You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قەلەم كۈرىشى (3)

قەلەم كۈرىشى (3)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئۈچ ئەپەندى ئۆز خىزمەتلىرىنىڭ نىشانلىرىنى بېكىتىۋالغاندىن كېيىن، يەنە نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتى توغرىسىدا ئەركىن پاراڭلاشتى، ئاخىرى سۆھبەتنىڭ تېمىسى تۈرك مىللىي روھىغا يۆتكەلدى. مەسئۇد ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق ئىبارىلىدى:

بىز باشتا مۇختارىيەت تەلەپ قىلىپ، مەقسەتكە يەتكەندىن كېيىن مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ كۈرەشكە ئاتلىنىمىز دەيدىكەنمىز، ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپىلىق ئىستراتېگىيەنى تۈزىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇ كۈرەش ناھايىتىمۇ ئۇزۇن مۇساپىلىق، مۇشەققەتلىك بىر كۈرەش يولىدۇر. بىز بۇ ئۇزۇن يولنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، تۈرك (ئۇيغۇر) مىللىتىنىڭ مىللىي روھىنى تىرىلدۈرۈپ ۋە تېخىمۇ كۈچەيتىپ مېڭىشىمىز لازىم. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي روھىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئانا تىل سۆيگۈسى، مىللەت سۆيگۈسى ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى جەھەتتىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ئالتاي مەجمۇئەسىگە يېزىلغان ماقالىلەر بولسۇن، ھېكايە ۋە شېئىرلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ساپ تۈرك (ئۇيغۇر) تىلىدا يېزىلغان بولۇشىغا دىققەت قىلىش زۆرۈر. چۈنكى ئىنسانلار تىلنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق بىر – بىرى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ۋە بىر – بىرىنى چۈشىنىدۇ.

تىلنىڭ ياردىمى بىلەن ئويلىغانلىرىنى، تەپەككۇرلىرىنى، ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ۋە مەقسەتلىرىنى ئەتراپىدىكىلەرگە بىلدۈرىدۇ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە ئۆز غايىلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. تىل بولمىسا ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھالقىسىمۇ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشمۇ بولمايدۇ، ھەتتا ئىجتىمائىي جەمئىيەتمۇ بولمايدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقە قىلىش قورالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۈرەش قىلىش ۋە راۋاجلىنىش قورالى. تىل بولمايدىكەن ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققى قىلمايدۇ، ھەتتا ئۇ جەمئىيەتمۇ مەجۇتلۇقىنى يوقىتىدۇ. تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقە قورالى بولۇشى بىلەن بىللە، يەنە ئىنسانلارنىڭ ئويلىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش قورالى. ئادەمنىڭ مېڭىسىدە پەيدا بولغان ھەرقانداق پىكىر پەقەت تىل ئارقىلىق، تىلدىكى سۆز ۋە جۈملىلەر ئاساسىدا ئىپادىلىنىپ، مەۋجۇت بولىدۇ. مەيلى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن، ئىنسانلار تىلسىز پىكىر قىلالمايدۇ، پىكىر قىلىدىكەن چوقۇم تىل ۋاسىتە بولىدۇ. دۇنيادا ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا سۆزلىشىدىغان تىلى، يازىدىغان يېزىقى بار.

ئىنسان بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن كېيىن، بوۋاقلىق دەۋرىدىن باشلاپلا ئائىلىسىدە ۋە ئەتراپىدىكىلەردىن ئۆگىنىدىغان، مەكتەپتە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان  بۇ تىل، ئۇنىڭ ئانا تىلىدۇر. تىلدا بۇزۇقلۇق بولسا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇن، ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان ئىدىيە تولۇق ئىپادىلەنمەيدۇ. ئەگەر ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىدىيە ھەقىقىي مەنىدە ئىپادىلەنمەي، ھەقىقىي مەنىۋى قىممىتىنى تاپمىسا، سەنئەت ۋە ئەخلاق زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، جەمئىيەتتە پەزىلەت قالمايدۇ. پەزىلەتسىز جەمئىيەتتە خەلقنىڭ بەختى بولمايدۇ. دېمەك، سۆزنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن بىلىش شۇ مىللەتنىڭ كۈچىنى بىلىش بىلەن باراۋەر. ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ نېمىنى سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلىشى يېتەرلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنى قانداق سۆزلەشنى بىلىشى ئەڭ مۇھىم. قانداق سۆزلەشنى بىلىش ئەقىلنى ئىشلىتىش سەنئىتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخ سەھنىلىرىدە ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن مەشھۇر ئالىملار، دۆلەت ئەربابلىرى، جاسارەتلىك داڭلىق شەخسلەر مەيدانغا كەلگەن.

