You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (23)

مەسئۇت ئەپەندى (23)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدى ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن، ئالدىراپلا غۇلجا شەھەرگە قاراپ يولغا چىققان ئىدى. بۇ قېتىم يېزا كوچىسىدا مەسئۇت سابىرىنىڭ ئارقىسىدىن قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئۇزۇتۇپ تۇرغان ئايسىخان ئانا ئەمەس، بەلكى نۇرتاي ئىدى. ئۇلار كوچىنىڭ دوقمۇشىدىن سولغا قايرىلىپ كۆزدىن غايىب بولغىچە كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغان نۇرتاي ناھايىتى ھارغىن كۆرۈنەتتى، ئەمما ئۇنىڭ ئۈمىدلىرى ئۈزۈلگەن كۆزلىرىدە يەنە قايتىدىن ئۈمىدنىڭ ئۇچقۇنلىرى پەيدا بولغاندەك، چارچىغان يۈرىكىنىڭ سوقۇشلىرى بولسا دەرەخ شاخلىرىدىكى يوپۇرماقلاردەك شىۋىرلاپ، ئۆز ئىرادىسىنى ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ يېنىدا تۇرغان ئوغلى رۇستەمنىڭ قاپقارا قۇندۇزدەك چاچلىرى ھارغىن بارماقلىرىنى بىلەن سىلاپ – سىلاپ قويۇۋاتاتتى.

مەسئۇت سابىرى ئاتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، تۇپىلىق يېزا يولىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئېگىز ئۆسكەن بولۇق ئوت – چۆپلەرنى، دولقۇنلاپ تۇرغان ياپيېشىل بۇغدايلىقلارنى، ساپسېرىق چېچەكلىگەن قىچىلىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن زەڭگەررەڭ كېپىنەكلەرنى، نەپىس بوي تارتقان يىراقتىكى دەرەخلەرنى تاماشا قىلىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ، ھاشاراتلارنى قوغلاپ ئۇياقتىن – بۇياققا ئۇچۇپ يۈرگەن قارلىغاچ، قۇشقاچ ۋە قارغۇجىلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرىنى، بۆدۈنە ۋە بۇلبۇللارنىڭ يېقىملىق خەندان ئۇرۇشلىرىغا قۇلاق سېلىپ يېقىملىق تەبەسسۇم قىلىۋاتقان دەملەردە، سۈزۈك ئاسمان قوينىدا ياتقان قۇياشمۇ ئۇنىڭغا قاراپ باشقىچە ئەزگۈ ھېسسىيات بىلەن كۈلۈمسىرەۋاتاتتى. شەھەردىكى ئۆيىگە بۈگۈن يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇنىڭ قەلبى گويا مۇشۇ تەبىئەتكە ئوخشاش خۇشاللىق چۆمۈلگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە تەبىئەت ئىنساننىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئازاب – ئوقۇبەتلىرى بىلەنمۇ ئورتاق. تەبىئەتتىكى بارلىق گۈزەل مەنزىللەر ۋە ھەر خىل تەبىئەت ھادىسىلىرى يەنە ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى ياخشى ۋە يامان، قايغۇ ۋە شادلىق، مۇھەببەت ۋە نەپرەت قاتارلىق ھېسلىرىغىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇت سابىرى گويا ئەنە شۇ بوز دالانى بېسىپ كەتكەن سېرىق يوگەي، ئازغان ۋە قورايلاردەك بىر -بىرىگە تۇتۇشۇپ، بىر- بىرىگە ئارىلىشىپ، بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ ھايات مۇساپىسىدە شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، شۇنچە نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، شۇنچە نۇرغۇن دۆلەتلەرنى كۆرۈپ، ئاخىرى ئۆزى مەنسۇپ بولغان جايغا ساق – سالامەت قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ھازىر بەجايىكى ئۇچۇرۇم بولۇپلا نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كېتىپ، يەنە ئۆزىنىڭ گۈزەل بېغىغا قايتىپ كەلگەن قۇشلاردەك شۇنچىلىك ئازادە، شۇنچىلىك تەبىئىي، شۇنچىلىك بەختىيار ئىدى. شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئالتۇن نۇرغا چۆمۈلگەن زەر قاسراقلىق بۇ زېمىننىڭ ھەربىر غېرىچ يېرى « خوش كەلدىڭ! يۇرت ئوغلى! » دەپ خىتاب قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلھام نۇرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە چاچماقتا ئىدى. ئەلمىساقتىن بۇيان بۇ زېمىننىڭ قىممىتى ئۆز ئوغلانلىرىنىڭ روھىدا چاقناپ كەلگەن بولسا، ھازىر مەسئۇت سابىرىنىڭ روھىدا ئاجايىپ ئىلھام بۇلاقلارنى ئاچقان ۋە قەلبىدىكى ئورنى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئاشقان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇ، ئاتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئەتىدىن باشلاپ قىلىدىغان ئىشلىرى توغرىسىدا پىلانلارنى تۈزۈشنى باشلىۋەتكەن ئىدى. ئەمما ئۇ يېزىدىكى مەكتىپى بىلەن نۇرتاينىڭ ئەھۋالىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش بىلەن تەڭ، ئىستانبۇلدىكى چاغدا زىيا گۆكئالپ ئېيتقان مۇنۇ سۆزلەر زېھىندە بىر- بىرلەپ كېزىشكە باشلىدى:«ئاتا تۇپراقلاردىكى تۈركلەر ئۇزۇن مەزگىللىك ئاسارەت ئاستىدا قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار دەماللىققا قولىغا قورال ئېلىپ، دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلىشقا جاسارەت قىلالماسلىقى ۋە بۇنىڭغا يېتەرلىك شارائىتمۇ يوق بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى دۈشمەنلەر يول قويغان چەك –  چېگرا ئىچىدە ياشاشقا كۆنگەن ئىنسانلار بولغاچقا، ئۇلارنى تېزلا ئەسلى ئۆزلۈكى قايتۇرۇش  خۇددى قېرى بۈركۈتنىڭ ئۆز تۇمشۇقىنى چىقىپ تاشلاپ، يېڭى تۇمشۇق چىقارغىنىدەك مۇشەققەتلىك. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ روھىنى چىرمىۋالغان قالاق ئەنئەنىلەرنى، قاشاڭلىقنى، قورقۇنچاقلىقنى يوقۇتۇپ، روھىدا ئەسلىدىلا بار بولغان ئۆزلۈكنى يەنى تۈركچىلىك ئىدىيەسىنى تىرىلدۈرۈش گوياكى بۈركۈتنىڭ يېڭى چىققان تۇمشۇقى بىلەن كونا ۋە ئۇپراپ كارغا كەلمەس بولۇپ كەتكەن تىرناقلىرىنى يۇلۇپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭى تىرناق چىقارغىنىدىنمۇ قىيىن ۋە جاسارەت تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش. چۈنكى بۇنداق ئىنسانلار ۋاقىتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆتۈشى بىلەن ئاشۇ ھۆكۈمرانلار بەلگىلەپ بەرگەن دائىرە ئىچىدە پائالىيەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىگە ئوخشىمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى سەزمەيدىغان بولۇپ قالغان. مۇنداق ئاۋام پۇقرا كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە، نامراتلىق ۋە نادانلىقنىڭ رەھىمسىز تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئېزىلىپ، ئەسلىدىن تەدرىجىي يىراقلىشىپ، ئەسلىگە تامامەن ياد بولغان باشقا بىر ئۆزلۈكنى ئۆزىگە ئۆزلۈك قىلىپ قوبۇل قىلىپ، يېڭى بىر ئۆزلۈك ياراتقان. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار يادلار تەرىپىدىن بەلگىلەپ بەرگەن دائىرە سىرتىغا چىقىپ ئەركىن پائالىيەت قىلىشقا، ئەركىن تەپەككۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا جۈرئەت قىلىپ قالسا، ئۆزلىرىنى دەھشەت بىر پالاكەت باسىدىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ ۋە بېقىندىسىزلىققا ئىگە، ئەركىن ھاياتنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاپەت دەپ بىلىدۇ. يەنى قاراڭغۇ غاردا ياشىغان ئادەم، قاراڭغۇلۇققا كۆنۈپ قىلىپ، بىردىنلا يورۇقلۇققا چىقسا كۆزى كور بولۇپ قالىدىغاندەكلا بىر ئىش بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق بىر قوۋم ئەركىن ۋە مۇستەقىل بولۇپ قالسا ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا بالايى ئاپەت ياغىدىغاندەك ئەنسىرەپ، قورقۇنچ ئىچىدە  قالىدۇ. ئۇلار مۇستەقىل، ئەركىن بىر ھاياتتا ياشىغاندىلا ياخشى بىر تۇرمۇشقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايدۇ. دەرۋەقە، ئۆزلىرىنى ئۇزۇن مەزگىل باشقۇرغان، ئۆزلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن تاجاۋۇزچىلارغا بولغان ھەيرانلىق ۋە ئۆزلىرىدە شەكىللەنگەن قۇللۇق ئىدىيە ئۇلارنى شۇنداق بولۇش يولىغا باشلىغان. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بېقىندىچىلىق مودېلىنى ياراتقان. بېقىندىچىلىق مودېلى پەقەت ۋە پەقەتلا ئۆزلۈك ئاڭ – سېزىمىنىڭ تەدرىجىي يوقىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن. دەرۋەقە، بۇ خىل تىراگېدىيە ئۇلارنى، ئۆز تۇپراقلىرىدا ھاكىم تۇرۇپ مەھكۇم بولۇپ قالىدىغان ۋە كۈچلۈك تۇرۇپ، موھتاجلىق ئورنىغا چۈشۈپ قالىدىغان ھالغا ئەكېلىپ قويغان. دەسلەپتە بۇ خىلدىكى ئاۋام پۇقرالار ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشلىرىنى كاپالەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ھۆكۈمران مىللەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىپ، ئۇلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ، تەقلىدچىلىك قىلىشقا باشلايدۇ. كېيىن تەقلىدچىلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشى نەتىجىسىدە، بۇ خىل ھالەت ئۇلارنىڭ روھىغا تەسىر قىلىپ، ئۆزلۈك ئېڭىنى يوقۇتۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە تامامەن ياد بولغان بېقىندىلىق كىملىكى ئىگىلەيدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا شۇ ئاۋام خەلقنىڭ ئىچىدىكى ئەسلى ئۆزلۈكىنى تېخى يوقاتمىغان ئەس-ھوشى جايىدا بولغان بىزدەك ئايدىڭ زىيالىيلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتقان ئاۋام پۇقرانى ئويغىتىشقا، كۆيۈشۈپ قالغان زېھنىنى غىدىقلاپ تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئۇلارنى ئەسلى ئۆزلۈككە قايتۇرۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. مانا بۇ ئىشلار ئالدى بىلەن مائارىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇنداقلا ئەسلى ئۆزلۈككە قايتقان ئاۋام پۇقرانىڭ قولىغا قورال تۇتقۇزۇپ، دۈشمەنگە قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشىگە چاقىرىق قىلىش ئاسانغا توختايدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ قەۋمدە مۇشۇنداق بىر ئويغىنىش، بىر كۈچ ۋە جاسارەت بولمىسا ئەبەدىي ھۆكۈمران مىللەتلەرنىڭ قولىدا قۇل بولۇپ ئۆتىدۇ، ھۆكۈمرانلارنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ – دە، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىدىن، مۇستەقىللىقىدىن مەڭگۈ مەھرۇم قالىدۇ. شۇ ۋەجىدىن زىيالىي ئايدىڭلار ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىي، ئەدەبىياتى، پەلسەپەسى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆز خەلقىگە ئۆگىتىشكە كۈچ چىقىرىشى لازىم. بۇ ساھەدە ئانا تىل مائارىپىنى، ئانا تىلدىكى نەشرىياتچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ بۇ ئارقىلىق مىللىي ئۆزلۈكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مىللىي روھنى تىرىلدۈرۈشكە ئاتلىنىشى كېرەك. ئۆز تارىخىنى، ئۆز ئەدەبىياتىنى، ئۆز پەلسەپەسنى يوق ھېسابلىغانلار ۋە ياكى ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلەر ۋە بۇلارنى پۈتۈنلەي قارىغۇلارچە رەت قىلغانلار ئۆز – ئۆزىنى رەت قىلغانلار بولۇپ ھېسابلىنىپ، تارىخ سەھنىسىدىن مەڭگۈ ئۆچىدۇ. مانا بۇ بىر مىللەتكە قىلىنغان ئەڭ چوڭ خائىنلىق، ئۆز ئەنئەنىسىگە ئۆز قولى بىلەن پالتا ئۇرغانلىق.«

