You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھىجران يولى (7)

ھىجران يولى (7)

 

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مانا ئەمدى، ئىلچى قولدىن كەتكەندىن كېيىن، مىڭ بىر مۇشەقەتتە ئۆزىنىڭ يولىغا ئەگەشكەن ئەسكەرلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ قۇرغان پوپۇنا ئەسكىرى بازىسى تۇڭگانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەسكىرى كۈچى شۇنچىلىك ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرى ھېسابلىنىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن باشتىن ئاياغ بىر پىكىردە بولۇپ، ھايات – ماماتلىق جەڭلەردە بىرگە جەڭ قىلغان قوماندانلىرىدىن تۇرسۇن باقى خان، ئىسمائىل داموللام ۋە ئەردەمنىڭ قول ئاستىدىكى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىدىن تۆت يىگىت بولۇپ، جەمئى 200 دىن ئوشۇق قوماندان ۋە ئەسكەر شېھىت بولغان ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم، تېنى شۇنچىلىك چارچىغان، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىلا ئەمەس، ھەتتا روھىمۇ ھارغانىدى. ئۇ ئۆزىنى بەك يالغۇز ھېس قىلدى. ئەمما ھېچقاچان ئۈمىدىنى يوقىتىپ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە پېتىپ قالمىدى. ئۇنىڭ ھازىرلا قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك قاتتىق سوقۇۋاتقان يۈرىكى «تەقدىرىمىز مانا مۇشۇنداق كاج ئوخشايدۇ» دېسە، قۇرۇپ شىلىمشىپ كەتكەن تىلى «سەۋر قىل» دەپ خىتاپ قىلاتتى. شۇڭا ئۇ جىمجىت، پاراغەت بىر ماكان ئىزدەيتتى. ئۇ ھازىر ھەقىقەتەن غوۋغاسىز، تىۋىشسىز كەڭ بىر دۇنيانى خالاپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ جىمجىتچىلىق ئىچىگە چۆكۈپ، ئۆزى ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە چوڭقۇر بىر تەپەككۇر قىلىشقا ئېھتىياجى بار ئىدى. چۈنكى ئادەم بەزىدە ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ، غېرىپسىرىغاندا، شۇنچىلىك يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئادەم شۇنداق ئىزتىراپقا چۆمگەن يالغۇزلۇق ئىچىدىلا، تېرەن تەپەككۇر قىلالايدۇ. تەپەككۈر قانچە تېرەن بولسا، كىشى ئۆزىنى ۋە ئەتراپىنى شۇنچە توغرا تونۇپ يېتىدۇ. ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزگىنى تونۇپ يەتسەڭ، ئۆزۈڭنى كەشپ قىلىپ ھاياتنى تونۇپ يېتىسەن. ئاندىن بۇ دۇنياغا زادى نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىڭنى بىلىسەن ۋە ئۆزۈڭگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى چۈشىنىسەن. ئۆز ۋەزىپەڭنى چۈشەنگەن چېغىڭدىلا، ھاياتتا يېڭى بىر يولنى كەشپ قىلىسەن ۋە بۇ يوللاردا ئۆز ئىزلىرىڭنى قالدۇرۇپ ماڭىسەن. ئۇ ئازابقا تولغان، ھارغىن كۆزلىرىنى كەڭ ساماغا تىكتى. سامادا ئاي ۋە يۇلتۇزلار كۆرۈنمەيتتى، ئەمما قايغۇ، ماتەم بۇلۇتلىرى بولسا توپ – توپى بىلەن لەيلەپ يۈرەتتى. يېنىدىكى ئازغىنە ئەسكەرلىرى شېھىت بولغان سەپداشلىرىنى ئويلاپ، نادامەت ئوتىدا يۈرەكلىرى پۇچۇلىنىپ، پىغان چېكىۋاتاتتى. ئەتراپتا تاغ شاماللىرى يەڭگىل ئۇشقىرتاتتى، تۇشمۇ – تۇشتىن پىغانلىق ھوۋلىغان بۆرىلەرنىڭ ئاۋازى دالانى بىر ئالغان ئىدى. ئوت – چۆپلەرنىڭ گۈپۈلدەپ تۇرىدىغان پۇراقلىرى دىماقلارغا گۈپۈلدەپ ئۇرۇلاتتى. ئېگەرلىك ئاتلار سەۋر – تاقەت بىلەن ئىگىلىرىنىڭ دەردلىرىگە جۇر بولۇپ، قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ قىمىرلىتىپ – قىمىرلىتىپ قوياتتى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپنىڭ شولىلىرى ئەكس ئەتكەنىدى. بەزى يىگىتلەر چارچاپ ھەممە يېرىدىن تەر ئېقىپ تۇرغان ئاتلىرىنىڭ بويۇنلىرىغا گىرە سېلىپ ئېسىلىپ، شېھىت بولغان سەپداشلىرى ئۈچۈن ئۈنسىز پەرياد چېكىشىۋاتاتتى، چارچاش ۋە ئۇيقۇسىزلىقتىن كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئەردەم بىلەن ئەبەيدۇللاھ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئامانلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئەنسىزلىك ئىچىدە ئەتراپنى ھۇشيارلىق بىلەن كۈزىتىپ تۇراتتى. ئۇلار بۈگۈن تاڭ ئاتقاندىن بېرى گاھ جەڭگاھتا جەڭ قىلسا، گاھ جىلغا يوللىرىدا ئات چاپتۇرۇپ، گاھ ئۇلۇغ ئېقىنلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقانلىقى ئۈچۈن، تەنلىرى شۇنچىلىك ھېرىپ، يۈزلىرى بۇلۇت توسقان ئايدەك خىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى. قورساقلىرى ئېچىپ تارتىشىپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەي يول ئالغانلىقىنى مانا ئەمدىلەتىن سەزمەكتە ئىدى. ئاچلىقتىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاشقازانلىرى ئېچىشىپ، دىماغلىرى قۇرۇپ كەتكەنىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەتراپقا بۈركۈتتەك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، 50 قەدەمچە يىراقلىقتا كۆرۈنۈپ تۇرغان تۈزلۈكنى كۆرسىتىپ، ئاشۇ يەردە غىزالىنىپ، تۇنەشنى قارار قىلدى. بۇ قاراردىن ھەممەيلەن مەمنۇن بولۇشۇپ، ئاتلىرىنىڭ چۇلۋۇرىنى ئاشۇ تەرەپكە تارتىپ مېڭىشتى. بۇ يەر تۈپتۈز بولۇپ، ئۈستىنى قويۇق ئۆسكەن ئوت – چۆپلەر يېپىپ تۇراتتى، يەنە كېلىپ ئارىسىدا جىمىرلاپ ئېقىۋاتقان بىر ئېرىقمۇ بار ئىدى. يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ئېگەرلەرگە ئارتىلغان خۇرجۇنلىرىنى ئېلىپ، ئاندىن ئاتلىرىنىڭ ئۇلاڭ تۆشلۈكلىرىنى يەشتى، ئېگەر – جابدۇق، قۇشقۇن ۋە نۇقتا – ئېغىزدۇرۇقلىرىنى بوشاتتى، ئارقىدىن ئاتلىرىنىڭ ئالدى پۇتلىرىغا چۈشەك سېلىپ، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېرىق قىرىدىكى ئېگىز ئۆسكەن ئوتلارغا سوۋۇتۇش ئۈچۈن قويۇۋەتتى. ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى كۈمۈشتەك يالتىراپ تۇرىدىغان مۇزدەك تاغ سۈيىدە يۈز – كۆزلىرىنى پاكىز يۇيۇپ، سۇدىن قانغىچە ئىچكەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى شۇنچىلىك راھەت ھېس قىلدى. ئاندىن ئۇلار بۇ دۇنيادا قورساقتىن باشقا ھېچبىر غېمى يوق ئادەملەردەك خۇرجۇنلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نېمەتلەرنى چىقىرىپ، دالىدىن قۇرۇق يۇلغۇن شاخلىرى، سۆكسۆك، توغراق پوستى دېگەندەك قوراي – قوۋزاقلارنى يىغىپ كېلىپ گۈلخان يېقىپ، گۈزەل بىر سورۇن ھازىرلاشتى. ئەتراپتا ئاتلارنىڭ بوشىغاندىن كېيىنكى ھۇزۇرلۇق كىشنەشلىرى، تۈن قۇشلىرىنىڭ سۈرلۈك سايراشلىرى، تومۇزغىنىڭ تىنماي چىرىلداشلىرى، ئېرىق سۈيىنىڭ تىنماي شىلدىرلاشلىرى قۇلاقلارغا شۇنچىلىك يېقىملىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئەبەيدۇللاھمۇ خۇرجۇنىدىن ئانىسى ئۆز قولى بىلەن يېقىپ قولىغا تۇتقۇزغان يەتتە تال قىزىرىپ پىشقان توقىچىنى ئوشتۇپ، ئوتتۇرىغا قويدى. قورسىقى ئېچىپ ھېچ ماجالى قالمىغان ئەردەم دەرھال توقاچتىن بىر پارچىنى ئېلىپ، شۇنچىلىك مەززە بىلەن چايناشقا باشلىدى. توقاچ ھەقىقەتەت شۇنچىلىك مەززىلىك ۋە لەززەتلىك ئىدى، ئۇ ئۆز ئۆمرىدە بۇنداق بىر لەززەتلىك ناننى يېگەنلىكىنى ئەسكە ئالالمىدى. ئەمدى ئۇ توقاچنى چاينىغاچ، ئۆز خىيال ئاسمىنىدا لەرزان قانات قېقىشقا باشلىدى:

«بۇ نانلار، ئەبەيدۇللاھنىڭ چېچى غىۋىدەك ئاقارغان ئانىسى سەيدىنىسەخان ئانىنىڭ قورۇق باسقان قوللىرىدا يېقىلغان نان ئىدى. بۇ نانلار، ئېتىزلاردا ساپان سۆرەپ يەر ئاغدۇرۇپ، ئوسا قىلىپ يەرنى سۇغۇرۇپ، ئۇرۇقلارنى بىر – بىرلەپ تۈجۇپىلەپ تۇپراققا تېرىپ، مىڭبىر مۇشەقەتتە بوي تارتىپ مايسا بولغاندا، ئارىسىدىكى ياۋا ئوتلارنى بىر – بىرلەپ ئوتاپ، ئالتۇن باشاق بولغاندا قاداق باسقان قوللىرى بىلەن ئۆزى ئورۇپ، خاماندا تۇلۇق پىرقىرىتىپ ئۆزى تەپكەن، ئەمگەكچان ئۇيغۇر دېھقانلىرىمىزنىڭ ھالال مېھنەت تەرىدىن پۈتكەن نانلار ئىدى.

بۇ مىللەتنىڭ بەختى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قوللىرىدىن تۇغۇلىدۇ. ئۇلار ۋاقتى كەلگەندە يەر تىرىپ زىرائەت ئۆستۈرىدىغان دېھقان بولسا، پەيتى كەلگەندە ھېچ ئىككىلەنمەي قوللىرىغا قورال ئېلىپ ياۋ بىلەن جەڭگاھتا جەڭ قىلىدىغان بىر ئەسكەر بولالايدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئوخشاش بىر غولدىن شاخلانغان توغراق تاللىرىدەك بىر نەسەپتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئانا زېمىننى ماكان قىلىپ، ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتقان. دېھقانلارنىڭ تەقدىرى پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى ۋە شۇ ئانا زېمىننىڭ تەقدىرى بىلەن بىر تۇتاش».

ئەردەم ناننى ئاستا چايناپ، ئۇنىڭ مىزىلىك تەمىنىڭ ئاغزىدا مەڭگۈلۈك قېلىشىنى ئويلاپ، يۇتۇۋېتىشكىمۇ قىيالماي ئاغزىنىڭ ئىچىدە بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇردى، ئاخىرى ئاغزىدا ئېرىپ كەتكەن نان، باياتىن بېرى ئىچىگە كىرىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان گېلىگە شۇنچىلىك سىلىق كىرىپ كەتتى.

