You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قەلەم كۈرىشى (5)

قەلەم كۈرىشى (5)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

شۇ سۆھبەتتىن كېيىن مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىم ئالتاي مەجمۇئەسىدىكى باش تەھرىرلىك خىزمىتىگە باشچىلاپ كىرىپ كەتتى ۋە مەجمۇئەنىڭ خىتاي تىلىدىكى سانىمۇ چىقىشقا باشلىدى. ئۇزۇنغا بارماي بۇ خىزمەتنىڭ نەتىجىسى ھەم شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىچىدە ھەم خىتاي مىللىتى ئىچىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بولۇپمۇ جۇڭخۇا مىنگونىڭ دۆلەت ئاتىسى سۈن جوڭشەن ئەپەندىنىڭ ئوغلى دوكتۇر سۈن فۇ ئەپەندى باشلىق ئىلغار پىكىرلىك دېمۇكراتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گومىنداڭ پارتىيەسى ئىچىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى چىڭ كۇفۇ ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ كۈچلۈك قارشى چىقىشىغا، ھەتتا ئۇلارنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى.

بولۇپمۇ ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەر تۈرك ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي مىللىتىنىڭ بىر پارچىسى دەيدىغان سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاي زىيالىيلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلدى، ئىلغار پىكىردىكى خىتاي زىيالىيلىرىنى يېتىم قالدۇرۇپ، ھەتتا ئۇلارنى «ۋەتەننى بۆلۈشكە ئۇرۇنغان ۋەتەن خائىنى» دەپ قارىلاش غەرىزىدە بولدى. ئۈچ ئەپەندىنى بولسا «ئەسەبىي مىللىي بۆلگۈچى، بىز ياپونلار بىلەن جان تىكىپ جەڭ قىلىۋاتساق، بۇلار ۋەتەننى پارچىلماقچى بولۇۋاتىدۇ» دەپ قالپاق كىيگۈزۈپ، ئالتاي نەشرىياتىنى تاقاشقا ئۇرۇندى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەقسىتى، پۈتۈن دۇنياغا ئايان بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر خىل باھانە – سەۋەبلەر بىلەن قىرىپ تاشلاش ياكى تۈرك مىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى مەڭگۈلۈك يۇتۇۋېلىش ئىدى. ئەمما مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى قاتارلىق ئۈچ ئەپەندى ھېچبىر زامان بوشاپ قالماي، ئەكسىچە بۇ يولدىكى كۈرىشىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق، تېخىمۇ ئىلمىي ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك قانات يايدۇردى. بولۇپمۇ مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىم خۇددى ئۆز روبائىيلىرىدا:

بىل كېرەكلىك ئىشنى، ئى تۈرك ئوغلى سەن قىلماق ئۈچۈن،

باقما ھەركىم خاتىرىگە، مىللىتىڭ دەردىگە باق.

مىللەتنىڭ دەردى ياماندۇر، ئىشلە جانۇ تەن بىلەن،

ھەر غەرەزلىك دوست يا دۈشمەنگە سەن تۇتما قۇلاق.

دەپ يازغاندەك، ئۆز ئىشىغا يەنىمۇ پۇختا بولۇپ، تېخىمۇ ئۆتكۈر ماقالىلەرنى يېزىشقا كىرىشتى. ئۇ ئەمدى ئۆز يولىنىڭ تېخىمۇ توغرا بىر يول ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. بولۇپمۇ مەسئۇد ئەپەندى ئېيتقاندەك، قەلەمنىڭ قورالدىن كۈچلۈك مەنىۋى قۇدرەت ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ قول قويدى.

مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ئەنە شۇنداق ئالدىراش كۈنلەردە ئەردەممۇ نەشرىياتتىكى ئىشلارغا ياردەمدە بولدى، بولۇپمۇ، تاش مەتبەدە بېسىش ئۈچۈن يازمىلارنى قول بىلەن بىرمۇ بىر يېزىپ تەييارلاشقا توغرا كېلىدىغان ئىشلارنى دادىللىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالدى. چۈنكى ئۇ خەتنى ھەم تېز ھەم چىرايلىق ھەمدە ئېنىق يازاتتى. يەنە كېلىپ ماقالىلەرنىڭ ماۋزۇلىرىنى ھۆسن خەت قىلىپ شۇنچىلىك گۈزەل يېزىۋېتەتتى، مۇقاۋىسىنىمۇ ناھايىتى چىرايلىق لايىھەلەيتتى. بۇ ئارقىلىق ژۇرنالنىڭ مەزمۇنىلا مول بولۇپ قالماي، بەلكى ئىستېتىك گۈزەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىنغان ئىدى. ئەردەمدىكى بۇ تالانت ئۇنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىدىن قالغان تۇغما قابىلىيەت بولۇشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن ئىدى. چۈنكى ئۇ بۇ جەھەتتىن ھېچقانداق بىر تەربىيە كۆرمىگەن، ھەتتا بۇنداق بىر تالانتىنىڭ بارلىقىنى ئۆزىمۇ تا بۈگۈنگىچە بىلمەي يۈرگەنىدى.

بەزىدە تاش مەتبەدە خەت بېسىش جەريانىدا ئۇنىڭ قوللىرى سىياھ بىلەن بويىلىپ كېتەتتى ۋە قولى بىلەن بۇرنىنىڭ ئۇچىنى سىلىغاچقا، بۇرنىنىڭ ئۇچىمۇ قارا سىياھ بىلەن بويىلاتتى، بۇنداق چاغلاردا ئۇنى كۆرگەن مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ھەم قېنىق ھەم چوڭ ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان ھۆسن خەتلەرنى كۆزى بىلەن ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «ئەردەم، ئۇ ھۆسن خەتلەرنى بۇرنۇڭ بىلەن يازدىڭمۇ قانداق؟ دۈۋەتتىكى سىياھلارمۇ تۈگەپ كېتىپتۇ» دەپ چاقچاق قىلىپمۇ قوياتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇ يەنە ئوڭ قولىنى ئىختىيارسىز بۇرنىنىڭ ئۇچىغا ئاپىراتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىككىلىسى تەڭ كۈلەتتى – دە، بۇلارغا ئەگىشىپ ئىشخانىدىكى ياردەمچىلىرىمۇ تەڭ كۈلۈپ، ئىشخانىدىكىلەرنىڭ كەيپىياتى بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ، پۈتۈن ھارغىنلىقلىرى تۈگەيتتى. ئەسلىدە خوشاللىق ھەقىقەتەن ئادەمدىن ئادەمگە، كۆزدىن – كۆزگە، يۈزدىن – يۈزگە، لەۋلەردىن – لەۋلەرگە يۇقىدىغان بىر خىل گۈزەل كەيپىيات، كۆڭۈلسىزلىكمۇ ھەم شۇنداق، ئەلۋەتتە.

ئەردەم تېخى يېقىندىن بۇيان خىتايچىنىمۇ ئۆگىنىشكە كىرىشكەن ئىدى. ئۇ ئىنچىك بامبۇكتىن ياسالغان مويلۇق قەلەمنى قويۇق قىلىپ ئېزىلگەن مىكەگە مىلەپ تۇرۇپ، خىتايچە خەتلەرنى ئاق قەغەز يۈزىگە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قىلىپ شۇنچىلىك چىرايلىق يازاتتى. ئۇ ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلىپ ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنگەنسېرى، ھاياتنىڭ قىممىتىنىمۇ شۇنچە تونۇپ يېتىشكە باشلىغان ئىدى. ئۇ قېتىرقىنىپ خەت يېزىشنى مەشىق قىلغانسېرى، خىتايچە ھۆسن خەت يېزىش ماھارىتىمۇ ئېشىپ باردى. ئەلۋەتتە، كىشى ئىشتىياق باغلىغان نەرسىسىنى ئۆگىنەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆگىنىشنىڭ ئۆزى ئۆگىنىشكە بولغان ئىشتىياقنىڭ ھامىلىسىدۇر. ئەردەم ئەنە شۇنداق ئىشتىا ۋە ۋاقىتنى قەدىرلەش بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، نىجايدىيەت دالاسىغا قاراپ قەدەممۇقەدەم يول ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىنى ۋە تالانتىنى كۆرگەن ئىيسا ئەپەندى، ئۇنى خىتايچە ئۆگىنىش كۇرسىغا يازدۇرۇپ قويدى ۋە خىتايچىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ھەربىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس مۇھاپىزەتچى ئوفېتسىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىنىڭ بىر يىللىق ياتاقلىق كۇرسىغا كىرگۈزۈپ قويىدىغانلىقىغىمۇ ۋەدە بەردى.

