You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (24)

مەسئۇت ئەپەندى (24)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مەسئۇت سابىرى چەتئەلدە ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئون يىلدەك ئۇزۇن بىر زامان ئىچىدە ئۆز ئالدىغا ياشىغان ۋە نۇرغۇن جايلارنى كۆرگەن بولغاچقا، ئۆز يۇرتىنى باشقا يەرلەرگە سېلىشتۇرۇپ كۆزى ئېچىلغان. ئۇ ۋاقىتنىڭ شۇنچىلىك تېز ئۆتىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى شۇنچىلىك ياخشى بىلىدۇ. ھەم بۇ يەرلەردىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى تونۇپ يېتەلەيدۇ، شۇنداقلا ۋاقىتنى ۋە ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدى ۋەتەن ۋە دۆلەتنىڭ يىراقتىكى غايىۋى ماكاندا ئەمەس، بەلكى تاپىنىڭنىڭ ئاستىدىكى مۇشۇ زېمىندا ۋە ئىلكىدىكى پۇرسەتتە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. دەرھەقىقەت ۋەتەن ھەر بىر كىشىنىڭ تەقدىرىدە!  بىلىم ۋە ئىلكىڭدىكى كۈچ، ئۆزۈڭدىكى ئىرادە، تىرىشچانلىق ۋە ئېتىقاد سېنى غالىبىيەت يولىغا باشلايدىغان رەھنامە !

مەسئۇت سابىرى شەھەرگە يېقىنلاشقانسېرى چەكسىز خىيال دېڭىزىدىن ئۈزۈپ چىقىپ،  ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان يېشىل زېمىنغا يەنە بىر قېتىم سىنچىلاپ نەزەر سالدى. بۇ ئانا تۇپراق ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى. شۇ سەۋەبتىن دېھقانلار بۇ تۇتىيا تۇپراقلاردىن مېھرىنى ھېچ ئۈزمىگەن. بۇ تۇپراقلار ئۇلارنىڭ ئۈمىدى، روھى، بۇ يەرلەردە ئۆسكەن ھەربىر گىياھ ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان نېمەت. دەرۋەقە، مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدى بۇ مېھنەتكەش ئاۋام پۇقراغا ھېسداشلىق قىلىشى، ئۇلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم قىلىشى كېرەك. پەزىلەتلىك ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەم، ھامان ئۈمىدىنىڭ ۋىسالىغا يېتىدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق ئۈمىد بۇ ئالەمنى بىۋاپالىقتىن خالاس قىلىۋېتىدىغان تۇتىيا ئەمەس.

كۈن ئەسىرگە ئاز قالغاندا غۇلجا شەھىرى ئېگىز دۆڭلۈك ئۈستىدىن باراقسان ئورمانلار ئارىسىدا ياپيېشىل بوستانلىقتەك كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەسئۇت سابىرى ئېيتقۇسىز ھاياجان ئىچىدە «ئەي گۈزەل غۇلجام مەن كەلدىم، مەن سېنىڭ بىلەن مەڭگۈگە بىللە!»دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن كەچۈردى. ئەنە غۇلجا ئاسمىنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك سۈزۈك، ئەتراپتىكى باغلار سالقىن ۋە پۇراقلىق، قۇشلىرى يەنىلا تىنىمسىز شوخ، قورۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى باغلارنىڭ تاملىرى يەنىلا پاكار، مېۋىلىك كۆچەتلەر يەنىلا بۇرۇنقىدەك چېچەكلىگەن. ئەمما، ئادەملىرى بۇرۇنقىدىن ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى. خۇددى نۇرتايغا ئوخشاش بارلىق ئادەملەر ئۆز يېشىغا نىسبەتەن بەكرەك قىرىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. كوچىدىكى ئۆز دېمەتلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك كۆز قۇيرۇقلىرىنى چوڭقۇر قورۇق قاپلىغان، ئىككى قوۋۇزى ئولتۇرۇشقان، قارا كۆزلىرى شۇنچە غەمكىن، ئاۋاق يۈزلىرى شۇنچىلىك مىسكىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ ھاللارنىڭ مەسئۇت سابىرىنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئابدۇراخمان شاھىدى بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، مەسئۇت سابىرى بىلەن خوشلىشىپ، ئېتىنىڭ تىزگىنىنى ئۆيى تەرەپكە بۇراپ، پىرقىراپ يۈرۈپ كەتتى. مەسئۇت سابىرى بولسا يولىنى ئۆزگەرتمەي شۇ تەرىقىدە ئۇدۇللاپ مېڭىپ، مەسچىتنىڭ مۇنارىدىن ئەسىر نامىزى ئۈچۈن ئېيتىلغان ئەزاننىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندا، مەھەللىسىنىڭ كوچا ئېغىزىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى.

