You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » خوجانىياز ھاجىم

خوجانىياز ھاجىم

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

خوجانىياز ھاجىم سابىت داموللامنى يولغا ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇچقۇر خىيال تۇلپارى ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا چاپقىلى تۇردى. ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ، بۇ ھاياتتىن قىسقىچە خۇلاسسە چىقىرىپ، بۇندىن كېيىنكى ھايات يوللىرىنى پىلانلاش ئۈچۈن چوڭقۇر سۇكۇنات ئىچىگە چۆمدى. ئۇ ئۆزى قوپال، سۈرلۈك، بىر ئاز تەرسا بولسىمۇ ناھايىتىمۇ ساددا، ئاق كۆڭۈل كىشى ئىدى. ئۇ تا ھازىرغىچە ئۆزىگە ئەگىشىپ جەڭ قىلغان سەپداشلىرىنى چىن دىلى بىلەن سۆيگەچكە، ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ قۇچاق ئېچىپ سۆيۈشىگە مۇيەسسەر بولغان مەردانە يولباشچى بولۇپ قالغان ئىدى. ئەنە شۇ مەردانىلىقى، بەقۇۋۋەت باتۇرلۇقى ۋە مەرگەنلىكى بىلەن ياش ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا ئەل ئىچىدە «پەلگان» دەپ، نام ئالغان نوچىلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھايات يولىدىكى جاپالىق سەپەرلىرى ئون سەككىز ياشقا كىرىش بىلەن تەڭلا باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. 1907 – يىللىرى قىش ئايلىرىدا ئىمىننىياز ئاخۇن ئائىلىسىگە شىڭشىڭشىيادىكى خىتاي چېرىكلىرىگە ئوتۇن، سامان ئاپىرىش ئالۋىنى كەلگەنىدى. ئىمىننىياز ئاخۇن بۇ ئالۋاڭغا ئوغلى خوجانىيازنى ئەۋەتكەن ئىدى.

خوجانىياز بۇ ئالۋاڭنى تۈگىتىپ كۆپچىلىك بىلەن قايتىشىدا يولدا، قاتتىق قار – شېۋىرغان ئىچىدە قالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشى يولدىن ئېزىپ كېتىپ، قاتتىق سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلۇپ كەتكەن ئىدى. پەقەت خوجانىياز بىلەن ئوردا بېگى ئىشاق ۋە يەنە بىر كىشى بولۇپ، ئاران ئۈچ كىشىلا ساق قالغانىدى. مانا شۇ قاتتىق شېۋىرغانلىق كېچىدە يولدا توڭلاپ قالغان 20 دەك خىتاي چېرىكىمۇ بار ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ چېرىكلەرنىڭ يانلىرىدا 50 سەر تەڭگە، ئىككى جىڭ ئەپيۇن بارمىش. ھازىر بۇ ماللار يوقالغان بولغاچقا چارلاشقا چىققان خىتاي چېرىكلىرى يول ئۈستىدە بۇ ساق قالغان ئۈچىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇلارنىڭ يانلىرىنى ئاختۇرۇپ تەكشۈرگەن ئىدى. شۇ چاغدا خوجانىيازنىڭ يانچۇقىدىن بىر تەڭگە پۇل چىقىپ قالغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن چېرىكلەر خوجانىيازدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنى قولغا ئالغان ۋە بىر ئايغا يېقىن ئېغىر ئەمگەككە سالغانىدى. دەل مۇشۇ چاغدا قورايدا «تورپاقلار» قوزغىلىڭى يۈز بەرگەنىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغا خوجانىياز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ، تاغ يولى ئارقىلىق يول يۈرۈپ، قوزغىلاڭچىلار سېپىگە قوشۇلغانىدى. ئەمما بۇ قوزغىلاڭ ۋاڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم باشلىماي تۇرۇپلا ناھايىتى تېزلا مەغلۇپ بولغانىدى.

