مەسئۇت ئەپەندى (15)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
ئوبۇلھەسەن ھاجى مۇساباي بىلەن مەسئۇت سابىرى تەلەت پاشانىڭ ھۇزۇرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تەلەت پاشا، ئەخمەت كامالنى دەللىڭ ئېلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز ئالغان قارارىنى روشەن رەۋىشتە ئىزاھلىدى. شۇنداقتىمۇ ئەخمەت كامال ئۆزى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئولتۇرمايلا بۇنداق بىر قارارنىڭ ئېلىنغانلىقىغا سەل نارازى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چاي ئىچكۈزۈپ، پۈتۈشۈپ قويغان سۆيگۈسى بىلەن يېقىندا توي قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان ئىدى، تېخى بۇ ئىشلارنى بىر نورى دەپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، ئانىسى بىلەن سىڭلىسىنى كۈندىن – كۈنگە قەھەتچىلىك قاپلاپ كېتىۋاتقان ئىستانبۇلدەك بۇنداق چوڭ شەھەرگە يالغۇز تاشلاپ قويۇشقا كۆڭلى قانداقمۇ چىدىسۇن دەيسىز؟ شۇڭا ئۆز قاراشلىرىنى ھېيىقىپ ئولتۇرمايلا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەلەت پاشاغا ئۇدۇللا بۇنداق دېدى:«پاشام! مەن بۇنداق ئۇلۇغ بىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا تېخى ھازىر ئەمەسمەن.
چۈنكى، بىرىنچىدىن مېنىڭ چەت بىر يۇرتقا بېرىپ مۇئەللىملىك قىلغۇدەك تەجرىبەم يوق. ئىككىنچىدىن ئۆزىڭىز بىلىسىز مەن تېخى ئۆي – ئوچاقلىق بولمىدىم. ئۈچىنچىدىن ئىستانبۇلغا ئانام بىلەن سىڭلىمنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشقا كۆزۈم قىيمايدۇ. تۆتىنچىدىن يەنى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى شۇكى مېنىڭ بىلىم قۇرۇلمام ئۇنچىلىك يېتەرلىك ئەمەس. مەن تېخى ئۆگىنىش باسقۇچىدا، مېنىڭ تېخى ئۆگىنىدىغان يەنە نۇرغۇن نەرسىلىرىم بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قارارىڭىزنى قايتا بىر ئويلىشىپ، مەندىن تېخىمۇ مۇۋاپىقراق بىرسىنى ئەۋەتكەن بولسىڭىز، بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى مەندىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئورۇندىغان بولاتتى، دېگەن قاراشتا مەن. ئامال بار بۇ پىكىرلىرىمنى ئويلىشىپ كۆرۈشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن.
تەلەت پاشا ئالدىدىكى بۇ ياشنىڭ شۇنچىلىك دادىللىق بىلەن بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەپ ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بۇنداق ئالدىراش – تېنەش ئىچىدە ئالغان قارارىنىڭ توغرىلىقىغا مۇتلەق ئىشەندى ۋە جىددىي قىلىپ تۇرۇپ بۇ سۆزلەرنى ئېيتتى: «بىزگە ئىلىمگە قەدەر مىللىي تۇيغۇغا ئىگە سىزدەك كىشى كېرەك. يالغۇز بىلىم ۋە تەجرىبىسى مول بولغان كىشىلا بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشى ناتايىن. بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى مىللىي روھقا ئىگە سىزدەك كىشى بولۇشى كېرەك. سىزدە ھەم روھ ھەم جاسارەت ۋە ئىرادە كۈچى بار. تەشكىلاتىمىزنىڭ قارارى ئېنىق. بۇ ۋەزىپىگە سىزدىن باشقا مۇۋاپىق نامزات يوق. شۇڭا سىز تەيىنلەندىڭىز. پازارتەسى (دۈشەنبە) يەنى 16 شۇبات (2- ئاينىڭ 16- كۈنى) كۈنى سەھەردە پاراخوت بىلەن يولغا چىقىسىز. ئوبۇلھەسەن بەگ قاتارلىق تۈركىستانلىق ھاجىلار شۇ كۈنى يولغا چىقىدۇ. بۇلار بىلەن بىرگە ماڭىسىز. سىزدىن ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ. بۇ توغرىسىدا يەنە مەسئۇت سابىرىغا خەۋەر سالىمەن. سىزنى ئۇ يولغا سېلىپ قويىدۇ.
