You Are Here: Home » ئومۇمى » تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق يولى (2): تۈزۈلمە ئىچىدىكى ئۇرۇنۇشلار

تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق يولى (2): تۈزۈلمە ئىچىدىكى ئۇرۇنۇشلار

«28-فېۋرال ۋەقەسى» نى خاتېرەلەۋاتقان تەيۋەنلىكلەر

تاران ئۇيغۇر

1945-يىلى ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەتى بىلەن تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلەسى ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئاسىيا ئۇرۇش رايونىدىكى قوماندانلىرىدىن بولغان جياڭ جېشىغا باش قوماندان مەك ئارتۇرنىڭ 1-نۇمۇرلۇق بۇيرۇقى بىلەن تەيۋەننى ئىشغال قىلىشقا رۇخسەت قىلىندى. تەيۋەندىكى ئاھالە خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسىنى تولىمۇ مۇرەككەپ ھېسلار بىلەن «كۈتۈۋالدى». بۇلار ئىچىدە «تەيۋەننىڭ يورۇقلۇققا چىققانلىقى» (台湾光复) نى تەبرىكلىگەنلەرمۇ، «ئوغرىدىن قۇتۇلۇپ، قاراقچىغا تۇتۇلدۇق» دېگەنلەرمۇ، ھەتتا 50 يىللىق ياپونىيە ھاكىميىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا قىيمىغانلارمۇ بار ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن، 1945-يىلى تەيۋەن رەسمىي ھالدا خىتاي جۇمھۇرىيىتى يەنى گومىنداڭ ھاكىمىيەتىنىڭ ئەمەلىي كونتىرولىغا كىرگەن بولدى ۋە تەيۋەن خەلقىنىڭ 1980-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە سوزۇلغان قاراڭغۇ دەۋر ياكى زۇلمەت بىلەن كۈرىشىش دەۋرى باشلانغاندى.

40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقتقا سوزۇلغان بۇ جەرياندا جياڭ جەمەتىدىن ئاتا-بالا جياڭ جېشى ۋە جياڭ جىڭگولار ھاكىمىيەتنى قولىدا مەھكەم تۇتتى. بۇ مەزگىلدە بىر قانچە مۇھىم ۋەقە تەيۋەن ئارىلىدىكى خەلقنىڭ گومىنداڭ ھاكىمىيەتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىشىگە سەۋەب بولدى، دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى گاھى قوراللىق ۋاستە بىلەن گاھى سىياسىي سەھنىدە تەلەپ قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى تارىخقا ئالتۇن قۇرلار بىلەن پۈتتى، شۇنداقلا بىر ئەۋلاد بىلىملىك، ئىختىساسلىق، كۈرەشچان ۋە تاۋلانغان تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ياقلىغۇچى زاتلار سىياسىي سەھنىدە يېتىشىپ چىقتى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ھېلىھەممۇ تەيۋەننىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.

جياڭ جەمەتى ھاكىمىيەتى دەۋرى (两蒋时代)

گومىنداڭ ھاكىمىيەتى ئىچكى ئۇرۇشتا غۇلاپ، تەيۋەنگە قېچىپ كەلگەندىن كېيىن، جياڭ جېشى خىتايدىكى ھاكىممۇتلەقلىقى ۋە مىلىتارىستلارچە ھۆكۈمرانلىقىنى بىللە ئېلىپ كەلدى. ھەتتا 1949-يىلى تەيۋەنگە قېچىپ كېلىشتىن بۇرۇنلا بۇ ھاكىمىيەت باشقا مۇستەملىكەلەرگە قىلىپ كۆنۈپ كەتكەن ئەسەبىي زوراۋانلىقى ۋە يولسىزلىقى تەيۋەنگە كېلىپ بولدى. ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ ئىنتىزامچانلىقى، رەتلىك ۋە تەرتىپلىكلىكى، گەرچە مۇستەملىكەچى ھاكىمىيەت بولسىمۇ، ئىش بېجىرىشتە يەنىلا قانۇن-نىزاملار بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدىغانلىقى بىلەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ رەتسىز، ئىنتىزامسىز، بەتقىلىق، زوراۋان ۋە شوۋىنىستلىقى 50 يىل ياپون مائارىپى بىلەن تەربىيەلەنگەن تەيۋەن خەلقىگە تولىمۇ يوچۇن تۇيۇلدى ۋە ھار كەلدى. جياڭ جېشى تاكى 1975-يىلى ئۆلگەنگە قەدەر ھاكىمىيەتتىن چۈشمىدى ۋە پۈتۈن كۈچىنى «چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتا ھۇجۇم» (反攻大陆) ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇل مۇئەسسەسەلەرنى قۇرۇشقا سەرپ قىلدى. ھەتتا كورىيە ئۇرۇشى يۈز بەرگەن 1950-يىللاردا ۋە خىتايدا «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش» مەغلۇپ بولۇپ، ئاچارچىلىق باشلانغاندا، جياڭ جېشىنىڭ بۇ شۇئارى ئەمەلىي پىلانغا ھەم ئايلانغان. ئەمما، ئامېرىكانىڭ مەزكۇر ئۇرۇنۇشلارنى ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىگە خىلاپ دەپ قاراپ قاتتىق نازارەت قىلىشى ۋە گومىنداڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق دېڭىز جەڭلىرىدىكى شەرمەندىلەرچە مەغلۇبىيەتى، جياڭ جېشىنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويغان.

