You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھىجران يولى (11)

ھىجران يولى (11)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئەردەم بىلەن ئەبەيدۇللاھ ھازىر ئىلچىغا تۇتىشىدىغان دەريا ياقىسىدىكى يول بىلەن، ئەتراپنى تەكشى كۈزىتىپ، ئېھتىيات بىلەن كېتىپ باراتتى. بۇ يولچىلىقتا دەريا ئۇلارغا باشتىن – ئاياغ ھەمرا بولۇپ، سول تەرىپىدە تەكشى ئېقىۋاتاتتى. قۇياشنىڭ نۇرىدا جىلۋىلەنگەن سۇ يۈزى خۇددى مىڭلىغان ئالماس دانچىلىرىنى چېچىۋەتكەندەك يالتىرايتتى. دەريا لېۋىدىن ئەسكەن سەلكىن ئاتلارنىڭ تېنىغا ئارام بەخش بېرىپ، نەپەسلىرىنىڭ يەڭگىللەپ قېلىشىغا يول ئاچقان بولغاچقا، ئاتلار ئەمدى قەدەملىرىنى يەڭگىل – يەڭگىل ئېلىپ مېڭىۋاتاتتى. يول بويى ئۆي – ماكانسىز قالغان كىشىلەرنىڭ نىشانسىز تەمتىرەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ئەردەم بىلەن ئەبەيدۇللاھنىڭ ئىچلىرى ئېچىشماقتا ئىدى. يىراقلاردىن كۆزگە چېلىقىپ تۇرغان، كۆيۈپ خانى ۋەيران بولۇپ، كۈلى كۆككە سورۇلغان ئۆيلەر ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلغانىدى. ئاباي، ئەردەم بىلەن ئەبەيدۇللاھ دەريا ياقىسىدا كىيىملىرى جۇل – جۇل بىرقانچە ئوغۇل بالىنىڭ لاغايلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئۇلار ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ئۇلارنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئالدىراش يولىغا راۋان بولۇشقا مەجبۇر بولدى. ئىككىسى ئەنە شۇنداق يول يۈرۈپ، چىڭقى چۈش پەسلى ئىلاخۇن تېۋىپنىڭ دۆڭلۇكتىكى ئۆيىنى يىراقتىن كۆردى. ئۇلار قويۇق ئۆسكەن چىغىرتماقلار ئارىسىدىن ئېچىلغان چىغىر يول بىلەن يۇقىرىغا قاراپ ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، ئىلاخۇن تېۋىپنىڭ ئوچۇقچىلىق ئۈستىدە چوقچىيىپ تۇرغان ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى كەڭ سەيناغا يېتىپ كەلدى.   ئەتراپنى سۇكىنات باسقان بولۇپ، يەردە ئات تۇياقلىرىنىڭ قالايمىقان ئىزلىرى ۋە تېخى قاتمىغان ئات تىزەكلىرى چېچىلىپ تۇراتتى. ئەردەمنىڭ ئېتى بولسا پۇشقۇرۇپ، بىر شەپىنى تۇيغاندەك قىلىپ ئۈركۈپ، پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ جىم تۇرمايۋاتاتتى. ئەردەم بىلەن ئەبەيدۇللاھ ئالىمادىس بىرەر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ھېس قىلدى – دە، ئالدىراشلىق بىلەن پۇتلىرىنى ئۈزەڭگىدىن ئېلىپ يەرگە چۈشتى. ئۇلار تىزگىننى ئىشىك ئالدىغا يېڭىلا سېلىنغان كەپىنىڭ لىمىغا چالا – پۇلىلا باغلىدى، ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ باسقان  ئاۋاز بىلەن ئەبەيدۇللاھ «ئىلاخۇنكا! ئىلاخۇنكا! بامۇ سىلەر؟» دەپ ۋارقىرىسا، ئەردەم «پەرۋىن! پەرۋىن!» دەپ ۋارقىراپ، ئىشىكلىرى ھاڭقىرقاي ئوچۇق تۇرغان ئۆينىڭ ئالدىغا يۈگۈرگەن پېتى كېلىشتى. ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ھەممىسى ئوچۇق ئىدى. ئۇلار ئوتتۇرىدىكى ئاشخانىغا  يۈگرەپ كىرگەندە، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا قان ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان ئىلاخۇن تېۋىپنى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە دۇم ياتقان پەرۋىننى كۆردى. پەرۋىننىڭ كۆك رەڭلىك ئەتلەس كۆينىكىنىڭ دۈمبىسىدىكى ئىككى پاي ئوقنىڭ ئاچقان يارىسى، ئەردەمنىڭ يۈرىكىنى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىتىۋەتتى. كۈتۈلمىگەن پاجىئەدىن ئەردەمنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، تېگى يوق قۇدۇقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك كۆزلىرى بىردىنلا تورلاشتى. ئۇ، «پەرۋىن! پەرۋىن!» دەپ چىرقىرىغان ئاۋاز بىلەن يۈگرىگەن پېتى كېلىپ، پەرۋىننىڭ جانسىز بەدىنىنى ئۆرۈدى، ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان بېشىنى تىزىغا ئېلىپ، توپا باسقان، تاتارغان يۈزلىرىنى سىلاپ ھۆكىرەپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭغىچە ئەبەيدۇللاھ «ئىلاخۇنكا! ئىلاخۇنكا!» دەپ يىغلاپ ۋارقىراپ، ئىلاخۇن تېۋىپنىڭ دوپپىسىز باشلىرىنى سىلىدى. ئاندىن ئاستاغىنە بوينىنى تۇتتى. ئىلاخۇن تېۋىپنىڭ بەدىنى بۇ چاغدا ئاللىقاچان مۇزلىغان ئىدى. ئۆينىڭ ھەممە تەرىپى ئوڭتەي – توڭتەي قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، ئىشكاپقا قاتار تىزىلغان قۇتۇلۇق دورىلارنىڭ ھەممىسى يوق تۇراتتى. كىتابلارنىڭمۇ ھەممىسى دېگۇدەك بۇلاپ كېتىلگەندەك قىلاتتى. قۇتىلاردىن تۆكۈلگەن ئاللىقانداق دورىلارنىڭ ئۇۋاقلىرى ۋە يىرتىلغان بەزى كىتابلارنىڭ ۋاراقلىرى يەردە چېچىلىپ ياتاتتى. ئىلاخۇن تېۋىپنىڭ يۇمۇلغان ئوڭ قولىدا قايسى بىر كىتاب ۋارىقىنىڭ پارچىسى كۆرۈنۈپ قالغانىدى. پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر تېبابىتى ئۈچۈن ئاتىغان بۇ تېۋىپنىڭ مۇبارەك كۆكسىگە ئوق تەگكەن، ئارقىدىن يەنە ئېتىلغان ئىككى پاي ئوق دادىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قۇچاقلىغان پەرۋىننىڭ دۈمبىسىگە كېلىپ تەگكەن ئىدى. دېمەك، ۋاقتى كەلسە خۇداغا چالما ئېتىشتىنمۇ يانمايدىغان تۇڭگان ئەسكەرلىرى بۇ دۆڭلۇكتىكى تەنھا ماكانغا باستۇرۇپ كىرىپ، پۇلغا يارىغىدەكلا نەرسە بولسا ھەممىسىنى بۇلاپ – تالاپ چاڭ سالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىپلاس قوللىرى كىتابلارغا ئۇزانغاندا ئىلاخۇن تېۋىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئەمما، ئاچ نەپسى ئۈچۈن ئادەمنى بىر چۆمۈلىنى ئۆلتۈرگەندەكلا پەرۋاسىز ئۆلتۈرىدىغان تۇڭگان ئەسكەرلىرى، ئىلاخۇن تېۋىپكە قارىتىپ ئوق چىقارغان ۋە ئارقىدىن پەرۋىننىڭ ياش جېنىغىمۇ زامىن بولغان ئىدى. مانا ھازىر گۈزەل ۋە لاتاپەتلىك خوتەن قىزلىرىنىڭ بەرنالىرىدىن بولغان پەرۋىننىڭ جانسىز، مۇزلىغان تېنى يەردە سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئەردەم ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ ئەكسىنى ئاشۇ كۆكۈش گۆزلەرنىڭ ئىچىدە كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەنىدى، مانا ئەمدى بۇ كۆزلەر ئەبەدىلئەبەد يۇمۇلغان. دائىم تەبەسسۇم قىلىپ تۇرىدىغان سىلىق يۈزى ئاق ئالمىدەك ئاقىرىپ، زىناقلىرىغا چاڭ قونغان ئىدى. قىزىلگۈل بەرگىلىرىنى ئەسلىتىدىغان لەۋلىرى تاتارغان بولۇپ، بىر – بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن ئۇنچىدەك چىشلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئەردەم ئىچ – ئىچىدىن ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ يىغلايتتى، ئۇنىڭ كۆكسىدىن سوغۇق پەرياد ئېتىلىپ چىقىپ، ئاھ – زارى ئۆينىڭ تورۇسلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىدىغاندەك تىتىرىتەتتى. ئۇنىڭ يەتمىش ئىككى تومۇرى بىراقلا كۆپۈپ كەتكەندەك بولۇپ، بويۇن تومۇرلىرى چىڭقىلىپ تىۋىلغا تاللىرىدەك بولۇپ كەتتى. سەلدەك ئاققان ياشلىرى پەرۋىننىڭ مۇزلىغان يۈزلىرىگە يامغۇردەك تۆكۈلەتتى. ئەردەم قىزنىڭ يۈزىنى يەڭگىل سىلاپ ۋارقىرايتتى، ئاھ ئۇراتتى: «پەرۋىن! پەرۋىن! كۆزۈڭنى ئاچ! مەن سىلەرنى ئالغىلى كەلدىم، ئەھدىمىزنىڭ گۈللىرىنى ئۈزگىلى كەلدىم، كۆزۈڭنى ئاچ، ماڭا بىر باق! ۋەدىمىزگە ۋاپا قىل! قاراڭغۇ تۇنلەرنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، تاڭ شەپىقىنى بىرگە كۈتۈۋالىدىغان بولغانىدۇققۇ، بىرلىكتە يىغلاپ بىرلىكتە كۈلمەكچىتۇققۇ، بىرلىكتە بەختلىك بولۇپ، بىرلىكتە دەرتلەرنى تارتىپ، بىرلىكتە قېرىماقچى بولغان ئىدۇققۇ. كۆزۈڭنى ئاچ، ئەي جانان، مېنى بۇ دۇنياغا يالغۇز تاشلاپ كەتمە، كۆز ياشلىرىمنى سۈرت، قېنى نەپەس ئال، ئاخىرقى نەپسىمىزنى بىرلىكتە بېرەيلى. پەقەت بىر نەپەس ئال، بىر نەپەس!»… ئۇ قۇچىقىدىكى پەرۋىننى باغرىغا چىڭڭىدە بېسىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى ۋە يەنە: «ئەي پەلەكنىڭ رەھىمسىز چاقى، سەن بىزنىلا ئېزەمسەن؟ دۇنيادىكى بارلىق سۆيگەنلىرىمنى مەندىن بىر – بىرلەپ ئالدىڭ، بارلىق زۇلۇمنى بىزنىڭ بېشىمىزغا ئەكىلىپ سالدىڭ. بۇ تۇڭگانلار ئادەم ئەمەس، ۋەھشىي ھايۋان خەقكەن، ۋەھشىي! ئىھ! ئاللاھ، نېمە كۈن بۇ؟»

ئەردەم بۇ دەرد – ئەلەمگە، بۇ ھىجرانغا چىدىماي، داد دەۋېتىشكە تاسلا قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان نىدالىرى ھەرقانداق باغرى تاش ئادەمنىڭمۇ يۈرىكىنى ئېزىپ، تىتىۋېتەتتى. يۈرەك باغرى پارە – پارە بولغان دوستىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ تۇرغان ئەبەيدۇللاھ، دوستىغا قانداق تەسەللى بېرىشىنى ۋە ئۆزىنىڭمۇ قانداق تەسەللى تېپىشىنى بىلەلمەيۋاتاتتى. يۇمران مەڭزىگە سىيرىلىپ چۈشكەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇ نادامەتلىك كۈنلەرگە سەۋەب بولغان تۇڭگانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئاخىرى ئۇ بىر قارارغا كەلگەندەك، تاغدەك غەزىپى ۋە ئىچىنى ئۆرتىگەن ئىنتىقام تۇيغۇسى بىلەن: «ئاداش! ئەردەم! يىغلىغىڭ كەلسە يىغلىۋال، كۆز ياشلىرىمىز بىز ئاڭلىتالمىغان، دېيەلمىگەن ھەسرەتلىرىمىزنى، دەرت – ئەلەملىرىمىزنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تۆكۈلىدۇ، شۇڭا  بۇ ياشلار يۈرەك قانلىرىمىزدىن سۈزۈلۈپ چىققان» دېدى. ئۇ سۆزلەۋېتىپ مەسۇم كۆزلىرىدىن تاراملاپ ئاققان ياشلىرىنى ئوڭ قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرتتى ۋە: «ئەمدى يىغلاپ ئولتۇرمايلى، مېيىتلەرنى دەرھال يەرلىگىگە قويۇۋېتىپ، ئۇ مەلئۇنلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، ئىنتىقام ئالىدىغان ئىشنى قىلايلى. ئەمدى بۇ يولدا يا ئۇلار ئۆلىدۇ، يا بىز ئۆلىمىز، بۇ يولدا جېنىمىز تەسەددۇق!» دەپ ۋارقىردى.

