You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھىجران يولى (5)

ھىجران يولى (5)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ھارۋا چاقىنىڭ تاراقلىغان يېقىمسىز ئاۋازى ئات تۇياقلىرىنىڭ يول ئۈستىدىكى تاشلارغا سوقۇلىشىدىن چىققان ئاۋازلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، نامازشامنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، يولنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن ھارغان قۇياشمۇ كۈنپېتىش تەرەپكە قىيسىيىپ، تاغ بېشىنى تەكىيە قىلىپ، ئېگىز چوققىلارغا باشقويدى. ئاتنىڭمۇ ھارۋىنى تارتىشقا ھېچ ماغدۇرى يەتمەيۋاتاتتى، ئەمما ھارۋا ھەيدىگەن ئەسكەر يىگىت كۆزلىگەن مەنزىلگە تېزرەك يېتىۋېلىش ئۈچۈن، قولىدىكى قامچىسىنى توختىماي ئوينىتىپ، ئاتقا ھەيۋە كۆرسىتەتتى. قاراڭغۇلۇقتا يولنى ئاۋايلاپ بېسىۋاتقان ئات بولسا ئۆزىگە قىلىنىۋاتقان تەھدىتتىن ئۈركۈپ، نەگە قەدەم بېسىشنى بىلمىسىمۇ، ئەمما قارىسىغا قەدەم ئېلىشقا مەجبۇر ئىدى. يولنىڭ ياقىسىدا ئاندا – ساندا كۆزگە گۇڭگا چېلىقىپ تۇرغان چۆپلەر دالانىڭ كەچكى شامىلىدا قارا يىلاندەك تولغىنىۋاتاتتى. ھارۋا بولسا ناھايىتى كۈچلۈك ئوغۇت پۇراقلىرى ۋە تېزەك تۇمانلىرىغا پۈركەنگەن پىنھان جايلارنى ئارقىسىغا تاشلاپ، بۇ قەدىمى يولدا تىنماي ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. ھارۋا ئوڭغۇل – دوڭغۇل، ئەگرى – بۈگرى يوللار بىلەن يەنە بىر دۆڭلۈكنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، يېزىدىن خېلى ئوبدانلا ئۇزاقلاشتى.

سابىت داموللام كەينىگە مەيۈس ھالەتتە تەلمۈرۈپ قارىدى، يېزىدىكى ئۆيلەر، كوچىلار، تاملار، باغلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كۆزىگە قاپقاراڭغۇ بولۇپ كۆرۈندى، ئۇ چىگىش بىر تۇيغۇ بىلەن ئالدىغا بۇرۇلدى، ئەمما ئالدىمۇ ئوخشاشلا قاپقاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالغان بولۇپ، ئىككى قەدەمنىڭ نېرىسىدىكى يولنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئاسمان گۈمبىزىدە چاراقلاپ يانغان سان – ساناقسىز يۇلتۇزلارنىمۇ بارا – بارا قاپقارا بۇلۇت پەردىسى كېلىپ يېپىپ، قارا بوران ئىچىدە شىددەتلىك دولقۇن كۆتۈرگەن دېڭىزدەك كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى. سابىت داموللامنىڭ كۆڭلىگە بىردىنلا ئەنسىز بىر تۇيغۇ چۈشتى، چۈنكى پۈتۈن تەبىئەت قاراڭغۇلۇققا چۆكۈۋاتاتتى، ھارۋا خۇددى يوقلۇق سەھراسىدا غايىپ بولۇپ، ماكان ۋە زاماندىن ئايرىلغان بىر قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتقاندەكلا قىلاتتى، ئاللىقاياقلاردىن چىلبۆرىلەر توپىنىڭ ئۆز ئولجىسىنىڭ باغرىنى پارە – پارە قىلىۋەتكەندىن كېيىنكى غەلىبىسىنى ئالەمگە جاكارلىماقچى بولۇپ ھۇۋلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىۋاتاتتى. ھارۋا مېڭىپ – مېڭىپ ئانا يۇرتنىڭ مېھىرلىك كۆزلىرىدىن پۈتۈنلەي يىراقلىشىپ، ئاخىرى تەلتۆكۈس غايىپ بولدى، شۇندىن مۇقەددەم سابىت داموللامنىڭ مۇبارەك يۈزىنى كۆرۈش ئەل – يۇرتقا ھېچ بىر زامان نېسىپ بولمىدى ھەمدە بۇ يوللار تارىختا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبىگە ھىجران يوللىرى بولۇپ مۆھۈرلەندى.

