You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قەلەم كۈرىشى (8)

قەلەم كۈرىشى (8)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

شېڭ شىسەي شەرقىي تۈركىستاندا 11 يىل بەش ئاي تۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا، ئۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئون يىل مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن. ئۇ بۇ يىل 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئارقىسىغا داد – پەرياد ۋە قارغاشلارنى قالدۇرۇپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك، چوڭ تىپتىكى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ چۇڭچىڭغا قاراپ ئۇچقان ئىدى.

ئۇنىڭ ئارقىسىدىن جەمەتلىرى، يۇرتلۇقلىرى 1500 ئەسكەرنىڭ ھىمايىسىدە، ئون يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى زار قاقشىتىپ، مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ قان بەدىلىگە كەلگەن ساندۇق – ساندۇق ئالتۇنلارنى، قىممەت باھالىق نەپىس قاش تېشىلىرىنى، سان – ساناقسىز ئاسارئەتىقىلەرنى 150 قارا ماشىنىغا بېسىپ، چۇڭچىڭغا قاراپ يولغا چىققان ئىدى. شېڭ شىسەينىڭ ئورنىغا ۋۇ جۇڭشىن رەئىس بولۇپ بەلگىلەنگەن ۋە بۇنىڭ بىلەن، شەرقىي تۈركىستان تامامەن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىگە كىرگەنىدى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن بىر قاتار ياخشى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى. مۇستەبىت كەتكەن بىلەن خەلقنىڭ پەريادى كەتمەي، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيدى. ۋۇ جۇڭشىن كېلىپلا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئوچۇقتىن – ئوچۇق يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. يەنى ئۇ:

شىنجاڭ خەلقى خىتاي مىللىتىدىن ئايرىم بولغان تۈرك مىللىتى بولماي، بەلكى خىتاي مىللىتىنىڭ بىر قەبىلىسى. ھازىرقى مەۋجۇت پەرقلەرنىڭ بولۇشى ئۇزۇن زاماندىن بىرى بىر – بىرىدىن ئايرىم ياشىغانلىقتىن كېلىپ چىققان.

پۈتۈن شىنجاڭ خەلقى بۇندىن كېيىن خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك. تىلىمىزنى ئۆگەنمىگىچە ئارىمىزدىكى قېرىنداشلىق باغنى قۇرغىلى بولمايدۇ.

خىتايلار شىنجاڭلىق قىزلار بىلەن توي قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا قېرىنداشلىق ۋە مۇھەببەت تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭرى ھەم مۇنبەت. ئەمما نوپۇس بەك ئاز. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىچكىرىدىن كۆچمەن كۆچۈرۈپ ئەكىلىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا خىتايلار بىلەن شىنجاڭ خەلقى تېخىمۇ قېرىنداشلاردەك ئارىلىشىپ ياشايدۇ، دېگەندەك بىرقاتار رادىكال سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا يۈزلەندى، ھەمدە ئېيتقانلىرىنى تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەتكە ئۆتتى. بولۇپمۇ بارلىق مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە تۈزۈپ چىقتى ۋە خىتاي تىلى مائارىپىنى رەسمىي يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەكتەپلەردىكى نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىغا لاياقەتسىز خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇردى. ۋۇ جۇڭشىن ئۈرۈمچىگە كېلىپلا دىنىي زاتلار بىلەنلا ئالاقە ئورنىتىپ، زىيالىيلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ھېچ ئەھمىيەت بەرمىدى. يەرلىك خەلقنىڭ بۇرۇنقى «مىللەت» دېگەن ئىسمى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا «نەسىلداش»، «ئۇرۇقداش» دېگەن ناملار قويۇلدى. زىيالىيلار بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ساراسىمىغا چۈشتى ۋە نەپرىتى قوزغالدى.

