You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قاراقاشتىكى خەلققە قىلغان نۇتقى

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قاراقاشتىكى خەلققە قىلغان نۇتقى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

دەريا بويىدىكى كەڭ كەتكەن سايلىق تۆت تەرەپتىن جەم بولغان ئادەملەر بىلەن تولغان بولۇپ، مىغ – مىغ ئادەملەر توپى ئارىسىدا كەتمەن – گۈرجەك كۆتۈرۈپ چىققان دېھقانلارمۇ، قولىغا ئوۋ مىلتىقلىرىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشكەن ئوۋچىلارمۇ، تەككە – دەرگاھلاردىن چىققان سوپى – ئىشانلارمۇ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىككى ئىنىسى ئابدۇللاھ بىلەن نۇر ئەھمەدكە ئەگەشكەن نەچچە مىڭلىغان ئىلچى ئەتراپىدىكى دېھقانلارمۇ بار ئىدى. ھەر كەسىپ، ھەر يەرلىك ئىنسانلار بىر – بىرىگە ئارىلىشىپ، سەپ – سەپ بولۇپ قاتار – قاتار تۇرۇشقان ئىدى.

ئېگىز ئاسمانمۇ خۇددى دەرياغا چىلاشقاندەك، دەريا سۈيىمۇ پەلەككە ئۇلاشقاندەك ئېگىز – پەس بولۇپ بىر – بىرىگە تۇتاشقان ھالدا، ئاسمان بىلەن سۇنىڭ رەڭگى ئوخشاشلا كۆپكۆك بولۇپ بىر – بىرىدىن پەرقسىز تۇراتتى. قۇياشنىڭ نۇرىدا قىلتىرىقتەك يالتىراپ تۇرغان سۇ دولقۇنلىرى قىرغاقلارغا شاۋقۇن چىقىرىپ ئۇرۇلاتتى. ئارقا تەرەپتە ئاپئاق ئېگىز چوققىلار، ئەتراپتا ئەگىز سۈيى ساقىغان كۆلچەكلەر، دەل – دەرەخلەر، يىراقتىكى توغراقلىقلار ئوراپ تۇرغان كەڭ دالا پۈتۈن تەبىئەتنى بەھەيۋەت قىلىۋەتكەن ئىدى.

مىغىلدىغان ئادەملەر بۇ ئاجايىپ مەنزىرىلەردىن مۇستەسنا ھالدا، جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىككى تاۋۇتتىكى مەسۇم ئۇستا بىلەن تاغلىق يىگىت ئەھمەتنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈردى.

نامازدىن كېيىن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەركىنلىككە تەشنا، ھۆرلۈككە تەقەززا خەلققە ئەڭ مۇھىم، ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە نۇتقىنى سۆزلىدى. ئۇ بېشىغا قىزىل سەللە ئورىۋالغان، بېلىگە تاپانچا قىستۇرغان، يېنىغا قىلىچ ئېسىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە ئوپمۇئوخشاش قىزىل سەللە ئورىۋالغان ئەردەم قاتارلىق پىدائىيلار قاتار – قاتار سەپ تارتىپ تۇراتتى. بۇ قىزىل سەللىلىكلەر، ئادەملەر توپى ئىچىدىكى قولىغا چوماق تۇتىۋالغان ھامۇتتەك دېھقانلارنى ھەممىدىن بەكرەك ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى. ئەنە شۇ قىزىل سەللە تارىختىكى خوتەن مۇجاھىدلىرىنىڭ بەلگىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھاياجان ئىلكىدە سۆزىنى ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن باشلىدى:

‐ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئۇلۇغ ئاللاھ قۇرئان كەرىمنىڭ بەقەرە سۈرەسىنىڭ 156 – ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن شېھىتلەرنى ئۆلۈك دېمەڭلار، بەلكى ئۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر بۇنى سەزمەيسىلەر»

ئاللاھ تەئالا بىزنى مانا مۇشۇنداق مۆجىزىگە نائىل بولغانلاردىن ئەيلىسۇن.

