مەسئۇت ئەپەندى (2)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
ئالاھەزەل يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن مەسئۇت باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ، دادىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇنىڭ ئۇچىسىدا ئاپىسى ئۆز قولى بىلەن تىكىپ بەرگەن ئاق كۆڭلەك، كۆك شىم، پۇتىدا يۇمشاق شالۋۇردىن تىكىلگەن قارا كەشە، بېشىدا بولسا يىپيېڭى سىدام دوپپا، ھە يەنە شۇنچىلىك چىرايلىق تىكىلگەن ناسۋال رەڭ جىلتىنى بوينىدىن كىرگۈزۈپ مۈرىسىگە ئېسىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ تەققى -تۇرقى خۇددى تازا ۋايىغا يېتىپ ئۆسۈشكە باشلىغان باغدىكى بىر تۈپ قىزىل ئالما كۆچىتىگە ئوخشاپلا قالغان ئىدى. ئەگەر بۇ كۆچەتنى ئوبدان پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرسە، مۇشۇ ئانا تۇپراققا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، مەزمۇت غول چىقىرىپ، ھەرقانداق بوران -چاپقۇنلاردا تىكمۇ- تىك تۇرۇپ، قەھرىتان قىشلاردىن ساق- سالامەت چىقىپ، باھاردا ياپ-يېشىل بىخ چىقىرىپ، ئەتراپقا ئەنبىيادەك ھىدىنى چېچىپ تۇرۇپ چېچەكلەپ، شاھ-شېخىنى كۆتۈرەلمەي قىپقىزىل قىزىرىپ مېۋە بېرىدىغان يەرلىك قىزىل ئالما دەرىخى بولىدىغانلىقىدا نە شۆھبە.
ئوغلىنىڭ سەكسەن ساپاق گۈلدەك ئېچىلىپ كەتكەن تەققى – تۇرقىنى كۆرۈپ، دىلى يورۇپ، كۆڭلى يايراپ كەتكەن سابىر ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئىككى قولىنى كېرىپ تۇرۇپ، مەسئۇتنىڭ ئىككى غولىغا ئۇرۇپ قويدى ۋە جىلتىسىنىڭ ئىزمىسى بىلەن ئاپاق كۆينىكىنىڭ ياقىسىنى تۈزەشتۈرۈپ، قوۋۇزىنى چىمداپ ئەكىتىلىپ تۇرۇپ – پاھ! ئوغلۇم، ئەمدى سەن ھەقىقىي مەسئۇتنىڭ ئۆزى بوپسەن، سېنى تونۇمايلا قاپتىمەن، نېمە دېگەن چىرايلىق يىگىت بولۇپ كەتتىڭھۇي، قارا مۇنۇ جىلتلىرىڭنىڭ يارىشىپ كەتكىنىنى،- دەپ ئۇنى يېتىلەپ، ئۆيدىن چىقتى ۋە مەكتەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. دەل مۇشۇ چاغدا سەل يىراقتىكى بىر قاناتلىق دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان نۇرتاي، مەسئۇتنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇراتتى. مەسئۇت بارغانسېرى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتاتتى، تاكى كوچىنىڭ ئاخىرىدىكى دوقمۇشتىن غەرب تەرەپكە قايرىلغۇچە، نۇرتاي بوينىنى قىسقان ھالدا، مەغرۇر قەدەم ئېلىپ كېتىۋاتقان مەسئۇتنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇردى. ئۇنىڭ سەبى قەلبىدە تىراگېدىيە تۈسىدىكى ئىللىق مۇھەببەتنىڭ مەيىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، بۇ ھال خۇددى يامغۇرنىڭ ئالدىدا دەريا يۈزىدە كۆتۈرۈلىدىغان بېلىق قاسرىقىدەك ئۇششاق دولقۇنلارغا سەل ئوخشاپ قالاتتى.
