ھىجران يولى (4)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
سابىت داموللامنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقا ھەربىر سۆزنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ بىرمۇبىر كۆڭۈل خاتىرىسىگە يېزىۋاتقان زېرىپ قاراجىم، بىردەم خىيال دېڭىزىغا چۆكۈپ، بىردەم بولغان پاراڭنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئەقىل تارازىسىدا بىرمۇبىر ئۆلچەپ تارتىپ خىياللىرىغا جاۋاب ئىزدەۋاتاتتى. ئۇ ئاخىرى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ، ئۆزىنىڭ گەۋدىسىنى سابىت داموللام تەرەپكە ئازراق سۈرۈپ، ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن سابىت داموللامغا مىختەك قادىلىپ ، ئاۋازىنى پەس قىلىپ تۇرۇپ:
‐ داموللام، سىلىگىمۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك شۇنچىلىك ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ يولنىڭ ئاخىرى ئۆلۈم، خوجانىياز ھاجىم ئۆزىگە چىقىش يولى ئىزدەش ئۈچۈن، بىزنى قۇربانلىققا تۇتۇپ بەرمەكچى. ھالىمىز بۇنداق چاغدا، خوجانىياز ھاجىمنىڭ ئوي – پىلانلىرى بىلەن بىزنىڭ نېمە كارىمىز. ئۆزى كېلەر يار – يار، ئۆزى كېتەر يار – يار، ئۇ ياخشى ئادەم ئەمەس دەيمەن – دە. شۇڭا بىز بىر پۇرسەتنى تېپىپ قېچىپ كېتەيلى. ھەقاچان بۇ ئىككى ئەسكەرمۇ بۈگۈن تازا چارچىدى، ئاشۇ ئالدىمىزدىكى ئادەم يوق دالىدا چوقۇم تۈنەيمىز. مانا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىپ، ئۆز جېنىمىزنى قۇتقۇزايلى.
‐ زېرىپ قاراجىم تەنتەكلىك قىلمىسىلا، ئۆزلىرىنى ئېغىر – بېسىق تۇتسىلا، ئەڭ بولمىغاندا، شۇ ئىككى يىگىتنىڭ تەقدىرىنى بولسىمۇ ئويلاپ قويسىلا. ئىككىمىزنى ئاقسۇغا ساق – سالامەت ئاپىرىش ۋەزىپىسى ئاشۇ يىگىتلەرنىڭ ئاجىز زىممىسىگە يۈكلەنگەن تۇرسا، ناۋادا بىز قېچىپ كەتسەك، ئۇ يىگىتلەرنىڭ جانلىرىنى ئامان قويىدۇ، دەمدىلا. بىز ئۆزىمىز قۇربانلىق بولمايمىز دەپ ئولتۇرۇپ، ئۇ ئىككى يىگىتنى قۇربانلىققا تۇتۇپ بەرسەك، ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرىمىز دەپ، ئادالەتسىزلىك قىلغان بولمامدۇق. تارىخ قۇربانلىق قىلغانلارنىڭ ھېچقايسىسىغا قۇربانلىقلىرى تۈپەيلىدىن نىجاتلىق ئاتا قىلغان ئەمەس. مەسۇملارنى قۇربانلىق قىلىۋەتكەنلەرنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. دەرھەقىقەت، بۇ ھاياتتا شۇنداق ئاددىي ۋە ئادىل نىزام بار. ئەگەر راستىنلا خوجانىياز ھاجىم بىزنى ئۆزىنىڭ شەخسىي خاھىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىمەن دېگەن بولسا، ئۇ ھالدا تارىخ سەھنىسىدە چوڭ خاتالىق بولىدۇ. ئۆزىمۇ تارىختا ئۆتكۈزگەن بۇ خاتالىقىنىڭ بەدىلىنى جېنى بىلەن تۆلەيدۇ. ئەمما، مەن خوجانىياز ھاجىمنى ئۇنچىلىك ۋىجدانسىز دەپ ئويلىمايمەن. ئۇ ئامالسىزلىق ئىچىدىن بىر ئامال تېپىش ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىغان، ئۇنىڭ تاللىغان يولى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن.
مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتتۈمغۇ، يەنە قايتا – قايتا تەكىتلەشكە نە ھاجەت؟ ماڭا ھازىر ئەڭ روشەن بولغان نەرسە، يەنىلا بىزنىڭ باشقىلاردىن كۆپ ئاجىز ئىكەنلىكىمىز. بىراق بىزنىڭ ھېلىھەم شۇنچىلىك ئىرادىلىك ۋە ئۇلۇغ ئىكەنلىكىمىزنى سىلە تېخىچە تەخمىن قىلالمايۋاتىلا. بىزنىڭ بۇ ئاجىزلىقىمىز ھەرگىز قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر ئاجىزلىق ئەمەس. ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ئۈركۈيدىغان بىر ئاجىزلىقمۇ ئەمەس، پەقەت ھازىرقى رېئال ئەھۋالىمىز شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنلا، بىز ئاجىز كېلىپ قالدۇق. تۇنجى قېتىم ئۇچماقچى بولغان قۇشنىڭ ئۇچالماي يىقىلىپ چۈشۈشى، ئۇنىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمدىلا مېڭىشنى ئۆگەنگەن بىر بوۋاقنىڭ ئورنىدىن تۇرماقچى بولۇپ ھەرىكەت قىلىشى بىلەن، ئۆزىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ سەنتۈرۈلۈپ يىقىلىپ چۈشۈشىمۇ ھەرگىز ئاجىزلىق ھېسابلانمايدۇ. بىز جاھاندا تۇنجى قېتىم «ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇردۇق. ئەمما يېڭىلدۇق. بىز شۇ بوۋاق بالىدەك ماڭغاندا تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ساقلاشنى، ئاشۇ قۇش باچكىسىدەك ئۇچقان چاغدا ئىككى قاناتنى قانداق تەڭ، ماس ھالدا قېقىشنى بىلمىدۇق. مەن ئىشىنىمەنكى، بىز ھامان بىر كۈنى مېڭىشنى، ئۇچۇشنى ئۆگىنىمىز. ئەنە شۇ چاغدا، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى پۈتۈن جاھان خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا، مۇشۇ ئۈستىمىزدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسماندا جەۋلان قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، سابىت داموللامغا مەنزىلنىڭ ئاخىرى ئۆلۈم بولۇپ كۆرۈنگەن بولسىمۇ، نېمە قىلىش توغرۇلۇق ئېنىق بىر نەرسە بىلمەيتتى، چۈنكى، ھەممە ئىش يۈز بېرىشكە تېگىشلىكتەكلا شۇنچىلىك تۇيۇقسىز يۈز بەردى. لېكىن ئۇ بۇنچىلىك تېز يۈز بەرگەن ئىشلارنى چەكلىيەلمەيتتى، ئۇنىڭ ئالدىنىمۇ ئالالمايتتى، ئۇ پەقەت ئۆرتىنىپ، كۆيۈپ ئېچىناتتى، ئەمما بولغۇلۇق بولغان، پۇت – قولى ئاللىقاچان كىشەنلەنگەن ئىدى. ئۇ بۇ يولنىڭ تراگېدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭ مەۋجۇت كۈچىنىڭ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا ۋە ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى رەھىمسىز رېئاللىق ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلاپ بولغانىدى. شۇڭا ئۇ دەرد – ئەلەم ئىچىدە، ھەر قاچان ئەمەلگە ئېشىشى شۇنچىلىك تەس بولغان ئادالەتنىڭ تەنتەنىسىگە قۇربان بولدى. ئەلۋەتتە ئۆتمۈشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، رېئاللىقنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت قۇرۇش روھى مۇقەددەس بىر روھ., ئادەمنىڭ غايىلىرىمۇ شۇنداق مۇقەددەس روھلار ئىچىدە مەيدانغا كېلىدۇ.
سابىت داموللامنىڭ كەسكىن قىلىپ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغان زېرىپ قاراجىم سەل ئەندىككەندەك قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز نىيىتىدىن يانماي، ھە دەپ خوجانىياز ھاجىمنى قاغايتتى، ئۇنىڭ قىلمىش – ئەتمىشلىرىنى بىر – بىرلەپ ساناپ، ھاياتتىكى بارلىق خاتالىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ يەلكىسىگە يۈكلەشكە ئۇرۇناتتى. «ئۆچمەن ئۆچمەننى كۆرسە كۆزلىرى چاقناپتۇ» دېگەندەك، زېرىپ قاراجىمنىڭ خوجانىياز ھاجىمغا ئۆچمەنلىكى ئارتقانسېرى، ئۆزىنىڭمۇ بەزى كەمچىلىكلىرى يورۇقلۇققا چىقىشقا يۈزلەنگەن ئىدى.
