You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھىجران يولى (12)

ھىجران يولى (12)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

گەرچە ئاتا – قىز ئىككىسىنى يەرنىڭ ئاستىغا كۆمگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئەردەمنىڭ قەلبىگە گۆمۈلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قەبرىسى ئەردەمنىڭ يۈرىكىدە ئىدى. ئەردەم ئۇلارنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنۇتماسلىققا ئەھدە ئىچتى. ئۇنىڭ ياشلىرى ئەمدى توختىدى، بىراق يۈرىكى قاناشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە، يۈرەكتىكى قانىغان يارىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى. ئەتراپ جىمجىتلىققا پاتقان، تەبىئەت سۈكۈتتە ئىدى. ئۇنىڭ كۆزىدە دۇنيامۇ غايىپ بولغان بولۇپ، كۆرۈۋاتقىنى پەقەت ئوت – يالقۇن ئىچىدە يانغان زۇلمەتلىك ئانا يۇرت ئىدى. ئۇ قەددىنى رۇسلىدى ۋە: «تەۋەككەل ئەلەللاھ! ئىتنىڭ خوجىسى بار، بۆرىنىڭمۇ تەڭرىسى بار» دەپتىكەن ئاتالىرىمىز دەپ، ئاتلىرى تەخلەكلىك يەرگە قاراپ ماڭدى، غەم – ئەلەمدىن تىلسىز قالغان ئەبەيدۇللاھمۇ ئارقىسىدىن يېتىشىپ كەلدى. ئىككىسى ئاتلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىپ، ئالدىراشلىق بىلەن ئۈزەڭگىگە دەسسىدى – دە، چاپقۇر ئاتلارنى قاتتىق دېۋىتىپ تۇڭگانلار ماڭغان يولنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ دۇنيادا بۇ خورلۇق بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، ئەمما ئۇ ئىككى يىگىتكە سادىق ئاتلار بۇ خورلۇقتىن قۇتۇلۇش، ئىنتىقام ئېلىش يولىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن چاپماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ بۈركۈتتەك كۆزلىرى ھېچ ئاداشماي ئىزمۇ – ئىز قوغلاپ، دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قاراپ يول ئالدى. بۇ ئىككى باھادىر ئەزىمەتنىڭ ھېچنىمىدىن قورقماسلىقتەك قاراملىقىغا ۋە باتۇرلۇقىغا ياخشىلارنىڭ زوقى كەلسە، چاقماقتەك ياشلىق ۋە يىگىتلىك نۇرىغا تىكىلىپ قاراشقا پىتىنالمىغان ئەسكىلەرنىڭ ئۆچمەنلىكى كېلەتتى.

ئەلقىسسە، تۇڭگانلار ئىلاخۇن تېۋىپ بىلەن پەرۋىننىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، پۈتۈن ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپ ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ۋە پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەر بولسىلا ھەممىسىنى ئېلىپ، قەيەردىندۇر بىر بىچارىدىن بۇلاپ ئېلىۋالغان جۈدەك تورۇق ئاتقا دەريانىڭ تۆۋىنىنى بويلاپ كەتكەنىدى. لېكىن ئۇلار ئازراق مېڭىپلا، كۈننىڭ قاتتىق ئىسسىقىغا چىدىمىغان، شۇڭا ئاتنى ئۈستىگە ئارتىلغان ماللار بىلەن قوشۇپلا دەريا ياقىسىدىكى جىغانلىقنىڭ ئېغىزىغا