تۈرك تىلىنىڭ يوقىلىشى ۋە بۇزۇلۇشىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يەتكەن كىشى مەھمۇد كاشغەرىيدۇر. پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدىكى تۈرك مىللەتلىرىنىڭ تىلى يوقۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يېزىپ، تۈرك تىلىنىڭ شۇ دەۋرلەردە ھۆكۈم سۈرگەن ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان. بىزنىڭ تىلىمىز يوقالمايدۇ، چۈنكى بىزنىڭ تىلىمىز تارىختا ئىمپېرىيەلەرنى قۇرغان تىل. تىل كۈچتۇر، شۇڭا كۈچلۈك بولۇشنى ئويلىغان ئادەم تىلغا پىششىق بولۇپ، ئۆز تىلىنى مۇكەممەل قوغدىغان ئادەمدۇر. تۈرك مىللىتىنىڭ تىلى تۈرك تىلى، تۈرك تىلى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ باي تىل، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر تۈرك ئۆز ئانا تىلىنى جان – دىلى بىلەن ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنى ئىسسىق قېنى بىلەن قوغدايدۇ. تۈرك تىلى تۈرك مىللىتى ئۈچۈن مۇقەددەس بىر خەزىنە، ئۇ تۈرك مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تۈرك مىللىتىنىڭ غورۇرى. چۈنكى بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن سانسىزلىغان پالاكەتلەرنىڭ، ئەخلاقنىڭ، كېلەچەكنىڭ، تارىخنىڭ، مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ، قىسقىسى، بۈگۈنكى تۈرك مىللىتى قىلغان ھەرقانداق ئىش – ھەرىكەتنىڭ ھەممسىنىڭ تۈرك تىلىنىڭ سايىسىدە كۆرۈنۈۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. يىغىپ ئېيتسام، تۈرك تىلى تۈرك مىللىتىنىڭ قەلبى ۋە ئەقلى ھېسابلىنىدۇ.

مىللىي روھنى تىرىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، مىللەت سۆيگۈسىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. بولۇپمۇ ئۆزىمىزنىڭ قول ئاستىدىكى نەشرىياتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئاساسەن مىللەت ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى توغرىسىدا بولۇشى كېرەك. ھەرقانداق ئادەم ئۆز ۋەتىنىنى، ھەرقانداق مىللەت تەبىئىي ھالدا ئۆز مىللىتىنى سۆيىدۇ. ئۆزىنىڭ مىللىتىنى ھەممىدىن ئۇلۇغ دەپ بىلىدۇ. ھەرقانداق بىر مىللەتتىكى مىللەتپەرۋەرلىك ئۆزىنى ئەڭ قەدىمى مىللەت، ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللەت دەپ قارايدۇ. مەسىلەن: يەھۇدىيلار ئۆزىنى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە خەلق، يەھۇدىيلار «پەقەت ۋە پەقەتلا قۇل بولمايدۇ، يەھۇدىيلار تەڭرىنىڭ ئالاھىدە قەۋمى» دەپ قارايدۇ. خىتايلار بولسا «بىزنىڭ تارىخىمىز ھەممىدىن ئۇزۇن، ھەممىدىن مەدەنىيەتلىك، بىز دۇنيانىڭ مەركىزى» دەپ بىلىدۇ. تۈركلەر، «يۇقىرىدا كۆك ئاسمان، ئاستىدا يەر گۇمران بولمىغىچە، ۋەتىنىم ۋە پادىشاھىمنى ھېچكىم ئۆرەلمەيدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەمما يېقىنقى زاماندىن بېرى تۈركلەر مەنىۋى جەھەتتىن ئارقىدا قالغانسېرى، ئۆزىدىن شۇنچە يىراقلىشىپ، ئۆز كىملىكىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى، سىياسىي ھاياتى ئۈچۈن ساتقىنلىق قىلىدىغان خائىنلىقلار ئەۋجگە چىقتى.