ئۇ ئۆلۈشتىن ئاۋۋال نىكسوننىڭ 1972-يىلى خىتاينى زىيارەت قىلىشى ۋە خىتاي جۇمھۇرىيەتىنىڭ ب د ت دىكى ئورنىنىڭ 1971-يىلى 2758-نۇمۇرلۇق قارار بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى قاتارلىق زور ئۆزگىرىشلەر ھەم يۈز بېرىپ، بارا-بارا ئىستراتېگىيەلىك نىشان تەيۋەننى تەيۋەن خەلقى ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىغان. نەتىجەدە ئوغلى جياڭ جىڭگو ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، «تەيۋەنلىك ياشلارنى كۆتۈرۈش» (提拔台青) سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، گومىنداڭ پارتىيەسى ۋە خىتاي ھاكىمىيەتىنى تەيۋەندە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەرەققىيات ۋە تەيۋەنلىك ياشلارغا بېرىلگەن ئىمكانىيەتلەر تەيۋەن خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئالىي بىلىملىك زىيالىيلار قاتلىمىنىڭ سىياسىي تەلەپلىرىنى قاندۇرالمىغان. ئاتالمىش مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى ئىزچىل ھالدا گومىنداڭنىڭ خىتايدىكى ھاكىمىيەتى مەزگىلىدىن قالغان روھىي كىشەنلەر بىلەن چۈشەلگەن بولۇپ، بۇنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن تەيۋەن خەلقى، بولۇپمۇ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان زىيالىيلار قاتلىمى تۈرلۈك يوللارنى ئىزلىگەن ۋە چارەلەرنى سىناپ كۆرگەن. مانا مۇشۇ ئۇرۇنۇشلار تەيۋەننىڭ سىياسىي سەھنىسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئاممىۋىي تەشكىلات ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول ئاچقان.

«28-فېۋرال قانلىق ۋەقەسى» (二二八事件)

گومىنداڭ ھاكىمىيەتى تەيۋەننى قوراللىق بېسىۋالغاندىن كېيىن، ياكى خىتاي تەرەپنىڭ سۆزى بويىچە «ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كەلگەن»دىن كېيىن، تەيۋەن خەلقىنىڭ گومىنداڭ ھاكىمىيەتى ۋە قوراللىق قىسىملىرىغا بولغان نارازىلىقلىرى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ كەلدى. يەرلىك تەيۋەنلىكلەرنىڭ سىياسىيغا، ھاكىمىيەتكە قاتنىشىشى «ياپونىيەنىڭ ئاسارىتىدىن تېخى قۇتۇلمىغان»، «ئىشەنچسىز»، «دۆلەت تىلى (خىتاي تىلى) نى بىلمەيدۇ»، «دۆلەت تىلىدا ھۈججەت يازالمايدۇ» دېگەن باھانىلەر بىلەن رەت قىلىندى. تەيۋەندىكى يەرلىك دائىرىلەرگە خىتاي ئۆلكەلىرىدىن كەلگەن خىتايلار ئولتۇرۇپ، بەئەينى ياپونىيەنىڭ مۇستەملىكە ھاكىمىيەتى مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش ئەندىزەسى ئەينەن تەكرارلانغاندەك بولۇپ، تەيۋەنلىكلەرنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسا، ئىچكىي ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان گومىنداڭ ھاكىمىيەتى ئاشلىق ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى توختىماستىن خىتاي ئۆلكەلىرىگە يۆتكەپ، مال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەتتا، تەيۋەننىڭ كوزۇر مەھسۇلاتلىرى بولغان گۈرۈچ ۋە شېكەرنىڭ باھاسىمۇ ئۆرلەپ، تەيۋەنلىكلەر ئۆزلىرى ئىشلىگەن مەھسۇلاتنى سېتىپ ئالالماس ھالغا كېلىپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم پۇقرالار كۈن ئېلىش ئۈچۈن تاماكا قاتارلىق قوشۇمچە ماللارنى يول بويىدىكى تەزگاھلاردا ئازراق پايدىسىغا سېتىپ، تۇرمۇشىغا چىقىم قىلىشقا تىرىشاتتى. گومىنداڭ ھاكىمىيەتى بولسا بۇ خىلدىكى ماللارنى ئاتالمىش «مەخسۇس سېتىش ئىدارەسى» (专卖局) ئارقىلىق بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان بولۇپ، تەزگاھلارنى زورلۇق-زومبۇلۇق بىلەن چەكلەپ، خەلقنى ئازغىنە قوشۇمچە كىرىم مەنبەسىدىنمۇ ئايرىپ، نارازىلىقلىرىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى.

