You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (26)

مەسئۇت ئەپەندى (26)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئەخمەت كامال ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ، قەشقەر دىيارىغا قەدەم بېسىش بىلەن تەڭ، كۆز ئالدىدا تاشلىنىپ تۇرغان خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆرۈپ، چۆچۈپ كەتكەن. ئەينى زامانلاردا مەدەنىيىتى گۈللەپ ياشنىغان، نەچچە ئەسىر سەلتەنەت سۈرۈپ جاھان سورىغان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان بۇ شەھەرنىڭ خارابىلىق ئىچىدە قالغانلىقىنى، ئاۋام خەلقىنىڭ ئىلىم – مەرىپەتتىن يىراقلىشىپ، شۇنچىلىك نادان، شۇنچىلىك زەبۇن ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆزلىرىگە ئىختىيارسىز ياش ئالغان.

ئاز ۋاقىت ئۆتە – ئۆتمەيلا ئەل – يۇرتنىڭ ھالىدىن تولۇق خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، شۇنچە تەھدىتلەرگە پىسەنت قىلماي، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ماكانى بولغان ئاتۇش دىيارىدا «ھەبىب زادە دارىل مۇئەللىمىن مەكتىپى» نى قۇرۇپ چىقىپ، ياش يىگىتلەرنى مۇئەللىم قىلىپ يېتىلدۈرۈپ چىقىشقا باشلىغان. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە، ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن. ئوقۇغۇچىلار قەشقەر دىيارىدىن ھالقىپ، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ دىيارلىرىدىن كېلىپ ئوقۇيدىغان بولغان ۋە مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياش مۇئەللىملەرنى شۇ دىيارلارغا بېرىپ ئۆسمۈرلەرنى يىغىپ ئوقۇتۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

ئۇ، ھەقىقى ئەركىنلىكنىڭ ئاچقۇچى ئىلىم – مەرىپەت دەپ قارىغان بولغاچقا، ئۇسۇلى جەدىد بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا پەننىي بىلىملەرنى ئۆگەتكەن. بۇ ئارقىلىق خەلقنى ئىلىم – مەرىپەتنى سۆيىدىغان، كىتاب ۋە يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان قىلىپ تەربىيەلەشكە يېتەكلىگەن ۋە پۈتۈن ياشلارنى يېڭىچە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرگەن. دەرۋەقە ئۇ،خۇددى پەيلاسوپ نىتچې :«قاسرىقىنى يېڭىلىمىغان يىلان ئۆلۈمگە مەھكۈمدۇر. بۇ ھال، تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمىگەن ئىنسانلارغىمۇ ماس كېلىدۇ» دېگىنىدەك، بۇ مىللەت ئەمدى ئۆزىنى تېگىشتۈرمىسە، ئاڭ – سەۋىيەسىنى ئۆستۈرمىسە، مائارىپىنى ئىسلاھ قىلمىسا ھەقىقەتەن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدىغانلىقىنى ۋە مۇشۇ زاماندا نادانلىق، خۇراپاتلىق چۆلىدە قالغان بۇ قوۋم خۇددى بۇ دۇنيادا يوقتەك بىغەم، بىخۇدلۇق ئىچىدە ياشاپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.

نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ ئازغىنە ئەسكىرى كۈچى بىلەن شۇنچىلىك كۆپ خەلقنى ۋە شۇنچىلىك كەڭ زېمىننى ئىدارە قىلىۋاتقان ياڭ زېڭشىن بۇ تۇپراقلاردىكى خەلقلەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەپچىل چارىسى «جاھىلىيەت » ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان تونۇپ يېتىپ، بۇ سىياسەتنى مۇغەمبەرلىك بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇ، «چەنتۇلارنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز لازىم، ئەگەر چەنتۇلارنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپى راۋاجلاندۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىدىيەسى قوزغىلىدۇ. بۇ چوقۇم شىنجاڭنى قالايمىقانچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنى نادانلىقتا، بىخۇد ھالەتتە قالدۇرۇشىمىز كېرەك. پەقەت ھەريەردە مەسچىتلەرنىلا ئېچىپ، تىنماي ئىبادەت قىلىشىغا يول ئېچىپ بەرسەكلا كۇپايە» دەپ، ئۆز قەلىمى بىلەن بۇنداق نەزمە يازغان:

يىراق شەرقتىن كەلدىم بۇ ياققا،

چىڭ ساقلاپ تۇرىمەن غەربنى.

