You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (21)

مەسئۇت ئەپەندى (21)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئۇلار ئۆيدىن قورۇغا چىققان چاغدا تالادىن خۇددى نۇرتاينىڭ بالىلىق چاغلىرىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر بالا كىرىپ كەلدى – دە، قورۇدىكىلەرگە چاقماقتەك سالام بەردى ۋە – دادا، سىلەرنى ئاپام چاقىرىۋاتىدۇ، ئازراق چاي – پاي ئىچىپ، قورساقنى ئەستەرلىگەچ پاراڭلاشسۇن دەيدۇ،- دېدى. نۇرتاي بۇ بالىنى ئۇلارغا تونۇشتۇرغاندەك قىلىپ،- بۇ مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم، ئىسمى رۇستەم، بۇنىڭ كەينىدە يەنە ئىككى قىز بىر ئوغلۇم بار، – دەپ ئۇلارنى ئۆز ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى ۋە ئۇلارنى قورۇسىغا باشلاپ ئەكەلدى. نۇرتاي بولسا بۇرۇنقى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى تۈگەپ كەتكەن ۋە سىڭىللىرىنى ياتلىق قىلىۋەتكەن بولغاچقا قورۇ ئۇنىڭغا دەللىڭ قالغان ئىدى. شۇڭا بۇ قورۇ مەسئۇت سابىرىغا ياد ئەمەس ئىدى. ھويلىنىڭ ئىچى ئۆزگەرمەي بۇرۇنقىدەكلا تۇرغان ئىدى، پەقەت دەرۋازا بىلەن ئۆيلەرنىڭ ئىشىك – دېرىزىلىرىنىڭ ياغاچلىرى ئۇپراپ، كۆك سىرلىرى ئۆڭۈپ، كونىراپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ سالام بېرىپ تۇرغان چوكان بولسا نۇرتاينىڭ ئايالى ئىدى.

بۇ ئايال تېخى يىگىرمە بەشلەرگە كىرمىگەن بولسىمۇ، يېشىغا باققاندا بالدۇر قىرىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. چېكىسىدىن چېكىلەپ باغلىۋالغان گۈللۈك ياغلىقىنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ تۇرغان بىر ئۇچىنى چاققانلىق بىلەن ئارقىسىغا تاشلاپ تۇرۇپ، ناھايىتى ئوچۇق چىراي بىلەن مېھمانلارنى ئۆيگە باشلىدى. ئۇچىسىغا قىزىل ۋە سېرىق ئارىلاش رەڭدار چىتتىن ئۇزۇن كۆڭلەك، پۇتىغا كونىراپ كەتكەن ئەترەڭ توپلەي كىيىۋالغان ئىدى. ياغلىقىنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرغان چاچلىرى بىلەن قاشلىرى قۇندۇزدەك قارا، كۆزلىرى قاراڭغۇ تۈندەك ئىدى. سۇمباتلىق گەۋدىسىنىڭ ياپيېشىل ئۈزۈم بارىڭىنىڭ پايانى ئاستىدا تېز- تېز ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشىدىن، ناھايىتىمۇ چاققان، ئۆي ئىشىغا پىشقان ئايال ئىكەنلىكى كىشى كۆزىگە روشەن چېلىقىپ تۇراتتى.