بىز دۈشمەنگە قارشى جەڭدە ئۆلۈشتىن ھېچ قورقماسلىقىمىز لازىم. مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ زۆرۇر شەرتى شۇكى، بىز ھەممىمىز باتۇر بولىشىمىز كېرەك. بىز باتۇر بولغىنىمىزدىلا، دۈشمەن سېپىللىرىغا مەردانىلارچە ھۇجۇم قىلالايمىز، كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ، ئۆز ئەركىنلىكىمىزنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا يۈزىمىز يورۇق بولۇپ، جەننەت باغچىسىدىن ئورۇن ئالالايمىز. شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشىش، بۇ ھاياتتا ھەممىمىزنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ھادىسىنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى. چۈنكى شېھىت بولغان كىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ! ناۋادا سىلەر قورقۇنچاق بولساڭلار، مەن ھەرقانچە باتۇرلۇق قىلىپ، سىلەرنى قانچىلىك رىغبەتلەندۇرگەن تەقدىردىمۇ، بەرىبىر دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالمايمىز. قورقۇنچاقلىق بىزنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ. جاسارەت بولمىغان يەر ئاسارەتتە قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز باتۇر بولىشىمىز، جاسارەتلىك بولۇشىمىز لازىم! بىزنىڭ ئىچىمىز ئەلەم ۋە دەردلەر بىلەن توشۇپ كەتتى، بۇ ئەلەم شۈبھىسىز تاجاۋۇزچىلارنىڭ دەپسەندە قىلىشىدىن كېلىپ چىققان. ئەمدى شۇ تارتقان جەبرى – ئەلەملەرنىڭ، مەنىۋى ئازابلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدىغان چاغ كەلدى. بۇنداق چاغدا باھادىرلىق قىلماي ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزى ھەقىقەتەن ئەشەددىي قورقۇنچاقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. رەببىمىز بىزگە قۇرئان كەرىمنىڭ نىسا سۈرەسى 71 – ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرۇڭلار. ئۇرۇشقا تۈركۈم – تۈركۈم بولۇپ ياكى ھەممىڭلار بىر بولۇپ چىقىڭلار.» يەنە تەۋبە سۈرەسىنىڭ 38 – ئايىتىدە: «ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھادقا چىقىڭلار دېيىلسە، نېمىشقا يۇرتۇڭلاردىن ئايرىلغۇڭلار كەلمەيدۇ؟ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتتىكى بەخت بىلەن تېگىشىشكە رازى بولدۇڭلارمۇ؟ دۇنيا ھاياتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئەرزىمەس نەرسىدۇر»

ئاللاھنىڭ ھەربىر سۆزىدە بىر ھېكمەت بار. بىز ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلغىنىمىزدىلا نۇسرەت بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ. ھازىر دۈشمەننىڭ كۈچ توپلاپ قايتا ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇداپىئەمىزنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، دەرھال مۇشۇ مەيدانغا كەلگەن مۆمىنلەردىن زور بىر قوشۇن تەشكىللەپ ئىلچىغا قاراپ ئىلگىرىلەيمىز.

مانا بۈگۈنكىدەك مۇبارەك جۈمە كۈنىدە، دۇئالار قوبۇل بولىدىغان بۇ مىنۇتلاردا، بىز خوتەنلىكلەر مۈرىنى – مۈرىگە تەگكۈزۈپ سەپ تۇتۇپ تۇرۇپتىمىز. بۇ نېمىدىگەن گۈزەللىك-ھە! نېمىدېگەن جەڭگىۋارلىق-ھە! ئەزىز مۆمىنلەر، ئۇلۇغ خەلقىم، جۈمەلىرىڭلار مۇبارەك بولسۇن! غازىتىڭلار مۇبارەك بولسۇن! ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىڭلارنى ھەرتۈرلۈك بالا – قازالاردىن ساقلىسۇن! ئامىن!