«ئۈچ مەسلەك» نىڭ مىللىي مەسلىكىدىكى: «بىرىنچى، مىللەتلەر ھوقۇقتا باراۋەر بولىدۇ. ئىككىنچى، چېگرا رايونلاردىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ» دېگەن نەزەرىيەلەر قەغەز يۈزىدىلا قېلىپ، يەرلىك مىللەتلەرگە ھېچقانداق ھوقۇق بېرىلمىدى. يەنە كېلىپ خەلقنى كۆزىتىدىغان پايلاقچى ۋە ساقچىلارنىڭ سانىنى ئەسلىدىكىدىن تېخىمۇ كۆپەيتتى. ئۇ يەنە ياپون ئۇرۇشىنىڭ پاراكەندىچىلىكىدە ئاچ – يالىڭاچ قالغان خىتاي خەلقىنى خىتاي دۆلىتىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ ئەچىقىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇنبەت تۇپراقلارغا يەرلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، تۈركۈم – تۈركۈملەپ ئەسكەر يۆتكەپ ئەچىقىپ، ئۇلارنىڭ قارنىنى بېقىش ئۈچۈن خەلققە ئېغىر سېلىق سېلىشقا باشلىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۈستىدىكى زۇلۇم قىلچىلىك يەڭگىللىمەي، ئەكسىچە بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى. ئەنە شۇنداق زۇلمەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە، تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدىكى ئىلى ۋادىسىنىڭ نىلقا ناھىيەسىدە ئەكبەر، فاتىخ ۋە غېنى قاتارلىق باتۇرلارنىڭ قوزغىلىشى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىنقىلاب باشلاندى. بۇ دەل چۇڭچىڭدىكى قەلەم كۈرىشى تازا ئەۋجىگە چىققان ۋاقىتلارغا توغرا كەلدى.

ئۆكتەبىر ئايلىرىدا، ئىلى نىلقا ناھىيەسىنىڭ گومىنداڭ ساقچى باشلىقى 50 كە يېقىن تولۇق قوراللانغان ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇلاستايغا كېلىپ، «ئات سېلىقى، چۆپ سېلىقى» دەپ قانچىلىغان بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۇرۇپ، بىر نەچچىسىنى باغلاپ، كەمبەغەل دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئات – ئۇلاغلىرىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى. بۇ ناھەقچىلىككە، خورلۇققا چىداپ تۇرالمىغان غەنى باتۇرنىڭ قورالىدىن ئېتىلغان بىر پاي ئوق بىلەن تەڭ، ئەتراپتا غەزەپ – نەپرىتى تېشىپ تۇرغان خالايىق بىردىن «ھۇررا» دەپ قوزغىلىپ، ئىنقىلاب باشلىنىپ كەتتى. تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلگەن بۇ قارشىلىق نەتىجىسىدە، گومىنداڭ ئەسكەرلەر تىرىپىرەن بولۇپ ئارقىسىغا ئوندەك ئۆلۈكنى تاشلاپ، نىلقا ناھىيەسىگە قاراپ ئالدى – كەينىگە قارىماي قاچتى. بۇ بىر پاي ئوق ئەركىنلىك ئۈچۈن، مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېتىلغان مىللىي روھنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالدى.