شۇ چاغدىكى قۇمۇلنىڭ ۋاڭى شامەخسۇت ۋاڭ بۇ قوزغىلاڭچىلار ئىچىدە خوجانىيازنىڭمۇ بارلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانىدى. قاتتىق ئەنسىزچىلىك ئىچىدە قالغان خوجانىيازنىڭ ئانىسىنى ئۇنى بىر ئاماللارنى قىلىپ يوشۇرۇن ھالدا تۇرپانغا يولغا سېلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ تۇرپاندا ئۆز ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئىشاق دېگەن نام بىلەن ئاستانە مەدرىسىسىدە بىر يىل مەخسۇت مۇھىتى، مەھمۇت مۇھىتىلار بىلەن بىرگە ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇغان ئىدى. مانا ئاشۇ ئوقۇش يىللىرىدا خوجانىياز موھىتى ئائىلىسى بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتقان ئىدى. خوجانىيازنىڭ تۇرپاندىكى بەختلىك ئوقۇش ھاياتىمۇ ئانچە ئۇزۇنغا سۇرمىگەن ئىدى. چۈنكى قۇلىقى ئۇزۇن شامەخسۇت ئۇنىڭ تۇرپاندا ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى. بۇ چاغدا خوجانىياز ھەرەمگە ماڭغان ھەج ئۆمىكى بىلەن ھەج سەپىرىگە چىقىپ كەتتى. ئۇ ھەرەمدە ئۈچ يىلدىن ئوشۇق تۇرغاندىن كېيىن 1912 – يىلىنىڭ بېشىدا ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنىدى. بۇ دەل تۆمۈر خەلىپىنىڭ يول باشلىشىدا قۇمۇل دېھقانلىرى شامەخسۇت ۋاڭغا قارشى ئىنقىلاب قىلىۋاتقان مەزگىللەر بولغاچقا، ئۇ يەنە قولىغا قورال ئېلىپ بۇ ئىنقىلابقا قاتناشقانىدى. قۇمۇل تاغلىرىدا ئىنقىلاب غەلىبىگە ئېرىشىپ، تازا راۋاجلىنىۋاتقاندا تۆمۈر خەلىپە ياڭ زىڭشىڭنىڭ دامىغا چۈشۇپ، ئۈرۈمچىگە چىققانىدى ۋە شۇ جايدا سۇيقەستكە ئۇچراپ شېھىت بولغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىنقىلاب پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانىدى. بۇ چاغدا خوجانىياز ھاجىم تاغدىدىكى ئىنقىلابىي قوشۇنغا بىر مەزگىل قوماندانلىق قىلىپ، شاھمەخسۇتقا قارشى بىر مەزگىل ئۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرى قورال – ياراقلارنىڭ ناچارلىقى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ئازلىقى سەۋەبىدىن ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىپ، قوشۇنىنى تارقىتىۋېتىپ، ئۆزى يەككە – يېگانە تەڭرىتاغلىرىنى ماكان قىلىپ، ئوۋچىلىق بىلەن جېنىنى جان ئەتكەنىدى.

بۇ چاغدا شاھمەخسۇت ۋاڭ پۈتۈن يەرگە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى. لېكىن بۇ تاغ قاپلىنىنى كىممۇ تۇتالىسۇن دەيسىز. ئۇ ئەنە ئاشۇنداق ئۆزىگە ماكان بولغان تاغ تىزمىلىرىنى بويلاپ يول ئېلىپ، ئاخىرى رۇسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كەتكەنىدى. كېيىن ئۇ يەركەنتە ۋەلىباي بىلەن تونۇشقانىدى. خوجانىياز ھاجىم ۋەلىباينىڭ ھىمايىسىدە ئوۋچىلىق تىجارىتى قىلىپ، ھال – ئەھۋالى ئوبدانلا ياخشى بولۇپ كەتكەنىدى. 1917 – يىلى رۇسىيەدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك خەلقلىرىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىگە كىرگەنىدى ۋە بۇ جەرياندا بىر قاتار سىياسىي ۋەقەلەر، ئۇرۇشلار يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ جۇغراپىيەدىكى يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ئىشلار خوجانىياز ھاجىمنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقانىدى. خوجانىياز ھاجىممۇ بۇ ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ ماڭغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆچكەن ئىنقىلاب ئوتى قايتىدىن يالجىشقا باشلىغانىدى. ئۇ دەسلەپتە ۋەلىباينىڭ ياردىمى بىلەن ھەربىي سەپكە قاتتاشقانىدى، كېيىن رەسمى نۇقتىلىق ھالدا ھەربىي تەلىم – تەربىيە ئېلىش مەكتەپلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇ مەكتەپلەردە دۇنيادىكى ئىلغار ھەربىي بىلىملەرنى ئۆگەندى ۋە بارلىق ئىلغار ھەربىي قوراللار بىلەن تونۇشۇپ چىققانىدى. ئۇ بۇ جەرياندا ئۇرۇش قانۇنىيەتلىرى نەزەرىيەسىنى ۋە ھەر خىل ئىلغار قوراللارنى ئېتىشنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن ئىدى. ئۇ خېلىلا ئوبدان ھەربىي بىلىملەرنى ئالغاندىن كېيىن، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى بىر قانچە شەھەرلەردە ئېكىسكۇرسىيەدە بولغان ئىدى. بۇ جەرياندا رۇس شەھەرلىرىدىكى خەلقنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنىدى. كونا ساۋاقدىشى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن ئىلغار زىيالىلار بىلەنمۇ تونۇشۇش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە بولغان ئىدى.