مەكتەپ مۇشۇ مەھەللىنىڭ غەرب تەرەپتىكى بوشلۇققا سېلىنغان مەسچىتنىڭ بېقىنىدىكى قورۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. سابىر مەسئۇتنى يېتىلىگەن پېتى مەكتەپنىڭ تاختايدىن يېڭى ياسىغان دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. دەرۋازىنىڭ بىر قانىتى سىڭاريان ئېچىقلىق ئىدى، ئۇ ئەتراپقا بىر كۆز ئاتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ۋە مەسئۇتنىڭ ئۈستبېشىنى بىرە قۇر تۈزەشتۈرۈۋېتىپ، بوسۇغىدىن ئوڭ پۇتىنى ئېلىپ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم » دەپ قورۇنىڭ ئىچىگە كىردى. مەسئۇتمۇ دادىسىغا سوڭدىشىپلا كەينىدىن ماڭدى ۋە يېتىرقاپ تۇرۇپ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم » دەپ مەكتەپكە تۇنجى قەدىمىنى ئاتتى. چاققانلا قورۇنىڭ ئىچى پاك – پاكىز سۈپۈرۈلگەن بولۇپ، سەينادا ھېچكىم يوق ئىدى. پەقەت قورۇنىڭ كۈنپېتىش پاسىل تېمى تەرىپىدىكى كىچىككىنە گۈللۈكتىكى قىزىل، سېرىق، ئاق رەڭلەردە ئېچىلىپ كەتكەن ئەتىرگۈللەرنىڭ خۇشبۇي ھىدى قورۇغا كىرگەنلا كىشىنىڭ دىمىقىغا ئۇرۇلۇپ، بوسۇغىدىن ئاتلىغانلا كىشىگە ھۇزۇر بەخش ئېتەتتى ۋە تامغا يامىشىپ كەتكەن ھەشقىپىچەكنىڭ ئېچىلغان گۈللىرى كۈن نۇرىدا جۇلالىنىپ ئادەمنىڭ كۆڭلىگە بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسىنى سالاتتى. سۇۋاق تاملىرى ئاپئاق ئاقارتىلغان، ئاستى بىر پەخشە ئېگىزلىكتە سېنكا بىلەن بويالغان، دېرىزىلىرى كۈنگەيگە قاراپ تۇرىدىغان، ئۈچ ئېغىزلىق پېشايۋانلىق ئۆي ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا كۈننىڭ يورۇقىدا يالتىراپ تۇراتتى. ئۇلار ئون قەدەمچە ئالدىغا ماڭغاندىن كېيىن پېشايۋانغا چىقتى. بۇ ئۆيلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆيدە ئابدۇراخمان موللام ئۆزى ئولتۇراتتى، سول تەرەپتىكى بىر ئېغىزى بولسا مۇشۇ يېزىنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتىدىغان سىنىپ ئىدى. ئوڭ تەرەپتىكى بىر ئېغىز ئۆي بولسا تاۋۇت قويىدىغان ئۆي ئىدى. سابىر سىنىپنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا ئاستا كېلىپ، ئىشىكنىڭ تۇچالقىسىنى يەڭگىل قاقتى. شۇ ئەسنادا ئىشىك ئېچىلىپ، مۇدەررىس سەللىلىك بىر باش كۆرۈندى. بۇ باش دەل مۇشۇ مەكتەپنىڭ مۇدەررىسى ئابدۇراخمان موللامنىڭ مۇبارەك بېشى ئىدى. ئۇ بوي-تۇرقى چاققانغىنا كەلگەن، كەكە ساقىلى غىۋەدەك پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كەتكەن، خۇش چىراي ۋە ناھايىتى مۇلايىم ئادەم ئىدى. مەسئۇتنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئابدۇراخمان موللام ئۇچىسىدىكى پەشلىرى تىزىغا كېلىدىغان ناۋاترەڭ نېپىز تونى بىلەن شۇنچىلىك مويسىپىت كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بېشىغا قاملاشتۇرۇپ ئورۇۋالغان پەتتىسى ئالدىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان سەللىسى ئابدۇراخمان موللامنى تېخىمۇ سالامەتلىك قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ، ئالدىدا تۇرغان ئىككى مېھماننى ناھايىتى ئوچۇق – چىراي بىلەن قارشى ئېلىپ، قىلغان سالىمىنى خوشنۇتۇق بىلەن ئىلىك