تاغلىق شەھەرنىڭ كۈز ئايلىرى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ، ھىمالايا چوققىلىرىدىن ئاق مەشۇتتەك يېيىلىپ ئېقىپ كېلىۋاتقان چاڭجىياڭ دەرياسى لەھەڭ كەبى ئالدىغا ئۇچرىغان تاشلارنى يۇتۇپ ئاقماقتا ئىدى. بىر توپ ياۋا غازلار پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ قىپقىزىل شەپىقى ئارىسىدىن ئۇچۇپ چىقىپ، ئەينەكتەك دەريا يۈزىگە شولا تاشلاپ ئۇچۇپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ «غاق، غاق» قىلىپ سايرىغان ئاۋازلىرى پولات كۆۋرۈك ئۈستىدە تۇرغان ئەردەمنى خىيالدىن ئازات قىلدى. ئەردەم ئالدىدىكى گاھ دولقۇنلاپ، گاھ بۇژغۇنلاپ، گاھ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان زۈمرەتتەك پارلىغان دەريانىڭ، لېۋىدىكى ئەجدەر پوستى كەبى قەۋەتلەپ ياتقان تاشلارنى پوكىنىغا بېسىپ ئېقىشلىرىدىن كۆزىنى ئۈزۈپ كۆككە باقتى. قىزغۇچ ئاسماندا بىر مۇنچە مامۇق بۇلۇتلار ئەۋرىشىمدەك لەيلەپ ئۈزۈپ يۈرەتتى، ئۇلارنىڭ ئاستىدا توپ – توپ ياۋا غازلار ھارغىن قاناتلىرىنى ئاستا قېقىپ ئۇچۇۋاتاتتى.

بۇ ياۋا غازلار ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تەڭ، نى – نى ئۆتكەللەر، تالاي جاپالارنى تارتىش بەدىلىگە، تەڭرىتاغلىرىدىن چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى مۇشۇ مۆتىدىل جايلارغا ئۇچۇپ كېلىپ قىشلايتتى. باھار كېلىشى بىلەن تەڭ، ياۋا غازلار ئەردەمنىڭ ئانا ۋەتىنىگە يەنە قايتىپ كېتەتتى. ياۋا غاز خۇددى ئەردەمدەك مېھرىبان، ۋاپادار قۇش ئىدى. ئۇلار نەچچە ئوندىن ياكى قىرىق – ئەللىكتىن بولۇپ يولغا چىقاتتى. ئۇلار بۇ يولدا بىر – بىرىنى ھۆرمەتلەيتتى، كاتتىلىرىنى ئالدىغا يولباشچى قىلىپ ئېلىپ، قالغانلىرى خۇددى مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئەينى چاغدىكى 40 باھادىرىدەك ئارقىدا رەت – رەت بولۇپ ئۇچاتتى. توپتىن ئايرىلمايتتى. كەچ بولغاندا قونۇپ، قونغاندا كۆزەتچى قوياتتى. خۇددى ئۇلارنىڭ كۆچلىرى ئەردەمنىڭ ھىجرەتتىكى يولچىلىقىغىلا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار شۇنچىلىك ۋاپادارئىدىكى، ئاتا غاز بىلەن ئانا غاز بىر – بىرىدىن ئايرىلسا، ئۆلگۈچە ئۆزىگە باشقا جۈپ ئىزدىمەيتتى.

