You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ما جۇڭيىڭ

ما جۇڭيىڭ

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

1933- يىلىنىڭ ئاخىرى قىش باشلىنىش بىلەن تەڭلا ما جۇڭيىڭ ئۈرۈمچىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى. دەسلەپتە ما جۇڭيىڭ قىسىملىرى تېز ئالغا ئىلگىرىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرى داۋاملىق قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. شۇنداق قىلىپ شەھەرنىڭ جەنۇبى قوۋۇق تەرەپتە جەڭ بىرقانچە كۈن داۋام قىلدى. گەرچە بۇ چاغدا ما جۇڭيىڭ قىسىملىرى كۆپ چىقىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ھۇجۇمنى ھېچ بوشاشتۇرۇپ قويماي جەڭ قىلدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ما جۇڭيىڭ قىسىملىرى ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچىنى توپلاپ ئۈرۈمچىنىڭ قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، يەنە بىر قېتىم شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى ۋە ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىدىكى ئايروپىلان ئىستانسىسىنى بېسىۋىلىپ، ئىككى ئايرۇپىلاننى پاچاقلاپ تاشلىدى. بۇ چاغدا شېڭ شىسەينىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى.

مانا مۇشۇنداق جىددى پەيتتە بىرقانچە مىڭ سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى 30 ئايروپىلان، بەش تانكا، يىگىرمىدىن ئوشۇق تۆمۈر كوڭكا بىلەن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا باستۇرۇپ كىردى. سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسىم ئەسكىرى قورغاستىن كېرىپ، ئىلىدىكى جاڭ پىيۇەننى مەغلۇپ قىلىپ، ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى، يەنە بىر قىسىم سوۋېت ئەسكىرى كۈچى چۆچەك چېگراسىدىن كىرگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇدۇل ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن ئىدى. مانا بۇ كۈچلۈك سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى ئۈرۈمچى بوسۇغىسىنى دەسسەش بىلەن تەڭ ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن بىردەك ما جۇڭيىڭنىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، تۇڭگان قوشۇنلىرىنى تېرە پىرەن قىلىۋەتتى. تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ زەربە بەرگەن شېڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئەسكىرى كۈچلىرى بۇ ئۆزلىرىنىڭ باشلىرىغا بالا بولغان ما جۇڭيىڭنى ئۇدۇل ئاپىرىپ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۈرىيىتى بىلەن خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىرىغا بالا قىلىپ سالماقچى بولدى. بۇنداق بولغاندا «بىر پاي ئوق بىلەن ئىككى قۇشنى تەڭ ئاتقاندەك» ئاقىلانە ئىش قىلغان بولاتتى. شۇڭا شېڭ شىسەي بىلەن سوۋېت قوشۇنلىرى توختىماي ھاۋادىن بومباردىمان قىلىپ، تۇڭگانلارنى جەنۇب تەرەپكە سۈرۈپ قوغلىدى.

38 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان شېڭ شىسەينىڭ قارا قاشلىرىنىڭ ئاستىدىكى يوغان كۆزلىرىگە چۆككەن خاۋاتىرلىقلار ئەمدىلىكتە بولسا، ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۇ كىچىگىدىنلا خىتايلارنىڭ كىشىگە ھىلە – مىكىرلىكنى، ئۆز دۈشمىنىنى قانداق بويسۇندۇرۇشنى ئۆگىتىدىغان «ئۈچ سۆزلۈك دەستۇر» ۋە «سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ ۋە يادلاپ چوڭ بولغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇپ، زامانىۋىي ھەربىي ئىلىملەرنى ياخشى بىلگەچكە، ما جۇڭيىڭدەك شاش ئاق بوز ئاتنى قانداق قىلىپ قوتانغا ئەكىرىشنى، خوجانىياز ھاجىمدەك تاغ ئارسلانلىرىنى قانداق قىلىپ قەپەزگە سولاشنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ بۇ قېتىم «سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» ناملىق كىتابىدىكى «ئۆتنە ئالغان پىچاق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش» ھىلىسىدىن ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان بولۇپ، رۇسلارنىڭ ھەربىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، گىلىغا پىچاق تەڭلەپ، دىۋەيلەپ تۇرغان دۈشمىنىنى چىكىندۈرگەننى ئاز دەپ، ئۇنى يەنە بىر دۈشمىنىنىڭ ئۈستىگە بالا قىلىپ سېلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىدى.

