You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (18)

مەسئۇت ئەپەندى (18)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئەنۋەر پاشانىڭ بۇ جاراڭلىق نۇتۇقى ۋە سەمىمىي نەسىھەتلىرى مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدىنىڭ قەلبىدە ئۇتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرغان ئىدى. ئۇلار ئەنۋەر پاشا ئالدىدا ئۆزلىرىگە بەرگەن ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنلايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ، ناھايىتى تەسىرلىك ۋىدالىشىشلاردىن كېيىن، ھەربىي نازارەتتىن چىقىپ، يول تەييارلىقىنى قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى ۋە شۇ ئالدىراشچىلىقلار ئارىسىدا يەنە تەلەت پاشا ۋە زىيا گۆكئالپ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن ۋىدالاشتى. بولۇپمۇ زىيا گۆكئالپنىڭ ئۇلارغا قىلغان سۆزلىرى بەكمۇ مۇھىم ئىدى. بۇ سۆزلەر مەسئۇت سابىرىنىڭ قۇلىقى تۈۋىدە ھېلىلا دېيىلگەن سۆزلەردە شۇنچىلىك ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى: «سىلەر ئۆز ۋەتىنىڭلاردىن ئۇزۇن يىللار ئايرىلىپ، ئەمدى قايتىشقا تەرەددۇت قىلىپ تۇرۇپسىلەر. ئاق يول بولۇڭلار. ۋەتىنىڭلارغا بارغاندا ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزغا بىزدىن سالام دەڭلا. ئەڭ مۇھىمى ئۈستۈڭلارغا يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مىللىتىڭلارنىڭ ۋە شۇ جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىڭلار ۋە شۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن قانداق پائالىيەت قىلىش، نېمىنى ئالدىدا قىلىشنى قارار قىلىڭلار. مىللەت ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى كۆزەتكەندە ھېسسىياتقا بېرىلمەي، ئەمەلىي ئىش قىلىڭلار. دەرۋەقە مىللىتىمىزنىڭ ئالدىدا ئادا قىلىدىغان ئەڭ چوڭ بۇرچىمىز، مىللىتىمىز قانداق بولسا، شۇنداق قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر. سىلەر ۋەتەندىن ئايرىلغىلى كۆپ زامانلار بولدى. سىلەر تەربىيە ئېلىپ، يېتىشكەن ئىستانبۇلدىكى مۇھىت بىلەن ھازىرقى يۇرتۇڭلارنىڭ مۇھىتى ئوتتۇرىسىدا ئاسمان بىلەن زېمىندەك چوڭ پەرق بولۇشى مۇمكىن.

دەرۋەقە، ئۇلاردا كۆپ ئىللەتلەرنىڭ بولۇشى ئېنىق. ۋەھالەنكى، بۇنداق ئەھۋال سىلەرنىڭ ئارزۇلىرىڭلارنىڭ تېز ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرقى مەۋجۇت ھاكىمىيەت سىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. ئۆز خەلقىڭلارنىڭ قۇسۇرلىرىنى كۆرمەسكە سالغانلىق ھەرگىزمۇ ئۆز خەلقىڭلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭلار ۋە مۇھەببىتىڭلار بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىڭلار ئارىسىدىكى يامان ئىللەتلەرنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئىشنى يەنىلا مائارىپتىن باشلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئۆز خەلقىڭلار ئىچىدىكى يۈز بېرىۋاتقان نادانلىق، جاھىلىيەت، خۇراپاتلىق ۋە ئوغرىلىق، قىمارۋازلىق، نەشە چېكىش ۋە نىكاھدىن ئاجرىشىش، پاسكىنىچىلىق، چېچىلاڭغۇلۇق ۋە قاشاڭلىق، چېقىمچىلىق، قۇلچىلىق قاتارلىق ھەرخىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئازايتماي تۇرۇپ، چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتكىلى بولمايدۇ. ئەنە شۇ مەسىلىلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىلغار مائارىپنى يولغا قويۇش لازىم. ئەنە شۇ يولغا قويغان مائارىپ بىلەن مىللەتنىڭ مىللىي روھىغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي روھىنى ئويغاتقىلى بولىدۇ. بۇنداق مائارىپ ئۈمىد چىراغلىرى ئۆچكەن قاراڭغۇ كۆڭۈللەرگە ئۈمىدنىڭ نۇرلۇق چىراغلىرىنى چوقۇم ياقىدۇ. شۇنداق قالاق، قاتمال جەمئىيەتتە قانچىلىغان كېسەللەر دورىغا بولغان ئېھتىياجدىن بەكرەك ئۈمىدكە، مېھرى – مۇھەببەتكە ۋە ئىلھامغا موھتاج. قانچىلىغان پېقىر- مىسكىنلەر پۇل – مالدىن بەكرەك، ھالال مال – دۇنيا تېپىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا موھتاج.

