You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھىجران يولى (8)

ھىجران يولى (8)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئەمىسە گەپنى ئۇزارتماي ھېكايىگە كېلەيلى، ئەلقىسسە، 628 – يىلى شەرقىي تۈركلەرنى تەشكىل قىلغان ئون بەش قەبىلە ئىچىدىكى شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىسى، ئۇيغۇر قەبىلىسى ۋە سۇرتاردۇشلار ئىسيان كۆتۈرۈپتۇ. بۇنى پۇرسەت بىلگەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى لى شىمىن ئۇلارغا نۇرغۇن ئالتۇن – كۈمۈش ھەدىيە قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە مايىل قىلىۋاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن شانلىق كۆكتۈرك خانىدانلىقىدا پارچىلىنىش يۈز بېرىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك، شۇ يىللاردا كەينى – كەينىدىن ئۇزۇلمەي ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بېرىپ، خەلقنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى قىرىلىپ كېتىپتۇ. خەلق ئاچارچىلىقتا قېلىپ، ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ. مانا شۇ ۋەجىدىن تۈركلەر غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر بوپتۇ. بۇنى پۇرسەت دەپ بىلگەن لى شىمىن سەددىچىندىن چىقىپ، تۈركلەرگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپتۇ ۋە كۆچ – كۆچتە كېتىۋاتقان 100 مىڭدىن ئوشۇق تۈركنى ئەسىرگە ئېلىۋاپتۇ. ئۇ بۇ ئەسىرلەرنى سەددىچىننىڭ ئىچىگە مەجبۇرى كۆچۈرۈپتۇ. مەقسىتى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تېررىتورىيىسى ئىچىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، شەرقىي تۈركلەرنىڭ ئۇرۇقىنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىش ئىكەن. لى شىمىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەگزادىلەرنى پايتەخت چاڭئەنگە ئەكېلىپ، نەزەربەنت قىپتۇ. شۇ چاغدا ئەسىرگە چۈشمەي قالغان بىر قىسىم تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىياغا كېتىپ، شەرقىي ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ قۇتۇلۇپتۇ. ئەمما، ئەسىرگە چۈشكەن تۈركلەر سەدىچىننىڭ ئىچىدە ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراپتۇ، ئۇلارنىڭ قاغانى قاراخان 634 – يىلى چاڭ ئەندە ۋاپات بوپتۇ. 639 – يىلى، لى شىمىن ئەسىرگە چۈشكەن تۈركلەردىن بىر قورچاق تۈرك قاغانلىقى تەشكىل قىپتۇ. ئەمما، ئەسىرلەردىن بۇيان مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن تۈرك خەلقى بۇ قورچاق قاغانلىقنى ئېتىراپ قىلماي، مۇستەقىل بىر تۈرك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن مەخپى ھەرىكەتكە ئۆتۈپتۇ. بۇ ئۇلۇغۋار غايىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ۋە ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلغۇچى سىۋارخاننىڭ كىچىك ئوغلى شاھزادە كۇرشاد ئىكەن. ئۇ چاڭئەنگە مەجبۇرىي كەلتۈرۈلگەن تۈرك بەگزادىلىرىدىن 40 يىگىتنى ئەتراپىغا توپلاپ، بىر مەخپى تەشكىلات قۇرۇپتۇ. ئۇلار، بۇ مەقسەت ئەمەلگە ئاشسا كۇرشاد قاغان بولىدۇ دەپ مەسلىھەت قىلغاندا، كۇرشاد بۇ تەكلىپنى رەت قىپتۇ ۋە قاغان نامزاتلىرىغا ئۆز جىيەنلىرىدىن بىرىنى كۆرسىتىپتۇ. ئۇنىڭ تەكلىپى ئورتاق قاراردىن ئۆتۈپتۇ. بۇ تەشكىلات ئۆزىنىڭ ھەرىكەت پىلانلىرىنى ئېنىق تۈزۈپ چىقىپتۇ. ئۇلار باشقىلاردەك ئەمەل – مەنسەپ، يۈز – ئابروي تالاشماپتۇ، بەلكى ھەممىسى بىر تەن بولۇپ، بىر باشقا بويسۇنۇپتۇ. كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، كۆپ پىلان تۈزۈپ يۈرمەپتۇ، بىر – بىرى بىلەن جاڭجال – توپىلاڭلارمۇ چىقارماپتۇ، ئۇلار خوتەنلىك، قەشقەرلىك، قۇمۇللۇق، ئىلىلىق دەپ يۇرتۋازلىق قىلىپمۇ ئولتۇرماپتۇ. بەلكى، پەقەت ۋە پەقەتلا ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بىر يولباشچىنىڭ ئارقىسىدىن غىڭ – پىڭ قىلماي مېڭىپتۇ. ئۇ يولباشچى بولسا كۇرشاد ئىكەن.

ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى ساپ ۋە خالىس بولغاچقا، بىر قېتىم يىغىن ئېچىپ، ئىككىلا قارار ئاپتۇ. ئۇلار بۇ قارارلارنى ئىككى باسقۇچ بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلاپتۇ. بىرىنچى باسقۇچتا، پادىشاھ لى شىمىننى تىرىك تۇتۇپ، ئۇنى تۈركلەر يۇرتىغا ئەپقېچىش. ئاندىن پايتەختتە نەزەربەند بولۇپ تۇرغان تۈرك بەگزادىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش. ئىككىنچى باسقۇچتا، بارلىق تۈركلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەن.

ئەينى چاغدا، لى شىمىننىڭ پۇقراچە كىيىنىپ كەچتە چاڭئەننىڭ ئاۋات كەچلىك بازارلىرىنى ئايلىنىپ، پۇقرالاردىن ئەھۋال ئىگىلەيدىغان ئادىتى بار ئىكەن. كۇرشاد ۋە ئۇنىڭ 40 باھادىرى مانا شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، لى شىمىننى قولغا چۈشۈرۈشنى پىلانلىغان ئىكەن. ئەمما، پىلانلىغان كۈنى يەر جاھاننى قارا جۇدۇن، بۇس – تۇمان قاپلاپ، قاتتىق گۇلدۇرماما چاقماق چېقىپ، قارا بۇلۇتلاردىن دەھشەتلىك يامغۇر قۇيۇلۇپتۇ. ھاۋانىڭ پەيلىنىڭ يامانلىقىنى كۆرگەن لى شىمىن تالاغا چىقىشتىن ۋاز كېچىپ، ئوردا ئىچىدە كۆڭۈل ئېچىشنى قارار قىپتۇ. ئاق يۈزلۈك ئۆزى كېلىشكەن، قارا كۆزلىرى شەھلا، بۇرۇتى شالاڭ، ئېگىز  بوي، تەقى – تۇرقىدىن پەم – پاراسىتى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ شاھ ئۈستىگە سىرىق دۇردۇندىن ئەجدىھا تون كىيگەن، بېلىگە رەڭدار قۇش چۇچىلىق شايى پوتا باغلاپ، توننىڭ ئالدى پەشىنى پوتىسىغا قىستۇرغان ھالدا، زەردىن زىغزىق قويۇلغان سۇمرۇغ شەكىلدىكى كۆسەي ئۆتۈك كىيگەن پۇتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ھەشەمەتلىك شىرە يېنىدا پوزۇر ئولتۇرۇپتۇ. ئەجدىھا سۈرەتلىرى نەقىشلەنگەن ئالتۇن پۇتلۇق شىرەنىڭ ئۈستى خىلمۇ – خىل تائاملار، كۆك – گېزەك ۋە يەل – يېمىشلەر بىلەن بىزەلگەن ئىكەن. قېنىق دەملەنگەن چايلار ئاجايىپ خۇش پۇراق چېچىپتۇ. شاراپچى قىزلار تەبەسسۇم بىلەن كەھرىۋا جاملاردا سۈپسۈزۈك ئېسىل شاراپلارنى سۇنۇپ، شاھنىڭ كۆزىنىڭ خۇمارىنى يەپتۇ. يەلپۈگۈچتىن چىققان ساپ ھاۋانىڭ پەيزىدە، يېشىل تونغا پۈركەنگەن زىلۋا بويلۇق ناخشىچى قىزلارنىڭ نەي، بالىمانغا جۇر بولۇپ ئېيتقان ناخشىسىنىڭ شېرىن ئاۋازلىرى ئوردا ئىچىنى زىلزىلىگە ساپتۇ. نىلۇپەردەك خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدىغان رەققاس قىزلارنىڭ نازلىنىپ ئوينىغان ئۇسسۇل ھەم لەپەرلىرىدىن لى شىمىننىڭ كۆزلىرى خۇمارلىشىپ، شەھۋانىي ھەۋەسلىرى قوزغىلىپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، شۇ شىۋىرغانلىق كېچىدە مەيگە، كەيپ – ساپاغا ئىشتىياق باغلاپتۇ.