شۇنداق بولغاندا تۈركىستانلىق ھەمراھلىرىڭىز بىلەن بىرگە بارىدىغان نىشانغا ساق – سالامەت يېتىپ بارالايسىز. دەرۋەقە، بۇ ئۇزۇن بىر سەپەر، شۇنىڭ ئۈچۈن يولدا ھوشيار بولۇڭ. ئىدىيەڭىزدىن ئۆتمەيدىغان بەزى ئىشلار بولسا، بۈگۈن ئاخشام زىيا گۆكئالپ بەگنىڭ قېشىغا بېرىپ كەڭ – تاشا پاراڭلىشىڭ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەم خوشلىشىۋالىسىز.يەنە ئەڭ مۇھىمى زىيا گۆكئالپ بەگنىڭ سىزگە قىلىدىغان نەسىھەتلىرى ۋە بېرىدىغان بەزى ۋەزىپىلىرى بار. مەن ھەرزامان سىزنىڭ ئامانلىقىڭىز ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. ئاق يول بولۇڭ! ئۇ يەرلەردە ئۆزىڭىز دەللىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارىسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن قەتئىي پەخەس بولۇڭ، بارلىق ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي. ئۇلۇغ ئىگەم سىزنى دۈشمەننىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىغاي. چىدام – غەيرەت، جاسارەت ۋە كەسكىن ئىرادە دائىم سىزگە ئەسقاتىدىغان مۇھىم قورالدۇر. ھەرقانداق بالا بېشىڭىزغا كەلسىمۇ زىنھار بۇ يولدىن يانماڭ، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ۋاقتى كەلسە جاننى تىكىڭ، بۇ مۇقەددەس يولدا ھېچ ئىككىلەنمەي جاندىن كېچىشكە تەييار تۇرۇڭ. بۇ ئۇلۇغ غايە ۋە ئىدېئال يولىدا مېڭىش بىرىنچى بولۇپ سىزگە نېسىپ بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالغانلىقىڭىزدىن خوش بولۇشىڭىز ۋە پەخىرلىنىشىڭىز كېرەك.
ئۆز ۋاقتىدا ئوغۇزخاندەك، سۇلتان سۇتۇق بۇغرا خاندەك جاھان سورىغان خانلارنىڭ تۇلپارلىرى چاپقان ۋە مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلاردەك مۇتەپەككۇر ئالىملارنىڭ ئانا يۇرتى بولغان، يەنە قاراخانىيلار خاندانلىقىدەك سۇلالىلەر سەلتەنەت سۈرگەن ئاشۇ ئاتا دىيارلار بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چىن تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنىپ، چىن ۋە رۇستىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ زۇلۇمىنى تەڭ تارتىۋاتىدۇ. ئاتا يۇرتلارنى قاپلىغان قارا جاھالەت بۇلۇتلىرى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ، ئەزىز تۈرك مىللىتى نادانلىقتا، ھەقىرلىقتا، تالان – تاراج ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. يېڭى مائارىپ ھەرىكەتلىرىنى ئاشۇ دىيارلاردا قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، جاھىلىيەت بۇلۇتلىرىنى تارقىتىپ، تۈرك مىللىتىنىڭ پات يېقىندا ھۆرلۈككە چىقىشىغا تۈرك بولۇش، بىزدەك تۈرك ئەۋلادلىرىنىڭ بۇرچى ۋە باش تارتىپ بولالمايدىغان مىللىي مەجبۇرىيىتى. بۇ غايە يولىدا يېڭى پىكىر ۋە ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز ۋە ۋاقتى كەلگەندە قوراللىق كۈرەش قىلىشىمىز لازىم. شۇ يەرنىڭ ئەمەلىي شارائىتىنى چىقىش قىلىپ قايسى ۋاسىتە، چارە ۋە يول مۇۋاپىق بولسا، شۇلارنى ئىشقا سېلىپ، قانداق توسقۇنلۇقلار بولۇشتىن قەتئىينەزەر جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەك. بىز پەقەت بىرلىك، ئىتتىپاقلىققا ۋە كۈچلۈك ئىمان ۋە ئىرادىگە ئىگە بولساقلا مۇتلەق كۆڭۈللىرىمىزدىكى ئارزۇلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز ۋە بۇ يولدا قىلچە ئويلىشىپ ئولتۇرماي جان تەسەددۇق قىلالايمىز.