ئالدى. سابىر سەل تەمتىرەپ قېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. شۇڭا گېپىنى ئۇزاتمايلا -موللام، دېيىشكەن گەپ بويىچە، ئوغلۇمنى سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا ئۆز قولۇم بىلەن ئەكىلىشىم، تۈنۈگۈن گېپىنى قىلىشقان يىگىت مۇشۇ شۇ،- دەپ، مەسئۇتقا ئېگىلىپ قاراپ قويدى ۋە يەنە سۆزىنى ئالدىراپ داۋاملاشتۇرۇپ – ئوغلىمىز مەسئۇت بولسا ھەزرەتلىرىدىن ئىلىم-تەربىيە ئېلىپ، ئادەم بولارمىكىن دېگەن ئارزۇ -ئۈمىدلەرنى دىلىمىزغا پۈكۈپ ئالدىلىرىغا كېلىشىمىز. مۇبارەك بۇ ئىلىم دەرگاھلىرىدا ئوقۇپ، ئوبدان موللا بولۇپ قالسىكەن دېگەن ئوي پۈتۈن ئائىلىمىزنىڭ ئارزۇسى. بۇنىڭدىن كېيىن بالىنىڭ ئۇستىخىنى بىزگە، گۆشى ھەزرەتلىرىگە تەئەللۇقلۇق،- دەپ قول باغلاپ تۇردى. موللام كۈلۈپ تۇرۇپ – يوقسۇ، يوقسۇ. ئۇنداق دېمىسىلە سابىراخۇن، بالا ھەممىمىزنىڭ بالىسى. بىز بالىنىڭ بەدىنى ئەمەس روھىنى تەربىيەلەيمىز. سىلىنىڭ بۇ بالىنى مېنىڭ ئالدىمغا ئەكېلىپ بەرگەنلىرىنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن ئالەمچە بەخت. دۇنيادا سەبى بالىلارنىڭ قەلبىگە ئىلىم سالغاندىنمۇ ئۇلۇغ كەسىپ يوقتۇر. شۇڭا مەن بۇ ئىشىمنى سۆيۈپ تۇرۇپ قىلىمەن. بۇلارنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ ئەلۋەتتە ئۆزلىرى بىلىلا، بولىدۇ ئەمىسە، ۋاقىتنى زايە قىلمايلى، سىلى خاتىرجەم ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىۋەرسىلە، مەسئۇتتاي بۇندىن كېيىن مېنىڭمۇ ئوغلۇم!،- دەپ، سابىر بىلەن قىسقىلا خوشلاشقاندىن كېيىن، مەسئۇتنىڭ قولىنى تۇتقان پېتى سىنىپقا كىرىپ كەتتى. سىنىپنىڭ ئىچى يوپيورۇق ئىدى. تاملىرى ئاپاق ئاقارتىلغان بولۇپ، ھېچقانداق بىر يېرىگە مىخ قېقىلمىغان ياكى بىرە نەرسە ئېسىلمىغان ئىدى. سىنىپتا ئاران ئىككى بالا يەرگە سېلىنغان ئانار گۈللۈك كونا بىر گىلەمنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان راھلەنىڭ ئۈستىدە نېپىز كىتاب ۋە بىر دەپتەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ يېنىدىن سەل ئارىلىق تاشلانغان جايدا يەنە بىر راھلە تۇراتتى. ئالدىدىكى تامنىڭ يېنىغا ئىككى غېرىچ ئېگىزلىكتە قىلىپ كىچىككىنە سۇپا قوپۇرۇلغان ئىدى. مەسئۇت سىنىپقا كىرىپ تېزلىك بىلەن بىر كۆز ئاتقاندىن كېيىن ئوڭ قولىنى سول كۆكسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم » دەپ بالىلارغا چاقماقتەك سالام بەردى، تۇيۇقسىز چىققان بۇ ئاۋازدىن ھودۇقۇپ كەتكەن بالىلارمۇ تېزلا ئۆزلىرىنى ئوڭشىلىۋېلىپ «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام » دەپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. بۇرۇن ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئابدۇراخمان موللام ناھايىتى مەمنۇنلۇق بىلەن – بارىكاللا، بارىكاللا. ئەمدى ھەقىقىي مېنىڭ تالىپلىرىمدەك ئەدەپلىك قىلىقلارنى قىلىۋاتىسىلەر، – دەپ مەسئۇتقا بالىلارنىڭ يېنىدىكى راھلەنىڭ كۆرسىتىپ ئولتۇرۇشنى بۇيرىدى. مەسئۇت ئابدۇراخمان موللام كۆرسەتكەن جايغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، جىلتىسىنى ئېلىپ يېنىغا قويۇپ، ئوبدانلا