ئەمما مۇشۇ پەيتتە، كۇرشادنىڭ ئىچى تىت – تىت بولۇپ، قوشما قاشلىرى تۈرۈلگەن چاغ ئىكەن. ئۇنىڭ نۇرلۇق چىرايىدىن قانداقتۇر بىر ئەنسىزچىلىكنىڭ ئالامىتى يىغىپتۇ. ئۇ نېمە قىلىشىنى بىلمەي ئىچىدە مۇنداق ئويلاردا بوپتۇ: «ئەگەر بۈگۈن ئۇ چىقمايدىغان بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم ئاشكارىلىنىپ قالدۇق دېگەن گەپ. شۇڭا، يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ، ئوردىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇنى شۇ يەردىن تۇتۇشىمىز لازىم».

بۇ ئويلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوست، سەپداشلىرىغا ئېيتىپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ 40 ئەزىمەت بارلىق ئۇرۇش قوراللىرى بىلەن تولۇق جابدۇنۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى  سىلەرگە ئوخشاش كېلىشكەن نەۋقىران يىگىتلەر، باھادىر جەسۇر پالۋانلار ئىكەن. بولۇپمۇ بېشىغا يۇلغۇن تىرىسىدىن تۇماق كىيگەن، مەيدىسى ھەم دۈمبىسىگە قارا قىلىن چەمدىن ياسالغان يۈرەك دالدىغاچ تاقىغان، ئىچىگە كۆك رەختتىن پەشمەت، پۇتىغا ئۆتۈك كىيگەن، بېلىگە تاسما باغلاپ، تاسمىنىڭ دەستىسىگە بۆرە سۈرىتى نەقىشلەنگەن خەنجەر تاقىغان، مۈرىسىنىڭ سول تەرىپىگە ئوقيا، ئوڭ تەرىپىگە لىق ئوق تولغان تېرە چىشلىتىلگەن ساداق ئېسىپ، قولىدا پارقىراپ تۇرغان قىلىچىنى تۇتۇپ، ھەممىنىڭ ئالدىدا قىپقىزىل چوغدەك تورۇق ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ قىران يىگىتلىكىنى نامايەن قىلغان يىگىت بولسا ئۇلارنىڭ يولباشچىسى كۇرشاد بولۇپ، ئۇ ئاجايىپ چەۋەنداز باھادىر پالۋان ئىكەن. قالغان 40 باھادىر يىگىتمۇ قوللىرىغا نەيزە، قىلىچ، شەمشەر، ئايپالتىلارنى ئېلىپ، تولۇق جابدۇنغان پېتى كۇرشادنىڭ ئالدىدا ئاتلىرى بىلەن قاتار – قاتار تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ باتۇرلۇق سۈپىتىنى نامايەن قىپتۇ. ئۇلار ئەركىنلىك، ھۆرلۈك ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدا، بىر – بىرلىرىنىڭ كۆزلىرىگە سەمىمىي بېقىشىپتۇ. ئاندىن، يېرىم كېچىدە ئۇدۇل پادىشاھ ئوردىسىغا قاراپ دەھشەتلىك بوراندەك ئات سېلىپ يۈرۈپ كېتىپتۇ. ئۇلار پادىشاھ تۇرغان سارايغا يېقىنلىشىشقا باشلاپتۇ. بۇ دەل تۈن نىسپى بولۇپ، يامغۇر توختىغان ئىكەن. ئاسماندا قارا بۇلۇتلار تارقىلىپ تولۇن ئاي ئەتراپنى يورۇتۇپ، قۇتۇپتىكى يەتتە پەرۋىن يۇلتۇزى باھادىر 41 يىگىتنىڭ ئۈستىدە چاقناپ تۇرۇپتۇ. ئەمما، ئوردا قاراۋۇللىرى ئەتراپتىكى ھەرقانداق بىر شەپىگە قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ چارلاۋاتقان ئىكەن. يىگىتلەرنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئورۇنلىرىغا جايلىشىپ، ياغا ئوقلىرىنى بېسىپ، كىرىچىنى بولۇشىغا تارتىپ، ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئاينىڭ يورۇقىدا، ھەر بىرى بىر قاراۋۇلنىڭ يۈرىگىنى نىشانغا ئاپتۇ. كۇرشادنىڭ بىر ئىشارىتى بىلەن تەڭلا 40 يايدىن 40 ئوق ۋىڭىلداپ ئۇچۇپ چىقىپ، 40 دۈشمەننىڭ جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ. ئۇلار دەرھال يەنە يايلىرىغا ئوق بېسىپ قالغانلىرىنى نىشانغا ئېلىپ ئېتىپتۇ – دە، ئارقىدىن قىلىچلىرىنى قېنىدىن سۇغۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئوردا قوروسىغا قۇيۇندەك باستۇرۇپ كىرىپتۇ. ئەمما، ئۇلار ئوردا قاراۋۇللىرىنىڭ بۇنچىلىك كۆپ ھەم ئۇنچىلىك باتۇرلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن. لى شىمىن ئۆزىنى شۇنچىلىك قوغدىغان ئىكەنكى، ئوردا باقاۋۇلنىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزىلا ئىككى مىڭغا يېتەتتىكەن. بۇنىڭ بىلەن قاتتىق جەڭ باشلىنىپ كېتىپتۇ.