بۇ ئاددىي ھەم رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان قورۇ بولسا، ئاناتولىيەدىكى تۈركلەرنىڭ قورۇسىدىن نەچچە ھەسسە گۈزەل، ئۆزگىچە كۆركەم، ئازادە ئىدى. بۇ قورۇ گەرچە بىر دېھقاننىڭ قورۇسى بولسىمۇ، ئەمما ھەممە نەرسە جاي – جايىدا ئىدى. ھويلىدا يا بىر تال مەنگەن، ياكى بىر تال زىغىرنىڭ پاخىلى كۆرۈنمەيتتى ۋە ياكى ئېغىلدىكى كالا- قويلارنىڭ تېزەك -ماياقلىرىنىڭ ھىدى پۇرىمايتتى. ئۈزۈم باراڭلارمۇ شۇنچىلىك رەتلىك بولۇپ، ھەربىر يوپۇرماق خۇددى قول بىلەن سۈرتۈپ قويغاندەك شۇنچىلىك پاكىز، ياپيېشىل پارقىراپ تۇراتتى. ئۈزۈملەرنىڭ تۆۋىدىكى بوش يەرلەرگە تىكىۋەتكەن قوناقلار قىرقىپ قويغاندەك تەكشى بوي تارتىپ ئۆسۈشكە باشلىغان ئىدى. باراڭنىڭ نېرىراق تەرىپىدىكى كىچىك گۈلزارلىقتا ئېچىلىپ كەتكەن ھەرخىل رەڭدىكى ئەتىر گۈللەر بىلەن بەس – بەستە ئېچىلىپ كەتكەن تاجى گۈللەر كىشىگە ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىپلا قالماي يەنە، ئۇلاردىن كېلىۋاتقان شېرىن پۇراق ئالامەت راھەت، ھۇزۇر بەخش ئېتەتتى.

بۇ ئاددىي دېھقان قورۇسىدىكى بۇ خىل گۈزەللىك ئىستانبۇلدىكى خېلى – خېلى مەن – مەن دېگەن پاشالارنىڭ قورۇسىدىمۇ يوق ئىدى. ئۆيگە دەسسەپ كىرىدىغان سۇپىلار كالا تېزىكى ئارىلاشتۇرۇلغان سېغىز توپىدا ئېتىلگەن سۇيۇقراق لاي بىلەن سۇۋالغان بولۇپ، خۇددى مېغىز رەڭدە سىرلىۋەتكەندەك يالتىراپ تۇراتتى. ھەرگىز ئاناتولىيە دېھقانلىرىنىڭ قورۇسىدەك قويغان قويغان يەردە چېچىلىپ تۇرىدىغان ھېچقانداق بىر نەرسە يوق ئىدى. دېمەك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قورۇ مەدەنىيىتى ئاناتولىيە تۈركلىرىنىڭ قورۇ مەدەنىيىتىدىن خېلىلا ئۈستۈنلۈكى مۇشۇ ئاددىي دېھقاننىڭ قورۇسىدىن مانا دەپ چىقىپلا تۇراتتى .مېھمانلار پاك – پاكىز سۇپىلارنى دەسسەشكىمۇ كۆزى قىيمىغان ھالدا، ئاۋايلاپ قەدەملەرنى تاشلاپ ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى. ئۇلارنى نۇرتاي ئوڭ تەرەپتىكى ساراي ئۆيىگە باشلىدى.

ئۆينىڭ ئىچى ناھايىتىمۇ ئاددىي سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، كەڭ، ئازادە كۆرۈنەتتى ۋە ئىچىگە كىرگەن ئادەمگە ھۇزۇر ئاتا قىلاتتى. ئۆينىڭ تورۇسىدىكى لىم ياغاچلارنى تولا سۈرتكەچكىمىكىن خۇددى زەيتۇن يېغىدا مايلاپ قويغاندەك پارقىراپ كەتكەن ئىدى، تۆردىكى سىرلىرى ئۆڭۈپ كەتكەن ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قات – قات قىلىپ تىزىلغان ئورۇن – كۆرپىلەرنىڭ شۇنچىلىك ھەۋەس بىلەن قاتلانغانلىقى، ئۈستىگە ياپقان چۆرىلىرىگە رېشىلىيە ئىشلىگەن ئاق ياپقۇچتىن مۇدۇرۇپ چىققان قىرلىرىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا ياغاچچىنىڭ چېۋەر قولىدىن پۈتكەن بۇلۇڭ ئۈستەل قويۇلغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىم تاقا سېرىق ئەتلەس يېپىلغان بولۇپ، ئۈستىدىن تۆۋەنگە تاشلىنىپ تۇرغان قىسمىدىكى توق سېرىق، تېگى ئاق رەڭدىكى مونچاق شەكىلدىكى ساددا گۈل نۇسخىلىرى ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە ئىدى.