بىزنىڭ بۇ ئۈمىد، ئارزۇلىرىمىزنى ۋە پىلانلىرىمىزنى قاشغەر دىياردىكى قان – قېرىنداشلىرىمىزغا، دىنداشلىرىمىزغا خۇشخەۋەر قىلىپ يەتكۈزۈڭ. سىز ئاتلانغان بۇ يولدا بېشىڭىز كەتسە كەتسۇنكى، زىنھار سىرلىرىڭىزنى، پىلانلىرىڭىزنى دۈشمەنگە ئاشكارىلىماڭ. يولىڭىز مەيلى چۆلدە، مەيلى قارلىق دالا ۋە ياكى تاغ – ئېدىرلاردا بولسۇن ئىزىڭىزنى كۆرسەتمەڭ. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك ئۇ دىيارلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ئىنتايىن مۇرەككەپ، خەلقلىرىنىڭ قايسىسىنىڭ دوست قايسىسىنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئايرىشمۇ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقتى كەلگەندە جاننى بەرسىڭىز بېرىڭكى، زىنھار سىرىڭىزنى بەرمەڭ. سىزنىڭ بۇ كۆرسەتكەن چىدامچانلىقىڭىز ۋە جاسارەت بىلەن ئىرادىڭىز تۈرك تارىخ بەتلىرىگە ئالتۇن قەلەم بىلەن خاتىرىلىنىدۇ. كەلگۈسى ئەۋلادلار ئەنە شۇ تارىخ بەتلەردىكى ئالتۇن قۇرلارنى ئوقۇغىنىدا سىزدىن پەخىرلىنىدۇ. سىزنىڭ بۇ مۇقەددەس يولىڭىز قەھرىمانلار داستانىنى يارىتىدۇ ۋە سىز ئۈچۈن تۈرك ئەۋلادى ئۆچمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ، مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ. ھە راست، پاسپورت ئىشلىرىڭىزنى باش كاتىپ ھاسان فەھمى بەگ تەييارلاپ تەق قىلىپ قويدى. مۆھۈردار فۇئات بەگ بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ قويۇڭ. يولىڭىز ئوچۇق بولسۇن! قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىز پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۈلگە بولسۇن.«!
ئەخمەت كامال تەلەت پاشانىڭ تەسىرلىك نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ھاياجان ياشلىرى ئەگىگەن ئىدى. بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشقا قەتئىي بەل باغلاپ، بىردىنلا ۋۇجۇدىدا كۈچلۈك بىر ئىرادە بالقىشقا باشلىغانتى. تەلەت پاشا سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەخمەت كامالنى چىڭڭىدە باغرىغا بېسىپ، ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدى. ئەخمەت كامالمۇ ۋەزىپىنى جان دىلى بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى تەلەت پاشانىڭ قولىنى سۆيۈپ تۇرۇپ خوشلىشىش ئارقىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ قارا كۆزلىرىدىن تامچىغا ئىككى تال ئىسسىق ياش تەلەت پاشانىڭ قولىنىڭ دۈمبىسىگە ساقىپ چۈشكىنىدە، بۇ مۇقەددەس يولنىڭ بىرىنچى قەدىمى بېسىلغاندەك بولدى.
