You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (27)

مەسئۇت ئەپەندى (27)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئەخمەت كامال ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە ياتقان چاغلاردا، مەسئۇت سابىرى غۇلجىدىن داۋاملىق خالتا يوللاپ تۇرغان ئىدى. بۇ خالتىلارنىڭ ئىچىدە ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەردىن قۇرۇتۇلغان گۆش، سېرىق ماي ۋە مايلىق توقاچ، قىزا قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دوستىنىڭ زەي زىنداندا يېتىپ بەدىنىڭ ئاجىزلاپ، بىرەر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ، ئالەم ھادىس بىرە كېلىشمەسلىكنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ، قۇۋۋەت ۋە ۋىتامىن تولۇقلىغۇچى ھەرخىل دورا-دەرمانلارنىمۇ ئەۋەتىپ تۇرغان ئىدى. ۋەھالەنكى، ھازىر ئۇ، ئەخمەت كامالنىڭ بۇ ئاتا تۇپراقلاردا تارتقان ئازاب -ئوقۇبەتلىرىنى ئەسلەپ، قەلبىدىكى كونا جاراھەتلىرى قايتا قانىغاندەك قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ جاراھەتنى پەيدا قىلىشقا سەۋەب بولغان ئامىللارنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرغان ئىككىنچى بىر ئامىللار ئۇنىڭ يولىنى يورۇتىدىغان مەشئەل بولۇپ يېنىشقا باشلىغان ئىدى. بولۇپمۇ، دوستىنىڭ ئۆز يۇرتىغا ساق – سالامەت يېتىپ بارغان خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئۈستىنى بېسىپ تۇرغان ئېغىر بىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك بولۇپ، ئەركىن بىر نەپەس ئېلىشقا باشلىدى. ئۇ، شىپاخانىنىڭ دېرىزىلىرىنى سىرتقا قارىتىپ ئاچتى، تالادىن شۇنچىلىك ساپ، سۆرۈن ھاۋا ئۇنىڭ دىمىقىغا گۈررىدە كېلىپ ئۇرۇلدى. ئۇ، چوڭقۇر بىر نەپەس ئالغاندىن كېيىن ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى.

شۇ دەقىقىلەردە كۈز قۇياشىنىڭ ئاپىتىپىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئاستا – ئاستا سالقىن چۈشۈپ، كۈندۈزدىكى ئىسسىقتىن كېيىن جانلانغان تەبىئەتنىڭ يېقىملىق تىنىقىنى سوغۇق كۈزنىڭ شامىلى ئاللىقاياقلارغا سۈرگۈن قىلىۋەتكەن ئىدى. پەقەت نەملەنگەن خازانلارنىڭ نەمخۇش قېرىق ھىدى دىماغقا كېلىپ ئۇرۇلۇۋاتاتتى. يەنە كېلىپ ھەممە يەر تىپ – تىنچ سۇكۇنات ئىلكىدە ئىدى. پەقەت كەچكى سوغۇق شامالنىڭ كۈچى بىلەن دەرەخلەرنىڭ يالىڭاچ ئۇششاق تاللىرى ۋە يەر يۈزىدىكى يوپۇرماقلارنىڭ شىلدىرلاشلىرى قۇلاققا يېقىملىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەسئۇت سابىرى بۇ كۈنلەردە شۇنچىلىك ھارغىن كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى شىپاخانىدا يالغۇز كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش ۋە رېتسېپ يېزىش ۋە ئەملەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى يەنە ئۆزى ئوقۇتۇپ، تەربىيەلەۋاتقان سېسترا ئوغۇل – قىزلارغا ئىشنىڭ ئىلمىنى كۆرسىتىش، ئۆگىتىش ۋە كېسەل تارىخلىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىمۇ ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئۇنىڭ مۇنداق جاپالىق بىر يولنى تاللاشتىكى مەقسىتى بولسا، شىپاخانىسىدا يېتىشتۈرۈۋاتقان ياشلارنى تېزدىن ياراملىق دوختۇر قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىپ، يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى زامانىۋى شىپاخانىلارنى كۆپەيتىپ، ھەرخىل يۇقۇملۇق ۋە يەرلىك كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش. ئاۋام خەلققە ساغلام تەن ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە، ئۆز خەلقىنىڭ تېنىنى داۋالاش بىلەن بىرگە، روھىنى داۋالاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز خەلقىگە ساغلام روھ، يۈكسەك ئىرادە ئاتا قىلىش ئۈچۈن يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇ، ئابدۇراخمان شاھىدى ۋە تۇرسۇن ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇسۇلى جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنى تېخىمۇ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن بىر چەتتىن مەكتەپ بالىلارغا قوشۇمچە دەرس ئۆتسە، يەنە بىر چەتتىن كەڭ جامائەت پىكىرىنى توپلاش ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئېچىشنىڭ يولىدا پاي- پېتەك بولۇپ يۈرەتتى.