قانچىلىغان نامرات بالىلار كىيىم – كېچەكتىن بەكرەك، ساۋاتلىق بولۇشقا، ئىلىمگە موھتاج. قانچىلىغان قىزلار كىچىك تۇرۇپلا ئەرگە تېگىپ تۇرمۇش قۇرۇشتىن بەكرەك، مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇپ، ئۆزىنى ئىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇپ تۇرمۇشتىكى بېقىندىچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا موھتاج. مانا بۇ بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ۋەتەن ۋە مىللەت سىلەرگە موھتاج. سىلەر خەلقىڭلارنىڭ روھى كۈچى، ئۈمىد يۇلتۇزى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئاستىدا ھەتتا ئۆلۈمنىڭ ئالدىدىمۇ ئۈمىدىڭلارنى يوقاتماڭلار. ئۈمىدىڭلارنى ھەر زامان جانلىق ۋە ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىپ تۇرۇپ، ئۆز خەلقىڭلارغا ئۈمىدىڭلار ئارقىلىق ئۈمىد بېغىشلاپ، ئۇلارنىڭ روھىغا روھ، ھاياتىغا ھايات قېتىڭلار. تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىنى «تۇران» دەپ ئاتايدۇ. سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلار بولسا بۈيۈك تۇراننىڭ بىر پارچىسىدۇر. سىلەر بۈيۈك تۇراننىڭ جەسۇر ئالىپلىرى.»!

مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئوقۇش ھاياتىدا، كاللىسىغا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىدېئولوگىيە تۈركچىلىك ئىدى. ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى، ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقىنى پەقەت شۇ بۈيۈك تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيەسى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇ يولدا ئۆلگۈچە كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان. ئۇلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئون يىلدىن ئارتۇق ئوقۇش تارىخى ھەقىقەتەن ئوسمانلىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن مەزگىللىرىگە توغرا كېلەتتى. بۇ مەزگىللەردە ئوسمانلىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئىدېئولوگىيەلەر ئوتتۇرىغا چىققان. بۇلارنىڭ ئاساسلىقلىرى ئوسمانلىچىلىق، ئىسلامچىلىق، غەربچىلىك ۋە تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيەلىرى ئىدى.

ئوسمانلىچىلىق بولسا دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوسمانلى تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى ئوسمانلى خەلقى مەيلى قانداق ئېرىققا مەنسۇپ بولسۇن، مەيلى قانداق دىنغا ئېتىقاد قىلسۇن ۋە قانداق تىلدا سۆزلەشسە سۆزلەشسۇن ھەممىسى ئوسمانلى قانۇننىڭ ئالدىدا باب باراۋەر، ھەممىسى ئوخشاش ھەق – ھوقۇققا ۋە ئىمتىيازغا ئىگە، دەپ قارايدىغانلا ئىدېئولوگىيە ئىدى. ئەمما بۇ خىل ئىدېئولوگىيە، ئوسمانلى بالقان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، بالقان رايونىدىكى تۈرك بولمىغان مىللەتلەر ئۆز ئالدىغا ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە بارا – بارا ئۆز كۈچىنى يوقاتقان ئىدى.

ئىسلامچىلىق بولسا، ئوسمانلىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەرخىل ئېرىقتىكى مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرۈپ، خىرىستىيان دۇنياسىغا قارشى بىر كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئىدېئولوگىيە ئىدى. يەنى قايسى مىللەتتىن بولسا بولسۇن، قايسى تىلدا سۆزلەشسە سۆزلەشسۇن پەقەت مۇسۇلمان بولسىلا خەلىپەنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇش ئارقىلىق ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇدرىتىنى ساقلاپ قىلىش. بۇ خىل چۈشەنچە پادىشاھ ئابدۇلھەمىد قازا بولغاندىن كېيىن بارا – بارا ئاجىزلاپ، ئۆز كۈچىنى يوقىتىشقا باشلىغان. بۇ خىل چۈشەنچىدىكىلەر گەرچە كېيىنكى ۋاقىتلاردا غەربنىڭ ئىلغار پەن – تېخنىكىلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئوسمانلى دۆلىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما غەرب ئەخلاقى ۋە مەنىۋىيىتىنىڭ زەئىپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەرب تەقلىدچىلىكىگە قارشى تۇرغان.