بۇ ئىنقىلابتىن كېيىن غەنى باتۇرنىڭ قوشۇنى بىردىنلا زورىيىپ، ئادەم سانى 500 گە يەتتى. ئۇلار دەرھال ئۆز سەپلىرىنى مۇنتىزملاشتۇرۇپ ئۈچ ئەترەتكە بۆلۈندى. 1 – ئەترەتكە ئەكبەر باتۇر،  2 – ئەترەتكە فاتىخ باتۇر، 3 – ئەترەتكە غەنى باتۇر قوماندان بولدى. ئۈچ ئەترەت ئۈچ يول بىلەن نىلقا ناھىيەسىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، 12 – ئۆكتەبىر كۈنى نىلقىنى ئازات قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابچىلارنىڭ سانى بىراقلا 800 گە يەتتى. ئۇلار يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، 19 – ئۆكتەبىر دۈشمەننىڭ مۇستەھكەم قورغانلىرىدىن بىرى بولغان مازارغا ھۇجۇم باشلىدى. ئىككى كۈنلۈك دەھشەتلىك جەڭدىن كېيىن، مازار ئىنقىلابچىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئىنقىلابچىلارنىڭ ئارقا – ئارقىدىن قىلغان بىرنەچچە قېتىملىق جەڭلىرىدىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئازاتلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى بەش مىڭغا يېقىن ئىنقىلابچى قوشۇن ئۈچ يۆنىلىش بويىچە غۇلجا شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئابدۇكىرىم ئابباسوف باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلارنىڭ ئاتقان ئوقلىرىنىڭ ئاۋازى غۇلجا ئاسمىنىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، پۈتۈن تەڭرىتاغ ۋادىسىنى زىلزىلىگە سالدى. ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىر قاتار قانلىق جەڭلەرنى ۋە نۇرغۇن شېھىتلارنى بېرىپ، غۇلجا شەھىرىنى ئازات قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، 1944 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز كۇلۇبىدا ئاممىۋىي چوڭ يىغىن ئېچىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاندى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ قەلەم كۈچىگە ئىلھام ۋە كۈچ قاتتى. ئانا ۋەتىنىدە ئۆز جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن ئىلھام ئالغان مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى تېخىمۇ جاسارەتكە كېلىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تولۇپ تاشتى، ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ بىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىقىدىن پەخىرلىنىپ تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئوچۇق پىكىرلەرگە ئىگە ماقالىلەرنى يېزىشقا باشلىدى. بۇنداق بىر تارىخىي دەۋردە، دۈشمەنلىرىنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، دوستلىرى تېخىمۇ كۆپىيىشكە قاراپ ماڭدى. ئۇ ئۆز ئانا ۋەتىنىنى تېخىمۇ سېغىنىپ، قەلبىدىكى ئىنقىلاب ئوتلىرى يالقۇنجاپ، ئاشۇ ئىنقىلاب سېپىگە بېرىپ جەڭلەرگە قاتناشقۇسى كەلدى. شۇڭا ئۇ بىر ئامال قىلىپ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشنىڭ يوللىرىنى، چارىلىرىنى قىلىشقا كىرىشتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنى 1945 – يىلى 18 – مارت ئاخشىمى، مارشال جياڭ كەيشى مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئىيسا ئەپەندىنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى. بۇ زىياپەت خۇسۇسىي بولۇپ، چاقىرىلغان مېھمانلار كۆپ ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۆزىنىڭ باش كاتىپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە موڭغۇل – تىبەت كومىتېتى رەئىسىدىن باشقا كىشىلەر يوق ئىدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، جياڭ كەيشى بۇ زىياپەتنى پەقەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىسى توغرىسىدا مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئىيسا ئەپەندىنىڭ پىكىرلىرىنى ئېلىش،  ئۇلارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىش ئۈچۈن بەرگەنلىكى ئېنىق ئىدى.

