ئەخمەتجان قاسىمى: يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستان توغرۇلۇق
تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر
ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. مەزكۇر يازما 1950-يىلى «شىڭ جاڭ خەلق دېموكراتىيە ئىتتىپاقى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئەخمەتجان قاسىمى تاللانما ئەسەرلىرى» ناملىق كىتابتىكى شۇ ناملىق ماقالەدىن تەييارلاندى. ئەخمەتجان قاسىمى مەزكۇر ماقالەسىنى 1948-يىلى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى ئىلىغا قايتقاندىن كېيىن يازغان بولۇپ، گومىنداڭ خىتاي ھاكىمىيەتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن شەكىلگە ئۆلكە رەئىسى تەيىنلەش ئارقىلىق بىتىم جەريانىدا ۋەدە قىلىنغان ئۆلكە رەئىسىنى بىۋاستە سايلاشتىن قېچىش، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك تۇغدۇرۇش، شۇنداقلا غەيرىي رەسمىي شەكىلدە ئۆلكە ئىسمىنى ئۆزگەرتىش بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي ئەھۋالى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشتەك سۈيقەستلىرىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ ئاز تۆتمىڭ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زىمىنى ئىكەنلىكىنى، ھازىر بولسا خىتاي مۇستەملىكەسىگە مەھكۇم بولۇپ قالغانلىقىنى يازىدۇ. دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەمەلىي سىياسىي ھوقۇقلىرىنى ۋە مۇستەملىكە ھالىتىدىن شەكلەن ئەمەس بەلكى تولۇق قۇتۇلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا شەكلەن بېرىلگەن «ھوقۇق» ۋە «نام»لارغا ھەرگىزمۇ ئالدانمايدىغانلىقىدەك ئىرادسىدىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئۆز قەلىمىدىن چىققان مەزكۇر ماقالە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كومۇنىست خىتاي تەشۋىقاتىدا ئويدۇرۇلغان «خىتاينىڭ بىرلىكىنى قوغدىغۇچى» بولۇشتەك ساختا ئوبرازىغا كۈچلۈك رەددىيە بولالايدۇ. شۇنداقلا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى قانداق خارەكتېردە شەرھلىگەنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدىكى مەيدانىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پولاتتەك پاكىت ھېسابلىنىدۇ.
يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستان توغرۇلۇق
ئەخمەتجان قاسىمى
بۇنىڭدىن بىر ئىككى ئاي ئەۋۋەل ئۈرۈمچىدە چىققان مۇستەملىكەچىلەرنىڭ دۇتارىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان ھەممە گېزىتلەر ئېغىزلىرىدىن كۆپۈكلىرىنى چاچرىتىپ، خەلقىمىزگە بىر «خوش خەۋەر» يەتكۈزۈشكە ئالدىرىدى. ھەممە گېزىتلەرنىڭ سەھىپەلىرى «چىنى تۈركىستان»، «ئۆلكەمىز چىنى تۈركىستان بولدى»، «چىنى تۈركىستاننى تەبرىكلەيمىز»… گە ئوخشاش پەۋقۇللادە تەنتەنەلىك، چىرايلىق ۋە يۇقۇرى ئاۋازلىق سۆزلەر تولدۇرغان ئىدى. بىزنىڭ ئۆلكەمىزنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدىن خەۋىرى بولمىغان ئادەم بولسا، بۇ گېزىتلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن «شىڭجاڭ خەلقىگە مەركىزىي ھۆكۈمەت چوڭ مەردلىك قىلىپتۇ. شىڭجاڭ خەلقى قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپتۇ، خىتاي جۇمھۇرىيىتى مۇستەملىكەچىلىك سىياسەتىدىن كېچىپتۇ» دېگەن چۈشەنچىدە بولۇپ، ئېزىلگەن ئەللەرنىڭ خەلقلىرى بىز ئۈچۈن شاد ئەيلەر ۋە مۇستەملىكەچى جاھانگىرلار داد ئەيلەر ئىدى.