مەجنۇن پادىچى سىياقىدا ياسىنىپ، لەيلىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئۇنىڭغا سايە بولغان ئىككى تۈپ دەرەختەك، ئىشىك ئالدىدىكى ئىككى تۈپ سېدە دەرىخى يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. دەل شۇ چاغدا ياندىكى قورۇدىن سۇمباتلىق بىر ئايال ئالتە ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالىنى يېتىلەپ چىققان پېتى مەسئۇت سابىر تەرەپكە قاراپ مېڭىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ، ئەمدى دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ، ئېتىنىڭ تىزگىنى تۇتقان ھالدا ئالدىغا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئۇزۇن بىر يولدىن كەلگەنلىكى ئۈستبېشىدىن روشەن رەۋىشتە چىقىپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ ئايال يېقىنلاشقاندا مەسئۇت سابىرىنى دەرھال تونۇدى. مەسئۇت سابىرىمۇ ئايالنى تونۇغان ئىدى. بۇ ئايال دەل قوشنىسى ئاسىيە ئىدى. ئۇلار ناھايىتىمۇ قىزغىن سالاملاشتى. ئاسىيەنىڭ ئوتتۇرىچە خۇش پىچىم قەددى – قامىتىگە ئۇششاق گۈللىرى سەل ئۆڭۈپ كەتكەن كۆڭلىكى شۇنچىلىك ياراشقان ئىدى. سېرىس ياغلىقىدىن تېقىمىغىچە سىيرىلىپ چۈشكەن سۇمبۇل چاچلىرى يەنىلا بۇرۇنقىدەك تۈندەك قارا ئىدى. بۇرۇنقى يالتىراپ تۇرغان قارا كۆزلىرى سەل نۇرسىزلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كۆزلەر لاپپىدە قىلىپ مەسئۇت سابىرىنى باشتىن بويغا بىر قاراشقا دەرھال ئۈلگۈرگەن ئىدى. مەسئۇت سابىرى ئىككى ئايدىن بېرى يول ئۈستىدە بولغاچقا ئۈستبېشىدىكى كىيىملىرىنىڭ ئىسكەتى قالمىغان ئىدى. دەرۋەقە، ئاشۇ ئىسكەتسىز كىيىملەرنىڭ ئىچىدە ئاجايىپ بىر قەد – قامەتلىك گەۋدىنىڭ تۇرغانلىقى ئاسىيەنىڭ قارا كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئاسىيە ئۇنىڭ ئون يىلنىڭ ئالدىكىدەكلا چىرايلىق تۇرغانلىقىنى، پەقەت ھازىر تېخىمۇ تولۇپ، سالامەتلىك بىر ئادەم بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، سەل ھىتىقىغاندەك قىلىپ، قىسقىلا ئەھۋاللاشتى.

