You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھىجران يولى (6)

ھىجران يولى (6)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

6- ئاينىڭ 9 – كۈنىگە كەلگەندە، تۇڭگانلار قەشقەردىن ياردەمگە كەلگەن زور  كۈچ بىلەن ئۆز قوشۇنىنى تېخىمۇ زورايتىپ، تار بوغۇزغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى. ئۇرۇشتا خوتەن قىسىملىرى ئۆز يۇرتىنى دۈشمەندىن قوغداش ئۈچۈن، جان تىكىپ، قان كېچىپ جەڭ قىلدى. جەڭ  تۆت سائەت داۋاملاشقان بولسىمۇ، تۇڭگانلار ئالدىدىكى كۈچلۈك مۇداپىئە لىنىيىسىنى يىمىرىپ تاشلىيالمىغانلىقتىن، ئاخىرى نائىلاج چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما، كەچ كىرگەندە تۇڭگانلار ئۆزىنىڭ روبىرو ئۇرۇش قىلىش تاكتىكىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن، يەنى ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان پولاتتەك ئىستىھكاملارنى پاچاقلاپ تاشلاشنىڭ چارىسىنى تېپىپ ئۇلگۈرگەن ئىدى. تۇڭگانلار ئالدىنقى سەپنىڭ شىمالىي تەرىپىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چەمبەرچەس قورشۇۋېلىپ، پۈتۈن بىر سەپنى ئىككىگە بۆلۈۋېتىپ،  پارچىلاپ يوقىتىش تاكتىكىسى بىلەن بارلىق ئوت كۈچىنى ئۆزلىرى قورشۇۋالغان سەپكە قارىتىپ، شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئىدى. دۈشمەننىڭ پىلىمۇتلىرىدىن توختاۋسىز ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ئوقلار ئالدىدا ئاجىز كېلىپ قالغان خوتەن ئەسكەرلىرى، ئاخىرى نۇرغۇن شېھىتلارنى قالدۇرۇپ زاۋىغا چېكىندى. ئەمما ئۆز غەلىبىسىدىن كۆرەڭلىگەن تۇڭگانلار خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ قوغلاپ، زاۋىدا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن تېخى سەپ تۈزۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن خوتەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئۈستىگە قارا بوراندەك باستۇرۇپ كەلدى ۋە پىلىمۇتلىرىدىن يامغۇردەك ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى. ئاخىر خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم قورغىنى بولغان زاۋا قولدىن كەتتى. زاۋا قولدىن كېتىش بىلەن تەڭ، بارلىق ئەسكەرلەر چوپاندىن ئايرىلغان قويلاردەك تەرەپ – تەرەپكە تارىلىپ كېتىپ، ئىلچى شەھەر ئىچىگە قايتىپ كەلگەن ئەسكەرلەر پۈتۈن ئەسكەرلەرنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ يەتمەي قالغان بىر قورقۇنچلۇق ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەگەر چېچىلىپ كەتكەن ئەسكەرلەر ئىلچىگە كېلىپ توپلانمىسا، شەھەر تامامەن مۇداپىئەسىز قالاتتى.