ھالبۇكى، «چىنى تۈركىستان» «خوش خەۋىرى» ئۆلكە خەلقىمىزگە يەنە قوشۇمچە قايغۇ ھەسرەت كەلتۈردى. ئۆلكە خەلقىنىڭ بەخت-سائادەتلىك، «توق» تۇرمۇشىنى «مىللىي باشقان»(مەسئۇد سابىرى) نىڭ 1948-يىلى 17-ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ يۈرگۈزگەن گۆش يېمەسلىك چارەسى ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئۆلكەمىزدە جانلىق مالنىڭ تۈگەپ-يوقاپ كېتىپ بارغانلىقىنى خەلقىمىزنىڭ ساغلام بەدىنىگە يېپىشىپ ئالغان، ئۇنىڭ تومۇرلىرىدىكى تولۇق قېنىنى شوراپ ياتقان ئىككى ئاياقلىق سالجىلاردىن كۆرمەستىن، يېرىم ئاچ-يېرىم توق خەلقىمىزگە «جانلىق مالنى يەپ يوقۇتۇپ كېتىپ بارىدۇ» دەپ تۆھمەت قىلىپ، ئۇنى فاشىست پولىتسىيە(ساقچى) سىنىڭ ئىتلىرىنىڭ خەلقىمىزگە يەنە قوشۇمچە ئازاب بېرىشلىرى ئۈچۈن سەۋەب تېپىپ بېرىش بىلەن تۇتۇپ بېرىشى بىزنىڭ غەزىپىمىزنى قوزغايدۇ. ئۆتكەن يىل نەق مۇشۇ ۋاقتلاردا پەيدا بولغان شۇنىڭغا ئوخشاش «خوش خەۋەر» شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھەسرەت ۋە يىغا-زارىلىق كەلتۈرگەن ئىدى. مۇستەبىت خىتاي-رىئاكسىيون ئامېرىكا-سېتىلما ئۇيغۇر -مەسئۇدنىڭ رەئىس بولۇشىنى ئۆلكە خەلقىگە ئۇنىڭ ئىستىقلالىيەتىنى ئۆز قولىغا تولۇق تاپشۇرغاندەك قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان ئىدى. بۇ «خوش خەۋەر» ئۆلكە خەلقىنىڭ قانچىلىك قېنىغا ۋە كۆز يېشىغا توختىغانلىقىنى ئالتاي، تارباغاتاي، كاشىغەر، خوتەن خەلقى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئۆتتى.
مەسئۇدنى نېمە ئۈچۈن رەئىسلىككە بەلگىلىگەنلىكىنى گېنىرال جاڭ جىجۇڭ ئەپەندى ئېيتىپ بەردى. گومىنداڭ پىرقەسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئەزالار مەجلىسىدە ۋە پىرقە بىلەن ئۆمەكنىڭ باش قوشقان مەجلىسىنىڭ 3-كۈنىدە (1947-يىلى 11-سېنتەبىر) گېنىرال جاڭ جىجۇڭ شىڭجاڭ مەسىلىسى ھەققىدە سۆزگە چىقىپ:
« بۇ يىل 28-مايدا مەسئۇد ئەپەندى ئۆلكە رەئىسى بولغانغا قەدەر شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى يەنە ھەربىي ھەرىكەت ۋە تېنچلىق سۆھبىتىدىن سىياسىي كۆرەش باسقۇچىغا ئۆتتى (سىياسىي كۆرەش ئەمەس، ھەر ئىككى تەرەپ بىتىمگە ئەمەل قىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە خەلق ئويغىنىپ، ئۆز ھوقۇقىنى تونۇپ، ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىغا بىنائەن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ا.ا) مەن ئۆزۈمنىڭ شىڭجاڭدا تۇرغان بىر يىللىق ۋاقتىمدا غۇلجا تەرەپتىكىلەر (ئىلغار پىكىرلىك، تەرەققىيپەرۋەر، خەلقچىل ئۇنسۇرلار! ا.ا) غۇلجا قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەتنى (خىتاي مۇستەبىتلىرىدىن تاشقىرى ئومۇمىي ئۆلكە خەلقىنى! ا.ا) ئاساس قىلىپ، قالغان يەتتە ۋىلايەتتە راۋاجلىنىپ (خەلقچىل سىياسەت غەلبە قازىنىپ! ا.ا) ئۇ يەرلەرنى پەۋقۇللادەلەشتۈرۈپ (مۇستەبىت خەنسۇ ئەمەلدارلىرىنى ھەيدەپ! ا.