ئاسىيەنىڭ قۇدۇقتىكى سۇغا قارىغاندەك قاراشلىرى بولسا، بەجايىكى ئاشۇ قۇدۇق ئىچىدىكى تىپتىنچ سۇدەك شۇنچىلىك سۈزۈك، شۇنچىلىك پاك، شۇنچىلىك  باي مەنىنى بىلدۈرۈشتىن ۋاز كېچەلمىگەن ئىدى. يەنە بۇ قاراشلار خۇددى بىر تاشنى قۇدۇققا ئاتسا، پولتۇققىدە ئاۋاز چىقىپ ۋە ئەتراپقا چەمبەرسىمان دولقۇنلار تارالغىنىدەك، مەسئۇت سابىرى بىر گەپنى ئوشۇق قىلىپلا قويسىلا بار ئاۋازى بىلەن نالە قىلىدىغاندەك ۋە بۇ ئاۋاز دولقۇنلىرى ئەتراپقا يېيىلىپ، پۈتۈن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىۋېتىدىغاندەكلا تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقلارنىڭ ئۆتكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى. ئاسىيە مەسئۇت سابىرى بىلەن دەرھال خوشلاشقاندىن كېيىن، بالىسىنى يېتىلىگەن پېتى، يەردىن كۆزىنى ئۈزمەي ئىتتىك يۈرۈپ كەتتى. مانا بۇ ھاللاردىن ئوڭايلا قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، ئاسىيە يۈرىكىنىڭ شۇنچىلىك دۈپۈلدەپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قورقۇپ ئىنتايىن دەكە – دۈكىگە چۈشۈپ قالغاندەكمۇ قىلاتتى. دېمەك، ئايالنىڭ بىغۇبار قەلبىدە ئۆتمۈشتىكى ئاشىقسىز بىرىنچى مۇھەببەتنىڭ گاھ تۇتۇق، گاھ ئېنىق ئىزلىرى قالغان ئىدى. دەرۋەقە، مەسئۇت سابىرى، ئاسىيەگە بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك خۇش مۇئامىلەدە بولغان ئىدى. ئۇنىڭ مۇئامىلىسى شۇ قەدەر مۇلايىم بولدۇكى، بۇ ئەھۋال ئاسىيەنىڭ دەكە – دۈكىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى بولغاي، چىرايىدا، گوياكى يېنىك بۇلۇت سايىسى چۈشكەندەك بىر خىل ئالامەت ئىپادىلەنگەن ئىدى. ۋەھالەنكى، ئۇ ئەرلەردەك ھېچنېمىنى كۆرمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئەتراپقا ياكى ئۇدۇلىغا قاراپ ماڭمىدى ۋە چىرايىدە ئىپادىلىنىۋاتقان ھېسياتلىرىنىمۇ يوشۇرالمىدى. ئۇ ھازىر ئۈچ پەرزەنت كۆرگەن ئاددىي ئانا ئىدى. ئاددىي بولغان ھەرقانداق مەۋجۇدات ھامان مۇكەممەل بولىدۇ. شۇڭا ئۇمۇ مۇكەممەل بىر ئانا!. ئەنە شۇ ساختىلىقتىن خالى بولغان مۇكەممەل ئانا، تۇپىلىق يولدا ئوغلىنىڭ قولىنى چىڭ قىسقان پېتى شۇنچىلىك تېز قەدەم ئېلىپ، تۇرمۇشلۇق بولغان ئۆيىگە قاراپ قاراپ كېتىپ باراتتى. ئارقىسىدىن قاراپ تۇرغان مەسئۇت سابىرى ئەنە شۇ ئانىنىڭ تولغان تۇرقىغا ئەپۇ سوراۋاتقان قىياپەتتە بىر كۆز ئاتقاندىن كېيىن ئاستا ئۆي تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە سابىرى ئائىلىسىنىڭ ئىشىك ئالدىدا پەيتونلار، خادىك ھارۋىلار ۋە ئېگەر – جابدۇقلىرى توقۇلغان ئات – ئۇلاغلار قاتار بولۇپ تىزىلىپ كەتكەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە سەھرادىن كىرگەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان ھارۋىلارمۇ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. قورۇنىڭ ئىچى نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن تولغان ئىدى. چۈنكى بۇ قورۇدا مەسئۇت سابىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاتا – ئانىسىنىڭ روھىغا ئاتاپ ئۇرۇق – تۇغقان ۋە يۇرت چوڭلىرىنى