دېمەك، زاۋا ئۇرۇشىدا خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەسكىرى كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. بۇنداق جىددى پەيتتە، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ ئازغىنە مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ زاۋا تەرەپ ئات سالدى. گەرچە قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا  ئۈمىدىنى كەسمەي، قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن ئەسكەرلىرىدىن قانچىلىك بولسا شۇنچىلىكىنى يىغىپ ئەكىلىپ، ئىلچىنى ئەڭ ئاخىرقى كۈچى قالغۇچە دۈشمەندىن مۇداپىئە قىلىش، ئەگەر ئىش ئوڭغا تارتمىسا تاغ تەرەپكە كېتىپ، كۈچ توپلاپ دۈشمەنگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئويلاشقان ئىدى. لېكىن يول بەكمۇ قاراڭغۇ ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، خوتەن ئەسكەرلىرى مۇنتىزىم ھەربىي تەلىم – تەربىيە ئالمىغان ئادەتتىكى دېھقانلاردىن تەشكىل قىلىنغان بىر قوشۇن بولغاچقا، ئۇرۇشتىكى كىچىككىنە مەغلۇبىيەتنى كۆرۈش بىلەنلا ھەر كىم ئۆز بېشىنى قولتۇقىغا قىسىپ، پۇتى تايغان تەرەپكە ساماندەك چېچىلىپ كەتكەن ئىدى. مۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، باش قوماندان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۈچۈن ئەسكەرلەرنى بىردىن – بىردىن يىغىپ ئەكىلىش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۈزدەك ئەسكىرى بىلەن بىرگە زاۋىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا يولدا ئۇچرىغانلا ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە قوشۇپ ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەسكەرلەر يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. چۈنكى بۇنچىلىك ئەسكەر بىلەن دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۇنچىلىك ئاسانغا توختىمايتتى. شۇڭا ئۇ ئېتىنىڭ بېشىنى تاغ تەرەپكە بۇرىدى. ئۇ تاغقا يېتىپ بارماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ سانى 200 گە يەتتى.

«ئات باشىغا كۈن چۈشسە يۈگەن بىلەن سۇ ئىچەر، ئەر باشىغا كۈن چۈشسە ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچەر» دېگەندەك، خەتەرلىك جىرالاردىن يول ئېلىپ، كېچىلەپ توختىماي ئات سېلىپ، ئەتىسى لاڭرۇ دېگەن تاغلى كەنتكە يېتىپ كەلدى. زاۋىنى ئاسانلا ئىشغال قىلغان ما رۇلۇڭنىڭ ئەسكەرلىرى مۇداپىئەسىز قالغان ئىلچىنى دەرھال ئۆزىنىڭ تەسەررۇپىغا ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بۇ ئىنقىلابنىڭ بۆشۈكى بولغان قاراقاشنى ئىشغال قىلدى. ئارقا – ئارقىدىن كەلگەن بۇ مەغلۇبىيەتلەرنى كۆرگەن خوتەن ھۆكۈمدارى مۇھەممەد نىياز ئەلەم، تۇڭگان جاللاتلىرىنىڭ قانلىق قىلىچلىرى ئاستىدا بىگۇناھ خەلقىنىڭ  ئورۇنسىز چېپىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، شەھەر كاتتىلىرى بىلەن مەسلەھەتلىشىپ تۇڭگانلارغا تەسلىم بولۇش قارارىنى ئالدى. بۇ قاراردىن مەمنۇن بولغان ما رۇلۇڭ 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئىلچىنى تەلتۆكۈس ئىشغال قىلدى. ئۇ ئىلچىنى ئۇزۇن مۇددەت ئۆزىنىڭ تەسەررۇپ ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، خەلقنىڭ كۆزىنى بوياپ مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنى خوتەننىڭ ۋالىيسى قىلىپ بېكىتتى. مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم گەرچە خوتەننىڭ ۋالىيسى بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پەقەتلا قۇرۇق نامدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە بارلىق ھوقۇق تۇڭگانلارنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ خوتەن خەلقى ئىچىدىكى نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ، خەلقنى ئۆزىگە ئەبەدىي بويسۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