دەرۋەقە، بىلىملىك زىيالىيلارغا ھەرۋاقىت مىللەتنىڭ ئېغىر يۈكى يۈكلەنگەن بولىدۇ. ئەگەر مەيلى قايسى جەھەتتىن بولسۇن بىر بىلىم ئىگىسى بولسىڭىزلا مىللىتىڭىزنىڭ يۈكىنى ئۈستىڭىزگە ئېلىشقا مەجبۇرسىز. ھېچ شۈبھىسىزكى، ھەر جەھەتتىكى بىلىمىڭىز ئاشقانسېرى ئۈستىڭىزگە ئالىدىغان يۈكمۇ ئېغىرلايدۇ. ئەنە ئاشۇنداق بولغاندىلا مىللەتنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك زىيالىيلىرىدىن بولالايسىز. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە ئاشۇنداق بىلىملىك زىيالىيلارغا باشقا مىللەتلەردىن بەكرەك ئېھتىياجى بارلىقىنى ھەر بىر ئەقلى – ھوشى جايىدا ئاۋام – پۇقرا ئوبدان بىلىدۇ. بىر ئادەم دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كىتابلارنى ئوقۇغان بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا ئەڭ ئالىي ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇپ دىپلوملارنى ئالغان بولۇشى مۇمكىن. تەبىئىيكى بۇ ئىگىلىگەن بىلىملەر بىلىملىك بولۇش يولىدا ۋە يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا بۈيۈك ئىلگىرىلەشتۇر. ئەمما، پۈتۈن بۇلارنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرمىغۇچە، ھەمدە مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرمىغۇچە ئۇ ئىگىلىگەن بىلىملەر كەڭ قوپقۇرۇق مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا بىكاردىن ئېرىپ تۈگەيدىغان مۇزغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەتتە مەيلى تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەن زىيالىيلار بولسۇن، مەيلى رۇسىيە تەرەپلەردە ئوقۇپ كەلگەن زىيالىيلار بولسۇن ۋە ياكى مىسىردا ئوقۇپ كەلگەن زىيالىيلار بولسۇن، ھەممىسى دېگۈدەك مىللەتنى جاھىلىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا مەكتەپ ئېچىپ، قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە مىللەت ئۈچۈن ئەمەلىي خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ تىپىك مىساللىرى بولسا يۇقىرىدا ئىسمىنى زىكرى قىلغان تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەن ئابدۇراخمان شاھىدى، مەسئۇت سابىرى، تۇرسۇن ئەپەندى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇپ كەلگەن نەسۇھا ئىمىن داموللام ۋە يەنە ئابدۇمۇتائالى خەلىپىلەر ئىدى.