چاقىرىپ نەزىر ئۆتكۈزگەن ئىدى. يەنە ئۇ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئون يىل ئايرىلغان ئەل – جامائەت بىلەن تونۇشۇپ، ھال -ئەھۋاللىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. نەزىردە ئاش – تائاملار تارتىلىپ، دۇئا – تىلاۋەتلەر قىلىندى، بارلىق دىنىي رەسىم – قائىدىلەر تولۇق ئورۇنلىنىپ بولغاندىن كېيىن، يۇرت چوڭلىرى بىلەن قىسقا سۆھبەتلەر بولدى ۋە مەسئۇت سابىرى ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلىرىنى يۇرت چوڭلىرىغا پۇرۇتۇپ ئۆتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە زور كۆپچىلىكى مەسئۇت سابىرىنىڭ شىپاخانا ۋە مەكتەپ ئېچىش پىلانلىرىنى جان دىللىرىنى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. شۇنداق قىلىپ پېشىن نامىزىدىن ئاۋۋال نەزىر مەرىكىسىگە ئىشتىراك قىلغۇچىلار تەل – تۆكۈس قايتىپ كېتىشكەن ئىدى. قورۇنىڭ ئىچىدە پەقەت يىراق – يېقىندىن كەلگەن ئۇرۇق – تۇغقانلارلا قالغان ئىدى. ئاياللار بولسا قاچا – قومۇشلارنى يىغىشتۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ، ھەر كىم ئۆز ئىشلىرى بىلەن پاي – پېتەك بولۇپ يۈرەتتى. مانا مۇشۇلارنىڭ ئىچىدە زەيناۋىددىنىڭ ئايالى، مەسئۇت سابىرىغا تولا گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىگە مۇھەببەتنىڭ ئوتىنىڭ ئۇچقۇنىنى سېلىشقا سەۋەب بولغان قىزمۇ بار ئىدى. بۇ قىزنىڭ ئىسمى سارا بولۇپ، ئېگىز بويلۇق، يېشىغا باققاندا بەستى قاۋۇل كەلگەن قىز ئىدى. ئاق يۈزلۈك نەپىس چېھرىسىدىن نۇر يىغىپ تۇراتتى، ئاشۇ نۇرلۇق يۈزىنى تەكشى ئوراپ تۇرغان تۇرغان زەڭگەررەڭ ياغلىقىدىن چىقىپ تۇرغان قارا چاچلىرى  ياغلىقىنىڭ چۇچۇلىلىرى بىلەن بىرگە كەڭ مۈرىلىرىدە دولقۇنلاپ چېچىلىپ تۇراتتى.

ۋەھالەنكى، سارا كۆكرىكىنى ئىچىگە تارتىپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، قارا ئەتلەس كۆڭلىكىنىڭ ئاق گۈلىنى كۆپتۈرۈپ تۇرغان ئاپرۇت ئالمىدەك ئىككى كۆكسى قىزنىڭ مەغرۇر قىياپىتىنى روشەن رەۋىشتە نامايان قىلىپ، تېخىمۇ سەلتەنەتلىك، تېخىمۇ جەزبىدار، تېخىمۇ سىرلىق قىلىۋەتكەن ئىدى. سارا ئۆزىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەنلا قالماي، بەلكى يەنە ئالاھىدە كۆركەم كىيىنگەن بولۇپ، كۈلرەڭ پايپاق كىيگەن ئاجايىپ سۇمباتلىق پاقالچاقلىرى ئاستىدا ۋاسكىلاپ پاقىرتىۋەتكەن كەرشىنىۋاي توپلىيى ۋال – ۋۇل يالتىراپ، مەسئۇت سابىرىنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئىدى. چۈنكى مەسئۇت سابىرى يەڭگىسى تولا ماختاپ ئۇچۇرۇۋەتكەن ئاشۇ ساھىبجامال سارانى شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە يىراقتىن كۆزىتىپ تۇرۇۋاتاتتى. پېشايۋاندا داستىخانلارنى يىغىشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىش قىلىۋاتقان سارامۇ پۇرسەت تاپسىلا مەسئۇت سابىرىغا چاقتۇرماستىن بىر قارىۋېلىشنى قولدىن بەرمەيۋاتقان ئىدى. ئەسلىدە زەيناۋىددىنىڭ ئايالى مەسئۇت سابىرىنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت ئوتىنى تۇتاشتۇرغان چوغنىڭ بىر پارچىسىنى سارانىڭ ئېتىكىگىمۇ تاشلاپ قويغان ئىدى.

