۇ تاشقى ئۇقۇم تەبىئىي، تارىخىي ۋە رېئال ئىجتىمائىي جۇغراپىيەلىك ماكان چەمبىرىكىنى نەزەردە تۇتقان، ۋەتەن ئۇقۇمىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تاشقى ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچىسى، ئىچكى ئۇقۇم بولۇپ، بۇ، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئەجداد ۋە ئەۋلادى بىلەن ياراتقان، ۋارىسلىق قىلغان مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي خەزىنىسى، تىل – ئەدەبىياتى، ناخشا – مۇزىك، ھۈنەر – سەنئىتى، ئۆرپ – ئادىتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، ئىقتىسادىي تۇرمۇش شەكلى، مىجەز – خۇلقى، ئەقىدە مىزانلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلاردىن مۇجەسسەملەنگەن مىللىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىچكى ئامىلدۇر. تۇغۇلغان ھەرقانداق بىر پەرزەنت تاشقى ئۇقۇم بولغان ماكان چېگراسى ئىچىدە ۋە ئىچكى ئۇقۇم ھېسابلىنىدىغان مىللىيەتلىك خۇسۇسىيەت دائىرىسىدە بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولىدۇ. مانا شۇ ئىچكى ۋە تاشقى ئۇقۇمنى كۆرسىتىدىغان دائىرە چەمبىرىكى دەل ۋەتەندۇر.

ۋەتەن بولسا ئانىنىڭ قارنىدىن تۇغۇلغان بالىنى ئۆز باغرىغا بېسىپ، خۇددى ئانىدەك ئۆز پەرزەنتىنى ئۆستۈرۈپ يېتىلدۈرىدۇ، بالىمۇ ئاشۇ ۋەتەننىڭ قىممەت – ئېتىبارىغا، ھال – ئەھۋالىغا يېتىپ ۋە كۆيۈنۈپ، ۋاقتى كەلگەندە جېنىنى تىكىپ، ۋەتەننىڭ تەقدىر – قىسمەتلىرىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى ئامىل ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئامىل يەنىلا ئىچكى ئامىل بولغان مىللىيەتلىك ئامىلى. چۈنكى ئىچكى ئامىل تاشقى ئامىلنى يارىتىدۇ. ئەگەر ئىچكى ئامىل ئاجىزلاپ، مىللەتنىڭ روھى زەئىپلىككە يۈزلىنىپ، تارقاق، قاششاق، نادان ۋە جاھالەت ئىچىدە قالسا، ئۇ چاغدا تاشقى ئامىل بولغان ماكان ئامىلى دۈشمەن تەرىپىدىن ئىستىلا ۋە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراپ، دۈشمەننىڭ ئاياغ ئاستىدا قالغان ۋەتەن ئۆز پەرزەنتلىرىگە دوزاخ بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ھەر ۋاقىت ئىچكى ئامىلنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىچكى ئامىلنى تەشكىل قىلغان ئانا تىلىمىزنى، دىنىمىزنى، تارىخىمىزنى، ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى، ئەدەبىياتىمزنى، پەلسەپىمىزنى ۋە ھۈنەر – سەنئەتلىرىمىزنى، جۈملىدىن بىزنى بىز قىلغان، بىزنى باشقىلاردىن ئايرىپ تۇرغان بارلىق نەرسىلىرىمىزنى جان تىكىپ قوغدىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز لازىم. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئامىلىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن، ناھايىتىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە ئىگە بولغان ياش، يېڭى بىر ئەۋلادلاردىن تەشكىللەنگەن زور بىر قوشۇننى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا تولىمۇ موھتاج. يېتىشىپ چىققان ئاشۇ يېڭى ئەۋلاد شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قايتا گۈللىنىش يولىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.

