You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق روماننىڭ قىسقىچە بايانى

«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق روماننىڭ قىسقىچە بايانى

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق رومان بولسا، تارىخىي روماندۇر. روماندىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى بەدىئىي توقۇلمىدىن ئىبارەت بولۇپ، قالغان قىسمى بولسا، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ قىزى گۈلتەكىن پەھلىۋان خانىم يازغان تۈرك تىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرباشقانى مەسۇت سابرى بايكوزى»، «در. مەسئۇت سابرى بايكوزى ۋە ئەسەرلىرى» ناملىق كىتابلاردىن ۋە ھاشىر ۋاھىدى بىلەن سابىت ئۇيغۇر ئەپەندىلەر يازغان «مەسئۇت سابىرى بايكوزى» ناملىق ماقالىلاردىن پايدىلىنىپ يېزىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە روماندىكى ئەخمەت كامال توغرىسىدا يېزىلغان قىسىملىرى بولسا، ئەخمەت كامال ئۆزۈ يازغان «چىن-تۈركىستان خاتىرالارى»ناملىق كىتاب مەنبە قىلىپ يېزىلدى. روماننىڭ «نەنجىڭ خاتىلىرى» ناملىق 7-بابى بولسا، مەرھۇم ئەيسا يۇسۇپ ئالپتېكىن ئەپەندىمنىڭ ھايات تارىخىغا بېغىشلاپ يېزىلغان «ئاسىرى شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن»ناملىق كىتابتىكى تارىخىي مەنبەلەر ئاساس قىلىپ يېزىلدى. دېمەكچىمەنكى، مەرھۇم مەسئۇت ئەپەندى ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرۇلغان تارىخىي تەزكىرىلەر ناھايىتىمۇ ئاز بولغانلىقى سەۋەبىدىن، روماندىكى تارىخىي بايانلارنىڭ كۆپ قىسمى بەدىئىي توقۇلمىلاردىن تەشكىل تاپقان. شۇ ۋەجىدىن بۇ كىتاب تارىخ توغرىسىدا يېزىلغان مەخسۇس تارىخىي تەتقىقات ئەسىرى بولماستىن، بەلكى بىر تارىخىي روماندۇر.

بىز تارىخىي روماننى تارىخنىڭ دەل ئۆزى دەپ قاراۋېلىش ۋە تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ تۆھپىسىنى ئۇنىڭ مەلۇم تارىخىي ۋەقەلەرگە بولغان ساداقەتمەنلىكى نۇقتىسىدىن ئۆلچەپ تۇرۇپ، تارىخىي رومانلاردىن زوقلىنىش دەرىجىسىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىمىز لازىم. تارىخىي رومانلاردىكى تارىخنىڭ چىنلىقى بىلەن يازغۇچى ئۆزىنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ توقۇپ چىققان بەدىئىي توقۇلمىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا چۈشىنىشىشىمىز كېرەك. يازغۇچىنىڭ رېئال ۋە ئۆز ئىدىيىۋى ھېسساتلىرى ئارقىلىق ياراتقان بەددىئىي ئەسەرىدىن ئېستېتىك بىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق بەدىئىي زوق ئېلىش بىلەن بىرگە، توغرا ئەقلىي ھۆكۈمگە ئىگە بولۇشىشىمىز لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەلۇم تارىخىي دەۋردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بەدىئىي ئۇسلۇپتا تەسۋىرلەش ئارقىلىق شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىدىن ۋە شۇ دەۋر خەلقىنىڭ پىسخىكىسىنى، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى، ئېستېتىك قىممەت قاراشلىرىنى، جۈملىدىن ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن رومان تارىخىي رومان دەپ ئاتالغان. شۇڭا تارىخىي رومان يازغۇچىسى ئۆزىنىڭ تارىخىي بىلىملىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ، تارىخىي مەنبەلەرنى ئاساس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋايىغا يەتكەن بەدىئىي ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، خۇددى رېئالىستىك ئىجتىمائىي رومانلاردا بولىدىغان بەدىئىي ئوبراز يارىتىش ئۇسۇلىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، تارىخىي روماننى روياپقا چىقىرىدۇ.