ئەييۇھەنناس، ئىشىتىڭلار ئامۇخاس!

يىگىتلەرنىڭ بىرلىرىنىڭ ئاتقان ئوقلىرىدىن دۈشمەن مەشقاۋۇللىرى تىك چۈشۈپ، تۈلكە – توشقاندەك جان بەرسە، يەنە بىرلىرىنىڭ كارامەت قىلىچۋازلىق سەنئىتىدىن جەۋلان قىلغان قىلىچلىرىنى كۆرگەن ئوردا نۆكەرلىرى يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالماي، غال – غال تىترەپ ئارقىسىغا داجىپتۇ. يىگىتلەر بولسا ئالدىغا ئېتىلىپ كەلگەنلا نۆكەرنىڭ بوينىغا شەمشەر ئۇرۇپ، كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ. كامالەتلىك ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ قولىدىكى ئايپالتىلىرىنى ئويناتقان جەۋەندازلارنىڭ ئالدىنى ھېچكىم توسالماپتۇ. جەڭ داۋاملاشماقتا ئىكەن. ئەمما، ئوردا قاراۋۇللىرىمۇ ئۇنچىلىك بوش نۆكەرلەردىن ئەمەس، يەنە كېلىپ ئۇلارمۇ جان تىكىپ ئېلىشقانلىقى ئۈچۈن، يىگىتلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى مۇمكىن بولماي قاپتۇ. چۇنكى، ئالدىغا ئېتىلىپ كېلىۋاتقان قاراۋۇللارنىڭ قۇيرۇقى ھېچ ئۈزۈلمەپتۇ. قايسى غالىپ، قايسى مات ئايرىغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما شۇ مىنۇتتا كىم ھايات كىم مامات ئىكەنلىكى ئېنىقلا بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ھەممە يېرى رەقىبلىرىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان كۇرشاد ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ، قارا قىياندەك گۆركىرەپ، يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ، لى شىمىننى ئوردىدىن تۇتۇپ، ئېلىپ چىقىشقا كۆزى يەتمەي، ئالىپلىرىغا ئوردىدىن چېكىنىشكە ئەمر قىپتۇ. كۇرشاد ۋە ئۇنىڭ 40 ئالىپى بىر تەرەپتىن ئېلىشىپ، بىر تەرەپتىن چىكىنىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئات ئۇلاغلىرى ئوردىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە قالغان بولۇپ، ئۇياققا چېكىنىش ھازىر ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. كۇرشاد شۇ پەيتتە ئۆزلىرىنىڭ ئوردا ئېغىلى تەرەپكە كېلىپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ – دە، دەرھال ئوردا ئاتخانىسىدىكى