مەسئۇت سابىرى بولسا، رەسىم – قائىدىلەرگە مەجبۇر بوي سۇنۇش يۈزىسىدىن ئۆيلىنىدىغان ئوغۇل بالىلار خېلىدىن ئەمەس ئىدى. پەقەت ئۆزىنىڭ قىزغا كۆڭلىنىڭ بارلىقىدىن ئەمىن بولۇشى لازىم ئىدى. ئەمما، ئۇ ھازىر قىزنى يىراقتىن كۆرۈش بىلەنلا ئاشىق بىقارار بولۇپ بولغاندەك قىلاتتى. قىز ئۆزىنىڭ گەۋدىسىگە باققاندا ناھايىتىمۇ مۇلايىم، ئېغىر – بېسىق كۆرۈنەتتى، ئەمما ئىش قىلغاندا ھەرىكەتلىرى چاقماقتەك چاققان ئىدى. ئۇ، ئەمدى پېشايۋانغا قويۇلغان ئۈستەلنىڭ يېنىغا كېلىپ، يۇيۇلغان قاچا -قۇچىلارنى سۈرتۈپ دەستىلەشكە باشلىدى. جانان تاۋاقلارنى ئەپچىللىك بىلەن سۈرتىۋاتقان سارانىڭ ئۇزۇن نازۇك بارماقلىرى گوياكى قەدىمكى يۇناننىڭ ماھىر ھەيكەلتىراش ئۇستىلىرى چېۋەر قوللىرى بىلەن يونۇپ چىققان ئانا ئىلاھلارنىڭ نازۇك بارماقلىرىدەك ھېچ ئەيىبى يوق ئىدى. ئەنە شۇ چېۋەر بارماقلار ھەر خىل، ھەر رەڭدىكى قاچا -قۇچىلارنى سۈرتۈپ، ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە دەستە – دەستە قىلىپ تىزىۋېتىپ باراتتى. جەينەكلىرىگىچە يالىڭاچلانغان ئاپتاپتا كۆيگەن قوللىرى ھاياجاندىن تىترىگەن ھالدا تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى. نېرىدىكى پاسىل تامنىڭ يېنىدا قاراپ تۇرغان مەسئۇت سابىرىغا، سارانىڭ شۇ تاپتىكى ھەر بىر ھەرىكىتى ۋە چېھرىدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشلەر خۇددى پۇختا سىزىلغان مەنزىرىلىك رەسىمنىڭ رەڭ – بوياقلىرىدەك شۇنچىلىك روشەن رەۋىشتە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ، قىزغا شۇ قەدەر مۇھەببەتلىك ھېسسىيات بىلەن قاراۋاتاتتىكى، خۇددى قىزنىڭ يۈزىدىن رەڭگارەڭ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقاندەكلا كۆرۈنۈپ كېتىۋاتقان ئىدى.

مەسئۇت سابىرى، تا بۈگۈنگە قەدەر بىر قىزغا بۇنداق يىراقتىن ۋە ياكى يېقىندىن تىكىلىپ قاراپ باقمىغان ئىدى. ھەمدە تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمىغان بۇقەدەر گۈزەللىكنى تېخى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ تۇرۇۋاتاتتى. قىزلار بەخش ئېتىدىغان مۇنداق سىرلىق تۇيغۇنى ئۆز ۋۇجۇدىدا بىرىنچى قېتىم مۇشۇ دەقىقىلەردىلا ھېس قىلىۋاتقان ئىدى. ئۇ، تىت – تىت بولغان ھالدا ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن قىزغا تەلمۈرۈپ قارايتتى ۋە سارانىڭ ئۆزىگە قارىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، قىزنىڭ كۆزلىرىدىن جاۋاب كۈتەتتى. ئەمدى ھەددىدىن ئارتۇق ئېھتىياتچانلىق قىلىپ، دەككە – دۈككىلىك ئىچىدە ھېچقانداق بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي ئولتۇرغاندىن كۆرە، ئوغۇل بالا بولغاندىن كېيىن «ئاللاھ كېرىم!»دەپلا، قىزنىڭ يېنىغىراق بېرىپ، بىر باھانە تېپىپ، ئەڭ بولمىغاندا يۈزمۈيۈز تۇرۇپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش جاسارىتىگە كەلدى. دەل بۇ چاغدا سارامۇ ئۇنىڭغا قارىغان ئىدى. ئىككى كۆز ئۇدۇلمۇئۇدۇل كېلىپ ئۇچراشتى، سارانىڭ قارا كۆزلىرىدىكى ھاياجاننى بوستان كىرپىكلىرىمۇ يوشۇرۇپ قالالمىغان ئىدى. ساددا ۋە تەبىئىي قىياپەتتە تۇرغان قىزنىڭ ياڭاقلىرى ئوت ئالغاندەك قىزىرىپ كەتتى ۋە دەرھال كۆزىنى قاچۇردى.