خوجانىياز ھاجىمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى دەۋرى ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تازا ئويغانغان، مىللىي تۇيغۇسى يۈكسىلىۋاتقان، ھەرخىل مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرى گۈللىنىۋاتقان چاغلىرىغا توغرا كەلگەچكە، خوجانىياز ھاجىمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ بۇ خىلدىكى مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان ئىدى. بولۇپمۇ ئەينى چاغدىكى يەتتە سۇ زىيالىلىرىنىڭ كۆزى بولغان ئابدۇللاھ روزىباقىيۇۋ بىلەن يېقىن سەپداشلاردىن بولۇپ قالغانىدى. 1920 – يىلى خوجانىياز ھاجىم يەتتەسۇدا ئابدۇللاھ روزىباقىيۇۋ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئالتە شەھەر – جۇڭغار ئىتتىپاقى» ناملىق تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ كىرگەن ئىدى. ھازىر بولسا خوجانىياز ھاجىم ئەنە ئاشۇنداق كەچمىشىدىكى ئېسىل خاتىرىلەرنى ئەسكە ئېلىپ، بىر ئاز ھازىرقى رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ داۋاملىق خىيال دېڭىزىدا ئۈزۈشكە باشلىدى. ئۇ تاشكەنتتىكى چاغلىرىنى خاتىرىلىدى. ئاشۇ خاتىرىلەر ۋۇجۇدىدىن تېشىۋاتقان ۋولقاندەك كۈۋەجەپ تۇراتتى. شۇ چاغلار ئۇنىڭ ئۈمىد ئاسمىنىدىكى بوشلۇقلارنى بىر – بىرلەپ تولدۇرغان ئاجايىپ گۈزەل زامانلار ئىدى. ئەينى چاغدا، ئۇيغۇر تارىخىدا ئەڭ تارىخىي ئەھمىيەتتە ئىگە بولغان، مىڭ يىللارچە تەكلىماكان قۇملۇقى ئىچىدە دۈملىنىپ ياتقان «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ شەرەپلىك نامنىڭ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ۋە بۇ نامنىڭ ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ مىللەتنىڭ مەڭگۈلۈك مۇقەددەس نامىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا ۋەسىلە بولغان تاشكەنت قۇرۇلتىيى ئېچىلغان ئىدى. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق بۇ قۇرۇلتاي ئەينى چاغدىكى ئىلغار زىيالىلار قوشۇنىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولغان ئابدۇللاھ روزىباقىيۇۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «كالتە چاپانلار تەشكىلاتى»، «مەدەنيەتپەرۋەرلەر تەشكىلاتى» ۋە «ئالتە شەھەر – جۇڭغار ئىتتىپاقى» نىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 1921 – يىلى 3 – ئىيۇندىن 6 – ئىيۇنغىچە تاشكەنتتە تەنتەنىلىك ئېچىلغانىدى.

بۇ قۇرۇلتايغا ئابدۇللاھ روزىباقىيۇۋنىڭ تەكلىپى بىلەن خوجانىياز ھاجىممۇ ئىشتىراك قىلغان ئىدى. يېغىن ھەقىقەتەن ھاياجان بىر كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىغىنغا 99 تارانچى ۋە قەشقەرلىكلەردىن باشقا يەنە ئون تۇڭگان، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تاتار قاتارلىق مىللەتلەر قاتناشقان ئىدى. جەمئى 122 ۋەكىلنىڭ ئىچىدە 55 كاسىپ، 22 دېھقان، 18 ئىشچى، 17 زىيالى، 10 ھەربىي بولۇپ، ھەرقايسى قاتلام ئاۋانگارتلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر زور ۋەكىللەر قوشۇنىدىن ئىبارەت ئىدى. ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك مىللەتلىرى ئىچىدە قاتتىق بۆلۈنۈش ئەۋج ئالغان ئىدى. بۇ بىر تەرەپتىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسى بويىچە يېيىلغان مىللەتچىلىك ئېقىمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان تەسىرىدىن بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك خەلقىنى پارچىلاپ ئىدارە قىلىش ھىلىسىنىڭ يەنە بىر قارا يۈزى بولۇپ ھېسابلىناتتى. بۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك خەلقلىرى بىر – بىرى بىلەن بولغان ئوخشاشلىقتىن بەتتەررەك پەرقلىق بولغان يەرلىرىنى بەكرەك نەزەرگە ئالغان ئاساستا قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك، تۈركمەن قاتارلىق مىللىي كىملىكلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ۋاھالەنكى بۇ چاغدا ئۇيغۇرلاردا بۇنداق بىر كىملىك تېخى شەكىللەنمىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار بەزىلىرى ئۆزلىرىنى تارانچى دەپ ئاتىسا، بەزىلىرى قەشقەرلىك، يەنە بىزىلەر خوتەنلىك دەپ ئاتاپ كېلىۋاتاتتى.