غەربچىلىك ئىدىيەسى بولسا، ئوسمانلىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى  دۆلەتى ئالىييەنى پۈتۈنلەي غەربلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىدېئولوگىيە ئىدى. بۇلار دۆلەتى ئالىييەنى يالغۇز سىياسىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىپ، پۈتۈنلەي غەربلەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ئېقىمىدىكىلەر بولۇپ، بۇ ئېقىمدىكىلەرنىڭ كۈچىنى سەل چاغلىقىنى بولمايتتى.

ئەمدى بۈيۈك تۈركچىلىك ئېقىمىدىكىلەر بولسا، ئوسمانلىچىلىق ۋە ئىسلامچىلىق ئىدېئولوگىيەلىرى مەغلۇپ بولۇشقا باشلىغان زاماندا، دۆلەتى ئالىييەنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان پىكىر ئېقىمى ئىدى. بۇ ئېقىمدىكىلەر ئاساسەن پەقەت تىلى، دىنى، نەسلى ۋە غايىسى بىر بولغان تۈرك مىللىتىگە ۋە شۇ جەمئىيەتكە تايىنىپ ئوسمانلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىش ۋە ئاخىرىدا بۈيۈك تۇرانچىلىق غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت ۋە نىشان قىلغان.

بۈيۈك تۈركچىلىك ئېقىمدىكىلەر بولسا، ئۇلۇغ تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيەسى ئۈچۈن، تىل،تارىخ ۋە ئەدەبىيات جەھەتتە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، يېڭى بىر مەدەنىيەت ھەرىكىتى باشلاتقان ئىدى. مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدى مانا شۇ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۈكسىلىش تازا پەللىگە چىققان ۋە تۈركچىلىك پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنىڭ كۈچى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان مەزگىللەردە ئىستانبۇلدا ئوقۇپ، يېتىشىپ، مانا ئەمدى شۇ ئىدېئولوگىيەنىڭ غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئۆز ۋەتىنىگە قايتىش ئۈچۈن بۈگۈن گىرۇزىيەگە بارىدىغان پاراخوتقا چىققان ئىدى. ئۇلار قارا دېڭىز ئارقىلىق قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، ئۇدۇل تاشكەنتنى نىشانلاپ مېڭىپ، تاشكەنت ئارقىلىق ئەخمەت كامال ماڭغان يولنى بويلاپ قاشغەرگە بېرىشنى مەقسەت قىلغانتى. ئۇلار قاشغەرگە بېرىپ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان ئەنۋەر پاشانىڭ ئافغانىستانغا يولغا سالماقچى بولغان بەش مەخسۇس خادىمىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق يولنى تاللىشىدىكى مەقسىتى ئارقىسىدىن يولغا چىقىدىغان ئاشۇ بەش مەخسۇس خادىمنى تىنچ – ئامان ئافغانىستانغا يولغا سېلىۋېتىش سەۋەبىدىن بولغان ۋە ۋەزىپىنى ئورۇنلىغاندىن كېيىن، ئاقسۇ يولى ئارقىلىق مۇز داۋاندىن ئېشىپ، يۇرتى غۇلجىغا قايتماقچى بولغان ئىدى. شۇڭا بۇ ئىككىسىنىڭ يولى ھەقىقەتەن ئۇزۇن ھەم خەتەرلىك ۋە مۇشەققەتلىك بىر يول ئىدى. بۇ يولچىلىق دەل ئەخمەت كامال يولغا چىقىپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن مەزگىلگە دەڭ كەلگەن ئىدى.

بىر يىلنىڭ ئالدىدا تېخى ئوسمانلى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىمىغان چاغ بولغاچقا، يوللار ئۇنچىلىك خەتەرلىك ئەمەس ئىدى، ھازىر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يوللاردا ھەرگىز بىخەستەلىك قىلىشقا  بولمايتتى. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن ئۇلار مەقسەتلىك گىرۇزىيەگە ماڭىدىغان پاراخوتقا چۈشكەن ئىدى. ئۇ ئىككىسى يۈك – تاقىلىرىنى جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىستانبۇلنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن پاراخوتنىڭ پالوبىغا چىقتى ۋە ئەتراپتىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلىۋاتقان يولۇچىلار قاتارىدا بوش ۋادەكلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ، ۋادەكنىڭ مۇزدەك تۆمۈر بالداقلىرىغا تايىنىۋېلىپ، بوغۇزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە باقتى. بۇ يىل قىش ئۇزىراپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن ھاۋادا باش باھارنىڭ پۇرىقى بار ئىدى. نەچچە كۈندىن بىرى توختىماي ياققان يامغۇر توختاپ، ئاسماندا ئۇيەر بۇ يەرلەردە ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتلاردىن باشقا بۇلۇت كۆرۈلمەيتتى. قۇياش بولسا، يۈزىنى توراپ تۇرغان بىر پارچە بۇلۇتنى ئازراق ئىتتىرىۋەتكەندىن كېيىن، زېمىنغا نازلىنىپ بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ۋاللىدە ئېچىلىپ، تاۋلىنىپ تۇرغان نۇرلىرىنى ئەتراپقا سېخىيلىق بىلەن چاچتى.