ياشىنىپ قالغان مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم خەلقنى تۇڭگانلارنىڭ قەتلىئام قىلىشىدىن ساقلاپ قېلىش ۋە ئاخىرىدا تۇڭگانلارنىڭ زۇلمىدىن ئازراق بولسىمۇ قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنىڭ يوللىرىنى قىلىش ئۈچۈن، بۇ مەنسەپنى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولغان ئىدى. ئەمما رېئاللىق شۇ ئىدىكى مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ ئىشى ھەممىدىن قىيىن ئىدى. چۈنكى ئۇ بىر تەرەپتىن ئېچىرقاپ كەتكەن چىلبۆرىلەرنىڭ قارنىنى تويغۇزۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن قوزا – قويلارنىڭ جانلىرىنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىدى. مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا شۇنچىلىك تېز گۇمران بولۇپ، خوتەننىڭ ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كەتكىنىگە يۈرىكى چىدىماي، قېرى جېنىدىن جاق تويغان ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئالىدىغان ئامانىتىنى تېزرەك ئېلىشىنى تىلەپ، ئۇزۇنغىچە دۇئا – تىلاۋەت قىلىپ يالغۇز ئولتۇرۇپ كېتىدىغان چاغلىرى كۆپىيىپ قالغان ئىدى. مانا ئەمدى نەچچە مىڭلىغان شېھىتلەرنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە قۇرۇلغان خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى، خۇددى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاشلا، ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلىماي تۇرۇپ، يەر يۈزىدىن ئۈن – تۈنسىز غايىپ بولدى.

دېمەك، بىر دۆلەت ئۈچۈن ئەڭ بۈيۈك پاجىئە بۆلۈنۈش بولۇپ، بىر پۈتۈن تۇرۇقلۇق پار – پارچە بۇلۇش ۋە تېرىقتەك چېچىلىپ كېتىشنىڭ ئۆزى، شۇ دۆلەتنىڭ ھالاكىتىگە يول ئاچىدۇ. ئەڭ بۈيۈك ئۇتۇق بولسا ھەرۋاقىت بىر پۈتۈنلۈكنى ساقلاپ قېلىش، تۈگۈلگەن بىر مۇشت بولۇپ، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى بىرلىكسەپ تۈزۈشتۇر. شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ زېمىن ۋە يەرلىك خەلق بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە، ئۇ خۇددىي بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ بارمىقى كېسىلسە، بۇ بىر تال بارماقنىڭ ئاغرىق ئازابىنى جان ۋە بەدەننى باشقۇرغۇچى باش بىلەن بىرلىكتە، پۈتۈن بەدەن تەڭ تارتىدۇ. مەيلى ئۇ بارماق پۈتۈن بەدەننىڭ قانچىلىك كىچىك بىر پارچىسى بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئاچچىق ئاغرىقىنىڭ دەردى ياكى ساقايغاندىن كېيىنكى كەيپى پۈتۈن بەدەنگە ئورتاق ئەمەسمۇ؟ شۇڭا، شەرقىي تۈركىستان بىر ئادەمنىڭ بەدىنىگە ئوخشايدۇ. ئۇنى باشقۇرىدىغان، ئىدارە قىلىدىغان دۆلەتمۇ پەقەت بىر، ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان دۆلەت. دۆلەت بىر، ۋەتەن بىر، خەلق بىر ۋە بايراق بىر بولغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ھەقىقىي ئەركىنلىككە، ھۆرلۈككە، ئازاتلىققا مۇيەسسەر بولىدۇ.

6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قوماندانلىقىدىكى ئاتلىق قوشۇن جەمئى 300 گە  يەتكەن بولۇپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بۇ قوشۇن بىلەن مۇستەھكەم بىر قورغان قۇرماقچى بولدى. شۇڭا ئۇ تۇرۇۋاتقان كەنتنىڭ يۇقىرىدىكى پوپۇنا دېگەن كەنتتە ھەربىي بازا قۇرۇش ئۈچۈن، شۇ ڭۈنى پوپۇنا كەنتىگە يۆتكەلدى. ئۇنىڭ مەقسىدى، قايتا كۈچ توپلاپ، تۇڭگانلارنى خوتەندىن قوغلاپ چىقىرىش ئىدى. ئەمما دۈشمەننىڭ ھەر تەرەپكە سەلدەك يېيىلغان جاسۇسلىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ بۇ پىلانىنى تۇيۇپ قېلىپ، تۇڭگانلار پوپۇنىغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى. قانلىق جەڭ سەھەردىلا  باشلىنىپ، دۈشمەن تېزلىكتە بارلىق كۈچىنى يىغىپ ئالدىدىكى تۆپىلىكنى ئىگىلىۋالغان ئىدى. شۇڭا دۈشمەننىڭ ئوت كۈچى ئۆزىنىڭ ئورۇن ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تۆۋەندە تۇرغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەسكەرلىرى ئۈستىگە شىددەتلىك ئوق ياغدۇردى. تۇڭگانلار يۇقىرىدا، خوتەن ئەسكەرلىرى پەستە تۇرۇپ ئېتىشقان بۇ جەڭ ئۇچ سائەت داۋام قىلدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەسكەرلىرى ئېگىزدىن يامغۇردەك قۇيۇلۇۋاتقان ئوقلارغا قارشى ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ تۇرۇپ، قوراللىرىدىن شۇنچىلىك چاققان ھەرىكەت بىلەن ئوق ئۈزەتتى. ئۇلار چېكىنىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي، ئېگىزدىكى دۈشمەننى چەنلەپ قوراللىرىدىن توختىماي ئوق ئاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلىشى ھازىرچە ئەسلا مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى. چۈنكى دۈشمەن پىلىمۇتلىرىنىڭ ئوت كۈچى بەكمۇ كۈچلۈك ئىدى.