ما جۇڭيىڭ ئۈرۈمچىدىن چېكىنىپ تۈرپانغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككى يول بار ئىدى. بىرى ئۆز يۇرتىغا قايتىش يولى، يەنە بېرى بولسا داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ يۈرۈش قىلىش يولى. مۇشۇنداق ئىككى يولنىڭ دوقمۇشىدا تۇرغاندا، شېڭ شىسەينىڭ ھەربىي كۈچلىرى ئايروپىلان ئارقىلىق تۈرپاننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن تەشۋىق ۋاراقلىرىنى يەرگە ياغدۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ۋاراقچىلارغا «تۈرپان شەھرىنى بومباردىمان قىلىمىز. ما جۇڭيىڭنى قوغلاپ چىقىرىپ، تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىنى ئۇيغۇرلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئەسكەرلىرىمىزنى ئېلىپ چىقىپ كېتىمىز» دەپ، يېزىلغان ئىدى. شېڭ شىسەي بۇ ئارقىلىق بىر چەتتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە ئۆزىنى ياخشى چاق قىلىپ كۆرسەتسە، يەنە بىر جەھەتتىن تۇڭگانلارغا ۋەھىمە سېلىپ، ئۇلارنى جەنۇبقا قوغلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى. ئەمما، ما جۇڭيىڭ بۇ تەھدىتلەرگە پىسەت قىلماي، تۈرپاندا مىدىرلىماي تۇرغانلىقى ئۈچۈن، سوۋېت ئايروپىلانلىرى ئاسماندىن بومبىلارنى ياغدۇرۇشقا باشلىدى. ھاۋادىن چۈشكەن بومبىلارنىڭ دەھشەتلىك پارتلاشلىرى نەتىجىسىدە، نۇرغۇن بىگۇناھ تۈرپان ئاھالىسى ئىسسىق جانلىرىدىن ئايرىلدى ۋە ئۆي ماكانلىرى كۆيۇپ كۇل بولدى.

ما جۇڭيىڭمۇ سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئۈستىدىن ياغدۇرغان بومبىلىرىنىڭ زەربىسى ئاستىدا بارغانسېرى ئۆز كۈچىدىن ئايرىلىپ، ئاخىرى قارا شەھەر ۋە كورلا تەرەپكە قاراپ قاچتى. ناھايىتى ئالاقزادە بولغان ما جۇڭيىڭ خاۋاتىرلىق ئىچىدە ئامالسىز جەنۇبنىڭ يولىنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ئىككىنچى بىر يولى يوق ئىدى. ئۇ ئۆز يۇرتى گەنسۇنىڭ يولىغا مېڭىشتىن ئۆلگىدەك قورقاتتى. چۈنكى، ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئەجىلىنى ساقلاپ تۇرغان دۈشمىنى مابۇفاڭ بار ئىدى. شۇڭا ئۇ قارا شەھەرگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. تۇڭگانلار قارا شەھەرگە كەلگەن چاغدا، شۇ يەردە تۇرىۋاتقان خوجانىياز ھاجىمنىڭ قوشۇنىنىڭ قوماندانى گېنېرال مەھمۇد مۇھىتى ئۇلارغا قارشى مۇداپىئە ئۇرۇشى قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا ھەر ئىككىلا تەرەپ قاتتىق تىركەشكەنلىكتىن، ناھايىتى قانلىق بىر مەيدان جەڭ يۈز بەردى. جەڭ تازا پەللىگە كۆتۈرۈلگەن چاغدا، تۇڭگانلار ھىلە ئىشلىتىپ چوڭ يولنى تاشلاپ دەريانىڭ جەنۇبىي قىرغىقىنى قوغداپ تۇرۇۋاتقان قەشقەردىن ياردەمگە كەلگەن ھاپىز تەنجاڭنىڭ قوشۇنىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ چېكىندۈرگەندىن كېيىن، گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىنى مۇھاسىرىگە ئېلىشقا كىرىشتى.

بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن گېنېرال مەھمۇد مۇھىتى تۇڭگانلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى پەملەپ، قارا شەھەر بىلەن كورلىنى تاشلاپ كۇچاغا چىكىندى. گەرچە تۇڭگانلار كورلىنى ئاسانلا قولغا كەلتۈرىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى بەكتىف قوماندانلىق قىلغان 3500 كىشىلىك زور بىر قوشۇننىڭ زەربىسىدىن قۇتۇلالمىغان ئىدى. بۇ قوشۇن چوڭ يولنى بويلاپ يۈرۈش قىلىپ، تۇڭگانلارنىڭ ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ قوغلاپ تۇرۇپ زەربە بېرىپ، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن تەڭ ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى كورلىدىن قوغلاپ چىقاردى. نۇرغۇن ئۆلۈكلىرىنى تاشلاپ قاچقان تۇڭگان قوشۇنى يەنە جەنۇبقا قاراپ قېچىپ، كۇچا تەرەپكە يول ئالدى. سوۋېتنىڭ رۇس، تاتار ۋە قازاق، خىتايلاردىن تەركىپ تاپقان نەچچە مىڭ كىشىلىك زور بىر موتورلاشقان قوشۇنى چوڭ يولنى بويلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. سوۋېت تەرەپنىڭ مەقسىدى خوجانىياز ھاجىم بىلەن ماجۇڭيىڭنى ئۇرۇشقا سەپ قويۇپ، ماجۇڭيىڭ ئاجىزلىغاندا ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، يىلتىزىدىن بىراقلا يوقىتىش ئىدى. شۇڭا گېنېرال بەكتىف كۇچاغا ئالدىرىماي يۈرۈش قىلدى. ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك كۇچادا مەھمۇد مۇھىتىنىڭ قوشۇنى بىلەن ما جۇڭيىڭنىڭ قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق بىر مەيدان جەڭ بولدى.

جەڭدە يەڭگىنى يەنىلا تۇڭگانلار بولدى. چۈنكى تۇڭگانلارنىڭ ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتىن باشقا يولى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇلار جان تىكىپ كۇچانى قولغا كەلتۈرۇشكە مەجبۇر ئىدى. يەنە بىر جەھەتتىن تۇڭگانلارنىڭ قوشۇنى مۇنتىزم تەربىيەلەنگەن قوشۇن بولۇپ، قوراللىرىمۇ خىل ئىدى. مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دېھقان بالىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى قورالنىڭ تايىنى يوق ئىدى، بۇنداق بىر قوشۇن بىلەن تۇڭگانلارغا تەڭ كېلىشى سەل تەس ئىدى. شۇڭا ئازراق جەڭدىن كېيىن گېنېرال مەھمۇد مۇھىتى بايغا قاراپ چىكىندى. ماجۇڭيىڭ كۇچانىمۇ غەلىبىلىك قولغا ئالغاندىن كېيىن ئۆز قوشۇنىنى قايتا رەتكە سالدى. ئەمما ئۇنىڭ كۈچى كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى. دەل مۇشۇنداق قىيىن بىر چاغدا، ماجۇڭيىڭنىڭ ئوشۇقى ئالچۇ چۈشۈپ، ئىلىدىن مەغلۇب بولۇپ قاچقان تۇڭگان قوشۇنلىرى مۇزات داۋىنى ئارقىلىق كۇچاغا يېتىپ كەلدى. بۇ قوشۇننىڭ سانى 3000 ئەتراپىدا بولۇپ، ھەممىسى ئېسىل قوراللار بىلەن قوراللانغا ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئىلىدىن مەجبۇرى يالاپ ئېلىپ ماڭغان ياش ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىمۇ، يول باشلىغۇچى ۋە ئات باقار قازاقلارمۇ بار ئىدى. مەيلى تۇڭگان ئەسكەرلەر بولسۇن، مەيلى ئىلىدىن كەلگەن ئۇيغۇر بىلەن قازاقلار بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز يۇرتىغا قايتىشنى ئويلايتتى. بۇنداق ئەھۋالنى سەزگەن سەزگۈر ما جۇڭيىڭ دەرھال ئۇلارنى يىغىپ ئۆزىنىڭ بارلىق ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، تەسىرلىك بىر نۇتۇق سۆزلىدى. ما جۇڭيىڭ شۇنچىلىك قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ سۇنماس جاسارىتىنى، ھەرگىز يوقالمايدىغان ئۈمىدۋارلىقىنى ۋە نادىر ئەقىل – پاراسىتىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا نامايەن قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ جاراڭلىق نۇتۇقلىرى ئىلىدىن كەلگەن بارلىق قوماندان – ئەسكەرلەرنى تەسىرلەندۈرگەنىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىدە تىڭىرقاپ قالغان ئادەمنى ئاسانلا ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بۇنداق سەتىرلەر بار ئىدى:

‐   ئەزىز يۇرتداشلار، قەدىرلىك قېرىنداشلار، جەسۇر باش ئەگمەس ئەسكەرلەر! ھەممىڭلار مېنىڭ قوشۇنۇمغا خوش كەلدىڭلار! مەن سىلەرنى پۈتۈن قەلبىم بىلەن قارشى ئالىمەن. مەن بولسام سىلەر بۇرۇنلا نام – شەرىپىمنى ئاڭلىغان «بالا قوماندان» بولىمەن. مەن ھازىر بۇ يەردىكى بارلىق مىللەتلەرنى ۋە مۇسۇلمان – مۆمىنلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ناھايىتى زور بىر تېررىتورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئۇلۇغ ئىسلام خانىدانلىقىنى قۇرۇپ چىقىپ، مۇشۇ يولنى تا مەككە – مەدىنىگىچە تۇتاشتۇرىدىغان شانلىق بىر غەلىبىنىڭ ئاساسىنى مۇشۇ زېمىندا سالماقچىمەن. مۇنداق ئۇلۇغ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە سىلەردەك باھادىر ئوغلانلارنىڭ، ئىسلام ئارسلانلىرىنىڭ ياردىمىگە موھتاجمەن. ئەسلىدىلا بىز بۇ ئۇلۇغ يولغا بىرگە چىققان. شۇڭا بۈگۈنكىدەك قاراڭغۇ كۈنگە قالغاندا، ئارقىغا يانغانلار بىزدىن ئەمەس. مەن ماڭغان يولۇمغا پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىشىنىمەن. ئۆزۈم ئىشەنگەن مۇنداق ئۇلۇغ يولغا سىلەردەك ئىشەنچىلىك ئەسكەرلەر بىلەن بىرگە چىقماق، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭگاھلاردا بىرگە جەڭ قىلماق مەن ئۈچۈن بىر بەخت! ئەمدى «ياق مەن يۇرتقا قايتىمەن» دەيدىغانلار بولسا، يەنە مەيلى، ئىختىيار ئۆزۈڭلاردا، ئەگەر راستىنلا قايتىدىغانلار بولسا، ئۇلارنى يېتەرلىك يول خىراجىتى ۋە ئوزۇق – تۆلۈك بىلەن تەمىنلەپ چىرايلىق ئۇزىتىپ قويىمىز.

ئەگەر ماڭا ئىشىنىپ بۇ يولدا مەن بىلەن ئاداقىچە ماڭىمىز دەيدىغانلار بولسا، بۇ مەن ئۈچۈن بۈيۈك بىر شەرەپ. سىلەرنى ئۆز جېنىمنىڭ بىر پارچىسى دەپ بىلىمەن. مەن بۇ دۇنيادا ئىمكانسىز دەيدىغان ھېچ نەرسە يوق دەپ قارايمەن. چۈنكى بىز ئىمكانسىزلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان، يوقنى بار قىلغان ئاللاھنىڭ يولىدا ماڭىدىغان، ئاللاھنىڭ ۋاپادار مۇجاھىتلىرى بىز! شۇڭا بىز ئارقىمىزدىن كېلىۋاتقان رۇس ۋە شىمالى ئارمىيە قاتارلىق بارلىق دۈشمەنلىرىمىز بىلەن قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، مۇقەررەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نۇسرەت قازىنىمىز. ئالدىمىزدىكى يولنى تورايدىغانلار بولسا ئۇلارنى ھاشارەتلەرنى دەسسەپ يەنجىگەندەك مىجىپ تاشلاپ، ئالغا ئىلگىرىلەيمىز. مەن يەنە شۇنى قايتا تەكىتلەيمەنكى، بۇ غەلىبە ۋە نۈسرەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن، پۈتۈن خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى، گۈللەپ ياشنىشى ۋە ئەركىنلىكى، ھۆرلىكى ئۈچۈن يەنىلا سىلەرگە ئوخشاش قورقماس شىر يۈرەك ئوغلانلارغا موھتاجمەن. ھازىرچە بۇ مېنىڭ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا يۈزمۇ – يۈز تۇرۇپ سۆزلەيدىغان گەپلىرىم. يەنە ئىچىمدىن چىقىرىپ سۆزلىيەلمەي قالغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار. مانا ھازىر دۈشمەن ئارقىمىزدىن قوغلاپ بوسۇغىمىزغا كېلىپ قالدى. بۇنداق جىددى بىر پەيتتە مەن سۆزلىگەنلىرىمنى ئاڭقىرالايدىغان، ئىدراك قىلىپ چۈشىنەلەيدىغان ئەسكەرلەرگىلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئىچىمدىن چىقىرىپ سۆزلىيەلمىگەنلىرىمنىمۇ ئاڭلىيالايدىغان، ئىدراك قىلالايدىغان ھەم جەسۇر ھەم ئەقىللىق سىلەردەك يىگىتلەرگە ئېھتىياجىم بار. قېنى ئەمدى قايسى يولنى تاللاش سىلەرنىڭ ئىختىيارىڭلاردا.

