You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (28)

مەسئۇت ئەپەندى (28)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بۈگۈن 1924- يىلى يانۋارنىڭ باشلىرى ئىدى. بۇنداق پەسىللەردە غۇلجا شەھىرىنىڭ ھاۋاسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىردىنلا تۆۋەنلەپ شۇنداق قاتتىق سوغۇق بولۇپ كېتەتتى. مۇشۇ قەھرىتان سوغۇقنىڭ دەستىدىن كوچىدىكى ئىتلارمۇ مۇزلاپ، چىشلىرىنى بىر- بىرىگە كىرىشكەن پېتى توڭلاپ قالاتتى. مەپىكەشلەرنىڭ ئاتلىرىنىڭ تېزەكلىرى بولسا، مەقەتىدىن يەرگە چۈشۈپ بولغىچە توڭلاپ، يەرگە مىستەك توكۇرلاپ چۈشەتتى. كوچا ياقىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى ئاپاق قۇرۇ باغلاپ، ئىنچىكە تەگىز تاللىرى مۇز چوكىسىدەك قېتىپ قالاتتى. ئەنە شۇنداق شاخ ۋە تاللارغا قونۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان سوغۇقتىن قورقمايدىغان گەدەنكەش قۇشقاچلار بولسا، ئۆيلەرنىڭ تاملىرىدىن چوقچىيىپ چىقىپ قالغان چوغۇندەككە قونۇۋېلىپ، دۈگدەيگەن پېتى يولدىن ئۆتكەن – كەچكەنلەرگە بەجايىكى يامغۇر تامچىلىرىغا ئوخشايدىغان كۆزلىرى بىلەن تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرۇشاتتى.

بۈگۈن مەسئۇت ئەپەندىنىڭ دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ئۆزى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارىغان ئىشلىرىنى قىلىۋېلىش ئۈچۈن يالغۇز بېشىنى ئېلىپ ئۆيدىن سىرتقا چىققان ئىدى. ئۇ «ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارىغان» ئىش بولسا، ئۆزىنىڭ ئۇستازى ھېسابلىنىدىغان ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلىپە ھەزرەتنىڭ ئايدۆڭ مەھەللىسىدىكى ئۆيىگە بېرىپ، بىردەم  – يېرىمدەم  ھال – مۇڭ ئېيتىشىپ ئولتۇرغاچ، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىچىدە ساقلاپ كەلگەن غەم – غۇسسىلىرىنى ۋە بۇندىن كېيىنكى قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ پىلانلىرىنى ئېيتىپ، ئىچ – قارنىنى تۆكۈۋېلىش ۋە ئۇستازىنىڭ نىگاھىدىكى قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئېلىپ، كۆڭلىنى ئازراق بولسىمۇ پاراغەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ئىدى. ھازىر ھاۋا بەكلا ماناتلىق بولۇپ، ئەتراپتا ئۇچۇپ يۈرگەن ئۇششاق قار ئۇچقۇنلىرىدىن باشقا ئىنس – جىن كۆرۈلمەيتتى.

بۇرۇنقىدەك ئوبدانلا پاكار كۆرۈنۈۋاتقان ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان ئۇششاق قار ئۇچقۇنلىرى خۇددى ئەلگەكتىن تاسقىلىپ چۈشۈۋاتقان ئۇندەك، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئۈست – بېشىغا يىغىۋاتاتتى ۋە زىمىستان قىشنىڭ ئوغىدەك ئاچچىق سوغۇقى يۈزىگە ھەرىنىڭ نەشتىرىدەك سانجىلىۋاتاتتى. ئۇ بېشىدىكى كۈلرەڭ قوزا تېرىسىدىن تىكىلگەن قۇلاقچىسىنىڭ تۈرۈلگەن قۇلاق ياپقۇچىنى چۈشۈرۈپ، ئىككى قولى بىلەن ئۈستىدىن باسۇرۇپ – باسۇرۇپ قويدى. ئاندىن ئۇچىسىدىكى قاراكۆك سوكنا پەلتوسىنىڭ يانچۇقىدىن قارا خۇرۇم پەلىيىنى چىقىرىپ كىيگەندىن كېيىن، ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنى بىر- بىرىگە كىرىشتۈرۈپ قويۇپ، بارماقلىرىنىڭ پەلەيگە دەل جايىدا چۈشكەنلىكىدىن ئەمىن بولغاندەك قىلىپ، مۇشتۇملىرىنى تۇرۇپ، بىر- بىرىگە سوقۇپ قويدى ۋە بوينىغا ئورۇۋالغان گەرىس شارپىسىنى تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن، پەلتوسىنىڭ ياقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى – دە، يەردە ئاپئاق بۇلۇتتەك يېيىلىپ ياتقان قارلارنىڭ ئۈستىدە مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، ئۆتۈكىنىڭ كالىچى ئاستىدىن قاراس – قۇرۇس قىلغان ئاۋازلارنى چىقارغان پېتى چوڭ يولغا چىقىپ،  سولغا قايرىلغاندىن كېيىن ئۇدۇل بەيتۇللا مەسچىتى بار تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