ئەسلىدە «بۆدۈنىنىڭ ئۆيى يوق، نەگە بارسا ۋىتۋالداق» دېگەندەك، زېرىپ قاراجىم دېگەن بۇ ئادەممۇ، نەدە جان باقىدىغان يەر بولسا شۇ يەردە ۋەز ئېيتىدىغان ئاددىي مەدداھلاردىن ئانچە پەرق قىلىپ كەتمەيدىغاندەك قىلاتتى. بۇنداق ئادەملەر ئۆزىنىڭ شېرىن جېنى ئۈچۈن، ھەرقانداق يامان ۋەزىيەتنى ئۆزىنىڭ پايدىسىغا بۇراشقا ماھىر كېلىدۇ. ئۇ بۇ قېتىم سابىت داموللامنى قايىل قىلىش ئۈچۈن، يەنە ھەرىكەتكە ئۆتتى: «داموللام، سىلە تا مۇشۇنداق بىر ھالدا تۇرۇپمۇ، خوجانىياز ھاجىمغا يەنىلا چاڭ قوندۇرمايۋاتىلا، ئەمەلىيەتتە كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام، خوجانىياز ھاجىم دېگەن بۇ ئادەم ئۇچىغا چىققان ئىككى يۈزلىمىچى، خائىن ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن بىزنى كۇھىقاپ كەبى ئازگالغا باشلاپ ئەكىتىۋاتىدۇ. مۇنداق نازۇك ھايات – ماماتلىق پەيتتە بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا قارارلار ئالمىساق، باشقىلار بىزنىڭ ئەزىز جانلىرىمىز ئۈستىدىن قارار ئالىدۇ، پىلانلار تۈزەيدۇ. شۇڭا ئەڭ ئەسكى قارارمۇ، قارار ئالماسلىقتىن ياخشىدۇر» دەپ، ئېغىر خۇرسىنىش بىلەن چەكسىز بىر ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە پاتتى. ھېس چۆللىرىدە خۇددى سەراپتەك پەيدا بولغان ئالدامچى ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ جاننى قىينايدىغان ئازابى، ئۇنىڭ بارلىق ئوي – پىكىرلىرىنى ئەرەختەن – پەرەختەن قىلىۋەتكەندەك قىلاتتى.
سابىت داموللام زېرىپ قاراجىمنىڭ ئاچچىق يۇتۇپ سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئوخشاشلا ئاچچىق يۇتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۆزىنىڭ تەمكىن قىياپىتىنى يوقاتماي سۆزىنى سالماقلىق قىلىپ باشلىدى:
‐ مېنى ئەسىرلىككە مۇپتىلا قىلغىنى ئۇ ئەمەس، ئۇ خائىن ھەم ئىككى يۈزلىمىچىمۇ ئەمەس. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش تەقۋادار، ئىمانلىق، غەيرەتلىك، ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەر كىشى. بىزنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمىز يەنىلا ئۆزىمىزدىكى كەمچىلىكتە ۋە بۇ كەمچىلىك سەۋەبىدىن چۈشكەن ئاللاھنىڭ غەزىپىدە. ھەر ئادەم بۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ بەدىلىنى مۇتلەق تۆلەيدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت شۇنچىلىك غەلىتە، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى، مىجەز – خۇلقى شۇنچىلىك رەڭگارەڭ ۋە مۇرەككەپ بولىدۇكى، ئەڭ مۇكەممەل پەيغەمبەرلەرمۇ بەزىدە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئاددىي بىر كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا بىزمۇ خوجانىياز ھاجىمغا يا ئۇنداق، يا مۇنداق دەپ ئالدىراپ باھا بېرەلمەيمىز. ھەر ئادەمنىڭ تەبىئىتىدە ياخشىلىق بىلەن يامانلىق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئادەم ھەر ۋاقىت تەربىيەلىنىش ئۈستىدە سىنىلىدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ياخشى تەرىپى يامان تەرىپىدىن ئۈستۈن كەلسە، ئۇ ئادەم ئەلۋەتتە پەزىلەتلىك كىشى بولۇپ، بۇ دۇنيادا ياخشى ياشاپ ئۆتىدۇ. ئەگەر يامان تەرىپى ئۈستۈن كەلسە، ئەسكى خۇيلار شۆپۈكتەك ئۇنىڭ گېلىغا چاپلىشىپ، ئۇنى بىر ئۆمۈر ئاۋارە قىلىدۇ. ئۇ ئەسكى خۇينىڭ شۆپۈكلىرى بولسا نام -شۆھرەت، مەنسەپ – ئەمەل ۋە مال – دۇنيا سۆيگۈسىدۇر. بۇلار خۇددى شۆپۈككە ئوخشايدۇ، ئۇ ساڭا باقى ئەمەس. ئۇ گېلىڭدىلا بولىدىكەن، ئابىھاياتنى ئىچىشىڭگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ھەر ئىككى دۇنيانىڭ لەززىتىدىن سېنى مەھرۇم قىلىدۇ.