مانا بۇ يەرلىرى ئەردەمگە تولىمۇ ئوخشاپ قالاتتى. ھازىر ئەردەم ئۆز سۆيگۈسى پەرۋىندىن ئايرىلغىلى ئون يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە ئۆزىگە بىر جۈپ تېپىشنى ئويلاپمۇ قويمىغان ئىدى. ئۇ ئۆز سۆيگۈسىنى قەلبىدە داۋاملىق ياشنىتىپ، ئۇنىڭدىن بىر دەقىقىمۇ ئايرىلغان ئەمەس. مانا شۇ تاپنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۇ خىيالىدا پەرۋىن بىلەن مۇڭدىشىۋاتاتتى، كۆرگەن – بىلگەنلىرىنى پەرۋىن بىلەن ئورتاقلىشىۋاتاتتى، ھەتتا تازا بەختلىك بولغان چاغلىرىدا ئاشۇ خۇشاللىقلىرىنى پەرۋىنگە قىسىنىپ، ئۇنىڭ يېنىدا بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىپ، مەيۇسلىنىپ كېتەتتى. مانا بۇ ئۇنىڭ ئۆز سۆيگۈسىگە بولغان ساداقىتى ئىدى. ئەسلىدە ھەقىقىي ئىشق بىللە ياشىماق ئەمەس، بەلكى قەلبىدە ئەبەدىي ياشناتماقتۇر. شۇڭا ئاشىق بىردۇر، ئۇ ئەبەدىيدۇر. سىلەر ئىككى لەيلاسى بار مەجنۇننى ھېچ كۆردۈڭلارمۇ؟ ئىككى زۆھرەسى بار تاھىرنىچۇ؟ ياۋا غازلارنىڭ بىر – بىرىگە بولغان ئاشقىمۇ ئەنە شۇ لەيلى – مەجنۇن، تاھىر – زۆھرەنىڭ ئاشقىدىن قېلىشمايتتى.

خىتايلارنىڭ ئەڭ داڭلىق كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان «سۇ بويىدا» ناملىق رومانىنىڭ باش قەھرىمانلىرىدىن بىرى بولغان سوڭ جىياڭ، ياۋا غازنى بەش ئەھكام بويىچە مەدھىيەلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قۇشتا رەھىمدىللىق، ئىنساپ، ئەدەپ، پاراسەت، ئىناۋەت قاتارلىق بەش ئەھكامنىڭ جىمىسى بار. ئۇلار ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا بىرەر ياۋا غازنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرسە، ھەمرالىرىدىن ئايرىلغىنىغا نادامەت چېكىپ غاقىلدىشىپ رەھىمدىللىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئۆز جۈپلىرىدىن ئايرىلسا ئۆلگۈچە باشقا جۈپ تاپمايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىنساپلىقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھەرقايسىسى ئۆز رېتى بويىچە يا ئارقىدا قالماي، يا ئالدىغا ئۆتۇۋالماي ئۇچىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەدەپلىكلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ بۈركۈتتىن ئۆزلىرىنى پاناھلاش ئۈچۈن ئۆتكەللەردىن قومۇش چىشلەپ ئۆتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ پاراسەتلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ كۈزدە تۆۋەن تەرەپكە كېتىپ، ئەتىيازدا يۇقىرى تەرەپكە قايتىپ كېلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىناۋەتلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قۇشتا بەش ئەھكامنىڭ ھەممىسى مۇجەسسەملەنگەن» ئۇ يەنە بۇ ياۋا غازلارنى مەدھىيەلەپ مۇنداق غەزەل توقۇيدۇ:

تاغ داۋانلار بىپايان كۆز يەتكۈسىز سۇغا تۇتاش،

ئۇچتى كۆكتە ياۋا غاز رەت – رەت بولۇپ بەك ئالدىراش.

ئوق تېگىپ بىر نەچچە غازغا، قالدى سەپتىن ئايرىلىپ،

چىقتى سوغ يەل، ئاي كۆكتە، كۆڭلۈم بولدى غەش.

ئەردەم ياۋا غازلارنىڭ ئۇچۇشىغا ئەگىشىپ گەۋدىسىنى ئاستا – ئاستا 180 گىرادۇس بۇرىدى ۋە ئۇزۇندىن ئۇزۇنغىچە ئارقىسىدىن قاراپ تۇردى. خۇددى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرەر تونۇشىنى ئىزدەۋاتقاندەك، ئۇلاردىن كۆزىنى ئۈزمەي، تاكى ۋۇشەن تاغلىرىنىڭ پوكانلىرىدىكى تۇمانلار ئارىسىدا غايىپ بولغۇچە، ھەر بىر ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتتى. ئۇلارغا بۇنچىلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ قاراشقا ھەقىقەتەن ئەرزىيتتى. چۈنكى ئۇلار خۇددى ئەردەمدەك شۇنچىلىك ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ، بۇ يەرلەرگە ئۇچۇپ كەلگەن ئەمەسمۇ؟ بۇ يولدا كۆپ رىيازەت چەكسىمۇ، ئۇلار مەنزىلگە يېقىنلاشقانلىقىدىن بەختىيار. بۇ ھايات ئۇلارنىڭ ئەنە ئاشۇنداق جاپالارنى تارتىشىغا ئەرزىيدۇ. ئۇزۇن يولچىلىق جەريانىدا ئۇلار بىر – بىرلىرىگە ياردەم بېرىدۇ، بىر – بىرلىرىنىڭ يارىلىرىنى تاڭىدۇ، كۆڭۈللىرىنى ياسايدۇ، ھەقىقىي دوستلۇقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تونۇپ يېتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۆز ئىرادىسىنى چىڭىتىدۇ. ئىرادىدىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك كۈچنىڭ ھەممىدىن غالىپ كېلىدىغان كۈچ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.