ۋەھالەنكى، بۇ شەخسلەرنىڭ شۇنچىلىك پىداكارلىق كۆرسىتىشىگە ۋە مەسئۇت سابىرى، ئابدۇراخمان شاھىدىدەك بىلىملىك زىيالىيلارنىڭ كەڭ ئاۋامنىڭ چەكسىز ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، «ئەپەندى» دەپ ئاتىلىشىغا قارىماي، غۇلجىدىكى مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى ۋە ياڭ زېڭشىن ھاكىمىيىتىنىڭ يانتاياقلىرىدىن بولغان ئىبراھىم ئەلەم ئاخۇن ۋە ئۇنىڭ قولچوماقچىسى بولغان ئادىلبەگ قاتارلىقلارنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن قىلىۋاتقان يالغان – ياۋىداق سۆز- چۆچەكلىرى، قىلمىش – ئەتمىشلىرى ھەددىدىن ئېشىپ كېتىپ باراتتى. بۇ خىلدىكى رەزىل كۈچلەرنىڭ بەزىلىرى تاجاۋۇزچى مۇستەبىت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن، ئۆز مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ ئاچقان، خىتايچە ئۆگىتىدىغان «شوتاڭ » دېگەن مەكتەپلەردە بالىلارنى ئوقۇشۇش كېرەك دەپ جار سالدى، يەنە بەزىلىرى، كونا ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئۇسلۇبىنى تەشەببۇس قىلىپ، يېڭىچە پەننى مەكتەپلەردە بالىلارنى ئوقۇتۇشقا قارشى چىقىۋاتقان ئىدى. بۇلار ئىلغار پىكىردىكى، يېڭىچە تەپەككۇر كۈچىگە ئىگە زىيالىيلارنى «كالتە قۇيرۇقلار»، «دەھرىيلەر »، «ھۆكۈمەتكە قارشى ئىختىلاپچىلار» ۋە «ئۇسۇلى جەدىدچىلىك ھەرىكىتى ھۆكۈمەتكە قارشى كۆتۈرۈلۈشنىڭ تەييارلىق ھەرىكىتى ئىكەن» دەپ، دوتەيگە ۋە قازى – كالامغا شىكايەت قىلىپ، بەزىلەرنى دەررىگە باستۇرسا، بەزىلەرنى يامۇلغا سولاپ، سۈرگۈن قىلىپ، كۆزدىن يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئىدى. لېكىن مەسئۇت ئەپەندىدەك كۈچلۈك ئىرادە كۈچىگە ئىگە شەخسلەر ئۇنداقلارغا پەقەت مىيىغىدىكى مەسخىرىلىك كۈلكىسى بىلەن جاۋاب قاتۇرغان ئىدى.

ۋەھالەنكى، ئوقۇش بىلەن يېزىشنى بىلگىلى بىلەن، تەپەككۇر قىلىشنى ياڭ زېڭشىنغا ئالتۇن تاۋاققا سېلىپ، قوش قوللاپ سۇنۇپ بەرگەن دوتەينىڭ توڭچى (تەرجىمان) سى ئادىلبەگ ۋە ئىبراھىم ئەلەم ئاخۇنۇملاردەك ئۆزلىرىنى ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك چاغلايدىغانلار مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتاتتى. ئۇنىڭ بۇنداق غەزەپلىرى بولسا، بەجايىكى، تاغنىڭ بېلىگىچە چىقىپ، ئاياغلىرى ئاستىدىكى ئىرماش – چىرماش بولۇپ كەتكەن ئېدىرلار بىلەن خەتەرلىك يوللارغا قاراپ مەيۈسلىنىپ كۈلگەن ۋە ياكى يۇقىرىدىكى تىك قىيالارغا، يولسىز تاغنىڭ گەۋدىسىگە قاراپ تېڭىرقاش ئىچىدە نىدا قىلىۋاتقان يولۇچىنىڭ غەزىپىگە ئوخشايتتى. ئۇ، يول ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز خاتىرىسىدىن قايتا قايتا ئۆتكۈزدى. شۇ تاپتا مەسئۇت ئەپەندى شۇنداق روھى ھالەتتە بولۇۋاتاتاتتىكى، گويا دۇنيانىڭ جىمى ئاچچىق -چۈچۈكلىرى، تاتلىق – تېتىقلىرى ئەبجەش بولۇپ كەتكەندەك، ھېچقانداق تەمنى سەزمەيدىغان گاراڭ ھالەتتە بولۇپ قالغان ئادەمدەك، ھەتتا يىرگىنىشلىك بىر قاپقارا چىۋىننى يۇتۇۋالغاندەك بولۇپ قالغان ئىدى. ئاخىر ئۇ، بۇ كۆڭۈلسىز خاتىرىلەردىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇيەر- بۇيەرلىرىدە قاپقارا بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرگەن ئاسمانغا نەزەر سالدى، ئاندىن ئەتراپقا كۆز ئاتتى.