دېمەك، نەچچە ئەسىردىن بېرى بەزىدە مۇسۇلمان كىملىكى بىلەن بەزىدە جۇغراپىيىۋى ئورۇن كىملىكى بىلەن ئاتاپ كېلىۋاتقان بۇ مىللەتنى، ئۆزىگە خاس بولغان چىرايلىق ئەسلى ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان زامان يېتىپ كەلگەن ئىدى. دېمىسىمۇ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان بۇ قەۋمنى ئەبەدىي ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرخىل ناملار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ئەسلى نامى بىلەن «ئۇيغۇر» دەپ، ئاتاش ھەقىقەتەن بىر زۆرۈرىيەت ئىدى. مانا مۇشۇ تاشكەنت قۇرۇلتىيى بولسا شۇ ھەرخىل ئاتىلىۋاتقان ناملارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق بىر نام بىلەن ئاتاش توغرىسىدا قارار ماقۇللاش ئۈچۈن ئېچىلغان تارىخ بۆلگۈچ مۇھىم بىر قۇرۇلتاي بولۇپ ھېسابلىناتتى. بۇ قۇرۇلتاينىڭ كۈن تەرتىبىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەردىن يەنە نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە خىتاينىڭ ئەھۋالى، مىللىي مەسىلە، ئىنقىلابىي ئىتتىپاقنىڭ يېقىن مەزگىلدىكى ۋەزىپىسى ۋە تەشكىلى مەسىلىلەر قاتارلىق بىر مۇنچە مەسىلىلەر بار ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا «ئالتە شەھەر – جۇڭغار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭ نامىنى رەسمى ھالدا «ئۇيغۇر ئىنقىلابىي ئىتتىپاقى» دەپ ئۆرگەرتىش قارار قىلىنغان ۋە «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى مىللەتنىڭ نامى قىلىش قارارى ئېلىنغان ئىدى.

مانا بۇ قارارلار ئېلىنغان چاغدا خوجانىياز ھاجىم ئىنتايىن ھاياجان ئىچىدە ئۆزىنىڭمۇ بىر كىشىلىك كىملىكىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلەنگەن ھەمدە قۇرۇلتاي قارارى بويىچە ئالتە شەھەر ۋە جۇڭغارىيەدىن ئىبارەت بۇ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىكى خەلقلەرنى «ئۇيغۇر ئىنقىلابىي ئىتتىپاقى»نىڭ تەسىرى ئاستىغا ئېلىش ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئويغىتىش لازىم ئىدى. شۇڭا ئالدى بىلەن ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئېڭىنى ئويغىتىش ئۈچۈن ھەرخىل ئاقارتىش ئىشلىرىنى يولغا قويۇش، زامانىۋى مائارىپ ئارقىلىق جەڭگىۋار ئاۋانگارت قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئومۇمىيۈزلۈك بىر ئىنقىلابنى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ئەينى چاغدا خوجانىياز ھاجىم تاشكەنت قۇرۇلتىيىغا قاتناشقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان سودىگەرلىرى كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم جايلارغا بېرىپ ئۇ يەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق سودىگەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن تونۇشقان. كونا ساۋاقدىشى مەخسۇت مۇھىتى ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەلگەن.