دۈشمەن بىر چەتتىن ئوق ئېتىپ، بىر چەتتىن ئۈزۈلدۈرمەي قول بومبىلىرىنى ياغدۇراتتى. دۈشمەنگە قارىتىپ تاپانچىسىدىن ئوق ئۈزۈۋاتقان قوماندان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، بۇ ئۇرۇشتا تۇڭگانلارنى يېڭىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، يەنە داۋاملىق ئېتىشسا بارلىق ئەسكەرلىرىنىڭ قېرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن پەملەپ، بىرىدىنلا يۇقۇرغا ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان ئوڭ قولىدىكى تاپانچىسىنى پىلاڭلىتىپ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن: «ئېتىشنى توختىتىپ، چېكىنىڭلار!» دەپ ۋارقىرىدى، يەر بېغىرلاپ يېتىپ دۈشمەنگە ئوق ئېتىۋاتقان ئەسكەرلەر بۇ ئەمىرنى ئاڭلاپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، تۆۋەنگە تېز چېكىندى، بۇ جەسۇر ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇلار ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېتىلىۋاتقان پىلىمۇت ئوقلىرىدىن ۋە قول بومبىلىرىنىڭ پارتلاشلىرىدىن ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قېلىۋاتاتتى. ئەمما، يەنە نۇرغۇن جەڭچىلەر ئورۇنلىرىدىن قوپالماي، ئاشۇ ئەزىز ئانا تۇپراقنى مەڭگۈلۈك باغرىغا بېسىپ يېتىپ قالغان ئىدى. «شا!» دەپ ۋارقىراپ تۆۋەنگە چۈشۈۋاتقان تۇڭگانلارنىڭ ئوقلىرىدىن يەنە نۇرغۇن جەڭچىلەر يىقىلىپ، قايتا ئورنىدىن تۇرالمىدى. ئالدىدىكى دەرەخلىككە باغلانغان ئاتلىرىنىڭ چۇلۋۇرلىرىنى تېزلىكتە يەشكەن جەڭچىلەر، ئالدىراپ – سالدىراپلا ئۈزەڭگىگە پۇتلىرىنى تىقتى – دە، ئۆزلىرىنى ئېگىرىگە ئاتتى. بىراق، ئۇلار ئاتقا كېيىن قاياققا چېپىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قېلىشتى. چۈنكى، تۇڭگانلار مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قوشۇنىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چېكىنىش يولىنى دۈشمەن كۈچلىرى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلىغان ئىدى. ئاخىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قول ئىشارىتى بىلەن ئەسكەرلەر مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، دەريا تەرەپكە قاراپ ئات سالدى. ئېغىر بەدەل تۆلىگەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆز ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇھاسىرىنى بۆسۈپ قۇتۇلۇپ، دەريا بويىغا يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن خەتەردىن تېخى تەلتۆكۈس قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن ئىدى.