ا) يەنە پەۋقۇللادە ۋاستىلەر بىلەن پۈتۈن شىڭجاڭنى ھاكىمىيەت قولىغا _خەلق قولىغا! ا.ا) ئالماقچى بولغان قەستىنى (خەلقنىڭ يەنە قۇل بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى! ا.ا) سەزدىم. بۇ يىل مايدا مەن جەنۇبىي شىڭجاڭنى تەكشۈرۈشكە بارغىنىمدا بۇ ۋەقەنىڭ قاتتىق ھالغا چۈشكىنى (خەلقنىڭ ئويغانغانلىقىنى! ا.ا) ماڭا ئوچۇق سېزىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بۇ تېندىنسىيە(يۈزلىنىش) نىڭ (خەلقچىل سىياسەتنىڭ! ا.ا) راۋاجلىنىشىنى توسۇشقا (مۇستەملىكە سىياسەتىنى ساقلاپ قېلىشقا! ا.ا) چارە قوللىنىش ئۈچۈن پىكىر بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم. ھەمدە ئۆزۈم (شىڭجاڭ خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت بىرلىك سېپىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن! ا.ا) شىڭجاڭ ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت رەئىسلىك ئورنۇمنى بوشۇتۇپ، مەسئۇد ئەپەندىنى (خىتاي مۇستەملىكەچىلىرىنىڭ سادىق قورچىقىنى! ا.ا) شىڭجاڭ ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت رەئىسى قىلىشقا پىكىر بەردىم» دېدى.
مانا بۇنىڭ ئۆزىدىن مەسئۇدنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق سەۋەب بىلەن رەئىس بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. «چىنى تۈركىستان» «خوش خەۋىرى»نىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن قانچىلىك قىممىتى بولغانلىقىنى مانا شۇنىڭدىن ئايرىپ ئالغىلى بولىدۇ. «چىنى تۈركىستان» دېگەنلىك بىلەن خەلقىمىزگە يېرىم چاغلىق مەنپەئەت بەرگەنلىك بولامدۇ؟
ئەمدى «تۈركىستان»، «چىنى تۈركىستان»، «شىڭ جاڭ» ۋە «شەرقىي تۈركىستان» مەسىلىسىگە كېلەيلۇق.
شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقى ئەزەلدىن ئۇيغۇر قەبىلەلىرى ئولتۇرۇپ كەلگەن جايلاردۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغانلىقىغا 4-3 مىڭ يىللىق تارىخىي دەلىللەر تېپىلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاۋۋالقى زامانلار ھەققىدە تارىخچىلار چوڭقۇر ئۆگەنگەندىن كېيىن جاۋاب تاپار. شەرقىي تۈركىستان ياكى ئالتە شەھەر، جۇڭغارىيە ياكى يەتتە شەھەر-ئىلى، چۆچەك، ئالتاي، ياكى جەنۇب-شىمال، ياكى شىڭ جاڭ دەپ ئەزەلدىن مۇشۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ، يەنى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە ئېيتىلىدۇ. ئاخىرقى «شىڭ جاڭ» دېگەن نام، بىزنىڭ ئۆلكەمىز خىتاي مۇستەملىكەچىلىرى تەرىپىدىن ئىستىلا ئېتىلىپ، تولۇق مۇستەملىكە ئەھۋالىغا چۈشۈپ، خىتاي ئېمپىراتورلۇقىنىڭ سەلتەنىتى تولۇق ئورنىتىلغاندىن كېيىن قويۇلغان نامدۇر. «شىڭ جاڭ» دېگەن نام «يېڭى دائىرە» ،«يېڭى زىمىن» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. دېمەك، كۆرسىتىلگەن قارشىلىقلارنى سۇندۇرغاندىن كېيىن تولۇق ئىتائەت ئەتكۈزۈلگەن يېڭى بىر بۆلەك يەر خىتاي دۆلەت تۇپرىقىغا قوشۇلغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ.