سېرىق ئەتلەس ياپقۇچنىڭ ئۈستىگە يوغان بىر قاپاقتىن ياسالغان گۈلدان تىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە تولۇق ئېچىلغان ئەتىر گۈللەر، يېڭىلا ئېچىلغان كاككۇك گۈللىرى شۇنچىلىك ئەپچىل تىزىلغان ئىدى. قاپاق گۈلداننىڭ سىرتىدا ساڭگىلاپ تۇرغان كاككۇك گۈللىرىنىڭ ھەم ئۇزۇن ھەم ئىنچىكە ياپيېشىل ياپراقلىرى خۇددى قاپاقنىڭ سىرتىغا چىگىلگەن مەجنۇنتال يوپۇرماقلىرىدەك چىرايلىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. قاپاق گۈلداننىڭ سېرىق سىرتى خۇددى سۇغۇر مېيىدا پىشۇرۇلغان موڭغۇل بوغۇرسىقىدەك ھەم پارقىراپ ھەم قورساق سېلىپ تۇراتتى. بۇلۇڭ ئۈستەل بىر يۈرۈش تۇرقى، بەجايىكى كىشىگە پىنھان قاراڭغۇ بۇلۇڭدا گۈل تۇتۇپ تۇرغان گۈل ساتقۇچى قىزنى ئەسلىتەتتى. يەرگە سەل ئۆڭگەن غۇلجا تىكىمەتلىرى سېلىنغان بولۇپ، ئۈستىگە دەسسىگەن ئادەمنىڭ پۇتىغا بۇلۇتتەك پېتىپ، ئۇزۇن يولدىن كەلگەن يولۇچىلارغا قىسقا ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئارام بەخش ئەتكەن ئىدى. قورۇغا قاراپ يەنى ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق جەنۇبقا قاراپ ئېچىلىدىغان ئىككى دېرىزىگە، ئۈستىدىن تۆۋەنگە ئازراقلا چۈشۈپ تۇرىدىغان، ئاستىغا گۈللۈك رېشىلىيە ئىشلىگەن ئاق نېپىز پەردە تارتىلغان بولغاچقا، تالادىكى يورۇقلۇق ئۆينىڭ ئىچىگە تولۇق چۈشۈپ تۇراتتى.

ۋەھالەنكى، بۇ ئۆيلەر پاكار سېلىنغان دېھقان ئۆيلىرى بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى بويىچە كۈنگەيگە قارىتىپ سېلىنغان ئۆيلەر بولغاچقا، ئۆينىڭ ئىچى شۇنچىلىك يورۇق ئىدى. مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدە ئۇدۇل بېرىپلا كىگىزلەرنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان بېغىررەڭ مەخمەل كۆرپىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ بەھۇزۇر ئولتۇردى ۋە ئىككىلىسى تەڭلا قوللىرى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ، يەنە قايتا ئامان – ئېسەنلىك سوراشقاندىن كېيىن، ئازادە پاراڭلىشىشقا تەرەددۇت قىلىشى بىلەن تەڭ، ئۆيگە رۇستەم مۈرىسىگە لۆڭگە ئارتقان، بىر قولىدا ئىۋرىق، بىر قولىدا تەلەڭگە تۇتقان ھالدا چاقماقتەك كىرىپ كەلدى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ تۇتتى. بۇ ئارىدا نۇرتاي يان تامغا يۆلەپ قويغان شىرەنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ قويدى، ئاندىن ئۈستىگە گۈللۈك داستىخان سالدى ۋە ھېچ گەپ – سۆز قىلماي چىقىپ كېتىپ، بىردەمدىن كېيىن يوغان – يوغان قىزىرىپ پىشقان نېپىز چوڭناندىن ئۈچنى ئەكىرىپ، داستىخاننىڭ ئۈستىگە قويدى ۋە كەينىدىن يوغان كورىغا ئېتىلگەن ئۈستىنى لىقمۇلىق قايماق يېپىپ تۇرىدىغان ئەتكەن چاينى ئەكىرىپ، ئاپقۇر چىنىلەرگە تولدۇرۇپ قۇيۇپ، چوڭناننى ئوشتۇغاندىن كىيىن، مېھمانلارنى ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى ۋە يەنە چوڭ ناندىن بىر پارچىنى ئېلىپ ئۇشتۇپ – ئۇشتۇپ مېھمانلارنىڭ چىنىسىغا ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۆز قولى بىلەن سېلىپ قويدى.

