You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قەلەم كۈرىشى (9)

قەلەم كۈرىشى (9)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

6- ئاپرېل 1200 كىشىلىك چوڭ مەركىزىي زالدا گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيى رەسمى باشلاندى. قۇرۇلتايغا مەسئۇد ئەپەندى، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى، يولۋاس بەگ ۋە ئابدۇقادىر سامانى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى. ئىيسا ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىش سالاھىيىتى يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ قۇرۇلتاينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى سىرتتىن كۈزىتىپ تۇردى، چۈنكى ئۇ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىن ھەقىقەتەن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتاتتى. ئەمما قۇرۇلتاي باشلىنىش بىلەن، ئىشلار ئۈچ ئەپەندى ئويلىغاندەك ئۇنداق ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمىدى. ئۇلار ھازىر ئوخشاش بىر چاغدا ھەم ئايدىڭلىقنى ھەم قاراڭغۇلۇقنى تەڭ كۆرۈۋاتقاندەك بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالغانىدى. بولۇپمۇ، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى قۇرۇلتايغا ۋەكىل بولۇپ ئۆز پىكىر – تەلەپلىرىمىزنى سۇنالايمىز، دەپ خوشال بولغان بىر پەيتتە، جياڭ كەيشىگە يوللىغان لايىھەنىڭ قۇرۇلتايغا سۇنۇلمايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى مەيۈسلەندى. ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، دەرھال لايىھەدىن بىر نۇسخا تەييارلىدى ۋە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە قول قويغۇزۇشقا تىرىشتى.

گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيى قانۇنىغا ئاساسەن، ئەگەر قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىدىن 40 كىشى تەكلىپ لايىھەسىگە قول قويسا، قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى تەرىپىدىن مەجلىستە ئېلان قىلىشقا ۋە مۇزاكىرىگە قويۇشقا بولاتتى. شۇ سەۋەبتىن، تەييارلىغان لايىھە نۇسخىسىغا قۇرۇلتايدىكى ھەيئەتلەرنى قول قويۇشقا ئۈندەش سەپەرۋەرلىكىنى باشلىدى. ئەمما ھەممە كىشى بۇ لايىھەگە قول قويۇشتىن باش تارتىۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ موڭغۇل ۋە تىبەت ۋەكىللەر قول قويدى، ئۇنىڭدىن باشقا، مۇھاجىرلار ۋەكىللىرىنىڭ قول قويۇشى نەتىجىسىدە، قول قويغان ۋەكىللەرنىڭ سانى 42 گە يەتتى. بۇمۇ شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە چوڭ بىر غەلىبە ھېسابلىناتتى. ئاخىر قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى ئىلاجىسىزلىقتىن لايىھەنى مەجلىستە ئېلان قىلدى ۋە «چېگرا ئۆلكىلىرى سىياسىي كومىتېتى» ناملىق بىر مەجلىس كومىتېتى قۇرۇلۇپ، لايىھە مەزكۇر كومىتېتقا ھاۋالە قىلىندى. قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىدىكى دوكتۇر سۈن فۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۈركىستانلىقلاردىن ئۈچ ئەزا كومىتېتقا قاتناشتى. كومىتېت تۆت قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى ۋە ھەر قېتىمقى يىغىندا كەسكىن مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. ئاخىرى ناھايىتى قاتتىق تالاش – تارتىشلاردىن كېيىن، لايىھەنى رەسمىي قۇرۇلتايدا ئېلان قىلىش ئۈچۈن يەنە ئاۋازغا قويۇلدى.

