You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قەلەم كۈرىشى (4)

قەلەم كۈرىشى (4)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مىللىي روھىنى تىرىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، يەنە ۋەتەن سۆيگۈسى جەھەتتىكى تەشۋىقاتلارنى كۈچلەندۈرۈشىمىز لازىم. بىزنىڭ خەلقىمىز بىر پۈتۈن ۋەتەن سۆيگۈسى جەھەتتىكى چۈشەنچىگە تېخى ئىگە ئەمەس. ھەر كىم ئۆزى تۇغۇلغان جايدىن ئايرىلماي ياشىغاچقا، يۇرتۋازلىقنى ۋەتەن سۆيگۈسى دەپ قارايدۇ. تار دائىرىدىكى قاتمال چۈشەنچە نۇرغۇن چوڭ ئىشلارغا دەخلى بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، خوتەندە ئىنقىلاب بولسا، قەشقەر خەلقىنىڭ كارى بولمايدۇ، ئىلىدا زۇلۇمغا قارشى كۈرەش بولسا ئالتەشەھەر تەرەپتىكىلەرنىڭ كارى بولماي، ھېچ ئىش بولمىغاندەك بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يۈرۈۋېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن تۈرك خەلقىگە «ۋەتەن» دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كەڭ دائىرىدە چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك.

شائىرلار ۋەتەن توغرىسىدا غەزەللەر يازغاندا، دائىم ۋەتەننىڭ تاغ – دەريالىرىنى، گۈزەل باغلىرىنى، ياخشى ئىقلىمىنى مەدھىيەلەيدۇ، ئۇلار ۋەتەننى گۈزەل قىلغان ئاشۇ تاشقى كۆرۈنۈشلەرگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەسلىدە بولسا ۋەتەننى ۋەتەن قىلغان ئۇ يەردە ياشىغان ئىنسانلارنىڭ كۈرەشلىرىدۇر، ۋەتەننى ئەزىز قىلغان، سۆيۈملۈك قىلغان نەرسە شاھ مەنسۇردەك، ئەمىر ساھىبتەك، ئەبەيدۇللاھدەك، ئەرەندەك شېھىتلەرنىڭ تۆككەن قانلىرىدۇر. بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئۇ مىللەتنىڭ دۆلىتىنىڭ بار – يوقلۇقىغا باغلىق. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ دۆلىتى بولمىسا، ئۇ مىللەت ھامان بىر كۈنى يوقايدۇ. شۇنىڭدەك، بىر دۆلەتنىڭ بار بولۇشى ۋەتەننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا باغلىق. ۋەتەن بولمىسا، دۆلەتمۇ، مىللەتمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ۋەتەن سۆيگۈسى بولۇشى لازىم.

ۋەتەن سۆيگۈسى ھەر خىل تاشقى كۈچلەرنىڭ سەۋەبىدىن بەزىدە كۈچىيىپ يۈكسەلسە، بەزىدە ئاجىزلاپ سۇسلىشىدۇ. ئەگەر بىزدە ئىمان بىلەن مىللىي روھلا بولىدىكەن، مۇتلەق ۋەتەن سۆيگۈسى بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ۋەتەن سۆيگۈسى ئىماندىندۇر» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەننىڭ بىر غېرىچ تۇپرىقى، بىر چىمدىم توپىسىمۇ بىز ئۈچۈن شۇنچىلىك قىممەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەن، بىز ئۈچىمىزدەك مۇساپىرلارنىڭ ئالتۇن قەپەز ئىچىدىكى بۇلبۇلغا ئوخشاش «ئاھ، ۋەتىنىم!» دەپ كېچە – كۈندۈز سېغىنىدىغان ۋە ھەسرەتكە تولغان قەلبىمىز تەلپۈنىدىغان مۇقەددەس جاي. بىز ۋەتەن دەپ ئاتىغان شۇ زېمىن قايسى دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولسا بولسۇن، ئۇ بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ۋەتىنىمىزدۇر. بىز ھامان  ئۇ ئانا يۇرتلاردىن دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرىمىز. بىز بۇ دۇنيادا بىر مىللەت بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىمىز دەيدىكەنمىز، قانچىلىك زامان كەتسە كەتسۇن، قانچىلىك بەدەل تۆلىسەك تۆلەيلى، ھامان ۋەتىنىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزغا ئېلىشىمىز لازىم.

مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك: «تۈركلەرنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن تولغان كۆكرەكلىرى، دۈشمەنلەرنىڭ مەلئۇن خىرىسلىرىغا قارشى دائىم بىر سېپىلگە ئوخشاش يۈكسېلىپ تۇرىدۇ» دېگەن. ئاناتولىيە تۈركلىرىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى، ۋەتەنگە بولغان چىن سۆيگۈسىنى 1915 – يىلى مارت ئايلىرىدىكى چاناققەلئە ئۇرۇشىدا پۈتۈن دۇنياغا  نامايان قىلغان، ئەلۋەتتە بۇ ئۇرۇشقا تۈركىستان تۈركلىرىمۇ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىز تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ يەنە بىر ۋەتىنىدۇر. ئۇلۇسنى سۆيگەن ۋەتەننى سۆيىدۇ.