بىز ئاددىي ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەبىئەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق، تەبىئەت ھەر ۋاقىت ئۆز گۈزەللىكى بىلەن يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىدۇ. پۈتۈن بۇ جانلىقلار ۋە ئالەمدىكى ھادىسىلەر گۈزەللىكى ئاللاھ سۆيگۈسىنى، ئىنسان سۆيگۈسىنى ۋە تەبىئەت سۆيگۈسىنى دائىما قەلبىمىزدە جۇشقۇنلىتىدۇ. ئەمما بۇ سۆيگۈ ھەممە ئادەمگە نېسىپ بولغان ئەمەس. چۈنكى بەزىلەرنىڭ كۆزى بۇ گۈزەللىكلەرنى، بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرمەيدۇ. ئەمما ئادەم ھەر ۋاقىت ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئادەم ئۆزىنى مەنىۋى جەھەتتىن تاكامۇللاشتۇرۇپ ماڭمىسا، ئاشۇ ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ناچار تەرەپلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ۋۇجۇدىدىكى ئەسكىلىك تەبىئىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ – دە، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ياخشى خۇسۇسىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، تامامەن باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. مەن بۇ توغرىسىدا، سىلىگە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ئەمەلىي ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەي. مەن ئىستانبۇلدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ئىستانبۇلنىڭ ئاۋات بازارلىرىنىڭ بىرىدە قاتار – قاتار دۇكانلارنى، رەڭگارەڭ ماللار بىلەن تولغان رەستىلەرنى كېزىپ كېتىۋېتىپ، بىر ئاسارئەتىقە ساتىدىغان دۇكاننىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم. شۇ ئاندا دۇكاننىڭ ئوچۇق ئىشىكىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان دۇكان تېمىغا ئېسىلغان شۇنچىلىك نەپىس بىر گۈزەل سەنئەت رەسىمىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇ رەسىمگە قاراپ، ئېلىۋاتقان قەدەملىرىم ئىختىيارسىز ھالدا جايىدا توختاپ قالدى. بۇ ھالىمنى كۆرگەن دۇكاندار ماڭا سالام بېرىپ، مېنى دۇكاننىڭ ئىچىگە تەكلىپ قىلدى.
ئۇ دۇكاندار ئاسارئەتىقە ماللىرىنى ساتىدىغان ئەرمەن سودىگەر ئىكەن. ئۇ مېنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن بىر ساياھەتچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ، تامغا ئېسىلغان رەسىمنىڭ قىسقىچە تارىخىنى سۆزلەپ بەردى. ئەسلىدە بۇ رەسىم، نەسرانىيلىق تارىخىغا ئائىت مەشھۇر ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ ئالدىدا ئون ئىككى مۇرىتى بىلەن بىرگە يېگەن كەچلىك غىزاسىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا» ناملىق رەسىمنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، بۇ رەسىمنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى داڭلىق رەسسام لېئوناردو سىزغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتىكى مائىيلاندنىڭ شاھزادىسى لودوۋىكو سفرورزا 1495 -يىلى 10 – ئايلاردا، داڭلىق رەسسام لېئوناردودىن ئىيسانىڭ ئۆز مۇرىتلىرى بىلەن يېگەن ئەڭ ئاخىرقى غىزاسىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغاندا، رەسسام بۇ تەلەپنى خوشنۇتلۇق بىلەن قوبۇل قىلىدىكەن. ئەمما «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا» دەپ ئات قويغان بۇ رەسىمنى سىزىشقا كىرىشكەندە، مۇنداق بىر قىيىنچىلىققا يولۇقۇدىكەن. يەنى، ياخشىلىققا سىمۋول قىلىنغان ئىيسا بىلەن يامانلىققا سىمۋول قىلىنغان ئىئۇدا ئىسكارىئوت (ئىيسانىڭ گېفىسمان بېغىدىكى ئەنجۇر دەرىخى ئاستىدا تۇتۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىيسانىڭ خائىن مۇرىتى) نىڭ بەدەن تەسۋىرىنى ئالاھىدە سىزىپ چىقىش كېرەك ئىكەن. ئەمما، ئىيسا ۋە ئىئۇداغا ئوخشايدىغان ئادەمنى نەدىن تاپسۇن؟ شۇنداقتىمۇ، بۇيرۇق چوڭ يەردىن كەلگەچكە قانداقلا بولمىسۇن بۇ رەسىمنى ئۆز ۋاقتىدا سىزىپ چىقىشقا توغرا كېلىدىكەن. شۇڭا رەسسام لېئوناردو دەرھال مودېل ئىزدەشكە باشلاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ تىياتىر كۆرۈۋېتىپ، تىياتىردا رول ئالغان بىر ئارتىسنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئىيسانىڭ تەسۋىرىگە بەك ئوخشايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئارتىسنىڭ مودېل بولۇپ بېرىشى ئۈچۈن ئۇنى ئۆز سىزمىخانىسىغا تەكلىپ قىپتۇ.
