You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قۇربان ھېيت

قۇربان ھېيت

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مانا بۈگۈن قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسى بولغان ئايەم كۈنى ئىدى. ئەتە بولسا قۇربان ھېيت. قۇربان ھېيت دېمەك، بۈيۈك ئىمتىھان دېمەك. چۈنكى، ئۇ كۈن ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئاللاھقا بولغان ساداقىتىنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن كۈنى ئىدى. ئەسلىدە ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئۇزۇن يىللار بويىچە ھېچ بالىسى بولمىغان ئىدى. ئەمما ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا بولغان سۆيگۈسىدىن ھېچ بىر زامان ۋاز كەچمىدى. ئاللاھقا ئىسيان ئەتمىدى. ئەكسىچە ئاللاھقا بولغان سۆيگۈسى ھەسسىلەپ ئاشتى. بۇ سۆيگۈنىڭ يېرىنى ھېچقانداق بىر نەرسە ئەسلا تولدۇرالمايتتى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ نەسلىنىڭ داۋام قىلىشىنى باشقا كىشىلەرگە ئوخشاشلا ئارزۇ قىلاتتى. مانا مۇشۇ ئىچىگە تولغان ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، ئىككى قولىنى كۆككە كۆتۈرۈپ ئاللاھقا نىدا قىلدى:

ئەي ئۇلۇغ ئاللاھىم، يارال دەپلا يارىتىدىغان، ئىچىمىزنى ئىماننىڭ نۇرى بىلەن تولدۇرغان، رەھمان ۋە رەھىم بولغان پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر پۇرسەنت ئاتا قىلغان بولساڭ! مۇشۇ ئاجىز بەندەڭنىڭ تىلەكلىرىنى ئۆز ھۇزۇرۇڭدا قوبۇل قىلساڭ! بىر بالام بولسا، سەن نېمە دېسەڭ شۇنى قىلغان بولاتتىم، ئامىن!

شۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغ ئاللاھ ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ چىن دىلىدىن قىلغان دۇئالىرىنى ئۆز ھوزۇرىدا قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا نۇر توپىدەك بىر ئوغۇل ئاتا قىلغان ئىدى. ھەزرىتى ئىبراھىم ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئىسمائىل قويدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئايالى ھەزرىتى ھاجەر بىلەن ئوغلى ئىسمائىلنى چەكسىز كەتكەن بىر سۇسىز چۆللۈككە قويۇپ قۇيۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. كېيىن بۇ چۆللۈكتە زەمزەم سۈيى تېپىلدى ۋە كارۋانلار بۇ چۆللۈككە يەرلىشىپ ئاستا – ئاستا بۇ ئادەمسىز گىياھ ئۈنمەيدىغان قاقاس چۆللۈك ئاۋات بىر مۇقەددەس ماكانغا ئايلاندى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىسمائىلمۇ ئۇياق – بۇياققا چېپىپ، ئوينايدىغان ياشقا كېلىپ قالغان ئىدى. مۇشۇ زامانلاردا ھەزرىتى ئىبراھىم بىر چۈش كۆردى. چۈشىدە ئوغلى ئىسمائىلنى بوغۇزلاشقا تۇتۇش قىلىۋاتاتتى. دەسلەپتە بۇ چۈشكە بەكمۇ ئېتىۋار بېرىپ كەتمىدى. ئەمما بۇ چۈشنى داۋاملىق كۆرۈشكە باشلىدى. كېيىن بىلدىكى بۇ بىر ئادەتتىكى چۈش بولماستىن، بەلكى ئىلاھىي ئىشارەت ئىدى. بۇ چۈش ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوغلىنى ئاللاھ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشتىن بېشارەت بېرىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئىبراھىم بۇ ئىلاھىي بېشارەتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھېچ ئىككىلىنىپ قالمىدى. چۈنكى ئۇ ئاللاھنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئىتائەت قىلاتتى ھەمدە ئاللاھتىن ئۆزىگە ھېچقانداق بىر يامانلىقنىڭ كەلمەيدىغانلىقىغا چىن دىلىدىن ئىشىنەتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان ئىسمائىلنى ئاللاھ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا نىيەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئىبراھىم ئايالىغا بۇ چۈشىنى ۋە ئۆزىنىڭ نىيىتىنى سۆزلىمەي، ئوغلى بىلەن تاغقا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ. ئوغلىنى بىر مۇراسىمغا بارىدىغاندەك قىلىپ چىرايلىق كىيىندۇردى ۋە قولىدىن يېتىلەپ تاغقا قاراپ يول ئالدى. بۇ يول ئاللاھقا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرىدىغان مۇقەددەس يول ئىدى. بۇ يول نىيەت ۋە ساداقەتنى، ئىشەنچىنى سىنايدىغان بىر ئىلاھىي ئىمتىھاننىڭ يولى ئىدى. بۇ يولدىن شەيتان خەۋەردار بولۇپ قاتتىق بىئارام بولدى. ئەمما شەيتان ئۆزىنىڭ ھەزرىتى ئىبراھىمنى ئالدىيالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. چۈنكى بۇرۇن ئالدايمەن دەپ بۇرنىغا يېگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ ئىسمائىلنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى ئالدىماقچى بولدى. ئەمما ھەزرىتى ھاجەرنىڭ ئانىلىق مېھرى قانچىلىك كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ھەزرىتى ئىبراھىمنى ئوبدان بىلەتتى. ئۆز يولدىشىنىڭ خاتا ئىش قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ھەزرىتى ھاجەر ئۆز يولدىشىدىن تەسلىمىيەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ساداقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوبدان ئۆگەنگەن ئىدى. شۇڭا ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئۆز ئوغلىغا ئەسلا زىيانكەشلىك قىلمايدىغانلىقىغا پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىشەندى. مانا مۇشۇ ھېچ بىر گۇمان قىلماي ئىشىنىدىغان ئىشەنچ، تەسلىمىيەت تۇيغۇسىنىڭ كۈچى بىلەن ئالدىغا گەپ ئېيتىپ كەلگەن شەيتاننى قوغلىۋەتتى. بۇ يەردە ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمىگەن شەيتان ئاخىرى كىچىك ئىسمائىلنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەمما كىچىك ئىسمائىلمۇ ئۆز ئاتىسىغا بولغان ساداقىتىدىن، تەسلىمىيەت تۇيغۇسىدىن شەيتاننىڭ ئالداشلىرىغا ئىشەنمەي ئۇنى قوغلىدى. ھەتتا قوغلاپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭغا قارىتىپ تاش ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاش ياغدۇردى ۋە ھېچبىر قارشىلىق قىلماي دادىسىغا بويسۇنۇپ، يولىنى داۋام قىلدى. يولدا ھەزرىتى ئىبراھىم بۇ ئىلاھىي ئەمرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئوغلىدىن سەل ئەندىشە قىلدى. ئوغلىنىڭ قارشىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرىدى ۋە قېچىپ كېتەرمۇ؟ دەپ، ئۆز – ئۆزىگە سوئال تاشلىدى. ئەمما بۇ ئەندىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىكار چىقتى. ئۆزىنىڭ نىيىتىنى ئوغلىغا ئېيتقاندا، ئىسمائىل مۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىدى:

‐ جېنىم دادا! ھېچ ئىككىلەنمە، ئاللاھ تەرىپىدىن ساڭا قانداق ئەمر كەلگەن بولسا، قەتئىي ئىجرا قىلغىن. ئىنشان ئاللاھ مېنىڭ قانچىلىك سەۋرلىك ۋە قانچىلىك چىدامچانلىققا ئىگە بولغان، بىر ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن.

بۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئىبراھىم ئوغلىنىڭ بېشىنى بىر تاشنىڭ ئۈستىگە ياتقۇزۇپ، يېنىدىن قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇرىدىغان پىچاقنى چىقاردى ۋە تەكبىر ئېيتىپ، ئوغلىنىڭ گېلىغا سۈركىدى. ئەمما شۇنچىلىك بىلەپ شەمشەردەك ئىتتىك قىلىۋەتكەن پىچاق ئىسمائىلنىڭ گېلىغا ئۆتمىگەن ئىدى. بۇرۇن نەمرۇتنىڭ ئىبرائىمنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ياققان ئوتىغا «ئىبراھىم ئۈچۈن سۆرۈن ۋە سالامەتلىك بول!» دەپ، بۇيرىغان ئاللاھ، بۇ قېتىممۇ پىچاقنىڭ كېسەلمەسلىكى ئۈچۈن ئەمر قىلغان ئىدى. ھەزرىتى ئىبراھىم، ئاللاھقا پۈتۈن بارلىقى بىلەن، ئىتائەتمەنلىكىنى بىلدۈرىۋاتقان چاغدا، كۆكتىن مۇنداق بىر نىدا كەلدى: «چۈشۈڭدە كۆرگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى جايىدا ئىجرا قىلدىڭ». ئاندىن كۆكتىن بىر قوچقار يەرگە چۈشتى ۋە ھەزرىتى ئىبراھىم، ئوغلى ئىسمائىلنىڭ ئورنىغا قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى. زاتەن ئاللاھنىڭ ھەزرىتى ئىبراھىمدىن ئىستەيدىغىنى ئۇنىڭ ئوغلىنى قۇربان قىلىشىدىن بەكرەك ئۆزىنىڭ دۇنياغا كېلىش سەۋەبىنى ئۇنۇتتۇرىدىغان ھەممە نەرسىنى ھەتتا ئۆز جېنىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئوغلىنىمۇ بۇ يولدا پىدا قىلالايدىغان ئىتائەتمەنلىكىنى، ساداقىتىنى سىناش ۋە ئاللاھقا بولغان ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ھەرقانداق قىيىن شارائىت ئاستىدىمۇ ئورۇندىيالايدىغانلىقىنى ئىمتىھان ئارقىلىق بىلدۈرۈش ئىدى. ئاللاھ يولىدا ھېچ ئىككىلەنمەي ئۆز ئوغلىنىمۇ پىدا قىلىدىغان بۇنداق ئىمتىھان ھەقىقەتەن ناھايىتىمۇ قىيىن بىر ئىمتىھان بولۇپ ھېسابلىناتتى. بۇ ئىمتىھاندا ھەزرىتى ئىبراھىم كۆكتىن بىر قوچقارنىڭ چۈشىدىنغانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلمەيتتى. ئەمما ئۇ ئاللاھقا شۇنچىلىك ئىشىنەتتى ۋە ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتى. ھەمدە ئۆزى شۇنچىلىك ئاشق بولغان ئاللاھتىن ئۆزىگە ھېچقانداق بىر زىياننىڭ، يامانلىقنىڭ كەلمەيدىغانلىقىغا بارلىقى بىلەن ئىشىنەتتى. دېمەك، قۇربانلىق دېمەك ھەزرتىتى ئىبراھىمدەك ئۆزى ئىشەنگەنگە، ئۆزى ئىتائەت قىلغانغا، ئۆزى ياخشى كۆرگەنگە ھېچ ئىككىلەنمەي ئىتائەت قىلماق، ئىشەنمەك، بويسۇنماق دېمەكتۇر. قۇربانلىق دېگەن يەنە ھەزرىتى ھاجەردەك ئۆزى ئىشەنگەنگە، ئۆزى سۆيگەنگە، ئۆزى ئاشق بولغانغا، ئۆزى ھۆرمەتلىگەنگە بويسۇنماق، سادىق بولماق، ھېچقانداق بىر نام ۋە مەنپەئەت تەلەپ قىلماي، جاپا – مۇشەققەتتىن ھېچ قورقماي كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئىشەنمەك، تەسلىم بولماق دېمەكتۇر. قۇربانلىق دېگەن يەنە ھەزرىتى ئىسمائىلدەك سەۋر بىلەن ساقلىماق، كۈچلۈك بولماق، ئىرادىلىك بولماق، ئۆزى ياخشى كۆرگەن، ئۆزى ئىشەنگەنگە ئىشەنمەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ۋەدىسى ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەرىپى ئۈچۈن ھېچ قورماي، ھېچ ئىككىلەنمەي پىچاققا بوينىنى سۇنماق دېمەكتۇر.

قۇربان ھېيت ئاشىقلارنىڭ ھېيتىدۇر. چۈنكى، ئاشىقلىق يانماقتۇر، كۆيمەكتۇر. ھەزرىتى ئىبراھىمدەك ھېچ سوئال سورىماي ئوتنىڭ ئىچىگە كىرمەكتۇر، ھەزرىتى ئىسمائىلدەك بوينىنى ئىشەنچ بىلەن پىچاققا سۇنماقتۇر، ھەزرىتى ياقۇپتەك ئايدىڭلىققا ھەسرەت قالماقتۇر، ھەزرىتى يۇسۇپتەك زىنداندا سەۋر بىلەن ساقلىماقتۇر.

ئاشىق، مەجبۇر قالغاندا ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدەك چۆل يوللىرىنى كېزىپ ھىجرەت قىلماقتۇر.