نەتىجىدە، زور كۆپچىلىكنىڭ ئىجابى ئاۋاز بېرىشى بىلەن «چېگرا ئۆلكىلىرى سىياسىي كومىتېتى» نامىدىن قۇرۇلتايغا سۇنۇلىدىغان قارار ئېلىندى. ئەمما، ھەيئەت رىياسىتى چېگرا ئۆلكىلىرى سىياسىي كومىتېتنىڭ بۇ قارارىغا ئاساسەن لايىھەنى قۇرۇلتايغا سۇنۇشقا رايى ئۇنىماي، «ئالىي كومىتېت» نامىدا 60 كىشىلىك يەنە بىر كومىتېت تەشكىل قىلىپ، لايىھەنى بۇ كومىتېتقا تاپشۇردى. بۇ كومىتېتتا ھەربىي مىنىستىر گېنېرال بەي جۇڭشى، مائارىپ مىنىستىرى جۇ جىياۋخۇا، گومىنداڭ پارتىيە باش كاتىبى گېنېرال ۋۇ تىچىڭ، خەلق سىياسىي مەجلىس باش كاتىبى شىياۋلىزى ۋە ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى لۇ چىياۋلۇن قاتارلىق مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى بار ئىدى. 15 – ئاپرېل كۈنى كومىتېت مەجلىسى رەسمىي ئېچىلدى، شىياۋلىزى رەئىسلىككە سايلاندى. شىياۋلىزى ئۈچ ئەپەندىنى قوللاپ كېلىۋاتقان دېموكرات بىر كىشى ئىدى. رەئىس مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى نۇتقىدا، ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇلتايغا سۇنغان لايىھەسىنىڭ مەزمۇنىنى ۋە بۇ لايىھەدىكى تەكلىپ – پىكىرلىرىنىڭ ئورۇنلۇق تەكلىپ – پىكىرلەر ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ، كۆپچىلىكنى ئامال بار قايىل قىلىشقا تىرىشتى. مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئارقىسىدىن سۆزگە چىققان گېنېرال بەيجۇڭشى، گېنېرال ۋۇ تىچىڭ قاتارلىق ھەربىي، دۆلەت ۋە پارتىيە رەھبەرلىرى بۇ لايىھەنى قوللاپ سۆز قىلدى. لېكىن لۇ چىياۋلۇن ئەپەندى سۆز ئېلىپ، لايىھەنى شىددەت بىلەن رەت قىلدى. ئاخىر 59 كىشىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى، بىر ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن لايىھە قوبۇل قىلىنىپ، قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىگە سۇنۇلدى.

ئەنە شۇنداق بىر سىياسىي كۈرەشلەردىن كېيىن، 16 – ئاپرېل لايىھە قۇرۇلتايدا رەسمىي ئوقۇلۇپ ئۆتۈلدى ۋە زالدىكى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە لايىھە قوبۇل قىلىندى. ئالقىشلار ئاستا – ئاستا بىسىققاندىن كېيىن، قۇرۇلتاي رىياسەتچىسى مارشال جياڭ كەيشىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇش ئۈچۈن، لايىھەنى ئۇنىڭ ئالدىغا ھۆرمەت بىلەن قويدى. مارشال لايىھەگە بىر قۇر كۆز ئاتقاندىن كېيىن، قەلەمنى قولىغا ئېلىپ، قەغەز يۈزىدىكى مۇختارىيەت ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە سىزىۋېتىپ، يەنە قايتا بىر قاراپ چىققاندىن كېيىن، لايىھەنىڭ ئاستىغا «تۈركىستان خەلقىنىڭ تىلىغا ۋە دىنىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئىشلىرىغا ياردەم قىلىنىدۇ» دەپ يېزىپ، قايتۇرۇپ بەردى. ئاندىن رىياسەتچى لايىھەنى قايتا ئوقۇدى. ئەمما بۇ قېتىم زالدا كۆتۈرۈلگەن چاۋاك ئاۋازى ئالدىنقىسىدەك ھەيۋەتلىك چىقماي، يىغىننىڭ كەيپىياتى بىردىنلا چۈشۈپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن، رىياسەتچى يىغىننىڭ ھازىرچە توختىتىلغانلىقىنى ئۇختۇردى. بۇ چاغدا مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى قۇرۇلتاي رىياسەتچىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مارشال جياڭ كەيشىنىڭ قۇرۇلتاي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