تارىخىي رومانلاردىكى تارىخىي شەخسلەر بولسۇن ۋە ياكى يازغۇچى ئۆزى ياراتقان بەدىئىي ئوبرازلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ دىئالوگلىرىدىكى خاسلىق، بايان، تىل ۋە تەسۋىرلەر رېئالىستىك ئىجتىمائىي رومانلاردىكىدەك شۇنداق مۇھىم بولىدۇ ۋە تارىخىي روماندىكى بەدىئىي توقۇلمىلار، تارىخچىنىڭ تارىخنى ئەينەن تەسۋىرلەش مېتودىغا زىت كېلىدۇ. ئەمما ئەنە شۇ بەدىئىي توقۇلمىلار تارىخىي روماندا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندىلا تارىخىي رومان شۇنچىلىك قىزىقارلىق، جەزبىدارلىق بولۇپ روياپقا چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىتابخانلارنىڭ ئېستېتىك تۇيغۇسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماي يەنە تارىخىي تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ، مىللىي روھنىڭ تىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. يەنە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان شۇنداق مۇھىم بىر نۇقتا باركى، ئۇ بولسىمۇ تارىخىي رومانلاردىكى تارىخىي پېرسوناژلارنىڭ دىئالوگلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى شۇ تارىخىي پېرسوناژغا خاس، ئەينى چاغدىكى تارىخىي دەۋردە شۇ شەخس شۇنداق سۆزلەرنى قىلغان دەپ، قارىۋېلىش يەنىلا تارىخىي رومانغا بولغان نەزەرىۋىي قاراشنىڭ سۇسلىقىدىن كېلىپ چىققان خاتالىقلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى تارىخىي رومان يازغۇچىسى ئۆزىنىڭ تارىخىي رومانلىرىدا تارىخىي پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازلىرىنى تېخىمۇ تىپىكلەشتۈرۈش ۋە تىرىك، جانلىق قىلىپ تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ توقۇپ چىققان توقۇلمىلاردا ئۆزىنىڭ ئوي – پىكىرلىرىنى شۇ تارىخىي پېرسوناژنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئىبارىلەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇ جۈملە ۋە سۆزلەر شۇ تارىخىي پېرسوناژنىڭ ھەقىقىي ئۆزىگە خاس بولغان جۈملە ياكى سۆزلەر ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ جۈملە ۋە سۆزلەرنى ۋە ياكى توقۇلما ۋەقەلەرنى خاتا ھالدا شۇ تارىخىي پېرسوناژغا خاس دەپ چۈشىنىپ قالماسلىقى لازىم. شۇڭا يۇقىرىدا قەيت قىلغىنىمىزدەك تارىخىي رومان يازغۇچىلىرى روماننىڭ بەدىئىيلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن بەزى تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتىغا قاتمال ھالەتتە سادىق بولۇپ كەتمەيدۇ. مانا بۇ تارىخىي كىتابلار بىلەن تارىخىي روماننىڭ تۇپ پەرقىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يىقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىي توغرىسىدا تارىخىي رومان يازماق ئەڭ مۇشەقەتلىك ئەقلىي ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پۈتۈن بىر ئۇيغۇر تارىخىي قان بىلەن ياشقا تولغان تىراگېدىيەلىك تارىخ بولغانلىقى ئۈچۈن تارىخىي رومان يېزىش دېگەنلىك يازغۇچى ئۆز ئۆمرۈگە ئۆزۈ پالتا ئۇرغان بىلەن باراۋەردۇر. چۈنكى يازغۇچى ئەنە شۇ تارىخ توغرىسىدا رومان يازغاندا، رومان سۇژىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۆز قەھرىمانلىرى بىلەن بىرگە مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىدۇ، تەڭ يىغلاپ تەڭ كۈلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ يۈرەك قىنىنى سەرپ قىلىپ بىر سۆز، بىر جۈملە، بىر ئابزاس، بىر بەتتىن قىلىپ پۇتۇپ، ئاستا-ئاستا روماندىن ئىبارەت بۇ ئەبەدىي يېمىرىلمەس قەلئەنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىدۇ.