دەرۋەقە، ھازىر قاق سەھەر ۋاقتى بولمىسىمۇ ۋە لېكىن چوڭ يولدا ئىنس – جىن كۆرۈلمەيتتى. ئاسماننىڭ يۈزىگىمۇ خۇددى كىر پىشىپ قالغان داكا تارتىۋەتكەندەك شۇنچىلىك سەت تۇتۇق ئىدى. مەسئۇت ئەپەندى بەيتۇللا مەسچىتنىڭ يېنىغا يېقىنلاشقانسېرى ئەتراپتا بىردىن – ئىككىدىن ئادەملەر كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى. كوچىنىڭ ياقىسىنى بويلاپ كېتىۋاتقان ئاشۇ ئادەملەر بولسا، سوغۇقتىن مۇزلاپ قىزىرىپ كەتكەن تۇمشۇقلىرىنى كونىراپ مازلىرى چىقىپ قالغان ماتا چاپانلىرىنىڭ ئىچىگە تىققان پېتى تېز – تېز قەدەم ئېلىۋاتاتتى. كوچىدا ئۈست – بېشىغا تۈزۈكرەك بىر نەرسە كىيگەن ئادەمنى ئۇچراتقىنى ئەسلا بولمايتتى. ھازىر ئىلى خەلقىنىڭ ھەرقاندىقى ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن بولۇپ، ياسىنىپ يۈرۈشنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. ئەسلىدىلا كىيىنىش، يۈرۈش – تۇرۇشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان ئىلى ئۇيغۇرلىرى، مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۆزىنى شۇنچىلىك تاشلىۋېتىپ باراتتى. ئاۋام خەلق ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھاياتىدىن ھېچ قانائەت ھاسىل قىلمايۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ روھى گويا تىنىدىن كۆچۈپ كەتكەندەكلا يۈرەتتى. چىرايى بولسا ئەتىدىن – كەچكىچە كۈن نۇرى كۆرمەي خاڭ ئاستىدا ئىشلەيدىغان كان ئىشچىلىرىنىڭكىدەك ھەم نۇرسىز ھەم قارامتۇل ئىدى. بۇ بەلكى قىشتىكى تاغ سەلكىنىڭ سوغۇقى سەۋەبىدىن ياكى كۆڭلىدىكى روھى ئازابنى ۋە ياكى تۇرمۇشتىكى ماددىي قىيىنچىلىقتىن بولسا كېرەك. ياكى بولمىسا ھەممىسىنىڭ بىرلىشىپ بۇ بوزەك ئەلگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك. ئىشقىلىپ نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ يۇرت خەلقىنىڭ تاشقى قىياپىتىدىكى ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك ئالامەتلەر بارغانسېرى سۇسلىشىپ كېتىۋاتاتتى.