يەنە بەزىلەردە ئۆز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئىچىدە باشقىلارغا بېقىنىش پىسخىكىسى يېتىلىپ چىقتى. بۇنداقلار ئۆز – ئۆزىدىن ئۈزلۈكسىز يىراقلىشىپ، داۋاملىق باشقىلارنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ. ھەتتا ئۆزى بېقىندى ھالەتتە تۇرۇپ، ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلىدۇ، بۇنداق پىسخىكا مىللەتنىڭ روھىغا چۈشكەن مەددە قۇرۇتتۇر. بۇنداقلار بېقىندىلىق ئىچىدىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچسىزلىكتىن باشقىلارغا ھەيرانلىق ھېسسىياتى بىلەن قارايدۇ، بۇ تۇيغۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بېقىندىلىق ئۈلگىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇنداق بېقىندىلىق ئۈلگىسىدىكى كىشىلەر يۈرۈش – تۇرۇشتا، ھەتتا روھىي ھالەتلىرى ۋە ئىچكى ھېسسىياتىدىمۇ بارا – بارا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئۆز- ئۆزىگە يات بىر مىللىي پىسخىكا ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. جانلىق نەزەرىيەلەر ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى بۇ دۇنيادا، مىللەت قارىشىمىزنى قاتماللاشتۇرىدىغان ئۇنداق ماركسچە مىللەت قاراش بىزنى ئىززەت – ھۆرمىتىمىزدىن ۋە تەختى – تاجىمىزدىن ئايرىۋېتىپ بارىدۇ، شۇنداقلا ئەسىرلەردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مىللەت قارىشىمىزنى قۇرۇق ئەقىدىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ.

كوممۇنىستلار پۈتۈن بىر تۈرك ئۇلۇسىنى پارچە – پارچە بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگە دۈشمەن قىلىپ سېلىپ، بىر – بىرىمىزنى قىردۇرۇشنى مەقسەت ۋە نىشان قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق پۈتۈن بىر تۈرك ئۇلۇسىنى پارچىلاپ يۇتۇۋاتىدۇ. ھازىرقى دۇنيا مىللەتچىلىك بىلەن كوممۇنىزمدىن ئىبارەت تامامەن بىر – بىرىگە قارشى ئىككى پىكىرنىڭ كۈرەش مەيدانى بولۇپ قالدى. شۇڭا بىر پۈتۈن ئۇلۇس سۆيگۈسى، پۈتۈن تۈرك مىللىتى مىللەتچىلىك ئىدىيەسى مۇشۇ زاماندا بىزنىڭ مەنىۋى تاجىمىزدۇر، قاراڭغۇ تۈندە يول نىشانىمىزنى كۆرسەتكۈچى كۆكتە چاقنىغان يۇلتۇزدۇر. تۈرك خەلقىنىڭ ئۇلۇس سۆيگۈسى پۈتۈن تۈرك خەلقىنى بىر روھ، بىر تەن قىلىپ، مىللىتىمىزنى ئەبەدىي ساقلاش، قوغداش يولىغا باشلايدۇ. بىز مىللىي روھنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خەلقىمىزگە ئۆز تارىخمىزنى توغرا، ئادىللىق بىلەن ئۆگىتىشىمىز، ھەتتا خىتاي خەلقىگىمۇ ئۆگىتىشىمىز لازىم. ئۆتمۈشى بىلەن باغلىنىشى يوق مىللەتنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولمايدۇ. بىز كېلەچەككە قانداق قەدەم ئېتىشنى بىلمىسەك، ئۇنداقتا، ئۆتمۈشتە قانداق يوللارنى ماڭغانلىقىمىزغا قارىشمىز كېرەك. بىز تارىختىكى تەجرىبىمىزگە ئاساسەن ئاخىرى ئۆزىمىزگە نامەلۇم بولغان يولنىڭ يولچىسى بولالايمىز.