تەيۋەندىكى 28-فېۋرال خاتېرە مۇنارى

ئاخىرى 1947-يىلى 27-فېۋرال كۈنى تەيبېيدىكى «تىيەنما چايخانىسى» (天马茶房) ئالدىدا يايما قۇرۇپ تاماكا سېتىۋاتقان ياشانغان ئايال لىن جياڭمەينىڭ «مەخسۇس سېتىش ئىدارەسى»نىڭ ئالتە خادىمى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يېقىتىلىشى ئاممانىڭ غەزىپىنى تاشقۇزغان ئاخىرقى تامچە بولدى. ياشانغان ئايالغا قىلىنغان چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىقتىن غەزەپكە كەلگەن ئامما، بۇ ئالتە خادىمنى ئورىۋېلىشتى. بۇ خادىملاردىن بىرى بولسا تاپانچىسىنى كۆتۈرۈپ، ئامماغا قارىتىپ ئوق ئۈزۈپ، بىر ياشنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. قاتىل بەش خىزمەتدىشى بىلەن قېچىپ ئۇدۇل ساقچى ئىدارەسىگە كىرىپ كەتتى. ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان تەيبېي پۇقرالىرى تۇشمۇتۇشتىن سەپكە قېتىلىپ، ساقچى ئىدارەسى ۋە ژاندارما ئەترىتى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈشۈپ، قاتىلنى چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. قاتىلنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئارقا ئىشىكتىن قاچۇرۇۋېتىلگەنلىك خەۋىرى شۇ كۈنى ئاخشىمى ھەممىگە تارىدى ۋە ئەتىسى، يەنى 28-فېۋرال كۈنى پۈتۈن تەيبېي شەھىرى بويلاپ ئىش تاشلاش ۋە ئاممىۋىي نارازىلىق ھەرىكىتى باشلىنىپ كەتتى.