ئاشىق، ئاسارەت زەنجىرى بىلەن باغلانغان خەلقنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرادەك ئارسلاندەك ھۈكۈرەپ چىقىپ، قولىغا قورال ئېلىپ، باھادىرلارنى كۈرەش يولىغا باشلىماقتۇر! ئاشىق، بۇلبۇلنىڭ ئەتتىر گۈلنىڭ ئېچىلىشىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەر تاڭدا ئويغىنىپ ۋىسال دەردىدە خەندان ئۇرۇپ نىدا قىلماقتۇر.

ئاشىق ‐ شاھ مەنسۇردەك، ئەرەندەك ۋەتەن ئىشقىدا، مىللەت ئىشقىدا، ئاللاھ ئىشقىدا ئۆزىنىڭ ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلماقتۇر.

ئاشىق ‐ ئۆزى مۇقەددەس دەپ بىلگەن يولدا بەدەل تۆلىمەكتۇر، قېنىنى ئېقىتماقتۇر!

ئاشىق ‐ ۋەتەندىن ۋە ئاللاھ يولىدىن باشقا، ھەممىدىن ۋاز كەچمەكتۇر.

ئاشىق ‐ يېڭىسار سېپىلى ئىچىگە قامىلىپ قالغان ئەمىر ساھىب، ئەبەيدۇللاھ ۋە ھامۇت دېھقانلاردەك ئۆز يۇرتىنى دۈشمەندىن قوغداش ئۈچۈن، ئۆز بارلىقىدىن ۋاز كېچىپ، كېچە – كۈندۈز جەڭ قىلماقتۇر.

ئاشىق ‐ بىلمەكتۇر ۋە ۋەتەن، ئەل – يۇرت ۋە دۆلەت مەنپەئىتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلماقتۇر.

ئاشق ‐ ئۆز دۆلىتىنىڭ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ نامى بىلەن ۋە سالامى بىلەن كەلگەن ئەمىرلەرنى بېشىغا ھەرقانداق بالا كەلسىمۇ، ئۆلۈم كەلسىمۇ سۆيگۈ بىلەن بىجا كەلتۈرمەكتۇر.

ئاشىق ‐ ۋەتەننى تاجاۋۇزچىلاردىن قوغداش يولىدا ئاچلىققا، سۇسىزلىققا، ئۇيقۇسىزلىققا چىدىماقتۇر ۋە بوسۇغىسىغا دىۋەيلەپ كەلگەن دۈشمەن بىلەن تا ئەڭ ئاخىرقى بىرتامچە قېنى قالغۇچە كۈرەش قىلماقتۇر!

ئاشىق ‐ جاسارەتتۇر، باھادىرلىقتۇر. قورقۇنچ بولغان يەردە ئاشىق بولمايدۇ. ئاشىق زۇلۇمغا كۆكرەك كىرىپ چىقماقتۇر.

ئاشىق ‐ ھەممە ئىشتا پىداكار بولماقتۇر، ئۈمىدۋار بولماقتۇر ۋە پاسسىپ ياخشى ئەمەس، بەلكى ئاكتىپ ياخشىلاردىن بولماقتۇر!

ئاشىق ‐ تارىختا ئۆتكەن يول باشچىلارنىڭ، باھادىرلارنىڭ، مۇتەپەككۈر ئىلىمدانلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈ ياشنىتىش، ئۇلارنىڭ روھى ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆچمەس، يوقالماس بىر ئابىدە تىكلەش ئۈچۈن، قولغا قەلەم ئېلىپ رومان، تارىخ ۋە داستان يازماقتۇر.

ئاشىق ‐ ئەجدادلارنىڭ ئىزلىرىنى بويلاپ يول ئالىدىغان بىر ئىرادىگە، مەنىۋىيەتكە ۋە مىللىي روھقا ئىگە بولغان ياش بىر نەسىلنىڭ يېتىلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بارلىق پائالىيەتلەرنى كېچە – كۈندۇز ئىزدىنىپ تۇرۇپ قىلماقتۇر.

ئاشىق ‐ يەنە توختىماي تەپەككۇر قىلماقتۇر، ئىلىم يولىدا بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، يول بويى زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلەپ بىلىم ئالماقتۇر!

ئاشىق ‐ ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلماقتۇر.

ئاشىق ‐ ھەق يولىنىڭ يولچىسى بولماقتۇر!

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top