ما جۇڭيىڭ ئىككىنچى قېتىم نىڭشادىن ۋەتىنىمىز زېمىنىغا قەدەم باسقاندىن بۇيان، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قىلغان ياخشىلىقىدىن يامانلىقى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن ئىدى. «بالا قوماندان» دەپ، ئاتالغان ما جۇڭيىڭ بولسا ھېچنېمىگە پىسەنت قىلمايدىغان قاپ يۈرەك، شۇنچىلىك رەھىمسىز ھەمدە تەسۋىرلىگۈسىز بىر كۈچ بىلەن خەقنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان سېھرى كۈچكە ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ تەقى – تۇرقى كېلىشكەن، ئۆزى ئۇرۇق، ئېگىز بوي كەلگەن، تىرىلىرى سىلىق ۋە ئاق يۈزلۈك يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ ئاق بوز ئاتنىڭ ئۈستىدە ئۆزىنى رۇسلاپ، مەغرۇر ئولتۇرۇشلىرىدىن ھەرقانداق كىشى ئەيمەنمەي تۇرالمايتتى. ئۇ ھەرقانداق جەڭگە ئۆزى باش بولۇپ، ئاق بوز ئېتىنى چاپتۇرۇپ ھەممىنىڭ ئالدىدا ھۇجۇمغا ئۆتەتتى. ئايروپىلاننىڭ ئۈستىدىن بومبىلارنى ياغدۇرسىمۇ پىسەنت قىلىپ قويماي، ئۆز ئەسكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلاتتى. مانا ھازىر شۇنچە تاغ – داۋانلارنى ئېشىپ، قەھرىتان سوغۇقتا مۇز چوققىلاردىن ئارتىلىپ كەلگەن ئىلى ئەسكەرلىرى ما جۇڭيىڭنىڭ بۇ تەسىرلىك، جەڭگىۋار نۇتقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن تەسىرلەنگەن ئىدى. ئۇلارغا قايتىدىن جان كېرىپ، روھى تىرىلىپ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى جەڭگىۋار ھالىغا كەلگەنىدى. ئەسلىدىلا ئۇلار مۇشۇ «بالا قوماندان» ئۈچۈن يولغا چىققان پىدائىيلاردىن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ما جۇڭيىڭنىڭ نام – شەرىپىنى ئاڭلىمىغان بىرمۇ ئەسكەر يوق ئىدى.

مانا ھازىر ئۇ قوماندان كۆز ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن نۇتۇق سۆزلەۋاتاتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ما جۇڭيىڭنىڭ قوشۇنىغا ئۆز مايىللىقى بىلەن بىردەك قوشۇلۇپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ما جۇڭيىڭنىڭ ئولتۇرۇشقا باشلىغان خانىدانلىقىنىڭ قۇياشى قايتىدىن شەپەق قىزارتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ خارەكتىرىدىكى گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى بولغان چېكىدىن ئاشقان ئاشقۇن قارا نىيىتى، ئاق كۆڭۈل، ئاددى كىشىلەرنىڭ ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆز غەلىبىسىنى نامايەن قىلغان ئىدى. ئۇلار ھېچقانداق شۇملۇقنىڭ بىشارىتىنى تۇيمايلا، بۇ قارام، قارا نىيەت «بالا قوماندان»نىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا خوشنۇتلۇق بىلەن چۈشۈپ قالغان ئىدى. بۇ ھادىسە بولۇپ ئۈچ كۈن ئۆتۈپلا شىڭ شىسەينىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بىرگە سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى كۇچاغا يېتىپ كەلدى. ما جۇڭيىڭ بۇ زور قوشۇن ئالدىدا ئۆز ماھارىتىنى قانچە كۆرسىتىپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرى يېڭىلىپ، جەنۇبقا قاراپ چىكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ داۋاملىق چىكىنىش جەريانىدا بىر چەتتىن يەرلىك خەلقتىن مەجبۇرى ئۆزىگە ئەسكەر ئالسا، يەنە بىر چەتتىن ئۇچرىغانلا يەرلەردىكى خەلقنى بۇلاپ ئۆزىگە يەم – خەشەك توپلاپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئايىغى تەگكەنلا زېمىندىن ئوت بىلەن قان ئېتىلىپ چىقىپ، ئاتەشتە كۆيۈپ، گىياھ ئۆسمەيدىغان بولۇپ قارىداپ كېتىپ باراتتى. ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان ئايروپىلان ۋە تانكىلارنىڭ ھەيۋىسىدىن شۇنچىلىك ھۈركۈپ، ئەجەل ھودۇقۇشى ئىچىدە، چىكىنىش يولىدىكى بارلىق توسۇقلارنى قۇيۇنتازدەك سېرىپ – سۈپۈرۈپ، يۇلۇپ ئۇچۇرتۇپ خانى – ۋەيران قىلىۋەتكەن ئىدى.