نۆۋەتتىكى تارىخىي شارائىتتا، ئىچكى ئامىلنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى بىر ئاۋانگارت قوشۇننى تەربىيەلەپ چىقىدىغان ئىككىنچى ۋەتەن، دەل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدۇر. شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى تۈركىيەدە دىنىنى يوقاتماي، ئەكسىچە تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىسلامىي ئەخلاق قارىشىنى قەلبىدە يېتىشتۈرۈپ، ئۆز تارىخىنى ئۆگىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆز يىلتىزىنى تېپىپ، تېخىمۇ ئەقىل – پاراسەتلىك بولۇپ يېتىشىدۇ. تۈرك پەلسەپەسىنى ئۆگىنىپ،  چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ، ئۇندىن باشقا، ماتېماتىكا ۋە باشقا تەبىئىي پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، توغرا ھەم ئىلغار پەن – تېخنىكىلاردىن خەۋەردار ئېنژىنىر بولۇپ چىقىدۇ، ھەربىي مەكتەپلەرگە كىرىپ، ئۆزلىرىنى زامانىۋى ئىلغار ھەربى بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەپ، ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان جەسۇر ئەسكەرلەرنى يېتىلدۈرىدىغان قوماندان بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ» دېدى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا دوستى ئەسەندالنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى گەجگىسىنى بېسىپ تۇرغان ئېغىر بىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك راھەتلىنىپ قالدى. ئۇ يەڭگىل بىر نەپەس ئالغاندىن كېيىن، ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى راستىنلا ئاشۇنداق بىر ياردەمنى قىلىدىغان بولسا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، جۈملىدىن مۇستاپا كامال ئاتا تۈرككە چەكسىز مىننەتدار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە تۈركچىلىك ئىدىيەسىنى شەرقىي تۈركىستان زېمىنلىرىدا كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بۇ ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھۆرلۈككە، ئەركىنلىككە چىقىرىش ئۈچۈن جېنىنى تەسەددۇق ئېتىدىغانلىقىنى ھاياجان ئىلكىدە سۆزلىدى. تۈركىيەدە تەربىيەلىنىدىغان ياشلارنىڭ ئىسلام دىنىدىن يىراقلىشىپ كەتمەيدىغانلىقى، ئىسلام دىننىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ مىللىي روھىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئاننىڭ ھۇجۇرات سۈرەسى 13 – ئايىتىدە، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق خىتاپ قىلىدۇ:

ئەي ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن (ئادەم بىلەن ھاۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق…

مانا بۇ ئايەتتە ئۇلۇغ ئاللاھ بىز ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشى ئۈچۈن، بىزنى ھەر خىل مىللەت قىلىپ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغانلىقىنى قەيت قىلغان. رەڭگارەڭ گۈللەر بىر گۈل دەستە بولسا شۇنداق گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ ياراتقان ھەر ئىرقتىكى تۈرلۈك مىللەت خەلقىنىڭ مۇشۇ دۇنيادا ياشىشى، خۇددى ئاشۇ رەڭمۇرەڭ گۈل دەستىسىدەك گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ھەممىگە قادىر ئاللاھ يالغۇز بىر ئىرققا مەنسۇپ بىر مىللەتنىلا ياراتقان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر مىللەتنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللار ئوخشاش بولمايدۇ. ھېچ بىر مىللەت، ھېچ بىر رايون، ھېچ بىر خەلق، ھېچ بىر تارىخ ۋە ھېچ بىر دۆلەت باشقا بىرسى بىلەن ئوخشاش ئەمەس. ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا مەخسۇس مەدەنىيىتى ۋە مىللىي خاراكتېرى بار.

ھەر بىر مىللەت كوللېكتىپ بىر نامغا، ئورتاق بىر قانداشلىق مۇناسىۋەتكە، ئورتاق بىر تارىخقا، ئورتاق بىر تىل – يېزىققا، ئورتاق ئۆرپ – ئادەتكە ۋە ئوخشاش بىر مەدەنىيەتگە ئىگە  بولۇپ، ئورتاق بىر جۇغراپىيەدە ياشايدۇ، ھەمدە نوپۇسىنىڭ ئاساسى بىر قىسمى ئورتاق بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ. تۈرك مىللىتىنى تەشكىل قىلغان ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرى بولغان ئىسلام دىنىمز بىز تۈركلەرنىڭ مۇقەددەس دىنى. ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ يۈكسەك غايىسى ئىنسانلار ئارىسىغا قېرىنداشلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۇلارنى بىر – بىرىگە سەمىمىي بولۇشنى، بىر – بىرىنى سۆيۈشنى، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردە ھەققانىيەتلىك، ئادالەتلىك بولۇشنى تەرغىپ قىلىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنى مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋىي قوللىنىشىغا قۇۋۋەت مەنبەسى. ئىسلام دىنى تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆز زېھنىي قۇۋۋىتىنى بىر ئىنتىزام ئىچىدە ئاساس سالىدۇ. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان ياش – ئۆسمۈرلىرىنى ھەقىقىي مىللى ئاڭغا ۋە دىنىي بىلىمگە ئىگە قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىدىغان بىردىنبىر دۆلەت، مەنچىمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى. شۇڭا، بۇ پىكىر – تەلەپلىرىمنى مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىڭىزدىن ئالەمچە خۇش بولدۇم».

پاراڭ قىززىپ تازا پەللىگە چىققان بۇ چاغدا، كابۇل شەھىرى سۈكۈنات ئىچىدە ياتاتتى. پۈتۈن شەھەر ئاھالىسى چوڭقۇر ئۇيقۇغا چۆكۈپ، ئاللىقانداق چۈشلەر ئىچىدىكى سەھنىدە ھەركىم ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۋاتاتتى.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top