You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قەلەم كۈرىشى (6)

قەلەم كۈرىشى (6)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى بارلىق ئۆتكەن ئىشلارنى قەلبىگە كۆمۈپ، ئەتىكى ئىستىقبالنىڭ چېچەكلىشى ئۈچۈن يېڭى بىر يولغا قەدەم باسقان ئىدى. بۇ يول بۇرۇنقىدەك قورال بىلەن ئەمەس، بەلكى قەلەم بىلەن ، سىياسەت بىلەن، تىنچلىق بىلەن كۈرەش ئېلىپ بارىدىغان بىر يول ئىكەنلىكىنى ئۇ ھەممدىن ئوبدان بىلەتتى. ئۇ ئۆزىنى بۇ يولنىڭ ھارماس جەڭچىسى دەپ ھېسابلايتتى. قولىدىكى قەلەمنى قورال، كاللىسىدىكى پىكىرلەرنى ئوق قىلىپ، دۈشمەنگە ئوق ئاتىدىغان يولدا قورقماي قەدەم ئالاتتى. ئۇ بۇ يولدا ئۆزىنى قانداق بىر قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى، يوللىرىغا قانداق پۇسۇلارنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى تېخى بىلمەيتتى.  ئەمما، مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە، ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ تۇۋىدە قەلەم كۈرىشىنىڭ جەڭ دۇمباقلىرى، نەيزە – قالقانلارنىڭ چاراقلىغان ئاۋازلىرى يىراقتىن غۇۋا ئاڭلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەنە شۇ يىراقتىكى سادالار ئىچىدە، ئۈچ ئەپەندى يىلنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى تەييارلاش» نامىدىكى بىر كومىتېتنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەردار بولدى.

بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسى بولسا ئۈچ ئەپەندىنى يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان دوكتۇر سۈن فۇ ئەپەندى ئىدى. سۈن فۇ ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە 180 ماددىلىق بىر قانۇن لايىھەسىنى ھازىرلاپ ئېلان قىلدى ۋە ھەرقايسى ئورگان، جەمئىيەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ ماددىلارغا بولغان پىكىرلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، كومىتېتقا مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇنداق بىر پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇشنى ئەسلا خالىمايدىغان مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئىيسا ئەپەندى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاي مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ ئورتاق پىكىرلىرىنى بىرلىكتە بايان قىلىش ئۈچۈن، بىر مەسلىھەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقتى.

يىل ئۆرۈلۈپ تا مارت ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرىغىچە گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئىيسا ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بەرمەكچى بولغان پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى نامىدىن يۇقىرىغا يوللاشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۈچ ئەپەندى ئورتاق قارار چىقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادىل تەلەپلىرىنى شەرقىي تۈركىستان نامىدىن بېرىدىغان بولۇپ، ئون تۇققۇز ماددىلىق تەلەپنامىنى ھازىرلاپ ئاپرىل ئايلىرىدا كومېتىتقا سۇندى. بۇ تەلەپنامىنىڭ ئاساسلىق ماددىلىرى:

1. ئاساسىي قانۇنغا تۈركىستان خەلقىنىڭ «تۈرك» مىللىتى ئىكەنلىكى ئوچۇق يېزىلسۇن.

2. ئاساسىي قانۇنغا «تۈرك مىللىتىگە مۇختارىيەت بېرىلىدۇ» دېگەن ماددا كىرگۈزۈلسۇن.

3. ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنىڭ 4 – ماددىسىدىكى «شىنجاڭ» دەپ ئېيتىلغان ئۆلكە ئىسمى «تۈركىستان» دەپ تۈزىتىلسۇن.

4.ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنىڭ 5 – ماددىسىدىكى «خىتاي» دېگەن سۆزنى قوبۇل قىلمايمىز، «جۇڭخۇا جۇمھۇرىيىتى ئىچىدە بولغان مىللەتلەر شۇ جۇمھۇرىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان ئەزالاردۇر» دەپ تۈزىتىلسۇن.

5. ئاساسى قانۇن لايىھەسىنىڭ 5 – ماددىسىسىنىڭ ئاخىرىغا، «جۇڭخۇا جۇمھۇرىيىتى ئىچىدە بولغان ھەر بىر مىللەت سىياسەت، ئىقتىسات، مائارىپ، مەدەنىيەت، دىن، ئىجتىمائىي تۇرمۇش، تىل ۋە يېزىقتا تەڭ قوقۇقلۇق» دېگەن جۈملە قوشۇلسۇن.

6. ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنىڭ 7 – ماددىسىغا، «ھۆكۈمەت جۇڭخۇا جۇمھۇرىيىتى ئىچىدە خەجلىنىدىغان قانۇنىي ئاقچىنى دۆلەت ئىچىدە ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ يېزىقىدا بېسىپ تارقىتىدۇ. شۇنىڭدەك، دۆلەت ئىچىدە ئىشلىتىلىدىغان پوچتا ماركىسى، تۈرلۈك باج خەتلىرى دۆلەت ئىچىدە ياشىغۇچى ھەر بىر مىللەتنىڭ يېزىقىدا بېسىپ چىقىرىلىدۇ» دېگەن ماددا كىرگۈزۈلسۇن.

7. ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنىڭ 27 – ماددىسىدىكى «موڭغۇل» دېگەن ئىسىمنىڭ ئاخىرىغا «تۈرك» دېگەن ئىسىم قوشۇپ قويۇلسۇن.

8. ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنىڭ 27 – ماددىسىغا «خەلق ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىدىغان ئادەم يەرلىك خەلقتىن بولۇشى شەرت»دېگەن جۈملە كىرگۈزۈلسۇن.

9. ئاساسىي قانۇن لايھىسىنىڭ 10 – ماددىسىدىكى «دىنىي ئىشلار قانۇنغا خىلاپ بولماسلىق شەرتى بىلەن مەنئىي قىلىنمايدۇ» دېگەن سۆز ئېلىپ تاشلىنىپ، بۇ ماددىغا شۇ ئىككى جۈملە قوشۇلسۇن: «دىندا مەنئى قىلىنمىغان ئىشلارغا قارشىلىق قىلىنمايدۇ، دىنغا قارشى تەشۋىق قىلىنمايدۇ».

10. لايىھەنىڭ 81 – ماددىسىدىن كېيىن، شۇ بىر ماددا ئىلاۋە قىلىنسۇن: «چېگرا مەملىكەتلەردە دەۋا ۋە مەھكىمە سوراقلىرى شۇ يەرنىڭ ئۆز ئاھالىسىنىڭ تىلى ۋە يېزىقى بىلەن بولىدۇ».

11. لايىھەنىڭ 85 – ماددىسىدىن كېيىن، شۇ بىر ماددە ئىلاۋە قىلىنسۇن: «ھەر تۈرلۈك ئىمتىھان ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تىل ۋە يېزىقى بىلەن بولىدۇ».

12. لايىھەنىڭ 90 -ماددىسىدىكى «مۇڭغۇل» سۆزىنىڭ يېنىغا «تۈرك» سۆزى قوشۇلسۇن.

13. لايىھەنىڭ 99 – ماددىسىغا شۇ بىر جۈملە قوشۇلسۇن: «ئۆلكە ۋالىيلىرىنىڭ چوقۇم يەرلىك خەلقتىن بولۇشى ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلىنىشى شەرت».

14. لايىھەنىڭ 133 – ماددىسىدىن كېيىن، شۇ بىر ماددە ئىلاۋە قىلىنسۇن: «خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى ھەر بىر مىللەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئوقۇشلىرى ئۆز تىل – يېزىقىدا بولىدۇ».

15. 138 – ماددىغا شۇ جۈملە قوشۇلسۇن: «قانۇنلار ھەر مىللەتنىڭ يېزىقى بىلەن بېسىلىپ نەشىر قىلىنىدۇ».

تەلەپنامىنىڭ باشقا تۆت ماددىسى، يۇقىرىقى ماددىلارغا ياردەمچى سۆزلەردىن ئىبارەت ئىدى.

ئۈچ ئەپەندى بۇ يوللۇق تەلەپلىرىنى سۇنغاندىن كېيىن، ياز بويى ئۇلارغا ھېچقانداق بىر خۇش خەۋەر كەلمىدى. ئەمما مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ھېچ ئۈمىدىنى يوقاتماي، ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ياز بويى نەشرىياتتا ئىشلىدى. ئۇ ئۆزىگە ئىشىنەتتى، خۇددى بىر كىچىك جىنچىراقنىڭ شۇنچىلىك قاراڭغۇ غارنىڭ ئىچىنى يورۇتقىنىدەك، ئۆزلىرىنىڭ بۇ تۇمانلىق شەھەرنىڭ قاراڭغۇ روجەكلىرىنى يورۇتالايدىغانلىقىغا پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىشىنەتتى، چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىنىڭ ئىنسان ئەقلىگە قانچىلىك يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پىكىرلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى رېئاللىققا شۇنچىلىك يېقىن دەپ قارىغان ئىدى. ئەمما رېئاللىق ئۇلارنىڭ ئويلىرىغا باقمىدى. ئۇلار ئۆزلىرى ماڭغان يولنىڭ مەلۇم بىر نۇقتىغا كېلىپ توختاپ قالغانلىقىنى سەزدى. لېكىن مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى بۇ نۇقتىنى دەل ئۆز مەسىلىلىرىنىڭ ھەل بولۇشتىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قاراپ، سەۋر بىلەن كۈتتى. بۇنداق چاغدا ھېسسىيات بىلەن ئىش كۆرۈشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئۇ ياخشى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ئەقىل – ئىدراكىغا ئىلھام بېرىپ، ئادەتتىكىدىنمۇ ئىلگىرىلەپ پۇختا ئەمەلىي خىزمەتلەرنى قول سېلىپ ئىشلىدى.