مەسئۇت ئەپەندى بەيتۇللا مەسچىتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە گويا ئاسماندىن قىممەتلىك سوۋغات چۈشۈۋاتقاندەك قار لەپىلدەپ يېغىشقا باشلىدى. كوچىدا شىرىلداپ يېغىۋاتقان قار بىلەن غۇرقىراپ چىقىۋاتقان شامالنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ئىدى. ئەتراپتا مەسچىت قوۋۇقنىڭ ئالدىدا دۈگدەرەپ تۇرغان بىر كۆزى قارىغۇ تىلەمچىدىن باشقا ئادەم كۆرۈلمەيتتى. ئاچچىق سوغۇق شامال بولسا، مەسچىت قوۋۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ھېيت – ئايەملەردە ناغرا – سۇناي چالىدىغان ۋە كۈندە بەش قېتىم ئەزان ئېيتىلىدىغان پەشتاقنىڭ ئۈستىنى ئۆزىگە ئەپلىك پاناھلىنىدىغان جاي قىلىپ تاللىۋالغان ياۋا كۆك كەپتەرلەرنىڭ بۇق – بۇق قىلىپ چىقىرىۋاتقان ئاۋازلىرىنى بىرگە ئېلىپ، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلۇۋاتاتتى. ياۋا كۆك كەپتەرلەر سوغۇقتا ئۆزىگە پانا جاي قىلىپ تالىغان ئاشۇ پەشتاق بولسا، ئەينى چاغلاردا مۇشۇ يۇرتنىڭ شائىرى، باھادىر جەڭچىسى موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ نازىمىنىڭ (1825 – 1899) يۈرىكىنى ئۆرتىگەن پىغانلىرىنى، ھەسرەتلىرىنى ئۆز يارىغا بولغان سېغىنىشلىرىنى خاتىرىسىگە غەزەل قىلىپ پۈتىدىغان يېگانە جايى بولغان ئىدى. شائىر ياش چاغلىرىدا بىر گۈزەل ساھىبجامال مەھۋەش – پەرى پەيكەرگە ئاشىق بىقارار بولغان.

ھالبۇكى، ئىشق-پىراقىنىڭ ۋەسلىگە يىتەلمىگەن. ئۇ، قول – ئىلكىدە ھېچقانداق مال – دۇنياسى يوق، پېقىرچىلىقتا تۇرمۇش ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر نامرات بولغاچقا، بۇ گۈزەل جاناننىڭ ئاتا – ئانىسى نازىمىنى «گاداي» چاغلاپ، قىزىنىڭ مەيلىگە باقماي، مەجبۇرى ھالدا باشقا بىرسىگە تۇرمۇشلۇق قىلىۋەتكەن. نازىمى شۇندىن بۇيان قاتتىق ئىزتىراپ چەككەن ۋە جانانىنىڭ ئىشق ئوتى يۈرىكىنى ئۆرتەپ، كۆڭلىنى خاراب قىلغان. دەرۋەقە، سەۋەبسىز قىل قىمىرلىمىغاندەك، بۇ كۆڭۈل خارابىلىقىدا بىردىنلا ئىشقىنىڭ قۇياشى پارلاپ، نۇر چېچىشقا باشلىغان. نازىمىنىڭ كۆڭۈل رىشتىسى سۈيى تاتلىق دېڭىزغا شۇڭغۇپ، ئاي يۈزلۈك جاناننىڭ ئىشقى پىراقىدا ھاسىل بولغان ئۈنچىلەرنى سەدەپكە بىر- بىرلەپ تىزىپ، «غەزەلىيات» ناملىق داستانىنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان. ئەنە شۇ «غەزەلىيات» تىن ئىبارەت شاھانە ئەسەر، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغان بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ مۇسەمماسىدا ئاپىرىدە بولغان ئىدى. نازىمى ھەركۈنى شۇ يەردە ئولتۇرۇپ، يۈرەك باغرىنى يېرىپ چىققان، ئىشقىي چېچەكلىرىنىڭ شېرىن پۇرىقى يېيىلىپ تۇرغان شېئىر مىسرالارنى خاتىرىسىگە پۈتكەن ۋە بۇ خاتىرىنى يېشىل تاۋار جىلتىغا سېلىپ، جانانىغا تەقدىم قىلغان. بۇنىڭ بىلەن مەشۇقى ساھىب جامالنىڭ قولىغا تەگكەن بۇ رىتىملىق، رەڭگارەڭ گۈزەل مىسرالار شېئىر گۈزەللىكىدىن ھالقىپ، گۈزەللىكنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىدىغان ئىشقى قۇياشىغا ئايلانغان. ھازىر ئەنە شۇ قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرلىرى مەسئۇت ئەپەندىنىڭ مۇزلىغان يۈرىكىنى ئىللىتماقتا ئىدى.

ئاھ نەيلەي بۇ فەلەك قىلدى نىگارىمدىن جۇدا،

ئەندەلىپ يەڭلىغ بولۇپ مەن گۇلۇزارىمدىن جۇدا.

ھەم جۇدالىقدىن بېرى ئەندۇھۇ غەمگە يارىمەن،

ھەم مېنى قىلغان ئۈچۈن ئەغيار يارىمدىن جۇدا.