گومىنداڭ ھاكىمىيەتى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ۋە قاتىلنى جازالاش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېنچ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، بىر مەيدان كەڭ كۆلەملىك قالايمىقانچىلىققا يول ئاچتى. گومىنداڭ ھاكىمىيەتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كۆپ يىللىق كەمسىتىش ۋە تالان-تاراجدىن جاق تويغان تەيۋەنلىكلەرگە نىسبەتەن ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك بولدى. نەتىجەدە، تەيبېيدىن باشلانغان بۇ ھەرىكەت تەيۋەننىڭ چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىدىكى نارازىلىق نامايىشلىرى، ھەتتا قوراللىق ھەرىكەتلەرگە يول ئاچتى. ۋەقەنى قوراللىق باستۇرۇشقا ۋاقتىنچە كۆزى يەتمىگەن گومىنداڭ دائىرەلىرى، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بىر ھەيئەت تەسىس قىلدى ۋە يەرلىك تەيۋەنلىك زاتلارنىمۇ بۇ ھەيئەتكە ئېلىپ كىردى. ئەمما تەيۋەنلىك زاتلار ئوتتۇرىغا قويغان «تەيۋەن ئومۇمىي گارنىزونىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ساقچى قىسىملارنى يەرلىكتىكى كىشىلەردىن تولۇقلاش، ھەر قايسى ناھىيەلەردە ئاممىۋىي سايلام ئارقىلىق ھاكىملارنى سايلاش» قاتارلىق ئورۇنلۇق تەلەپلەر تەيۋەن مەمۇرىيەت باشلىقى چىن يى (陈仪) تەرىپىدىن رەت قىلىنىپلا قالماي، قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ «ئىسپاتى» قىلىنغان. بۇ چاغدا شاڭخەيدىن يۆتكەپ كېلىنگەن 10 مىڭغا يېقىن قوراللىق قىسىم تەيۋەندە قۇرۇقلۇققا چىققان ۋە بىر مەيدان قەتلىھام باشلىنىپ كەتكەن. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن گومىنداڭ دائىرەلىرى بۇ قەتلىھامدا ئاددىي خەلق ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسەتكەن كىشىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى تەيۋەننىڭ مەنپەئەتىنى ياقلىغۇچى زىيالىيلارنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ قەتل قىلغان. تا ھازىرغىچە 28-فېۋرال ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرى بەي چۇڭشى (白崇禧)نىڭ دوكلاتىدا 1860كىشى، تەيۋەن ئومۇمىي گارنىزونىنىڭ دوكلاتىدا 3200 كىشى، ئامېرىكانىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ دوكلاتىدا بولسا 20مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان دەپ يېزىلغان. 1992-يىلى تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمەسى تەييارلىغان 28-فېۋرال ۋەقەسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 18مىڭدىن 28مىڭغىچە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.

دېموكراتىك ئىسلاھات مەزگىلىدە تۇنجى بولۇپ ماتەم تۇتۇلغان ۋە خاتېرە مۇنارى ئورنىتىلغان ۋەقەمۇ 28-فېۋرال ۋەقەسى بولدى. 1995-يىلى دېموكراتىك سايلام بىلەن خىتاي جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى بولغان تەيۋەنلىك زات ۋە تەيۋەننىڭ «دېموكراتىيە ئاتىسى» دېيىلىپ كېلىۋاتقان لى دىڭخۈي (李登辉) ئەپەندى خىتاي جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بۇ ۋەقە ئۈچۈن تەيۋەن خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىدى ۋە ئۇندىن كېيىن سايلانغان ئىككى پرېزىدېنتمۇ بۇ ئەنئەنەنى داۋاملاشتۇردى. 1996-يىلى 28-فېۋرال كۈنى قانۇنلۇق ھالدا دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بەلگىلەندى ۋە 2007-يىلى «دۆلەتلىك 28-فېۋرال خاتېرە سارىيى» تەسىس قىلىندى.

تەيۋەنلىكەرگە نىسبەتەن 28-فېۋرال ۋەقەسى ئۆزلىرى 50 يىل كۆرمىگەن خىتاي ھاكىمىيەتىنىڭ ئەپتىبەشىرىسىنى ئېچىپ بەرگەن ۋە ئۆز مىللىي كىملىكىنى تونۇشىغا تۈرتكە بولغان بىر ۋەقە بولدى. گومىنداڭ دائىرەلىرىمۇ بۇ ۋەقەدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، يەنى 1947-يىلى 25-فېۋرال كۈنى ئوخشاش زوراۋانلىقنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىمۇ سادىر قىلغان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىگە مىلتىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، خەلقنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئىدى. گومىنداڭ خىتاي ھاكىمىيەتى 28-فېۋرال كۈنى تەيۋەندە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ جايدىمۇ بىر مۇستەملىكەچى، ئىشغالىيەتچى ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

«فورموزا (گۈزەل ئارال) ۋەقەسى» (美麗島事件)