ئەنە شۇ ھەيۋەتلىك قەلئەنىڭ پۈتۈشىگە ئەگىشىپ يازغۇچىمۇ ئاستا-ئاستا كۈچ-قۇۋۋىتىدىن قالىدۇ، قارا چاچلىرى قاردەك ئاقىرىدۇ، نۇرلۇق كۆزلىرى تورلىشىدۇ، قوللىرى تىلىپ، بەللىرى مۇكچىيىدۇ. بۇ توغرىسىدا يازغۇچى جورج ئورۋېل كەسكىن قىلىپ مۇنداق دېگەن:«بىر كىتاب يېزىش تولىمۇ قورقۇنچلۇق، ئادەمنىڭ جۇلىقىنى چىقىرىۋىتىدىغان ئەقلى ئەمگەكتۇر، بۇ خۇددى ئازابلىق كېسەلنىڭ ئاغرىقىنى چەككەنگە ئوخشايدۇ». ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بولسا، ئەنە شۇ پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ئازابلىق ئېڭراشلىرىغا شېرىك بولغان ۋە ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن، ھېلە ھەم تۆلەۋاتقان ئاۋانگارتلاردۇر. دەرۋەقە، يېزىقچىلىق شۇنداق مۇشەقەتلىك ئەقلىي ئەمگەك ئىكەنلىكى پۈتۈن ئالەمگە ئىنىق تۇرۇقلۇق، يازغۇچى يەنە قولىغا قەلەم ئالىدۇ. چۈنكى ۋىجدان ۋە پاك بىر روھ ئۇلارغا شۇنداق قىلغۇزىدۇ. ئەنە شۇ ۋىجدان بىلەن پاك روھ يازغۇچىنىڭ روھىي جەھەتتىن ئازات بولۇشۇشىغا تۇركە بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ھەربىر رومانىنى يېزىپ پۈتتۇرگەندە، تارتقان جاپالىرىنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇپ، روھىي جەھەتتىن بۇرۇنقىدىن يەنە بىر بالداق يۇكسىلىپ ماڭغان. دېمىسىمۇ ئەدەبىيات ئەركىن تەپەكۇر قىلىشنىڭ بەدىئىي قىممىتى بولغاچقا، يازغۇچى ئەنە شۇنداق روھىي ئازاتلىق ئىچىدە، يەنىلا ئۆز بەختىنى تاپقان بولىدۇ. ھەقىقىي بىر يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن ماددى دۇنيانىڭ بويۇنتۇرقىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇنىنغا بېقىنماي ئۆز روھى دۇنياسى ئىچىدە ياشالىسا ۋە جاپالىق ئىجادىيەت تۇرمۇشىدىن ھوزۇر ئالالىسا چوقۇم بىر كۈنى ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق سۆيۈلۈشكە مۇيەسسەر بولىدىغان ياخشى يازغۇچى بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق يازغۇچى ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بەخشەندە ئەتكەن ۋە قالغان پۈتۈن ئۆمرىنى ئەدەبىياتقا بېغىشلىغان بولىدۇ. بولۇپمۇ بىزدەك مۇساپىرچىلىقتا ياشاۋاتقان يازغۇچىلار ھىجران دەرتلىرى بىلەن ۋىسال لەززىتىنىڭ مەناسىنى تولۇق چۈشەنگەن بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلار دۇئاسىنىڭ مەزمۇنى ئۆلمەستىن ئاۋۋال يېزىشنى پىلانلىغان ئەسەرلىرىنى يېزىۋېلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەشنى مەزمۇن قىلغان بولىدۇ.

ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى رومان يازغاندا پەقەت سەنئەتنىلا مەقسەت قىلىپ رومان يازغان ئەمەس. ئۇلار ئۆز رومانلىرىدا ئاجايىپ ئېستېتىك قىممەت، ئىجتىمائىي قىممەت، ماددىي قىممەت ۋە مەنىۋىي قىممەت يارىتىشنى مەخسەت قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ھەققىي مۇددۇئاسى تارىخىي قىممەت ۋە سىياسىي قىممەت يارىتىشنى مەخسەت قىلغان. يەنى تارىخىي قىممەت دېگىنىمىزدە، يازغۇچى ئۆزۈ ئۆگەنگەن تارىخىي بىلىمى بىلەن ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىگە تايىنىپ توقۇغان بەدىئىي توقۇلمىلىرى ئاساسىدا رومان يازغان. بۇ ئارقىلىق يازغۇچى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۆتمۇشتە قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھېكايىسىدىن ۋەقە ۋە ھادىسلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تونۇپ، ھەقىقىي پاكىتلارنى قىزىپ چىقىپ، ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان. بۇنىڭ بىلەن ئەۋلاتلارنىڭ ئەنە شۇ تارىختىن ئىبەرەت ئېلىپ، خاتالىقلارنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقىغا يول كۆرسىپ بەرگەن. ئەمەدى سىياسى قىممەت دېگىنىمىزدە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۆزلىرىنى ئۇنداق ياكى مۇنداق نىقاپلار بىلەن نىقاپلاپ ئەسەر يازغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەسىرىگە ئۆزىنىڭ سىياسى مۇددۇئاسىنى سىڭدۇرىۋەتكەن. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر رومانلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي روھىنىڭ شەجىرىسى ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ كەلمەكتە، ھەمدە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا ئېستېتىك زوق ۋە تارىخىي بىلىمنى قۇربان قىلىۋەتمەي تۇرۇپمۇ، سىياسىي ئاڭغا ئىگە بولماقتا.