نۇرتاي مانا مۇشۇ بىر يۈرۈش مەشغۇلاتلارنى قىلىۋاتقاندا مەسئۇت سابىرى ئۇنى شۇنچىلىك ئىنچىكىلىك بىلەن چاندۇرماستىن كۆزېتىپ ئولتۇردى. دەل مۇشۇ چاغدا ئاسمان يەنە گۈلدۈرلەپ، چاقماق چىقىپ، ئارقىدىنلا يامغۇر قۇيۇۋەتتى. شامالمۇ جىم تۇرماي ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئوچۇق تۇرغان دېرىزىلەردىن يامغۇر تامچىلىرى ئۆيگە ئەكىرىشكە ئۈلگۈرگەن ئىدى. دېمەك ھاۋامۇ خۇددى مەسئۇت سابىرىنىڭ كەيپىياتىغا ئوخشاش ھەم خۇشاللىق ھەم قايغۇلۇق قىياپەتنى ئەكس ئەتتۇرۋاتقاندەك قىلاتتى.بۇ چاغدا نۇرتاي ئورنىدىن تۇرۇپ، دېرىزىلەرنى يېپىۋېتىپ، جىممىدىلا جايىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۆينىڭ ئىچىدە دېرىزىگە تاراسلاپ ئۇرۇلۇۋاتقان يامغۇرنىڭ ئاۋازىدىن باشقا بىر ئاۋاز يوق ئىدى. مەسئۇت سابىرى بۇ سۈكۈناتنى بۇزۇپ – كىچىك چاغلىرىمىزدا دەيدىغان بىر گەپ بار ئىدى، نۇرتاي، بەلكى ئېسىڭدە باردۇ يەنى «سىم – سىم يامغۇر جاندىن ئۆتەر، شار- شار يامغۇر ياندىن» دەيدىغان. يامغۇر ھازىر شارىلداپ يىغىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇزۇنغا بارمايلا توختايدۇ، – دەپ، خۇددى بالىلاردەك ئوچۇق كۈلۈپ نۇرتايغا قارىدى.

نۇرتاي بولسا، گويا ئۆز غوجايىنىنىڭ گېپىنى تەستىقلاۋاتقان مالايدەك بېشىنى ئىتتىك – ئىتتىك لىڭشىتىپ تۇرۇپ – شۇنداق ئەپەندىم! شۇنچە يىللار ئۆتۈپمۇ ئاشۇ گەپلەرنى ئۇنتۇپ قالماپسىز، ئوقۇغان ئادەم دېگەن يەنە باشقىچە بولىدۇدە، – دەپ  بىر قولى بىلەن ئىشتىنىنىڭ تىزىدىكى ياماقنى تاتىلاپ، خۇددى يېڭى كەلگەن كېلىنلەردەك ئۆز ئۆيىدىمۇ قورۇنۇپ ئولتۇرۇپ تۆۋەن ئاۋازدا گەپ قىلدى. پەقەت «ئەپەندىم!» دېگەن سۆزنىڭ ئۇرغۇسىنى كۆتۈرۈپ ئېيتتى. بۇ چاغدا مەسئۇت سابىرىنىڭ كاللىسىدىمۇ چاقماقلار چاققاندەك بولۇپ، خۇددى بەختلىك بالىلىق دەۋرلەرنىڭ غايىب بولغان ئىزلىرىنى قايتىدىن كۆرمەكچى بولۇۋاتقاندەك، نۇرتايغا سىنچىلاپ قارىدى. نۇرتاي بولسا گويا قانداقتۇ بىر گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەشكە جۈرئەت قىلالماي، ئاشۇ ئەسلىمىلەرنى تولا ئەمگەك قىلىپ قېتىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن نېرىغا ئىتتىرىۋاتقاندەك كۆرۈندى. نۇرتاينىڭ ھەم ھۆرمەت ئارىلاش ھەم تارتىنىۋاتقان قىياپەتتە ئېيتقان سۆزلىرى ۋە ئەپسىز ھەرىكەتلىرى مەسئۇت سابىرىنى تېخىمۇ مەيۈسلەندۈردى. ئۇ بۇ ئون نەچچە يىلنىڭ ئىككى ئوخشاش قەلبكە، ئوخشاش ئوي – پىكىرگە ئىگە ئىككى سەبى بالىنى ئىككى دۇنياغا تەۋە ئىككى ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرگىنىگە ئىسيان قىلغۇسى كەلدى.