چىكىنىش يولىنى تورىغان ھەرقانداق قوشۇن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، يىقىلسا قايتا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆلسە يەنە تىرىلىپ، ئاقسۇ بايغا يېتىپ كەلدى. مۇشۇ چاغلاردا بۇ ھايات، ئۇيغۇر خەلقىگە ھەقىقەتەن رەھىمسىزلىك قىلىۋاتاتتى. چۈنكى ھايات ئۇيغۇر خەلقىدىن باشتا ئىمتىھان ئېلىپ، ئاندىن دەرس بېرىۋاتاتتى. ما جۇڭيىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ھەر قېتىم تۇتۇشقاندا ئۇيغۇرلار بەزىدە بىپەرۋالىق قىلىپ يېڭىلسە، بەزىدە جاسارەتسىزلىك قىلىپ يېڭىلىپ، بۇ ياۋۇز ھايۋاننى قورونىڭ ئىچىدىن قەدەممۇ قەدەم ھوجرىنىڭ ئىچىگە باشلاپ ئەكىرىۋاتاتتى. ئۇرۇشۇپ بىر – بىرىنى قىرىۋاتقان تۇڭگان ۋە ئۇيغۇردىن ئىبارەت ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ قولىدا ئىسلام بايرىقى بار ئىدى. بۇ ئىككى تەرەپ بۇرۇن بىر – بىرىنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن بولسا، ھازىر بىر – بىرىگە ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆلۈكلىرىنى ئاياقلىرىنىڭ ئاستىدا يەنجىۋاتاتتى. ئەسلىدە ئەڭ توغرىسى تەڭمۇ – تەڭ، يانمۇ – يان، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ تۇرۇپ، ئەڭ چوڭ دۈشمەن شىڭ شىسەيگە قارشى تۇرۇشنىڭ كېرەكلىكىنى ئەقلىگىمۇ كەلتۈرمىدى. ئەقىل ئىنسانلارغا بېرىلگەن ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھەدىيەسىدۇر. بۇ ھايات يولىدا بەزىلەر بۇ ئەقىلنى قوللىنىپ دۈشمىنىنى توغرا تونۇپ، ئۇنى يوقىتىشقا ئىشلەتسە، بەزىلەر بۇ ئەقىلنى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ گۆرۈنى ئۆزى كولاشقا ئىشلىتىدىكەن. دېمەك «كىم تۈتۈن قوپۇرسا، ئۆزى ئىسلىنۇر» دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك.

بايدا گېنېرال مەھمۇد مۇھىتى خوتەندىن ياردەمگە كەلگەن قىسىملار بىلەن ئىستىھكام قۇرۇپ، تۇڭگانلار بىلەن جەڭ قىلدى. ئەمما بۇ جەڭمۇ ئوخشاشلا ئوڭۇشلۇق بولمىدى. تۇڭگانلارنىڭ خىل قوراللىرىدىن ئۈزۈلمەي ئېتىلىۋاتقان ئوقلارغا، توپ – زەمبىرەكلىرىنىڭ پارتلىتىشلىرىغا گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ئىستىھكاملىرى بەرداشلىق بېرەلمىدى. تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ چاقماقتەك تېز ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە سەپلىرى بۇزۇلغان ئۇيغۇر قىسىملىرى ئاقسۇغا قاراپ قېچىشقا باشلىدى. ۋەزىيەتنىڭ جىددىلىكىنى پەرق ئەتكەن خوجانىياز ھاجىم ئاقسۇدىكى ئىسمائىل باينىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئاقسۇ بىلەن باينىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان قارايۇلغۇن دېگەن جايغا كېلىپ ئىستىھكام قۇردى. بۇ چاغدا خوجانىياز ھاجىمنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدىكى ئەسكەرنىڭ سانى، بايدىكى جەڭدىن مەغلۇپ بولۇپ قاچقان گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىنىڭ قىسىملىرىنى قوشقاندا جەمئى 12000 غا يەتكەن ئىدى. ئالدىدىكى يولنى ئەنە شۇنداق زور بىر قوشۇننىڭ توراپ تۇرغانلىقىغا قارىماي، تۇڭگانلار يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، قارايۇلغۇنغا يېتىپ كەلدى.

