You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (1)

مەسئۇت ئەپەندى (1)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

تەپەككۇر مەنبەسى كىتابتا ئەمەس،

بېسىلماس تەشنالىق قەغەز توپىدىن.

ھاياتتا ئىنتىلگەن، ئىزدەنگەن كىشى،

تاپار سىر بولىقىنى ئۆز دىل-قەلبىدىن.

«فائۇست» دىن ئېلىندى. [1]

ئانا قاتتىق تولغاق ئازابى ئىچىدە ئىڭراۋاتقاندا ئالەم تېخى قاراڭغۇ ئىدى. تۈڭلۈكتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان قاراڭغۇ ئاسماننىڭ بىر پارچىسىدىكى بىر تال يۇلتۇز، گوياكى ئانا قارنىدىكى بوۋاقنىڭ بۇ ئالەمگە چاققانراق قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن  كۈتۈپ تۇرغاندەك، دەھشەت سانجىق ئازابىدىن نەپەس ئېلىشى قىينىلىۋاتقان، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى سوغۇق تەر باسقان ئانىغا مەدەت، چىداپ ۋە غەيرەت ئاتا قىلىپ چاراقلاپ يېنىپ تۇراتتى.ئۆزىنىڭ جىنىنىڭ، تېنىنىڭ ۋە روھىنىڭ بىر پارچىسى بولغان بوۋاقنى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بۇ ئالەمگە ساق-سالامەت ئاپىرىدە قىلىشقا ئىرادە باغلىغان ئانا، تەۋەللۇت ئالدىدىكى ئازابلىق دەقىقىلەردە، ئۈستىدە ماراپ تۇرغان يۇلتۇزغا بىر لەھزە كۆز ئاتتى ۋە قانداقتۇ ئۇنىڭدىن بىر مەنىۋى قۇۋۋەت ئالغاندەك، بارلىق كۈچىنى يىغىپ قاتتىق كۈچەپ تۇرۇپ ئىنجىقلىدى. ئانىنىڭ ئاغرىق ئازابىدىن ۋاقىرىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ، «ئېڭڭە!..ئېڭڭە!..» دېگەن بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى پۈتۈن ئارۇز يېزىسىدىكى دېھقانلارنى تاڭ سەھەردىكى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن بىراقلا ئويغىتىۋەتتى. تۈڭلۈكتىكى يۇلتۇزمۇ «ئۇھ!» دەپ، پۈتۈن ھاردۇقى چىقىپ خاتىرجەم بولغاندەك، يالتىراپ تۇرغان كۆزىنى ئاستا يۇمدى. بوۋاقنىڭ ياڭراق يىغىسىنى ئۆتمۈشتە بۇ يېزىدا تۇغۇلغان ھەرقانداق بوۋاقنىڭ يىغىسىغا تەڭلەشتۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

بۇ يىغا يېزىدىكى پۈتۈن ئۆيلۈكنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن تەبىئەتنى، پۈتۈن ئانا يۇرتنى ئويغىتىۋەتكەندەك قىلاتتى. ئېغىللاردىكى ئاتلارنىڭ كىشنىشى، تۆگىلەرنىڭ بوزلىشى، سېغىن كالىلارنىڭ مۆرىشى، قويلارنىڭ مەرىشى، ئېشەكلەرنىڭ  ھاڭرىشى، پاكار سوقما تاملار ئۈستىگە چىقىۋالغان خورازلارنىڭ بار كۈچى بىلەن چىللاشلىرى، قورۇدىكى ئىتلارنىڭ كوچىلارغا يۈگۈرۈپ چىقىپ قاۋاشلىرى پۈتۈن ئارۇز يېزىسىنى ئاجايىپ جانلاندۇرۇۋېتىپ باراتتى. پېشايۋاننىڭ لىمىغا ئاقۇش چاڭگا تىزغان قارلىغاچلارنىڭ بالىلىرى چاڭگىسىدا توختىماي ۋىچىرلايتتى، ئانىلىرى بولسا، ھاۋا بوشلۇقىدا يادىن چىققان ئوقتەك ۋىڭىلداپ ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچۇۋاتاتتى، ئۇلاردىن چۈشكەن بىر تال پارقىراق، مايلىق پەي ھاۋادا لەرزان لەيلەپ يۈرەتتى. ئىلى دەريا لېۋىدىكى چىمەنلەردە بۇلبۇللار مەسئۇت ئىلكىدە مەستخۇش بولۇپ توختىماي مەرسىيە ئوقۇۋاتاتتى، باغنىڭ ئارقىسىدىكى بولۇق ئۆسكەن بېدىلىك ئىچىدىن بۆدۈنىلەرنىڭ بەس-بەستە «ۋىتىۋالداق، ۋىتىۋالداق» دەپ سايرىغان ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىۋاتاتتى.