ئەخمەت كامال بولسا تەلەت پاشانىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن نۇرۇئوسمانىيەدىكى «بىرلىك ۋە تەرەققىيات» تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى بىناسىغا بېرىپ، زىيا گۆكئالپ بىلەن كۆرۈشتى. زىيا گۆكئالپ ئۆزى تېخى 40 ياشقا كىرمىگەن بولسىمۇ، كۆرۈنۈشتە 40 تىن ئاشقان كىشىلەردەك كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭ چېچىنىڭ ئالدى ئازراق چۈشۈپ كەتكەن بولغاچقا ئەسلىدىكى كەڭ پېشانىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ قارا قاشلىرىنىڭ ئاستىدىكى يوغان كۆزلىرى خۇددى قاراڭغۇ دېڭىزدا قالغان كېمىگە يول كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ماياكتەك شۇنچىلىك نۇرلۇق ھەم ئۆتكۈر ئىدى. ھەم يوغان ھەم گۆشلۈك دوغىلاق يۈزىگە ماس كەلگەن قويۇق بۇرۇتى ئۇنىڭغا ئۆزگىچە خاسلىق ئاتا قىلىپ تۇراتتى. قارا گالىستۇك قادىۋالغان بويۇنى خۇددى بۆرىلەرنىڭ بويۇنلىرىدەك شۇنچىلىك توم ئىدى. ئۇنىڭ يالغۇز قەلىمىلا كۈچلۈك بولۇپ قالماي، يەنە جىسمانىي جەھەتتىنمۇ شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ھەم ئېگىز ھەم ئۇستىخانلىق پالۋانلارغا تەققاس قەددى-قامىتىدىن روشەن چىقىپ تۇراتتى. زىيا گۆكئالپ ناھايىتى جىددىي ئىشلەيتتى، دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ يېزىقچىلىق ئۈستىلىنىڭ يېنىدىن ھېچ ئايرىلمايتتى. ئۇ، بارلىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ مۇنداقلا ئوقۇپ قويۇشى ئۈچۈن يازمايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىگە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلاتتى، ھەربىر قۇرلارنى چوڭقۇر پەلسەپەۋى پىكىرلەر سىڭگەن ھېكمەتلەر بىلەن تولدۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەسئۇت سابىرىدەك ئوقۇرمەنلەر بۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيەسىنى ئەقلى بىلىش ئىقتىدارى بىلەن بىلىپلا قالماي بەلكى يەنە قەلبى بىلەن ھېس قىلاتتى.
زىيا گۆكئالپ بىر چەتتىن تەشكىلاتنىڭ خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، يەنە بىر چەتتىن يېزىقچىلىق قىلاتتى. ئۇ يازغان ماقالىلەر ھەر ھەپتىدە گېزىتلەردە ئېلان قىلىناتتى. ئەخمەت كامالنى ئۆز ئىشخانىسىدا قىزغىن كۈتۈۋالغان زىيا گۆكئالپ، گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرمايلا ئۆز كۆڭۈلدە ئويلىغانلىرىنى خۇددى ئۆز ئىنىسىغا نەسىھەت قىلغاندەك ئۇدۇللا ئېيتتى :«ئۇكام، قارا، سېنىڭ ھازىرلا تەلەت پاشانىڭ يېنىدىن ئۇدۇل كەلگەنلىكىڭدىن خەۋىرىم بار. قاشغەرگە بېرىش توغرىسىدىكى قاراردىنمۇ خەۋەردارمەن. ساڭا بەرگەن بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپىنى جان – دىلىڭ بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىڭغا پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىشىنىمەن. سېنىڭ بۇ سەپىرىڭ ھەم ئۇزۇن ھەم مۇشەققەتلىك بىر سەپەر. تېخى سەپەرگە چىقماي تۇرۇپلا بۇنداق قارار ئېلىشنىڭ شۇنچىلىك تەسكە توختاۋاتقانلىقنىڭ ئۆزى، بۇ سەپەرنىڭ قانچىلىك مۇشەققەتلىكىنى، قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ۋە چىناردەك گەۋدەڭگە يۈكلەنگەن يۈكنىڭ قانچىلىك ئېغىر ھەم قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى روشەن رەۋىشتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن، پەقەت بۇ يولنىڭ تۈرك مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە يولۇڭنىڭ ئاخىرىدا جەننەتنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلا كۇپايە. دېمەككى سېنىڭ ئاتلانغان يولۇڭ توغرا يولدۇر، ۋەزىپەڭ مۇقەددەستۇر. سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئاشۇ نۇرلۇق ئاتا زېمىندا تۈرك مىللىتىنىڭ مىللىي روھىنى قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن يول ئاچىدىغان ئۆزۈڭدەك چىنارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتۇر. سەن قاغجىراپ كەتكەن تۇپراقلارغا شىپالىق يامغۇر بولۇپ يېغىپ، تۈرك مىللىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشىگە يېڭى زېمىن ھازىرلاپ، يېڭى ئەۋلاد يېتىشتۈرىسەن.
كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك ئوسمانلى خەلقى ئورتاق بىر دىن ئەتراپىدا بىرلىشىپ، ئۈممەت كىملىكىگە ساھىب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغان ئىدېئولوگىيە قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. چۈنكى، پۈتۈن ئوسمانلى خەلقى پۈتۈن بىر مىللەت سەۋىيەسىدە ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە بولالمىدى. پەقەت ئۈممەتلىشىشنىڭ ئورنىغا مىللەتلىشىشنى دەسسەتكەندىلا ئوسمانلى دۆلىتى ئاندىن قايتا باش كۆتۈرەلەيدۇ. مىللەتلىشىش پەقەت ئورتاق تىل، ئورتاق كۈلتۈر ۋە ئورتاق ھېس – تۇيغۇلار ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. پەقەت يالغۇز دىنىي ئېتىقاد بىلەنلا مىللەتلىشىش مۇمكىن ئەمەس. ئوسمانلىنىڭ بۇنداق زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنىڭ سەۋەبى بۇنى ئىسپاتلىدى. ئۈممەتچىلىكتىن مىللەتچىلىككە ئۆتۈشتە ئورتاق دىن بىلەن پاراللېل ھالدا ئورتاق تىل ۋە ئورتاق ھېس – تۇيغۇ ۋە ئورتاق كۈلتۈر بولۇش كېرەك. مانا مۇشۇلارنى بەرپا قىلغاندىلا غەربلىكلەرگە ئوخشاش بىزمۇ يۈكسىلىش يولىغا قاراپ يۈزلىنىمىز. شۇ سەۋەبتىن بىز تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخىنى، تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز ۋە بۇ جەھەتتە يېڭى بىر يول ئېچىشىمىز لازىم. بىز تەرغىب قىلىۋاتقان تۈرك مىللەتپەرۋەرلىك ئىدېئولوگىيەسى بولسا تۈرك مەدەنىيەت تارىخىنىڭ نەمۇنەسى ۋە تۈركلەرنىڭ دۇنيانى ۋە جەمئىيەتنى بىلىش، ئىزاھلاش تارىخىنىڭ ئاساسى. سەن بارىدىغان تۇپراقلاردىكى خەلقلەر كەلگۈسىدىكى بەخت – سائادەتكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان تۆۋەن سەۋىيەدىكى ھەقىر تۇرمۇش ئۇسۇلىغا رازى بولۇپ، ئۆتۈۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ زېمىننىڭ ئاستى ۋە ئۈستىدىكى پۈتۈن بايلىقلارنى چىن بىلەن رۇسلار تالان – تاراج قىلىپ ئەكېتىۋاتىدۇ. ئۇلار نادانلىقىدىن، ساۋاتسىزلىقتىن، بىلىمسىزلىكىدىن ئۆزلىرىنى باشقۇرۇۋاتقان ھاكىمىيەتلەر ۋە مىللەتلەر تەرىپىدىن خارلىنىشقا، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ.