رىياسەتچى ئەپەندىنىڭ چىرايىدا قان قالمىغان بولۇپ، ئۇ قورقۇنچ بىر كەيپىيات بىلەن، ئۆزىنىڭ تەسەللى بەرمەكتىن باشقا بىر ئامالىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپ، چارىسىزلىقىنى ئىپادىلىدى، ئاندىن غىپلا قىلىپ مەجلىس زالىدىن چىقىپ كەتتى. گەرچە بۇ قۇرۇلتاي دېمۇكراتىك بىر ئۇسۇلدا ئېچىلىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن، دۆلەت تۈزۈمىنىڭ دىكتاتور، ھاكىم مۇتلەق بىر تۈزۈم ئىكەنلىكى مانا بۈگۈن يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلانغان ئىدى. دىكتاتۇرلار ھەر زامان ئۆزىنى مەرد، ئادىل، خەلقپەرۋەر كۆرسەتسىمۇ، ئادالەت ئالدىدا يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلىماي قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دىكتاتۇر بار يەردە قانۇننىڭ كۈچى بولمايدۇ. مانا بۈگۈن جياڭ كەيشى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قارا قەلىمى بىلەن لايىھەدىكى تەلەپلەرنىڭ ئۈستىنى سىزىۋېتىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ قىلغان سۆزلىرىگە باغلانغان مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئۈمىد يىلتىزلىرىغا كەكە ئۇرغان ئىدى. ئۈچ ئەپەندى: «ئۆزىمىز بىلگەن يولنىڭ يولچىلىرى بىز» دەپ يۈرگەن چاغلاردا، يولىنىڭ سەراپ بىلەن تولغان چۆللۈك ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن ئىدى. جياڭ كەيشى ئۇلارنى خۇددى مايمۇنغا ئانارنى كۆرسىتىپ ئومۇندۇرۇپ قىينىغاندەك بىر ئىش قىلىۋاتاتتى. دېمەك، يول دېگەن نېمە دېگەن ئاچچىق سىناق – ھە! ھەممە ئىشنى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن چۈشەنمەك…..

قۇرۇلتاي داۋام قىلىۋاتاتتى. ئەتىسى، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى كىچىككىنە بىر تاسادىپىيلىق يۈز بېرىپ، خۇددى قىيا تاشلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان بىر تال ياسىمەن گۈلنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ئېچىلغىنىدەك، بىر مۆجىزە بولۇپ قالارمۇ دېگەن، پاك تۇيغۇ ۋە ئۈمىد بىلەن قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىگە رەسمىي نارازىلىق مەكتۇبى تاپشۇردى. ئەمما ئۇلار جاۋاب بەرمىدى. پەقەت ئۇلارنىڭ ئارىسىدكى ئىككى كىشى ۋىجدانىنى ئازراق راھەتلىتىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېغىزاكى بىلدۈرۈپ، تەسەللى بەرگەندەك بولدى. 18 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، مەسئۇد ئەپەندى مۇنبەرگە سۆزگە چىقتى. مەسئۇد ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن، شەۋكەتلىك چوڭ ئوغلى ئەرتۇغرۇل بەگمۇ مۇنبەرگە بىللە چىققان ئىدى. ئۇ ئېگىز كېلىشكەن قامىتىگە قارا كاستوم – بۇرۇلكا كىيىۋالغان، ئاق كۆينىكىگە ئۇششاق ئاق چاقماقلىق كۆك رەڭلىك گالاستۇك قادىۋالغان بولۇپ، قويۇق قاپقارا چاچلىرىنى ئارقىسىغا تارىغان ھالدا، توق قاراقاشلىرى ئاستىدىكى يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى پۈتۈن زالغا تەكشى تىكىپ، ياشلىق ۋۇجۇدىكى كۈچ – جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ دادىسىنىڭ يېنىدا قەددىنى رۇسلاپ تىك تۇراتتى. مەسئۇد ئەپەندى نۇتقىدا، شېڭ شىسەينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇمىي ۋالىي ۋە باش قوماندان سالاھىيىتىدە ئون يىل مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق قىلىش جەريانىدا خەلققە سالغان زۇلۇملىرىنى، ھەر قايسى مىللەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرىنى، جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ۋە ھەرخىل زوراۋانلىقلىرىنى بىر – بىرلەپ سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە: «شېڭ شىسەي شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئون يىل ئىچىدە، 200 مىڭغا يېقىن بىگۇناھ كىشىنى قاماققا ئالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەرخىل يوللار بىلەن قۇتۇلۇپ چىققانلار 80 مىڭ بولۇپ، قۇتۇلالماي قالغان 120 مىڭ ئادەم تۈرمىدە تۈرلۈك قىيىن – قىستاقلار بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. تۈرمىدىن ساق چىققانلارمۇ ئۇزۇنغا بارماي ھەر خىل كېسەللەر سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. تۈرمىدىكى جازالاش، قىيناش قوراللىرى 20 نەچچە خىلغا يەتكەن بولۇپ، بۇ جازا قوراللىرىنىڭ دەھشەتلىكىدىن، ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىدۇ، يۈرىكىگە دەھشەت چۈشۈپ، زۇلمەتلىك سۈر باسىدۇ. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە يېرىنى تۈرمە قاپلاپ كەتتى. پەقەت ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر ئىچىدە توققۇز تۈرمە، شەھەر سىرتىدا ئىككى چوڭ تۈرمە بارلىقى ئېنىقلاندى. ئۈرۈمچىنىڭ سىرتىدىكى ليۇداۋان دېگەن كۆمۈر كاننىڭ كان قۇدۇقلىرى ئىچىنىڭ جەسەت بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. يەنە تېخى بىز ئىز – دېرىكىنى قىلالمىغان، تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن نۇرغۇن ئىنسانلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ سانىنى ستاتىستىكا قىلىشقا تېخى ئۆلگۈرەلمىدۇق، بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ۋاقىت كېتىدۇ. ئۆلگەن ۋە ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئادەملەر ئىچىدە زىيالىلارمۇ، دىنىي ئۆلىمالارمۇ، سودىگەرلەرمۇ، دېھقانلارمۇ، ئىشچىلارمۇ، ئادەتتىكى پۇقرالارمۇ بار. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئايال زىيالىيلارنىڭ سانىمۇ نەچچە ئون مىڭغا يېتىدۇ.

شېڭ شىسەي ئالدى بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ مال – مۈلكىگە چاڭ سالغان، ئۇلارنىڭ قول ئىلكىدە نېمە بولسا شۇنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۆز چۆنتىكىنى تولدۇرغان. ھەتتا ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغان چاغدىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مالىيىسىنى قۇرۇقداپ، ھەممىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ئۇ يەرلەردە مالنىڭ باھاسى ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتتى. ئۇرۇق – تۇغقان ۋە دوست – بۇرادەرلەردىن كەلگەن خەتلەردە يېزىلىشىچە، بىر چىنە ئۇننىڭ باھاسى مىڭ يۇەنگە چىققان. بىر ئادەم ئاز دېگەندە ئايدا ئوتتۇز چىنە ئۇن يەيدۇ. مۇشۇنىڭدىن، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم ئەمەسمۇ؟ بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى شېڭ شىسەي كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھۆرمەتلىك ئەپەندىلەر، خانىملار! مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ جۇڭخۇا مىنگونىڭ قانۇنىنىڭ جازاسىغا تارتىلماي، ئەكسىچە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىدە مەنسەپ تۇتۇپ، ئارىمىزدا ئولتۇرۇشى دۇنيادىكى قايسى دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بار؟ بىزدە ئادالەت دېگەن نەرسە بارمۇ – يوق؟ دۆلەت قانۇن بويىچە خەلقنىڭ پەريادىغا قۇلاق سالمامدۇ؟ بۇ ئادەمنى دەرھال پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئەمەل – مەنسەپلىرىنى ئېلىپ تاشلاش ۋە دەرھال قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ جازالىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك. بۇ ئادەمنىڭ بىر خىتاي ۋالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ۋەھشىيانە زۇلۇمى خىتاي مىللىتىنىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيەت تارىخىنىڭ يۈزىگە مەڭگۈ يوقالماس بىر قارا داغنى چاپلىدى. ئەجىبا خىتاي خەلقى بۇ قارا داغنى يۇيۇپ تاشلاش ئۈچۈن غەيرەت كۆرسەتمەمدۇ؟ مانا بۇلار، مۇشۇ زالدا ئولتۇرغان جاناپلارنىڭ ۋىجدانىغا باغلىق» دەپ، قۇرۇلتاي قاتناشچىلىرىغا كۈچلۈك خىتاپ قىلدى.

مەسئۇد ئەپەندىنىڭ پاكىتلىق، ئۆتكۈر، تەسىرلىك سۆزلىرىنى ئوغلى ئەرتۇغرۇل بارلىق تىل قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، شۇنچىلىك پاساھەتلىك ئەدەبىي تىل – ئىبارىلەر بىلەن تەرجىمە قىلىپ، ۋەكىللەرگە ئېنىق يەتكۈزگەن ئىدى. بۇ پاكىتلىق سۆزلەر يىغىن ئەھلىگە كۈچلۈك تەسىر قىلغاچقا، غەزەپلىرىنى باسالمىغان ۋەكىللەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، زالنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئولتۇرغان شېڭ شىسەيگە قاراپ قوللىرىنى شىلتىپ: «شېڭ شىسەينى قاتتىق جازالاش كېرەك! شېڭ شىسەيگە ئۆلۈم!» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى ۋە غەزەپكە تولغان بۇ سادالار زالنى بىر ئالدى. بۇنىڭ بىلەن يىغىن زالىنىڭ تەرتىپى بۇزۇلۇپ قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى ۋە يىغىن زالىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتتى. ئەنە شۇنداق بىر پەيتتە، شېڭ شىسەي جىم ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۆز پەيلىدىن يانماي، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىگە قارشى كەلگەنلەر بىلەن مۇنازىرىلەشمەكچى بولدى، ئۇ قايىل بولماي، بار كۈچى بىلەن ۋارقىراپ تاكاللاشتى. كېيىن، يىغىن باشقۇرغۇچىلارنىڭ قەتئىيلىك بىلەن تەرتىپكە سېلىشى نەتىجىسىدە، يىغىن زالىنىڭ تەرتىپى ئاران ئەسلىگە كەلدى. ئەمما، زالدىكى ئۇششاق گەپ – سۆزلەر يەنىلا بېسىقمىدى، بۇ چاغدا قۇرۇلتاي رىياسەتچىسى دەم ئېلىش ئېلان قىلدى. كىشىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، سىرتقا چىقىشقا باشلىدى. بىراق شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى ئورۇنلىرىدىن قوزغالماي، ئۆزئارا پىكىرلىشىپ ئولتۇرۇشتى.

بۇ ئارىلىقتا ئۇلارنىڭ يەنە سۆزگە چىقىشىنى تەلەپ قىلغان يېزىلغان باغاقچىلار ئۇلارنىڭ يانلىرىغا يېغىشقا باشلىدى. يىغىن باشلانغاندا، مەسئۇد ئەپەندى يەنە سۆز قىلىش ئۈچۈن، قۇرۇلتاي رىياسەتچىسىدىن سۆز ھەققى تەلەپ قىلدى، شۇ چاغدا شېڭ شىسەيمۇ سۆز ھەققى تەلەپ قىلدى. ئەمما، شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا قاراپ غەزەپ بىلەن: «سېنىڭ سۆز قىلىش ھەققىڭ يوق!» دەپ ۋارقىرىدى. بۇ چاغدا بىرقانچە ياش خىتاي ۋەكىل كېلىپ: «شېڭ شىسەيگە ئۆلۈم!» دەپ ۋارقىراپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئامانلىق ساقلىغۇچىلار دەرھال مەجلىس زالىغا كىرىپ تەرتىپنى ساقلىدى. ئۇلار يىغىن زالىدىن شېڭ شىسەينى قوغداپ، سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ شېڭ شىسەيگە ھۇجۇم قىلىشلىرى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك خەلقلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى شۇ يەردىكى خىتاي پۇقرالىرىغا زۇلۇم قىلغانلىقى، ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، مەركەزگە بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن بولۇپ، ئۇلار ئۇنى ۋەتەن خائىنى بىلىپ، ئۆچمەنلىك ۋە ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. بۈگۈنكى يىغىن شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقاندەك قىلغان بولسىمۇ، ئەتىسى ئىشلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. بۇنىڭغا يەنىلا شۇ مۇستەبىت، ھاكىم مۇتلەق تۈزۈم سەۋەبچى بولغانىدى. مۇنبەرگە سۆزگە چىققان جياڭ كەيشى تۈنۈگۈنكى ئىشلاردىن نارازى بولۇپ، شېڭ شىسەينى ئاقلىدى، ھەتتا ئۇنى بىر مىللىي قەھرىماندەك كۆككە كۆتۈرۈپ نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ: «تۈنۈگۈن يىغىندا، يولداشلار مەسىلىلەرگە پۈتۈنلەي بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن قاراپ، ئۆز ھېسسىياتىغا بېرىلىپ، ئەقىل – مەنتىق بىلەن مەسىلىلەرنى كۆزىتىپ ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئورنىغا، قارىغۇلارچە شېڭ شىسەي ئەپەندىگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئىشلار سادىر بولدى. مانا بۇ ئىشلار مېنى بۈگۈن بۇ مۇنبەرگە چىقىپ، ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلىپ قويۇشقا مەجبۇرلىدى.