بۇ ئارتىس تەكلىپنى مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلىپ، رەسسامنىڭ سىزماخانىسىغا كەپتۇ ۋە ياخشى ماسلىشىپ بەرگەچكە، رەسسام ئىيسانىڭ تەسۋىرىنى شۇنچىلىك نەتىجىلىك سىزىپ چىقىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئىيسانىڭ ئون بىر مۇرىتىنىڭ تەسۋىرىنىمۇ بىر – بىرلەپ شۇنچىلىك ئوبرازلىق قىلىپ تەسۋىرلەپ سىزىپ چىقىپتۇ. بۇ ئىش ئۈچ يىل داۋام قىپتۇ. ئەمما رەسىم يەنىلا پۈتمەپتۇ. چۈنكى رەسسام يامانلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ئىئۇدانىڭ تەسۋىرى ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان مودېل ئىزدەپ، ھېچ يەردىن مۇۋاپىق نامزات تاپالماپتۇ. بۇ جىددىيچىلىكنى شاھزادە ئۇنى ئالدىرىتىپ توختىماي ئادەم يوللاۋېرىپتۇ. رەسسام لېئوناردو تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، ھەر كۈنى كوچىغا چىقىپ ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى ئادەمنى ئالدىراش ئىزلەشكە باشلاپتۇ. نىھايەت بىر كۈنى يولدا كېتىۋېتىپ، يولنىڭ ياقىسىدا غەرق مەس ھالدا بېشىنى قىيسايتىپ ئولتۇرغان، ئۆزىنىڭ يېشىغا باققاندا بۇرۇنلا قېرىپ كەتكەن، ھاراقكەشلىك دەستىدىن ھەممە يېرىنىڭ جۇللۇقى چىقىپ كەتكەن بىر ئادەمنى ئۇچرىتىپتۇ. لېئوناردا بۇ ئادەمنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خۇش بولۇپ كېتىپتۇكى، «ئىزدىگەن ئادىمىم دەل شۇ!» دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ. ئۇ دەرھال يېنىدىكى خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ ئادەمنى يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپتۇ ۋە زورلاپ دېگۈدەك سىزماخانىسىغا ئەكەپتۇ.