يەر بىزنىڭ. ۋەتەن بىزنىڭ. بۇنىڭدا ھېچقانداق شەك يوق. ئەمدى مەسىلە مۇشۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھۆرلۈك-ئەركىنلىكىنى تەمىن ئېتىش ئۈستىدە كېتىپ بارىدۇ. بىزنىڭ يېرىمىزنىڭ نامىنى ھەر قانداق قىلىپ ئۆزگەرتكەن بىلەن، ئەگەر خەلقىمىزگە سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقلىرى بېرىلمەيدىغان بولسا، ئەمەلىيەتتىكى مىللىي ئېزىلىش يوقۇتۇلمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. شەكىل مەزمۇننى ھېچ ۋاقت بەلگىلىيەلمەيدۇ. مەسىلەن، فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقچىل جۇمھۇرىيەت دەپ ئاتىلىشى فرانسىيەدىكى ئىككى يۈز ئائىلەنىڭ تولۇق ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا دەخل يەتكۈزەلمەيدۇ. ياكى نىھايەت تەرەققىي تاپقان خەلقچىل جۇمھۇرىيەت دەپ ئاتالمىش ئا.ق.ش (ئامېرىكا) دۆلىتىدە ھەممە ئوخشاش باراۋەر تۇغۇلغان، تۇرمۇش، ئەركىنلىك ۋە بەختلىك ئىنتىلىش ھوقۇقلىرى ھەر كىشىدە بولۇشى كېرەك دېگەن سۆزلەر 60 ئائىلەنىڭ ھامىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يۈرگۈزۈلىشىگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. ياكى مەسىلەن، ئەنگىليە مۇستەملىكەلىرىگە شەكىل جەھەتتىن ئەنگىلىيە تەرىپىدىن ئىستىقلالىيەت ئېلان قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ مۇستەملىكەلىك ھالىتىگە ھېچقانداق ئۆزگىرىش كىرتەلمەيدۇ.
بىز ھازىر ئېنگىلىزلارنىڭ مۇستەملىكەلىرى بولغان كۆپ مىليون ئاھالىلىق ھىندىستان ئۈستىدە ياكى ئۇنىڭ ئافرىقىدىكى مۇستەملىكەلىرى ئۈستىدە سۆز ئاچمايلا كىچىك بىر سەيلون (ھازىرقى سېرىلانكا) ئارىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئېتىبارغا ئالساق مەسىلە ئېنىقلىنىدۇ. ھازىر سەيلوندا 6 مىليون خەلق ياشايدۇ. 1948-يىلى 12-فېۋرال كۈنى سەيلوننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئېنگىلىز قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سەيلون ئارىلىنى «مۇداپىئە» قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ۋە ئېنگىلىز مۇستەملىكەچىلىرىنىڭ بۇ جايدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي پوزىتسىيەسىنى (ئىمتىيازىنى) ساقلاپ قالغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتسەك كۇپايە قىلار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلوننىڭ مەمۇرىيىتىنىڭ بېشىغا ئېنگىلىز گېنىرال-گوبىرناتورى گينىرسۇن مورى (توغرىسى:ھېنرى مونك-مېيسىن مور Henry Monck-Mason Moore) ئولتۇردى. مۇھىم ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىگە شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئادەملەر ئولتۇردى. شۇنىڭ بىلەن شەكىل جەھەتتىن ھاكىم ئەنگىلىيە ۋە مەھكۇم سەيلونغىمۇ ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلدى. لېكىن بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ؟! سەيلون مۇستەملىكەلىك ۋە ئەسىرلىك ئەھۋالىدىن قۇتۇلالامدۇ؟! ئەنگىلىيە سەيلوننىڭ ئىستىقلالىيەتىنى ئېلان قىلىپ مۇستەقىللىقىنى تونۇدى. ئۇنىڭلىق بىلەن سەيلوننىڭ مەھكۇم ئەھۋالىغا ئۆزگىرىش كىرتىلدىمۇ ياكى مۇستەملىكەلىك ئەھۋالى يوقالدىمۇ؟ ياكى ئۆزىنى ئادىل، خەلقچىل(دېموكراتىك)، مۇستەملىكەچى ئەمەس دەپ شەكىل جەھەتتىن ئۆزگىرىش كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنغان لېبورىست (ئەنگىلىيەدىكى ئاساسلىق سولچىل سىياسىي پارتىيە) ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيە بىلەن مۇستەملىكەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۆزگەرتەلىدىمۇ؟ مۇستەملىكەچى «ئەمەس» بىرىتان (ئېنگىلىز) ئەسكەرلىرى مانا ئىككى ئايغا يېقىن بولدى مالايا خەلقىگە قارشى مۇستەملىكە ئۇرۇشىنى داۋام قىلدۇرماقتا. ئېنگىلىزلارنىڭ مۇستەملىكەسى مالايانى ساقلاپ قالماق ئۈچۈن «خەلقچىل» ئېنگىلىز ئەسكەرلىرى مالايا خەلقىنىڭ قېنىنى دەريالاپ تۆكمەكتە.
ياكى ئالايلۇق ئا.ق.ش نىڭ فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىگە بولغان مەسىلىسىنى. فىلىپپىن ئا.ق.ش نىڭ مۇستەملىكىسى. ئا.ق.ش فىلىپپىننىڭ ئىستىقلالىيىتىنى ئېلان قىلدى. فىلىپپىننىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇدى. لېكىن شۇنىڭلىق بىلەن فىلىپپىننىڭ مۇستەملىكە ئەھۋالىغا ئۆزگىرىش كىرىتىلدىمۇ؟! ئەلۋەتتە يوق.
ئالايلۇق، ھىندونوزىيە بىلەن ھوللاندىيە (گوللاندىيە) مۇناسىۋىتىنى. ياۋروپادىكى كىچىك، قالاق ھوللاندىيە دۆلىتى نۇرغۇن مىلىيونلۇق مۇسۇلمان ئاھالىلىك ھىندونوزىيەنىڭ خوجايىنى ھېسابلىنىدۇ. ھىندونوزىيە خەلقى ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن مۇستەملىكەچىلەرگە قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە بەل باغلىدى. ئىستىقلال ھىندونوزىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلدى. ھىندونوزىيە خەلقىنىڭ سوقۇشىغا بەرداشلىق چىداش بېرەلمىگەن ھوللاندىيە مۇستەملىكەچىلىرى ھىندونوزىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئوتتۇرىدا تېنچلىق شەرتنامەلەر تۈزۈش مۇزاكىرەسى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. ھىندونوزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇغان ھوللاندىيە مۇستەملىكەچىلىرى ئەگەردە مۇستەملىكە خەلقىگە ھەقىقەتتە ئازادلىق بېرىشنى خالىسا، مۇستەملىكەنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىشىگە رازى بولىدىغان بولسا، سەمىمىيەتچىلىك بىلەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان بولۇر ئىدى. مۇستەملىكەچىلەر ئۇنىڭغا رازى بولمىدى ۋە بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر تەرەپتىن مۇزاكىرە يۈرگۈزۈپ، ئىككىنچى تەرەپتىن ھىندونوزىيە خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق بىرلىك سېپىگە بۆلگۈنچىلىك سالماق ئۈچۈن، ھىندونوزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ نازارىتىدىن (كونترولىدىن) سىرتقى باشقا جايلاردا ھوللاندىيەلىكلەر تولۇقى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ساقلانغان «ھىندونوزىيە»«مۇستەقىل»«دۆلەتلىرى»نى تۈزۈشكە باشلىدى. ئەگەر ھوللاندىيە مۇستەملىكەچىلىرىنىڭ سۈيقەستى ئەمەلگە ئېشىپ، ئۇلارنىڭ «ئۆز قوللىرى بىلەن قۇرغان»«مۇستەقىل ھىندونوزىيە دۆلىتى» غالىبىيەت قازىنىپ، «مۇستەقىل»«ھىندونوزىيە»«جۇمھۇرىيىتى» ئېلان قىلىنغان تەقدىردە ھىندونوزىيە مۇستەملىكە ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە يوق. ئۇنداق ئەھۋال بولماس. ئەگەر شۇنداق بولغان تەقدىردە ئەلۋەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش كىرمەيدۇ. ھىندونوزىيە مەھكۇم ھوللاندىيە ھاكىم بولۇپ قالىدۇ.