ئاتلارنى قولغا چۈشۈرۈپ قېچىشنى ئويلاپ، شۇ تەرەپكە چېپىپتۇ. ئاتخانىدىكى جىددىي جەڭلەرگە تەييارلاپ قويغان، ئېگەر – جابدۇقلىرى راسلاغلىق ئاتلارنى مىنىپ قېچىپتۇ. گەرچە كۇرشاد ۋە ئۇنىڭ 40 ئالىپنىڭ ئىچىدە ئۆلگەنلەر يوق بولسىمۇ، ئەمما تىغ زەربىسىدە يارىلانغانلار بار ئىكەن. ئەمما، ئات ئۈستىدە چوڭ بولغان بۇ ئەزىمەتلەر يارىدار بولسىمۇ ئاتنى خۇددى ئارام ئېلىۋاتقاندەك بەھوزۇر چاپتۇرۇپ، قۇيۇندەك يول ئاپتۇ. كۇرشاد ۋە 40 ئالپنىڭ 41 ئېتىنىڭ 164 نالىسىدىن چىققان توپا – چاڭلار، چاڭئەن كوچىلىرىنى قويۇنتاز ئىچىدە قالدۇرۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. قۇيۇندەك چىپىۋاتقان ئاتلارنىڭ تۇۋىقىدىن چىققان جەڭ سادالىرى ئەسىرگە چۈشكەن يۇز مىڭ خەلقنىڭ يۈرەكلىرىنى زىلزىلىگە سېلىپ، ئۇلارنى ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرماقتا ئىكەن. كۇرشاد 40 ئالىپ بىلەن ئۇدۇل ۋېيخې دەرياسى تەرەپكە قاراپ ئات ساپتۇ.

چاپقۇر ئاتلار بىلەن ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان كۇرشاد ۋە ئۇنىڭ 40 يىگىتىنىڭ ئارقىسىدىن ئوردا قاراۋۇللىرى، مەشقاۋۇل، تۇتقاۋۇل، باققاۋۇل، ئاتارمەن – چاپارمەن بولۇپ، نەچچە يۈزلىگەن چىن لەشكەرلىرى قوغلاپ كېلىۋاتقان ئىكەن. ئۇلارنىڭ مىنگەن ئاتلىرىنىڭ چېپىشلىرىمۇ يىگىتلەرنىڭكىدىن ھەرگىز قېلىشمايدىكەن.

قۇياش ئەتراپىغا قىپقىزىل چوغ تارتىپ كۆتۈرۈلىۋاتقاندا، كۇرشاد خۇددى يالقۇن يالىلىق، شەپەق قۇيرۇقلۇق، ئەت – يانلىرى گوياكى پەرداز بىلەن بويالغاندەك، قۇلاقلىرى قىپقىزىل يۇپۇرماقتەك كۆرۈنىدىغان ئاتنىڭ ئۈستىدە قانداقتۇ بىر قۇتۇلۇش يولىنى كۆزلەپ، تۇياقلىرى ئاستىدىن ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىپ غۇيۇلداپ چىپىپتۇ. ئۇ، ئەركىنلىك ئۈچۈن چاپقان تۇلپارنىڭ تىزگىنىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك، مۇھەببەت ۋە نەپرەتكە تولغان بۇ ھاياتتا ھەر خىل ئىدىيىۋى تۇزاقلار ۋە ھىيلە – مىكىرلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، مەھكۇم مىللەتنى زۇلمەتتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئات سالماقتا ئىكەن.