شۇ چاغلار چۇڭچىڭنىڭ يازدىكى تىنجىق ئىسسىق كۈنلىرى بولۇپ، يازدا ھاۋا نەمخۇش بولغاچقا، كىشىنىڭ ئۇچىسىدىكى كۆڭلەكلەر بەدەنگە يىپىشىپ كېتەتتى. كەچلىرى ھەرتەرەپتە چىرىلداپ سايرىغان تومۇزغىلار، كوكىرغان پاقىنىڭ ئاۋازلىرى كىشىنىڭ ئارامىنى قويماي، كۆزگە ئاران ئېلىنغان ئۇيقۇنى ئاللىقاياقلارغا ئېلىپ قاچاتتى. كۈندۈزلىرى شۇنچىلىك ئوچۇق ھاۋادا تۇيۇقسىز قارا بۇلۇتلار پەيدا بولاتتى-دە، ئارقىدىنلا يامغۇر قۇيىۋېتەتتى، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن كوچىلاردا يامغۇر سۈيى سەل بولۇپ ئاقاتتى. يامغۇر ۋە تاغدىن ئەسكەن سەلكىن شامالنىڭ جانسىز كۈچى پەقەتلا ۋاقىتلىق بىر ھادىسە بولۇپ، خۇددى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلاردەك بىردەمدىلا ئۆتۈپ كېتەتتى. ئارقىدىنلا يۈزى پاكىز يۇيۇلغان قۇياش يالتىراپ چىقىپ، پۈتۈن جاھان قىزىق ئاپتاپنىڭ تەپتىدىن تونۇردەك ئاقىرىپ كىتەتتى.

كوچىلاردىكى مىغ – مىغ ئادەملەر، پۇشقاقلىرىنى تىزىغىچە تۇرۇۋالغان رېكشىچىلەر، ئىشقىلىپ بارلىق جانلىققا نەپەس يېتىشمەيۋاتقاندەك ھاسىرايتتى، ئۇلار بىر – بىرى بىلەن ھاۋا تالىشىۋاتقاندەك شۇنچىلىك ئىتتىك نەپەس ئېلىشاتتى. ئەلۋەتتە كىمنىڭ تېنى ساق ۋە كۈچلۈك بولسا ھاۋا شۇنىڭغا مەنسۇپ بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن گېرمان پەيلاسوپى نىتچې، «كۈچلۈكلەر ئاجىزلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلسا، ئاجىزلار كۈچلۈكلەرنىڭ ھەرىكىتىنى يامانلىق دەپ ئاتايدۇ. يامانلىق دېگەن سۆز ئەمەلىيەتتە كۈچلۈك دېگەن سۆزنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشىدىن ئىبارەت» دەپ ئېيتقان. دېمەك، ئىنسان ھايات قېلىش ئۈچۈن ھەر زامان كۈچلۈك بولۇشى ۋە كۈچلۈك بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك. كۈچلۈك بولغاندىلا ئېگىز داۋانغا قاراپ يول ئالغىلى بولىدۇ، نىشان ۋە مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. نىشان ۋە مەقسىتى بولمىغان بىر يولچىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغان بىر ھاياتتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق بىر ھايات سەلنىڭ ئۈستىدىكى ئەخلەتلەردەك ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلب قىلماي، جىمجىتلا ئېقىپ كېتىدۇ. شۇڭا ھاياتتا ھەركىمنىڭ ياشاشتىكى بىر مەقسىتى بولۇش، شۇنداقلا بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇش كېرەك. ئەمما كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىش كېرەك، مانا بۇ ھايات ھەقىقىي ھاياتتۇر.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top