مارشال جياڭ كەيشى ئاتمىشقا تاقاپ قالغان بولسىمۇ قورۇقسىز يۈز تېرىلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان، شالاڭ قېشى ئاستىدىكى ئۆتكۈر كۆزى چاقناپ تۇرىدىغان، كالپۇكىنىڭ ئۈستىنى بېسىپ تۇرغان تىكەندەك يىرىك قىسقا بۇرۇتى ۋە قىسقا قىلىپ ياسىتىۋالغان ئاقارغان چېچى ئۆزىگە ياراشقان ئادەم ئىدى. ھازىر ئۇچىسىغا كىيىۋالغان ھەم ئېگىز ھەم تىك قامىتىگە شىپپىدە كەلگەن ماش رەڭ جۇڭسەنفۇسى، ئۇنى ھەقىقەتەن دۆلەت رەھبەرلىرىگە خاس بىر سالاپەتكە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ بىر ھەربىي قوماندان ئىكەنلىكىنى روشەن نامايەن قىلىپ تۇراتتى. ئۇ مېھمانلارنىڭ ۋاقتىنى چىقىرىپ كەلگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئېيتقان تەكەللۇپ سۆزلىرىدىن كېيىن، مېھمانلارنى تاماق شىرەسى ئۈستىگە تىزىلغان يېمەكلىكلەرنى يەپ ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. شىرەنىڭ ئۈستى لىقمۇ – لىق خىلمۇ – خىل قورۇمىلار بىلەن شاھانە بىزەلگەن ئىدى. ئۇ يەنە سۆزىنىڭ ئارىسىدا قورۇمىلارنى ئۇستا بىر تۇڭگان ئاشپەزنىڭ تەييارلىغانلىقىنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى. دېمىسىمۇ، بۇ زىياپەتنىڭ مەخسۇس مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئىيسا ئەپەندىنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەنلىكى ئېنىق ئىدى. چۈنكى بەش كۈننىڭ ئالدىدا، بۇ ئىككى ئەپەندى جياڭ كەيشى بىلەن قىسقا بىر كۆرۈشكەن ئىدى.

شۇ چاغدا جياڭ كەيشى پات ئارىدا ئازادە بىر ئولتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئوبدان پاراڭلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇ ئەنە شۇ سۆزى بويىچە بۈگۈنكى بۇ زىياپەتنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى. تاماقتىن كېيىن جياڭ كەيشى ھەربىيلەرگە خاس بىر قىياپەت بىلەن، سۆزىنى ئەگىتىپ ئولتۇرمايلا: «شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونىدا يەرلىك خەلق قوزغىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق توپىلاڭ قىلغانلىقىدىن سىلەرنىڭمۇ خەۋىرىڭلار بار. باشتا، شىنجاڭدىكى يەرلىك دائىرىلەر بۇ قوزغىلاڭنى بىزگە <ئالتە ئوغرى>نىڭ توپىلىڭى دەپ ئۇختۇرۇپ، بۇنىڭ بىر كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ بولماي، بەلكى ناھايىتى كىچىك دائىرىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، بۇ ئارقىلىق ئۇلار مەركەزنى خاتىرجەم قىلماقچى بولغان. ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئەسلى ئۇنداق ئاددى بىر مەسىلە ئەمەسلىكى تېزلا ئاشكارا بولدى. ئەسلىدە قوزغىلاڭ ئۇشتۇمتۇتلا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى تېز كېڭىيىپ كەتكەن. ھەتتا ئايرىم بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرغانلىقىمۇ ھەممىمىزگە ئايان. مېنىڭ سىلەرنى چاقىرىشىمدىكى مەقسەت، سىلەرنىڭ بۇ ئىشقا بولغان پىكرىڭلارنى ئېلىپ بېقىش. ھەممىمىز دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكنى، جۇڭخۇا مىنگونىڭ تىنچلىق ئىچىدە گۈللەپ ياشنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز ئەمەسمۇ؟ شۇڭا كۆڭلۈڭلاردىكىنى ھېچ يوشۇرماي دەڭلار، بەلكى بىز كەڭ كۇشادە سۆزلىشىش ئارقىلىق، بۇ مەسىلىنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ چىقارمىز» دەپ سۆزباشلىدى.

بۇ چاغدا مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئىيسا بەگ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، بىر – بىرىگە قارىشىپ سەل ئىككىلىنىش ئىچىدە تۇرۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ كاللىسىدا، «مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى، ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش» دېگەن سادا جاراڭلايتتى. ئۇلار بۇ سۆزنى ئاغزىدىن چىقىرىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما بۇ چاغدا بۇنداق دېيىش يېنىۋاتقان ئوتنى كۈيەك بىلەن پۈۋلەپ تېخىمۇ ئۇلغايتقاندەك ئىش بولاتتى. جياڭ كەيشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى ئۇلار ئۈچۈن ئاشكارا ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ نېرۋىسىغا تېگىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىسىنى بىراقلا بىتچىت قىلىۋېتىشنى خالىمايتتى. « شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئالىي مۇختارىيەتكە ئېرىشىدىغان پەيتى ئەمدى كەلدى» دەپ ئويلىغان، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ئاۋۋال ئېغىز ئاچتى، ئۇ ئۆز پىكرىنى تارىختىن باشلاپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى، ئىيسا ئەپەندى دېيىلگەن سۆزلەرنى خىتايچىغا بىرمۇبىر تەرجىمە قىلدى.