خانىملار، ئەپەندىلەر، تۈنۈگۈن شىنجاڭ ۋەكىللىرىدىن مەسئۇد ئەپەندى، شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان زامانلىرىدا پۇقرالارغا زۇلۇم سېلىپ، ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلەپ، يىغىن ئەھلىنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرۈۋېتىپتۇ. يولداشلار ئويلاپ باقتىڭلارمۇ، شىنجاڭ ئۆلكىسى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ يىراق چېگرا رايون، ئۇ يەرنىڭ يەر مەيدانى جېجياڭدەك 15 چىقىدۇ. مىنگودىن كېيىن مەركەز بىلەن شىنجاڭنىڭ مۇناسىۋىتى بەزىدە ئۇلىنىپ، بەزىدە ئۈزۈلۈپ كەلدى، سورىقى بولمىدى. چۈنكى بىز ياپون تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن جەڭ قىلىمىز دەپ، ئۇ يەرلەرگە كۆڭۈل بۆلەلمىدۇق. ئەمما يولداش شېڭ شىسەي شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلدى، شىنجاڭنى رۇسلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىپ، ئاخىر مەركەزنىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى. ئۇ نېمە قىلسا قىلسۇن، قانچىلىك ئادەم ئۆلتۈرسە ئۆلتۈرسۇن، قانداق سىياسەت يۈرگۈزسە يۈرگۈزسۇن، شىنجاڭدەك زېمىنى كەڭرى، يەر ئاستى بايلىقى مول، خىتاينىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر زېمىننى يەرلىك بۆلگۈنچىلەرنىڭ ۋە سوۋېت بولشېۋىكلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن ساقلاپ قالدى. بۇنىڭ ئۆزى بىر مۇھىم خىزمەت! مانا مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شېڭ شىسەي بىر مىللىي قەھرىمان! يەنە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەيكى، مىنگو تارىخىدا قايسى بىر ۋالىي، قايسى بىر ئۆلكە رەئىسى شېڭ شىسەيدەك 50 مىڭ سەر ئالتۇننى ھۆكۈمەت خەزىنىسىگە تاپشۇردى؟ بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ئۇرۇش دەۋرىنى بېشىمىزدىن كەچۈرۈۋاتقان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ قىلغان بۇ تۆھپىسى ۋە پىداكارلىقى ۋەتەن سۆيگۈسىگە ئىگە قايسى بىرىمىزنى تەسىرلەندۈرمەي قالمىسۇن؟ ئەمدى يولداشلارنىڭ مېنىڭ سۆزۈمنىڭ تېگىگە يېتىپ، ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى سۈرۈشتۈرمەسلىكىنى سورايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەكىللەرنىڭ تۈنۈگۈنكى ھەرىكىتىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىمنى بىلدۈرمەي تۇرالمىدىم» دېدى.

جياڭ كەيشى شۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى نېمە قىلارىنى بىلمەي، غەزەپ بىلەن چاقنىغان كۆزلىرىنى رەئىس سەھنىسىگە قاداپ، ئاخىرىغىچە ئاران چىداپ ئولتۇردى. جياڭ كەيشىنىڭ سۆزى تۆگەش بىلەن تەڭ، ئۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، گېلىغا چىڭڭىدە قادىۋالغان گالاستۇكىنى سەل بوشىتىۋېتىپ، زالنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن يالغۇز چىقىپ كەتتى. چۈنكى ئۇ ئادالەت بولمىغان جايدا، ئىش بىرلىكى قىلىشنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ قورقماي، مارشالنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ، يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن يىغىن قاناشقۇچىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭغا ئىچىدىن ئاپىرىن ئېيتقان بولسا، زور كۆپچىلىكى ئۇنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ ۋە مىللىتىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن قىلغان يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى مەنسىتمىگەندەك قىلىپ، كارى بولمىدى. ئەمما، مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ئەنە شۇ يىغىن زالىدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن باسقان 50 قەدەم يولى ئارقىلىق، ئۆز ۋىجدانىنى مەڭگۈلۈك راھەتكە ئېرىشتۈرگەن ئىدى.

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top