ئاق ئالما، ئاق ئۆرۈك چېچەكلىرى توزۇپ، يەرگە تاۋاردەك يېيىلىپ كېتىۋاتاتتى. ئەنە ئارۇز يېزىسىنىڭ گۈزەل باغلىرى، بىپايان ئېتىزلىرى تاڭ بەزمىسىدە ئۆز باغرىدا گۈل دەستە تىزىپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقنى تەبرىكلىمەكتە، ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىش ئۈچۈن تاڭ شەپىقىدەك چوغدەك قىزارغان گۈل جامالىنى كۆرسەتمەكتە، ئابرال ۋە تەڭرى تاغلىرىنىڭ يۈرەك قىنىدىن ھاسىل بولغان ئىلى دەرياسى بولسا، بۇژغۇنلىرىدىن يۈزىگە تارتىلغان چۈمپەردىلىرىنى قايرىۋېتىپ، تاڭ شەپىقىدە لالىدەك قىزارغان لېۋى بىلەن ئارۇزنىڭ ۋەزمىن قىيالىرىنى دەممۇ دەم سۆيۈپ، ئۆز خۇشاللىقىنى ئىزھار قىلماقتا. مۇشۇ دەمدە پۈتۈن يېزا بەئەينى گۇناھسىز بەندىلەر ئۈچۈن ئاللاھ لايىق كۆرگەن جەننەتتىكى باغى ئېرەمدەك شۇنچىلىك كۆركەم، مەسەللەردە تەسۋىرلەنگەن خىيالىي دۇنيادەك شۇنچىلىك چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئانىنىڭ ھارغىن كۆزلىرى دېرىزە سىرتىدىكى يامغۇردەك يېغىۋاتقان رەڭگارەڭ ئۆرۈك چېچەكلىرىگە تىكىلگەن بولۇپ، ئىچىدە بىردىنلا پۈتۈن ئاغرىقلىرىنى، قاتتىق ھارغىنلىقلىرىنى بىراقلا يوق قىلىۋېتىدىغان ئىسسىق بىر ئېقىم پەيدا بولغان ئىدى. دەل مۇشۇ چاغدا تۇغۇت ئانىسى ئاپاق يۆگەككە ئورالغان يۈزلىرى قىزىل تاش ئالمىدەك قىپقىزىل قىزىرىپ كەتكەن، كۆزلىرىنى يۇمۇلغان، يەڭگىل تىنىقىدىن جەننەتنىڭ مەززىلىك ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان، بوۋاقنى ئانىنىڭ باغرىغا ئاۋايلاپ قويۇپ: – قۇتلۇق بولسۇن ئايسىخان!، قۇتلۇق بولسۇن! جۈملىدىن پۈتۈن يېزىمىزغا قۇتلۇق بولسۇن! ھەممە ئەزايى ساق-سالامەت نۇر توپىدەك بىر ئوغۇل تۇغدىلا، بۇ بالا يېزىمىزغا بەخت ۋە شان- شەرەپ كەلتۈرگەي.