قالدۇرىمەن بىلىمسىز، نادانلىقتا،

پادىشاھقا بويسۇندۇرىمەن خەلقنى.

ۋە بۇ نەزمىنى چىرايلىق قىلىپ يېزىپ، ھەشەمەتلىك سارىيىنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويغان. ياڭ زېڭشىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەپەككۇر دۇنياسىنى پۈتۈنلەي مونوپول قىلىشقا ۋە خەلقنىڭ يېڭى ئىدىيە، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىش يوللىرىنى مۇتلەق رەۋىشتە توسۇشقا ئۇرۇنغان. ئۆز تەجرىبىسىگە ئاساسەن تەپەككۇرنىڭ ھەقىقەتەن مۇھىم بىر قورال ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولغاچقا، خەلقنى تەپەككۇر قىلىشتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇرۇشقا تىرىشقان. دەرۋەقە، بىز «تەپەككۇر» دىن ئىبارەت بۇ ئىبارىگە ئېنىقلىما بەرسەك، تەپەككۇر دېگىنىمىز ئادەمنىڭ يېڭىدىن ئۆگەنگەن بىلىملىرى بىلەن ئۆزىدە تۇغما بار بولغان ئەقلى ئارقىلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، چوڭقۇر ئويلىشىپ ئەقلى خۇلاسە چىقىرىش جەريانىدۇر. يەنە تېخىمۇ چوڭقۇرراق قىلىپ تەبىر بەرسەك، تەپەككۇر دېگىنىمىز ئوبيېكتىپ دۇنيادىكى كۆرگەن – بىلگەنلىرىمىزنىڭ ماھىيەتلىك قانۇنىيەتلىرىنى سۇبيېكتىپ ئېڭىمىز بىلەن تونۇپ يېتىپ، ئۆزىمىز ھېس قىلغان تۇيغۇلار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، بېسىپ ماڭغان ھەقىقىي مەنىدىكى ھايات سەپىرىمىزدۇر.

«تەپەككۇر» دېگەن ئەنە شۇنداق مەنىدىكى سۆز بولغان ئىكەن، ئەگەر خەلق تەپەككۇر قىلىپلا قالسا، ياڭ زېڭشىن ۋە ئۇنىڭغا يانتاياق بولۇۋاتقان يەرلىك مۇتەئەسسىپ ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ نىيەتلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنى مۇشۇ زەبۇن تۇرمۇشقا مەھكۇم قىلغان كۈچنىڭ ماھىيىتى تونۇپ يېتىپ، ئاشۇ كۈچكە قارشى تۇرۇشقا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىنسان ھاياتلىق سەپىرىدە ئۈزلۈكسىز تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئەقىل بۇلىقىنى، ئىلىم سەيناسىنى، ئۆزلۈكنىڭ تاۋلىنىش مەيدانىنى ۋە پىكىرنىڭ يۈكسىلىش جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ بارغانسېرى كامالەتكە يۈكسىلىدۇ. ئىنسان تەپەككۇر ئارقىلىق دۇنيانىڭ سىرىنى ئاچالايدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلەيدۇ ۋە ئۆزىنى ئۆزى تونۇپ يېتەلەيدۇ، تەرەققىياتنىڭ ھېكمىتىنى تونۇيالايدۇ. تەپەككۇر ئارقىلىق قەلبىدىكى قاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇپ، ئىلىم دۇنياسىنىڭ مەشئىلىنى ياقالايدۇ؛ كەلگۈسىنىڭ نۇرانە مەنزىلىگە داغدام يول ئېچىپ، بىپايان ئىلىم دېڭىزدا غۇلاچ تاشلاپ ئۈزۈپ، غايە قىرغاقلىرىغا بىمالال يېتەلەيدۇ. ئەسلى مەنىدىن ئېيتقاندا ئىنسان ھەم ھايۋان ھەم ئادەمدۇر.