گەرچە خوجانىياز ھاجىمنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ سانى تۇڭگان قىسىملىرىدىن كۆپ بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەسكەرلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى دېھقان پىدائىلار ئىدى. بۇلارنى تۇڭگانلار ئوبدان بىلگەچكە، خوجانىياز ھاجىمنىڭ قوشۇنىنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشى، ئۇلارنى قورقۇتالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خوجانىياز ھاجىمنىڭ قول ئاستىدكى ئەسكەرلە بىر جەھەتتىن ھەربى تەلىم – تەربىيە ئالمايلا جەڭگە كىرگەن بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ قوللىرىدا تۈزۈكرەك قوراللار يوق بولۇپ، تولىسى ئادەتتىكى كونا قوغۇشۇن ئوقلۇق مىلتىقلار ئىدى. بۇنداق بىر قوشۇن مۇنتىزم ھەربىي تەلىم ئالغان ھەم قوراللىرى ئىلغار تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىدا تىك تۇرالىشى ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇرۇش باشلىنىش بىلەنلا تۇڭگان ئەسكەرلىرىنى كۆرگەن خوجانىياز ھاجىمنىڭ قوشۇنى تەمتىرەشكە باشلىدى ۋە بىردىنلا جەڭگىۋارلىقى سۇسلىشىپ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىنى يوقاتتى. ھەتتا بەزىلىرى توپ – توپ بولۇپ قېچىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ ئەھۋالنى بايقىغان خوجانىياز ھاجىم ئۆزى باش بولۇپ تۇڭگانلار بىلەن تىغمۇ – تىغ جەڭ قىلدى. ئۇرۇشتا ئىسمائىل بايمۇ ئاجايىپ باھادىرلىق كۆرسىتىپ ئۆز قوشۇنى بىلەن ھېچ ئارقىغا چىكىنمەي جەڭ قىلىۋاتاتتى. ئۇرۇشنىڭ تازا ھالقىلىق پەيتىگە كەلگەندە، بىردىنلا ئىسمائىل باينىڭ يېنىدا ئۇزۇندىن بۇيان خىزمەت قىلىپ كەلگەن، ئىسمائىل باينىڭ ئاجايىپ يۈكسەك ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن تۇڭگان خىزمەتچى قولىدىكى قورالىنى ئىسمائىل بايغا قارىتىپ ئوق ئۇزدى. ئىسمائىل باي شۇ زامان يەرگە يىقىلىپ جان بەردى. ئۇ تۇڭگان قاچماقچى بولغاندا، ئىسمائىل باينىڭ يەنە بىر ئەسكىرى ئارقا مېڭىسىغا قارىتىپ ئوق ئېتىپ ئۆلتۈردى. مانا بۇ ئەھۋال «ئۇچرىغانلا كىشى ئۆز بولماس، يات بىلەن تۇغقان بىر بولماس» دېگەن، ئاتىلار سۆزىنى بىزگە يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى. بۇ كۈتۈلمىگەن پاجىئەدىن كېيىن ئىسمائىل باينىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سېپى بىردىنلا بۇزۇلۇپ، ئارقىغا چىكىنىشكە باشلىدى.

تۇڭگانلار بارغانسېرى سەپ يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەشتىن باشقا ئىككىنچى بىر يولىمۇ يوق ئىدى. چۈنكى ئارقىسىدا ئىز قوغلاپ كېلىۋاتقان سوۋېت ئارمىيەسى بار ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ چىكىنىشىنىڭ ئۆزى ئالغا بېسىشقا تەڭ بولۇپ ھېسابلىناتتى. تۇڭگانلارنىڭ داۋاملىق يېقىنلاپ ئەتراپنى قورشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى پەملىگەن خوجانىياز ھاجىم ئاخىرى ئارقىغا چىكىنىشتىن باشقا ئىككىنچى ياخشى تاللاشنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ ئاقسۇغا چىكىندى. بۇ ئۇرۇشنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرگەن خوتەن قىسىملىرى قارايۇلغۇندىن ئۇدۇل خوتەنگە قاراپ يول ئالدى. بۇ ئۇرۇشتا خوتەن قوشۇنى بىلەن ئىسمائىل باينىڭ ئەسكەرلىرى بولۇپ جەمئى 500 دىن ئارتۇق ئەركىنلىك جەڭچىلىرى شېھىت بولدى. خوجانىياز ھاجىمنىڭ قىسمىدىن 250 تىن ئوشۇق ئەسكەر شېھىت بولدى. ئۇرۇشتا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغا خوجانىياز ھاجىم ئاقسۇدىمۇ تۇرماي ئۇدۇل ئۈچتۈرپانغا كېلىپ، ئۇيەردىن تاغ يولى ئارقىلىق قەشقەرنى نىشانلاپ يولغا چىقتى. خوجانىياز ھاجىمنىڭ بۇنداق تېزلا ئارقىغا چىكىنگەنلىكىنى كۆرگەن تۇڭگانلار بىر پاي ئوق ئاتمايلا ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپاننى قولغا چۈشۈرۈپ، قەشقەرنىڭ يولىغا كۆزىنى تىكتى. ما جۇڭيىڭدىن ئىبارەت بۇ ئوت چەمبىرىكى تا تۈرپاندىن تارتىپ ئاقسۇغا كەلگىچە بولغان بۇ چوڭ يولدا دۇمۇلاپ، ئالدىغا كەلگەنلا نەرسىنى كۆيدۈرۈپ، كۆيدۈرگەنسېرى ئوت كۈچى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، غايەت زور، ئاجايىپ دەھشەتلىك بىر ئوت چەمبىرىكىگە ئايلانغان ئىدى.