چىرايىدىن باشقا بالىلاردا تا بۈگۈنگىچە كۆرۈپ باقمىغان بىر مەسئۇتلۇقنىڭ ئالامىتىنى روشەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن، – دېدى. ئايسىخان ئۆز باغرىنى يېرىپ چىققان ئوغلىغا نۇرسىز، ھارغىن كۆزلىرى ۋە تاتارغان لېۋىدە جۇلالانغان تەبەسسۇم بىلەن سىنچىلاپ قارىدى. بوۋاقنىڭ يۈزىدىن كېچىچە تۈڭلۈكتە جىمىرلاپ كۆرۈنۈپ تۇرغان يۇلتۇزدەك نۇر تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئايسىخان ئوغلىنىڭ گۈل يۈزىگە ئىسسىق لېۋىنى تەگكۈزگىنىدە، كېچىچە تارتقان بارلىق ئازابلار ئۇنتۇلۇپ، ئورنىنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئانىلىق تۇيغۇ ئىگىلەپ، تۇغۇت ئازابىدىن ھالسىرىغان ۋۇجۇدىدا ئانىلىق مېھرىنىڭ ئوتقىشى جۇلالانغان ئىدى. ئانا – بالا يۈزىدىكى نۇر بىلەن قۇياشنىڭ تۈڭلۈكتىن چۈشكەن نۇر سىزىقچىلىرى كېسىشىپ، بىر نۇر كوردىناتىنى ھاسىل بولۇپ، ئەتراپنى نۇر سىزىقچىلىرى چۇلغىغان چاغدا،  كېچىچە ئۇخلىماي قورۇدا ئۇياقتىن بۇياققا تىنماي مېڭىپ يۈرگەن سابىرنىڭ ئاتىلىق دىلى يورۇپ كېتىۋاتقان ئىدى. بوۋاق ئانىنىڭ ئىللىق قوينىدا، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر، ئەڭ يۇمشاق ئورۇننى تاپقانلىقىدىن مەمنۇن بولغاندەك يەڭگىل نەپەس ئېلىپ، بۇ ھاياتنىڭ بەخت ۋە تىراگېدىيەلىرى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن مۈشكۈل يولىغا قەدەم باسقان ئىدى. بۇ بوۋاق بولسا سابىر بايقوزى ئائىلىسىنىڭ يەتتىنچى پەرزەنتى ئىدى. سابىر ۋە ئۇنىڭ ئەجدادلىرى يەر شارىنىڭ زەررىچىلىك بىر پارچىسى بولغان ئارۇز يېزىسىنىڭ مۇشۇ دۇنيادا ئىنشا بولۇشىغا كۈچ چىقارغان ئائىلىلەرنىڭ بىرسى ئىدى. تېكەس، كۈنەس، قاش دەريالىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئىلى دەرياسىنىڭ چەكسىز كەتكەن مۇنبەت بوز ۋادىلىرىغا نۇرغۇن تارماق ئېقىنلارنى باشلايدىغان ئۆستەڭلەرنى چېپىپ، ئالتۇن بۇغداي باشاقلىرىنى ئۆستۈرىدىغان ئېكىنزارلىقلارنى، خىلمۇخىل مېۋە كۆچەتلىرى بىلەن تولغان باغۇ-بوستانلارنى بەرپا قىلغان ئىدى.

مانا بۈگۈن ھەش – پەش دېگۈچە بوۋاقنىڭ تۇغۇلغىنىغا يەتتە كۈن بولغان بولۇپ، باغدىكى شېرىنگۈللەرنىڭ ئۆتكۈر پۇرىقى ئادەمنىڭ دىمىقىغا ئۇرۇپ تۇرىدىغان، قېنىق يېشىل ياپراقلار ئادەملەرنىڭ باشلىرىنىڭ ئۈستىدە ساڭگىلاپ تۇرىدىغان ئۈزۈم باراڭلىق قورۇدا، سابىر قوي سويۇپ، يۇرت ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى «مەسئۇت» دەپ قويدى. سابىرنىڭ چىرايلىق ئارامگاھ ھويلىسىدىكى شادلىققا تولغان گۈزەل بۇ مەنزىرە شائىرلارنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىغا تەققاس ئىدى:

ۋادەرىخا، نە ئاجايىپ مەنزىرە بۇ خۇش زامان،

قايسى ھويلا دىل ئازارسىز شادلىنىپ توي ئوينىغاي؟

سابىر بۈگۈن بەكمۇ بەختىيار ئىدى، ئۇنىڭ ئاپتاپقا قارىدىغان ئاۋاق يۈزىدە كۈلكىنىڭ جۇلاسى بالقىپ تۇراتتى. ئۆزىمۇ بۈگۈن ساقال – بۇرۇتلىرىنى چىرايلىق ياسىتىپ، پاكىز، رەتلىك ياسىنىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئېگىز ئورۇق كەلگەن بويىغا قاراكۆك خادانىدىن تىكىلگەن كەمزۇلى خۇيمۇ چىرايلىق ياراشقان ئىدى، بېشىغا كىيىۋالغان قۇياش، يول ۋە بۇغداي باشقىدىن تەشكىل قىلغان ئالما چېچىكىدەك كۆرۈنىدىغان سۈرەت كەشتىلەنگەن بېغىررەڭ دۇخاۋىدىن تىكىلگەن مانچاستىر يىپيېڭى دوپپىسى ئۇنى باشقىچە روھلۇق قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ بىر قەرنەدىن ئوشۇقراق ھايات مۇساپىسىدا زامان تاسقاقلىرىدا چېنىققان، ھەممە ئىشتا سالماقلىق بىلەن ئويلىشىپ، دۇرۇس قارار چىقىرىدىغان، يېزا تۇرمۇشىنىڭ ئاتەشلىرىدە پىشقان ئادەم ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپ ئىشلارنى يېزىدىكى دېھقانلار ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ پىكرىنى ئالاتتى. ئۆزى خۇش چىراي، كىچىك پېئىل، مەرد، تېرەن پىكىرلىك  كىشى بولغاچقا مۇشۇ يېزىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلىرىدىن ھېسابلىناتتى.

سابىر ھەرۋاقىت مەسئۇتنىڭ ئاق ئالمىدەك ئاپئاق سۈزۈك يۈزىگە، چاقناپ تۇرغان كۆكۈش ياقۇتتەك كۆزلىرىگە تويماي قارايتتى، سۈتتەك ئاق ۋە يۇمران قوللىرىغا ئاتىلىق مېھرى بىلەن سۆيۈپ ئەركىلىتەتتى. مەسئۇتنىڭ كۈلۈشلىرى خۇددى چېچەك گۈلزارىدا ئېچىلغان خۇشپۇراق گۈلدەك شۇنچىلىك شېرىن ئىدى، ئۇنىڭ ئۆمچەرەپ يىغلاشلىرىدىن قوۋزىقىغا ساقىغان ياشلىرى بولسا، ئارۇز بوستانلىقىغا چېچىلغان يامغۇر ئۈنچىسىدەك ئىدى. سابىر ئۆز ئوغلىنىڭ ئەنە شۇ ساغلام ھاللىرىدىن مىسلىسىز زوق ئېلىپ، خۇشاللىق ئىلكىدە ئۆزىنى يەڭگىل ھېس قىلىپ، غەم-قايغۇدىن خالاس بولاتتى. بىغۇبار كۆڭلىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، 40 ياشقا تولغان چاغدىكى يېتۈك ئەقىل-ئىدراكى بىلەن، ئويلىرىدىكى نىجادىيەتكە يېتىش يولىدىكى ئۈمىدلىرىنى كۈلۈپ تۇرغان مەسئۇتقا قاراپ سۆزلەپ ھارمايتتى. مەسئۇتمۇ خۇددى چوڭ ئادەملەردەك دادىسىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ، مانا ئەمدى مەكتەپ يېشىغا يېتىپ قالغان ئىدى.

مەسئۇتقا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىزچىل قېتىرقىنىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەجىر -مېھنىتى سىڭگەن بولغاچقا، مىجەز-خۇلقى ناھايىتى نادىر بالا بولۇپ يېتىشىپ چىقىۋاتاتتى.

پەيلاسوپ نىتچې بالىلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن:«بالىلار بولسا، سەبىي ۋە ئۇنتۇغاق بولۇپ، ئۇلار يېڭى بىر باشلىنىش، بىر ئويۇن، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان چاق، ئىپتىدائىي ھەرىكەت ۋە مۇقەددەس بايلىقتۇر». ئەنە شۇ مۇقەددەس بايلىقلاردىن بىرى بولغان مەسئۇت بولسا، ناھايىتى زېرەك بالا بولغاچقا چوڭلارنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇشقا ئاجايىپ ماھىر ئىدى. نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى، ئۆزىنىڭ ئەقىل-ئىدراكى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ پەرق ئېتىش ئارقىلىق تەبىئىي ھالدا يېتىشىۋاتاتتى.