خىتاي كومۇنىستلىرىغا قارشى ئىچكى ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان 1948-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى «توپىلاڭنى تىنجىتىش سەپەرۋەرلىكى دەۋرىدىكى ۋاقتلىق نىزامنامە» (動員戡亂時期臨時條款) نى ئېلان قىلىپ، نورمال سىياسىي جەريانلار ۋە ھوقۇقلار چەكلىمىگە ئۇچرىدى. گومىنداڭ ھاكىمىيەتى ئاساسىي قانۇننى يانداپ ئۆتەلەيدىغان بۇ نىزامنامەنى تەيۋەنگىچە سۆرەپ ئېلىپ كەلدى. ۋاقتلىق نىزامنامە مەزگىلىدە گومىنداڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سۈنئىي ھەمرا پارتىيەلىرىدىن باشقا سىياسىي گۇرۇھلارنى قۇرۇشنىڭ قانۇنسىز ھېسابلىنىشى، بولۇپمۇ 1979-يىلى ئامېرىكا تەرەپ كومۇنىست خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن ھەرقانداق تۈردىكى سايلام ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ چەكلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن، بۇرۇن «پارتىيە سىرتىدىكىلەر» (党外) نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆكتىچى سەرخىللار 1979-يىلى 7-سېنتەبىر كۈنى «گۈزەل ئارال» ياكى تەيۋەننىڭ بۇرۇنقى نامى بولغان «فورموزا» (تەيۋەننىڭ يەنە بىر ئىسمى) ناملىق بىلەن بىر ئايلىق ژورنال تەسىس قىلدى.

«فورموزا ۋەقەسى» دە قولغا ئېلىنغان «گۇماندارلار»: ئوڭدىن سولغا: 1-لۈي شيۇۋليەن (تەيۋەننىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى)، 2-شى مىڭدې (دېموكراتىك تەرەققىيپەرۋەر پارتىيەنىڭ سابىق رەئىسى)، 4-چىن جۈ (گاۋشيۇڭ شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى)

دەسلەپكى تارقىتىلىشىدىلا 70 مىڭ پارچە سېتىلغان بۇ ژورنال دائىرىلەرنى قاتتىق چۆچۈتكەن ۋە گومىنداڭ ھاكىمىيەتى مەزكۇر ژورنالدىن قۇسۇر ئىزدەشكە كىرىشىكەن. دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى ۋە ھاكىممۇتلەقلىققە قارشى ماقالىلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بۇ ژورنالنىڭ تەھرىرلىرىدىن تارتىپ، مەسئۇل مۇھەررىر ۋە تارقاتقۇچىلىرىغىچە تۈزۈلمە ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۆكتىچى زاتلار، چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەن زىيالىي ياشلار قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، تەشكىلات ۋە پارتىيە قۇرۇش چەكلەنگەن بۇ مەزگىلدە خەلق ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشىدىغان بىر ئورگانغا ئايلانغان. قانۇنىي ۋاستىلەر بىلەن تاقاشقا ۋاقتلىق ئامالسىز قالغان گومىنداڭ ھاكىمىيەتى لۈكچەك ۋە مەخپىي ساقچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ژورنالنىڭ تارقىتىش مەركەزلىرى ۋە مەسئۇل خادىملىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىشقا باشلىغان.

1979-يىلى 10-دېكابىر كۈنى يەنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» فورمۇزا ژورنىلىنىڭ گاۋشيۇڭ شەھەرلىك مەركىزى ئالدىدا تېنچ نامايىش قىلىۋاتقان خەلق قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلۇپ، كۆپ ساندا كىشى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. فورموزا ژورنالىنىڭ مەركەزلىرى پېچەتلەنگەن ۋە چوڭ تۇتقۇن باشلىنىپ كەتكەن. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن گومىنداڭ ھاكىمىيەتى ھۆكۈمەتكە نارازىلىقى بار دەپ بىلگەن ئۆكتىچى زاتلارنى پۈتۈنلەي تۇتقۇن قىلىپ، «توپىلاڭ كۆتۈرۈش» جىنايىتى ئارتىپ ھەربىي سوتتا سوتلاشقا تەييارلانغان. چەتئەلدىكى تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوتنىڭ ئوچۇق يورۇقلىقىغا گۇمان قىلىپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى گومىندا ھاكىمىيەتىنى بۇ قېتىم ئوچۇق سوت ئېلىپ بېرىشقا ۋە شۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلاپ، خىتاي كومۇنىستلىرىدىن پەرقلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە مەجبۇر قىلغان. نەتىجەدە 1980-يىلى 20-فېۋرال كۈنى مەزكۇر «توپىلاڭ»دا باش «جىنايەت گۇماندارلىرى» ھېسابلانغان سەككىز كىشىگە تۇنجى قېتىم ئوچۇق ھەربىي سوت ئېچىلىپ، «قانۇنسىز ۋاستىلەر بىلەن دۆلەت ھاكىمىيەتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» بويىچە جىنايەت ئارتىلغان. 18-مارت كۈنى بولسا 10 كۈنگە سوزۇلغان سوت جەريانى رەسمىي باشلانغان. تۈرلۈك بېسىملار، ھەتتا ئۆلۈم تەھدىتلىرىگە قارىماي مەزكۇر سەككىز نەپەر «جىنايەت گۇماندارلىرى» غا ئاقلىغۇچى بولغان 15 نەپەر ئادۋوكاتمۇ تېلىۋىزور ئارقىلىق تارقىتىلغان مەزكۇر سوتتا ئالاھىدە كۆزگە تاشلانغان.