دېمەك ئۇيغۇر رومانلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەت سەمىرەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىتىمىزگە غايىۋى كۈچ بېغىشلاپ، مىللىي روھنىڭ يۈكسۇلۇشىگە تۈركە بولماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئانا تىلىمىزنىڭ يوقۇلۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مىللىتىمىزنى ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلىشقا ئۇندەپ، ئانا تىلىنى قوغدۇغۇچىلىق رولىنى ئۈستىگە ئالماقتا. يەنە ئۇيغۇر رومانلىرى مىللىي ئەدەبىيات – سەنئەت ئىچىدىكى دەۋر روھىنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ يۈكسەك ژانىر ھېسابلىنىدۇ ۋە ئۇيغۇر سەنئەت، مەدەنىيەت، ئىجادىيەت تارىخىنىڭ بايلىقىنى ئاشۇرىدىغان بىردىن-بىر قورال. تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى ئۆز دەۋرنىڭ ئاۋانگارت قوشۇنى بولۇپ كەلدى. ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتىنى تېما قىلىپ ئەسەر يازدى. خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتى، شاتلىقى ۋە ئۈمىدىگە ئورتاق بولدى. ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى ئۆز خەلقىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى بايان قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز خەلقى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىپ كەلدى. شۇڭا يازغۇچى – شائىرلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۇنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان مۇناسىۋەت نورمىلىرى بىلەن ئۆلچىلىنىپ كەلدى. ئۇيغۇر يازغۇچى – شائىرلارنىڭ ھاياتى خەلقنىڭ ھاياتى، ئۆز خەلقىنىڭ مەنىۋى ۋە تارىخىي ھاياتى. بىر جۈملە سۆز بىلەن خۇلاسلىغاندا ئۇيغۇر يازغۇچى – شائىرلىرى ۋەتەنگە ۋە مىللەتكە ئەبەدىي سادىق بولغان ئۆزىنى تونۇشنى بىلىپ، ئۆزىنى قەدىرلىگەن جەڭگىۋار ئەقلىي قوشۇن.

ھازىرقى تىراگېدىيەلىك رېئاللىقىمىزغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۆھران خارەكتىرلىك ئۆزگۇرۇشلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ۋەتەن ئىچىدە نەشىرىدىن چىقىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ سانى شۇنچىلىك ئاز بولغىنىغا قارىماي، ھەقىقىي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋەكىل بولىدىغان سالاھىيەتتىن بەكمۇ يىراق. مەيلى يېزىلىۋاتقان شېئىرلار بولسۇن، مەيلى پىروزا ئەسەرلىرى بولسۇن ۋە ياكى تەرجىمە ئەسەرلىرى بولسۇن، ھەممىسى دېگۇدەك خىتاي ئەدەبىياتىغا مايىل بولغان شالغۇتلاشقان ئەدەبىيات. ۋەتەن ئىچىدىكى يازغۇچىلار قوشۇنى سىياسىي بوران چاپقۇنلاردا پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى، ساق قالغانلىرىغا بولسا ئۈششۈك تەكدى. بۇلاردىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئاستىدا قانائەت ھاسىل قىلغۇدەك نەتىجىلەرنى كۈتۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ۋە يازالايدىغانلارنىڭ ئۆز كۆڭۈللىرىدىن كەچكەنلىرىنى يېزىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. نۆۋەتتە ۋەتەن سىرتىدىكى مۇھاجىرەت ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق، بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا يازغۇچى ۋە شائىرلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاۋانگارت قوشۇن يەنىلا شائىرلار. ئۇلار ئۆز شارائىتىنىڭ ياربېرىشىچە شېئىر كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرماقتا ۋە باشقا تىللاردا نەشىر قىلدۇرغان شېئىر كىتابلارنىڭ سانىمۇ ھېلە بار. ئەمما پىروزا قاتارلىق باشقا ژانىرلاردا ئەسەر يېزىۋاتقانلار يوق دېيەرلىك، يازىدىغانلار بار دېگەندىمۇ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتى ئۆلچەمدىن يېراق، ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي تىرىشىۋاتىمىز.