مانا ئەمدى مەيلى بەشىكتاش تەرەپتىكى بىنالارنىڭ دېرىزىلىرى بولسۇن، مەيلى ئۈسكۈدار تەرەپتىكى بىنالارنىڭ دېرىزىلىرى بولسۇن، قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرلىرىنىڭ ئەكسىدە خۇددى بىر چاڭگال رەڭگارەڭ ياقۇتلارنى چېچىۋەتكەندەك ۋال – ۋۇل جىلۋىلىنىپ، قارىغانلا كىشىنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇۋېتىپ باراتتى. بوغۇزدا ئۆتۈشۈپ تۇرغان پاراخوتلارنىڭ يوغان تۇرخۇنلىرىدىن چىقىۋاتقان قاپقارا ئىسلار ھايدارپاشا، قادىكۆي تەرەپلەرگە تارقىلىپ ئاستا – ئاستا كۆزدىن غايىب بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئاپاق يوغان يەلكەنلىك كېمىلەر بولسا، تاراق – تۇرۇق ئاۋازلارنى چىقىرىپ يەلكەنلىرىنى بىر- بىرلەپ ئېچىۋاتاتتى، بەزى كېمىلەر لەڭگەرلىرىنى دېڭىزنىڭ تەكتىدىن تارتىۋاتقان چاغدا زەنجىرلىرىدىن چىقىۋاتقان شاراق -شۇرۇق قىلغان سادالىرى ئەتراپنى تىترىتىۋېتىپ باراتتى. ئىشقىلىپ بوغۇزنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللىقاياقلارغا سەپەرگە چىقىش ئۈچۈن شۇنچىلىك ئالدىراۋاتاتتى. مەسئۇت سابىرى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم گۈزەل ئىستانبۇلنىڭ دېڭىز ھاۋاسىنى ئىچىگە تولدۇرۇپ – تولدۇرۇپ سۈمۈردى.

دەرۋەقە، كۆپكۆك دېڭىز ئۇنىڭ يۇرتىدا يوق ئىدى. شۇڭا ئۇ، بۇ دېڭىزنىڭ ئەينەكتەك جىمىرلاپ تۇرغان گۈزەل يۈزىنى ئۆزىدە مەڭگۈلۈك خاتىرە قىلىپ قالدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇزۇنغىچە تىكىلىپ قارىدى. شۇ تاپتا دېڭىزغا قاراپ تۇرغان ئابدۇراخمان شاھىدىنىڭ كۆزلىرىدە ئەكس ئېتىۋاتقان ئىچكى تۇيغۇلار غايەت زور دەرىجىدە مەسئۇت سابىرىنىڭكىدىن قېلىشمايتتى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ كاللىسىدا پەيدا بولۇۋاتقان بىر- بىرىنىڭكىگە ئوخشايدىغان ئوي – خىياللار خۇددى توختىماي دولقۇن ھاسىل قىلىپ ئېقىۋاتقان دېڭىزنىڭ تۇزلۇق سۈيىدەك تومۇرلىرىدا دولقۇنلاپ ئېقىشقا باشلىغان ئىدى. ئەمدى پاراخوتنىڭ قوزغىلىدىغان ۋاقتىمۇ توشقان ئىدى. پاراخوت ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق گۈدۈكنى بېرىپ ئاستا قوزغالدى. مەسئۇت سابىرىنىڭ كۆز ئالدىدىكى بوغۇز سۈيى خۇددى تەمتىرەپ قىلىۋاتقاندەك ۋە پاراخوت يانلىرىدىن چىقىۋاتقان بۇژغۇنلار خۇددى پاراخوتنى توختىتىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندەك ئىتتىك ئۆركەشلىدى. پاراخوتقا ئەگىشىپ كېتىۋاتقان دولقۇنلار خۇددى ئاكىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان كىچىك بالىدەك ئاۋازلارنى چىقىرىپ بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. تىنىق دېڭىز سۈيىنىڭ دولقۇنلىرى بەجايىكى ئارۇزدىن غۇلجىغا بارىدىغان تۇپىلىق يول ياقىسىدىكى كاككۇك گۈللىرىنىڭ ئۇزۇن غوللىرىنىڭ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرۇشلىرىغا ئوخشايتتى. مەسئۇت سابىرىنىڭ كۆڭلى بوغۇزدىن ئايرىلىشقا قىيالمايۋاتاتتى. ئەمما ئۇ، پەقەت ئايرىلىشقا جاسارەت قىلالىغان ئادەملەرنىڭلا ئۆز مەنزىلىگە يېتەلەيدىغانلىقىنى بىلەتتى.