يىغلاماي نەيلە بۈگۈن بىر خەستەى ئەۋۋارەمەن،

كىم ھەمىن سائەتدە بولدۇم بىقەرارىمدىن جۇدا.

غۇنچەۋەش نازۇك بەدەننىڭ ئاي يۈزىن كۆرگەن زامان،

بۇ بىلال ئەيتۇر بولۇرمەن ئاھۇ – زارىمدىن جۇدا.

مەسئۇت ئەپەندى مەسچىت قوۋۇقىدىن 100 گەز نېرىدىكى ئۈچ ئېغىز ئۆيلۈك قورۇنىڭ سىرلىرى ئۆڭۈپ كەتكەن كىچىك دەرۋازىسىغا سېلىنغان يوغان قارا قۇلۇپقا قاراپ، ئىختىيارسىز جايىدا توختاپ قالدى. قۇلۇپنىڭ مۇزدەك قارا يۈزىگە ئۇچۇپ كېلىپ چۈشكەن قارلار دەرھال ئېرىپ، بەئەينى كۆزدىن ئاققان ياشتەك ئاستا تۆۋەنگە ساقىپ چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. مەسئۇت ئەپەندى ئەنە شۇ ئۆگزىلىرى، دەرۋازىلىرى، قورۇلىرى ئاپئاق قار ئاستىدا قىلىۋاتقان قورۇغا بىر لەھزە كۆز ئېتىپ، تەنلىرى ئىختىيارسىز شۈركەنگەندەك بولۇپ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي تەمتىرەپ قالغان ئادەمدەك جايىدا مىدىر- سىدىر قىلماي تۇرۇپلا قالدى. سامادىن قۇش پەيلىرىدەك يېغىۋاتقان قارلار مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئۈستى – بېشىنى كۆمۈۋېتىپ باراتتى. ئۇ، كۆكلەرگە قانات قېقىپ ئۇچۇپ كېتىدىغان يېگانە ئاققۇدەك ئاپئاق قارلار ئىچىدە بويۇنلىرىنى ئۇزۇن سوزۇپ، يۈزىنى كۆككە قاراتتى. ئۈستىدىن دەممۇدەم چۈشۈۋاتقان قارلار گوياكى ئۇنىڭ روھىنى پاكلاۋاتقاندەك، بارلىق بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنىڭ ئۈستىنى يېپىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىۋاتاتتى. توختاۋسىز ھەرىكەت ئىچىدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ چۈشۈۋاتقان سان – ساناقسىز قار ئۇچقۇنلىرى كۆكتىكى پەرىلەرنىڭ توزۇپ كەتكەن پەيلىرىدەك ئۇنىڭ ئۈستىگە يېغىۋاتاتتى. تۈۋىگە كۆز چەتكۈسىز چەكسىز ئاسمان بوشلۇقىدىن ئۈزلۈكسىز يىغىۋاتقان مۇزدەك، ئەمما شۇنچىلىك يەڭگىل، شۇنچىلىك پاك قار دانچىلىرى ئۇنىڭ قاش – كىرپىك ۋە بۇرۇتلىرىنى ئاقارتىۋېتىپ باراتتى. ئىسسىق لەۋلىرىگە چۈشكەن قارلار دەرھال ئېرىپ، ئۆزىنىڭ قارلىق خۇسۇسىيىتى يوقۇتۇپ، ئۆزلۈككە قايتىۋاتاتتى. ئۇ، ئاسماندىن كۆزىنى ئۈزمەي يۈزىگە قاراپ ئۇدۇل يىغىۋاتقان قارلارغا سوغۇققانلىق بىلەن سەپسالدى. يەرگە قاراپ چۈشۈۋاتقان قارلار سان – ساناقسىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر – بىرىگە ھېچ سوقۇلۇپ كەتمەيۋاتاتتى. ھەممىسى شۇنچىلىك نازۇك، شۇنچىلىك سۆيگۈ – مۇھەببەتكە تولغان بىر خىل ھېس بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندەكلا ئىدى.

