You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قەلەم كۈرىشى (7)

قەلەم كۈرىشى (7)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ياز ئۆتۈپ، يەنە كۈز كەلدى، ئەمما ئىسسىقنىڭ تاۋىمۇ ياز كۈنلىرىنىڭكىدىن ئازايمىدى. شەھەر ئاھالىسىنىڭ يۈرىكىدىن ئۇرۇش خەۋپى كەتمىگەن ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ چىرايىدىن دائىم ئاسىققانلىق  چىقىپ تۇراتتى. ئەمما ئاسىققانلىق ھاياتقا چىدام، غەيرەت ۋە كۈچ ئاتا قىلىدۇ. ئەنە شۇ كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە سەۋر قاچىسى تاشقان مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى قولىغا قەلەم ئالدى ۋە ۋاقتىنى، زېھنىنى سەرپ قىلىپ تەييارلىغان ئون توققۇز ماددىلىق تەلەپنامىنى ئىلاۋە بىلەن قوشۇپ، 13 – ئۆكتەبىر كۈنى خىتايدا ئەڭ ئوقۇلىدىغان «داگۇڭباۋ» گېزىتىدە ئېلان قىلدى. ئون توققۇز ماددىلىق تەلەپنامىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەرنىڭ بىرىدە ئۇشتۇمتۇتلا ئېلان قىلىنىشى، خالايىق ئارىسىدا بۈيۈك بىر غۇلغۇلىغا سەۋەب بولدى. بىر تەرەپتىن، ئىلغار پىكىرلىك دېمۇگراتىك ئاڭغا ئىگە خىتاي زىيالىيلىرىنى بۈيۈك بىر ھاياجانغا سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇتەئەسسىپ خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى ساراسىمىگە سېلىپ، ئۇلارنىڭ غەزىبىنى قوزغىدى.

مۇتەئەسسىپ خىتاي مىللەتچىلىرى ئىلغار خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدىكى كۈندىن – كۈنگە قايناۋاتقان ھاياجاننىڭ ئۈستىگە سوغۇق سۇ سېپىش ئۈچۈن، ھەر خىل ئامال ۋە چارىلەرنى ئىزدەپ، ئاخىرى ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي تارىخچىلىرى ئىچىدە تۈركىستان تارىخى مۇتەخەسىسى دەپ ئاتالغان تارىخ پروفېسسۇرى لى دۇڭفاڭ ئەپەندىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان «تۈركىستانلىقلار تۈركمۇ؟» ناملىق ئۇزۇن بىر ماقالەنى «مەركەز گېزىتى» دە ئېلان قىلىندى. لى دۇڭفاڭ ئەپەندى ئۆز ماقالىسىنى، ئەلۋەتتە خىتاي ئىمپېريالىزمىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ئاساستا، ئۆزلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە تېررىتورىيىلىك كېڭەيمىچىلىك قىلمىشلىرىنى نىقاپلاپ، يالغان تارىخىي پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، تارىختىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي ئەنئەنىۋى تارىخچىلىق نۇقتىئىينەزىرىنىڭ مېتودىغا مۇراجىئەت قىلغان ئاساستا يېزىپ چىققان ئىدى.

ئۇ بىر پۈتۈن تۈرك تارىخىنى پارچىلاپ، تارىخنىڭ پۈتۈن بىر دەريا ئېقىنى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى جاھىللىق بىلەن ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ گەپدانلىقىغا ئىشىنىپ، شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىنىڭ خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، بۇ زېمىنلارنى تۈركىستان دەپ ئاتاشنىڭ تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ زېمىندىكى تۈرك مىللەتلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنىمۇ ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۈچ ئەپەندىنىڭ مۇختارىيەت تەلەپ قىلغانلىقىغا قارشى چىققانىدى.