ئورما ۋاقتى يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغان بىر سەھەردە، مەسئۇت، دەرۋازىنىڭ ئالدىدىكى تىنىپ-سۈزۈلۈپ ئاقىدىغان ئېرىقنىڭ گىرۋەكلىرىدىكى ئاق تېرەك كۆچەتلەرنىڭ ئارىلىقىدا نۇرتاي بىلەن قانداقتۇ بىر نەرسىلەر ئۈستىدە مەسلىھەت قىلىپ ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ تۇرغان تىك، ئېگىز ئۆسكەن كۆچەتلەرنىڭ قوشۇقتەك چوڭلۇقتىكى سىلىق ياپيېشىل يوپۇرماقلىرىدىن يەڭگىل كۈلكىنىڭ ئاۋازى كېلىۋاتاتتى. توختىماي شىرىلداپ تېز ئېقىۋاتقان ئېرىق سۈيىنىڭ سالقىن ھىدى بۇ ئىككى بالا بىلەن ئوينىشىۋاتقان ئىدى. ئېرىق بويىدا قىزىل ئېچىلغان قوناق گۈللەر، سېرىق سەبدە بىلەن چۇغلۇقلارنىڭ خۇشپۇراق ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېزا كوچىلىرىنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسىنى يېيىلىپ ياتاتتى.

مەسئۇت بىلەن نۇرتاي  تەڭ دېمەتلىك بولۇپ، مۇشۇ يېزىدىكى ئەڭ يېقىن ئاغىنىلەردىن ئىدى. ئۇلار دائىم بىرلىكتە دەريا بويىدىكى يارنىڭ ئۈستىدىكى بولۇق چۆپلەر ئۆسكەن دالىدا قويلىرىنى باقاتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىككىسى، ھەيۋەتلىك ئىلى دەرياسىنىڭ لېۋىدىكى يارنىڭ ئۈستىدىن يەر شارىدىكى بىر تال ياقۇتتەك تاۋلىنىپ كۆرۈنۈپ تۇرغان يىراقتىكى ئارۇز يېزىسىغا قاراپ تۇرۇپ، مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان »ئاداش» بولۇش ئۈچۈن ئانت ئىچكەن ئىدى. ئەنە شۇ چاغدا نۇرتاي – مەسئۇت ئاداش، بىز دائىم بىرگە ئويناپ، بىرگە قوي باقىمىز. كۈندە بىرگە يۈرىمىز. شۇڭا بىز مەڭگۈ ئايرىلماس «ئاداش» بولايلى، بولامدۇ؟،- دېگەن ئىدى. نۇرتاينىڭ پاك، سەبى كۆڭلىدىن چىققان بۇ «ئاداش» دېگەن سۆزى، مەسئۇتقا شۇنچىلىك يېقىملىق ئاڭلىنىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا مەسئۇتمۇ كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا – بولىدۇ، ئاداش!، بىز دائىم بىللە ئوينايلى، كىم بىزنى بوزەك قىلسا، ئىككىمىز بىرگە بولۇپ، ئۇنىڭ تازا ئەدىپىنى بېرەيلى،- دەپ نۇرتاينىڭ تەكلىپىنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلغان ئىدى. ئاندىن ئۇلار پال تېشىدەك پارقىراپ تۇرغان كۆزلىرىنى بىر-بىرىگە تىكىشىپ، جەننەتنىڭ كۈلكىسىدەك كۈلۈشۈپ تۇرۇپ، چىمەلتەك قوللىرىنى بىر – بىرسىنىڭكىگە گىرەلەشتۈرۈپ مۇنۇ قوشاقنى ئېيتىشقان ئىدى:

ئاداش، ئاداش بولايلى،

نېمە تاپساق تەڭ يەيلى.

بىزنى كىم بوزەك قىلسا،

جاجىسىنى بىرلىشىپ بېرەيلى.