خوجانىياز ھاجىم ئۆزىنىڭ بارلىق ئەسكەرلىرىنى ئارقىسىغا سېلىپ ئاقسۇغا قاراپ يول ئالغاندىن كېيىن، يەركەنتنى ئىشغال قىلغان تۇڭگانلارنىڭ ھەددى ھەسسىلەپ ئېشىپ، جاسارىتى ئۈستىگە جاسارەت قوشۇلغان ئىدى. مانا مۇشۇ ماكاندا، مۇشۇ زامان ئىچىدە ما جۇڭيىڭ ھېچ بىر ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، دەرھال پۈتۈن قوشۇنىنى قايتىدىن رەتلەپ، بارلىق كۈچىنى توپلاپ ما رۇلۇڭنىڭ قوماندانلىقىدا ئەڭ يېڭى مىلتىق ۋە پىلىمۇتلار بىلەن قوراللانغان بىر ئاتلىق قىسىمنى گۇمىنى ئىشغال قىلىشقا بۇيرىغان ئىدى. ھەقىقەتەن، ما جۇڭيىڭنىڭ ئەسلى مەقسىتىمۇ خوتەننى دەرھال ئىشغال قىلىپ، گېزى كەلگەندە خوتەندىن بۇلىغان بارلىق بايلىقلارنى تۆگىلىرىگە ئارتىپ، چۆل يولى ئارقىلىق ئۆز يۇرتىغا قېچىش ئىدى. مانا ئەمدى ئۇنىڭغا ئۆز مەقسەت – مۇرادىغا يېتىشنىڭ تازا پۇرسىتى كەلگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇ دەرھال خوتەن كۈچلىرىگە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ئېچىشقا تۇتۇش قىلغانىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرامۇ بۇنداق بولۇشىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلىگەنلىكى ئۈچۈن، يەركەنتتىن خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا، شېھىت بولغان ئىككى ئىنىسى شاھ مەنسۇر بىلەن ئەمىر ساھىبنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر – چىراغ قىلىپ، ياسىن ئوقۇپ ھازا ئېچىشنىڭ ئورنىغا، دەرھال دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنىش ئۇرۇشىنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى.

پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىمۇ ئۆز باھادىرلىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئازابىنىڭ ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەمرى بىلەن شەھەرنى مۇداپىئە قىلىش ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. چۈنكى دۈشمەن بېسىپ كەلگەندە، ئەل – يۇرتنىڭ ئامانلىقى ھەممە ئىشتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەل – يۇرت ئامان بولسا، بۇ يولدا شېھىت بولغان شاھ مەنسۇر، ئەمىر ساھىب، ئەرەن ۋە ھامۇت دېھقاندەك باھادىر ئەزىمەتلەرنىڭ روھى ئەلۋەتتە شاد بولۇپ، ئەمىن تاپىدۇ، ئەل – يۇرتنى دۈشمەندىن ساقلىغانلارغا ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر – چىراغ ئۆتكۈزگەننىڭ ساۋابىدىنمۇ كاتتا ساۋاب تېگىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، پۈتۈن خوتەن خەلقى ھازا ئېچىپ يىغلاپ ۋە ياسىن ئوقۇغاننىڭ ئورنىغا قوللىرىغا قورال ئېلىپ، يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممەيلەن ئۆز ئانا يۇرتىنى دۈشمەندىن قوغداش جېڭىنىڭ تەييارلىقىغا ئاتلانغان ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەر بىر ئىستىھكامغا بارغاندا، ئۆزىنىڭ جاراڭلىق نۇتۇقلىرى بىلەن جەڭچىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇراتتى. ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھەربىر سۆز، ۋەتەن مۇھەببىتى|گە تويۇنغان ھەر بىر جۈملە خوتەن خەلقىنىڭ يۈرەكلىرىنى لال قىلاتتى. ئۇلارنىڭ جان سۈيىگە جان قوشاتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى تارىخ بەتلىرىگە ئەبەدىلئەبەد ئۆچمەيدىغان ئالتۇن خەتلەر بىلەن نەقىشلەنگەن ئىدى: «ئەي مېنىڭ ئەزىز يۇرتداشلىرىم، ئەي مېنىڭ باھادىر ئەزىمەتلىرىم، ھازىر دۈشمەن بارغانسېرى يېقىنلاپ، بوسۇغىمىزغا قەدەممۇ – قەدەم يېتىپ كېلىۋاتىدۇ.