باغلاپ قويۇپ، سەگىدەش ئۈچۈن دەرياغا ئۆزلىرىنى ئاتقان ئىدى. مۇزدەك ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى ئۇلارنىڭ قىززىغان بەدىنىگە راھەت ئاتا قىلىپ، كۆپكەن تومۇرلىرىدا كۆۋەجىگەن قانلىرىنى سوۋۇتقاچقىمىكىن، سۇدىن مەرىنى ھېچ ئۇزەلمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئۇزۇنغىچە چۆمۈلۈپ، ئالغان ئولجىلىرىدىن شاتلىنىپ، بىر – بىرىگە سۇ چېچىشىپ ئوينىشىپ، دەريانىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈشۈۋاتاتتى. بۇ تەلۋىلەر خۇددى ئۆزلىرىگە ئۆلۈم ئىزدىگەندەك، خەۋپ – خەتەرگە پەرۋا قىلىشماي، جاھىل ھاكاۋۇرلىقى سەگەكلىكنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ئەتراپتىكى شەپىلەرگە زىنھار قۇلاق سالمىغان ئىدى. قۇيۇندەك كېلىۋاتقان ئەردەم بىلەن ئەبەيدۇللاھ ئۇلارنىڭ غەلىتە ئاۋازلىرىنى يىراقتىنلا ئاڭلىدى. شۇڭا ئۇلار يىراقتىن ئاتتىن چۈشۈپ، ئاتلىرىنى ئادەمنىڭ كۆزىدىن خالىي يەرگە باغلاپ قويغاندىن كېيىن، تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ يېنىغا پەم بىلەن يېقىنلاشتى. ئەردەم جىغانلىق ئېغىزىدا تۇرغان ئاتنىڭ ئۈستىدىكى ئۆزىگە تونۇش ئانارگۈللۈك خۇرجۇن ۋە بوغجىلارنى كۆرۈپلا، قاتىللارنىڭ دەل ئاشۇ سۇدىكى بەش تۇڭگان ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. ئۇلار يوشۇرۇنچە ئۆمىلەپ كېلىپ، دەريا لېۋىگە تىكلەپ قويغان قوراللارنى تۇيدۇرماستىن ئالدى، ئاندىن ئېھتىيات بىلەن ئارقىسىغا ياندى ۋە يېپيېڭى بۇ بەش ئاتارلىق مىلتىقلارنى ئوبدان بىر يەرگە تىقىپ قويدى. ئارقىدىن ئۇلار ئولجىسىغا ئېتىلغان بۆرىلەردەك ھۆركىرەپ كېلىپ، قوللىرىدىكى تاپانچىسىنى تەڭلەپ تۇرۇپ ئۇلارنى سۇدىن چىقىشقا ئىما قىلدى. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ ئىككى باھادىرنى كۆرگەن بەش تۇڭگان يۈرەكلىرى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك قورقۇپ، غال – غال تىترىگەن پېتى دەريا لېۋىگە چىقىپ كەلدى. ئەردەم بىلەن ئەبەيدۇللاھ ناھايىتى ھوشيار تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئۇلارغا ئوقتەك تىككىنىچە قوللىرىدىكى تاپانچا بىلەن ئۇلارنى مولجالغا ئېلىپ تۇرۇپ، قول ئىشارىتى بىلەن ئۇلارنى يالىڭاچ پېتى قاتار قىلىپ تىزدى. نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا قالغان تۇڭگان ئەسكەرلىرى بىر – بىرلىرىگە قاراشقىمۇ ئۆلگۈرەلمەي، قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈشكىنىچە: «تەسلىم بولدۇق، بىر قوشۇق قېنىمىزدىن كېچىڭلار» دېگەندەك، ئەركەك غازنىڭ غاقىلدىغىنىدەك چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئاۋازلارنى چىقىرىپ ۋارقىراشتى ۋە باشلىرىنى تۆۋەنگە توختىماي ئېگىپ تەزىم قىلىشتى. ئۇلار كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ ئۆزلىرىگە ھېلىلا ئېتىلىدىغان غەزەپلەنگەن ئارسلاندەك تۇرغان بۇ ئىككى يىگىتنىڭ پەيلى – تۇرقىدىن قاتتىق قورقۇپ، ۋەھىمە ئىچىدە قالدى ۋە ئاجايىپ يېلىنغان بىر ئاھاڭدا ئېغىزلىرىنى ئۆمەللەشتۈرۈپ بىر نېمىلەرنى دېيىشتى. بۇ چاغدا ئەبەيدۇللاھ ئەردەمگە قاراپ: «ۋاقتى كەلدى، ئەمدى تېزدىن بۇ كۆكەرمىلەرنى جايلىۋېتىپ، يولىمىزغا راۋان بولمىساق، ئاھ! ۋادەرىخا! دەپ، ئۆزىمىزگە ئىش تاپىمىز، ياشاش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈش كېرەك، ئۆز سۆيگەنلىرىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشىمىز كېرەك!» دەپ، ئۇنىڭغا كەسكىن كۆز ئىشارىتى قىلدى. ئەردەممۇ ئىشنى ئۇزارتىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى بىلگەچكە، ھەم قەھرى – غەزىپى تاغدەك ئۆرلەپ تۇرغاچقا، ئىككەيلەن بىر – بىرىگە كۆز ئېتىشىۋەتكەندىن كېيىن، بەش تۇڭگاننىڭ پىشانىسىنى قارىغا ئېلىپ تۇرۇپ، تاپانچىلىرىنىڭ تەپكىسىنى ئارقا – ئارقىدىن باستى. ۋىڭىلداپ ئېتىلىپ چىققان بەش پاي ئوق دەل جايىغا تېگىپ، ئارقىسىغا يىقىلغان بەش يالىڭاچ تەن جانلىرىدىن شۇ زامان جۇدا بولدى. ئىككى ئەزىمەت بەش جەسەتنى بەش باغلام قوراينى سۆرىگەندەك سۆرەپ جىغانلىقنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ئۈستىنى جىغان شاخلىرى بىلەن يېپىپ كۆمۈۋەتتى. ئۇ ئىككىسى بۇ ئىشلارنى خۇددى سېرىق مايدىن قىل ئالغاندەك شۇنچىلىق تېز، شۇنچىلىك سىلىق پۈتتۈرگەن ئىدى. ئەبەيدۇللاھ  ئوق ئاۋازىدىن ئۈركۈپ، بىئارام بولۇپ تۇرغان جىغانلىق ئېغىزىدىكى ئاتنىڭ باشبىغىنى يېشىپ يېتىلىدى، ئەردەم بولسا ئولجا ئالغان بەش قورالنى كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرى بار تەرەپكە قاراپ چاقماقتەك ھەرىكەت قىلدى. ئەبەيدۇللاھ ئولجا ئالغان ئاتنىڭ باشبىغىنى ئۆزىنىڭ ئىگىرىنىڭ سول تەرىپىدىكى ھالقىغا كىرمەك ئۇرۇپ باغلىدى ۋە ئەردەمنىڭ قولىدىكى قوراللاردىن بىرىنى ئەردەمگە قالدۇرۇپ، تۆتىنى ئۆزى ئالدى. ئۇ قوراللارنىڭ بىرىنى مۈرىسىگە ئەپلىك قىلىپ ئاستى، قالغان ئۈچىنى ئولجا ئالغان ئاتنىڭ توقۇمىغا تۆشلۈك تاسمىسى بىلەن قوشۇپ چىڭ باغلىغاندىن كېيىن، ئەردەمگە: «ئۆچىمىزنى ئالدۇق ئاداش!» دېگەندەك قىلىپ، كۈلۈپ قاراپ قويدى. ئەردەم بولسا ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك پەرۋاسىز ھالدا مىلتىقىنى مۈرىسىگە ئېسىپ، ئېتىنىڭ ئۈستىگە مىندى. ئۇلار ئات ئۈستىدە ئارقىسىغا تەڭلا بۇرۇلۇپ، ئىسسىق ئاپتاپتا ئوت كەتكىدەك قىززىپ كەتكەن جىغانلىققا قاراپ، بىر ئېغىزدىن: «ئەل قىساسى مىنەل ھەق» دېدى – دە، ئاتلىرىنى دېۋىتىپ دەريانىڭ يۇقىرىقى ئېقىنىغا قاراپ چېپىپ كەتتى. ئۇلار بۇ قېتىم قىساسلىرىنى نېسىگە قويۇپ قويماي، قىززىقىدىلا ئالغاچقىمىكىنتاڭ، ئىككىسىنىڭ شىكەستىلەنگەن يۈرەكلىرى سەل ئارام تاپقاندەك ئىدى.