ئۇنداقتا ۋەتەن سۆيگۈسىنى قانداق ئاشۇرىمىز؟ ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىللىي ئەدەبىياتىمىزنى راۋاجلاندۇرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مىللىي ئەدەبىياتى راۋاجلانمىغان مىللەتنىڭ روھى زەئىپ كېلىدۇ، روھى زەئىپ بولغان مىللەتتە ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسى بولمايدۇ. چۈنكى مىللىي ئەدەبىيات شۇ مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدىكى ئەڭ گۈزەل تىل ئۇسلۇبى ۋە پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ روھىغا خىتاپ قىلىپ، شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى، پىسخىكىسىنى، قىممەت قارىشىنى، پەلسەپەسىنى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى، ئومۇمەن شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىستېتىك بىر شەكىلدە ئىپادىلەيدىغان سەنئەت. بولۇپمۇ بىزدەك ئاسارەت ئاستىدىكى مىللەتلەر ئۈچۈن مىللىي ئەدەبىيات قاراڭغۇ تۈندىكى بىباھا چولپان. بىز پەقەت مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا ئۆز خەلقىمىزنى ئويغىتالايمىز، ئۆزىگە ئۆزىنى تونۇتالايمىز، ئۇلارنىڭ ئېڭىغا خىتاپ قىلىپ تۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنى قوزغىتالايمىز.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئەدەبىياتنىڭ قانچىلىك زور رول ئوينىغانلىقىنى ھەرگىز ئېسىمىزدىن چىقارمايلى. تۈرك ئەدەبىياتى تارىخنى مۇئەييەن بىر بەدىئىي ئۇسلۇپ بىلەن قايتا جانلاندۇرۇپ تۈرك مىللتىمىزگە تەقدىم قىلىش ئارقىلىق، ئاناتولىيە تۈركلىرىدە قايتا بىر جۇشقۇنلۇق قوزغىتىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى تىرىلدۈرگەن. بىز شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى ئۇزۇن يىللار مابەينىدە مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئاسارىتىدە قالغان مىللەت بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىمىز قۇللۇق ئىدىيەدىن ئازات بولۇپ، ئەركىن، ھۆر ياشاش ئىستىكىنى قەلبىمىزگە ئورنىتىشىمىز ۋە ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆز قەلبىدە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى ئۆزى قۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنىڭ قەتئىي بويۇن ئەگمەيدىغان، ئېگىلمەس – سۇنماس مىللىي روھىمىزنى مەڭگۇ ساقلاپ قېلىشىمىز زۆرۈر. مىللىي روھنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى تىلىمىزنى، مىللىتىمىزنى، مىللىي كىملىكىمىزنى ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىنى ساقلاپ قېلىش.

يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەن ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى ساقلاپ قېلىشقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچ مىللىي ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ بىلىمدىن كېلىدۇ. شۇڭا مىللىي ئەدەبىيات بىزگە ھەم تارىخىي بىلىملەرنى ئۆگەتسە ھەم سىياسەت ئۆگىتىدۇ، شۇنىڭدەك بىر مىللەتنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدىن خەۋەردار قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىزنى جەڭگىۋار بىر قوشۇن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزۈم شەرقىي تۈركىستاندىكى بىرىنچى قېتىم غەرب مىدىتسىناسىدا دوكتۇر بولغان بىر تۈرك تۇرۇپ، مىللىتىمنىڭ تېنىنى داۋالاشتىن بەكرەك روھىنى داۋالاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىپ، ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ بىلىمگە ئۆگەنگەن كەسپىمدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلدۈم ۋە بۇ جەھەتتە كۆپ تىرىشتىم ھەم تىرىشىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتىمەن. دېمەك، ئەدەبىيات دېمەك تارىخ دېمەك، سىياسەت دېمەك، پەلسەپە دېمەك، يىغىپ ئېيتقاندا، ئەدەبىيات دېمەك ھايات دېمەكتۇر. ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز بەدىئىي ئوبرازلىق كۈچى بىلەن ھاياتنىڭ كۆزىمىزدىن ساقىت بولغان روجەكلىرىنى يورۇتۇپ ۋە قايتا جانلاندۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. دېمەك، ئەدەبىيات يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا چىن ھەقىقەتنىڭ ئۆزىدۇر. ماڭا ئوخشاش تېببىي ئىلىمنى ئۆگەنگەن تۇرۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ روھىنى تىرىلدۈرۈشنىڭ تەننى داۋالاشتىن تېخىمۇ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن يەنە بىر كىشى، خىتاي ئەدەبىياتىنىڭ پىشۋاسى لۇ شۈن ئەپەندىدۇر. لۇ شۈن ئەپەندى ئەدەبىيات توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئەدەبىيات – سەنئەت مىللىي روھنىڭ پارلاق ئۇچقۇنى، شۇنداقلا مىللىي روھنىڭ ئىستىقبالىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان مەشئەل. بۇلار خۇددى كۈنجۈت يېغى كۈنجۈتتىن چىقىرۋېلىنغىنىغا، ئەمما كۈنجۈتكە يەنە ياغ ئارىلاشتۇرسا كۈنجۈتنىڭ تېخىمۇ ياغلىق بولغىنىغا ئوخشاش بىر – بىرىگە سەۋەب – نەتىجە بولىدۇ»

