You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قەلەم كۈرىشى (10)

قەلەم كۈرىشى (10)

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

 

ئانا ۋەتەننىڭ گۈزەل دىيارى غۇلجىدا، 1945 – يىلى 8 – ئاپېرىل كۈنى مىللىي ئارمىيەنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. مىللىي ئارمىيەنىڭ بايرىقىغا «شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ئالغا!» دېگەن ئۇيغۇرچە ھۆسن خەتلەر يېزىلغان ئىدى. مىللىي ئارمىيە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن، ئۈچ يۆنىلىش بويىچە ھەربىي يۈرۈشكە ئاتلانغان بولۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ قىياپىتىدە، ئۇلۇغ خەلقنىڭ قىياپىتىدە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتتى. ئىنسانلار ئاللاھتىن ھەرگىز ئۈمىدىنى ئۈزمەسلىكى لازىم. شۇڭا ئالەملەرنىڭ رەببى يۈسۈف سۈرەسىنىڭ 87 – ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «…… ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ».

مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى قاتارلىق ئۈچ ئەپەندى ھېچبىر زامان ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە تەسەللى بېرىپ، «خىتايلارنى ئۆزىمىزگە ئىشەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىمىز يوق. يەنە كېلىپ ئۇلار بىزگە بەرىبىر ئىشەنمەيدۇ. ھازىرچە ئۇلار بىزنى يولۋاسنىڭ ساغرىسىنى سىلاپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىگە كۆندۈرگەندەك قىلغان بىلەن، ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىمىز ئەركىن يۈرۈيدىغان ئازات يۇرتىمىزغا كېتىمىز» دەپ ئويلاپ، ئۆز ۋەتىنىگە كېتىشكە شۇنچىلىك ئالدىرايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەسئۇد ئەپەندى يىغىندىن كېيىنلا، شەرقىي تۈركىستانغا يېقىنراق بولغان لەنجۇغا كەتتى. ئارقىدىنلا، 16 – ماي كۈنى مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىمۇ ئەردەمنى ئېلىپ لەنجۇغا يېتىپ كەلدى. ئەنە شۇ كۈنلەردە مىللىي ئارمىيە تارىخىي ئەھمىيەتلىك ھەربىي يۈرۈشلەرنى قىلىپ، ناھايىتى قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى. ئازاتلىق ۋە ھۆرلۈك ئۈچۈن، شىجائەت ۋە جاسارەت مەيدانىنىڭ چەۋەندازلىرى مىنگەن ئارغىماقلىرى بىلەن دۈشمەن ئىستىھكاملىرىغا شىددەت بىلەن ئېتىلغان ئىدى. ئۇرۇش مەيدانىدا ھەرقانچە مۇشەققەتلەرگە دۇچ كەلسىمۇ، ۋەتەن ئازاتلىقى، مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن، ئۇلار ھېچ ئىككىلەنمەي ئۆز جانلىرىنى پىدا قىلىۋاتاتتى. زىمىستان سوغۇقلاردا دەشت چۆللەردە يۈرگەندە، باھادىرلىرىمىز ئات ئۈستىدە يولۋاستەك مۇستەھكەم ئولتۇرۇپ، دۈشمەن سەپلىرىنى يىمىرىپ تاشلاۋاتاتتى. دۈشمەننىڭ توپ – زەمبىرەكلىرى مىللىي ئارمىيەنىڭ جاسارىتى ئالدىدا ھېچ نېمىگە ئەرزىمىگەن ئىدى. ئۇلار ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇپلا قالماي، يەنە كۈچلۈك ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان دۈشمەن ئارمىيەسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، ئۈرۈمچىگە ئاران 136 كىلومېتىر كېلىدىغان ماناسقا كەلگەن، ئۈرۈمچىنى تەھدىت ئاستىغا ئالغان ئىدى. لەنجۇدا تۇرۇۋاتقان مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى ھەر كۈنى دېگۈدەك شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىۋاتقان، ئادەمنى سۆيۇندۈرىدىغان يېڭى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتاتتى، شۇنداقلا تۈركۈم – تۈركۈملەپ ئۈرۈمچىدىن قېچىپ كېلىۋاتقان خىتايلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈۋاتاتتى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بولسا ھە دەپ لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە ئەسكەر ۋە قورال يۆتكىمەكتە ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى كۆز ئالدىدىكى بۇ رېئاللىقتىن شۇنچىلىك خۇش بولسىمۇ، ئەمما ئىچىنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئىشنىڭ ئىچىدە رۇسلار بار ئىدى. ئەزەلدىنلا رۇسلارغا ئىشەنمەي كەلگەن مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى، بۇ قېتىممۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئاخىرىدا نا ئۈمىدتە قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايتتى. ئۇ نامازلىرىدا مىللىي ئارمىيەنىڭ تىزرەك ماناس دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىنى ئازات قىلىشىنى تىلەپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلاتتى. ئەمما، ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. ئۇلار چۇڭچىڭدىن كەلگەن بىر تېلېگراممانى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ، «ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق سۆھبىتى بولىدىغانلىقى،  بۇ سۆھبەتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جاڭ جىجۇڭ ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچىگە بارىدىغانلىقى ۋە يول ئۇستىدە ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشۇپ ئۆتىدىغانلىقى، ئۈچ ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن، جاڭ جىجۇڭ ئەپەندىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن قىممەتلىك پىكىر، تەلەپلىرىنى بېرىپ، بىللە خىزمەت قىلىشىنىڭ لازىملىقى» توغرىسىدىكى مەزمۇنلار يېزىلغان قىسقا بىر تېلېگرامما ئىدى.

يېقىندىن بۇيان دۇنيا ۋەزىيىتىدە تېز ئۆزگىرىش بولۇشقا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ۋەزىيىتىدىمۇ ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتاتتى. دۇنيادا ئالتە يىل داۋام قىلغان 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ۋە خىتايدا،  سەككىز يىل داۋام قىلغان ياپون ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان ئىدى. ئەسلىدە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى 1945 – يىلى 4 – فېۋرالدىن 11 – فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى يالتاغا توپلىنىپ، دۇنيا تارىخىدىكى تارىخىي ئەھمىيەتلىك بىر يىغىننى ئاچقان ئىدى، يىغىندا دۇنيانىڭ بۇندىن كېيىنكى يېڭى تەرتىپىنى بەلگىلەيدىغان قارارلار ئېلىنغان «يالتا كېلىشىمى» ئىمزالانغان ئىدى. شۇندىن كېيىن دەرىجىدىن تاشقىرى ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقداشلىقى ئاستىدا، فاشىزىمغا قارشى كۈچلەر تېزلىك بىلەن فاشىزم ئۇستىدىن غەلىبە قىلىشقا يۈزلەنگەن ئىدى.

شۇ يىلى 8 – ئاۋغۇست ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ خىروشىما ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىدى، ئارقىدىنلا، ئىككىنچى كۈنى يەنە بىر ئاتوم بومبىسىنى ياپونىيەنىڭ ناگاساكىيەگە تاشلىدى. 8 – ئاۋغۇست سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئارقىدىنلا مانجۇرىيەنى ئىشغال قىلدى. ئارقا – ئارقىدىن ئۇچرىغان زەربىدىن، ياپونىيە 14 – ئاۋغۇست شەرتسىز تەسلىم بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يالتا كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدا جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىمۇ بار ئىدى. بۇنىڭ بىلەن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى يامانلىشىپ كېلىۋاتقان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۇزلىنىپ، جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ مانجۇرىيەدىكى، موڭغۇلىيەدىكى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەنپەئەتلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش زېمىن مەسىلىلىرىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جىددىي كېلىشىملەر ئىمزالاندى، شۇنداقلا «خىتاي – سوۋېت دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامىسى» تۈزۈلدى. جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەنپەئەتلەرىنى قوغداش ئۈچۈن، مانجۇرىيەدىكى مەنپەئەتلىرىدىن ۋازكەچتى، تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى. 24 – ئاۋغۇست، مارشال جياڭ كەيشىنىڭ تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىگەن نۇتقى گېزىتلەردە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ نۇتقىدا يەنە، تىبەتنىڭ مۇختارىيىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىمۇ بار ئىدى. تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە تىبەتنىڭ مۇختارىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشتىكى سەۋەبلىرىدە ئۇلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغانلىقى، بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز زېمىن دائىرىسىدە ئەسىرلەردىن بېرى مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا مۇختارىيەت بېرىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ زېمىن جۇڭخۇا مىنگونىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ، بۇ يەردىكى يەرلىك مىللەتلەر خىتايلار بىلەن قانۇنىي جەھەتتىن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ۋە دىنىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇچ ئەپەندى ۋەتەننىڭ بوسۇغىسى بولغان لەنجۇدا تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئالەمچە ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ تۇرغان شۇنداق بىر پەيتتە، بۇ خەۋەرنى گېزىتتىن ئوقۇغاندىن كېيىن، دەرھال ئۆز نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئۇلار بىرلىشىپ مارشال جياڭ كەيشىنىڭ بۇ نۇتقىغا  نارازىلىقىنى بىلدۈرىدىغان بايات يېزىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركلەرنىڭ مەيلى تارىخىي جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش جەھەتتىن بولسۇن، تىبەت ۋە موڭغۇللاردىن ئۇستۈن تۇرىدىغانلىقىنى تارىخىي ۋە ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى. شۇنداقلا، ئەگەر ئوخشىمايدىغان يېرى بار دېسە، پەقەت جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ۋە يەر تۈزۈلىشىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئەگەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرىنى تاشقى موڭغۇل ۋە تىبەتنىڭ تەقدىرىدىن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قارايدىغان بولسا، بۇ، جۇڭخۇا مىنگونىڭ جۇمھۇرىيەت پىرىنسىپلىرىغا پۈتۈنلەي خىلاپ كېلىدىغان سىياسەت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستانغا دەرھال ئالىي مۇختارىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار نارازىلىق باياناتىنى يەتتە نۇسخا قىلىپ كۆچۈرۈپ، مارشال جياڭ كەيشى قاتارلىق ئاساسلىق دۆلەت ئەربابلىرىغا يوللىدى. ئەمما مارشال جياڭ كەيشى جاۋاب بەرمىدى. ئېنىق جاۋاب بەرگەن كىشى پەقەت ئۈچ ئەپەندىنىڭ دوستى دوكتۇر سۈن فۇ ئەپەندىلا ئىدى. مانا ئەمدى، ئۈچ ئەپەندى قەلەم كۈرىشى ۋە سىياسى كۈرەش ئارقىلىق ئېرىشەلمىگەن نەتىجىلەرگە، مىللىي ئارمىيە ئەلەم بىلەن، قان تۆكۈش بىلەن، مىڭلىغان شېھىتلارنىڭ ئىسسىق جانلىرى بىلەن ئېرىشىۋاتاتتى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيەسى شەرقىي تۈركىستاندىكى گومىنداڭ ئارمىيەسىنى ھەر تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىپ، 9 – ئايغىچە بولغان قىسقىغىنە تۆت ئاي ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۈرۈمچىدىن باشقا بارلىق تۇپراقلارنى پۈتۈنلەي ئازات قىلغان، ماناس دەرياسىغا قىستاپ كېلىپ، ئۈرۈمچىگە بىۋاستە تەھدىت سالغان ئىدى. ئۈرۈمچى قولدىن كەتسە، شەرقىي تۈركىستاندىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە يىمىرىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن 8 – ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى جۇ شاۋلياڭ ۋە ھۆكۈمەت رەئىسى ۋۇ جۇڭشىن ئەجەل ھودۇقۇشىدا گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئارقا – ئارقىدىن تېلېگرامما يوللاپ، ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى جىددىي ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. جياڭ كەيشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ، ئامالسىزلىقتىن ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تۇتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما ئۇ باشتىن ئاياغ ئۈچ ئەپەندىنىڭ تەكلىپ لايىھەلىرىنى رەت قىلىپ، ئىزچىل ھالدا ۋۇ جۇڭشىننىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ كەلگەن ئىدى.

ئەمدىلىكتە، ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي مەسىلىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قايتىدىن قاراپ چىقىشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئەگەر دەرھال تاشقى ۋە ئىچكى جەھەتتىكى دىپلوماتىيە كۈچىنى ئىشقا سالمىسا، قورال كۈچى بىلەن مىللىي ئارمىيەگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. بۇنداق قىيىن شارائىتتا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تاشقى جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىگە قويغان تەلەپلىرىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن مىللىي ئارمىيەنى ماناس دەرياسىدا توختىتىپ، سۈلھى تۈزۈشكە ئۈندىگەن بولسا، ئىچكى جەھەتتە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، گومىنداڭ ئىچىدە يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە، دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا ماھىر، پىشقان سىياسىيون دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنىرالى، كومپارتىيە رەئىسى ماۋزېدۇڭ بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن ۋە «خىتاي تۈلكىسى» دەپ ئاتالغان جاڭ جىجۇڭنى ۋەكىل قىلىپ شەرقىي تۈركىستانغا يولغا سالدى، ئۇندىن باشقا ئۈچ ئەپەندىنىمۇ بۇ خىزمەتكە ياردەمگە چاقىردى. جياڭ كەيشى جاڭ جىجۇڭ يولغا چىقىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، ھەر سۆزىنى خۇددى پۇل ساناۋاتقاندەك ئالدىرىماي، ئوچۇق قىلىپ: «شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى چوقۇم ئوڭشاش كېرەك. شىنجاڭ بىزنىڭ بۇ يەرلەرگە ئوخشىمايدۇ. نېمە دېمىگەن بىلەن ئۇلارنىڭ ھازىر ئاتالمىش ‹شەرقىي تۈركىستان› دەيدىغان بىر جۇمھۇرىيىتى بار. يەنە كېلىپ، بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ئارمىيەمىزگە ئوخشىمايدىغان، پەۋقۇلئاددە جەڭگىۋار 30 مىڭدىن ئوشۇق قوراللىق ئارمىيەسى بار. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا رۇسلار بار. بۇنداق نازۇك ۋەزىيەتتە، قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئۇلارنى تىنچلىق سۆھبىتى قىلىشقا قايىل قىلىشىڭىز كېرەك. جۇڭخۇا مىنگونىڭ مەنپەئىتى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ بەكمۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەگە ئىگە ئورۇن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەجدادلىرىمىز ئۇ زېمىندىن ھېچبىر زامان ۋاز كەچمىگەن. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قېلىش، شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىگە ۋاقتىنچە يول قويۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. سىز يەنە لەنجۇدا تۇرۇۋاتقان ئۈچ ئەپەندىنىڭمۇ پىكرىنى ئېلىڭ. شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنى ياخشى كۈزەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنى يېنىڭىزغا چاقىرىپ خىزمەتكە تەيىنلەڭ. نەچچە يىللاردىن بېرى ‹ئۇچ ئەپەندى› دەپ ئاتالغان ئۈچ بۆرىنىڭ ئەمدى قەپەزدىن چىقىدىغان ۋاقتى كەلدى. بۇرۇن مەن بۇ ئۈچىنىڭ كەڭ دالادا ئىز قالدۇرماي ئوۋ ئوۋلىشىدىن ئەنسىرەپ،  تۈرلۈك ئاماللارنى قىلىپ ئۇلارنى قەپەزنىڭ ئىچىگە ئەكىرىۋالغان ئىدىم. بەزىدە ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ، تەلەپلىرىگە ‹ھە› دەپ قويۇپ ئارقىدىنلا يېنىۋالغان بولسام، بەزىدە ‹ياق› دەپ، ساغرىسىغا يەڭگىل ئۇرۇپ ئەيۋەشكە كەلتۈرگەن ئىدىم. ئەمدى ئۇلارنى قەپەزدىن چىقىرىپ ئوۋغا سالىدىغان پەيت كەلدى. بۇرۇن ئىز قالدۇرماي بىزنى ئوۋلىغان بولسا، ھازىر ئىز قالدۇرۇپ ئوۋلىنىدىغان بولدى. ئەمما ئوۋلانغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۆزلىرىنىڭ روھىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بىز ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلايدۇ! ياتلارغا ۋەدە قىلغان سۆزلىرىمىزدە ئۆزىمىزگە پايدا يېتىدىغان ئىش بولسا ‹ھە› دەيمىز، ئىش پۈتكەندىن كېيىن ‹ياق› دەپ، بەرگەن سۆزىمىزدىن يېنىۋالىمىز. بۇ يەردە مۇھىم بولغان نەرسە بەرگەن ۋەدىلىرىمىزنىڭ راسلىقىدا ئەمەس، بەلكى بىز قانداق نەپكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزدا» دەپ، مىيىقىدا مەغرۇر كۈلۈپ قويدى.

ھەي، تەڭرىنىڭ جانلىق كىتابى بولغان تەبىئەت دۇنياسىدا ھېچ مەۋجۇت بولمىغان ئەجدىھانى ئەجدادلىرى تۇتىم قىلغان خىتايلار، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ئۈستۈن روھقا، ئەڭ ئېسىل خاراكتېرگە ئىگە بولغان بۆرىنى، ئەجدادلىرى تۇتىم قىلغان تۈركلەرنىڭ بۆرىدەك پەزىلىتىنى نەدىن بىلسۇن؟ بۆرە ھېچبىر زامان ئۆزىدىن كۈچلۈك بولغان يولۋاس، شىر ۋە ئېيىقلاردەك كۆندۈرگۈچىلەرنىڭ قولىغا كۆنمەيدۇ. ئۆزىدىن كۈچلۈكلەرگە ھەرگىز بويسۇنمايدۇ. ئاجىز چاغلىرىدا ئۆزىدىن كۈچلۈكلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ. ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا بىرنەچچىسى بىرلىشىپ، تازا ئېپى كەلگەندە، ئاندىن كۈچلۈك دۈشمىنىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. تۈلكىدەك نەپ ئۈچۈن قۇۋلۇق – شۇملۇق قىلىپ يۈرمەيدۇ. كۈنلەپ ئاچ قالسا قالىدۇكى، ھەرگىز باشقىلاردىن ئاشقان – تاشقاننى يېمەيدۇ، ئۆزى ئوۋلىغان ھايۋاننى يەيدۇ، ئوۋنى ھەمرالىرى بىلەن تەڭ بۆلۈشۈپ يەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، توپلىشىپ ئوۋ ئوۋلايدۇ. ئۆز توپىنى قوغدايدۇ، يولباشچىسىغا شەرتسىز بويسۇنىدۇ، ئۇنىڭغا ھەر زامان سادىق بولىدۇ. ئۆزئارا ياردەمدە بولىدۇ، ئەگەر يولدا بىرسى ئاغرىپ قالسا، ئۇنى يالغۇز تاشلاپ كەتمەيدۇ. دېمەك، بۆرىنىڭ بۇ خىل ئېسىل خاراكتېرىنى جياڭ كەيشى بىلمىسە كېرەك؟

 

(داۋامى بار)

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top