ئۇلار شۇ چاپقان پېتى ياردىن – يارغا ئۇرۇلۇپ ھەيۋەت بىلەن دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان ۋېيخې دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ كەپتۇ. دەريا بويىدا ھېچ بىر قولۋاق يوق ئىكەن. يەنە كېلىپ سۇنىڭ دەھشەتلىك بۇ ئېقىنىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەسكەن. ئەمما، ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان نەچچە يۈزلىگەن چىننىڭ لاۋۇلەشكەرلىرى يېقىنلاپ قالغانىكەن. بۇنداق ھايات – ماماتلىق چاغدا كۇرشادنىڭ دەرھال بىر قارار بېرىشى بەكمۇ زۆرۈر ئىكەن. يەنى، يا دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ، بىر ئۆمۇر قۇل بولۇش، ئىزا – ئاھانەت بىلەن ياشاش، ياكى مۇشۇ جەڭگاھتا باتۇرلۇق بىلەن ئاخىرقى نەپسىگىچە ئېلىشىپ، مەڭگۈلۈك ئىززەت – ھۆرمىتىنى، شەرەپ – نومۇسىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت ئىككى يولنىڭ بىرسىنى تاللاش ئۈستىدىكى قارار ئىكەن.

ۋېيخې دەرياسى لېۋىدە، كۇرشاد لاۋۇلداپ يالقۇنجىغان تۇلپىرىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ تۇرۇپ، 40 زەپەردىشىغا بىر – بىرلەپ قاراپتۇ. بۇ چاغدا، ئۇ، 40 ئالىپنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى ئوۋغا ئېتىلىپ تۇرغان ئارسلاندەك ئوت چاقناپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. گەرچە ئۇلار بۇ ماكان، بۇ زاماندىكى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى كەچۈرۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تەقى – تۇرقىدىن، چېھرىدا باتۇرلۇق بالقىپ تۇرغان روھىي ھالىتىدىن بۇ گۈزەل ھاياتقا بولغان ئۈمىدلىرى جۇلالىنىپ تۇرماقتا ئىكەن.

كۇرشاد سول قولىدا ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ تۇرۇپ، ئوڭ قولىدىكى قىلىچىنى ھاۋادا ئېگىز كۆتۈرۈپ:

‐  باھادىر ئالپلىرىم! سەپداش دوستلىرىم! بىز مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكى، دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بۇ يولغا ئاتلانغان. ئەمدى يولنىڭ ئاخىرىغا كەلدۇق. گەرچە مەقسىدىمىزگە يېتەلمىگەن بولساقمۇ، لېكىن بىزنىڭ بۇ كۆرسەتكەن جەڭگىۋار پىداكارلىقىمىزنى ئەۋلادلار مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ. ئۇلار بىزنى تىللاردا داستان قىلىپ ياد ئېتىدۇ. بىزنىڭ يولىمىز ھەق، ئادالەت يولى، ئەركىنلىك، ھۆرلۇك يولى. ئى ئەزىمەتلىرىم، بۇ يولدا تا ئاخىرقى تىنىقىمىز قالغۇچە جەڭ قىلىشقا ھازىرمۇ سىلەر؟

40 باھادىر ئالىپنىڭ ئاغزىدىن تەڭلا چىققان «ھازىر! ھازىر!» دېگەن ياڭراق سادالار، ۋېيخې دەرياسى ساھىلىنى زىلزىلىگە ساپتۇ. بۇ ئاۋازدىن دەريا سۇلىرى چايقىلىپ، ئۆركەشلەپ، قىرغاقلاردىكى قۇرام تاشلارغا غەزەپ بىلەن ئۇرۇلۇپتۇ. دەريا سۈيى دەھشەتلىك شاۋقۇن چىقىرىپ، بۇژغۇنلىرى ساماغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. مانا شۇ چاغدا بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ روھى پاكلىنىپتۇ.