ئۇ شۇ قارارلارنىڭ تۈرتكىسىدە رۇسىيەدىكى ئون يىللىق سەرگەردانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 1923 – يىلى غۇلجىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن غۇلجىدىكى ئىلغار پىكىرلىك بايلار ۋە زىيالىلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان. بولۇپمۇ غۇلجا بايلىرىدىن ھۇسەن باي ھاجىم، ياقۇپ باي ۋە ھېكىم بەگ خوجىلار بىلەن يېقىن دوستلۇق قۇرغان، ئۇلار بىلەن كۆپ قېتىم سابىت داموللامنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ھەم سۆھبەتلەردە بولغان. ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ، بۇ يولدا بىر ئەمەلىي ئىش قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن تەشكىللىك ۋە پىلانلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزەتكەن، تەشكىللەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇلللانغان. ئۇ بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇرت كاتتىلىرى، ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان. ئۇلارنىڭ ئىنقىلاب قىلىش ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە يېقىندىن ياردەم قىلغانىدى. خوجانىياز ھاجىم خەلقنىڭ ئىچىدىكى ھەرساھە ئاممىنى ئويغىتىشتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۆگەنگەن تەجرىبىلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەرگەن. بولۇپمۇ رۇسىيەدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ، ئۇ يەرلەردىكى خەلقنىڭ ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى يۇكسىلىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى يېڭىلىققا يۇزلىنىشكە چاقىرغان.

1927 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا خوجانىياز ھاجىم ئاكا – ئۇكا مەخسۇت مۇھىتى ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزى قۇمۇلدا، مەخسۇت مۇھىتىلار تۇرپاندا بىرلا ۋاقىتتا قوزغىلىپ، ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر قارارغا كەلگەن. دەل شۇ چاغدا خوجانىياز ھاجىمنىڭ دادىسى ۋاپات بولغا خەۋىرى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن خوجانىياز ھاجىم قۇمۇلغا يولغا چىققان. ئۇ قۇمۇلغا كەلگەندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق كۆزىتىش ئېلىپ بارغان.

1928 – يىلى 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى شامەخسۇت ۋاڭ ئۆلۇپ ئورنىغا ئوغلى نەزەر ۋاڭ بولغان. 1928 – يىلى 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ياڭ زېڭشىن فەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن جىن شۇرېن فەن ياۋنەننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ زېمىندا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بولۇۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەر قوزغىلاڭ ھازىرلىقىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە شۇنداق قىلىپ، 1931 – يىلى 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى باشلىنىپ، بۇ ئىنقىلابقا خوجانىياز ھاجىم باش بولغان. دېمەك، ئوتتۇز يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىنقىلاب قىلىش بىلەن سۈدەك ئېقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بۇ يىللاردا نۇرغۇن دۆلەت ۋە نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ھەر ساھە، ھەر تەبىقىدىكى ئىنسانلار بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇلار بىلەن مەيلى سودا قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن بولسۇن، مەيلى ئۆگىنىش ۋاسىتىسى بىلەن بولسۇن، مەيلى ھەج قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن بولسۇن ۋە ياكى ئىنقىلاب قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن بولسۇن ئىشقىلىپ بارلىق سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن ئۇچراشقان ئىدى.

مانا مۇشۇ جەرياندا كۆپ تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغانىدى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندى ھەمدە نۇرغۇن جان ئالغان ۋە نۇغۇن جان بەرگەن ئىدى. ئۆزى ئاخىرەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىن نەچچە قېتىم قايتىپ كەلگەن يەرلىرىمۇ بولمىدى ئەمەس بولغانىدى. خوجانىياز ھاجىم ئەنە ئاشۇنداق بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلىرىنى ئويلاپ ئاخىرى بىر قارارغا كەلگەن ئىدى. ئۇ دۈشمەندىن قورقمىغان بىلەن قارارسىزلىقتىن قورقاتتى. شۇڭا ئۇ ھەردائىم ئەڭ خاتا قارار، قارارسىزلىقتىن ياخشى دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ 30 يىلغا يېقىن ۋاقتى ئەنە ئاشۇنداق خاتا ۋە توغرا قارارلارنى ئېلىش بىلەن ئۆتكەن بىر زاماننىڭ جەريانى ئىدى. مانا ۋاقىت يەنە توختىماي ئۆتمەكتە، ھېچ ئۈنىنى چىقارماي ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئېلىپ كەتمەكتە. بەرگىنىدىن بەكرەك، ئېلىپ كېتىۋاتقىنى كۆپ بولماقتا، چۈنكى ئەنە شۇ زامانلار ئىچىدە توغرا قارارلاردىن بەكرەك خاتا قارارلار ئېلىنماقتا. توغرا قارارلار ئىنسانلارنى غەلىبىگە، نىجادلىققا يۈزلەندۈرسە، خاتا قارارلار مەغلۇبىيەتكە، ھالاكەتكە يول ئاچماقتا.

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top