دەرۋەقە، ھەر بىر قار دانچىلىرى يا ئۆزلىرىگە ياكى ئەتراپتىكى ھەرقانداق بىر مەۋجۇداتقا زىيان – زەخمەت يەتكۈزمەيتتى. ھەممىسى ئۆز يولىنى بويلاپ توختاۋسىز ھەرىكەت قىلماقتا ئىدى. بۇ ئاجايىپ مەنزىرە دەل قايسى بىر شائىرنىڭ مۇنۇ سۆزىگە تەققاس ئىدى:«يىغىۋاتقان ئاشۇ قار دانچىلىرى، بىر – بىرىگە ھېچ دەخلى – تەرۇز قىلماستىنمۇ ئۆز يولىغا راۋان بولۇشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى روشەن رەۋىشتە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ». مەسئۇت ئەپەندى يۈزىنى كۆكتىن ئۈزۈپ، يۈز- كۆزلىرىدىكى قارلارنى قولياغلىقى بىلەن سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن، ئالدىدىكى دەستە -دەستە قارنىڭ ئاستىدا قىلىۋاتقان قورۇغا قاراپ تۇرۇپ، ئەقلىدىن مۇنداق ئويلارنى كەچۈردى :«راست! تەبىئەتنىڭ بۇ ھادىسىسى ھەقىقەتەن بىز ئىنسانلارغا بىر – بىرىمىزگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزمەستىن، ئۆز يولىمىزغا ماڭغىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھاياتتا بىر – بىرىمىزگە مېھرى – مۇھەببەت يەتكۈزۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا تاجاۋۇزچىلىق قىلماي تۇرۇپمۇ بەختكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئەسلىدە بۇ دۇنيا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئارام – بەخش ئىچىدە خاتىرجەم ياشىشىغا تەل – تۇكۇس يېتىدۇ. ئەمما، بىز ئىنسانلارچۇ؟ بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلارچۇ؟ بىزنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنىمىز كۆكتىكى قۇياشتەك ئايدەك، مۇشۇ يىغىۋاتقان قاردەك شۇنچىلىك ئېنىق بىلىنىپ تۇرسىمۇ، دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ ئورنىغا يەنىلا بىز ئۆز قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن دۈشمەنلىرىمىزگە ئەرز سۇنۇپ، چاقۇ قىلىپ، ئىغۋا تۇغدۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ قولى بىلەن ئۆزىمىزنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرۈۋاتىمىز. ئۆز يۇرتىمىزدا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز خاتىرجەم كۈن ئېلىشقا يول قويمايۋاتىمىز.«

ئۆز ۋاقتىدا شۇنچىلىك ئاۋات، شۇنچىلىك بەختىيارلىققا پۈركەنگەن قورۇدا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا، ھازىر بۇنچىلىك سۈكۈناتنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقى، ھەتتا پۈتۈن ئەتراپ ئاستا – ئاستا قارنىڭ ئاستىدا قىلىپ، ھەتتا بۇ يۇرت مۇز قاپلىغان ماكانغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندەك تەسىرات بېرىۋاتقانلىقى ھەرقانداق ئادەمنى ئۆكۈندۈرمەي قالمايتتى. مەسئۇت ئەپەندى ئىختىيارسىز توختىغان قەدەملىرىنى قايتىدىن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئىلدام ئالغان قەدەملىرىنىڭ شەپىسىنى بىلەن ئىزلىرىنى ئارقىسىغا قالدۇرۇپ ئاستا – ئاستا بۇ جايدىن ئۇزاپ كەتتى. ئەممە روھى ئاشۇ كىچىككىنە دەرۋازا ئالدىدا قالغاندەك ئارقىسىغا شاققىدە بۇرۇلۇپ قاراپ قويدى ۋە يۈرىكى قاتتىق سوقۇپ، ئاران – ئاران نەپەس ئېلىۋاتاتتى. تەن ۋە روھتىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر ھاۋانىڭ قاتتىق سوغۇقلۇقىنىڭ تەسىرىدىن بولماستىن بەلكى، مۇشۇ سىتەمكار جەمئىيەتنىڭ يۈرەكلەرنى داغلىغانلىقىدىن بولغان ئۆزگىرىشلەر ئىكەنلىكىنى مۇتلەق ئىدى. ئۇ، ئايدۆڭ مەھەللىسى تەرەپكە كېتىدىغان تۈپتۈز يولدا مەزمۇت قەدەم تاشلاپ كېتىۋېتىپ، ئۇدۇلدىكى تەرەپتىن بارا – بارا ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىغان قارلار ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان سۇ دەرۋازىغا نىگاھىنى ئاغدۇردى. بۇ يول خۇددى ئۇنىڭغا يېڭى بىر ھاياتلىق يولىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقاندەك ئاپئاق ئىدى. ئەمما ئالدىغا ئىلگىرىلەپ ماڭغانسېرى، ئارقىسىدىكى قار ئاستىدا قېلىۋاتقان قۇلۇپلاقلىق قورۇدا مەكتەپ ئاچقان ناسۇھا ئىمىن داموللامنىڭ چىرايى كۆز ئالدىغا شۇنچىلىك روشەن كېلىۋېلىپ باراتتى.