ئاندىن، چىمەلتەكلىرى گىرەلىشىپ تۇرغان قوللىرىنىڭ باشمالتىقىنى ئېغىزلىرىغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ،«قىققىقىق…!» دەپ، سوزۇپ توۋلاپ، ئۆز ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، قاق ئېيتىپ تاتلىق كۈلۈشۈپ، يار ئۈستىدىكى بولۇق ئۆسكەن چۆپلەرنىڭ ئۈستىدە تايچاقلاردەك سەكرىشىپ ئوينىغان ئىدى. مانا شۇندىن مۇقەددەم بۇ ئىككىسىنىڭ دوستلۇقى ھېچ بۇزۇلماي، بىر-بىرىدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلماي، بىللە ئويناپ كېلىۋاتاتتى. ئۆيىدىن نېمە كۆتۈرۈپ چىقسا بۆلۈشۈپ تەڭ يېيىشەتتى. مانا بۈگۈنمۇ مەسئۇت ئۆيىدىن ئېلىپ چىققان كىچىك توقاچنى ئوتتۇرىسىدىن تەڭمۇتەڭ بۆلۈپ، سۈپ-سۈزۈك ئېرىقنىڭ سۈيىگە چىلاپ تۇرۇپ، مەزە قىلىپ يېگەندىن كېيىن، نۇرتاي بېغىدىن ئېلىپ چىققان قىپقىزىل قىزىرىپ پىشقان ئىككى تال ئىستوۋۇلى ئالمىنى يەپ ئولتۇرۇپ، بىر كۈنلۈك پىلان ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتاتتى. مەسلىھەتى تېخى پىشماي تۇرۇپلا، دەرۋازا تەرەپتىن ئايسىخاننىڭ – مەسئۇت، مەسئۇت، – دەپ چاقىرغان ئاۋازى كەلدى. ئاپىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان  مەسئۇت دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى قولى بىلەن كاسىسىغا شاپىلاقلاپ ئۇرۇپ، ئالدىراش-تېنەش ئىشتىنىدىكى توپىلارنى قېقىۋەتكەندىن كېيىن، ئوڭ قولى بىلەن بېشىدىكى شاپاق دوپپىسىنى ئېلىپ سىقىمداپ تۇتقان پېتى، دەرۋازا تەرەپكە قاراپ چاپتى. دەرۋازا ئالدىدا قاراپ تۇرغان ئايسىخان، ئالدىغا تايچاقلاردەك يۈگۈرۈپ كەلگەن ئوغلىنىڭ، قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇرغان قۇندۇزدەك قارا چاچلىرىنى قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ –  جۈرە بالام! داداڭنىڭ ساڭا دەيدىغان مۇھىم گەپلىرى بار ئىكەن،- دەپ  مەسئۇتنىڭ ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن گىدىككىنا قولىنى قارىغۇجىنىڭ بالىسىنى تۇتقاندەكلا ئاۋايلاپ تۇتقان پېتى ھويلىغا كىردى.