جايلىشىۋالدى. موللام ئالدىدىكى سۇپىغا قويۇلغان يىپيېڭى تىكىمەتنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان بەقەسەم كۆرپىنىڭ ئۈستىدە چازا قۇرۇپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئالدىدا كىچىك بىر شىرە بار ئىدى، ئۈستىدە بولسا مۇقاۋىلىرى سارغىيىپ، چەت-چۆرىلىرى ئۇپراپ كەتكەن ئۈستى-ئۈستىگە دەستىلەكلىك ئىككى كىتاب ۋە بىر دەستە قەغەز تۇراتتى. شىرەنىڭ يەنە بىر بۇرجىكىدە تېشى پارقىراپ تۇرىدىغان دۈۋەت ۋە ئۇنىڭ يېنىدا چورنىۋاي سامان قەغەزلىرى بار ئىدى. ئابدۇراخمان موللام يۈزىنى بالىلارغا قارىتىپ – مەسئۇت ئارىمىزغا خوش كەلدىڭ. يېنىڭدىكى ساۋاقدىشىڭنىڭ ئىسمى ئەنۋەر، ئەنۋەرنىڭ يېنىدىكى ساۋاقدىشىڭنىڭ ئىسمى بولسا نىغمەت،- دېيىشىگە مەسئۇت بېشىنى سىڭاريان قىلىپ ئۇلارغا قاراپ تاتلىق كۈلۈپ قويدى. موللام توختىماي گەپ قىلىپ – ئەسلىدە بۇ سىنىپتا ئونغا يېقىن بالا بار ئىدى. ھازىر ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرى تازا ئالدىراش ۋاقىت بولغاچقا بالىلار كېلەلمىدى. قىشتا بۇ سىنىپقا بالىلار سىغماي قالىدۇ. سەن دېمەتلىكلەر مانا مۇشۇنداق ئەتىگەندە ئوقۇيسىلەر، چۈشتىن كېيىن ئاكاڭ زەيناۋىددىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يېشى چوڭراق بالىلار ئوقۇيدۇ. شۇڭا ۋاقتىمىز بەك قىس، قىنى ئۇنداق بولسا ئەنۋەر، نىغمەت سىلەر مەن «ئوقۇڭلار» دەپ بۇيرۇغان ھەرپلەرنى ئوقۇپ، مەشىق قىلىۋېرىڭلار، مەسئۇتقا بىرىنچى ھەرپتىن باشلاپ ئۆگىتەي، – دەپ قومۇش قەلىمىنى دۈۋەتكە بىر – ئىككى قېتىم تىقىۋالغاندىن كېيىن ئاستا ئېلىپ، ئالدىدىكى چورنىۋاي قەغەزگە يوغان قىلىپ بىر سىزىقنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ تارتىپ، ئالدىدا دىققەت بىلەن قاراپ ئولتۇرغان مەسئۇتقا كۆرسىتىپ – قارا مەسئۇت، بۇ ھەرپنىڭ ئىسمى «ئەلىف»، «بىسىملاھىر راھمانىر رەھىم» دەپ بۇ ھەرپنى ئوقۇ!،- دەپ «ئەلىف» دېگەن ھەرپ يېزىلغان قەغەزنى، مەسئۇتقا سۇندى. مەسئۇت خۇددى ھاياتىدىكى ئەڭ مۇقەددەس بىر نەرسىگە قول ئۇزىتىۋاتقاندەك، ئەگەر ئۇنى ئاۋايلاپ تۇتمىسا قولىدىن بىردىنلا ئۇچۇپ يوق بولۇپ كېتىدىغاندەك بىر ھېس-تۇيغۇ بىلەن، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇستازىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىككى قولىنى تەڭ سۇنۇپ، ئىچىدە «بىسىملاھىر راھمانىر رەھىم» دەپ، «ئەلىف» دېگەن خەت يېزىلغان ۋاراچىنى ئېلىپ جايىغا كېلىپ ئولتۇردى ۋە قەغەزدىكى چىرايلىق قىلىپ يېزىلغان تۈپتۈز سىزىقچىغا بىر ئاز زەن سېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاستا ئۈنىنى چىقىرىپ ئوقۇشقا باشلىدى. ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئابدۇراخمان موللام:
– بالىلار ماڭا قاراڭلار، مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئاننىڭ ھەرپلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاددىي يېزىلىدىغان ھەرپ «ئەلىف»تۇر. «ئەلىف» دېگەن بۇ ھەرپ پەقەت بىر تۇز سىزىق بىلەنلا يېزىلىدۇ. بۇ ھەرپنى ئوقۇغاندا «جانغا نەپەس، قەلبىمگە شىپا بولسۇن ۋە رەببىمگە قاراپ يول ئالدىم» دەپ ئوقۇيسىلەر. مۇشۇ غەربنى ئوقۇش بىلەن تەڭ بۇ پانى دۇنيادىن باقى دۇنياغا قاراپ تۇتاشقان يولدا، ئىلىمنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسقان بولىسىلەر. «ئەلىف» سىلەرگە بۇ ھاياتتىكى ھەرقانداق قىيىنچىلىقلار، جەبىر-جاپالارنىڭ ئالدىدا تىك تۇرۇشنى، تىك تۇرۇش ئۈچۈن ئىلىم يولىدا يايدەك ئېگىلىشنى ئۆگىتىدۇ. شۇڭا «ئەلىف» دېمەك توغرا – دۇرۇس بول دېمەك، ھەق بىر دېمەك ۋە نۇقسانسىز، چەكسىز دېمەكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز ئىچىگە، كۆڭلى تۇز، ياخشى نىيەتنى بىلدۈرىدىغان مەنادا ئېيتىلىدىغان «كۆڭلى ئېلىپتەك تۇز » دېگەن سۆز بار ۋە يەنە نادانلىقنى، بىلىمسىزلىكنى بىلدۈرىدىغان مەنادا كېلىدىغان «ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان» دېگەن سۆزلەر كەڭ تارقالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئەلىف» بىر جەھەتتىن دۇرۇسلۇقنى، توغرا نىيەتنى، كۆڭۈلنى بىلدۈرسە، يەنە بىر جەھەتتىن بىلىمنى، ئەقىل-پاراسەتنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئەلىف» دېمەك يەنە ئاللاھ ۋىسالىغا يەتكۈزىدىغان يولغا ئاشىق بول دېمەكتۇر. كۆرۈۋاتقىنىڭلاردەك «ئەلىف» ھەرپى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ تارتىلغان ئۇزۇن، ئىنچىكە، تۇز بىر سىزىقتۇر. مانا بۇ بىزنىڭ ئەلەس ئالەمىدىن كەلگەن روھىمىزنىڭ سىمۋولىدۇر. «ئەلەس بەزمىسىدە» ئاللاھنى تونۇپ:«ئەلەستۇ بى رەببىكىم» دېگەن روھىمىزدۇر. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە خىتاب قىلىپ «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەممەسمۇ؟» دېگەندە، بىز قوپۇپ «توغرا، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن…» دەپ قەسەم قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئەلىف» پۈتكۈل ھاياتىمىزنىڭ مەناسىدۇر ۋە بىزگە رەببىمدىن چۈشۈرۈلگەن ھەقىقەتتۇر، ئايەتتۇر. دەرۋەقە، ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمنىڭ يۇنۇس سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە بۇنداق دەيدۇ:«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئەلىف، لام، را بۇ ھېكمەتلىك كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر».
شۇنىڭدەك يەنە ئاللاھ ئىسمىنىڭ باش ھەرپى «ئەلىف» بىلەن باشلىنىدۇ ئەمەسمۇ، – دەپ، ياندىكى دۆۋە قەغەزلەرنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى بىرىنى ئېلىپ ئۇلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ – قاراڭلار مۇنۇ خەت ئاللاھ ئىسمىنىڭ يېزىلىشى، – دېدى. ئابدۇراخمان موللامنىڭ قولىدىكى قەغەزگە يېزىلغان ھۆسنخەت ھەقىقەتەن چىرايلىق يېزىلغان ئىدى. بۇ خەتنى ھەركىم كۆرسە، ئۆز قەلبىدە چوقۇم گۈزەل بىر تۇيغۇ، شېرىن بىر ھۇزۇر پەيدا بولماي قالمايتتى.
مەسئۇت ئۇستازىنىڭ ھەربىر سۆزىنى شۇنچىلىك كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتاتتى. ئۇ ئابدۇراخمان موللامنىڭ ئالدىرىماي، دانە، دانە قىلىپ سۆزلىگەن سۆزلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ سۆزلەرنىڭ ئۆز ھاياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى سۆزنىڭ ۋەزنىدىن ھېس قىلغان ئىدى.