تۇڭگانلار ھەددىدىن ئېشىپ، زالىملاشتى، دوست دەپ بىلگەن كىشىلىرىمىز بىزنى يالغۇز تاشلاپ، يىراق – يىراقلارغا قاچتى. ئەمما بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئاللاھ بىز بىلەن بىللە! ئاللاھ بىزگە يېتەر! قەلبىمىزدىكى ئىمان كۈچى بىزگە يېتەر! يۈرىكىمىزدىكى ئەل – يۇرت سۆيگۈسى بىزگە يېتەر! ھەي باھادىر ئەسكەرلىرىم، ئەمدى بىزگە تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەن دۈشمەننىڭ جېنىنى ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى، ئەل – يۇرتنىڭ ئېسەنلىكى ئۈچۈن، كەلگۈسى نەسلىمىزنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن، ئەزىز جانلىرىمىزنى تىكىپ جەڭ قىلىدىغان ۋە شاھادەت شەربىتى ئىچىدىغان ۋاقىت كەلدى! جەڭدە نۈسرەت قازىنىش ئۈچۈن، بىرلىشىپ دۈشمەننى قورشايلى، ئاتلىرىمىز يىقىلسا ئۆرە تۇرۇپ يۈگرەيلى، ئارسلاندەك ھۆركىرەپ، رەقىبىمىزنىڭ ئالدىغا ئېتىلايلى! مۇشۇ يۇرت، مۇشۇ چاغ، دەل تارىخ بەتلىرىگە ئىسسىق قانلىرىمىز بىلەن داستان يازىدىغان پەيتتۇر! مىللەتنىڭ ئىقبالى، دۆلىتىمىزنىڭ قايتا تىرىلىشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئۈلگە بولىدىغان چاغ، دەل مۇشۇ چاغدۇر! قېنى ئەزىمەتلىرىم، پىدائىيلىرىم، مېنىڭ بىلەن بىرگە ئازاتلىق ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا تەييارمۇ سىلەر؟»

مۇھەممەد ئىمىننىڭ جاراڭلىق سادالىرىنى ئاڭلىغان بارلىق ئەسكەر ۋە خەلق بىردەك، «تەييار!» دەپ توۋلىدى. ئەنە شۇ ئاۋازلارنىڭ نىداسى بىلەن پۈتۈن خوتەن خەلقىنىڭ روھى قايتىدىن يەنە بىر قېتىم تىرىلىپ، ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى قارا كۆزلىرىدە يېڭىۋاشتىن جۇلالىنىپ، جەڭگە تەييارلىق قىلىشقا ئاتلانغان ئىدى. خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمدارى بولغان مۇھەممەد نىياز ‐ مىلىك ھەزرەت چوڭ مەسچىتنىڭ قۇببىسىدە ۋەز ئېيتىپ، تەبلىغ قىلىپ، گاھ جىھادنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆزلىسە، گاھ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەككە مۇشرىكلىرى بىلەن قىلغان ئۇرۇشلىرىدىن، بەدىر ئۇرۇشى، ئۇھۇد ئۇرۇشى، خەندەك ئۇرۇشى قاتارلىق مۇھىم ئۇرۇشلارنى مىسال ئېلىپ سۆزلەپ، ئەل – جامائەتنى دۈشمەنگە قارشى جىھاد قىلىشقا رىغبەتلەندۇرەتتى، يەنە گاھىدا ھۇدەيبىيە شەرتنامىسى قاتارلىق مۇھىم سۇلھىلەردىن ۋەز بېرىپ، پەيتى كەلگەندە سۇلھى قىلىپ، تىنچلىققا ئېرىشىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆزلەپ، يۇرت – ئەھلىنىڭ ئەقىل – ئىدراكىنىڭ بۇلاق كۆزلىرىنى ئاچاتتى.

شۇ چاغلاردا، ما جۇڭيىڭنىڭ ئاساسلىق قوماندانلىرىدىن بولغان ما رۇلۇڭ ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك قوشۇنىنى باشلاپ گۇمىغا يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا خوتەن قىسىملىرى ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچىنى خوتەننى مۇداپىئە قىلىش ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىشقا قاراتقانلىقى ئۈچۈن، ما رۇلۇڭ ھېچ بىر بەدەل تۆلىمەيلا گۇمىنى ئاسانلا قولغا كەلتۈردى. ئۇ خوتەننى كۆزلەپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، 6 -ئاينىڭ 4 – كۈنى پىيالمىنىمۇ ئىشغال قىلدى. بۇ چاغدا، 35 كىلومېتىرلىق چۆل يولىنىڭ نېرىسىدىكى تاربوغۇزدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قىسىملىرى ئىستىھكام قۇرۇپ، دۈشمەننىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن قاتتىق تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان تۇڭگان قىسىملىرى يەنە ئالغا ئىلگىرىلەشكە جاسارەت قىلالماي، ھۇجۇم قىلىشتىن يالتىيىپ،  قەشقەردىن ئاساسلىق كۈچنىڭ ياردەمگە كېلىشىنى كۈتۈپ، پىيالمىدا  بارگاھ قۇرۇپ ياتتى.

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

(داۋامى بار)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top