بەش تۇڭگان ئەسكىرىنىڭ كۈپكۈندۈزدە، ئىككى بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆيۋاقلىرىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلغىنىغا قارىغاندا، خوتەننىڭ تۆت ئەتراپىنى تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ ئىگىلەپ بولغانلىقى ھەممە ئادەمگە بەش قولدەك ئايان بولغان ئەمەلىيەت ئىدى. شۇڭا ئەردەم بىلەن ئەبەيدۇللاھ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن يول يۈرۈپ، ھېچ يەردە ئارام ئالماي، نەدە تار يول، نەدە جىلغا يوللىرى بولسا شۇ يوللار بىلەن مېڭىپ، خۇپتەندىن ئۆتكەندە تۇراسىغا يېقىنلاپ كېلەلىدى. نەچچە سائەتتىن بېرى ئەردەم بىلەن ئەبەيدۇللاھنىڭ يولىغا قاراپ كۆزلىرى چارچىغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، يىراقتىن ئىككى ئاتلىق كىشىنىڭ بىر ئاتنى ئارقىسىغا سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر چەتتىن خۇش بولغان بولسا، يەنە بىر چەتتىن يۈرىكىنىڭ بىر يەرلىرى سىزىلغاندەك، ئەندىشە ئىچىدە قالغان ئىدى. ئەردەممۇ ئالدىغا قاراپ كېلىۋاتقان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى كۆرۈپ دەرھال ئاتتىن چۈشتى – دە، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئالدىغا كىچىك بالىلاردەك ھۆكىرەپ يىغلاپ كېلىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى. ئارقىسىدىن ئەبەيدۇللاھمۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ يېتىپ كەلدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا كۆڭۈلسىز بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى دەرھال ئاڭقىرىدى، ئەمما نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى ئالدىراپ سوراپ – سۈرۈشتۈرمەي ، ھېرىپ – ئېچىپ ھالىدىن كېتەي دەپ قالغان بۇ ئىككى يىگىتنى قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن باغرىغا باستى. نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان سەپداشلىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ ئولاشتى. ئەردەم ئېسەدەپ تۇرۇپ، بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى باشتىن ئاياغ زىر – زىۋىرىگىچە تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى.

ئەردەمنىڭ ياش بېشىغا كەلگەن بۇ زۇلمەتلەردىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا داڭ قېتىپلا قالدى ۋە: «ۋاي، بۇ تېگى پەس تۇڭگانلارنىڭ شورۇ قۇرۇسۇن! ئۇ شۇم تاپانلار نەگە قەدەم باسسا، شۇ يەردە بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ قانلىرى تۈكۈلۈۋاتىدۇ!» دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ، بىر تەرەپتىن بۇ ئىككى يىگىتنىڭ بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە بېشىغا كەلگەن ئېغىر مۇسىبەتلەردىن قاتتىق قايغۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۆز ئىنتىقاملىرىنى ئېلىش يولىدىكى جاسارىتىگە، قىساسىدىن قايتمايدىغان باتۇرلۇقىغا ئىچىدە مىڭ كەررە ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇ ئەردەمنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: «ئىننالىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن» (ئاللاھتىن كەلدۇق ۋە يەنە ئۇنىڭغا قايتىمىز) دەپ تەسەللى قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ سەۋر قىلىشى ئۈچۈن ئۆگۈت بەردى. ئاندىن ئۇلارنىڭ ياخشى ئوزۇقلىنىپ، ئارام ئېلىشىنى تاپىلىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا گەرچە بۇ ئىككى ياشقا تەسەللى بېرىپ، ئۆزىنى شۇنچىلىك تۇتۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما كېچىنى تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقماي خىيال بىلەن ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭ خىيالىدىن ئۆزىنىڭ ۋاپادار ئايالى ۋە ئوماق قىزىنىڭ گۈزەل سىماسى ھېچ كەتمىدى. ئىلاخۇن تېۋىپ بىلەن پەرۋىننىڭ تراگېدىيىلىك ئۆلۈمىنى ئاڭلاپ، ئەمدى ئۇ ئايالى ئامىنە خانىم بىلەن قىزى فاتىمەنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەنسىرەشكە باشلىغان ئىدى. «ھەي! يىلنىڭ باشلىرىدا سەيدە ئاناملار كىچىك مۇھەممەد رىزانىمۇ ئېلىپ چوڭ بىر كارۋان بىلەن مەككە مۇكەررەمگە ھەج تاۋابى ئۈچۈن يولغا چىققاندا، ئامىنە بىلەن قىزىم فاتىمەنىمۇ بىللە يولغا سېلىۋەتكەن بولسام، بۇنچىلىك دەككە – دۈككىدە قالمىغان بولاتتىمكەن. ئەينى چاغدا ئامىنەنى قىزىم بىلەن بىرگە شۇلارغا قوشۇلۇپ ھەرەمگە كېتىشكە شۇنچە دەۋەت قىلساممۇ، مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشقا كۆزى قىيماي ھېچ ئۇنىمىغان ئىدى. كېيىن مەنمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ مەجبۇرلىمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىمدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلغۇم كەلمىگەن ئىدى. مانا ئەمدى ئۇلار نېمە قىلىۋاتقاندۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا جاھاننىڭ بۇنداق تېز ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېچ تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىكەنمەن. ھەي… بولۇپمۇ بىز خەقتە بۇنچىلىك كۆپ يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئەنە شۇ ئۆزىمىزدىكى سەۋەنلىكلەر بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىمىزغا سەۋەب بولدى. بىز بىرلىك – ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلالمىغانلىقىمىزدىن، جەڭگە كىرىشنى بىلگەن بىلەن دۈشمەننى مولجالغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈشنى بىلمىگەنلىكىمىزدىن، بىر مىللەت تۇرۇپ يۇرتۋازلىق، مەنپەئەتپەرەسلىك قىلىپ، پارچە – پارچە بولۇپ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىمىزدىن، بىر پىكىردە بىرلىككە كېلىپ، شۇ پىكىردە چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئەقىل – پاراسەت بىلەن قىلىدىغان ئادەملىرىمىزنىڭ كەمچىللىكىدىن ئۆز يۇرتىمىزدا بېشىمىزنى خاتىرجەم تىققۇدەك جاي چىقماي، تاغمۇ – تاغ، چۆلمۇ – چۆل قېچىپ يۈرۈۋاتىمىز. ئىنقىلابنىڭ مېۋىسىنى كۆرە – كۆرمەيلا ھەممىمىز ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، ئۆز ئالدىمىزغا ئىش كۆرۈپ، ئەسلىدىلا ئاجىز بولغان كۈچىمىزنى پارچىلاپ يوق قىلىۋەتتۇق. يەنە تېخى ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپكەندەك، ما جۇڭيىڭنىڭ بېشىمزغا بالا بولغىنىنى دېمەيلا قوياي. يەنە دېسەم يەنە شۇ دەرت. ئۆز دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ۋاز كېچىشكە مۇمكىن بولمايدىغان بىر نەرسىدىن ۋاز كېچىشنىڭ ئۆزى، بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا ۋەتەن ئۈچۈن قىلغان ئەڭ زور پىداكارلىقتۇر. بۇنداق پىداكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ئادەم ئەڭ بۈيۈك روھقا ئىگە بولغان كىشى ھېسابلىنىدۇ. مىڭ ئەپسۇس، بىزدە بۇنداق روھقا ئىگە كىشىلەر ھازىر يوق دېيەرلىك ئىكەن».