شۇندىن مۇقەددەم مەسئۇت ئوقۇشقا شۇنچىلىك بېرىلىپ كەتتى، ئۇستازىنىڭ بەرگەن تاپشۇرۇقلىرىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلايتتى. ساۋاتى چىقىپ، ھەپتىيەكنى ئوقۇيالايدىغان بولدى، كېيىن پۈتۈنلەي يادلىۋالدى ھەتتا قۇرئاندىكى ئۇزۇن سۈرىلەردىن بىرى بولغان ياسىن سۈرىسىنى يادقا بىلىدىغان سەۋىيەگە يەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇستازنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە غوجا ئەخمەد يەسەۋىنىڭ «دىۋانى ھېكمەت» ناملىق كىتابىدىن نۇرغۇن بېيىتلارنى يادقا ئېلىۋالغان ئىدى. ئۇ بەزىدە ھەييارلىق قىلىپ خۇددى دەرۋىشلەردەك قىياپەتتە كىيىنىپ، قولىغا دەرۋىش تايىقى تۇتۇپ، مۈرىسىگە خۇرجۇننى ئارتىپ، ھويلىنىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ، يەسەۋىنىڭ ھېكمەتكە تولغان ھۆكمەتلىرىنى ئاھاڭغا چۈشۈرۈپ تۇرۇپ ئېيتىپ، ئائىلىسىدىكى ھەممە كىشىنى گاھ كۈلدۈرسە، گاھ چوڭقۇر ئويغا پاتقۇزۇۋېتەتتى.
دۇنيا مېنىڭ دېگەنلەر جاھان مالىنى ئالغانلار،
كەركەس قۇشتەك بولۇپ ئان ئول ھارامغا باتمىشلار.
موللا موفتى بولغانلار يالغان پەتىۋا بەرگەنلەر،
ئاقنى قارا قىلغانلار ئول تامۇغا كىرمىشلەر.
قازى ئىمام بولغانلار ناھەق داۋا قىلغانلار،
ئول ھىماردەك ئولۇب ئان يۈك ئاستىدا قالمىشلار.
ھارام يېگەن ھاكىملەر رۈشۋەت ئالىپ يېگەنلەر،
ئۆز بارماقىنى تىشلەبەن قورقۇپ تۇرۇپ قالمىشلار.
تاتلىق – تاتلىق يېگەنلەر تۈرلۈك تۈرلۈك كىيگەنلەر،
ئالتۇن تاخت ئولتۇرغان توفراق ئاستىدا قالمىشلار.
قۇل ھاجى ئەھمەت بىلمىشسەن ھاققى يولىغا كىرمىشسەن،
ھاققى يولىغا كىرگەنلەر ھاققى دىدارىنى كۆرمىشلەر.
ۋاقىتنىڭ لىرىك ئېقىشىغا ئەگىشىپ، مەسئۇتنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقى كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتاتتى. ھەتتا ئۇنىڭ سورىغان بەزى سوئاللىرى ئابدۇراخمان موللامنىمۇ تەمتىرىتىپ قوياتتى. ھەسەلچى بوۋاي ئۆزى باققان ھەرىلەرنىڭ مېھنەتلىك ئەمگىكى نەتىجىسىدىن كەلگەن شېرىن بالنى توپلىغاندا قانداق بەختىيار بولغان بولسا، ئابدۇراخمان موللاممۇ مەسئۇتنىڭ بال ھەرىلىرىدەك ئىزچىل تىرىشىپ،قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆرگەندە شۇنچىلىك بەختىيار بولۇپ كېتەتتى. ئىشچان بال ھەرىلىرى گۈلدىن گۈلگە قونۇپ شىرنە توپلاۋاتقاندا، قاناتلىرىنى كىرىپ، ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىگە تەمەننا قويۇپ ئۇچۇۋاتقان كېپىنەككە پەرۋا قىلمىغىنىدەك، مەسئۇتمۇ دەرس ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، باغدىن باغقا ئاتلاپ ئويناۋاتقان بەزى كەپسىز بالىلارنىڭ مەسخىرىلىك كۈلۈشلىرىگە پەرۋا قىلماي، كىتاب بەتلىرىدىكى گۈلدەك جۈملىلەرنى، شېئىرلارنى، مۇقەددەس كىتابىمىزدىكى ئايەتلەرنى بىر-بىرلەپ يادقا ئېلىپ، ئىلىمنىڭ شىرنىسىدىن بال يېغىۋاتاتتى. مەسئۇت مەيلى ئۆيدە، مەيلى مەكتەپتە بولسۇن ناھايىتى ئەركىن ئىدى. ساپ يېزا ھاۋاسى، كەڭ كەتكەن ئېتىزلىقلار، بۇك-باراخسان باغلار، دولقۇن ياساپ ئەركىن ئېقىۋاتقان دەريا قاتارلىق ئەتراپتىكى بارلىق تەبىئىي مەنزىرە، ساختىلىقى يوق ئەركىن مۇھىت، ئۇنى خوشامەتكويلۇقتىن يىراق، تاماخورلۇقتىن خالاس، ساختىلىق، يالغانچىلىقلاردىن مۇستەسنا، ئەركىن تەپەككۇر قىلىدىغان، ئۆز پىكىرلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ئۆزىگە خاس تەپەككۇر سىستېمىسىغا ئىگە قىلىپ يېتىلدۈرۈۋاتاتتى.