ئەگەر بۇ ۋەزىيەت مۇشۇنداق داۋاملىشىدىغان بولسا، دەسلەپتە تىلىنى يوقىتىدۇ ئاندىن ئىقتىساد جەھەتتىن، كېيىن ئىدىيە ۋە ئەخلاق جەھەتتىن شۇلارغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا تۈرك دېگەن بۇ مىللەت ئۇ زېمىنلاردا يوقۇلۇپ تۈگەيدۇ – دە، ئاتا زېمىندىكى تۈركلەرنىڭ تارىختىكى بارلىق ئىزلىرى بىراقلا ئۆچۈپ، يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بىز چوقۇم بۈيۈك قۇتۇلۇش يولىغا ئاتلىنىشىمىز لازىم. بۇ ئىشنى باشتا مانا مۇشۇنداق بىر قاتار كىچىك دائىرە ئىچىدىكى ئايدىڭلىتىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بارىمىز، ئاندىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ قۇتۇلۇش يوللىرىغا قاراپ يۈزلىنىمىز. ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلىماي تۇرۇپ، چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلمەيمىز. ھەربىر يەرنىڭ ئۆزىنىڭ رېئال ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن يېتەكچىلەرنى دىن، تىل، تارىخ ۋە ئىقتىساد جەھەتلەردىن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز. خىرىستىيانلارنىڭ قانداق قىلىپ ئۈستۈنلۈككە ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشكەنلىكىنى كۆزلىرىمىز بىلەن كۆردۇق. ئۇلار ئۆز تىلى ئارىلىق ئۆز تارىخىدىن تولۇق خەۋەردار بولغاندىن كېيىنلا سىياسىي جەھەتتىن مۇستەقىل بولۇشنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزغان. ھەر بىر خەلق ئۆز تىلىنى سۆيۈشكە، مىللىي ئەدەبىياتىنى مۇشۇ مىللىي تىلى ئۈستىگە بەرپا قىلىشقا باشلىغان ۋاقىتتا قۇتۇلۇشقا قاراپ ماڭغان بولىدۇ. ئۆز تىلى ئارقىلىق تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە مىللىي ئەدەبىياتىدىكى داستان، چۆچەك، ئەپسانىلەر ۋە ھېكايە، شېئىرلار ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەتنى ئۆگىنىپ، مىللىي روھنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئەنە شۇ مىللىي روھ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق يولىنى يورۇتىدىغان بىباھا قۇياش. سېنىڭ چىقماقچى بولغان بۇ يولۇڭ بىزگە يېڭى ئۇپۇقلار ئاچىدىغان ئەنە شۇ يوللارنىڭ مۇقەددىمىسى. دېمەك بۇ غايە مۇقەددەستۇر! مەن سېنىڭ ئاشۇ نۇرلۇق تۇپراقلارغا ۋە ئىنسان پەرىشتىلىرى ياشايدىغان ئاشۇ ئاتا يۇرتقا ساق-سالامەت يېتىپ بېرىشىڭغا تىلەكداشمەن. ئۇلۇغ ئىگەم ساڭا ياردەمچى بولسۇن.
سەن ئاشۇ ئاتا زېمىنغا ساق – سالامەت يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ھەممە ئىشنى سەۋر بىلەن، ئەستايىدىللىق بىلەن قىل ۋە نەپسىڭگە ھەر زامان ھاكىم بول. بارىدىغان جايدىكى ئەل – يۇرتنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ئۇي. ئۇ ئەلنىڭ خەلقلىرى ئۇزۇن يىل ئاسارەت ئاستىدا ياشىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتىمۇ نامرات ۋە ئاڭ – سەۋىيەسى ناھايىتىمۇ تۆۋەن ھەمدە ئۇلاردا قۇللۇق ئىدىيە ئىنتايىن ئېغىر. يېڭى مائارىپ تېخى ئۇ تۇپراقلارغا ئومۇملاشمىغان. ئەمما، قەلبى پاك، يۇمشاق خۇيلۇق، ناھايىتى مۇساپىرپەرۋەر. ئاشۇ خەلقنىڭ ئىچىدە ياشىغان چاغلىرىڭدا، دىلىڭ پاك، تىلىڭ راۋان، كۆڭلۈڭدە ياخشىلىق بولسۇن. قەلبىڭ بىلەن زېھنىڭدە مۇجەسسەملەنگەن ئىلىم ۋە ئېرپاننى ئاشۇ خەلقنىڭ ئىچىگە ياي. ئۆزلۈك ئەينىكىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن ئاشۇ تۇپراقلاردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا سۇن!