ھېچقانداق بىر ئورگان ۋە تەشكىلاتنىڭ ياردەم كۈچىگە تايانماي ئەسەر يېزىپ، ئۆز ئىقتىسادىمىز بىلەن نەشىردىن چىرىۋاتىمىز. ئەمما يەنىلا يىلدا چىقىۋاتقان بىرە تال رومان ۋە ياكى باشقا كىتابلارنى ئالدىغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق. يازغۇچى ۋە شائىرلار مىڭبىر مۇشەقەتتە يېزىپ، نەشىرىدىن چىقارغان ئەسەرلىرى خارلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ كىتابلار خارلاندى دېگەنلىك ئانا تىل خارلاندى دېگەنلىك، مىللىي ئەدەبىيات خارلاندى دېگەنلىك، مىللىي روھ خارلاندى دېگەنلىك بىلەن باراۋەر. ئەگەر مۇشۇ ھالەت يەنە داۋام قىلسا 15 ۋە 20 يىلدىن كېيىن ئانا تىلدا كىتاب يازىدىغان يازغۇچى – شائىر قالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى پۈتۈنلەي يوقۇلىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ باش قاتۇرىدىغان مەسىللىرىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدە يازغۇچىلىرىمىز تېخى يېزىپ بولالمىغان ۋە يازاي دېسىمۇ ئىمكانىيەت يار بەرمەۋاتقان تېمىلار بەكمۇ كۆپ. ئەنە شۇ تېمىلار توغرىسا رومان يېزىپ قالدۇرۇش بىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم، مەيلى تارىخىي تېمىلاردا بولسۇن ۋە ياكى تەسەۋۋۇر دۇنيارىمىزدىن تاللاپ ئېلىنغان تېمىلاردا بولسۇن، رومان يېزىش بىز يازغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن كۈندىلىك خىزمىتىمنىڭ سىرتىدىكى بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ رومان يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن ۋە نۆۋەتتە ئىككىنچى تارىخىي رومانىم «مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق روماننى يېزىپ پۈتتۈرۈپ، نەشىر قىلىشقا بەردىم، ئاللاھ خالىسا مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە نەشىردىن چىقىدۇ. بۇ رومان جەمى 9 باپتىن تەركىپ تاپقان.

1-باپ: «مەسئۇت». بۇ باپتا مەسئۇت ئەپەندىنىڭ تۇغۇلىشىدىن تارتىپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بالىلىق چاغلىرى ناھايىتى چىرايلىق ئەدەبىي تىل بىلەن بايان قىلىنغان.
2-باپ: «ئىستانبۇل خاتىرلىرى» ناملىق باپ بولۇپ، بۇ باپتا مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئوقۇش جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان.
3-باپ: «يۇرتۇم» ناملىق باپ بولۇپ، بۇ باپتا مەسئۇت ئەپەندىنىڭ يۇرتقا قايتىپ كېلىش جەريانى ۋە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزىسىدىكى ئۆزگۇرۇشلەر تەسۋىرلەنگەن.
4-باپ: «ئۇسۇل جەدىت» دېگەن باپ بولۇپ، بۇ باپتا مەسئۇت ئەپەندىنىڭ غۇلجا يىقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلاھاتلاردىن بىرى بولغان يېڭى مائارىپقا قوشقان تۆھپىسى ۋە بۇ جەرياندىكى جاپالىق ئىزدىنىشلىرى، بۇ يولدا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويغان يېڭى ئىدىيە ۋە پىكىرلىرى ، ھەمدە مۇتەئەسسىپ جاھىل كۈچلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئۆكسۈمەي قىلغان تىل-ئاھانەت ۋە تۆھمەتلىرى بايان قىلىنغان.
5-باپ: «بىئارام ھىجران». شۇ زامانلار غۇلجىنىڭ ھەممە يەرلىرىنى زەھەرلىك ئوتلار قاپلاپ كەتكەن چاغ بولغاچقا، مەسئۇت ئەپەندىدەك بىر گۈلنىڭ پورەكلەپ ئىچىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئاخىرى مەسئۇت ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى تۆھمەتكە ئۇچراپ، قولغا ئېلىنىپ زىندانغا تاشلىنىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۈرۈمچىگە يالاپ ئېلىپ ماڭىدۇ. مانا بۇ جەريانلار ناھايىتىمۇ يۇكسەك ئەدەبىي ماھارەت بىلەن تەپسىلى بايان قىلىنغان.
6-باپ: «سەرسان روھ». بۇ باپتا مەسئۇت ئەپەندىنىڭ سۇرگۇندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى غۇلجىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە غۇلجىغا كەلگەن ئىيسا يۇسۇپ بەگ بىلەن بولغان سۆھبەتلىرى ۋە نائەھلىلىكتە ئۇچىغا چىققان ياۋۇز ئەبلەخلەرنىڭ دەستىدىن غۇلجىدىن قىچىشقا مەجبۇر بولۇش جەريانلىرى بايان قىلىنغان.
7-باپ: «بىۋەتەن». بۇ باپتا مەسئۇت ئەپەندىنىڭ نەنجىڭدىكى سىياسىي كۈرەشلىرى بايان قىلىنغان.
8-باپ: «غۇلجىنىڭ ياز كۈنلىرى». بۇ باپتا مەسئۇت ئەپەندىنىڭ نەنجىڭدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى غۇلجا سەپىرى ۋە غۇلجىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان.
9-باپ: «ۋەتەن گۇۋا». بۇ باپتا مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئۆلكە رەئىسى بولغاندىن كېيىنكى خىزمەتلىرى ۋە ئۆلكە رەئىسلىكتىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىنكى روھى دۇنياسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ۋە ئاخىرىدا كومۇنىسلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىغى ۋە شېھىت بولۇش جەريانلىرى تەپسىلى بايان قىلىنغان.

