ھىجران يولى (10)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
تاڭ ئېتىش بىلەن تەڭ، يېڭى بىر كۈن يەنە باشلاندى. ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە ھەرىكەت قىلىپ، جانلانغان ئىدى. تەبىئەتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ھايات ئىكەنلىكىنى، ئۈستىگە چۈشكەن شەپەق نۇرى بىلەن تەڭلا ئىسپاتلاپ بولغان ئىدى. شەپەقنىڭ قىزىل نۇرلىرىدا كەھرىۋادەك قىزىرىپ تۇرغان يېزىنىڭ پاكار – پاكار ئۆگزىلىرى، ئۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى. مەھەللىنىڭ قېنىق رەڭلىك سامانلىقلىرىنىڭ شاخ – شۇمبىلىرى ئارىسىدىن تاڭ نۇرى سۈزۈلۈپ چۈشۈش بىلەن تەڭ، دېھقان ئاكا كالىسىغا يەم بېرىشكە ئالدىراۋاتاتتى. بىراق، كالا يوغان بېشىنى بىر تەرەپكە بۇراپ، نېمىگىدۇر دەردلىك ھالدا مۆرەشكە باشلىدى. ئۇۋىسىدىن ئېتىلىپ چىققان بىتاقەت تورغايلار ئاشىقىنىڭ دىدارى بىلەن قۇچاقلىشىش ئۈچۈن، ئاسمان بوشلۇقىغا قاراپ قانات قاقتى. كەكلىكلەر تاشلارنى ئارىلاپ مېكىيىنىنى چاقىرىپ چۆرگىلەيتتى. ئەردەم بىلەن ئەبەيدۇللاھمۇ تاڭ يورۇش بىلەن تەڭلا، ئىلچى تەرەپكە قاراپ ئات سالغان ئىدى. ئۇلار مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئاخشام بەرگەن ئەمرى بىلەن، ئىلاخۇن تېۋىپ ۋە ئۇنىڭ قىزى پەرۋىننى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كېتىۋاتاتتى.
ئەگەر تۇڭگانلارغا قارشى بىر ئەسكىرىي بازا قۇرۇلۇپ، ئۇرۇش داۋاملىشىدىغان بولسا، ئىلاخۇن تېۋىپتەك ئۇستا بىر ئەمچى ئەلۋەتتە كېرەك ئىدى. يەنە بىر جەھەتتىن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۇلارنىڭ ئامانلىقىدىن ئەنسىرەپ قالغانىدى. چۈنكى تۇڭگانلارنىڭ پەيلىنىڭ يامانلىقى، ئۇلارنىڭ قولىدىن ھەرقانداق ئەسكىلىكنىڭ كېلىدىغانلىقى بۆشۈكتىكى بوۋاقتىن تارتىپ ھەممە بىلىپ كەتكەن بىر ھەقىقەت ئىدى. شۇ كۈنلەردە تۇڭگان ئەسكەرلىرى بارلىق نەرسىلەرگە ئاچكۆزلۈك بىلەن چاڭ سېلىپ، پۇلغا يارىغۇدەكلا نەرسە بولسا، ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشنىڭ تاماسىدا ئىدى. ئەگەر مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئىلاخۇن تېۋىپ بىلەن قىزى پەرۋىننى يېنىغا ساق – سالامەت ئەكىلەلىسىلا، بۇ قېتىم ئەردەمنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشنىمۇ كۆڭلىدىن ساقىت قىلمىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن، پەرۋىن بىلەن ئەردەمنىڭ بېشىنى رەسىم – يوسۇن بويىچە قوشۇپ قويۇش توغرىسىدا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئىلاخۇن تېۋىپقا ئېغىز ئاچقان ئىدى.