لېئوناردو ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي شۇ ھامان ئۇ ئادەمنىڭ يۈزىدە كۆرۈلۈپ تۇرغان ئېتىقادسىزلىقنى، گۈناھكارلىقنى، ئىككى يۈزلىمىچىلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي تولۇق سىزىۋاپتۇ. رەسىم سىزىلىپ بولۇشى بىلەن تەڭ، ئۇ ئادەمنىڭ مەستلىكىمۇ يېشىلىپتۇ. مەستلىكتىن سەگىگەن ئادەم ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ھەيۋەتلىك تام رەسىمىگە كۆزى چۇشۈپتۇ، ئۇ ھەيرانلىق ۋە شۇنچىلىك ئازاب ئىچىدە: «مەن بۇ رەسىمنى بۇرۇن كۆرگەن» دەپتۇ. ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ئۇشتۇمتۇت چىققان بۇ سۆزنى ئاڭلىغان لېئوناردىمۇ ھەيران بولۇپ: «قاچان كۆرگەن؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ ئادەم: «ئۈچ يىل بۇرۇن، مەن ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلمىغان چاغلار ئىدى. مەن ئۇ چاغلاردا بىر ئۆمەكتە ئارتىس ئىدىم. ناخشا ئېيتىپ رولغا چىقاتتىم. ناھايىتى ئۇلۇغ ئارزۇلىرىم بار ئىدى. ھەتتا بىر رەسسام ئىيسانىڭ يۈزىنى سىزىش ئۈچۈن، مېنى مودېل قىلىپ تاللىغان ئىدى» دەپ، كۈتۈلمىگەن بىر جاۋابنى بېرىپتۇ. مەن ئەرمەن سودىگەرنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دۇكاندىن ئايرىلىپ ئۇزۇنغىچە تەپەككۇر قىلدىم ۋە بۇ ئىشەنگىلى بولمايدىغان تاساددىبىيلىقتىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى، ياخشى بىلەن ئەسكىنىڭ يۈزى ئەسلىدە ئوخشاش، ھەربىر ئىنسان ھەق قۇدرەتىنىڭ يەر يۈزىدىكى نامايەندىسى، ئۇنىڭدا ھەق قۇدرەتىنىڭ ئالامەتلىرى ئەڭ مۇجەسسەم ھالدا تەجەللى بولغان. شۇڭا ھەقنى تونۇش ئۆزىنى سۈزۈك تونۇشتىن باشلىنىدۇ، مانا بۇ، ئالەمنى بىلىشنىڭ پرىنسىپى. ئالەمنى ۋە ئۆزىنى قانچە ياخشى بىلگەن كىشى، ھەققە شۇنچە يېقىن بولىدۇ.
بىر ئادەمنىڭ ھەقنى تونۇشى ئۇنىڭ ئەمەللىرى، ئىنتىلىشلىرى ۋە ئۇنىڭ قانداق يولدا مېڭىشىغا باغلىق. ئەگەر ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ياخشى نەرسىلەرگە ئىنتىلىپ ۋە مۇرۇۋەت يولىدا ماڭسا، ئادەمنىڭ ياخشىلىقى تېشىغا تېپىپ، پۈتۈن ئىش – ھەرىكىتى ياخشىلىققا مايىل بولىدۇ ۋە ھەققە شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان تەقدىردە، ئادەمنىڭ ئىچىدە ئەسلىدىلا بار بولغان ھايۋانىي خۇسۇسىيىتى ئۆز رولىنى دەرھال جارى قىلدۇرۇپ، يامانلىقى تېشىغا تېپىدۇ – دە، قىلغان – ئەتكىنى ئەسكىلىككە مايىل بولۇپ، ھەقتىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ. ئىنسان تەبىئىتىدىكى بۇ ئىككى قۇتۇپ، ئىككى خىل خۇسۇسىيەت ھەرۋاقىت توقۇنۇش ئىچىدە بولىدۇ. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا جەننەتتىن قوغلانغاندىن بۇيان ئىنسانىيەتنىڭ باشلىرىغا كەلگەن بارلىق قىسمەتلەر، يەر يۈزىدە يۈز بەرگەن بارلىق بالايىئاپەتلەر، شۇنداقلا دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى، ئەنە شۇ ئادەم تەبىئىتىدىكى ياخشى بىلەن ياماندىن ئىبارەت ئىككى قارىمۇقارشى ماھىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز توقۇنۇشلىرىدىن بولغان ئەمەسمۇ؟
دەرۋەقە، مەن خوجانىياز ھاجىمنى ھازىرچە توغرا يولدا دەپ قارايمەن ۋە ئۇنىڭ بۇ يولىغا جېنىمنى تەسەددۇق ئېتىمەن. ۋاقتى كەلگەندە بۇ يولنىڭ دىيىتىنى ئەزىز جېنىم بىلەن ئۆتۈسەممۇ ئەلھۆكمۇلىللاھ!