شۇڭا خىتايلار ئەزەلدىن تارىخقا ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇلارنىڭ دائىم تارىختىن سۆز ئېچىشى، ھەرگىزمۇ خىتايلارنىڭ كېلەچەككە بولغان تەسەۋۋۇرىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن ئەمەس؛ دائىم بۇرۇنقى ھېكايىلەرنى ئاڭلىشى ۋە ئاسارئەتىقىلەرنى يىغىپ ساقلىشى خىتايلارنىڭ كونا نەرسىلەرنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكىدىن ئەمەس. بۇلار ھەرگىزمۇ بىر ئاددىي پىسخىكىلىق ئەھۋال ئەمەس. بەلكى، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرىغا بولغان ھۆرمىتى، تارىخقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى. چۈنكى ھەر مىللەت ئۆز تارىخىنى يېزىش، مۇلاھىزە قىلىش ۋە تارىخىنى ئوقۇش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئەجدادلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىغان ۋە گۇمران بولغان ھەرقايسى دەۋردىكى تارىخلىرىدىن خەۋەردار بولىدۇ، ئۇنى ئۆگىنىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق راۋاجلىنىش ۋە ئارقىغا چېكىنىشنىڭ سەۋەب ۋە قانۇنىيەتلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ئاشۇ تەجرىبىلەر ئارقىلىق كەلگۈسىگە قەدەم باسىدۇ. ئىنسان ئۆز تارىخىنى بىلگەندىلا يالىڭاچ مايمۇندەك ياشاشتىن خالىي بولالايدۇ. پەقەت تارىخ ئۆگەنگەندىلا ئاندىن بىر بوشلۇقتا پىرقىراپ تۇرۇپ قېلىشتىن قۇتۇلۇپ، سان – ساناقسىز يۇلتۇزلار بىلەن بىزەلگەن كائىنات بوشلۇقىغا نەزەر سېلىپ، ئۆز ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشقا يۈزلىنىدۇ. شۇڭا تارىخ ئىنسانىيەت پائالىيىتىنىڭ راۋان ئېقىمى ۋە تاكاممۇللىشىپ تۇرىدىغان سەھنىسىدىن ئىبارەت.

ھەر كىم ئۆز تارىخى ئارقىلىق يىلتىزىنى بىلىشى شۇنچىلىك مۇھىم. يىلتىزىنى بىلگەن كىشى قايسى يولدىن كېلىپ قاياققا كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. تارىختىكى ۋەقەلەر تەكرارلىنىدۇ، گەرچە زامان ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان زامان بوشلۇقىدا ئوينىلىدىغان ئويۇنلار ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخنى ھەرزامان ئەسلەپ تۇرۇش چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك. تۈرك مىللىي روھىنى تىرىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى تارىخنى ئۆگىنىش بىلەن باشلىنىدۇ. چۈنكى تۈرك تارىخىغا مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق زامانلاردىكى ساپ روھى كۆمۈلگەن. ئۇ كۆمۈلگەن روھلاردا بىزنىڭ بارلىقىمىز خاتىرىلەنگەن. شۇڭا بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھى كۆمۈلگەن ئاشۇ يولنىڭ ئوربىتىسىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخ بىزنى مىللەتسۆيەر قىلىپ تەربىيەلەيدىغان بىردىنبىر بىلىم. تارىخ بىلىمى نوۋەتتە بىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر بولۇپ، ئۇ ئىدىيەنى توغرىلايدىغان كۈچكە ئىگە نەزىرىيە ۋە مىللىي روھنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان نەزەرىيىۋى تەپەككۇر. تارىخىمىز بىزنىڭ كۈرەش يولىمىزدا، غۇرۇر ۋە ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئاڭلىق پائالىيىتىمىزنىڭ يېتەكچىسى.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top