ئىلاخۇن تېۋىپمۇ بۇ خەيرىلىك ئىشقا خوشنۇتلۇق بىلەن ئۆز رازىلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. لېكىن ئىشلار ئۇلار ئويلىغاندەك بولماي، بىردىنلا ھەممە ئىش تەتۈرىسىگە مېڭىپ، ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن باشقا كەلمىگەن ئىش ئاساسەن قالمىدى. مانا ئەمدى ۋاقتى – سائىتى كەلدى بولغاي، ئەردەم ئۆز يارىنى ئەكېلىش ئۈچۈن ئۇچقاندەك ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ كەينىدىن ئىزمۇ – ئىز ئەبەيدۇللاھ چاپماقتا ئىدى. يول بويى ئۇچرىغانلا تەبىئەت مەنزىرلىرى ئەردەمنى ھاياجانغا سالغان ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئەمدى تەبىئەتنىڭ تىنىقى ئىسسىدى، ئۇزۇن يول يۈرگەن ئاتلار تەرگە چۆمۈلۈپ، قەدەملىرىنى ئاستىلىتىپ، لۆمۈلدەپ كېتىۋاتاتتى. ئەردەممۇ قالغان يولنى ئات ئۈستىدە پەرۋىننى خىيال قىلىش بىلەن داۋام قىلماقتا ئىدى. پەرۋىننىڭ نازۇك، نەپىس يۈزىنى تەكشى ئوراپ مۈرىلىرىگە دولقۇنلىنىپ چېچىلغان چاچلىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كەلدى. بىر – بىرىنى ئاجايىپ تەرزدە تولدۇرۇپ تۇرىدىغان ئاشۇ كۆكۈش كۆزى بىلەن چېچىنىڭ قارىلىقى ۋە چېھرىگە ئاجايىپ جەزىبە، لاتاپەت بېغىشلىغان مېھىرلىك جامالى ئەردەمنىڭ كۆز ئالدىدىن سۈرەتتەك ئۆتتى. ئۇ بىردىنلا ھاياجانلىنىپ، شېرىن ئويلارنىڭ جىمجىت دېڭىزىغا باشتىن – ئاياغ شۇڭغۇپ كەتتى:
«ھىجران دەيدىغان بىر نەرسە يوق، بۇ بىزنىڭ يالغان ئويلىرىمىز. سۆيمەك بار، ياخشى كۆرمەك بار، سېغىنماق بار، ۋىسال ئۈچۈن سەۋر بىلەن ساقلىماق بار. شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە نەدىدۇرسەن؟ نېمە قىلىۋاتقانسەن؟ بەلكى تاڭ ئېتىش بىلەن تەڭ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، چاچلىرىڭنى تارىغاچ مېنى ئويلاۋاتقانسەن؟ ئاشۇ گۈزەل يۈزۈڭدە تەبەسسۇم، كۆكۈش كۆزلىرىڭدە مېنىڭ ئەكسىم كۆرۈنىۋاتقاندۇ ھەقاچان؟ سېنىڭ گۈزەل بىر كۈلۈشىڭ قاراڭغۇ ئۆيگە تۈڭلۈكتىن چۈشكەن قۇياش نۇرىغا ئوخشاش، مېنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالغان كۆڭلۈمنى ۋاللىدە يورۇتاتتى. مۇتلەقكى، بىز ھېچبىر زامان ئايرىلمىدۇق، مەن سېنى دائىم قەلبىمدە ساقلىدىم، مەيلى جەڭدە، مەيلى يولدا ۋە ياكى ئۇيقۇدا دائىم سېنىڭ بىلەن بىرگە بولدۇم. سېنىڭ بىلەن بىرگە يول يۈردۈم، يول ئالغانسېرى سېنىڭ بىلەن بەختكە ئېرىشتىم. مەن ساڭا ئېيتاي! نى – نى بەختلىك كۈنلىرىمىز ئالدىمىزدا تېخى، مانا مەن سېنىڭ ئالدىڭغا قاراپ كېلىۋاتىمەن، ئىلاخۇن دادام بىلەن سېنى ئېلىپ كەتمەكچىمەن. بىز ئۇزۇن بىر يولچىلىققا چىقىمىز، بۇ يولچىلىقتا سېنىڭ بىلەن ئۇزۇن بىر ئۆمۈرنى بىرگە ئۆتكۈزىمىز. جاپا ۋە ھالاۋەتتە بىرگە بولىمىز، ئايدىڭ كېچىلەرنى بىر ياستۇققا باش قويۇپ ئۆتكۈزىمىز. بىز ئەمدى ئۆمۈر بويى ئايرىلمايمىز، ھىجران دېگەن بۇ سۆز بىز ئۈچۈن يات، بىزنىڭ ئارىمىزغا بۇ سۆز ئەمدى ھەرگىز قىسىلىپ كىرەلمەيدۇ. شۇنداق ئۇزۇن تۇيۇلغان ئاشۇ ھىجران يوللىرىدا، سېنىڭ مۇھەببىتىڭدىن باشقا ھەممە نەرسە مېنىڭ دىلىمنى سەدپارە ئەيلەپ، يۈرىكىمنى شىكەستىلىگەن ئىدى.
مەن بۇ ياخشلىق ھاياتىمدا سېنىڭدىنلا تەسەللى تاپتىم. بىز ئاشۇ مەۋج ئۇرغان دەريا بويىدىن ئايرىلغان كۈندىن بېرى، ئارانلا ئۈچ قېتىم ئۇچراشتۇق، دەرۋەقە، بۇ ئۈچ قېتىملىق ئۇچرىشىش شۇنچىلىك قىسقا، يەنە كېلىپ شەخسىي ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قىلىۋاتقان ئەركىنلىك كۈرەشلىرىمىز يولىدىكى ۋەزىپىلەر ئۈچۈن بولغان بولسىمۇ، بىز يەنىلا كۆرۈشتۇق. قىسقا دەقىقىلەر ئىچىدە كۆزلىرىمىز ئۇچراشتى، كۆڭۈللىرىمىز تۇتاشتى، يۈرەكلىرىمىز بىر – بىرىمىز ئۈچۈن سوقتى، مانا شۇنىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن ئالەمچە بەخت ئەكەلگەن ئىدى. سەنمۇ شۇ چاغلاردا كۆپ جەبىر – جاپا چەكتىڭ، كېچە – كۈندۈز يارىدارلار ئۈچۈن دورا – مەلھەم تەييارلىدىڭ، ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ، ئاغرىق – ئازابىغا ئورتاق بولدۇڭ. ياشىنىپ قالغان داداڭنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ، ئىشلىرىنىڭ ئاقساپ قالماسلىقى ئۈچۈن قولۇڭدىن كەلگەننى قىلدىڭ. كەچ يېتىپ، سەھەر تۇردۇڭ، ئاز يەپ ئاز ئىچتىڭ. مەن سېنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تۇرارىمىزدا كۆرگەن چىغىمدا، سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن تەييارلىغان دورىلارنى تاپشۇرۇپ بېرىپلا، يەنە ھەمشىرىلەرگە ياردەم قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ماڭا ھېچ ۋاقىت ئايرىيالمايلا كېتىپ قالغان ئىدىڭ.