ناسۇھا ئىمىن داموللامنىڭ بۇغداي ئۆڭلۈك دۈگىلەك يۈزلىرى ۋە بۇ يۈزگە خۇيمۇ ياراشقان قاپقارا قويۇق بۇرۇتلىرى، پال تېشىدەك پارقىراپ تۇرىدىغان بىر جۈپ قارا كۆزلىرى بولسا مەسئۇت ئەپەندىنىڭ كۆز ئالدىدىن كىنو لېنتىسىدەك بىر-بىرلەپ ئۆتۈۋاتاتتى. ئەسلىدە ناسۇھا ئىمىن داموللام مىسىرنىڭ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن ماتېرىياللار ئاساسىدا ئوقۇ – ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ، غۇلجىدىكى ئۇسۇلى جەدىد ھەرىكىتىگە ئاۋانگارتلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ، مەكتەپ ئېچىپ، ياشلارغا پەننىي دەرسلەردىن دەرس ئۆتكەن ئىدى. جامائەت سورۇنلىرىدا ئۇسۇلى جەدىدنى تەرغىب قىلىپ، مۇنداق دېگەن:«ئىلىم – پەننى ئۆگىنىپ دۇنياغا كۆزىمىزنى ئاچمىساق، بىزنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنى ھېچكىم بىلمەيدۇ». ئۇ، ئەنە شۇنداق ئىلغار پەننىي مائارىپنى يولغا قويۇپ خەلقىمىزنى خۇراپاتلىقتىن قول ئۈزۈشكە، يېڭىلىققا ئىنتىلىشكە دەۋەت قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ناسۇھا ئىمىن داموللامنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي تەسىرى كۈچىيىپ، تەلەپكار شاگىرتلىرى كۆپەيگەن ئىدى. غۇلجا شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى يېزىلاردا ئارقا – ئارقىدىن كۆپلىگەن شاگىرتلىرى باھاردىكى مايسىلاردەك باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى. مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ياشلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مەكتەپنىڭ يېنىغا قىزلار سىنىپىمۇ ئاچقان ئىدى. قىزلار سىنىپىغا ناسۇھا ئىمىن داموللامنىڭ تاتار ئايالى مۇئەللىمە بولغانتى. مەكتەپتە ھېساب، تىل – ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلگەن ئىدى. مەسئۇت ئەپەندى ئۆز ئىشىدىن ۋاقىت ئاجرىتىپ بۇ مەكتەپتە ھېساب ۋە تەنتەربىيە دەرسلىرىنى بېرىپ، ناسۇھا ئىمىن داموللىغا قول – قانات بولغانتى.