دەرۋەقە، مەسئۇت سابىرى مۇشۇ يېزىدىن ئايرىلغان 17 يىل جەريانىدا، مەيلى غۇلجا شەھىرىدىكى يەتتە يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا بولسۇن، مەيلى ئىستانبۇلدىكى ئون يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا بولسۇن، يۈكسەك مەقسەتلەرنى كۆزلەپ، ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئىلىم – پەن پىراقىدا دەلى –  دىۋانە، ياقا – يۇرتلاردا سەرسان – سەرگەردان بولۇپ، ئۆزىنى تاۋلىغان بولسا، نۇرتاي مۇشۇ كۆك قۇببەنىڭ ئاستىدىكى ئانا يۇرتتا تۇرمۇشنىڭ مۇشەققەتلىرى ئىچىدە تۇپراقتىن كۆپرەك ھوسۇل ئېلىشنى بىردىنبىر مەقسەت قىلىپ جاپالىق ئەمگەك قىلغان ئىدى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ قىلغىنى جاپالىق ئەمگەك بولسىمۇ، بىرىنىڭ ئەقلى ئەمگەك يەنە بىرىنىڭ جىسمانىي ئەمگەك ئىدى. دېمەك جىسمانىي ئەمگەك ئادەمنىڭ جىسمانىي كۈچىنى خورىتىپلا قالماي يەنە ئادەمنىڭ روھىنىمۇ قورۇتۇپ تۈگىتىۋېتەتتى. مانا بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى مەسئۇت سابىرىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان نۇرتاي ئىدى. ھەر ئىككىلىسى بالىلىق دەۋرلىرىدە قەلبلىرىگە ئەڭ گۈزەل بىغۇبار سىرلىق تۇيغۇلارنى پۈكۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىڭ كويىدا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئۇلۇغ دەريالاردا غۇلاچ تاشلاپ ئۈزگەن بولسا، ھازىر نۇرتاي خۇددى بۇ ھاياتنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىنى ياشاۋاتقان ئادەمدەك شۇنچىلىك جۈرئەتسىز بولۇپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۆدەكلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدىغان لەۋلىرى ئەتراپىدىكى سېرىق تۈكلەرنىڭ ئورنىغا ھازىر يىرىك، توم قارا ساقال – بۇرۇتلار چىققان ئىدى. ئاۋازىمۇ، مىجەزىمۇ ئۆزگەرگەن بولۇپ، ھازىر بۇرۇنقىدەك جانلىق، چاقماقتەك چاققان ۋە سۆزمەن ئەمەس، بەلكى ئېغىر بېسىق، ئاز گەپ قىلىدىغان مىسكىن ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

مەسئۇت سابىرى بولسا تام تەتۈرىسىگە بۇ ھاياتنى ئەمدى باشلىغان، دىللىرىدا ئىلھام بۇلاقلىرى جۇشقۇنلاپ تۇرىدىغان، ئۇلۇغ ئارزۇ- ئىستەكلەر ئۈچۈن تېخى يېڭى يولغا ئاتلانغان قىران يىگىتلەردىن بولۇپ ھېسابلىناتتى. ۋەھالەنكى، نۇرتاينىڭ يەلكىسىدىكى كەتمەن ئۇنىڭ مۈرىسىنى بېسىپ بارغانسېرى يەرگە يېقىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى. دەرھەقىقەت، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ماڭلىيىدىن مۇزدەك تەر ئاققۇزۇپ، مىڭبىر مۇشەققەتتە جاپالىق ئىشلىگەن بىلەنمۇ ئېتىزنىڭ قېرىدىن نېرى كېتەلمەي، ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىدا بىر ئۆمۈر غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئۆتۈپ، ھەتتا بۇ دۇنياغا تۆرەلمىگەندەك ئۈن – تىنسىز ئۆلۈپ، پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ كېتەتتى. دەرۋەقە، بۇ دۇنيادا يېڭىلىق ئىزدىگەن ۋە ئۈزلۈكسىز پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن كىشىگە بۇ ھايات يەنىلا گۈزەل، ھامان بۇنداق ئادەملەر يۈرەكتىن يۈرەككە يول ئېلىپ، باسقان ئىزلىرى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