ئۈزۈم باراڭنىڭ ئاستىدىكى ياغاچ كارىۋاتنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان غۇلجا تېكىمىتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان سابىر ئوغلىنىڭ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئورۇق گەۋدىسىنى ئىككى ياققا ئازراق مىدىرلىتىپ، ئۆزىنى رۇسلىۋالغاندىن كېيىن – كەل بالام، كەل، بۇياققا ئۆت، – دەپ ئۆز يېنىدىن ئورۇن كۆرسەتتى. مەسئۇت ئىچىدە «بۇنداق ئەتىگەندىلا ماڭا دەيدىغان قانداق مۇھىم گەپتۇ ئەمدى» دەپ ئويلاپ، كارىۋاتنىڭ يۇقىرىسىغا چىقمايلا، لېۋىدە يانداپ پۇتىنى تۆۋەنگە ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ، دادىسىغا يۈزىنى توغرىلىدى. شۇ چاغدا ئايسىخان دەرھال بىر نەرسىنى ئەسكە ئېلىپ، ئۆيگە قاراپ كىرىپ كەتتى. سابىر بولسا ئازراق ئوغلىنىڭ يېنىغىراق سۈرۈلۈپ كېلىپ – ئوغلۇم بۇ يىل سەنمۇ يەتتە ياشقا كېرىپ، ئوقۇش يېشىغا يېتىپ قالدىڭ. مەن تۈنۈگۈن يېزىمىزدىكى ئەڭ ئىلىملىك كىشى ھەم مەسچىتىمىزنىڭ ئىمامى ئابدۇراخمان موللام بىلەن كۆرۈشۈپ، سېنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىڭ توغرىسىدا پاراڭلىشىپ كەلدىم ۋە مەكتەپكە كىرىشىڭنىڭ يارىشىقىنى قىلىپ، ئابدۇراخمان موللامغا لايىقىدا ئادىمەتچىلىكمۇ قىلىپ قويدۇم. بۈگۈندىن باشلاپ ئابدۇراخمان موللام ئاچقان مەكتەپكە بېرىپ، ئوقۇيسەن. سۈننەت تويۇڭدىن كېيىن سەن يىگىتلىككە قاراپ ماڭغان بولساڭ، بۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي ئادەم بولۇش يولىغا قاراپ ماڭىسەن. ئەمدى بۇرۇنقىدەك يايلاقتا ئۇياقتىن-بۇياققا چېپىپ، ئويناپ يۇرۇيدىغان تايچاقلاردەك قىلىقلىرىڭنى ئازايتىپ، كۆپ ۋاقىتلىرىڭنى ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزىسەن. ھەممىگە قادىر بولغان ئۇلۇغ ئاللاھ ئاپاڭ بىلەن ماڭا ھەممە ئەزايى ساق، ئەقىل-ھوشى جايىدا بەش ئوغۇل، ئىككى قىز بولۇپ يەتتە پەرزەنت ئاتا قىلىپ، بىزنى بۇ ئالەمدىكى ئەڭ بەختىيار ئىنسانلاردىن قىلدى. بۇنىڭغا يۈز قەترە شۈكرىلەر بولسۇن! بالىلارنىڭ كەنجىسى سەن، ھەم ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىقىمۇ سەن. ئاپاڭ بىلەن مېنىڭ سېنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىمىز بەكمۇ زور. مېنىڭ كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۇپتىكى، سەن ئاللاھ خالىسا چوقۇم ئالىم بولىسەن. شۇڭا بۈگۈندىن باشلاپ، ئۇستازىڭنىڭ دەرسلىرىگە، ۋەز-نەسىھەتلىرىگە ئوبدان قۇلاق سال، پۈتۈن زېھنىڭ ئىلىم ئېلىشتا بولسۇن، ئەمدى بېرىپ باش كۆزلىرىنىڭ پاكىز يۇيۇپ، ئاپاڭ تەييارلىغان كىيىملىرىڭنى كىيىپ جابدۇنۇپ چىق، مەن سېنى ئۆز قولۇم بىلەن مەكتىپىڭگە ئاپىرىپ قويىمەن،- دېدى.

دادىسىنىڭ گەپلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان مەسئۇت، ئۆز ئىچىدە مەكتەپكە بارىدىغانلىقىدىن خۇشال بولغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرى يېرىم ئىدى. ئۇ كالپۇكى بىلەن ئۆمەللەپ، دىلىغول بولۇپ بىر پەس جىم تۇرغاندىن كېيىن، بىردىنلا جاسارەتكە كېلىپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمايلا، دادىسىغا ئۇدۇل ئېيتتى – دادا، مەن مەكتەپكە بارىدىغانلىقىمدىن بەك خوش بولدۇم، سىز خاتىرجەم بولۇڭ، مەن سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز بويىچە قىلىمەن. ئەمما نۇرتايمۇ مەن بىلەن بىرگە مەكتەپكە بارغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى. ئىككىمىز «نېمە قىلساق، تەڭ قىلىمىز» دەپ بىر-بىرىمىزگە ۋەدە قىلىشقان ئىدۇق، – دەپ، ئوڭ قولى بىلەن بېشىنى تاتىلاپ تۇرۇپ، دادام نېمە دەيدىكىنتاڭ دېگەندەك قىلىپ، دادىسىغا تەلمۈرۈپ قارىدى. سابىر ئوغلىنىڭ ئۆز ئەھدىگە شۇنچىلىك سادىق، دوستىغا شۇنچىلىك ۋاپادار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىچ – ئىچىدىن  بەختىيار بولغانلىقىنى يوشۇرالمىغاچقا، كۆزلىرىنىڭ ئىچىدە ئاجايىپ بىر تەبەسسۇمنىڭ ئۇچقۇنلىرى بالقىشقا باشلىدى ۋە ئۆزىنى تۇتالماي –  كەل ئوغلۇم، كەل بۇياققا، – دەپ ئوغلىنى ئۆزى تەرەپكە تارتىپ، چىڭ قۇچاقلاپ قويغاندىن كېيىن، پېشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ –  مەن سېنىڭ مۇشۇنداق ۋاپادار، كۆيۈمچان، ئەقىللىكلىقىڭنى بىلگەچكە، ئابدۇراخمان موللام بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، تۇرغانتاي ئاكاڭ بىلەن نۇرتاينىڭ ئوقۇشى توغرىسىدا پاراڭلاشتىم. مەن ئۇنىڭغا «تۇرغانتاي ئۇكا، ئوغلۇڭ نۇرتاي بىلەن بىزنىڭ ئوغۇل مەسئۇتمۇ مانا بىر ئوبدان چوڭ بولۇپ، مەكتەپ يېشىغا تولۇپ قالدى.