ھېچقاندەك ساختىلىقى يوق بۇ تەبىئەت ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدىغان رېئال كىشىلىك دۇنياغا قارىغاندا ئەردەمگە چەكسىز ئەۋزەل كۆرۈندى بولغاي، ئۇ يەنە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ دەريا مەنزىرىسى كۈزەتتى. كەھرىۋادەك كەچكى شەپەق دەريا ئۈستىدە ئاستا – ئاستا غايىپ بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ دەقىقىلەردە، دەريا يۈزى خۇددى چوغدەك قىزىرىپ، دەريا سۈيى يالتىراپ كۆزنى قاماشتۇرۇۋاتاتتى. ئەردەمنىڭ كۆز ئالدىدا تولغىنىپ ئېقىۋاتقان چەكسىز دەريا خۇددى قۇياشنى يۇتۇۋېلىۋاتقان ئەجدىھادەك سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئەمما بۇ كۆرۈنۈش ئۇنىڭ قەلبىدە بىر ئاز ۋەھىمە پەيدا قىلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ تەبىئەتنىڭ مۇتلەق نەپىس مەنزىرىسىدىن كۆزىنى ئالالماي، يەنىلا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. كۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مېھرىنى سۇ يۈزىگە چېچىۋېتىپ، ئەجدىھانىڭ قارنىغا جىمجىت كىرىپ كەتتى. ئەمدى گۇگۇم چاغ باشلىنىپ، قاراڭغۇ تۈننىڭ پات يېقىندا باشلىنىشىدىن بىشارەت بېرىۋاتاتتى.

يەر يۈزىنى تۈتەك بېسىپ، تاغلارنى تۇمان قاپلاپ كەتتى. گىرىمسەن ئاي بىلەن يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقى خىرەلىشىپ، دەريا يۈزىدىن كۆتۈرۈلگەن نەمخۇش تۇمانلار، بۇلۇت – مانانلاردەك ھاۋادا لەيلەپ، زۇلمەت قاراڭغۇلۇقىغا پېتىۋاتقان دەريانىڭ ئىككى قانىتىدىكى داباشەن بىلەن دالۇشەن تاغلىرى تەرەپكە قاراپ ئاستا – ئاستا تارالدى. ئەمدى ئەتراپتىكى نەرسىلەرنىڭ ئۈستىنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ، نېمىنىڭ دەرەخ – ئوتلاق، نېمىنىڭ يول ۋە كۆۋرۈك ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈزنىڭ كۆڭۈلسىز قىشنىڭ پۇرىقى ئارىلاشقان نەشتەردەك شامىلى ئەردەمنى بۇ يەردىن ھەيدەشكە باشلىدى. كۈچلۈك شامالنىڭ زەربىسى ئاستىدا دەريانىڭ ئېرىنچەك سۈيى بىردىنلا ئۆركەش ياساپ، دولقۇن شاۋقۇنى كىشى قەلبىگە دەھشەت سېلىشقا باشلىدى. شامال سارغىيىپ تۆكۈلگەن قېيىن دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى ئۇچۇرتۇپ ئەكېلىپ، ئەردەمنىڭ قايتىش يولىغا پاياندازدەك يېيىۋېتىپ باراتتى.