شۇ دەمدە يېغىۋاتقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى بارا – بارا پەسلەشكە، دېرىزىگە ئۇرۇلۇۋاتقان يامغۇر تامچىلىرىنىڭ ساناقسىز سانىمۇ ئازىيىشقا باشلىغان ئىدى. مانا ئەمدى مېھمانلارنىڭ قاچىلىرىغا چىلانغان نانلارنى يەپ بولۇشىغا ئۈلگۈرۈپ يامغۇرنىڭ شارقىراۋاتقان ئاۋازىمۇ توختىدى. دەرۋەقە، يامغۇر قانداق تېز ياققان بولسا، شۇنداق تېز توختىغان ئىدى. دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۈزۈم بارىڭىغا ئارتىلغان تاللارنىڭ ياپراقلىرىدىن يامغۇر تامچىلىرى سۇزۇلۇپ يەرگە تامچىپ چۈشۈۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دېرىزىنىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان تۇتۇق ئاسماننىڭ مەنزىرىسى نامايان بولۇپ تۇراتتى. كۆكتىكى قۇياش پۈتۈن بىر بۇلۇت دېڭىزى بىلەن بىھۇدە ئېلىشماقتا ئىدى. بارا – بارا سۇزۇلۇۋاتقان قارا بۇلۇتلار بەجايىكى غىل – پال نۇرلىنىۋاتقان دولقۇنلارغا ئوخشاش، كۈننىڭ ئالدىنى توسۇشقا جاسارەت كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، غايىب تاغ شاماللىرى ئۇلارنى سۈر – توقاي قىلىۋاتقاندەك ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، ئاخىرى چارىسىزلىق ئىچىدە قالغان بۇلۇتلار مۇقەددەس كۈننىڭ يۈزىنى توسۇپ قىلىشقا قادىر بولالماي، پايانسىز چەكسىز بوشلۇق ئىچىدە تەل – تۇكۇس غايىب بولدى.

مانا بۇ قۇياشنىڭ مۇقەددەس قۇدرىتى! ئەمدى يېزىنىڭ ئۆستەڭلىرىدە پاك – پاكىز يۇيۇنغان بالىلارنىڭ يۈزىدەك، يامغۇردا يۇيۇنغان قۇياش پارقىراپ تۇرغان يۈزىنى ئارۇز يېزىسىنىڭ ئۈستىگە قاراتتى. ھەممە جاھان ۋاللىدە يورۇپ، ئۈزۈم ياپراقلىرىدا تۇرۇپ قالغان يامغۇر تامچىلىرى ئاق ياقۇتتەك تاۋلىنىپ كەتتى. ئەتكەن چاينىڭ ئارقىسىدىنلا داستىخانغا كەلتۈرۈلگەن لەڭمەننىڭ قۇرۇلمىسىدىكى كۆكتاتلارنىڭ ئۆلچەملىك كېسىلگەن دانىلىرى دېرىزىدىن چۈشكەن قۇياشنىڭ نۇرىدا ئاجايىپ جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. مانا بۇ يېزا دېھقانلىرىنىڭ ئۆز مېھنەت تەرىدىن كەلگەن كۆكتات ۋە ئۇنلارنى خۇرۇچ قىلىپ ئېتىلگەن يېزا لەڭمىنى ئىدى. بۇ لەڭمەننىڭ تەمىگە مېھنەتنىڭ، مېھرى – مۇھەببەتنىڭ، بالىلىق دەۋرنىڭ، ئانىنىڭ، ئاتىنىڭ، قۇياشنىڭ، تۇپراقنىڭ، سۇنىڭ، ھاۋانىڭ يېغىپ ئېيتقاندا ئانا يۇرتنىڭ تەمى مۇجەسسەملەنگەن ئىدى.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top