قورساقلىرى تويۇپ، كۆزلىرى نۇرلانغان، تەنلىرىگە مادار كىرىپ، كەيپىياتى سەل جانلانغان جەڭچىلىرىنى كۆرگەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كۆڭلى سەل ئەمىن تاپقاندەك بولدى. ئۇ ئۆز يىگىتلىرىنىڭ رەڭگى – رويىغا قاراپ ئۇلارغا زوقى كەلدى. ھەممىسى شۇنچىلىك شىر يۈرەك ئەزىمەتلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ تەقى – تۇرقى بىر – بىرىگە ئوخشاش بولۇپ، جاپالىق ھايات ئۇلارنى ئوخشاش بىر تەڭلىدە يۇغۇرۇپ، ئوخشاش بىر تونۇردا پىشۇرۇپ چىققان ئىدى. قاراقاش ئىنقىلابىدىن تا ھازىرغىچە بولغان بىر يېرىم يىلغا يېقىن بۇ ۋاقىت، ئاشۇ ئېرىقتىكى سۇلاردەك شۇنچىلىك تېز ئېقىپ كەتكەنىدى، ھەربىر دەقىقىنىڭ ئۆتۈشى، شۇ تاغ سۇلىرىنىڭ ئېقىشىغا ئوخشاش ئالدىدىكىسىگە زىنھار ئوخشىمايتتى. دېمەك، ھايات بىر ئېقىن سۇدىن باشقا نەرسە ئەمەس ۋە ئۇنىڭ ھەربىر دەقىقىسى ئادەم بالىسىنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە خىلمۇخىل، رەڭمۇرەڭ مۆجىزىلەرگە تولغان. ئەجىبا، ھازىر يېنىدىكى ھايات قالغان بۇ يىگىتلەرنىڭ سانىنىڭ 40 بولۇشىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە ئەمەسمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن بىر تاسادىپىيلىقمۇ؟ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئىنتايىن ھەيرانلىق ئىچىدە تەپەككۇرىنى ئەجدادلار تارىخىغا ئاغدۇردى. ئىنسان ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ تارىخىنى بىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ھېكمىتىنى، زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى ئىدراك قىلىدۇ. كەچمىشى بىلەن ئۆزى ئارىسىدا بىر باغ قۇرۇپ، كەلگۈسىدىكى يولىنى بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەجدادلار تارىخىغا بەكمۇ قىزىقاتتى ۋە بۇ تارىخنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش يولىغا قەدەم باسقان ئىدى. ئۇ ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەچكە، «ئەركىنلىك!» دەپ شېھىت بولغان تالاي ئەجدادلارنىڭ قۇتلۇق قېنىنىڭ مۇشۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تۆكۈلگەنلىكىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. تۆكۈلگەن ئاشۇ قانلاردىن ئاپىرىدە بولغان ئۇلۇغ قەھرىمانلىقنىڭ تەڭداشسىز قۇدرىتى بىلەن بۇ تۇپراقلارنىڭ شان – شۆھرىتىنى جاھانغا يايغان سەلتەنەتلىك كەچمىشىنى، ئەجدادلار بېسىپ ماڭغان تاغ ئېتەكلىرىدىكى، دەريا ياقىلىرىدىكى، چەكسىز دالىدىكى قەدەم ئىزلىرنى ناھايىتى ياخشى تونۇيالايدۇ. ئۇنىڭ ۋەتەن مۇھەببىتى ۋە مىللەت سۆيگۈسى بەكمۇ كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ساپ ۋە چوڭقۇر تۇيغۇلار، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئوقۇغان قۇچاق – قۇچاق تارىخ كىتابلىرىدىن، ئاستا – ئاستا ئۇنىڭ روھىغا سىڭىپ، بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ سۈزۈكلەشكەن تارىخ بىلىملىرىدىن مەيدانغا كەلگەن. بۇنداق بىلىمنى ئەلۋەتتە ھېچقانداق بىر كۈچ، ھېچقانداق بىر قورالمۇ ئۇنىڭدىن تارتىپ ئالالمايدۇ. بۇ بىلىملەر پەقەت ئۇنىڭ كاللىسىدا ئەبەدىلئەبەد ساقلىنىپ قېلىۋېرىدۇ. ئۇ مانا بۈگۈن، يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان گۈلخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرغان 40 يىگىتكە، ئۆزى ئۆگەنگەن ئاشۇ تارىخىي بىلىملىرىدىن بىر قىسسە سۆزلەپ بەرمەكچى بولدى. ئۇ كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچقان 40 باھادىر يىگىتكە قاراپ سۆزىنى باشلىدى:

‐ بۈگۈنكى بۇ قانلىق ئۇرۇشتا، ساق 40 يىگىتنىڭ مېنىڭ بىلەن بىرگە دۈشمەن مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ چىقىپ، بۇ يەردە جەم بولۇپ ئولتۇرۇشىمىزنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە بولسا كېرەك. مەن «40» دېگەن سانغا مۇناسىۋەتلىك تارىختىكى بىر ۋەقەنى سىلەرگە قىسقىغىنە ھېكايە قىلىپ بەرمەكچىمەن. چۈنكى تارىخنى بىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىبادەت. تارىختا ئۆتكەن قەھرىمانلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئۆگەنگەندە ئادەمنىڭ روھى تىرىلىپ، پاكلىنىدۇ. ئاندىن ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش تۇيغۇسى، تەپەككۇر قىلىش ئېڭى يېتىلىدۇ. بىزنىڭ مەنىۋى قۇۋۋىتىمىزنى ئاشۇرۇپ، مۇستەقىللىق ئىدىيەسىنى تىكلەش يولىغا يېتەكلەيدۇ. مۇستەقىللىق ئىدىيەسى بولسا، نۆۋەتتە خەلقىمىز ئۈچۈن يورۇقلۇق قىيامىدىكى قۇياشتەك بىباھا!

 

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

(داۋامى بار)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top