مانا بۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئىدى. ئۇ يول بويى كۈز پەسلىدىكى تەبىئەتنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە كۆز ئاتتى، ئاۋازلارغا قۇلاق سالدى. ئەتراپتىكى تاللار، ياپراقلاردا ئۆزىنىڭ كۆڭۈل دەردىنىڭ، رەنج – مۇشەققەتلىرىنىڭ ئۆرنەكلىرىنى كۆردى. ئۇ دەرەخ شاخلىرىنىڭ لىڭشىشلىرىغا، تاللاردىن ساپاقلىرى ئۈزۈلۈپ چۈشكەن ياپراقلارغا قارىدى، ئاندىن يوللاردا ئادەملەر ئاياقلىرىدا چەيلىنىۋاتقان غازاڭلارنىڭ، تالگۈل بەرگىلىرىنىڭ ئاۋازلىرىغا قۇلاق سالدى. ھەممە يەردە يۈزلەرچە تىلسىز ئاۋازلار، يۈزلەرچە تىلسىز ئىڭراشلار. ئۇ ئىچىدە «گۈلىستانلىقلار قەيەردە؟ ياپيېشىل بوستانلىقلارچۇ؟ ساپسېرىق زىغىر چېچەكلىرى قېنى؟ سەرۋىلەر، لالىلەر، قىزىل گۈللەر قەيەردە؟ مول – مول سۈتلەر ۋە ھەسەللەر قەيەردە؟ ‹كۇك كۇك› دەپ سايرىغان پاختەكلەر قەيەردە؟» دەپ ئۆز – ئۆزىدىن سورىدى. ئۇ يەنە: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ھەرگىز ئۈمىد كېسىلمەس، پۈتۈن بۇلارنىڭ ھەممىسى باھار ئۈچۈن، كونىنىڭ ئۆلۈپ، يېڭسىنىڭ تۇغۇلۇشى ئۈچۈن، زۇلۇم زۇلمىتى تۈگەپ، يورۇق تاڭنىڭ ئېتىشى ئۈچۈن! پۈتۈن بۇ ئىزتىراپلار، رىيازەتلەر ئىمتىھان ئۈچۈن. ئەگەر دەرەخنىڭ پۇتى ۋە قانىتى بولسا ئىدى، زىمىستان سوغۇقتا قىپيالىڭاچ بولۇپ تۇرماس ئىدى، كۆڭلۈمدە دەرد ئەلەم بولمىسا، چىرايىم زاپىراندەك سارغايماس ئىدى. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى باھار ئۈچۈن، قايتا تىرىلىش ئۈچۈن. بۇ تىرىلىش يولىدا مېنىڭ تاقىتىم ۋە ئىرادەم كامىل!» دەپ، ئەتراپىدا مىغ – مىغ قاغىدەك كېتىۋاتقان قاپقارا كىيىنىۋالغان ئادەملەرگە قارىدى.

ئۇلار ھەممىسى شۇنچىلىك ئالدىراش كېتىۋاتاتتى، ئەردەمگە قارايدىغان چولىسى يوق ئىدى. ئۇ يېقىندىلا قايسى بىر كىتابتىن ئوقۇغان لىۋ تولىستوينىڭ مۇنداق بىر گېپىنى ئەسكە ئالدى: «سەن مەن بولمىساڭ، مەن ماڭغان يوللارنى، قەلبىمدىكى خوشاللىق ۋە ئازابلارنى قانداق بىلەتتىڭ؟» ئۇ بىردىنلا ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى خىيالىغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشلىرىمۇ ئۆزگەرگەن ئىدى. ئۇ ھازىر ئۇچىسىغا كاستۇم – بۇرۇلكا، پۇتىغا خۇرۇم شىبلىت كىيگەنىدى. ساقال – بۇرۇتلىرىنى پاكىز ئېلىپ، كۈندە چىشىنى ئامېرىكىنىڭ پەپسودەنت ماركىلىق چىش پاستىسى بىلەن، يۈزىنى لۇكس ماركىلىق سوپۇن بىلەن يۇياتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بۇغداي ئۆڭلىرى ئاپئاق ئاقىرىپ، تەقى – تۇرقى ئەجنەبىلەردەكلا بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىلا ئەمەس، ھەتتا تەپەككۇرىدىمۇ ئۆزگىرىش ئالاھىدە ئىدى. دېمەك، ھەر ئادەمنىڭ پىكىر – خىيالى ۋە سۆز – ھەرىكىتى، تەقى – تۇرقىمۇ مۇھىتقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن. ئەلۋەتتە ئۆزگەرگەن ئىكەن، شۇ ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبلىرىمۇ بولىدۇ – دە، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشلىرى مۇھىتقا قاراپ بولغان بولسا، ئىدىيەسى ئوقۇغان كىتابلىرى، ئارىلاشقان كىشىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇ ھەقاچان؟ ئۇ چۇڭچىڭغا كەلگەندىن بۇيان ۋاقتىنىڭ زور كۆپ قىسمىنى يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىدا ئۈچ ئەپەندىنىڭ نۇتۇقلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ياشلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتاتتى.