ئۇلار سېنىڭ جاھاننامە ئەينىكىڭدە ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى كۆرسۇن! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەلبىنىڭ قۇياشتەك، ئەقلىنىڭ چەكسىزلىكىنى ئىدراك قىلىپ، ئۆز ئۆزىدىن ئۆكۈنۈش بىلەن بىرگە يەنە پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرى يۈكسىلىپ، ئۆزىدە ئىشەنچ پەيدا بولسۇن. تارىخنىڭ ۋە كەلگۈسىنىڭ ئۆلمەس ياڭراق سادالىرى تەكلىماكان ۋادىلىرىدىكى چاڭ – توزانلار بىلەن پۈتۈلۈپ كەتكەن قۇلاقلىرىنىڭ تۈۋىدە جاراڭلىسۇن. بۇ ياڭراق سادالار تۈرتكىسىدە دۈشمەنلىرىنىڭ ۋە خۇراپاتلىق ئەقىدىلىرىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان پۇت – قوللىرىنى كىشەنلەپ تۇرغان زەنجىرلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن ئۆزىدە ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى پەيدا بولۇپ، ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىرادە ۋە قۇدرەت زەررىچىلىرىنى تىرىلدۈرسۇن. دېمەك گېپىمنى خۇلاسىلىسەم سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئاتا يۇرتلاردا يېڭى مائارىپنىڭ ئۇلىنى سالماق ۋە راۋاجلاندۇرماق. نۆۋەتتە يېڭى مائارىپ ۋە مىللىي نەشرىياتچىلىقلا مىللىتىمىزنىڭ روھىنى تىرىلدۈرەلەيدىغان بىردىنبىر قورال. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنسان قەدىرنىڭ بىلىم ئىكەنلىكىنى بۇنداق بېيىتلار ئارقىلىق ئىزھار قىلغان:
سۆڭەككە يىلىكتەك ئەرگە بىلگەلىك،
ئادەم گۈزەللىكى ئەقىل، سۆڭەك زىننىتى يىلىك.
بىلىمسىزنىڭ ھالى يىلىكسىز سۆڭەككە ئوخشاش،
بىلىمسىز سۆڭەككە يوق نەزەر – ئىلىك.
سەندە يېتەرلىك دىن،پەلسەپە، تارىخ ۋە تىل – ئەدەبىيات بىلىملىرى بار. ئەڭ مۇھىمى سەندە تاڭ قۇياشىدەك نۇرلۇق مىللىي روھ، مىللىي ھېسسىيات بار. سېنىڭ بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىڭغا مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىشىنىمەن. كۆڭلۈڭ راھەت بولسۇن! پەقەت ياخشى پەزىلەت بىلەن ئەتراپىڭغا، سۆيگۈ ۋە ئۆزلۈك ئۇرۇقىنى چاچساڭلا چوقۇم ئۇزۇنغا بارماي گۈزەل بىر مىللىي باغچىنى بەرپا قىلالايسەن. سەن ئۇ دىيارلارغا يەنە كۆڭۈل ئوۋچىسى بولۇپ كېتىۋاتىسەن، يەرلىك خەلقنى ئۆز ئارزۇلىرىڭ بىلەن يولۇڭغا مايىل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى قازىنىشىڭغا توغرا كېلىدۇ. بۇ يولدا گۈزەل پەزىلىتىڭ، ئەخلاقىڭ، كەمتەرلىكىڭ ۋە ئەقىل – پاراسىتىڭ ئەڭ مۇھىم قورالىڭ بولسۇن. تارىخ سېنىڭ بۇ سەپىرىڭنى ۋە قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى ئەلۋەتتە يازىدۇ، تۈرك مىللىتى سېنى ئۇنتۇمايدۇ. سېنىڭ ئۈچۈن تۈرك تارىخىي ئايرىم سائادەت ۋە شەرەپ بەتلىرىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ. ھەممىمىز ئۆلىمىز، ئەمما مۇتلەق مەنىدە ئەمەس ۋە لېكىن بۇنى تارىخ بەلگىلەيدۇ.«
(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)