ئەپسۇس ئىبراھىم ئەئلەم بىلەن ئادىلبەگ بىرلىشىپ دوتەي يامۇلىغا چېقىپ قويغاننى ئاز دەپ، مەھكىمە شەرئىيە خادىملىرى ئارقىلىق «بۇ كالتە قۇيرۇقلۇقلار دىنىمىزنى بۇزدى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىغا تەسىر يەتكۈزدى» دېگەندەك بەتناملار بىلەن قارىلىدى ۋە مەكتەپنى پېچەتلەپ، نەسۇھا ئىمىن داموللام ئۆزى بىر يۈرۈش تۈزۈپ چىققان ئوقۇ- ئوقۇتۇش قوراللىرى بىلەن مىسىردىن مىڭبىر مۇشەققەتتە ئەكەلگەن ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ كۆيدۈرۈۋەتكەن ئىدى. ھەمدە بۇ مۇتەئەسسىپ كۈچلەر ھېچ جىم تۇرماي ناسۇھا ئىمىن داموللام ئۈستىدىن يامۇلغا ئەرز سۇنغانتى. سىياسەتۋاز دوتەي ما داخۇا بولسا ئۆز نەيرىڭىنى يەنە بىر قېتىم ئۇستىلىق بىلەن ئىشقا سېلىپ، بۇ ئىشنى مەھكىمە شەرئىيەگە ھاۋالە قىلىپ، نەسۇھا ئىمىن داموللامنىڭ ئاتالمىش جىنايەتلىرىنى ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشقا بۇيرۇق بەرگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ناسۇھا ئىمىن داموللامنى شۇ مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان قازى-  كالاملارنىڭ بېشى ھېسابلىنىدىغان ئىمىرھەمزە مۇھتەسىب  (دىنىي تەپتىش)نىڭ قولى ئارقىلىق دەررىگە باستۇرۇپ، قاتتىق جىسمانىي ئازابقا دۇچار قىلغۇزغان ئىدى. ناسۇھا ئىمىن داموللام دەھشەتلىك دەررە ئازابىغا چىداپ تۇرۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېگەن ئىدى:«ئەزىزلىرىم سىلەر يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ چېقىمچىلىق قىلىپ ئېيتقان يالغان – ياۋىداق سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ھۆكۈم چىقارماڭلار. سىلەر مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان ئۆلىما، ئاقساقال بولىسىلەر. دىنىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن يېڭىچە مەكتەپ ئاچقان ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قىلىۋاتقان خالىسانە خىزمەتلىرىنى تەقدىرلەشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە ئۇلارغا تۆھمەت قىلىپ، ئۇلارغا نەپرەت كۆزۈڭلار بىلەن قاراشقا قانداقمۇ ۋىجدانىڭلار چىدايدۇ. ھەتتا بىزنى دىنسىزلىق بىلەن ئەيىبلىشىڭلارنىڭ ئۆزى، ئاللاھ ئالدىدا ئەڭ چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.

قازى ۋە موفتى ئەپەندىلەر ياخشى بىلسۇنكى، ئۇسۇلى جەدىد يولىدىكى مۇرات – مەقسىتىمىز يېڭىلىققا ئىنتىلمەك، يېڭىچە تەپەككۇر ئېڭىغا ئىگە ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقماقتۇر. دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئىلىم – پەن تەرەققىي قىلمىغان زور كۆپچىلىك دۆلەتلەر مەيلى قانداق مىللەت بولسۇن ۋە ياكى قانداق بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىشتىن قەتئىينەزەر يېڭىلىققا يۈزلەنمەكتە. بۈگۈن سىلەر‹ كاپىر› دەپ ئاتىغان ناسارالار بېشىمىزنىڭ ئۈستىدە ئايروپىلانلارنى ئۇچۇرماقتا، دېڭىزدا پاراخوتلارنى يۈرگۈزمەكتە، قۇرۇقلۇقتا ئاپتوموبىل ۋە ترامۋايلار بىلەن، تۆمۈر يوللاردا پويىزلار بىلەن يۈرمەكتە. بىز تا ھازىرغىچە ئېشەك ھارۋىدىن قۇتۇلالماي يۈرمەكتىمىز. تېلېگراف ۋە تېلېفونلار ئارقىلىق مەغرىبتە تۇرغان ئادەم، مەشرقتىكى ئادەم بىلەن بىمالال سۆزلىشىۋاتىدۇ، ئالاقە ئورنىتىۋاتىدۇ. بىزچۇ تا ھازىرغىچە بىر- بىرىمىزنىڭ گېپىنى، ئوي – پىكىرىنى چۈشىنەلمەي يۈرۈۋاتىمىز. باشقىلار يەر ئاستىنى قېزىپ، مەدەنلەرنى چىقىرىپ، ئۆزلىرىگە مىسلىسىز خەزىنىلەرنى توپلاۋاتقاندا، بىز تا ھازىرغىچە بىچارە نامرات دېھقانلىرىمىزنىڭ قولىدىكى ئازغىنا يەيدىغىنىغا كۆزىمىزنى قىزارتىپ ئۇلارغا ھەددى – ھېسابسىز ئالۋان – سېلىقلارنى سالغاندىن باشقا يەنە ئۆشرە – زاكات ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلىكىنى قۇرۇتۇۋېتىپ بارىمىز.

