You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » سابىت داموللامنىڭ قارىقاش جامائەتىگە ئېيتقان ۋەزى

سابىت داموللامنىڭ قارىقاش جامائەتىگە ئېيتقان ۋەزى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

خۇپتەن نامىزىغا خېلى ۋاقىت بار بولسىمۇ، ئەمما مەسچىتنىڭ ئىچى جامائەت بىلەن لىق تولغان ئىدى. نامازنىڭ ئالدىدا سابىت داموللامنىڭ تەبلىغىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ھەممە كىشى مېھراپقا پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەلمۈرۈپ ئولتۇراتتى. سابىت داموللام بۈگۈن باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا بىر ئاز ھاياجان ۋە ھارغىن كۆرۈنەتتى. چۈنكى، بۈگۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئالدىراش، ئەڭ مەنىلىك، ئەڭ مۇھىم قارارلارنى ئالغان كۈنلەرنىڭ بىرى بولغانىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىنقىلابنى ئالدىغا سۈرۈش پىلانى تەشكىلاتتىكى بارلىق ھەيئەتلەرنىڭ بىردەك ماقۇللىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ھازىر سابىت داموللامنىڭ ئەتە يېرىم كېچىدىكى ئازاتلىق جېڭى ئۈچۈن جامائەتنى ئىدىيە جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ھەرقانداق بىر ئەھۋالغا قارشى ھوشيار تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن تەسىرلىك بىر ۋەز بېرىشى زۆزۈرىيەت ئىدى. بولۇپمۇ ئاممىنىڭ كۈرەشكە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، ئىرادىسىنى تاۋلاش، روھىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلۇغ دىنىمىز ئىسلامنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى قۇرئان كەرىمدىكى سۈرە ئايەتلەر ئارقىلىق ئەمەلىي مىساللارنى كەلتۈرۈپ، جامائەتنىڭ يۈرىكىگە تېگىدىغان نۇتۇق سۆزلىشى لازىم ئىدى.

سابىت داموللام ئادەتتە مېھراپتا ئولتۇرۇپ، ناھايىتى سالماقلىق بىلەن ئەمرىمەرۇپ، نەھىي – مۇنكەر ئېيتاتتى. ئەمما بۈگۈن بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، كۆك يوللۇق ماتا يەكتىكىنىڭ ئالدىنى تۈزەشتۈرۈپ، بېشىغا ئورىۋالغان ئاپپاق سەللىسىنىڭ ئوڭ چېكىسىگە چۈشۈپ تۇرغان ئۇچىنى ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ قويغاندىن كېيىن، جامائەتكە جىددىي بىر تۈس بىلەن قاراپ، سۆزىنى ۋەزىنلىك قىلىپ باشلىدى:

‐ بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم، بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە سالامى مۇھەممەد سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلىسىگە ۋە بارلىق ساھابىلىرىگە، جۈملىدىن ئۇلارغا قىيامەت كۈنىگىچە ئەگەشكەن پۈتۈن ئەھلى مۇسۇلمانلارغا بولغاي.

مەۋجۇتلۇقنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن ئاللاھنىڭ ئەرراھمان، ئەررەھىم، ئەلمەلىك، ئەلمۇمىن، ئەلمۇنتەقىم، ئەلئەزىز، ئەلۋەلىي، ئەلجەببار… قاتارلىق 99 مۇبارەك ئىسمى بىلەن سۆزۈمنى باشلايمەن. ئەخلاق ۋە ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتى پۈتۈنلەي يوقىلىۋاتقان، بولۇپمۇ ئاياللار ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراپ نارىسىدە قىزلار ئەرەب چۆللىرىنىڭ قىززىق قۇملىرىغا تىرىك كۆمۈلىۋاتقان، جاھالەت قاراڭغۇلۇقى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بىر زاماندا، ھىدايەت ئۇپۇقىنى تۇتقان بىر قۇياش جاھانغا ئىلىم ۋە ھېكمەت نۇرلىرى ياغدۇرۇپ، ئىنسانلىق تارىخىنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىنى ئايدىڭلىققا چىقارغان ئىدى. مانا بۇ قۇياشنىڭ ئۆزى دەل قۇرئان كەرىمدۇر. ئۇلۇغ رەببىم مۇقەددەس كىتاب بولغان قۇرئان كەرىمنى 22 يىل جەريانىدا سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھىي ئارقىلىق 30 پارە، 114 سۈرە ۋە 6236 ئايەت قىلىپ نازىل قىلدى. مانا مۇشۇ سۈرە ۋە ئايەتلەرنىڭ ئىچىدە، بىزدەك مەزلۇم مىللەتلەرنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا، ئۇرۇش – جىھادقا چاقىرىش ھەققىدىكى مەزمۇنلار مېنىڭ بىلىشىمچە، ئون ئۈچ سۈرەنىڭ 50 تىن ئوشۇق ئايەتىدە تەكىتلىنىدۇ. قۇرئان بۇ ئارقىلىق بىزدەك زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقان مىللەتلەرنى زالىملارغا، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۈزۈل – كېسىل كۈرەش قىلىشقا، جىھاد قىلىشقا چاقىرىدۇ. مەسىلەن:

بەقەرە سۈرەسىدە بەش ئايەت، ئال ئىمران سۈرەسىدە ئۈچ ئايەت، نىسا سۈرەسىدە ئون بىر ئايەت، ئەنفال سۈرەسىدە سەككىز ئايەت، ھەج سۈرەسىدە ئۈچ ئايەت، مۇھەممەد سۈرەسىدە تۆت ئايەت، فەتھ سۈرەسىدە ئۈچ ئايەت، ئەنكەبۇت سۈرەسىدە بىر ئايەت دەل مۇشۇ مەزمۇندىكى بۇيرۇقتۇر. بۇلار ئۇلۇغ ۋە كەرەملىك ئاللاھنىڭ مۇقەددەس بۇيرۇقلىرىدۇر. مۆھتەرەم ئەزىز مۆمىنلەر، سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، تۆۋەندە مەن زىكرى قىلىنغان شۇ ئايەتلەرنىڭ بەزىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن، سىلەرنىڭ دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىپ، ئەقىل بىلەن تەپەككۇر قىلىشىڭلارنى ئۇلۇغ ئىگەمدىن نىياز ئەيلەيمەن!

بەقەرە سۈرەسى 90 – ئايەت:

«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ»

216 – ئايەت:

«سىلەر ياقتۇرمىغان ئەھۋالدىمۇ ئۇرۇش قىلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى. سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نەرسىنى ياقتۇرماي قېلىشىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن زىيانلىق بولغان نەرسىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىڭلارمۇمكىن. سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر»

ئال ئىمران سۈرەسى 200 – ئايەت:

«ئى مۆمىنلەر! چىداملىق بولۇڭلار، باتۇرلۇق كۆرسىتىڭلار. جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار»

نىسا سۈرەسى 95 – ئايەت:

«مۆمىنلەردىن ئۆزرىسىز جىھادقا چىقمىغانلار ئاللاھ يولىدا پۇل – ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ پۇل – ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلارنى جىھادقا چىقمىغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. بۇ ئىككى خىل كىشىنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ جىھاد قىلغۇچىلارنى بۈيۈك ئەجىر بېرىش ئارقىلىق جىھادقا چىقمىغانلاردىن ئۈستۈن قىلدى»

تەۋبە سۈرەسى 39 – ئايەت:

«ئەگەر سىلەر جىھادقا چىقمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. سىلەرنى ھالاك قىلىپ ئورنۇڭلارغا سىلەردىن باشقا قەۋمنى كەلتۈرىدۇ…»

41 – ئايەت:

«ئى مۆمىنلەر جامائەسى! سىلەر يەڭگىل بولغان ھالەتتىمۇ، ئېغىر بولغان ھالەتتىمۇ جىھادقا چىقىڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل – مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار، مۇشۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر»

ئەنكەبۇت سۈرەسى 69 – ئايەت:

«بىز ئۈچۈن جىھاد قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»

مۆھتەرەم، ئەزىز جامائەت، يۇقىرىدا ئوقۇپ ئۆتكەن ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ سۆزلىرى ۋە بىز بەندىلەردىن كۈتكەن ئۈمىدى، تاجاۋۇزچىلارنى ئانا تۇپراقلىرىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن بىزگە كۆرسەتكەن مۇقەددەس يولى. ئەجابا بىز قاچانغىچە ئۇخلاپ ياتىمىز، قاچانغىچە بۇ زۇلۇمغا چىدايمىز، قاچانغىچە قۇللۇقتا، ھەقىرلىقتا ياشايمىز؟ يېتەر ئەمدى، ئەي ئەزىز قېرىنداشلىرىم، قولىمىزغا نېمە چىقسا شۇنى ئېلىپ ئۇرۇش قىلىدىغان زامان كەلدى، ئاللاھنىڭ دەستۇرىغا چىڭ ئېسىلىشنىڭ پەيتى كەلدى. بىز بۇ ھاياتقا قاقشاپ، ئېزىلىپ ياشىغاندىن ئاللاھنىڭ يولىدا كۈرەش قىلىپ، جېنىمىز، قېنىمىز، مېلىمىز، مۈلكىمىز، ۋىجدانىمىز، غۇرۇرىمىز بىلەن جىھاد يولىغا ئاتلىنىشىمىز لازىم. مانا بۇ يول بىزنىڭ تىرىلىش يولىمىز، ئۈمىد يولىمىز، ئەركىنلىك يولىمىز، مۇستەقىللىق يولىمىزدۇر. مۇشۇ كەمگىچە تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۈچ كۈنلۇك دۇنيا ئۈچۈن غەيرەت قىلىپ تىرىشتۇق، ئەمما كۆرگەن كۈنىمىز ھەممىمىزگە ئايان، ئەمدى ئەبەدىي بىر ھايات ئۈچۈن، مەڭگۈلۇك ۋەتەن ئۈچۈن، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغان، قان تۆكۈپ كۈرەش قىلىدىغان زامان كەلدى. جالالىدىن رۇمى مۇنداق دېگەن ئىكەن:

ئاسالەت بويدا ئەمەس سويدا،

نازۇكلۇق بەلدە ئەمەس تىلدا.