ئەگەر ھەقىقەتەن خوجانىياز ھاجىم توغرا يولنى تاللىمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەسكىلىكى ھامان تېشىغا تېپىدۇ. ئەسلى ئەسكىلىكنى ئۆزىگە ئۆزى قىلغان بولىدۇ. بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزىنى ساقلاپ قالماق ئۇنچىلىك تەس ئىش ئەمەس، ئەسلى تەس بولغان نەرسە ئەسكىلىكتىن ساقلانماق، ئادالەتنى ھىمايە قىلماق، ۋىجداننىڭ سورىقىدىن قۇتۇلماق. چۈنكى، ئۆلۈم ئەسكىنىڭ ئالدىغا قاراپ تېخىمۇ تېز يۈگرەيدۇ. ئۇ چاغدا ئۆلۈم بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئەمەس، بەلكى خوجانىياز ھاجىمنىڭ ئالدىغا تېز يېتىپ بارىدۇ. ئەمما مەن يەنىلا بۇ ئىشلاردا كۆپ ئۈمىدۋار. سىلىمۇ تەشۋىشتىن قۇتۇلۇپ ئۈمىدۋار بولسىلا. ئۈمىد، كۆپ ۋاقىتلاردا تېخىمۇ زور جانلىقلىقنى، تېخىمۇ كۈچلۈك ھوشيارلىقنى ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىرلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىلگىرىلەش، تەرەققىي قىلىش، ئەركىنلىك ئارزۇسىدۇر. ئۈمىد ھەرگىز ھەددىدىن ئاشقان تىلەك ئەمەس. چۈنكى تىلەك ئاچ كۆزلۈكنىڭ، خىرىسنىڭ ئانىسىدۇر. ئۈمىد كەلگۈسى دېگەنلىك، شۇڭا ئۇ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈنگە ئائىت ئەمەس. ئىنسان ئەسلىمىلىرى بىلەن ئۆتمۈشنى، ئۈمىدلىرى بىلەن كەلگۈسىنى قوچاقلايدۇ.
ئۈمىد دائىم ئىشەنچ بىلەن بىرگە بولىدۇ، ئىشەنچ يوقالسا ئادەم ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ئۆز چۈشەنچىلىرىمىزگە باغلىق بولىدۇ. چۈنكى، بىز بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئىش توغرىسىدا ئويلىشىمىز، يەنى پىكىر قىلىمز. بۇلارنىڭ ھەممىسى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. پىكىرلىرىمىز بولغاچقىلا ھايات ئەنە شۇنداق رەڭمۇ – رەڭ تۈسكە كىرگەن. بىز كاللىمىزدىكى پىكىرلەرنى ئۆز قەۋمىمىزگە نىسبەتەن ئۆچمەنلىك، ئىنتىقام، ئۇرۇش، قىرغىنلىقلار ئۈستىگە قۇرماي بەلكى، قېرىنداشلىق، سۆيگۈ، مۇھەببەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇشىمىز لازىم. شۇڭا، ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قاراش ئېڭى بىزگە قىيىن شارائىتلاردا خاتىرجەملىك ئاتا قىلىپ، ئەندىشىدىن ئازات قىلىدۇ. ھەر خىل گۇمانلاردىن ساقلايدۇ. مەن ھامان شۇنداق بىر كۈنلەرنىڭ كېلىشىگە پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىشىنىمەن، ئۇ كۈنلەر كەلگەندە ئەپۇ قىلىنمايدىغان بەندە، قوبۇل بولمايدىغان ئارزۇ، يوقالمايدىغان زۇلۇم، شىپا تاپمايدىغان كېسەل، ھۇزۇر بولمايدىغان قەلب، ئېچىلمايدىغان كۆڭۈل، يامغۇر ياغمايدىغان تۇپراق، ئاللاھ دېمەيدىغان زۇۋان قالمايدۇ! يەنە شۇنداق بىر چاغلار كېلىدۇكى، ھەر كىم چوقۇم ئۆزىنىڭ قىسمىتىگە پۈتۈلگەن ئاشۇ يەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ ۋە شۇ يەرگە يېتىپ بارىدۇ. مېنىڭ بارار جايىم ئەمدى خوجانىياز ھاجىمنىڭ يېرى، مېنىڭ يولۇم ئۇنىڭ قۇتۇلۇش يولىنى ئاچىدۇ. ئەگەر بىرسى ئۆز يولىغا سادىق بولسا، جاللات ئۇنىڭ تەنلىرىنى پارام – پارچە قىلغىلى كەلسىمۇ، ئۇ يەنىلا جاللاتقا كۈلۈمسىرەپ قارايدۇ. بىزدەك بىرقانچە ئادەمنىڭ ھالاك بولۇشى ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس! ئەمما، بىر مىللەتنىڭ ھالاكەتكە يولۇقۇشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئىش.
«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.
(داۋامى بار)