يېقىندىن بۇيان ئۇ خىتاي تىلى ئۆگىنىدىغان كۇرستىكى تىبەت، موڭغۇل ۋە بەزى چەت ئەللىك ساۋاقداشلىرى بىلەنمۇ ئارىلىشىپ، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى. ئوقۇۋاتقان كىتابلىرى پۈتۈنلەي ئىلغار ئىدىيەلەر بىلەن تولغان كىتابلار بولۇپ، قوبۇل قىلغان ئىدىيەسى ئۈچ ئەپەندى تەرغىپ قىلىۋاتقان تۈرك مىللەتچىلىك ئىدىيەسى ئىدى. دېمەك، ھەر ئىشنىڭ نېگىزى ئىدىيەدە، پىكىردە، چۈشەنچىدە بولغاچقا، بۇلار ئادەمنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. شۇ ئەتراپىدىكى ئېسىل بىنالار، كېتىۋاتقان ترامۋايلار، ماشىنىلار، پويىزلار ۋە ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلانلارنىڭ ھەممىسى پىكىر ۋە ئىدىيەلەردىن ۋۇجۇتقا كەلگەن ئەمەسمۇ؟ ھەتتا ئۈستىدىكى كۆك ۋە ئۇنى زىننەتلىگەن كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلار؛ دەسسەپ تۇرغان زېمىن ۋە ئۇنى بېزەپ تۇرغان يىراقتىكى تاغلار، ئېقىۋاتقان دەريالار، ئورمانلار، دېڭىزلار ۋە ئۇلاردىكى ھاياتلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مۆھتەشەم ئىدىيەسى ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن پىكىرسىز، ئىدىيەسىز ھاياتلىق يوق.

ئەردەمگە ئوقۇغان كىتابلىرىدىن بەكرەك ئەنە شۇ تەبىئەتنىڭ قامۇسى تېخىمۇ تەسىر قىلاتتى. ئۇ ئۆزىگە كېرەكلىك ئىلىملەرنى يالغۇز كىتابلاردىنلا ئەمەس، بەلكى تەبىئەتتىن ۋە ئۆزىنىڭ قەلبىدىن ئىزدەپ تېپىۋاتاتتى. ئۇ ئەتراپنى كۆزەتكەنسېرى ئۆز ۋەتىنىگە، ئۆز خەلقىگە بولغان سۆيگۈسى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئۇلارنى كۆرۈش ئىستىكى تېخىمۇ يۈكسەلگەن ئىدى. چۈنكى ئىنسان دۇنيادىكى بارلىق كىتابلارنى ئوقۇسىمۇ، بارلىق يەرلەرنى كەزسىمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەن سۆيگۈسىنىڭ ئورنىنى قەتئىي باسالمايدۇ. ئۇ ئەنە شۇنداق ئوي – پىكىرلەر ئىچىدە ئۆزىگە ئائىت بولمىغان ۋەتەندە يۈرۈپ، ئۆزىگە ئائىت بولمىغان تىلدا سۆزلىشىپ يۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا قۇم دۆۋىلىرى ئىچىدە يوقالغان يىڭنىدەك بەختىنى ئىزدەپ تېپىشقا ئىرادە باغلىدى. ئۇ بەخت ۋەتەننىڭ بەختى ئىدى.

