You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ۋەتەن ھەسرىتى (10)

ۋەتەن ھەسرىتى (10)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئەسەندال ئەپەندى بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ پاراڭلىرى تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. پاراڭ ئۇزارغانسېرى مەزمۇنلارمۇ موللىشىپ، پىكىرلەر چوڭقۇرلىشىپ، بىر – بىرلىرىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ، بىر – بىرلىرىنىڭ دەردلىرىگە دەرمان بولۇۋاتاتتى. ئەسەندال ئەپەندى يەنە سۆز ئېلىپ، گېپىنى باشلىدى: «مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك: ‹بىر مىللەتنىڭ روھى قۇللۇققا تولمۇغىچە، بىر مىللەتنىڭ ئۈمىدى ۋە ئىرادىسى سۇنمۇغىچە، ئۇ مىللەتنى بويسۇندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەسىرلەردىن بېرى مەۋجۇت بولغان مىللىي روھ، كۈچلۈك مىللىي ئىرادىگە ھېچقانداق بىر قۇدرەتلىك كۈچ تەڭ كېلەلمەيدۇ› دېگەن». تۈرك مىللىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مىللىي روھى ھېچ بىر زامان قۇللۇقتا قالغان ئەمەس. ھەر ۋاقىت دۈشمەنلىرى بىلەن قانلىق جەڭلەرنى قىلىپ، ئۆز روھىنى پاكلاپ كېلىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مىللىي ئىرادىسى ھامان بىر كۈنى ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مىللىي روھى ۋە مىللەتچىلىك ئىدىيىسى بارغانسېرى باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا. مۇشۇنداق بولغاندا پۈتۈن مىللەتنى بىرلەشتۈرۈپ، مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈچنى تەييارلىيالايدۇ. چۈنكى تۈرك مىللەتچىلىك ئىدىيىسى تۈركلەرنىڭ روھلىرىغا خىتاپ قىلىپ، بۇ قۇدرەتلىك ۋە مۇرەككەپ دۇنيادا ھەمدە چەكسىز تارىخ ئىچىدە، ئۇلارغا ئۆز كىملىكىنى تونۇتۇپ ئەركىن ياشاش روھىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئەنە شۇ ئەركىنلىك روھى ئۇلارنىڭ قولىغا قورال تۇتقۇزۇپ، دۈشمەن ئىستىھكاملىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

تارىخقا قارايدىغان بولساق، مۇستەملىكىچىلەر تۇپراقنى مۇستەملىكە قىلغان بىلەن، ئۇ تۇپراقتىكى ئىنسانلارنىڭ مىللىي روھلىرىنى مۇستەملىكە قىلالمىغان ۋە نەتىجىدە مەغلۇپ بولغان. مەسىلەن، ئەنگلىيە ھىندىستاننى، ياۋروپادىكى باشقا مۇستەملىكىچىلەر ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىۋالغان، نۆۋەتتە ياپونىيەمۇ خىتايغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. گەرچە مۇستەملىكىچىلەر ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ زېمىنلىرىنى ئىستىلا قىلالىسىمۇ، شۇ دۆلەت خەلقىنىڭ مىللىي روھىنى ئىستىلا قىلالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ دۇنيادا مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى ھېچ تىنچىماي، ئەكسىچە كۈچىيىۋاتىدۇ. مانا شۇ تاپنىڭ ئۆزىدىمۇ بۇرنۇمغا قاننىڭ پۇرىقى كېلىۋاتىدۇ، بەلكى پات يېقىندا كەڭ كۆلەملىك دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىشى مۇمكىن. ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇرۇش ئوتلىرى لاۋۇلداپ يانماقتا، يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ ئىنسانلار ئۆلمەكتە. تۈرك مىللىتى  ئادالەتپەرۋەر، تىنچلىقپەرۋەر بىر مىللەت بولغاچقا، بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە قاراپ، ئاقىلانە قارار چىقىرىپ، بۇ ئۇرۇشتىن ئۆزىنى چوقۇم تارتىدۇ دەپ قارايمەن.

تىنچ ۋە ئادالەتپەرۋەر بىر دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۈرك خەلقى ھەر زامان تەييار! بىز ھەر ۋاقىت ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئويلاش بىلەن بىرگە، باشقا مىللەتلەر بىلەن دوستانە تەرەققى قىلىشنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشنى ئۆز مىللىتىمىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچى دەپ بىلىپ كەلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆز مىللىتىمىزنى ئويلاش بىلەن بىرگە، يەنە ئىنسانلىقىمىزنىمۇ ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. تۈرك مىللەتچىلىك ئىدىيىسى ھېچبىر زامان ئىنسانپەرۋەرلىكنى چەتكە قاققان ئەمەس. بىز ئۆزىمىزنى ئەبەدىي ساقلاپ قالىمىز دەپ باشقىلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلمايمىز، ئەكسىچە موھتاجلىق ئىچىدىكى خەلقلەرگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇمىز. چۈنكى دۇنيادىكى  مىللەتلەر بىر – بىرىدىن ئۈستۈن ئەمەس، ھەممىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇشتىدىن بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان. بۈگۈنكى زامانىۋىي دۇنيادا، ئوخشاش بولمىغان ئاتوم زەررىچىلىرىگە ئىگە تۆمۈرنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرغىلى بولمىغاندەك، مىللىي پىسخىكىسى، مىللىي خاراكتېرى، مىللىي ئۆزلۈكى، مىللىي قىممەت قاراشلىرى بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولغان ئىنگلىزلەرنى گېرمانغا، گېرمانلارنى ئىتالىيانغا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركلەرنىمۇ باشقا بىر مىللەتكە ئايلاندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بىز يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تۈرك مىللەتچىلىكىنى تەشەببۇس قىلىمىز ۋە بۇ ئىدېئولوگىيە بىلەن پۈتۈن دۇنيا تۈركلىرىنى بىرلەشتۈرىمىز!»

ئىچكىرىكى ئۆيدە ئەنە شۇنداق ھاياجانغا تولغان پاراڭلار قىززىۋاتقاندا، ئەردەم يېنىدا ياتقان مۇھەممەد رىزانىڭ سەبى يۈزىگە قاراپ، چوڭقۇر خىيال دەرياسىدا غۇلاچ تاشلاپ ئۈزۈۋاتتى. «بۇ دۇنيادا ھەممە نەرسە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇپرايدۇ، كونىرايدۇ ۋە چىرىپ تۈگەيدۇ، ھەتتا گۈزەل ئەسلىمىلەرمۇ. شۇ ۋەجىدىن ۋاقىت ئەڭ مۇتلەق زومىگەردۇر. ئۇ ھېچ بىرەر جانلىققا شەپقەت قولىنى سۇنمايدۇ. ۋاقىت توپانلىرى ھەممە نەرسىنى سىيرىپ – سۈپۈرۈپ، ئېقىتىپ، ئاخىرىدا تۇپراققا ئايلاندۇرۇپ ئۇنتۇلدۇرىدىغان پايانى يوق تىلسىم. ۋاقىت دەرياسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېقىشى بىلەن، ۋاپات بولغان ئاتا – ئانام، پەرۋىن، ئىلاخۇن دادام ۋە يېقىن دوست – يارەنلىرىمنىڭ ھەممىسى چىرىپ تۇپراققا ئايلىنىپ بولدى. مەن بولسام ياشاۋاتىمەن، تىرىكمەن. ئەمما مەن تىرىك تۇرۇپ چىرىپ كېتىۋاتىمەن.

ھەر نەرسە ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەيدىغان، كىچىككىنە نەرسىلەر ئۈچۈن ئالەمچە خوشال بولىدىغان ۋە گۈزەل ئارزۇ – ئۈمىدلىرى بار كىچىك بالىلىق چاغلىرىمغا قايتىشنى ئويلايمەن. ئاشۇ ئاتا – ئانا مېھرى، دوست – يارەنلەر، قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى ۋە ساپ ئانا يۇرت ھاۋاسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نەقەدەر ساپ ۋە نېمە دېگەن گۈزەل – ھە؟! مەن شۇ چاغلارغا قايتىپ ياشاشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. مانا، يىللار بىر – بىرىنى قوغلىشىپ، ئارقا – ئارقىدىن ئۆتۈۋاتىدۇ. مەن بولسام قىشلارنىڭ كېلىشىنى سەۋرسىزلىك بىلەن ساقلاۋاتىمەن. ھەر كۈن، ھەر ھەپتە ۋە ھەر ئاي تۈگىگەندە، دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى سارغىيىپ تۆكۈلگەندە، ئېتىزلىقلاردا ياۋا چۆپلەر قۇرۇپ ئۈستىنى قىرۇ باسقاندا، يىراقتىكى تاغنىڭ چوققىسى ئاقارغاندا، كۈن قىسقىراپ، بالدۇر قاراڭغۇ چۈشكەندە، ئۆزۈمنى باشقا چاغدىكىدىن بەكرەك بەختلىك ھېس قىلىمەن. مانا ياز تۈگدى، كۈز كەلدى، يۈزۈمگە كۈزنىڭ ئاچچىق شاماللىرى كېلىپ ئۇرۇلدى، مانا، دەسلەپكى قارنىڭ يېغىشى بىلەن تەڭ قىش كەلدى. ئەمدى يىلمۇ تۈگەشكە ئاز قالدى، ئەنە، ھەممە يەرنى زىمىستان قىش قاپلاپ، بۇ يىلمۇ بۇرۇنقىدەكلا جىممىدە ئۆتۈپ كەتتى».

ئەردەم ھەردائىم ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتۈشىنى ئەنە شۇنداق ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ زامان ۋە ماكاندا ئۇزۇن توختاپ قېلىشنى ھېچقاچان ياخشى كۆرمەيتتى. ئۇ بىر يولچى بولۇپ، يولنى ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى ئۇ، كۆرۈنۇپ تۇرغان ئاشۇ تاغنىڭ ئارقىسىدا ۋەتىنىنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ، ئەنە شۇنداق خىياللارنى قىلىش ئارقىلىق، ئۆز خىيالىدا ۋە ئۆز ئىچىدە ياشاپ، ئەركىنلىككە پات ئارىدا چىقىپ ۋەتەنگە قايتىدىغاندەك ھېس قىلاتتى. ئۇ بىر – بىرىگە ئوپمۇ – ئوخشاش يىللارنىڭ تېزلا ئۆتۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردىن تېزرەك كېتىشىنى، ئىچىدىكى ئۈمىد ۋە ئارزۇلىرى بىلەن بۈيۈك سېغىنىش ئىچىدە ساقلاۋاتقان ئاشۇ كۈنلەرنىڭ پات ئارىدا كېلىشىنى تەشنالىق ئىلكىدە كۈتەتتى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى يېزىشقا كىرىشكەندىن بېرى، ئەردەم ئۆزىنى يالغۇز ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ قورودىكى ئۇششاق – چۈشەك كۈندىلىك ئىشلارنى قىلشتىن باشقا ئالاھىدە بىر ئىشى يوق ئىدى. ئۇ ھوجرىسىدا يالغۇز ياشاۋېرىپ، «كۆيگەندىن كۆنەك يامان» دېگەندەك، يالغۇزلۇققا كۆنۇپ كەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ روھىي جەھەتتىن بەكمۇ يالغۇز بولۇپ، ئۆتمۈشتىكى كۈنلىرىنى ئەسلەپ، دائىم ئۆتمۈش ئىچىدە ياشايتتى.

ئۇ ئۆتمۈشتىكى ھەر بىر ئىشنى ئايرىم – ئايرىم ئويلاپ، ھەممە نەرسىنىڭ ئەڭ كىچىك، ئايرىم – ئايرىم نۇقتىلىرىغىچە تەھلىل قىلىپ، ئۆزىنى گۇناھكار ھېسابلايتتى، ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتماي، شەپقەتسىزلىك بىلەن ئۆزىنى ئەيىپلەيتتى. ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنى جازالىماقچىمۇ بولاتتى. بەزىدە تۇرۇپلا، ئۆتمۈشنى توختىماي كوچىلاشقا سەۋەب بولغان بۇ يالغۇزلۇق ھاياتقا ۋە بۇنچىلىك كۆپ ۋاقتىنىڭ بولغانلىقىغا شۈكۈر قىلاتتى. سائەتلەرچە جايىدا قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ ئوي ئويلاپ، ئەگەر يەنە بىر پۇرسەت بولسا، ۋەتەندىن ھېچ ئايرىلماي، دوستى ئەبەيدۇللاھتەك جەڭ مەيدانىدا شېھىت بولۇشقا ۋە ئۆتمۈشتە سادىر قىلغان خاتالىقلارنى قايتا سادىر قىلماسلىققا ئانت ئىچەتتى، كەلگۈسى ئۈچۈن پىلانلارنى تۈزۈپ، ئىچىدىكى ئويلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ جاھىللىق ئىچىدە قالغانلىقىدىن تېرىكەتتى ۋە پۈتۈن ئويلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشماي قېلىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى. ھەتتا بەزىدە ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆزىنى يېڭى بىر ئۇرۇش ئىچىدە سىنىماقچى بولاتتى. ئۇ كۆزى يۈكسەكلەردە بولغان، ئۆزىگە ئىشەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن بىرى بولۇشقا تىرىشاتتى. ھازىرغىچە چەككەن ھەسرەتلىرىنى ئەمدى ئىچىگە يوشۇرۇپ، ئۇنى ۋاقتى كەلگەندە چوڭقۇر ۋە داۋاملىق ئۆچمەيدىغان نەپرەت يالقۇنىغا ئايلاندۇرۇپ، بۇ يالقۇن ئارقىلىق دۈشمەنلىرى كۆيدۈرۈپ، چۇچىلىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆچىنى ئالماقچى بولاتتى. بۇ كەچتە ئۇ، ئەنە شۇنداق خىياللارنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ئىشقا چىدايدىغان بىرسى بولۇپ تاۋلىنىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىپ، بەدىنىنىڭ يېرىمىنى يەرگە ساڭگىلىتىپ، كىرىسلودا ئۇخلاپ قالغانىدى.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top