ئەنە شۇ چاغدا، سەن مېنىڭ كۆزۈمگە بەئەينى يېنىۋاتقان نۇرلۇق چىراقتەك كۆرۈنۈپ كەتتىڭ، مېنىڭ قاراڭغۇ دۇنيايىمنى ئايدىڭلاتقان، ئۈمىد يوللىرىمنى يورۇتقان ئىدىڭ. شاھ مەنسۇر، ئەمىر ساھىب ۋە ئەرەن، ھامۇتكاملارنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمىدىن كېيىن، يارىلانغان يۈرىكىمگە مەلھەم بولغان ئىدىڭ. مەن سېنىڭ ئەتراپىڭدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈردۈم، ئەمما سەن مېنى كۆرمىدىڭ. بەلكى كۆرگەن بولساڭمۇ كۆرمەسكە سالدىڭ. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلاندىم، ئەمما سېنىڭ شۇ تۇرقۇڭنى كۆرۇپ ئىچىم ۋاللىدە يورىدى، كۆڭلۈم يايرىدى، سېنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن تەڭرى تەئەلاغا مىڭ شۈكۈر ئېيتتىم. بەلكى سەن شۇ چاغدا، مەن بىلەن شېرىن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتىن كۆرە، ئۆز مەسئۇليىتىڭنى بىجا كەلتۈرۈشنى ئۈستۈن كۆرگەن بولغىيتتىڭ. شۇندىن مۇقەددەم مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىم تېخىمۇ ئاشتى، يىگىتلىك ئېتىم ئىشق باياۋانىغا قاراپ چاپتى. يېنىڭغا بېرىپ ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇم كەلدى، شېرىن تىنىقلىرىڭنى ئىچىم توشقىچە سۈمۈرگۈم كەلدى. لېكىن نە چارە، مەندە ئۇنچىلىك جاسارەت نەدە؟
ئاخىرى، مەن چوغدەك يېنىپ تۇرغان چىراقنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ ھارغان پەرۋانىدەك چارچىدىم. ئەمما شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئوتۇڭدا كۆيۇپ كۈل بولۇشقا، قاناتلىرىمنىڭ سۇنۇپ توزىشىغا رازى ئىدىم. ھە! راس، ھەقىقەتەن شۇنداق بولدى، سېنىڭ يېنىڭغا كېلىپلا، قاناتلىرى سۇنغان قۇشتەك پۇت – قولۇمنىڭ ھېچ ماجالى قالمىدى، تىللىرىم كالۋالاشتى. ئەمما، ئىچىم ئاتاشتەك يانغىنغا تولغان ئىدى، بىز كۆرۈشتۇق، سالاملاشتۇق ۋە ئازراق بولسىمۇ پاراڭلاشتۇق. مەن تېخى بىردىنلا جاسارەتلىنىپ، ھەزرىتىمنىڭ داداڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنىمۇ ئىما قىلغانىدىم. سەن مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى دەرھال ئىدراك قىلىپ، ياڭاقلىرىڭ ھۆپپىدە قىزىرىپ كەتكەنىدى، كۆكۈش كۆزلىرىڭنىڭ ئىچى بولسا، خۇددى دېڭىزغا چۈشكەن قۇياشنىڭ مىڭلىغان نۇرلىرىنىڭ سۇنۇشىدىن ھاسىل بولغان نۇر ئۈنچىلىرىدەك، ۋال – ۋۇل قىلىپ يالتىراپ كەتكەن ئىدى. كۆكسۈڭ دەھشەتلىك دەريا دولقۇنلىرىدەك بىر چۈشۈپ بىر كۆتۈرۈلۈپ، ئىتتىك سوقۇۋاتقان يۈرىكىڭگە تەڭكەش قىلاتتى. مەن سېنىڭدىكى بۇ ھاياجاندىن ئۆزۈمنى ئالەمچە بەختىيار ھېس قىلغان ئىدىم. مانا ھازىر سېنى ئېلىش ئۈچۈن كېتىۋاتىمەن، ساڭا تەلمۈرۈپ چېپىۋاتىمەن».
«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى. (داۋامى بار)