«خىتاي شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىنى ئىستىلا قىلغاندىن تارتىپ، ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە  شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلمىغان زۇلمى قالمىدى. مەيلى چىڭ سۇلالىسى زامانىدا بولسۇن، مەيلى مىللىتارىستلار دەۋران سۈرگەن زامانلاردا بولسۇن ۋە ياكى جۇڭخۇا مىنگو دەۋرلىرىدە بولسۇن، تۈركىستانغا بارغان ھەربىي ۋە مەمۇرى ئەمەلدارلار يەرلىك تۈرك خەلقلىرى ئۈستىدىن قانلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن مال – مۈلكىنى بۇلاپ تالىدى. ئۇلارنى مەنىۋى جەھەتتىن نادان قالدۇرۇپ، ماددىي جەھەتتىن نامراتلىققا مەھكۇم قىلدى. مانا شۇ زۇلۇمغا قارشى 36 قېتىم ئىنقىلاب بولدى، مىليونلىغان ئىنسان ئۆلدى. ئەلۋەتتە خىتاي ئەسكەر ۋە پۇقرالىرىمۇ بۇ قانلىق ئۇرۇشلاردا جان بەردى. مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۇ زېمىنلاردا قانلار دەريا بولۇپ ئېقىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەسىلىنى تۇپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنىڭ زامانى ئەمدى يېتىپ كەلدى، دەپ قارايمەن. بىز ھازىر، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش، دەپ ئېيتىشقا جاسارەت قىلالمايمىز. چۈنكى بۇنىڭغا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قەتئىي قوشۇلمايدىغانلىقى بىزگە بەش قولدەك ئايان. شۇڭا، بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا يېقىنراق بولغان ئالىي مۇختارىيەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر بۇ تەكلىپىمىزگە مەركىزىي ھۆكۈمەت قوشۇلسا، يەنىلا زور غەلىبىگە ئېرىشكەن بولىدۇ».

مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە تەرجىمىسىگىچە ھەممىسىنى قېتىرقىنىپ ئاڭلىغان جىياڭ كەيشى بىر ئاز ئاچچىقلىغان تەلەپپۇزدا: «سىلەرنىڭ دەيدىغىنىڭلار دائىم مۇستەقىللىق، مۇختارىيەت. سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىن بۇنىڭدىن باشقا بىر سۆز چىقمايدۇ. ئەمما سىلەرنىڭ خەلقىڭلار ناھايىتى يۇۋاش، ئىتائەتچان بىر خەلق. شۇڭا ئۇلار مۇستەقىللىق، مۇختارىيەت دەيدىغان ئىشلارنى تولۇق چۈشىنىپ كەتمەيدۇ» دېدى. بۇ سۆزنى ئىيسا ئەپەندى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى دەرھاللا: «ئەگەر بىزنىڭ خەلقىمىز سىز دېگەندەك شۇ مۇستەقىللىق، مۇختارىيەت دەيدىغانلارنى بىلمىگەن بولسا، نېمىدەپ قولىغا قورال ئېلىپ ئىنقىلاب قىلىدۇ؟ نېمىدەپ ئىلىدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىدۇ؟ ھەمدە ئېلان قىلغان ھۆكۈمەتنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتايدۇ؟ نېمىدەپ ئاي يۇلتۇزلق بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلىدۇ؟» دەپ جياڭ كەيشىنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەردى.

مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ چىن دىلىدىن ئۇرغۇپ چىققان بۇ جاراڭلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغان جياڭ كەيشى ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ: «سىلەر كېلىپ چىققان ۋەقەلەرنى مىللىي مەسىلىگە ئاپىرىپ تاقايسىلەر، بىز بولساق، ‹چەت ئەللىكلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشى› دىن كېلىپ چىققان تاشقى مەسىلە، دەپ قارايمىز. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتسام، بۇلارنىڭ ھەممىسى رۇسلارنىڭ كۈشكۈرتىشىدىن، ئۇلارنىڭ قول تىقىشىدىن بولغان». مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىگە بۇ سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىنى قىلىپ بەرگەن ئىيسا ئەپەندى، سۆزىنىڭ ئارقىسىغا ئۇلاپ جياڭ كەيشىگە: « شەرقىي تۈركىستاندا بۈگۈنگە كەلگۈچە بولغان ئىنقىلابلارنىڭ ھېچبىرىدە چەتئەل كۈچلىرىنىڭ قولى يوق. ئەلۋەتتە بۇنى سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز. مەسىلەن، 1931 – يىللىرىدىكى خوجانىياز ھاجىم قوزغىغان ئىنقىلاب رۇسلارنىڭ قولى بىلەن بولغانمۇ؟ ئەگەر خوجانىياز ھاجىمنى رۇسلارنىڭ ئادىمى دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇنداقتا ئۇنى نېمە ئۈچۈن رۇسلارنىڭ قولچوماقچىسى بولغان شېڭ شىسەي ئۆلتۈرىدۇ؟

تۇرپان ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى مەھمۇد مۇھىتى بىلەن مەخسۇت مۇھىتى ئىدى. خوتەن ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىسى بولسا مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ئىدى. ئۇنداقتا بۇ ئىنقىلابلارمۇ رۇسلارنىڭ قول تىقىشى بىلەن بولغانمۇ؟ ئەگەر ئۇلار راستىنلا رۇسلارنىڭ ئادىمى بولسا، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى نېمە ئۈچۈن ئۆز يۇرتىدىن قاچتى؟ رۇسلارنىڭ زۇلمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن مەھمۇد مۇھىتى نېمىدەپ قاچتى؟ بۇلار ھەرگىز رۇسلارنىڭ قولى بىلەن بولغان ئىنقىلابلار ئەمەس. توغرا، ئىلى ئىنقىلابىغا رۇسلار ياردەم قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئىنقىلاب خەلقنىڭ ئارزۇسى، ئىرادىسى بىلەن بولغان. خەلق ئىنقىلاب قىلىشنى خالىمايتتى، ئەمما رۇسلار كۈشكۈرتۈپ قىلغۇزدى دېيىش، ئەقىلغا ئۇيغۇن ئەمەس. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، زۇلۇمغا چىدىمىغان خەلق ئاخىرى قولىغا قورال ئېلىپ، ئىنقىلاب قىلىش يولىنى ئۆزلىكىدىن تاللىغان. ئىنقىلاب بولغاندىن كېيىن، رۇسلار ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا قورال – ياراق سېتىپ بەرگەن» دېدى.

ھېچبىر زامان ئۆزىنىڭ يىڭىلگەنلىكىنى تەن ئالماي كۆنگەن جياڭ كەيشى، دېمەكچى بولغان سۆزلىرىنى كۆڭلىگە يوشۇرۇپ، چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ: «نېملا قىلغان بىلەن، خەلقىڭلار يەنىلا بىز جۇڭگولۇقلارنى ياخشى كۆرىدۇ. بىزدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ. تارىختىن بۇيان شۇنداق بولۇپ كەلگەن، بۇندىن كېيىنمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ» دەپ، گېلىغىچە ئېتىۋالغان جۇڭسەنفۇسىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى بىر تۈگمىسىنى ئاستا يېشىۋەتتى ۋە ئوڭ قولىنىڭ بارماقلىرى بىلەن شىرەنىڭ ئۈستىنى يەڭگىل چېكىپ قويدى.

مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى بۇ سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «خەلقىمىز ئۇنچىلىك دۆت ئەمەس، يەنە كېلىپ يۇۋاش ۋە ئىتائەتچانمۇ ئەمەس. ئۇلار ئادالەت بولمىغان يەردە قانداق قىلىشنى ئوبدان بىلىدۇ، ئىستىقلالنىمۇ، مۇختارىيەتنىمۇ، جۇمھۇرىيەتنىمۇ ھەممىسىنى بىلىدۇ. بىز مىللەتچى ئەمەس، مىللەتپەرۋەر بىز، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىنسانپەرۋەر بىز. ئەگەر خەلقىمىز خىتايلارنى ياخشى كۆرسە، پېقىرنىڭ ھېچ بىر قارشىلىقى يوق، تېخى بىز مەمنۇن بولىمىز، بۇ ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ جۈملىسىدىن دەپ قارايمىز. ھۆرمەتكە سازاۋەر جياڭ ۋېييۈەنجاڭ جاناپلىرى، مەن سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراپ باقاي، خەلقىمىز نېمە ئۈچۈن خىتايلارنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ ئەجىبا؟ ئىنسان نېمىنى ياخشى كۆرسە، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىر سەۋەبى بولىدۇ.

ئەگەر بىر ئەر بىر ئايالنى، بىر ئاتنى ۋە ياكى بىر تاغنى ياخشى كۆرسە، مۇتلەق بىر سەۋەبى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە تۈركىستاندىكى مەمۇرىي ئەمەلدارلار، ھەربىي ئەمەلدارلار، قانۇن ۋە ئەدلىيە ئەمەلدارلىرىدىن تارتىپ بارلىق خىتايلار، بىزنىڭ خەلقىمىزگە كۆپ ھەقسىزلىقلەرنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار زۇلۇمنىڭ ئۈستىگە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. ئەجىبا شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتايلار بىزگە ھەقسىزلىق قىلىۋاتىدۇ، زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ دەپ ياخشى كۆرۇۋاتقانمىدۇ سىزنىڭچە؟ شۇنچىلىك ھەقسىزلىككە، زۇلۇمغا قارىماي شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇ يەرلەردىكى خىتايلارنى ياخشى كۆرسە، خەلقىمىز بىر چۈمۈلىدىن، بىر ھايۋاندىن نېمە پەرقى قالىدۇ؟ ياق، ھەرگىز ياخشى كۆرمەيدۇ! ياخشى كۆرۈشىگە ھېچبىر سەۋەب، ھېچقانداق بىر ئىمكان يوق.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلار خەلقىمىزنىڭ شىكايەت قىلىشىغا ئىمكان بەرمىدى، ئۆز ھەق – ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشىغا يول قويمىدى، ئادالەت ئىستىگەنلەرنى ئېغىر جازالىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز بارلىق ئۈمىدلىرىنى قولىدىكى توقمىقىغا باغلاپ، قولىغا توقماق – چوماق ئېلىپ قوزغالدى. بۇ قوزغىلاڭلار، ئىنقىلابلار قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم يەنە قولىغا بىر نەرسە ئالغانغا قەدەر، يۇۋاش، جىم تۇرۇشقا، ئىتائەتچان بولۇشقا نائىلاج مەجبۇر بولدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشلىرى ھەرگىز ئۇلارنىڭ يۇۋاشلىقىدىن، ئىتائەتكارلىقىدىن، بىر نېمىنى بىلمىگەنلىكىدىن بولغان ئەمەس. بەلكى قاتتىق مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ مەجبۇرلىشىدىن، چارىسىزلىقىدىن بولغان. ھىندىستاندىكى ھىندىلار ۋە ھىندى مۇسۇلمانلىرى ئىنگلىزلارغا ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى، تەلەپلىرىنى ئەركىن سۆزلىيەلەيدۇ، مەكتۇپلار ئارقىلىق بايان قىلالايدۇ ۋە نامايىشلارنى قىلالايدۇ، ئىش تاشلىيالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھىندى خەلقىنىڭ ئىچىدىن شۇنچە كۆپ ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەر يېتىشىپ چىقتى. بىزدىچۇ؟ تارىختا شۇنچە كۆپ ئالىملار، مۇتەپەككۇرلار، پەيلاسوپلار يېتىشىپ چىققان بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت تۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ساۋاتسىز، نادان قالدۇرۇلدۇق، مۇستەبىت تۈزۈم بىزگە سۆزلەشكە، شىكايەت قىلىشقا، تەنقىت قىلىشقا ئىمكان بەرمىدى» دېدى.