لى دۇڭفاڭ ئەپەندىنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوكتىچىلەر بىر ئاز خاتىرجەم بولغاندەك بولۇپ، «ئۈچ ئەپەندى ئەمدى ئۆز تەلەپلىرىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ» دەپ ئويلاپ تۇرغان بىر پەيتتە، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى يەنە ئۆتكۈر قەلىمىنى قولىغا ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مول تارىخىي بىلىملىرىگە تايىنىپ، «ئەمەلىدىن قورقما، ئىلىمىدىن قورق» دېگەن ھېكمەتكە ئاساسەن، لى دۇڭفاڭ ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ، ھەربىر جۈملىسىگە ئايرىم – ئايرىم تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق كۈچلۈك رەددىيە بېرىلگەن «شۇنداق! تۈركىستانلىقلار تۈركتۇر» ناملىق ماقالىسىنى «مەركەز گېزىتى»دە ئېلان قىلدى. مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىمنىڭ بۇ قېتىمقى ماقالىسى جەمئىيەتتە بۇرۇن «داگۇڭباۋ» ناملىق گېزىتدە ئېلان قىلغان تەلەپنامىلەردىنمۇ بەكرەك تەسىر قوزغىدى. چۈنكى بۇ ماقالە مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ كابۇلدا يازغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يېزىلغان ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ ماقالە خىتاي تارىخىي نۇقتىئىينەزىرىگە قارشى يېزىلغان تۈرك تارىخى مىللىي نەزەرىيەسىنىڭ شەرھىسى ئىدى.

مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلىرى ياۋروپا، ئامېرىكا تۈركولوگ ۋە شەرقشۇناسلىرىنىڭ زامانىۋى ئىلىم – پەننىڭ كۈچىگە تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك گېئولوگىيەلىك، ئېتنولوگىيەلىك، ئېتنوگرافىيەلىك، ئېپۇگرافىيەلىك ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر، تەجرىبىلەر ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە قولغان كەلگەن پاكىتلار ئىدى. بۇنداق بىر پولاتتەك پاكىتنى قارغۇلارچە ئىنكار قىلىشنىڭ ئۆزى جاھىللىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەمما لى دۇڭفاڭ ئەپەندى بۇ رىقابەتتە ئۇتتۇرۇپ قويۇشنى ھەرگىز خالىمايتتى. شۇڭا ئۇ جاھىللىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، پاكىتنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ يازغان ئىككىنچى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ئەپسۇس ئېلان قىلغان بۇ ماقالىسىدا تېخىمۇ زور خاتالىقلار سادىر بولغان ئىدى. خۇددى «ياخشى بىر يازغۇچى ئەسلىدە ئۇستا بىر سۈيىقەستچىدۇر» دېگەندەك، ئۆزىنىڭ يۈكسەك يېزىقچىلىق ماھارىتىگە تايىنىپ قىلغان بۇ سۈيىقەستى، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئارقىدىنلا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسى تەرىپىدىن ئۈزۈل – كېسىل بىتچىت قىلىندى. خۇددى كۈزدە يوللارنى سۈپۈرۈپ تۇرسىمۇ، ئارقىدىنلا غازاڭ چۈشۇپ يەنە پاسكىنا قىلىۋەتكەندەك، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى يولدىكى غازاڭلارنى سۈپۈرۈپ تۇرسا، لى دۇڭفاڭ ئەپەندى قەستەن دەرەخنى لىڭشىتىپ، غازىڭىنى يولغا چاچقاندەكلا ئىش بولۇۋاتاتتى. ئاخىرى، لى دۇڭفاڭ ئەپەندىنىڭ دەرىخىنىڭ غازاڭلىرى تۆكۈلۇپ تۈگەپ، قۇرۇق شېخىلا قالغاندا، ئۇ مەغلۇپ بولغانلىقىنى نائىلاج ئېتىراپ قىلدى.