ئىنسان ئوغلى تۇغۇلۇپ بۆشۈككە بۆلىنىپ چوڭ بولۇپ، ئات ئۈستىگە مىنىپ جەڭ قىلىپ تاكى قارا تۇپراققا ئاق كىپەن بىلەن كۆمۈلگەنگە قەدەر، ھەر دائىم بىر ئىمتىھان ئىچىدە. ئۇلۇغ ئاللاھ قۇرئان كەرىمنىڭ ئەنبىيا سۈرەسىنىڭ 35 – ئايىتىدە ئېيتىدۇكى: «ھەربىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچى. سىلەرنى بىز يامانلىق ۋە ياخشىلىق ئارقىلىق سىنايمىز، سىلەر چوقۇم بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر»

ئاللاھىم، كۆزلىرىمىز يۇمۇلۇپ، ئۈستىمىزگە قارا تۇپراق تۆكۈلگىنىدە، بىزگە بەرگەن بارلىق نېمەتلىرىڭ ئۈزۈلگىنىدە بىزگە رەھمەت قوللىرىڭنى ئۇزاتقىن. ئىسىملىرىمىز ئۇنۇتۇلغاندا، جىسمىمىز چۈرىگەندە، قەبرىلىرىمىز يوقالغاندا، ئەمەل دەپتەرلىرىمىز يېپىلغاندا بىزگە رەھمەت قىل. ئۇلۇغ ئاللاھىم سىرلار ئاشكارىلانغاندا، ھەتتا قەلبىمىزدىكى ئويلىرىمىزمۇ ئوتتۇرىغا چىققاندا، تارازا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا بىزگە رەھمەت قىل. سېنىڭ رىزايىڭ ئۈچۈن يولغا چىقتۇق، سېنىڭ يولۇڭدا پاك – پاكىز تەنلىرىنى قالقان قىلىپ، ياش جانلىرىنى يۇرتلىرىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن، ۋەتىنىنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن، مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن، كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل دۆلىتىمىز ئۈچۈن پىدا قىلغان يىگىتلەرنى سېنىڭ رەھمىتىڭگە تاپشۇرىمىز. سەن ئۇلارنى ئۆز ماكانىڭدا ئەڭ يۈكسەك ئىنئاملىرىڭ بىلەن مۇكاپاتلىغىن. ئۇلارنىڭ ئەزىز، مۇقەددەس خاتىرىلىرىغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن، مۇشۇ مەيداندىكى ۋە بۇندىن كېيىن يېڭىدىن كېلىدىغان نەسىللىرىمىزنى ئۇلارنىڭ يوللىرىدا مېڭىشقا نەسىپ ئەيلە. يا رەھمان، يا رەھىم بولغان گۈزەل مەرھەمىتىڭگە تەلپۈنۈپ سەندىن تىلەيمىزكى، قۇتلۇق ھەبىبىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن دۇئالىرىمىزنى دەرگاھىڭدا قوبۇل ئەيلە. بىز ئاتلانغان بۇ يولدا تا ئاخىرغىچە مۇزەپپەر ئەيلە، بىزنى نۇسرەت يولۇڭغا باشلا، ئامىن!

مۆھتەرەم ئەزىز مۆمىنلەر! بۇ ھاياتتا ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە، كىم بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىڭلار. ھەق يولىدا ئۆزىمىزنى ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىغا ئاتاپ، ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلساق ۋە ھۇجۇرات سۈرەسىدىكى «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر….» دېگەن ئايەتنى ئۆزىمىزگە قىبلەنامە قىلالىساق، بىرلىك – ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا بىر – بىرىمىزگە شۇنچىلىك چىڭ باغلانساق، ئىنشائاللاھ قەتئىي ھەقىرلىقتا قالمايمىز. كۆكلەرگە تۇتاشقان ئۇلۇغ چىنارلىرىمىزغا پالتا ئۇرماقچى بولغانلار، بىرلىكىمىزنى كۆرەلمىگەنلەر، ئۆزئارا ياردەمچى بولىشىمىزنى قوبۇل قىلالمىغانلار ئەلۋەتتە بۇندىن كېيىن ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇلار تۈرلۈك ھىيلە – مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ، بىرلىك – باراۋەرلىكىمىزنى، ئىتتىپاقىمىزنى بۇزۇشقا تىرىشىدۇ، ئىچىمىزگە پىتنە – پاساتنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ، بىزنى پارچىلاپ يوق قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. لېكىن نېمە قىلسا قىلسۇن، قانداق ۋاسىتىلەرنى قوللانسا قوللانسۇن، بىز خوتەنلىكلەرنىڭ قېرىنداشلىق رىشتى ھەرگىز بۇزۇلمايدۇ. دۈشمەنلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك ئويۇنلىرىغا، توزاقلىرىغا قارشى قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلغان چېغىمىزدا ۋە ھەممىمىز «لا تەھزەن! ئىننەللاھە مەئەنا»، يەنى «قايغۇرما، ئاللاھ بىز بىلەن بىللە» دەپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگىنىمىزدە، بىز پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى ئازاتلىققا، ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەلەيمىز. تومۇرىمىزدىكى ئىسسىق قان جۇشقۇنلىدىمۇ، ئەمدى بولدى، بىزنى ھېچبىر كۈچ چىققان يولىمىزدىن توسالمايدۇ. بۇ يولدا يا شېھىت بولىمىز يا مۇزەپپەر بولىمىز. بۈگۈن قىيامغا تۇرىدىغان پەيت، بىز پەقەت ئاللاھقىلا ئىتائەت قىلىمىز، زالىملارغا ئەمەس!