ئىيسا ئەپەندىم بۇ سۆزلەرنى خىتايچىغا بىرمۇبىر تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە قوشۇمچە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بىر مىللىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلە پەقەت يا ئىستىقلال ۋە ياكى ئالىي مۇختارىيەت يولى ئارقىلىقلا ھەل بولىدىغانلىقىنى، جۇڭخۇا مىنگو ھېچ ياخشى كۆرمەيدىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي تۈركىستاندىكى تۈركلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئىلغار ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەرلەردىكى تۈركلەرنىڭ مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يۈكسەكلىكىنى، ئۇ يەرلەرنى ئىدارە قىلغان رۇس ئەمەلدارلىرىنىڭ ئايدىڭ، ئىلغار، بىلىملىك، تەرەققىيپەرۋەرئادەملەر ئىكەنلىكىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئىدارىچىلىرى بولسا بىلىمسىز، ئۆز يانچۇقىنى تولدۇرۇشنىلا ئويلايدىغان كاززاپ، نەپسانىيەتچى ئەمەلدارلار ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

مۇنازىرە ئۈچ يېرىم سائەت داۋام قىلدى. ئاخىرىدا، جياڭ كەيشى بۇ ئوچۇق – يورۇق ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتىن ئۆزىنىڭ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھەقىقەتەن ھەممىمىز ئۆز كۆڭلىمىزدىكى گەپلىرىمىزنى ھېچ يوشۇرماي ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدۇق. مەنمۇ سىلەرنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقىنىڭلارنى ئوبدان بىلىۋالدىم. ئەڭ ياخشىسى سىلەر يۇقىرىدا ئېيتقان تەلەپ ۋە پىكرىڭلارنى يازما شەكىلدە يېزىپ ماڭا بېرىڭلار. يېقىندا ئېچىلىدىغان پارتىيە ئومۇمىي قۇرۇلتىيىدا مۇزاكىرىگە قويۇپ، بىر نەتىجىگە ئېرىشەمىز» دېدى.

جياڭ كەيشىنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن ئىلھاملانغان مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى تەلەپ ۋە پىكىرلىرىنى ئەتراپلىق، كۆڭۈلدىكىدەك يېزىپ چىقىش ئۈچۈن، زاماننىڭ ئېقىشىغا قارشى تىك تۇرۇپ ئىشلىدى. بولۇپمۇ ئۆز پىكىرلىرىنىڭ مارشال تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنغانلىقىغا قاراپ، ئىككى ئەپەندىدە ئۈمىد پەيدا بولغان ئىدى. ئۇلار ۋەتەن ۋە مىللەتكە جان – دىلى بىلەن خىزمەت قىلىش ئىستىكىدە ئەتراپلىق ئويلىشىپ ۋە ئۆزئارا مۇزاكىرىلىشىپ، ئاخىرى ئون ئالتە ماددىلىق بىر لايىھەنى تەييارلاپ، 29 – مارتتا جياڭ كەيشىگە يوللىدى. لايىھەنىڭ ئاساسى مەزمۇنى، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مۇختارىيەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپ بىلەن تىنچىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ لازىملىقى ۋە تۈركىستاننىڭ سابىق ۋالىيسى شېڭ شىسەيگە جازا بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top