ئەگەر ماقۇل كۆرسەڭ، مەسئۇت بىلەن ئىككىسىنى بىللە مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرەيلى. ئابدۇراخمان موللام بىلەن ئۆزۈم پاراڭلىشىپ، رەسمىيەتلەرنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىۋېتەي. سەن دېھقانچىلىقنىڭ تازا ئالدىراش ۋاقىتلىرىدا  ئىشلىرىڭنى خاتىرجەم قىلىۋەر» دېسەم. ئۇ ماڭا، «سابىر ئاكا، شۇنچە ئىشنىڭ ئارىسىدا بىزگە كۆڭۈل بۆلگىنىڭگە رەھمەت، ئۆزۈڭ بىلىسەن، ئورما ۋاقتى كېلىپ قالدى، بۇنداق چاغدا ھەممىمىز تازا ئالدىراش بولۇپ، ئىككى قولىمىزنى تۆت قىلالماي كېتىمىز. سېنىڭغۇ ئوغۇل-قىزلىرىڭ چوڭ بولۇپ، پۇتۇڭغا پۇت، قولۇڭ قول بولۇۋاتىدۇ، بالىلىرىڭنىڭ چوڭى تېخى شەھەرلەرگە كېرىپ تىجارەت قىلىپ يول تېپىپ كەتتى. بىزدەك ئۇششاق بالىلىق دېھقانلار بولسا، ئامال بار ئاشۇ قارا يەرگە تېرىغان ھوسۇلىمىزنى ساق-سالامەت يىغىلىۋېلىشقا ئالدىرايدىكەنمىز. نۇرتاي بولسا  بالىلارنىڭ چوڭى، شۇڭا ئورما ۋاقتىدا ئاپىسى بىلەن بىرگە باغ ئېشىپ، باغ باغلاشقا، خامان تەپكەندە ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، تۇلۇق تېپىشكە بولسىمۇ يارايدۇ.  مۇشۇنداق قىلماي ئامال قانچە دەيسەن » دەپ، كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىمنى تۆۋەنچىلىك بىلەن رەت قىلدى،- دەپ، يېنىدا مەيۈسلىنىپ ئولتۇرغان ئوغلىنىڭ مۈرىسىنى يەڭگىل سىلاپ قويدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان مەسئۇتنىڭ كۆڭلى بىر ئاز يېرىم بولغان بولسىمۇ، ئەمما دادىسىنىڭ ئادىشىنى ئويلاپ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ يېنىغا ئاتايىتەن بارغانلىقىدىن سۆيۈندى ۋە ئۆزىنىڭ بۈگۈن مەكتەپكە بارىدىغانلىقىنى ئويلاپ دەقىقە ئالدىدىكى كۆڭۈل غەشلىكى بىردەمدىلا كۆڭلىدىن كۆتۈرۈلۈپ، يەتتە قەۋەت ئاسماننىڭ نېرىسىغا ئۇچۇپ يوقىلىپ كەتكەندەك بولۇپ، تۇتۇلغان چىرايلىرىدىن گۈللەر ئېچىلىشقا باشلىدى. سابىر ئوغلىنىڭ كۆڭلىدىن كەچكەنلەرنى بايقاپ – تۇر ئەمدى، مەكتەپكە كەچ قالدىڭ،- دەپ ئوغلىنى جابدۇشقا بۇيرىدى.

[1] »فائۇست» گېرمانىيەنىڭ مەشھۇر شائىرى گيوتې (1749-1832) نىڭ داڭلىق ئەسىرى – ئاپتور.

 

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى. داۋامى بار)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top