مەن «مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندا تارىخنىڭ چىنلىقىغا مەسئۇللىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزۈم توقۇغان بەدىئىي توقۇلمىلارغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەردىم. بۇ ئارقىلىق روماننىڭ ئېستېتىكىلىق شەكىل ۋە مەزمۇنىنى بېيىتىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدۇم. مانا مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە مىللىي قەھرىمانلىرىمىزنىڭ شانلىق ھاياتىنى مەيلى مەزمۇن جەھەتتە بولسۇن، مەيلى بەدىئىيلىك جەھەتتىن بولسۇن، ئالاھىدە كونكېرتلاشتۇرۇپ ئىپادىلىدىم. بولۇپمۇ بۇ روماندا مىللىي قەدىرىيەتنى ئەدەبىياتتا يەنى روماندا ئەكس ئەتتۇرىدىغان قىلىشقا تىرىشتىم. روماندا بەدىئىيلىك بىلەن مەزمۇن، مەزمۇن بىلەن تارىخ، تارىخ بىلەن ئېستېتىكىلىق قىممەت ناھايىتىمى بىربىرىگە باغلىلىنىپ كەتكەن دەپ قارايمەن. بۇ رومان بولسا،تارىخرتىكى غەلبىلىرمىزنى، ئۆكۈنۇشلىرىمىزنى ۋە گاڭگىراشلىرىمىزنى، كۈرەش ئىرادىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا بايان قىلغان تارىخىي روماندۇر. بىز ئۈچۈن بۇ روماننىڭ يەنە بىر قىممىتى دەل ئانا تىلىمىزدا يېزىلغانلىغىدۇر. بولۇپمۇ ئۇيغۇر كىتابخانلىرى بۇ خىلدىكى ئۇيغۇر رومانلىرىنى ئوقۇشتىن ۋازكەچمەسلىكى لازىم. تارىخنى ھەققىي ئۆگەنمەكچى بولغان كىشى رومان ئوقۇشى لازىم. بۇ سۆزنى ئوقۇغان كىشى تارىخ بىلەن روماننىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ دېگەن سوئالنى سورىشى مۇمكىن. مېنىڭچە ئەلۋەتتە مۇناسىۋىتى بار.

مەن بۇيەردە رومان دەپ نۇقۇل ھالدا تارىخىي روماننىلا كۆزدە تۇتىۋاتقىنىم يوق. ھازىرقى دەۋر ئوممۇمى يۈزلۈك ئېيتقاندا بىز ئۈچۈن پارلاق بولمىغان بىر دەۋردۇر. يۇقۇردا دەپ ئېيتىلغاندەك بىزدە ئانا تىلىدا يېزىلىۋاتقان رومان يوق دىيەرلىك، شۇنداق ئىكەن بىرەر رومان نەشىردىن چىقسا ئەلۋەتتە چوقۇم ئەرتىۋارلاپ ئوقۇشىمىز لازىم. بىز بىر روماننى ئوقۇغۇنىمىزدا يازغۇچىنىڭ سۆزلىرى خۇددى ھازىرقى ئىشلارنى دەۋاتقاندەكلا ھېس قىلىمىز. بۇ نۇقتىدىن قاراپ شۇنى ھۆكۈم قىلىمىزكى يازغۇچى يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا شۇ دەۋەرنىڭ تارىخىنىلا يازماي بەلكى يەنە ھازىرقى ئىشلارنىڭ ۋە كېلەچەكتە يۇز بېرىدىغان ئىشلار تارىخىنىڭمۇ يازغۇچىسىدۇر. گەرچە روماندىكى ۋەقەلەر توقۇلما بولسىمۇ، ئەمما ئاشۇ بەدىئىي توقۇلمىلار ئارقىلىق ئالدىن كۆرەر يازغۇچىلار كەلگۇسىگە بولغان پەرەزلىرىنى شۇ دەۋردىكى چىنلىققا ۋە رېئاللىق تايىنىپ تۇرۇپ يازىدۇ. يازغۇچى رېئالىققتىن قوبۇل قىلىنغان ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى تەپەككۇر قىلىپ، تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئەقلى خۇلاسە چىقىرىپ شۇ دەۋردىكى تارىخقا ۋە كەلگۇسىگە بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر رومان ئوقۇغىنىمىزدا شۇ دەۋرنىڭ تارىخىنى بىلەلەيمىز ۋە كەلگۇسىنى كۆرەلەيمىز.