ھازىر بارغانسېرى كۈن قىسقىراپ، تۈن ئۇزىراۋاتقان چاغ بولغاچقا، ئۆيلەردىكى پىلپىل چىراغ بۇرۇنقى چاغلاردىكىدىن خېلى بۇرۇن ياناتتى. دەرۋەقە، كۆك يۈزىدىكى يۇلتۇزلارمۇ ئەنە شۇ پىلپىل چىراغقا تەققاس ئىدى. يەنە كېلىپ غۇلجىنىڭ تاغ ھاۋاسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەمخۇش ھاۋاسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، يامغۇرلۇق كۈنلىرى كۆپىيىپ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ چۈشۈرىۋېتىپ باراتتى. ھەتتا كېچىلىرى شېرىن چۈشلەرنى بۇزۇۋېتىدىغان ئەرشىنىڭ قاتتىق گۈلدۈرمامىلىرى ۋە دېرىزىگە تاراسلاپ ئۇرۇلۇۋاتقان يامغۇرنىڭ ئەنسىزچىلىكى، شۇنىڭدەك دەرەخلەرنىڭ خېلىلا يوغان ھەم مەزمۇت شاخلىرىنى سۇندۇرۇۋەتكۈدەك چىقىدىغان بورانلارنىڭ ۋەھىمىسى ھەددىدىن ئېشىپ كېتەتتى. بولۇپمۇ، بۇ يىلقى كۈزنىڭ جۇدۇنلۇق كۈنلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى، ياپيېشىل قىرلارنىڭ بالدۇرلا ساماندەك سارغىيىپ كېتىشى، دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنىڭ قاندەك قىزىرىپ كېتىشى قاتارلىق تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ ھەممىسى، كېلىۋاتقان قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنىڭ ئالدىن بېشارىتى ئىدى. ھالبۇكى، بۇ قىشنىڭ جۇدۇنلىرىغا خەلقنىڭ تەييارلىقى ھېچ يوق ئىدى. ئەسىرلەر بويى ئاسارەت بويۇنتۇرۇقىدا سوقا – ساپان سۆرەپ، ئۈستبېشى يالىڭاچلىنىپ كەتكەن قوتۇر ئۆكۈزدەك بولۇپ كەتكەن دېھقانلار بىلەن ئېغىر باج – سېلىقتىن قۇتۇلالمىغان قول – ھۈنەرۋەن كاسىپلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ئېيتقۇسىز دەرىجىدە ئېغىر ئىدى.