ئۇ تەبىئەت قوينىدا يېتىپ ئۆكۈنۈش، ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە تەئەججۇپلىنەرلىك ئىشلارنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، يەنە خۇشاللىق كۈنلەرنىمۇ تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئەسلەپ، ئۆز كۆڭلىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشتى. خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرىنى بىر يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە خوتەن دىيارىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىپ، شەرقتە چارقىلىقتىن تارتىپ غەربتە يېڭىسارغىچە بولغان زېمىنلارنى ئازات قىلغان چاغلارنى، ئايمۇ ئاي، كۈنمۇ كۈن، سائەتمۇ سائەت بويىچە كۆز ئالدىدىن بىرمۇبىر ئۆتكۈزدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ خېلى كۆپ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى ۋە خوتەننىڭ يۇرتئەھلى ئارىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەنلەردىن بىرمۇنچىسىنى مەككە مۇكەررەمگە ھەج تاۋابى ئۈچۈن يولغا سېلىۋەتكەنلىكىدىن مەمنۇن بولدى، ئۇ، «بولمىسا مۇشۇ ئۇرۇش مالىماتاڭچىلىقىدا ئۇلارنىڭ ھالىدىن قانداق خەۋەر ئالار ئىدىم؟ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قانداقمۇ قوغدايتتىم؟ ھەقىقەتەن ھەج تاۋابىدەك بۇ مۇقەددەس يولدا نۇرغۇن ساۋاب ۋە ھېكمەت بار ئىكەن! مانا، ھازىر ئۆزۈمنىڭ ئاكىسىدەك كۆرىدىغان ئىلاخۇن ئاكىغا ۋە ئۇنىڭ قىزى پەرۋىنگىمۇ ئىگە چىقالمىدىم، ئۇلارنى قوغدىيالمىدىم. ھەتتا ئىككى ئىنىمنىڭ قەبرىسىنىڭ نەلەردە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن، ئۇلارنىڭ قەبرە بېشىدا ئولتۇرۇپ ياسىن ئوقۇشقىمۇ نېسىپ بولمىدى. شۇنچىلىك چارىسىز، ئاجىز بىرسىگە ئايلىنىپ قالدىم، ئەمدى مانا ئۆز ئايالىم بىلەن قىزىمنىڭ قانداق قىسمەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىدىنمۇ بىخەۋەرمەن» دەپ، يەنە ئۇھ تارتتى. ئۇ، ئائىلىسىنىڭ ئۆز يېنىدا بولۇشىنى شۇنچە ئارزۇ قىلدى ۋە ھىجران يولىدا سەدپارە بولغان قەلبى ئۇلارنىڭ ۋىسال يولىغا ئىنتىزار بولدى. ئۇ ئېگىز خىياللار تېغىدا پەرھاتتەك كېزىپ، كېچىچە ئۇياقتىن – بۇياققا ئېغىناپ ياتقاچقا، ئۇيقۇ كەلمىگەن كۆزلىرى تېخىمۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئىدى. ئاخىرى، ئۇ ئۈمىدسىز خىياللاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، كۆزىنى سۈتتەك ئاقىرىپ تۇرغان تۈن باغرىغا قاراتتى. ئاينىڭ يۈزى كۆككە ئېسىلغان ئالتۇن تاۋاقتەك يالتىراپ تۇراتتى، ئەتراپىدا جىمىرلاپ تۇرغان دۇردانە يۇلتۇزلار كىشىنىڭ غەش كۆڭلىنى ۋاللىدەك يورۇتۇۋىتەتتى. قارىماققا بۇ تۈننىڭ چېكى يوقتەك، ئاي پاتماي، يۇلتۇزلار ھېچ ئۆچمەيدىغاندەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمما بەرىبىر تاڭ ئاتاتتى، ئاي پېتىپ، يۇلتۇزلار ئۆچۈپ، مېھىرلىك قۇياش جاھاننى يورۇتاتتى. مانا بۇ تەبىئەتنىڭ مەڭگۈ بۇزۇلماس نىزامى ئىدى.

 

«يول» ناملىق روماندىن ئېلىندى.

(داۋامى بار)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top