لېكىن مەھكۇم بۈگۈن ھاكىملارغا قارشى قوزغالماقتا. دۇنيانىڭ قايسى بۇرجىكىگە قارىماڭ، مۇستەملىكە ئەللەرنىڭ مۇستەملىكەچىلەرگە قارشى قوزغالغانلىقىنى كۆرىسىز. ھىندىستان، فىلىپپىن، ۋېيتنام، ھەتتا ئالتۇن قىرغاق، كېنىيە، مالايا ۋە باشقىلار تەشكىل جەھەتتىن ئەمەس، مەزمۇن جەھەتتىن ھەقىقىي ئەركىنلىكلەر تەلەپ قىلماقتا. جاھانگىرلار مۇستەملىكە ئەللىرى ئاۋۋالقىدەك ياشاشنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ئاۋۋالقىدەك مۇستەملىكەلەرنى ئىدارە قىلالمايدىغانلىقلىرىنى سەزمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن جاھانگىرلار تەشكىل جەھەتتىن ئۆزگىرىش كىرگۈزۈپلا مۇستەملىكەلەرنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنماقتا. ھازىر 20-ئەسىر. بۇرۇنقى ئۇسۇللار بىلەن خەلقنى ئالداش تەس. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇللارنى قوللانماقتا. شۇنداقتىمۇ ئەمدى مۇستەملىكەچىلەر مۇستەملىكە ئەللىرىنى ئالدىيالماس.
بىزنى چىرايلىق سۆز، چىرايلىق ئىسىملار بىلەن ھېچكىم ئالدىيالمايدۇ. بىزنىڭ ئۆلكەنى «شىڭ جاڭ» دەمدۇ، «چىنى تۈركىستان» دەمدۇ، نېمە دېسە دېسۇن. خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىنى ئۆز قولىغا تاپشۇرسۇن! مانا بىزنىڭ بۈگۈنكى قىلىۋاتقان چېلىشىمىزنىڭ نىشانى.
1948-يىل 6-سېنتەبىر (ئەسلى نۇسخىسىدە 1946-يىلى دەپ خاتا يېزىلغان)
(ا.ا ئىمزاسى بىلەن تىرناق ئىچىگە يېزىلغان جۈملىلەر گېنىرال جاڭ سۆزىگە يازغۇچىنىڭ بەرگەن چۈشەندۈرۈشى)
مەزكۇر يازمىنى تەييارلاشتا ماقالەنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىگەن «تۈركىستانىي كۈتۈپخانىسى» غا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
مەزكۇر يازماغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر پارچە ماقالە: ئۆلكىمىزنىڭ ئىسمى ھەققىدە بىر-ئىككى ئېغىز سۆز
ئۇلىنىش: https://www.akademiye.org/ug/?p=159011
ماقالەنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نەچچە بەت: