You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ۋەتەن ھەسرىتى (11)

ۋەتەن ھەسرىتى (11)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

نىھايەت، ئەسەندال ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن خەۋەر ئاخىر يېتىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئون ئۈچ ياشلىق مۇھەممەد رىزا بىلەن نىياز مۇھەممەد، ئۆمەر ۋە سىرجىدىن قاتارلىق ئۆسمۈرلەر تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلارنى ئۇزىتىش ئۈچۈن كابۇلدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار يىغىلدى. بالىلارنىڭ سەبىي كۆزلىرى يېڭى يولغا چىققان يولچىلاردا بولىدىغان ھاياجان نۇرىغا تولغان ئىدى. بولۇپمۇ، ئەمدىلا ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن مۇھەممەد رىزا بىر ئاز جىددىلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۈتكەن كۈنى، سەۋر بىلەن ساقلىغان ۋاقتى مانا بۇ كۈن ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى پارلاق يولنىڭ باشلىنىش بېكىتى بولسا، ئۈچ يىلدىن ئوشۇق ئولتۇرغان مۇشۇ قورونىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ دوقمۇش ئىدى.

ئۇ ھازىر، ئۆزى ئىزچىل خىيال قىلغان كەلگۈسى بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدى ئارىسىدا ھېچقانداق بىر تىركىشىشنىڭ يوقلۇقىنى، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئارزۇسى كۆپچىلىكنىڭ، بولۇپمۇ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ روشەن تونۇپ يېتىپ، ھاياجاندىن ئۆزىنى قويۇدىغان يەر تاپالماي قالغان ئىدى. ئۇ ئۆزى بىلەن خوشلىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ۋىدا سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايتتى. ئۇنىڭ ئەس – ھوشى مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا قانداق تەشەككۇر بىلدۈرۈشتە، ئۆز ھېس- تۇيغۇلىرىنى ئۇنىڭغا قانداق ئىپادىلەشتە قالغان ئىدى.

ئۇ ئۆزىگە ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئالدىغا قوچاق ئېچىپ يۈگۈرۈپ كېلىپ، ھاياتىنىڭ يېڭى ئۇپۇق يوللىرىنى كۆرسەتكەن ئاتا سۈپەت شەپقەتچىسىنى چىڭڭىدە قۇچاقلىدى. ئۇ شۇنداق بىر قۇچاقلىدىكى، ئۇنىڭ ئاچقان قۇچىقىغا دۇنيادىكى بارلىق ئۆسمۈر بالىلاردا بولىدىغان بالىلىق مېھرىنىڭ ھەممىسى مۇجەسسەملەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىنى ئەمدى نېپىز بىر ياش پەردىسى قاپلىدى. ئاخىرى ئۇنىڭ پاك يۈرىكىدىن ئېتىلىپ چىققان ھىجران ياشلىرى ئۇ پەردىنى يىرتىپ تاشلاپ، سەبى يۈزىگە تاراملاپ چۈشتى. ئۇنىڭ يۇمران ئاق تېرىسى ئۈستىگە تۆكۈلگەن ياش تامچىلىرى، خۇددى ئەسىرلەر بويى سەدەپنىڭ ئىچىدە تىزىلىپ ياتقان ئۈنچىلەرنىڭ  سەدەپنىڭ ئېچىلىشى بىلەن تەڭ ئاپئاق بىر يىپەكنىڭ ئۈستىگە شۇرۇلداپ تۆكۈلگىنىدەك، قۇياش نۇرىدا شۇنچىلىك جۇلالىنىپ كەتتى.

بۇ يالتىراق ئۈنچىلەر خۇشاللىق، ھاياجانغا تولغان كىچىك بىر يۈرەكنىڭ ۋىدا ھەدىيەسى ئىدى. ھەي، ئىنساننىڭ قەلبى ئاجايىپ بىر نەرسە ئىكەن! ئۆز ۋاقتىدا كابۇلغا كېلىپ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن كۆرۈشۈپ ۋىسالغا يەتكەن چاغدا، ھېچ ئايرىلمايدىغاندەك شۇنچىلىك خوشنۇت، شۇنچىلىك ھاياجانغا تولغان بۇ يۈرەك، مانا بۈگۈن ئايرىلىپ، ۋىدالىشىۋاتقاندىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق خوشنۇت، شۇنچىلىك ھاياجانغا تولغان ئىدى. دېمەك، يولدىن كېلىش بىلەن يولغا چىقىش مەزگىلىدىكى ئادەمنىڭ يۈرىكىدىكى ھېس – تۇيغۇلار ئارىسىدا پەرق چوڭ ئەمەس. چۈنكى كەلگەن يول بىلەن كەتكەن يول ئوخشاش بىر يول بولۇپ، ھەممىسى ھەقىقەتكە تۇتاشقان.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆزىگە ئېسىلىپ تۇرغان مۇھەممەد رىزانىڭ باشلىرىنى ئاتىلىق مېھرى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ ئەتراپىدىكى يولغا چىقىشقا تەلمۈرۈپ تۇرغان بالىلارغا قاراپ: «سىلەر ئۆزۈڭلارنى سەل چاغلىماڭلار يىگىتلەر، سىلەر مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىگى، كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان دۆلىتىمىزنىڭ ئۇل تاشلىرى. سىلەر تۈركىيەگە ئوينىغىلى ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس بىر ۋەزىپىنى ئۈستۈڭلەرگە ئېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. سىلەر ئۇ يەرگە بارغاندا بەزىڭلار تېببىي بىلىملەرنى ئۆگەنسەڭلار، بەزىڭلار ھەربىي بىلىملەرنى ئۆگىنىسىلەر، بەزىڭلار بولسا ئېنژىنىرلىك بىلىملىرىنى ئىگىلەيسىلەر. سىلەر مۇشۇ زامانغا لايىق ئىلىمگە ئىگە بولۇش، زامانغا لايىق ئادەم بولۇش ئۈچۈن، كەلگۈسىدە ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانىڭ ئازاتلىقى، تەرەققىيات قۇرۇلىشى ئۈچۈن جەسۇر بىر جەڭچىگە ئايلىنىش ئۈچۈن كېتىۋاتىسىلەر. سىلەر زامانغا ماس بىر تەپەككۈر ئۇسۇلى بىلەن ئۆزۈڭلارنى تەربىيەلەپ، چوقۇم ئانا يۇرتۇڭلارغا قايتىسىلەر. شۇڭا، ئۇ يەردە تىرىشىپ ھەر ساھەدىكى بىلىملەرنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزۈڭلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تاۋلايسىلەر. سىلەرنىڭ بۇ يوللىرىڭلار مۇقەددەس يول! شۇڭا بۈگۈن ھەممىمىز ئۈچۈن يىغلاش ئەمەس، بەلكى خوشاللىق ئىچىدە خوشلىشىش كۈنىدۇر. ئارزۇيىمىز پەقەت ۋە پەقەتلا، سىلەرنى ۋەتەن ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىلدۈرىدىغان مائارىپ يولىغا ئۇزۇتۇش. ھەممىڭلارنىڭ يولى ئوچۇق بولسۇن! سىلەرنى ئاۋۋال ئاللاھقا، ئاندىن تۈركىيە خەلقىغە تاپشۇردۇق!».

بالىلار چۈشكەن ماشىنا چوڭ كوچىدىن چاڭ چىقىرىپ ئاستا – ئاستا ئۇزاقلاشتى. ئۇلار ئۆتمۈشىدىكى بارلىق كەچمىشلىرىنى مۇشۇ يەرگە قويۇپ قويۇپ، يېڭى بىر يولغا، يېڭى بىر ھاياتقا ئاتلانغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا قالغان ئۇرۇق – تۇغقانلىرى كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، چاڭ باسقان كوچىدىن  ئايرىلماي، بەزىلەر قوللىرىنى پۇلاڭلاتسا، بەزىلەر قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ، ماشىنىنىڭ قارىسى يۈتۈپ، تاكى قارا چىكىت بولۇپ كۆرۈنگىچە ساقلىدى، كېيىن ئاستا – ئاستا بىر – ئىككىدىن تاراشتى. ئەمما قورونىڭ ئارقا باغچىسىدىكى دەرەخلەردىن سارغىيىپ تۆكۈلگەن ياپراقلار كۈزنىڭ شامىلىنى ئات ئېتىپ، قارا ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ چېپىۋاتاتتى. ماشىنا ئۆزلىرىگە تونۇش بولغان جايلاردىن يىراقلىشىپ يات يوللاردا كىرگەندە، بالىلارنىڭ كۆڭۈللىرى ئاندىن يېرىم بولۇشقا باشلىدى. ئۇلارنى ئۆز ئاتا – ئانىلىرىدىن، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن كىچىك تۇرۇپلا ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان بۇ غايە، ئەمدى ئۇلارنى ئازابلاشقا باشلىغان ئىدى. ئۇلار يىراقلاردا كۆرۈنۈپ تۇرغان تاغلارغا قاراپ، كىچىك تۇرۇپلا ئايرىلغان ئاشۇ ئانا ۋەتىنىنى ئەسكە ئالدى.

ئەمدى ئۇلار ۋەتەندىن تېخىمۇ يىراقلارغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ كىچىك قەلبىنى بىر – بىرىگە مۇستەھكەم باغلىغان رىشتە ئانا يۇرت مېھرى ئىدى. ئۇلاردىكى مۇھەببەت شۇ ئانا تۇپراقنىڭ باقى مېھرىدىن كەلگەن ئۈزۈلمەس رىشتە ئىدى. ئۇلار ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىدىغان، ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئۆزلىرى قارار ئالىدىغان، كىچىك تۇرۇپلا چوڭ بولغان ئەسكەرلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھاياتتىكى بارلىق خوشاللىقلىرى بىلەن قايغۇلىرى، مانا مۇشۇ سەپەر بىلەن باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار بىر كۆككە، بىر ئارقىدا قېلىۋاتقان يوللارغا قاراپ، بىر – بىرلىرىنىڭ ياش يۇقى يۈزلىرىگە  بېقىشتى. ئەمدى ئۇلار بىر – بىرىگە ھەمرا، بىر – بىرىگە يولداش ئىدى. ماڭغان يولىدىن ئازماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇ دوستلۇقى مەڭگۈگە باقى ئىدى. چۈنكى بالىلىق ئىنساننىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە ئەڭ يېقىن يارقىن بىر مەزگىل بولۇپ، بالىلىقتىكى دوستلۇق، بالىلىقتىكى يولچىلىق ئىنسانغا مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدىغان ئاجايىپ تارىخ ھېسابلىنىدۇ.

ئەسلىدە، بۇ بالىلارنى ئوقۇتۇپ، تەربىيەلەش توغرىسىدا، كابۇلدىكى ياپون باش ئەلچىسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ خاھىشىنى مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا  ئۇلارنىڭ يەنىلا تۈركىيەدە تەربىيەلىنىشىنى لايىق كۆردى. ئۇنىڭ مۇنداق بىر قارارنى ئېلىشىدا بەزى سەۋەبلەر بار ئىدى. ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈركلەرنىڭ دۆلىتى ئىدى. ئۇنداق ئىكەن، بۇ ئۆسمۈرلەر تۈركىيەدە ئۆزىنىڭ ھەم مىللىي ھەم دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قالالايتتى. ئىككىنچىدىن، دۇنيا ۋەزىيىتىنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، پات ئارىدا چوقۇم 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پارتلايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنىدى. مانا شۇ سەۋەبتىن، بالىلارنى ئۇرۇشتىن سەل يىراق تۇرۇۋاتقان نۆۋەتتىكى ئەڭ تىنچ دۆلەت تۈركىيەگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىمۇ ئويلاشقانىدى. مۇھىم سەۋەبلەردىن يەنە بىرى بولسا، يەنىلا نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا كابۇلغا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئۆزىنىڭ كۈچ توپلاپ ۋەتەنگە قايتا كىرىش مەقسىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەسلى غايىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چارە ئىزدەپ، بىر چىقىش يولى تېپىلىپ قالار دېگەن ئۈمىد – ئارزۇلار بىلەن ياپونىيەنىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. بۇ كۆرۈشۈشلەردىن كېيىن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ ياپون ھۆكۈمىتىدىن كۈتۈدىغان بەزى تەلەپ ۋە ئارزۇلىرىنى مەكتۇپ ئارقىلىق بايان قىلغان. ئەمما ياپون كونسۇلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ بۇ تەلەپلىرىگە ئېنىق بىر جاۋاب بەرمىگەن ۋە ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ كابۇلدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى ياپونىيەدە تەربىيەلەپ بېرىشتىن باشقا چوڭ بىر ئىش قىلىپ بېرەلمەيدىغانلىقى رېئاللىققا ئايلانغان ئىدى.

دۇنيا ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزىتىپ، ئانالىز قىلىپ تۇرۇۋاتقان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەمدىلىكتە، ياپون ھۆكۈمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈشنىڭ ھازىرقى دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئۇنچىلىك ئاقىلانە بىر ئىستراتېگىيە ئەمەسلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن، شۇڭا بالىلارنى ياپونىيەدە ئوقۇتۇشتىن ۋاز كەچكەن ئىدى. شۇندىن كېيىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ پۈتۈن زېھنىنى «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرىنى يېزىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بالىلارنى ئوقۇتۇش ئىشىنى تۈركىيە باش ئەلچىسىگە تاپشۇرغان، ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى نەتىجىلىك ئاخىرلاشقان ئىدى. مانا بۈگۈن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بالىلارنى تۈركىيەگە يولغا سېلىۋېتىپ، ھېچبىر ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي يەنە ئۈستەل ئالدىغا كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرىنى پات يېقىندا پۈتتۈرۈش ئۈچۈن، يېزىقچىلىققا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ كىتابنىڭ ئۈچىنچى بابى بولغان «چىننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە مىللىي ئىنقىلاب دەۋرى» دېگەن بابنى يېزىپ بولۇپ، ئەمدى «شەرقىي تۈركىستاندا تۆتىنچى قېتىملىق ئومۇمىي ئىنقىلاب» دېگەن تۆتىنچى بابىنى يېزىشقا كىرىشكەن ئىدى. بۇ بابنى يېزىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئانچە قىيىنغا توختىمايتتى، چۈنكى بولۇپ ئۆتكەن ئىنقىلابلارنىڭ بىر قىسمىغا شەخسەن ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان ۋە يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى. بۇ ئىنقىلابقا سەۋەب بولغان ئامىل ئوپئوچۇق خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقى ئىدى.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top