دېمەك، ئەدەبىيات بىلەن مىللىي روھ ھېچ بىر زامان بىر – بىرىدىن ئايرىلغان ئەمەس. بىرسى بولمىسا يەنە بىرسى مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىدۇ. ئەدەبىيات راۋاجلانسا مىللىي روھمۇ كۈچلىنىدۇ، شۇنىڭدەك، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى قورقماس پىداكارلار بولمىغان يەردە ھەقىقىي مىللىي ئەدەبىياتمۇ بولمايدۇ. رۇسىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىلىرىدىن ل. تولىستوينىڭ دۇنياغا مەشھۇر بولغان «ئاننا كارېننا» ناملىق رومانى مۇنداق جۈملە بىلەن باشلانغان: «ھەممە بەختلىك ئائىلىلەر بىر – بىرىگە ئوخشايدۇ، بەختسىز ئائىلىلەر ئۆز ئالدىغا بەختسىز» مانا مۇشۇ ھېكمەتكە تولغان جۈملىنى بىز ئائىلىدىن ھالقىتىپ، مىللەتلەرگە تەتبىقلاپ، «ھەممە بەختلىك مىللەتلەر بىر – بىرىگە ئوخشايدۇ، بەختسىز مىللەتلەرنىڭ بەختسىزلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ھەر بىرىنىڭ ئۆزگىچە» دەپ ئېيتساق، تامامەن خاتالاشمايمىز. بىزنى بەختسىزلىككە يۈزلەندۈرگەن ئەنە شۇ  ئۆزگىچە سەۋەبلەرنى ئۆزىمىز ھەل قىلمىغىچە بەخىتلىك بولالمايمىز. بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىمىزنى ئۆزىمىز ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ رېئاللىقىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلىدىغان مۇختارىيەتكە قەلەم كۈرىشى ۋە سىياسىي كۈرەش ئارقىلىق يېتىمىز.

تۈركلەردە مۇنداق بىر ئاتا سۆزى بار: «قەلەم قىلىچتىن ئۆتكۈردۇر». بىز قەلەم كۈچىگە تايىنىپ ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتلىرىمىز ئارقىلىق قىلىچ ۋە مىلتىقلار بىلەن ئېرىشەلمىگەن غەلىبىلەرگە ئىگە بولىمىز. شۇڭا بىز تىلنى سۆيۈش، مىللەتنى سۆيۈش ۋە ۋەتەننى سۆيۈش پائالىيىتىنى دەرھال باشلايلى! بارلىق نېمەتلەرگە ئىگە بولغان ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندەك تۆت پەسلى ئېنىق، سۈيى ئەلۋەك، ئاشلىقى مول، يەر ئاستى بايلىقى ھەددى ھېسابسىز بولغان مۇنداق بىر گۆھەر زېمىن دۇنيادا يەنە نەدە بار؟! ئەنە شۇ گۆھەر زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىرى بولغان مىللىتىمىز ئۈچۈن، سىزلەردەك ئەزىز دوستلار بىلەن قولنى قولغا تۇتۇپ، بىر – بىرىمىزنىڭ پىكىرلىرىنى ئۆزئارا تولۇقلاپ ۋە قۇۋۋەتلەپ، ئۆزىمىزنىڭ تۈرك ۋە مۇسۇلمانلىقتىن ئىبارەت شەرەپلىك نامىمىز بىلەن مۇستەملىكىچىلەر، ھەر خىل خاتا پىكىر – ئىدىيەلەر ھەمدە ۋەتەن خائىنلىرى بىلەن كۈرەشكە ئاتلىنايلى! چۇڭچىڭنىڭ تۇمانلىق ئاسمىنىدا ناگىھان چاقنىغان زەررە نۇر، مىللەتنىڭ مۇختارىيەت يولىدىكى چاقنىغان قۇياشتەك بىباھا! ,- مەسئۇد ئەپەندىنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەن، يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىققان مەمنۇنىيەت تۇيغۇسى كۆزلىرىدە چاقناپ تۇرغان مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىم سەپدىشىنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top