«فورموزا ۋەقەسى» نىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىرى. ئالدىنقى رەت ئويدىن سولغا: 1-چىن شۈيبىيەن (تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى)، 2-سۇ جىنچاڭ (تەيۋەننىڭ ھازىرقى مەمۇرىي مەھكىمە رەئىسى)، 3-شې چاڭتيڭ (تەيۋەننىڭ سابىق سابىق مەمۇرىي مەھكىمە رەئىسى ۋە ھازىرقى ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ۋەكىلى)

«جىنايەت گۇماندارلىرى» ئىچىدە سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت لۈي شيۇۋليەن، سابىق گاۋشىيۇڭ شەھەر باشلىقى چىن جۈ ۋە سابىق دېموكراتىك تەرەققىيپەرۋەر پارتىيە رەئىسى شى مىڭدې قاتارلىقلار، ئادۋوكاتلار ئىچىدە بولسا سابىق پرېزىدېت چىن شۈيبىيەن، ھازىرقى مەمۇرىي مەھكىمە رەئىسى سۇ جىنچاڭ ۋە سابىق مەمۇرىي مەھكىمە رەئىسى ۋە ھازىر تەيۋەننىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى شې چاڭتيڭ قاتارلىقلار بار ئىدى. «جىنايەت گۇماندارلىرى» نىڭ تەيۋەن ئىچى ۋە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار يىغىلغان ئوچۇق سوتتىكى سەۋىيەلىك، ئورۇنلۇق ۋە تەسىرلىك نۇتۇقلىرى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن شەكىلدىكى ئاقلاشلىرى تەيۋەن جەمئىيىتىدە سۆزلەش چەكلەنگەن دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ئەركىنلىك ھەققىدە تەيۋەن خەلقىنىڭ نىدالىرى ۋە ھەقلىق تەلەپلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىغان بولدى. گەرچە خەلقئارا بېسىملار بىلەن سەككىز كىشىنىڭ ھېچقايسىسىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىگەن بولسىمۇ، فورموزا ژورنىلى مەسئۇللىرى 10 يىلدىن تارتىپ ئۆمۈرلۈك قاماققىچە بولغان ئېغىر جازالار بىلەن دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش كۈرىشىدە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى. 1981-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن شەھەر باشلىقى ۋە ناھىيەلىك يەرلىك سايلاملاردا فورموزا ژورنىلى مەسئۇللىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئاكتىپ قاتناشتى ۋە يېڭىپ چىقتى. «گۈزەل ئارال ۋەقەسى» ھاكىمىيەتنىڭ دېموكراتىيەگە سىزغان چېگرالىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تېخىمۇ كەڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتلارغا يول ئاچتى ۋە تەيۋەننىڭ خەلقئارادا كۆزگە چېلىقىشى، ئېتىبارغا ئېلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ھەتتا كېيىن قۇرۇلغان «دېموكراتىك تەرەققىيپەرۋەر پارتىيە»نىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنى سىياسىي سەھنىگە چىقىرىپ خەلققە تونۇتتى.

«جياڭ جىڭگونى قەستلەش ۋەقەسى» (四二四刺蔣案)

1970-يىلى ئاپرېلنىڭ ئاخىرى ئەينى چاغدىكى خىتاي مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى بولغان جياڭ جىڭگو خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دائىمىي ئەزالىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا ئەمەلگە ئاشمىغان بىر قېتىملىق قەستلەشكە ئۇچرايدۇ. بۇ ھەرىكەتنى ئىجرا قىلغۇچىلار «تەيۋەن مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئىتتىپاقى» (台湾独立建国联盟) نىڭ ئەزالىرىدىن كورنېل ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتى خۇاڭ ۋىنشيۇڭ ۋە نيۇ-يوركتىكى بىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ئارخىتېكتورى جىڭ زىتسەي ئىككى كىشى ئىدى. نيۇ-يوركتىكى داڭلىق پلاتزا مېھمانخانىسىغا يىغىن ئۈچۈن ئايلانما ئىشىكتىن كىرىپ كېلىۋاتقان جياڭ جىڭگوغا خۇاڭ ۋىنشىيۇڭ شۇئار توۋلىغان ھالدا ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە پاي ئوق ئاتقان. كىشىلەر توپىدىكى بىرىنىڭ مۇداخىلە قىلىشى بىلەن ئېتىلغان ئوق ئايلانما ئىشىكنىڭ ئەينەك قانىتىغا تېگىپ، جياڭ جىڭگو قۇتۇلۇپ قالغان.