مۇشۇ كۈنلەردە مەسئۇت ئەپەندىنىڭ شىپاخانىسىغا كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن كېلىدىغان بىمارلارنىڭ كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىپ  كېتىۋاتقانلىقىمۇ، خەلقنىڭ تەن- سالامەتلىكىنىڭ قانچىلىك ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالى بولسا، پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ شۇنچىلىك كۆپلۈكى، خەلقنىڭ روھى جەھەتتە قانچىلىك زەئىپ ئىكەنلىكىنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىلەرنىڭ بۇنداق ئىلغار ئۇسۇلدا دەرس ئۆتىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشىغا جان – جەھلى بىلەن قارشى چىقىشى بۇ مىللەتنىڭ قانچىلىك جاھىلىيەتتە قالغانلىقىنى روشەن رەۋىشتە كۆرسىتىپ بېرىۋاتاتتى. دەرۋەقە، جاھىلىيەت بۇرۇنمۇ بار ئىدى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ئىشەنچىگە ئىگە بولغان جاھىلىيەت يوق ئىدى. ۋەھالەنكى، بۇرۇنقى جاھىلىيەت بولسا، ھازىرقى جاھىلىيەتتە قالغان خەلقنىڭ تام ئەكسىچە ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرلىنىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئەمەس. مانا بۇ ھال مەسئۇت ئەپەندىدەك مۇنەۋۋەر مەرىپەتچىلەرنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرۇۋاتقان ئاچچىق رېئاللىق ئىدى. بۇ خىل جاھىلىيەت مىللەتنىڭ روھىغا سانجىلغان زەھەرلىك خەنجەر. مەسئۇت ئەپەندى ئەمدى ۋاقىتنىڭ كەچ بولۇپ قالغانلىقىنى كۆكتىكى يۇلتۇزلارنىڭ شۇنچىلىك ئېنىق يالتىراپ تۇرۇشىدىن، ئەتراپتىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ شۇنچىلىك تىنچلىقىدىن بايقىدى. ئۇ ئەس -ھوشىنى يىغىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، شىپاخانىنىڭ ئىشىكىنى ئەتتى – دە، ئۆيگە قاراپ قاراپ ماڭدى. ئۆيدە ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان مېھرىبان ئايالى سارا خانىم بىلەن ئوماق ئوغۇللىرى ئەرتۇغرۇل بىلەن ئۇيغۇر بار ئىدى. مانا بۇ ئائىلە بولسا ئۇنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپىدىغان ئەڭ مۇقەددەس جاي ۋە ئالىيجاناب باشپاناھگاھى ئىدى. بۇ ئۆيدە ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدلىرى، ئارمانلىرى بار ئىدى ۋە ئۇنى داۋاملىق گۈزەل خىيالغا، گۈزەل ئىقبالغا يېتەكلەيدىغان ساپ پىكىرلەر بار ئىدى. ھەمدە تەپەككۇرىنى يېڭى بىر ھايات تەرزىگە باشلايدىغان روھ بار ئىدى!

مەسئۇت ئەپەندى تۇرمۇش قۇرغاندىن بۇيان ئاتا – ئانىسىدىن قالغان بۇ قورۇ جايدا ياشاپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئاكىسى زەيناۋىددىن بولسا ئائىلىسى بىلەن توغرا كۆۋرۈكتىكى يېڭى سالغان قورۇ جايغا كۆچۈپ كەتكەن ئىدى. دەرۋەقە، زەيناۋىددىننىڭ ئۇكىسىنىڭ مەكتەپ ۋە شىپاخانا ئېچىش ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقى ھەممە ئادەمگە ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك ئايان ئىدى. ئاكىسى ھەر دائىم ئۇنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ -قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ، بۇ داۋالغۇپ تۇرغان دەۋردە ئاكىسىنىڭ بۇ ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئالەمچە رازى ئىدى ۋە ئاكىسىنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ كۆيۈمچان قېرىنداش ۋە ئەڭ پىداكار قوللىغۇچىسى دەپ ھېسابلايتتى ھەمدە بۇنداق بىر ئاكىنى ئۆزىگە نېسىپ قىلغان تەقدىرگە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ، شۈكۈر قىلاتتى. شۇ دەمدە مەسئۇت ئەپەندىنىڭ كاللىسىدىكى بوشلۇقتىن »ھەقىقەتەن تەقدىر، ۋاقتى-  سائىتى كەلگەندە كەمچىلىكلەرنىمۇ، ھەتتا ئەيىبلەرنىمۇ ئادەمنىڭ پايدىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ «دېگەن ئويلار، خۇددى قاناتلىرىنى يېيىپ يارداڭلىق ئۈستىدىن ئۆچۈپ ئۆتۈپ كەتكەن بۈركۈتكە ئوخشاش تېزلا ئۆتۈپ كەتتى ۋە ئىلدام قەدەملەر بىلەن لامپا گۇڭگا يورۇتۇپ تۇرغان ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top