دەرۋەقە، ئۇ كۆزلەرنىڭ ئىچىدە مەسئۇت سابىرىغا بولغان ئىشقى – مۇھەببەت بار ئىدى. قىزلارغا خاس بۇ نومۇسچان ھاللار مەسئۇت سابىرىغا مىسلىسىز تەسىر كۆرسەتتى. مەسئۇت سابىرىنىڭ شادلىقتىن نۇرلانغان ئوچۇق چىرايىمۇ ئاجايىپ جەلپ قىلارلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى. كۆزلىرىنىڭ ئوتلۇق بېقىشلىرى ۋە قەلبلىرىدىكى شېرىن تۇيغۇ ئۇلارغا پۈتۈن دۇنيانى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلدۇرغان ئىدى، ئىككىلىسىنىڭ كۆڭۈل رىشتىسىنىڭ تارىلىرى بىرلىكتە تەڭلا تىترىگەن ئىدى. ئىككى ياشنى تەڭلا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقان ئىچكى ھېسسىياتلار شۇ قەدەر جۇشقۇنلۇق ئىدىكى، بۈگۈنكى مەرىكىنىڭ خاسىيىتىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۇچرىشىشى تاسادىپىيلىقتىن يىراق ئىدى. بۈگۈنكى قايغۇلۇق ھېسسىياتنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلگەن مۇھەببەت ئىشقىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، مەسئۇت سابىرى قىز تەرەپكە قاراپ قەدەم تاشلىدى. دەرۋەقە، بىر قىزنىڭ كۆڭۈل ھۇجرىسىغا كىرىش  مەسئۇت سابىرىغا بۈگۈن نېسىپ بولغان ئىدى. ئەمدى گەپ ئاشۇ كىرگەن كۆڭۈل ھۇجرىدا مەڭگۈلۈك قىلىشتا قالدى. ئۇ، پېشايۋان تەرەپكە قاراپ ماڭغاندا قوشنىسىنىڭ قۇرۇپ كەتكەن يازلىق لىمون ئالمىسىنىڭ شاخلىرى ئارىسىدا قاراپ تۇرغان قۇياش ئۆزىنىڭ ئوتلۇق مېھرىنى ئەتراپقا چېچىپ تۇراتتى.

ھەقىقەتەن، بۇندىن كېيىنكى ھايات مۇساپىسىدا سارا بارلىقىنى مەسئۇتقا بېغىشلاشقا، پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىشقا تەييار ئىكەن، مەسئۇتمۇ سارانى يالقۇنلۇق يۈرەكتىن قەدىرلىشى كېرەك! سارا ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەم خانىش، ھەم ئايال! سارانى ئۆمۈر بويى سۆيۈش، ئىززەتلەش ئۈچۈن بەلكى مەسئۇتنىڭ پۈتۈن قەلبى ئازلىق قىلىدىغاندۇ. شۇ ۋەجىدىن پۈتۈن روھى بىلەن سۆيىدۇ.بۇنىڭغا ئوقۇرمەنلەر ھەم ئىشىنىدۇ. ھاياتتا ھەر بىر كىشىنىڭ روھىدا ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ تىندۇرمىسى ۋە جەمئىيەت تارىخىنىڭ مەزمۇنى ھەمدە مائارىپ تەربىيەسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. بىر كىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە پەزىلىتى ھايات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە مۇھىت، ئائىلە تەربىيەسى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مائارىپ تەربىيەسى بىلەن بىرلىكتە شەخسىي سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق شەكىللەنگەن بولىدۇ.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top