ئاخىرى ئوردا سەركەردە ۋە نۆكەرلىرى دۈرۈلدەپ دەريا لېۋىگە قىستاپ كېلىشىپتۇ. تۈركلەر ئات ئۈستىدە تۇرۇپ سوقۇشۇشقا ماھىر بولغاچقا، ئالپلەر ئامال بار ئات ئۈستىدە تۇرۇپ جەڭ قىلىشنى ئويلاپتۇ ۋە ئىرغىپ، كىشنەپ تۇرغان ئارغىماقلارنىڭ تىزگىنى تارتىپ، بېقىنلىرىغا پۇتلىرى بىلەن دېۋىتىپ، دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قاراپ يۈرۈپتۇ، چىن لەشكەرلىرى يەنە ئارقىدىن تىنماي قوغلاشقا باشلاپتۇ.

كۇرشادنىڭ ئوقتەك غۇيۇلداپ كېتىۋاتقان ئېتى تاڭ شەپىقى ئىچىدە تېخىمۇ قىزىرىپ، بەئەينى ئوت چەمبىرىكى ئىچىدە كۆيۈپ تۇرۇپ چېپىۋاتقان چوغ تۇلپاردەك ئەركىنلىك ئۈچۈن قەدەم تاشلاپتۇ. كۇرشات بىردىنلا ئاتنىڭ تىزگىنىنى ئېگەرنىڭ قۇشبېشىغا ئىلىپ قويۇپتۇ، ئۇ سول قولىغا كۆك بۆرىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن يانى ئېلىپ، ئوڭ قولى بىلەن ئوقنى بېسىپ، ئارقىغا بۇرۇلۇپ كىرىچىنى كۈچەپ تارتىپ، ئەڭ ئالدىدا چېپىپ كېلىۋاتقان دوقا ماڭلاي، ئورا كۆز، قاشلىرى تىك نەيزىدەك، قىزىل يۈزلۈك تۇتقاۋۇلنىڭ يۈرىكىنى چەنلەپ ئېتىپتۇ. ئوق ئۇچقاندەك بېرىپ تۇتقاۋۇلنىڭ سول مەيدىسىگە گاچچىدە چوقۇلۇپتۇ. ئۇ شۇ زامان ئاتتىن تىك موللاق چۈشۈپتۇ. ئارقىدىنلا، 40 چەۋەندازنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ئاتقان ئوقلىرىنىڭ زەربىسىدىن چىن لەشكەرلىرى مىنگەن ئاتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ گۈپۈرلەپ يىقىلىپتۇ.

ئاتلار دەريا لېۋىنى بويلاپ ئۇچقاندەك چاپماقتا ئىكەن. ئالىپلار ئات ئۈستىدە تەتۈر ئولتۇرۇپ دۈشمەنگە توختىماي ئوق ئۈزۈپتۇ. ئەمما دۈشمەننى قانچە موللاق ئاتقۇزغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ سانى يەنىلا ئازلىماپتۇ، ئۇلار ئۆز زامانىسىدىمۇ ھازىرقىدەك شۇنداق سانى كۆپ خەق بولغاچقا، ئەسكەرلىرىمۇ  كۆپ ئىكەنتۇق. شۇڭا كۇرشادلارنى قوغلاپ ئارقا – ئارقىدىن، قۇيرۇقى ئۈزۈلمەي نەرە تارتىپ كېلىۋاتقان لەشكەرلەرنىڭ سانىمۇ ساناقسىز ئىكەن. ئاخىرى ئالىپلار بىر قىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ، قاپسىلىپ قاپتۇ. لەشكەرلەر ئۇلارغا ۋىڭىلدىتىپ ئوق ياغدۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئالپلار قۇيۇندەك كېلىۋاتقان ئوقلارنى ئۆز يايىلىرى بىلەن ئىتتىرىشكە، قالقانلىرى بىلەن توراشقا ئۆلگۈرەلمەيلا قاپتۇ. گاچىلداپ سانجىلغان ئوقنىڭ زەربىسىدە، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا ئوندەك يىگىت يەرگە يىقىلىپتۇ. قاتتىق غەزەپلەنگەن كۇرشاد ۋە باشقا ئالپلار دۈشمەنگە قاراپ ئات ساپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈزلىگەن چېرىكلەر بىلەن قانلىق جەڭ باشلىنىپ كېتىپتۇ.

 

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

(داۋامى بار)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top