مانا ئەمدى بۇ ۋەھشى ئوت چەمبىرىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۈريىتىنىڭ مەركىزى بولغان قەشقەرنى كۆيدۈرۈپ كۇلگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن غول يولنى بويلاپ دۇمىلاپ، ئەتراپقا ئوت يالقۇنلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ، يەر ۋە كۆكنى ئىس – تۈتەك بىلەن قاپلاپ، كۈننىڭ گۈزەل يۈزىنى قارا تۇمانلىرى بىلەن پەردىلەپ، بارلىق مەۋجۇداتلارغا ئۆلۈمنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىتىپ، يۈرەكلىرىگە قورقۇنچ كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ دەھشىتىنى سېلىپ كېتىۋاتاتتى. ئەگەر بۇ ئوت چەمبىرىكى قەشقەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىدىغانلا بولسا، يېڭىشەھەردىكى كىچىك ئوت چەمبىرەكلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۈرىيىتى بىلەن خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭلىغان شېھىتلىرىنىڭ قان بەدىلى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىككى ھۆكۈمەتنى كۆيدۈرۈپ كۇلگە ئايدۇرۇشقا قۇدرىتى يېتىپ ئاشىدىغان ئالەمشۇمۇل ئوت شارىغا ئايلىنىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرەشلىرىگە يول باشچى بولغانلار بۇ ئوت چەمبىرىكىنىڭ ئوت شارىغا ئايلىنىشىدىن بۇرۇن ئۆچۈرۈپ تاشلايدىغان، ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغان بىر سەلنى ئۈستىگە باشلاشقا ئىقتىدارسىزلىق قىلىۋاتاتتى. مانا شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بارغانسېرى كۈچىيىپ، جىددى دۇمىلاپ ئوت شارىغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئوت چەمبىرىكى، ئۇرۇش مالىماتاڭچىلىق دەستىدىن ۋەيران بولۇپ ھالىدىن كەتكەن ۋە ئۆز ئىچىدىكى ئورۇنسىز جېدەللەر تۇپەيلىدىن يوغان ئېچىقلىق تۇرغان دەرۋازىسىنى تاقاشقىمۇ بىپەرۋالىق قىلغان قەشقەرگە قاراپ ئۇدۇل يول ئالدى.

دېمەك، نىزامى بۇزۇلغان بۇ دۇنيادا ئەسكىلەرنىڭ يولى تۈز، مەنزىلى يېقىن بولغاچقا ئېرىشمەكچى بولغانلىرىغا ئاسانلا ئېرىشەلەيتتى، قىلىدىغان ئەسكىلىكىنى ئوڭايلا قىلالايتتى. ياخشىلارنىڭ يولى بولسا ئەگىر، مەنزىلى ئۇزۇن ئىدى. بۇنداق يوللارنىڭ بەزىلىرى قۇم – باراقسانلار بىلەن تولغان دەشتى – باياۋانلىق يول بولسا، بەزىلىرى ئىگىز تاغ – داۋانلاردا ۋە بەزىلىرى قومۇشلۇقلار بىلەن تولغان سازلىقلاردىكى يوللار ئىدى. بۇنداق يوللار بەكمۇ مۇشەققەتلىك ھەم مەنزىلى بەكمۇ ئۇزۇن بولغاچقا، ئېرىشمەكچى بولغانلىرىغا ئېرىشىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس ئىدى. ياخشىلار بۇنداق يوللاردا مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئەسىرلەپ يول يۈرۈشكە ۋە مىليونلىغان قۇربانلارنىڭ جەسەتلىرىنى ھەر يەردە قەۋرىسىز قالدۇرۇپ، مۇستەقىللىق مەنزىلىگە قاراپ تىنماي يول ئېلىشنىڭ كېرەكلىكىنى، ئىس – تۈتەك ئىچىدە قالغان يولنىڭ گۇڭگا نىشان – بەلگىلىرى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top