مانا بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا يازغۇچى بىر تارىخچىنىڭ ۋەزىپىسىنىمۇ ئورۇندىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسان بىردىنبىر ۋە يىگانە يېزىق بىلەن دۇنيانى شەرھىلىگۈچى قامۇس. ئىنسان بۇ قامۇسلۇق خۇسۇسىيىتىنى رومان ئارقىلىق نامايەن قىلالايدۇ. ياخشى يېزىلغان بىر رومان مەنىۋىي مەدەنىيەتىنىڭ تۈۋرۈكى بولالايدۇ ۋە ئىنسان روھىيىتىنىڭ تۈگۇمەس بۇلۇقى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى رومان تارىخىمىزنى ئۆگىتىدۇ، ھەقىقەتنى تەكرارلاپ ئەسكە سالىدۇ؛ شۇنداقلا مەنىۋىي قىياپىتىمىزنى، تۇرمۇش ئادىتىمىزنى، مۇھىتىمىزنى، كىشلىك مۇئامىلە يوسۇنلىرىمىزنى گۈزەل ئەدەبىي تىل بىلەن ئىبارىلەپ ئېستېتىك ھەۋىسىمىزنى قوزغاش بىلەن مەنىۋى قىياپىتىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ئۇندەيدۇ. رومان كىشىلىك قاراش، ئەخلاق ۋە سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنىڭ مۇھىم دەرسلىك قامۇسى. روماننىڭ تەربىيىۋى رولى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇ بىۋاستە لېكسىيە سۆزلەش، مەجبۇرى ۋاستىلەرنى قوللىنىش، دىداكتىك ۋەز-نەسىھەت ياكى تەنقىدىي تەربىيە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇل بىلەن ئىش كۆرمەيدۇ. روماننىڭ تەربىيىۋى رولى تولىراق ھەرقايسى تۈر ۋە ژانىرلاردىكى سەنئەت ئەسەرلەرنىڭ ئېستىمالچىسى ھېسابلىنىدىغان كىتابخانلارنىڭ ئۆز قەلبى، ئىرادىسى، ئىش-ھەرىكىتى، ئارزۇ-ھەۋىسىنىڭ قانداقلىقى توغرۇلۇق ئۆز – ئۆزىنى بايقاپ بىلىش، باشقىلاردىن ئىبرەت ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئادەتتىكى مەنتىقىلىق ئىبارىلەر ۋاستە قىلىنغان تەربىيىدىن ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئوبرازدارلىقى، مەجازىلىقى، رېتىمدارلىقى، ھېسسىياتچانلىقى بىلەن پەرقلىنىپ، كىتابخاندا كۈچلۈك ھاياجان قوزغايدۇ.

ئۆز-ئۆزىنى باھالاش، ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە بولغان ھەق-ناھەقلىق قارىشىنى تىكلەش روماننىڭ تەربىيىۋى رولى ۋە ئەمەلىي تەسىرىنىڭ ئاساسىي تەلىپى. ئەلۋەتتە، روماننىڭ بۇ تەربىيىۋى تەسىرى بەدىئىي ئەسەرنى تەلقىن قىلىش ، تەشۋىق قىلىش بىلەن كۈچىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رومان پۈتۈن بىر مىللەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، سەپەرۋەرلىككە كەلتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇ ئەدەبىياتنىڭ جامائەتچىلىك – ئالاقە جەھەتتىكى ئىجتىمائىي كۈچ بىلەن ماددىي كۈچ ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا قارىتىلغان. دېمەك ئەدەبىيات غايەت زور ئىجتىمائىي، مەنىۋى، غايىۋى، تارىخىي ئىنفورماتسىيە. ئۇ شەخسلەر، مىللەتلەر، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەتتا قەدىمكى كىشىلەر بىلەن ھازىرقى زامان كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆزارا چۈشىنىش، يېقىنلىشىش، تەسىر ئۆتكۈزۈشنىڭ غايەت زور مەنىۋى كۆۋرۈكى.

بولۇپمۇ رومان ئىدېئولوگىيە شەكىللىرىنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاۋام خەلقنىڭ ئىدىيەسىنى ئەكس ئەتتۇرۇش بىلەن بىرگە ئىنسانپەۋەرلىك، تەرەققىيپەرۋەرلىك ، خەلقچۇللىق، گۈزەل كەلگۇسى ھەققىدىكى ئىنتىلىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاساستا شۇ ئىدىيەلەرنى ئەكس ئەتتۇرىدۇ. رومان بىر مىللەتنىڭ مۇئەييەن بىر دەۋردىكى رېئال ھاياتىنىڭ مېخانىكىلىق ئىپادىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيتەتتە ئۇ بىر ئالەمشۇمۇل تارىخىي مەدەنىيەت يارىتىش جەريانىنىڭ بىر قىسمى. يەنە روماندا مىللىيلىك بىلەن خەلقئارالىق ۋە ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ھەمىشە بىر-بىرىگە ئۆتۈشۈپ كەتكەن، مەزمۇن بىلەن بەدىئىيلىك زىچ باغلانغان ۋە بىلىم بىلەن سەنئەت بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن بولىدۇ. روماننىڭ قىممىتى دەل مۇشۇ سەنئەت بىلەن بىلىمنىڭ گېرەلىشىپ كېتىشىدە.