مەسئۇت سابىرى بولسا زىيا گۆكئالپنىڭ ئەنە شۇ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ۋە پەندىن نەسىھەتلىرىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرى كاللىسىدا تېخىمۇ روشەنلەشتى ۋە زىيا گۆكئالپنىڭ مۇنۇ جاراڭلىق نىدالىرى قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىدى«زىيالىيلار بۇ مىللەت ئۈچۈن بىر ئۈمىد نەزەرىيەسى تىكلىشى ياكى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم. شائىرلار بۇ مىللەت ئۈچۈن بىر ئۈمىد ناخشىسى يېزىپ چىقىشى كېرەك. يازغۇچى ۋە پەلسەپەچىلەر بۇ مىللەتنىڭ قەلبىگە مەنىۋى تۈرك بولىدىغان ئۈمىد كىتابلارنى روياپقا چىقىرىشى كېرەك. ئۈمىد تاشقى كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئۆز ئالدىغا تەسىر كۈچكە ئىگە مەنىۋى قۇۋۋەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ۋە سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ۋە تايىنىش بىلەن بىرگە ئۆزىمۇ تايانچ كۈچكە ئايلىنىدۇ.«مەسئۇت سابىرى يېزىدا ۋە بۇ يولدا نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈۋاتاتتى. بولۇپمۇ نۇرتاي ۋە ئانا مەكتىپىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇنىڭ ئىچىنى پىچاق بىلەن قوچۇغاندەك قوچۇپ ئاغرىتىۋاتقان ئىدى. ئۇ، شۇلارنى ئويلىغىنىدا ئۆز مىللىتىنىڭ روھى دۇنياسىدىكى گۈل – گىياھلارنىڭ چىرمىشىپ كەتكەن يىلتىزى كاردىن چىقىپ، ئورنىنى سېرىق يوگەي بېسىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەندەك ھېس تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئىدى. مەگەر گۈل – گىياھلار بولمىسا بۇ يەرلەر شورتاڭلىققا ئايلىنىپ، كېرەكسىز تۇپراق بولۇپ كەتكىنىدەك، ھەر بىر ئىنسان پەقەت بىرلا قېتىم ياشايدىغان بۇ ھاياتلىق ئالىمىدە، روھى دۇنياسى ياشناپ تۇرمىسا، ئادەم شور پېشانە بولۇپ قىلىپ، ئۆز ئازابىنى كۆرەلمەي، ئۆزىنى ئۇنتۇپ، بىر ئۆمۈر سەرخۇشلۇقتا ياشاپ، پۈتۈنلەي تۈگىشىپ كېتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قانداق بىر ھاياتتا ياشاۋاتقانلىقىنى، قانداق بولۇپ بۇنداق پاتقاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىنىمۇ تۇيماي، ئۆلۈپ كېتىدۇ.ئەمما مەسئۇت سابىرىدەك، ئابدۇراخمان شاھىدىدەك سىرتتا ئۇزۇن يىللار تۇرۇپ كەلگەن ئادەملەر، بۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى بىر قاراپلا پەرق ئېتەلەيدۇ. بولۇپمۇ ۋاقىتنىڭ قانداق تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى دېھقانلارغا قارىغاندا ناھايىتى روشەن پەرق قىلالايدۇ. ئۇلار تولا جاي تېگىشتۈرۈپ، جاھان كەزگەن بولغاچقا، كۆرگەن نەرسىلىرىنى بىر- بىرسىگە سېلىشتۇرۇپ ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئادەملەر جۈملىسىدىندۇر. دەرۋەقە، ئۇلار نېمىنىڭ نېمىگە ئۆزگەرگەنلىكىنى روشەن رەۋىشتە بايقىيالايدىغان قابىلىيەتنى ئۆزلىرىدە يېتىشتۈرگەن. دېھقانلار بولسا ئەتىدىن كەچكىچە ئوخشاش بىر يەردە ئوخشاش بىر ئىشنى قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەمدە ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى كۈندە كۆرۈپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ كۈندىن – كۈنگە قېرىپ، چىرىپ تۈگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ پەرق ئېتەلمەيدۇ ۋە پۈتۈن ئالەمنى ئۆزى تۇرغان ئاشۇ يېزىدەك بىلىدۇ، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا ئوخشاش دەپ قارايدۇ. ھېچبىر زامان، ھېچبىر ماكان دېھقان تائىپىگە ئۆزلىرىنى باشقىلارغا، ياشاۋاتقان جايىنى باشقا يەرگە سېلىشتۇرۇش پۇرسىتى بەرمىگەن.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top