جۇغى كىچىك خۇاڭ ۋىنشيۇڭنىڭ كۈچتۈڭگۈر ساقچىلارنىڭ تۇتقۇنىدا قەددىنى تىك كۆتۈرۈپ تۇرغان مەغرۇر ھالىتى ۋە بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئامېرىكادىكى چوڭ-كىچىك گېزىتلەردە كەڭ يەر ئالغان. بۇ ۋەقەدە ھەممىنىڭ دېققىتىنى تارتقان يەنە بىر نۇقتا ۋەقەگە قاتناشقۇچى ئىككى كىشىنىڭ سالاھىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىر كەسپىي ئارخىتېكتور ۋە داڭلىق ئۇنىۋېرىستېتنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پارلاق كېلەچىكىدىن تەيۋەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۈچۈن ۋاز كېچەلىگەنلىكىدەك پىداكارلىقى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن.

ھەتتا بۇ ئىككى كىشىنى كېپىللىككە قويۇپ بېرىش ئۈچۈن چەتئەللەردىكى تەيۋەنلىكلەرنىڭ بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا 250مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە كېپىللىك پۇلى يىغىپ بولغانلىقىمۇ گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان. ئەپسۇسكى، بۇ ئىككى شەخسنىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن مەزگىلدە ئامېرىكادىن ئايرىلىپ، ياۋروپاغا قېچىپ پاناھلىق تىلىگەنلىكى تەيۋەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە زور ئىقتىسادىي زىيان سالغان ۋە ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزگەن. نەتىجىدە ئۇلاردىن چىڭ زىتسەي شىۋىتسىيەدىن ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ بەش يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلغان. لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن تەيۋەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتى مۇشۇ ۋەقە سايىسىدە ئامېرىكادا تونۇلۇشقا ۋە دىققەت تارتىشقا باشلىغان.

قەستكە ئۇچراپ قۇتۇلغان جياڭ جىڭگومۇ شۇ قېتىملىق سەپەردىن كېيىن قايتا چەتئەلگە چىقمىغان. ۋەقەگە قاتناشقۇچىلار بولسا ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ 90-يىللارنىڭ باشلىرى، يەنى دېموكراتىك ئىسلاھاتلاردىن كېيىن ئانا يۇرتى تەيۋەنگە قايتىپ كېلىپ، تەيۋەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە يەنىلا ئاكتىپ ھالدا قاتناشقان ۋە شۇ قېتىملىق پىداكارانە ھەرىكىتىگە پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خۇلاسە

تەيۋەن خەلقى گومىنداڭ ھاكىمىيەتى ۋە قوراللىق قىسىملىرى ئىشغال قىلغان 1945-يىلىدىن تارتىپ تاكى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان دېموكراتىك ئىسلاھاتلارغىچە بولغان جەرياندا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئاممىۋىي نارازىلىق، تېنچلىق نامايىشى، كۆپ خىل تەشۋىقات، ھەتتا قىسمەن قوراللىق ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارشىلىقلارنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇردى ۋە بۇ جەرياندا كۆپ قۇربان بەردى. مەزكۇر ھەرىكەتلەردە چەتئەلدىكى داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغان، كەسپىدە ئۇتۇق قازانغان زىيالىيلارنىڭ يولباشچىلىق قىلىشى ۋە باش بولۇپ قۇربان بېرىش روھى، تەيۋەندىكى ھازىرقى دېموكراتىك مۇھىتنى يارىتىشتا ۋە ئۇنى داۋاملىق ئىسلاھ قىلىشتا تولىمۇ ھالقىلىق ۋە ئۈلگەلىك رول ئوينىدى.

(داۋامى بار)


ئالدىنقى قىسىمى تۆۋەندىكى ئۇلانمادا:

تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق يولى (1): خەلقئارا كېلىشىملەردىكى يوچۇق ۋە ئۇپۇقلار

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top