مۇشۇ جاھالەت بىلەن، مۇشۇ مۇتەئەسسىپلىك بىلەن قانداقمۇ دىنىمىزگە، يۇرت ئەھلىگە خىزمەت قىلالايمىز؟ سىلەر ئۇسۇلى جەدىدچىلىككە قارشى چىقساڭلار، سەمەرى ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەرنى ئېغىر جازالىساڭلار، يېڭى مەكتەپتىكى مۇئەللىملەرگە نەپرەت بىلەن قارىساڭلار، قانداقمۇ باشقىلاردەك ئالغا باسالايمىز؟ ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك يەنە بىر ئەسىردىن كېيىن، بۇ مىللەت يوقالمامدۇ؟ قاچانغىچە بىز يادلارنىڭ قۇلى بولۇپ ياشايمىز. بىزنى دىنسىز دەپ ئاتاپسىلەر. بىز ئىسلام دىنىمىزنىڭ ھۆكۈملىرىدىن ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ۋەسەللەمنىڭ شەرىئىتىدىن خەۋەردارمىز. دىنىمىزنىڭ بەش پەرھىزلىرىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇسۇلى جەدىدتىكى ھەممە كىشىلەر ھېچبىر ۋاقىت ئىسلام دىنىمىزغا زىت ئىشلارنى قىلغان ئەمەس.پەقەت مەقسىتىمىز ئەۋلادلىرىمىزنى زامانغا لايىق مائارىپ بىلەن تەربىيەلەپ يېڭى بىر ھايات يولىغا سالماقتۇر. ھەممە ئۇسۇلى جەدىدتىكى قېرىنداشلار ئىسلامنىڭ ئەمەللىرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ۋە ئىسلامغا ئۇيغۇن پىكىردىكى ئىلىملىك ئىنسانلاردۇر. ئەگەر ھەممىمىز ئۇسۇلى جەدىد  تەرەپدارلىرىدەك ئورتاق پىكىر ۋە ئىدىيەدە بولۇپ، ئەل – يۇرتقا خىزمەت قىلغان بولساق ئىدى، بۈگۈنكىدەك يادلارنىڭ تۆمۈر تاپانلىرى ئاستىدا ئېزىلمەس ئىدۇق ۋە خەلقىمىز بۇنداق زەبۇن ئىچىدە ياشىماس ئىدى».

شۇ چاغدا ناسۇھا ئىمىن داموللامنىڭ نىدالىرىغا قۇلاق سالمىغان كۆڭلى قارا مۇپتى ۋە قازىلار ئۇنى 100 دەررە ئۇرۇپ، قاتتىق زۇلۇم سالغان. ئېغىر تەن ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاشقا ئۇچرىغان نەسۇھا ئىمىن داموللام ناكا بولۇپ قالغان ۋە كۆڭۈلىگە ئېغىر ئازار يەتكەن. ناسۇھا ئىمىن داموللامدا قۇياشنى خىجىل قىلغۇدەك ئېنىق بولغان ھەققانىي ئاساس بولسىمۇ، قازىلاردىكى جاھىل قاراشنى ۋە رەھىمسىزلىكنى يېڭىشكە ئامالسىز قالغان. ئاخىرى ئادالەتسىزلىك ۋە خورلۇققا چىدىمىغان ناسۇھا ئىمىن داموللام غۇلجىنى تاشلاپ دىلمۇك تېغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان گۈزەل ماكان جاغىستاي دېگەن يېزىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۆز ۋاقتىدا ناسۇھا ئىمىن داموللام ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ئاچقان ئۇسۇل جەدىد مەكتىپىنى مەدھىيەلەپ مۇنداق ئالتۇن مىسرالارنى يازغان:

بۇ مەكتەپ بېغىدا ئېچىلدى گۈل، ئەتىر – رەيھان،

ئىلى شەھىرىنى خۇشبۇي ھىدى قىلدى خىسلەتلىك دەۋران.

ۋە يەنە ھازىرقى ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مۇتەئەسسىپلىك ۋە مۇستەھكەم فېئوداللىق سىياسىي ئۈستقۇرۇلمىلارنى تەۋرىتەلمەي، ئۆكۈنۈش ئىچىدە مۇنداق پىغان ئەيلىگەن:

بىزنىڭ ئىلىدا شۇنچە لاي كۆپ،

زاكات بەرمەيدىغان بىمەنە باي كۆپ.

توراپ سەيسىگە خەلقنى دائىم،

رەستە، بازار، كوچىدا يايى كۆپ.

پېقىر، مىسكىن، غېرىبلار شەنىگە،

ئالدامچى، قاششاق، لولى گاداي كۆپ.

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top