مەن بىر قوماندان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەڭ ئاخىرقى سۆزۈم شۇكى، بىر يېنىمدا بىلەكلىرى كۈچلۈك، قىلىچلىرى كەسكىن مەرت، باھادىر ئەزىمەتلەر بولسا، يەنە بىر يېنىمدا ئادالەت تارازىسىنى چىڭ تۇتقان، ئاللاھنىڭ نىزامىنى ئادىللىق بىلەن ئىجرا قىلىدىغان زىيالىي – ئۆلىمالار تۇرسا، تۇغلىرىمىز كۆككە تاقاشقان بۇلۇت سۆيگەن چوققىلاردا مەڭگۈ جەۋلان قىلىدۇ! خەلقىمىز چوقۇم ھۆرلۈككە مۇيەسسەر بولىدۇ!

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا سۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا، ئوڭ قولى بىلەن سول يېنىدىكى قىلىچىنى قىنىدىن «شارت» قىلىپ سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ھاۋادا ئىگىز تۇرۇپ:

«لا تەھزەن! ئىننەللاھە مەئەنا!»

دەپ توۋلىدى. ئون مىڭدەك خەلقمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىردەك:

«لا تەھزەن! ئىننەللاھە مەئەنا! لا تەھزەن! ئىننەللاھە مەئەنا!….» دەپ توۋلىدى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قىلىچىنى ھاۋادا ئوينىتىپ تۇرۇپ:- يا شاھادەت، يا ھۆرىيەت! – دەپ بار كۈچى بىلەن توۋلىدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سايدىكى پۈتۈن خەلق كۆكنى تىترىتىپ: يا شاھادەت، يا ھۆرىيەت!- دەپ توۋلىدى.

پۈتۈن قاراقاش ئاسمىنىنى مانا مۇشۇ جاراڭلىق سادا قاپلىدى. بارلىق مەۋجۇدات بۇ سادادىن تىترىدى، قۇياش بۇلۇت پەردىسىنى پۈتۈنلەي يىرتىپ، زىيا قىلىچىنى چىقاردى، كۆكتە قانات قاققان لاچىنلار ئانا تۇپراقتىن چىققان ساداغا قاراپ پەرۋاز قىلدى. قۇياشنىڭ تەبەسسۇمىدىن قارا تۇپراقتىن لالىلەر بىخ ئۇرۇپ چىقتى، بۇنىڭغا تەڭكەش نەكەس، ياسىمىن گۈللىرىمۇ يۈزلىرىنى قۇياشقا قارىتىپ، دەريا بويلىرىدا كۆزلىرىنى جىمىرلىتىپ داڭ قېتىپ قىلىشتى، ئۆستەڭ بويلىرىدىكى چوكانتاللار بويۇنلىرىنى ئىگىشىپ، قاشتېشىدەك سۈزۈك سۇلاردا يۇيۇندى، بارلىق مەخلۇقاتلار جان كۆزىنى ئېچىپ كۆككە باقتى. ئۇلار گۈزەل جاناننىڭ ئايدەك پارقىراق جامالىنى، ھىلالدەك نازۇك بويىنى كۆرگەندەك بولدى…

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top