لى دۇڭفاڭ ئەپەندى قۇرغان قىلتاققا چۈشمىگەن مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ شۆھرىتى خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا بىردىنلا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۇلدى. ۋىجدانلىق نۇرغۇن كاتتا خىتاي زىيالىلىرى مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنى يوقلاپ كېلىپ، ئۇنى غالىپلار قاتارىدا تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭ تارىخ جەھەتتىكى بىلىمىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى. ۋىجدان ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئايرىيدىغان قابىلىيىتى. ئەسلىدە بارلىق ئىنسانلار بۇ قابىلىيەتكە ئىگە، يەنى ۋىجدان تۇغۇلۇشتىن بار بولغان نەرسە. ئەمما ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ھەرخىل پايدا – مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، مەنپەئەتلەر بەزىلەرنى شۇ قابىلىيەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ۋىجداننىڭ كۆزىنى كور قىلىۋىتىدۇ. ئادەملەر دائىم «كۆزىمىز بىلەن كۆرمىگىچە ئىشەنمەيمىز» دەيدىغان گەپنى تولا قىلىدۇ. ئەمما ئادەم بەزىدە كۆزى بىلەن كۆرگەنگىمۇ ئىشەنمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ھەممە نەرسە بەزىدە كۆرۈنگۈنىدەك ئەمەس. كۆرۈنگۈنىدەك ئەمەس نەرسىلەرنى پەقەت ۋىجداننىڭ كۆزى ئارقىلىقلا توغرا پەرق ئەتكىلى بولىدۇ، خالاس.

نېمىلا دېگەنبىلەن، بۇ قەلەم كۈرىشى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان تۈرك خەلقلىرىنىڭ ھەقىقىي تارىخى جۇڭخۇا مىنگونىڭ زۇۋانى بولغان «مەركەز گېزىتى» دە نەچچە قېتىملاپ ئېلان قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. خىتاي خەلقى شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىنىڭ ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ زېمىنى ئەمەس، بەلكى بېسىۋېلىنغان بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى، ئۇ زېمىنلاردىكى خەلقلەرنىڭ خىتاي ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىگە پۈتۈنلەي ياد بولغان تىلدا سۆزلىشىدىغان، مەيلى مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئۆرپ – ئادەت جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن بولسۇن ۋە ھەتتا يېمەك – ئىچمەك، يۈرۈش – تۇرۇش جەھەتتىن بولسۇن، پۈتۈنلەي ئۆزلىرىگە ئوخشىمايدىغان تۈرك خەلقلىرى ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان ئىدى. ئەسلىدە قاراڭغۇلۇق دەيدىغان بىر نەرسە يوق، پەقەت يورۇقلۇق بولمىغانلىغى ئۈچۈنلا قاراڭغۇلۇق بولىدۇ. شۇڭا يورۇقلۇق يوق دەيدىغان گەپ بار. بۇرۇن تۈرك(ئۇيغۇر) تارىخىنى سىستېملىق، ئىلمىي يورۇتۇپ بېرىدىغان مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىدەك پاراسەتلىك، ئايدىڭ كىشىلەرنىڭ كەملىكىدىن شەرقىي تۈركىستان تارىخى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالغان ئىدى.

جۇڭخۇا مىنگونىڭ پايتەختى چۇڭچىڭ شەھىرىدە قەلەم كۈرىشى باشلانغان بۇ چاغلاردا، نىتچې «قەدىمىي دەۋرلەردە بۇلاق كۆزلىرىنى يەتكۈچە ئىزدىگەنلەر ئەمدى نەزىرىنى كەلگۈسىگە ئاغدۇرۇپ، يېڭى بۇلاق كۆزلىرىنى ئىزدەش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئاھ، قېرىنداشلار! يېڭى ھاياتقا كۆز ئاچىدىغان يېڭى بۇلاقلار تېرەن جايدىن بۇلدۇقلاپ چىقىدىغان كۈنلەر ئۇزۇن قالمىدى» دەپ خىتاپ قىلغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدە كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭى بۇلاقلار ئېتىلىپ چىقىپ، ئىشغال ۋە زۇلۇمغا قارشى قوراللىق كۈرەش باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. بۇ خەۋەرلەر چۇڭچىڭ شەھىرىگە ئارقا – ئارقىدىن كېلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ساراسىمىغا سالغان بولسا، ئۈچ ئەپەندى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق يۇرتداشلارنى ئالەمچە خوشال قىلىپ، ئۇلارنى ھاياجانغا سالغانىدى.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top