ھازىر ئۇ ئەينى يىللاردا ئارۇزدىن ئايرىلىشقىمۇ ۋە غۇلجىدىن ئايرىلىشقىمۇ كۆزى قىيمىغانغا ئوخشاش بىر تۇيغۇغا ئەسىر بولۇپ قالغان ئىدى. بولۇپمۇ كۆز ئالدىدىكى مۇشۇ كۆپ – كۆك دېڭىزدىن ئايرىلىشقا تېخىمۇ چىدىماۋاتقاندەك قىلاتتى. مەسئۇت سابىرى بۇ دېڭىزغا قەرزدار ئىدى. ئۇ، نۇرغۇن مۇڭلىرىنى مۇشۇ دېڭىزغا ئاڭلاتقان، نۇرغۇن ھەسرەتلىك ياشلىرىنى مۇشۇ دېڭىزغا تۆككەن. يەنە كېلىپ نۇرغۇن غەم – غۇسسىلىرىنى مۇشۇ دېڭىزنىڭ شاماللىرى ئاللىقاياقلارغا ئېلىپ كەتكەن چاغلار كۆپ بولغان ۋە مۇشۇ بوغۇزنىڭ گۈزەل مەنزىللىرى ئۇنىڭ غەمكىن كۆڭۈللىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە تالاي قېتىملاپ ۋەسىلە بولغان ئىدى. ھەمدە قەيەرلەردىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان دېڭىز دولقۇنلىرىدەك، قەيەرلەردىندۇر كۆڭلىگە چۈشكەن ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسىنىڭ ھەسرەتلىك پىراقىغا مۇشۇ ئىستانبۇل ۋە مۇشۇ دېڭىز شىپا بولغان ئىدى. ئۇ ئىچىدە نىدا قىلدى: «ئېخ، گۈزەل ئىستانبۇل! ئېخ، گۈزەل دېڭىز! مەن سېنى چوقۇم شۇنچىلىك سىغىنىمەن، ھەرزامان سەن توغرىسىدىكى گۈزەل خاتىرىلەرنى خەلقىمگە سۆزلەپ  تۇرىمەن. سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان جاسارىتىڭنى، ئىلىمىڭنى ئۆز خەلقىمگە يەتكۈزىمەن. سېنىڭ خاتىرىلىرىڭ مېڭىڭ قەلبىمدە مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.»!

جالالىدىن رۇمى «ھەممە دېڭىزدىن ئۇنچە چىقمايدۇ» دەپ ئېيتقان. ۋەھالەنكى، بۇ دېڭىز ئەنە شۇ ئۇنچە چىقمايدىغان دېڭىزلاردىن ئەمەس ئىدى. دەرۋەقە، بۇ دېڭىزلاردىن ئۇنچە چىقىدۇ. چىققاندىمۇ شۇنداق ئۈنچىلەر چىقىدۇكى، ئەنە شۇ ئۈنچىلەرنىڭ بىرى مەسئۇت سابىرى بولسا يەنە بىرى ئابدۇراخمان شاھىدى ئىدى. بۇ دېڭىز، بوغۇزى، بۇ ئىككى ئۈنچىنى يېتىشتۈرۈپ تەربىيەلەپ، ئۆز باغرىدا تاۋلاپ، ئۆز ۋەتىنىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يەلكىسىگە ئېلىپ ئاقماقتا، بىپايان دېڭىزغا قاراپ يۈرمەكتە. دېڭىز شاماللىرى ئارقىدىن قوغلاپ، مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدىنىڭ قۇلىقىغا زىيا گۆكئالپنىڭ شېئىرلىرىنى پىچىرلىماقتا.

ۋەتەن نە تۈركىيەدۇر تۈركلەرگە، نە تۈركىستان،

ۋەتەن ئۇلۇغ ۋە چەكسىز بىر ئۈلكەدۇر تۇران.

ھايدى، بىز كەتتۇق!

خوشچا قال ئىستانبۇل!

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top