قۇشنىڭ ئەسكىسى سېغىزخان،

ياغاچنىڭ ئەسكىسى ئازغان.

يەرنىڭ ئەسكىسى قازغان،

خەلقنىڭ ئەسكىسى بارسغان[1].

دەپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا قەيت قىلىنغان ئاشۇ قوشاقلاردىكى «خۇيى ئەسكى» خەلققە ئوخشاپ قالىدىغان، ئاياقنىڭ ئاستىغا چاپلاشقان سېغىزدەك جاھىل تۇڭگانلار ئۆزىنىڭ ۋەھشىي نىيەتلىرىدىن يانماي، داۋاملىق ئىز بېسىپ قوغلاپ، دەريا بويىغىچە كەلدى.

«كۇھىقاپتىن چىقتى جىنلار شادلاندى،

تەڭرى كۆردى ئەمما كۆرمەسكە سالدى»

دېگەن نەزمىلەردىكىدەك، تۇڭگانلار ئۆز ئەسكىلىكىدىن شۇنچىلىك شادلىناتتىكى، ئۆز قانخورلىقىدىن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى تولۇپ تاشاتتى. ئەپسۇسكى، شۇنچە ئەسكىلىكنى كۆرۇپ تۇرغان تەڭرىمۇ بۇ ھەقىزلىقلارنى راستتىنلا كۆرمەسكە سالغاندەك قىلاتتى. چۈنكى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىۋالغان بۇ تۇڭگانلار نۇرغۇن بىگۇناھ مۇسۇلماننىڭ جانلىرىغا زامىن بولۇۋاتاتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەھشىي، ھايۋانىي نىيەتلىرىدىن يانماي، داۋاملىق قان تۆكۈپ، زېمىننى قىزىل رەڭگە بويىماقتا ئىدى. ئەجىبا، بۇ بىر سىناقمىدۇ؟ ياكى سەۋرمىدۇ؟

قوغلاپ كەلگەن تۇڭگان ئەسكەرلىرى ئوت – چۆپلەر بىلەن قاپلانغان دەريا بويىغا كېلىپ، سۈزۈك، ئەمما غەزەپ بىلەن شاۋقۇنلاپ ئېقىۋاتقان ئۇلۇغ ئېقىنغا ئات سېلىشقا پىتىنالمىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار بۈگۈنكى غەلىبىسىنى تەنتەنە قىلىپ، يىرتقۇچ قۇشلاردەك چىرقىرايتتى، ئاتلىرىغا رەھىمسىزلىك بىلەن قامچا سېلىپ، گاھ دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا چاپتۇرسا، گاھ تۆۋەن ئېقىنىغا چاپتۇرۇپ، دەريا بويىدىكى يۇمران چۆپلەرنى، تولۇق ئېچىلغان لالىلەرنى تەلتۆكۈس چەيلەپ تىلغىۋەتكەندىن كېيىن، ئارقىسىغا يېنىپ قايتىشتى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆز ئادەملىرى بىلەن يېگانە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ، ئۇلۇغ ئېقىۋاتقان پوپۇنا دەرياسىغا ئات سېلىپ، مىڭبىر مۇشەققەتتە ئۇ قاتقا ساق – سالامەت ئۆتۈۋالدى. ئەمما ئۇلار ھېچ ئارام ئالماي، تاغدىن ئۇرغان يازنىڭ كەچكى شامىلىدا ساما ئويناۋاتقاندەك تولىمۇ چىرايلىق دولقۇنلىنىپ تۇرغان ياپيېشىل دالىدا ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ كەتتى. ئۇلار شۇ چاپقانچە 42 كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن، خۇپتەندىن ئۆتكەندە دۇۋا كەنتىگە يېتىپ كەلدى. ئەمما ئۇلار كەنتنىڭ ئىچىگە كىرمەي، سىرتىدىكى كەڭ دالىغا كېلىپ توختىدى.

[1] بارسغان ‐ خۇيى ئەسكى دېگەن مەنىدە.

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

(داۋامى بار)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top