ئۇ يول ياقىلاپ كېتىۋېتىپ ئۆيگە يېقىن كەلگەندە، بىر قورودىن نەينىڭ يېقىملىق مۇڭىنى ئاڭلىدى. ئاشۇ يوقالغان بەختنى تېپىش ئۈچۈن، بۇ ھاياتتا قەدىر – قىممەتكە ئىگە بولۇپ ئىنساندەك ياشاش ئۈچۈن، نېمىلەرنى قىلىشنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا ئىيسا ئەپەندىنىڭ ياشلارغا قىلغان بىر نۇتقىدا، ئىككى بامبۇكنىڭ قىسقا ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى دەرھال يادىدىن كەچۈردى: «ئوخشاش ئىككى تال بامبۇكنىڭ بىرسىدە نەي، يەنە بىرسىدە كىر يايغۇچ ياسىلىپتۇ. ئۈستىگە نۇرغۇن كىرلەرنى ئارتىۋالغان كىر يايغۇچ، بىر كۈنى خوجايىن خېنىم دائىم ئەتىۋالاپ كۆتۈرۈۋالىدىغان نەيگە قاراپ بىر ئاز ئويلىنىپ قاپتۇ. خېنىمنىڭ ياپراقتەك تىترەپ تۇرغان نېپىز لەۋلىرىنى نەيگە تەگكۈزۈپ يەڭگىل پۈۋلىشى ۋە نازۇك بارماقلىرى بىلەن نەي تۆشۈكلىرىنى رېتىملىق يېپىپ – ئېچىشلىرى نەتىجىسىدە لەرزان كۈي چىقىرىۋاتقان نەيگە قاراپ ئىچى ئاداپتۇ ۋە ھەسەت ئوتى ئۆرلەپ، زۇۋانغا كېلىپ، نەيدىن مۇنداق سوئال سوراپتۇ: «ئىككىمىز بىر تاغدا ئۆسكەن ئوخشاش بامبۇك تۇرۇپ، نېمىشقا مەن ئەتىدىن كەچكىچە ئۈستۈمگە ئارتىلغان كىرلەرنى كۆتۈرۈپ، ئاپتاپتا تۇرىمەن. بۇنى ئاز دەپ ھېچقانداق قەدىر – قىممىتىم يوق؟ سەنچۇ؟ شۇنداق ئەتىۋارلىق، بىباھا؟ نېمە ئۈچۈن ئىككىمىزنىڭ قىممىتى ئوخشىمايدۇ؟» ئۇشتۇمتۇت سورالغان بۇ سوئالغا، نەي تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق جاۋاب بىرىپتۇ: «چۈنكى سەن بىر پىچاق بىلەنلا ياسالدىڭ، ئەمما مەنچۇ؟ نەي شەكىلگە كىرگىچە، نەچچە مىڭ قېتىملاپ پىچاق يېدىم. بەدىنىمدىكى توققۇز بوغۇمۇمنى بىر – بىرلەپ شىلىپ سىلىقلىدى، ئۇنى ئاز دەپ يەتتە يېرىمگە تۆشۈك ئاچتى. بۇ جەرياندا قانچىلىك ئازابلانغانلىقىمنى سەن بىلەمسەن؟» بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان كىر يايغۇچ گەپ قىلالماي زۇۋانى تۇتۇلۇپتۇ ۋە چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپتۇ»

ھىكايىدىن كېيىن، ئىيسا ئەپەندى ئۆزىگە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان قارا چاچلىق، قارا كۆزلۈك، بۇغداي ئۆڭلەرگە خىتاب قىلىپ تۇرۇپ: «دېمەك، دۇنياغا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا قەدىرلىك بولۇپ ئاپىرىدە بولسىمۇ، ئەمما ھاياتتا ھەركىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئەجرىگە، تارتقان مۇشەققەتلىرىگە تۇشلۇق نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ھەركىمنىڭ قىممىتى ئاشۇ بامبۇكلارنىڭكىدەك بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. كىمكى كۆپ جەۋر – جاپاغا چىدىسا، بوران – چاپقۇنلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرەلىسە، ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغاندا چۈشكۈنلىشىپ، مىسكىنلىك ئىچىدە يىغلاپ ئولتۇرغاننىڭ ئورنىغا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، كۈرەش يولىغا ئاتلىنالىسا، ئۆزى مۇقەددەس دەپ بىلگەن ئىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتەلىسە، باشقىلارنىڭ ھەسەتتىن قىلغان ئۆسەك سۆزلىرىگە ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي، ئۆز يولىنى داۋام قىلسا، ئۇ ئادەم ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە، نىجادىيەتكە ئېرىشكەن ئادەم بولۇپ، ئۆز مىللىتىگە، جۈملىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە شۇ نەيدەك تاشنى ئېرىتكۈدەك يېقىملىق كۈي، ھۇزۇر ۋە بەخت ئاتا قىلىدىغان ئىنسان بولالايدۇ» دەپ سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ ئاخىرىدىكى ئەنە شۇ سۆزلىرى، ئەردەمنىڭ قۇلىقى تۆۋىدە نەينىڭ مۇڭزارى بىلەن تەڭ قىممەتلىك ھېكمەت كۈيى بولۇپ ئاڭلىنىۋاتاتتى.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top