ئىنسان پەقەت تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىقلا ھايۋاندىن چەك – چېگراسىنى ئايرىيالايدۇ. ئەگەر ئۇ تەپەككۇر كۈچىدىن مەھرۇم قالسا ئادەملىك خۇسۇسىيىتىنى يوقۇتۇپ، ھايۋانى ئىنسان بولۇپ قالىدۇ خالاس. تەپەككۇر بىلەن بىلىم ئادەتتە ئىچ ئىچىدىن گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. يېتەرلىك بىلىمگە ئىگە بولغان بىر ئادەم تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق بىر نىشانغا يەتمىسە، مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمىسە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىسا،  يېڭى بىر ئىدىيەلەرگە ۋە يېڭى بىلىمگە ئېرىشەلمەيدۇ. دەرۋەقە، ئىنسان ئۆگەنگەن نەرسىلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق يېڭى- يېڭى ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. مانا مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان بىلىم ئادەملىرى ھەقىقەتكە بەك يېقىن ۋە ھاياتقا ئوچۇق دېرىزىلەردىن قارايدىغانلا ۋە تېخىمۇ ئاڭلىق كۈچىگە ئىگە بولغان شەخسلەردۇر. شۇ ۋەجىدىن مۇستەملىكىچىلەر ئۆزلىرى مۇستەملىكە قىلغان زېمىنلاردىكى مىللەتلەرنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشىدىن، تەپەككۇر قىلىشىدىن شۇنچىلىك قورققان. ۋەھالەنكى، ئىنسان شۇنى بىلىشى كېرەككى ھاياتتا ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈن ئېسىل ئەخلاققا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە  يەنە بىلىملىك بولۇشى لازىم ۋە بىلىم ئارقىلىق تەپەككۇر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز مىللىتىگە، جۈملىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلىش لازىم.

دەرۋەقە، ئەخمەت كامالدەك، مەسئۇت سابىرى بايقۇزىدەك زىيالىيلار ئەنە شۇنداق ئىنسانلار جۈملىسىدىن ئىدى. ئۇلار بۇ مىللەتنىڭ ئوغلانلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللەتنى ئىلىم – مەرىپەت ئۆگىنىشكە چاقىرغان ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئۈچۈن مەكتەپ ئېچىپ، خەلقنى تەربىيەلىگەن. ئۆز ۋاقتىدا ئەخمەت كامالغا ھىيلە  – نەيرەڭ ئىشلىتىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلغان زوراۋان كۈچلەر، ھازىر ئوخشاشلا مەسئۇت سابىرىغىمۇ شۇ نەيرەڭلىرىنى ئىشلىتىپ، تەھدىتلىرىنى ياغدۇرۇشنى توختاتمايۋاتقان ئىدى. مەسئۇت سابىرىنىڭ ھازىرقى بىردىن – بىر ئارزۇسى ئۆيىگە ئاچقان شىپاخانىسىنى كېڭەيتىش ۋە بەيتۇللا مەسچىتنىڭ يېنىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى كېڭەيتىپ ئەڭ بولمىغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ يولدا توختىماي تەپەككۇر قىلاتتى ۋە ئامال – چارىلەرنى ئويلاپ تېپىشقا تىرىشاتتى. ھازىر ئۇ، ئۆز دوستىنىڭ بۇ يولدىكى كۈرەشلىرىنى ۋە تارتقان جەبىر – زۇلۇملىرىنى ئويلاپ، بۇ يولدىكى خەۋپ – خەتەرلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى ۋە ئىستانبۇلدىن قايتىپ ئاتۇشقا كەلگەن چاغدا،  ئەخمەت كامال بىلەن ئۇچراشقا دەملەر كۆز ئالدىدىن ئۆتتى:

بۇ دەل باھار ئايلىرى بولۇپ، مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدى ئىستانبۇلدىن يولغا چىقىپ ئاتۇشقا ساق -سالامەت يېتىپ كەلگەن چاغلار ئىدى. ئۇلار بىر يىلدىن كېيىن ئاتۇش دىيارىدا قايتا يۈز كۆرۈشكەن ئىدى. مەسئۇت سابىرىنىڭ نەزىرىدىكى يىگىرمە بەش ياشلاردىكى تازا جىسمانىي ۋە روھى قۇۋۋەتكە تولغان بۇ يىگىت ھازىر قېرىپلا كەتكەندەك كۆرۈنەتتى.ئۇنىڭ ئېگىز بوي تارتقان چىناردەك تەققى – تۇرقى بىرئاز ئالدىغا ئېگىلگەندەك، بويلىرى سەل قىسقىراپ ئوتتۇرا بوي بولۇپ قالغاندەك، قالىغاچ قاناتلىق قاپقارا بۇرۇتلىرى بىلەن قىسقا ئۆزىگە ياراشتۇرۇپ قويۇۋالغان ساقاللىرى ھازىر ئۆسۈپ بەجايىكى سېغىزخاننىڭ چاڭگىسىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى. بېشىدىكى قۇياش نۇرىدا كەھرىۋادەك جۇلالىنىپ تۇرىدىغان ئوسمانلىيچە قىزىل دوپپىسىنىڭ ئورنىغا قەشقەر تۇمىقى ئالماشقان ئىدى. قارا سارجىدىن، تىك ياقىلىق قىلىپ تىكىلگەن كالتە كەمزۇلىنىڭ ئورنىغا ئۇزۇن پاختىلىق ماتا چەكمەن چاپان كىيىۋالغان بولۇپ، پۇتىدا دائىم پارقىراپ تۇرىدىغان قارا خۇرۇم ئۆتۈكى بولسا، كونىراپ، ئاقىرىپ، پاشنىلىرى يېيىلىپ، مايماق بولۇپ كەتكەن بولۇپ، شۇنچىلىك ئىسكەتسىز كۆرۈنەتتى.

ئەخمەت كامالنىڭ بۇ تۇرقىدىن ئۇنىڭ بىر يىل ئىچىدە قانچىلىك جاپا تارتقانلىقى ۋە تۇرمۇشىدا قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىنى روشەن رەۋىشتە كۆرۈۋېلىش ئۇنچىلىك تەس ئەمەس. ئەنە شۇ چاغلاردا ئەخمەت كامال ئەتراپىدىكى نادامەتلىك كەيپىياتنى كۆرۈپ، بىر چەتتىن ھەسرىتى ئېشىپ، روھى ئازابلانغان بولسا، يەنە بىر چەتتىن ئىرادىسى تېخىمۇ تاۋلىنىپ، زاماننىڭ سوغۇق، دەۋرنىڭ مېھرى – شەپقەتسىز ھالىغا باقماي، شۇنچىلىك جاپا – مۇشەققەت ئىچىدە ئۆز قېرىنداشلىرى ئىچىدىن قابىلىيەتلىك مۇئەللىملەرنى، ئىقتىدارلىق بالا تەربىيەلىگۈچىلەرنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرىنى ئاچقان. شۇنچە مۈشكۈلچىلىك ئىچىدە، ئاجايىپ بەختلىك ئىدىكى، ئۇنىڭ كۆزىگە ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا ۋە بەختىگە شەپقەت ياغدۇرغاندەك كۆرۈنۈۋاتقان بۇلۇتسىز پاك ئاسماندىن باشقا ھېچقانداق نەرسە چېلىقمايتتى.

ئۆتىدۇ مەن ئۈچۈن ئۆمرى مېھنەتتە،

ھىدايەتلىك شۇڭا ئۇنىڭ ھەر ئىشى.

كۆچەت تىككەنىكەن باغۋەن ئەلۋەتتە،

ئاياندۇر ئالدىدا گۈلى، مېۋىسى.

«فاۇست» دىن.

ئۇنىڭ ئىرادىسى ئالدىدا ھەرقانداق قىيىنچىلىق سەل ئېقىتىپ ئەكېتىۋاتقان كۆتەكلەردەك، پۇت تىرەپ تۇرالمايتتى. ئۇ، بىر يىل كۆرۈشمىگەن دوستلىرىنىڭ ئالدىغا بىر قولىدا بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىنى تۇتقان پېتى، ئەنە شۇنداق تەققى – تۇرقى بىلەن، قەدىمكى رىملىقلارنىڭ پەيلاسوپى ئەپلاتۇندەك ئەركىن، ئىشەنچ بىلەن قەدەم تاشلاپ كەلگەن ئىدى ۋە ئۇلار بىلەن شۇنچىلىك سەمىمىي، شۇنچىلىك دوستانە رەۋىشتە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەن ئىدى.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top