You Are Here: Home » ئومۇمى » ئامېرىكا ئەلچىسى نەزىرىدە خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى

ئامېرىكا ئەلچىسى نەزىرىدە خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى (تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى) ئارخىپلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت بىر پارچە تېلىگراممادىن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى. مەزكۇر تېلىگرامما 1946-يىلى 18-دېكابىر كۈنى خىتاي پايتەختى نەنجىڭدىن ۋاشىنگتونغا يوللانغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ نەنجىڭدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون لېيتون ستۇۋارت (John Leighton Stuart) تەرىپىدىن تەييارلانغان. مەزكۇر ئالاقەدە ئەينى چاغدا خىتاي خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايىغا قاتنىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم ئىش پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدا تەييارلانغان ۋە قۇرۇلتاي كاتىباتلىقىغا سۇنۇلغان «شىنجاڭنى <شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى>گە ئۆزگەرتىش ۋە ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىش» ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى مەركەزلىك ھالدا تىلغا ئېلىنغان. ئالاقەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي مەسىلەدىكى سەمىمىيەتسىزلىكى ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدىكى سابىق كونسۇلى جون ۋارد ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ تەنقىدلەنگەن. مەزكۇر ئالاقە، ئامېرىكانىڭ ئەينى چاغدا مەزكۇر قۇرۇلتايغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ۋە خىتاينىڭ مىللىي مەسىلەلەرنى ھەل قىلىشتىكى پوزىتسىيەسىگە دىققەت قىلغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر. 


خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى (ستۇۋارت)دىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىغا:

نەنجىڭ، 1946-يىلى 18-دېكابىر، سەھەر سائەت 10

خىتاي خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 ۋەكىلدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە گېنىرال جاڭ جىجۇڭ تاللىغان ۋەكىللەرمۇ بار. ۋەكىللەر ئۆمىكى نەنجىڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن دەسلەپكى بىر قانچە كۈن جىمجىت يۈرۈپ، ئاخىرى ئۆلكەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تۈركىي قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىككى رەھبىرىدىن بىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېتەكچىسى ئەخمەتجان ۋەكىللەر ئۈچۈن سۆز قىلىپ، ئۆلكە ئۈچۈن ئىچكى جەھەتتىن تولۇق مۇختارىيەت، دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىن تۈركىي-خىتاي ئورتاق باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن نەنجىڭ قۇرۇلتاي زالى ئالدىدا، 1946-يىلى دېكابىر

دوكلاتلارغا قارىغاندا، بۇ ھەرىكەت خىتاي خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايىدا شاۋقۇن-سۈرەنلەرگە سەۋەب بولغان. ئەمما قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ ئىش يۈز بېرىپ كېيىنكى كۈنى مەتبۇئاتلاردا ئاز-تولا خەۋەر قىلىنغاندىن باشقا، كېيىن ھېچ تىلغا ئېلىنمىغان. بۇندىن كېيىنمۇ بۇ ھەقتە سۆز بولۇشى كۈتۈلمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. ۋارد (ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق سابىق كونسۇلى)نىڭ ئەينى چاغدا ئېيتىشىچە، شۇنداقلا كېينچە بىر قىسىم تۈركىي ۋەكىللەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل قاراش جاڭ جىجۇڭ ئۆزى تەرىپىدىنمۇ قوللاشقا ئېرىشكەن بولۇپ، جاڭ جىجۇڭ ھازىر ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىپ، خىتاينىڭ شىنجاڭدا ھەر قانداق شەكىلدە ئازراق بولسىمۇ پۇت تىرەپ تۇرۇشى ۋە تەسىرىنى ساقلاپ قېلىشىدىكى بىردىنبىر ئۈمىد مانا بۇ لايىھە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن ئىدى. تۈركىي ۋەكىللەر خىتاي بىلەن كېلىشىم قىلىشنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ ئىكەنلىكىگە ھەقىقەتەن ئىشىنەتتى. خىتاينىڭ ھەممىگە ئايان بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدىكى خاتېرىسىگە ئاساسەن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىمۇ بۇ خىل تەخمىنگە قوشۇلۇق تەرەپتارىمىز.

تۈركىيلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۈمىدسىزلىكلىرىگە سەۋەب بولغان پاكىتلارنى كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىتىن مەدەنىي مۇختارىيەت ۋە تۈركىي مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىشتىن ھەققىدىكى بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالغاندىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە تۈركىيلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى ئالاقەلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنىمۇ رەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى ماددىلارنى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈش ھەققىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭمۇ بىكار بولغانلىقى ئېيتتى. ئەمەلىيەتتە خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرى بولسا شىنجاڭ مەسىلەسىنى تۈركىي ۋەكىللەر بىلەن بىۋاستە مۇزاكىرە قىلىشنىمۇ رەت قىلغان بولۇپ، ئۆزلىرى ئاۋۋال بۇ مەسىلەنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئاندىن تۈركىيلەرگە بۇ ھەقتىكى قارارلىرىنى يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىشقان.

ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلەسى يەنە موڭغۇل، تۈركىي ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەرىكەت جەھەتتىكى ماسلاشتۇرۇشتا كەتكۈزۈپ قويغانلىقىدىن تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن. شۇنىسى ئېنىقكى، تىبەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ ھازىر قانداق بىر سورۇندا ئىكەنلىكى ۋە ھەتتا نېمە ئۈچۈن بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ ئېنىق چۈشەنچە بولمىغاچقا، ھەرقانداق كىشى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر قانداق تەكلىپكە قوشۇلىۋەرگەن. ۋەھالەنكى، ئىخىتلاپ موڭغۇللار ۋە تۈركىيلەر ئارىسىدا ئۆز مەسىلەلىرىنىڭ ئاۋۋال ھەل قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە كېلىپ چىققان. خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ئىختىلاپلاردىن پايدىلىنىشقا ئاران تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ئەلۋەتتە. قىسقىسى، شىنجاڭ ۋەكىللەرىنىڭ ھازىرغىچە بولغان نەنجىڭ زىيارەتىدە شىنجاڭنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىدى دەپ ئېيتىش مۇمكىن.

– ستۇۋارت


ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون لېيتون ستۇۋارت (John Leighton Stuart)

مەزكۇر تېلىگراممانىڭ ئەسلى نۇسخىسى:

ئۇلانما: https://history.state.gov/historicaldocuments/frus1946v10/d957

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top