ئەردەمنىڭ كاللىسى قۇپقۇرۇق ئىدى، ئىچىدە نە بىر ئەقىل، نە بىر پىكىر يوق ئىدى. ئەمما، تۇيۇقسىز ئەبەيدۇللاھنىڭ ئېغىزىدىن چىققان «ئىنتىقام» دېگەن سۆز، ئەردەمنىڭ قۇلاق تۈۋىدە گۈلدۈرمامىدەك جاراڭلىدى. يۈرىكىدە يۈزمىڭ پىچاق سانچىلىپ تۇرغاندەك دەرد – ئەلىمى بولسىمۇ، ئۇ ئەمدى: «توغرا، ھازىر يىغلاپ ئولتۇرىدىغان ۋاقىت ئەمەس، ئىنتىقام ئالىدىغان پەيت!» دەپ ئويلىغاچقا، ئۇنىڭ بارلىق قايغۇ – ھەسرەتلىرىنى ئەمدى ئىنتىقام ئوتى قاپلىغان ئىدى. قۇپقۇرۇق كاللىسىنىڭ ئىچىگە «ئىنتىقام» دېگەن بۇ سۆز كىرىپ يەرلەشكەنىدى. تەن ۋە روھىنى چۇلغىغان بۇ ئىنتىقام تۇيغۇسى، ئۇنىڭ بەدىنىگە قايتىدىن جان كىرگۈزدى. ھايال ئۆتمەي ئەردەم بىلەن ئەبەيدۇللاھ  ئۆينىڭ ئارقا تەرىپىدىكى باغچىدىكى بۈكباراقسان بولۇپ كەتكەن ۋە غورىسىنىڭ كۆپلۈكىدىن شاخ – شاخلىرى ئىگىلىپ تۇرغان جىگدە دەرىخىنىڭ سايىسى ئاستىغا، يانمۇ – يان قىلىپ ئىككى يەرلىك قازدى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنىڭ يار بېرىشىچە شېھىت ئاتا – قىز ئىككىسىنىڭ مېيىتىنى ئىسلامىي يوسۇن بويىچە دەپنە قىلدى. ئۇلار گۈپۈلدەپ تۇپراق پۇراپ تۇرىدىغان ئىككى قەبرىگە قاراپ ياسىن ئوقۇپ، روھىغا ئاتاپ ئۇزۇن دۇئا قىلدى. ئاندىن ئەردەم سول قولى بىلەن بۇرنىنىڭ ئۇچىنى بىر نەچچە قېتىم  سىلىۋەتكەندىن كېيىن، ئەتراپقا سىنچىلاپ بىر قارىۋېتىپ ئورنىدىن دەس تۇردى. ئۇ ئادەمنىڭ دىمىقىغا گۈپۈلدەپ پۇراقلىرى ئۇرۇلۇپ تۇرۇۋاتقان ئەتراپتىكى چوغلۇق، ياسىمىن، مامكاپ گۈللىرىنى ئۈزۈپ ئەكېلىپ، قەبرىنىڭ ئۈستىنى ياپتى. شۇ تاپتا مۇشۇ سىتەمكار ماكان ۋە زامانغا بولغان ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئاشقان ئىدى. ھازىر ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھايات پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقاندەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. لېكىن قەلبىدىكى ئىنتىقام تۇيغۇسى ئۇنىڭغا بۇ ھاياتنىڭ ئەمدى باشلانغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى. ئۇ پۈتۈن ھېسلىرىنى، سۆيگۈسىنى، مۇھەببىتىنى پەرۋىن بىلەن بىرگە مۇشۇ قارا تۇپراققا كۆمۈۋەتتى. ئۇنىڭدا قالغىنى پەقەت ۋە پەقەت بىرلا نەرسە بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، بۇ ھاياتقا بولغان نەپرىتى ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ بۇ ئاچچىق دەرت – ئەلەملىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ بېشىنى  كۆتۈرۈپ، دەريا تەرەپتىن ئەسكەن شامالدا شاخ ۋە ياپراقلىرى شىلدىرلاپ ئاۋاز چىقىرىپ، ئۈستىگە سايە تاشلاپ تۇرغان جىگدە دەرىخىگە قارىدى. شاخ – يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن سىزغان قۇياش نۇرلىرىدا شاخلىرىدا قاتار – قاتار تىزىلغان غۇرىلىرى يالتىراپ تۇرغان جىگدە دەرىخى، ئۇنىڭ كۆزىگە بەئەينى ئاللاھنىڭ 99 مۇبارەك ئىسمىنى ئاتاپ، يېشىل ئۇرۇقلۇق تەسۋىسىنى سىيرىپ دۇرۇد ئوقۇۋاتقان شەيختەك بەھەيۋەت كۆرۈنۈپ كەتتى. ئاندىن ئۇ ئىچىدە پىچىرلاپ ئاللاھقا مۇناجات قىلدى، دۈشمەنلىرىنى قاغىدى ۋە ئاخىرىدا ئانت ئىچتى: «ئەي ئاللاھىم! ئۆزۈڭنىڭ چەكسىز كامالى قۇدرىتىڭنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزۈڭ ياراتقان بۇ ئالەمدىكى ناھەقچىلىكنى تەڭشىگىن! ئاجىز بەندىلىرىڭنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلاپ، ياخشى ئادەملەرنىڭ بېشىنى سىلىغىن، يامان ئادەملەرنىڭ، تاجاۋۇزچى زالىملارنىڭ جاجىسىنى بەرگىن. بىزگە كۈچ – قۇۋەت، ئەقىل – ئىدراك ئاتا قىلغىن، ئۆز ئىنتىقامىمىزنى ئېلىشقا ئاسايىشچىلىق يارىتىپ، بۇ يولدىكى مۈشكۈلۈمىزنى ئاسان قىلغىن! بۇ ئانا تۇپراق دۈشمەننىڭ ناپاك ئاياقلىرى ئاستىدا بۇلغىنىپ، شۇ گۇناھكار زالىملارنى كۆتۈرگىدەك ماجالى قالمىدى. ئەي مېھرىبان پەرۋەردىگارىم! سەن ھەممىگە قادىرسەن، ھەممىنى بىلگۈچىسەن، سەن يەر يۈزىدە جەننەت يارىتىمەن دەپ كۇپۇرلۇق قىلغان شەددادنى، خۇدالىق دەۋاسى قىلغان پىرئەۋىننى، دۇنيا مېلى بىلەن دۇنيانى سېتىۋالماقچى بولغان قارۇننى، مەككە مۇكەررەمەگە پىللىرى بىلەن باستۇرۇپ كېلىپ كەئبىنى ئۆرۈمەكچى بولغان ئەبرەھەنى قانداق كۇمپەيكۇم قىلغان بولساڭ، بىزنىڭ يۇرتىمىزغا باستۇرۇپ كەلگەن نىجىس تۇڭگانلارنىمۇ شۇنداق كۇمپەيكۇم قىلغىن،   بىزگىمۇ ئۆز ياردىمىڭنى ئايىماي ئانا يۇرتنى قوغدىشىمىزغا مەدەت بەرگىن! ئۆز تېگى پۇشتىنى بىلمەيدىغان تۇڭگانلارنىڭ جېنى جەھەننەمدە يانسۇن! مەن ئەمدى ئۆزۈمگە ھەرگىز ھۇزۇر ئىستىمەيمەن، ھاياتىم پۈتۈنلەي ئۆچ ئېلىش بىلەن ئۆتىدۇ!»

 

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

(داۋامى بار)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top