قاچاندۇر يازغۇچى قولىغا قەلەم ئېلىپ بىر روماننى يېزىشقا باشلىغان چاغدا، ئۇ يازغۇچى جىددى ئېقىنغا ئۆزىنى تاشلىدى دېگەنلىك بولىدۇ ۋە بۇ جىددى ئېقىن يازغۇچىنى ئۆزۈ ئويلاپمۇ باقمىغان ئاجايىپ تەسەۋۋۇر قايناپلىرىغا سۆرەپ ئەكىرىپ، ئاجايىپ ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. ھەقىقىي ئەدەبىي رومان ھەقىقىي رېئاللىق بولمىسىمۇ پەقەت ۋە پەقەتلا ئاشۇ رېئاللىقتىن، ئۇنىڭ مۇھەببەت ۋە گۈزەللىكىدىن، ئېقتىراسىدىن ئىلھام ئېلىپ ۋە شۇنىڭدەك تىراگېدىيەلىرىدىن ئىزدىراپ چېكىپ يېزىلىدۇ. بىراق بۇ رېئاللىق يازغۇچىنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرى ئارقىلىق ئۇيغۇنلىشىدۇ.

مېنىڭچە كۆپلىگەن يازغۇچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بارماقلىرى رومانلىرىنىڭ بەتلىرىنى سېلىغانلىقىنى ۋە تەسىرلىك جۈملىلەر ئۈستىدە بىر لەھزە تۇرۇپ قىلىشلىرىنى ئويلىغىنىدا، يېزىشنى پىلانلىغان رومانلىرىغا ئۆمرۈم يېتەمدىغاندۇ دەپ تەشۋىش ئىچىدە قىلىپ، ئىزتىراپ چېكىدۇ، ۋاقىتنىڭ قىسلىقىدىن جىددىلىشىدۇ. بولۇپمۇ مەن يېزىقچىلىقنى ئۆز خىزمىتىمنىڭ سىرتىدىكى بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ قىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن، ھاياتىم شۇنچىلىك جىددىچىلىك ئىچىدە ئۆتىۋاتىدۇ. بەجايىكى تۇخۇمدىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان چۈجىدەك مېڭەمنىڭ ئىچىنى چوقۇلاۋاتقان ئوي-پىكىرلىرىم بىلەن نازۇك ھېس-تۇيغۇلىرىمنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىدىن ھاسىل بولغان تەسەۋۋۇر دۇنيارىمدا رومانغا غۇرۇچ بولغۇدەك ۋەقەلىكلەر بەكمۇ كۆپ، ئەمما يېزىشقا ۋاقىت زىق.

تولستوي مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ئىنسانلارغا ئەڭ ئادىل شەكىلدە تەڭسىم قىلىنغان نېمەت ئەقىلدۇر. چۈنكى ھېچكىم ئۆزىنىڭ ئەقلىدىن نارازى ئەمەس» مەن بۇ سۆزگە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دەيمەن – ئىنسانلارغان ئەقىلدىن باشقا ئەڭ ئادىل تەقسەم قىلىنغان يەنە بىر نېمەت بار، ئۇ بولسىمۇ ۋاقىت. چۈنكى بىر كۈن پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن 24 سائەت، – ئەنە شۇ ھەممىمىزگە ئوخشاش تەقسىم قىلىنغان بىر كۈنلۈك ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىش ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. يېزىقچىلىق ئەڭ كۆپ ۋاقىت كېتىدىغان ئەقلىي ئەمگەك. ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت مەن ئۈچۈن كۆكتىكى قۇياشتەك بىباھا ۋە يازماقچى بولغان رومانلىرىم كۆزۈمگە يېراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئالتۇن قىرغاق. ئانا تىلىنىڭ شەربەتلىرىدىن تامچە-تامچە تىمىشىدىن تۇزۇلگەن لەززەتلىك جۈملىلەر ئارقىلىق يېزىلغان «مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق بۇ تارىخىي رومان ئوقۇرمەنلەرگە تارىخىي بىلىم، سىياسى بىلىم ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە ئېستېتىك جەھەتتىن بۆشۇك بىلەن ھەپىلەشكەن ئانىنىڭ ئېيتقان ئەللەي ناخشىسىدەك ھۇزۇر ئاتا قىلغۇسى.

26.06.2022
گېرمانىيە-ميۇنخېن

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top