توغرۇلۇق سۆزدە ئەمەس ئەمەلدە،

گۈزەللىك يۈزدە ئەمەس يۈرەكتە.

مانا ھازىر نەسلىمىزنىڭ ئوغۇزخان نەسلىدىن ئىكەنلىكىنى تىلىمىز، دىلىمىز، ئەمەلىيىتىمىز بىلەن، ئالپلىق ۋە مەرتلىككە تولغان يۈرىكىمىز بىلەن ئىسپاتلاشقا پۇرسەت ۋە شارائىت يېتىپ كەلگەن زاماندۇر. مەن مۇشۇ جامەدە ئولتۇرغان ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا يارىشىدىغان ھالدا زال ئوغلى رۇستەمدەك باھادىرلىقنى كۆرسىتىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.

ئەي مەزلۇملەرنىڭ غەمگۈزارى بولغان ئاللاھىم! سەن بىزگە توغرا يولنى كۆرسەت، پۈتۈن مەزلۇملارغا، جۈملىدىن بىزگە ياردەم ئەيلە، زالىملار ئاجىزلارغا، ئاياللارغا ۋە بالىلارغا، جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە زۇلۇم قىلماقتا، مانا مۇشۇ زۇلۇمغا يىللارچە سەۋر قىلىپ كەلگەن، قاراڭغۇ زۇلمەتلىك كېچىنىڭ يوقمىدۇر تېڭى دەپ كۆز ياشلار بىلەن، ھەسرەتلىرى بىلەن سەندىن ياردەم ئىستىگەن مۇشۇ قەۋمگە ياخشىلىقىڭنى ئايىما ئاللاھىم، بىزنىڭ خاتىرجەملىكىمىزنى، ھۇزۇرىمىزنى، ئۈمىدىمىزنى يوق قىلىدىغان بارلىق ئىشلارنى يەر بىلەن يەكسان ئەيلە ئاللاھىم، بىزنى ئۆز تۇپراقلىرىمىزدا ئەركىن، بەختىيار، باياشات ياشىشىمىزغا نەسىپ ئەيلە ئاللاھىم، ئۈممىتى مۇھەممەدكە ياردەم ئەيلە، ئۈممىتى مۇھەممەدكە مەغپىرەت ئەيلە ئاللاھىم! بىزنى بىر تۇغنىڭ ئاستىدا جەم بولۇشقا نەسىپ ئەيلە، سېنىڭ ھېكمىتىڭدىن سوئال سورالماس يا ئاللاھىم! ئەركىنلىككە ئىگە بولۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئەڭ كۈچلۈك سادا، ھەق ۋە ھەقىقەتنىڭ ساداسى، شۇڭا بىزنى ھەق يولىدا ئىشەنچىمىزنى يوقاتماسلىققا مەدەت بەر ئاللاھىم! بىزنى زالىملارنىڭ قولىدا ئېزىلىشكە قالدۇرما، دۇئالىرىمىزنى قوبۇل ئەيلە ئاللاھىم، بىز ساڭىلا دۇئا قىلىمىز، ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەندىنلا ياردەم سورايمىز. ئەي، قۇدرەتلىك بىرلا ئاللاھ! ساڭا تۈمەن مىڭلاپ مەدھىيەلەر بولسۇن! ئامىن، ئەلفاتىھە!…

سابىت داموللامنىڭ يۈرەككە تېگىدىغان تەبلىغلىرى ۋە دۇئالىرىدىن مەسچىت ئىچىدىكى جامائەتنىڭ يۈرەكلىرى تىترەپ كەتتى. ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە شاھاپ يۇلتۇزى يول كۆرسەتكۈچى بولۇپ چاقنىدى. چوڭقۇر ئولتۇرۇشقان كۆزلىرىنىڭ ئىچىدە ئۈمىد نۈرى پەيدا بولدى. ئۇلار ئەتىكى كۈننىڭ باشقىچە بولۇشىنى، چىققان قۇياشنىڭ باشقىچە چاقنىشىنى، بىخلىغان كۆچەتلەرنىڭ چېچەكلىشىنى، قاغجىرىغان يەرلەرنىڭ كۆكىرىشىنى، گەز باسقان لەۋلەرنىڭ نەملىشىنى ئارزۇ قىلدى. بۇ ئارزۇلارغا يېتىش ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكى ئۇلارنىڭ تىرىلگەن روھلىرىدا ئايان بولدى. ھەر بىر ئىنسان ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، ئەتراپىدىكىلەرگە، قەۋمىگە، يۇرتىغا ۋە ۋەتىنىگە قىلىنغان، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان زۇلۇملارغا، خورلۇقلارغا قارشى نەپرەتلىرىنى، قارشىلىقلىرىنى پەقەت كۈرەش ئارقىلىق ئىپادىلىگەندە، قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق مۇستەبىت تۈزۈمنى پاچاقلاپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي ئادلەتكە، ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئىگە بولالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top