تەبىئەتتە پەسىللەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالمىشىپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە، مۇشۇ يېزىنىڭ نىسبەتلىك ئۆزگىرىشىنىڭ تەكرارلىنىشىغا نەزەر سېلىپ، مەسئۇتتا تەبىئەتكە بولغان قىزىقىش، تەبىئەت ھادىسىلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشى كۈندىن-كۈنگە چوڭقۇرلىشىپ بېرىۋاتاتتى. ئاشۇ ئانا دەريا بىلەن، سېخى قۇياشنىڭ مۇشۇ يېزىدىكى دەل-دەرەخلەرنى، گۈل-گىياھلارنى، مېۋە ۋە زىرائەتلەرنى قانداق ياشنىتىدىغانلىقىنى، قايسى مېۋىنىڭ قاچان چېچەكلەپ قاچان مېۋە بېرىدىغانلىقىنى، قايسى گۈلنىڭ قاچان ئېچىلىپ قاچان سولىشىدىغانلىقىنى، قايسى زىرائەتنىڭ قاچان مايسا بولۇپ، قاچان باشاقلاپ، قاچان مول-ھوسۇل بېرىدىغانلىقىنى، بارلىق قۇشلارنىڭ ئۆز ھاياتىنى يۈرگۈزۈش، ئۆز نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قانداق چاڭگا سېلىپ، قانداق تۇخۇم باسۇرىدىغانلىقىنى، ئۆز باچكىلىرىغا ئۆز ئاغزى بىلەن قانداق دان ۋە سۇ بېرىدىغانلىقىنى، پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە قاراپ قاياقلارغا قانداق ئۇچۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ئات، كالا، قويلارنىڭ ئىنسانلارغا قانداق مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ھاشاراتلارنىڭ قانداق ئۈچەككە كىرىپ، باھاردا يەنە قانداق نەم تۇپراقلارنى تېشىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىۋالغان ئىدى. ئىش قىلىپ بۇ تەبىئەتنىڭ بارلىق گۈزەللىكلىرىنى ئۆز قەلبىگە چىن پۈكۈپ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى ھەسسىلەپ ئاشقان ئىدى. بىلگەن ۋە چۈشەنگەن نەرسىلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەنسېرى، تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى، بۇ يېزىنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى يەنىمۇ ئوبدان تونۇپ يەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بىلىمى ئاشقانسېرى مۇشۇ گۈزەل ئالەمنى ياراتقان ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى كۈنسېرى ئېشىپ بارماقتا ئىدى. شۇڭا ئۇ تەبىئەتنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا، قىشنىڭ جۇدۇنلىرىغا، دەريانىڭ تاشقىنلىرىغا، تۇرمۇشنىڭ ھەسرەتلىك قايغۇلىرىغا، بۇ ھاياتنىڭ ۋەھىمىلىرىگە قادىلىپ قالماي، ئۆز ئىرادىسىنىڭ كۈچى بىلەن ئىلىم دۇنياسىغا بىر قەدەمدىن – بىر قەدەمدىن يېقىنلىشىپ، بۇ يىل ئون ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى. ئەمدى مەسئۇت ئۆز ئۇستازى ئابدۇراھمان موللام بىلەن ۋىدالاشقان ئىدى. چۈنكى بۇ مەھەللە مەكتىپى بالىلارنى ساۋاتلىق قىلىش ئۈچۈنلا ئېچىلغان بولۇپ، پەقەت ئۈچ يىللىق ئوقۇشتىن كېيىن داۋاملىق ئوقۇتۇشقا ئىمكانىيەت يوق ئىدى. بۇ سەۋەبتىن مەسئۇت بۇ يىل يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەكتەپتىن توختىغان ئىدى.
(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى. داۋامى بار)